يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 766 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 795|ئىنكاس: 1

نوپۇس بېجىرىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
12
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:10:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.تۆۋەندىكى نوپۇس ئىلتىماس تۈرلىرىدىن سىياسەت،  بەلگىلىمىگە چۈشۈپ، ئىسپات ماتېرىيالى تولۇق بولغانلىرىنى ج خ ساقچىخانا نوپۇس بېجىرگۈچىسى شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا بېجىرىپ بېرىشى كېرەك.
  <1> تۇغۇلغانلارنى نوپۇسقا ئېلىش، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى نوپۇستىن ئۆچۈرۈش؛
  <2> نوپۇس تىزىملاش تۈرلىرى (مىللىتى، تۇغۇلغان ۋاقتى بۇنىڭ سىرتىدا) نى ئۆگەرتىش، تۈزىتىش؛
  <3> نوپۇس ئايرىش ياكى بىرلەشتۈرۈش؛
  <4> شەھەر ئىچىدە نوپۇس يۆتكەش (بىۋاسىتە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا پاناھلىنىش ياكى ئۆي تەقسىملەش، ئۆي سېتىۋېلىش، ئۆي ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار)؛
  <5> ھەربىيلىككە كىرگەنلەر، چېگرىدىن چىققانلار، قولغا ئېلىنغانلار، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلگەنلەر، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەنگەنلەر، يوقاپ كەتكەنلەرنى نوپۇستىن ئۆچۈرۈش؛
   <6>ھەربىيدىن قايتقانلار، چېكىنگەنلەر، كەسىپ ئالماشتۇرغانلاردىن ئەسلى نوپۇسى ئېلىنغان جايغا كېلىپ ئورۇنلاشقانلارنى نوپۇسقا ئېلىش؛
  <7> جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەشتىن ئازاد قىلىنغانلار، ئەسلى نوپۇسى ئېلىنغان جايغا قايتىپ كەلگەنلەرنى ج خ ساقچىخانىسى نوپۇسقا ئېلىش؛
  <8> ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار، ئالىي مەكتەپتە كەسىپ يۆتكىگەن ۋە ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈلگەنلەرنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەش ياكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى نوپۇسقا ئېلىش؛
  <9> دۆلەت مەمۇرلىقىغا قوبۇل قىلىنغانلار، ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىنغانلار، خىزمىتى يۆتكەلگەنلەردىن تەشكىلات، كادىرلار، ئەمگەك تارماقلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن، ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك، ناھىيىلىك ج خ ئورگىنى تەستىقلىغانلارنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەش؛
  <10> ۋاقىتلىق ئاھالە نوپۇسىنى تىزىملاش، كىنىشكا بېجىرىش، جۈملىدىن «ۋاقىتلىق ئاھالە ئىجارە ئالغان ئۆيلەرنىڭ ئامانلىقىنى باشقۇرۇش ئىجازەتنامىسى» نى بېجىرىش؛
  <11> بەلگىلىمە بويىچە شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا بېجىرىشكە بولىدىغان باشقا نوپۇس ئىلتىماس ئىشلىرى.
ئىسپات ماتېرىيالى تولۇق بولمىغانلار توغرىسىدا نوپۇس بېجىرگۈچى شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا «نوپۇس بېجىرىشكە دائىر قوشۇمچە ماتېرىيال ئۇقتۇرۇشى» يېزىپ، شۇ جايدىلا نوپۇس ئىلتىماس قىلغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك، بەلگىلىمىگە چۈشمىگەنلەرگە تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى سەۋرىچانلىق بىلەن ئىشلەش كېرەك.
  2. بەلگىلىمە بويىچە ناھىيىلىك، شەھەرلىك (رايونلۇق) ج خ (شۆبە) ئىدارىسىگە تەستىقلىتىشقا توغرا كېلىدىغان نوپۇس ئىلتىماسلىرىدىن سىياسەتكە چۈشىدىغان، ئىسپات ماتېرىيالى تولۇق بولغانلىرىنى ج خ ساقچىخانىسىنىڭ نوپۇس بېجىرگۈچىسى شۇ يەردىلا قوبۇل قىلىپ، «ئاھالە كىملىكىنى بېجىرىش مەسئۇلىيەتنامىسى»نى تولدۇرۇشى، ئۇنىڭغا ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە نوپۇس بېجىرگۈچى شۇ يەردىلا ئىمزا قويۇشى كېرەك، ج خ ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى 3 كۈن ئىچىدە ئۇنىڭغا پىكىر يېزىشى ھەمدە نوپۇس ساقچىسىنى 15 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتىنى تاماملىشى ھەمدە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ناھىيىلىك، شەھەرلىك <رايونلۇق> ج خ <شۆبە> ئىدارىسىگە يوللىشى كېرەك.
  <1> پۇقرالار مىللىتى ياكى تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆزگەرتىش؛
  <2> پۇقرالار بېقىۋالغان پەرزەنتلىرىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇش؛
  <3>  بىر- بىرىنىڭ يېنىدا پاناھلىنىدىغان ئەر - خوتۇنلار،  ئاتا - ئانىسىنىڭ يېنىدا پاناھلىنىدىغان پەرزەنتلەر،  پەرزەنتلىرىنىڭ يېنىدا پاناھلىنىدىغان ئاتا - ئانىلارنى نوپۇسقا ئېلىش؛
  <4> ھەربىيلىكتىن قايتقان ۋە كەسىپ ئالماشتۇرغانلارنى باشقا جايدا نوپۇشقا ئېلىش؛
  <5>جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەشتىن بىكار قىلىنغانلارنى باشقا جايدا نوپۇسقا ئېلىش؛
<6> نوپۇسقا دائىر قانۇن - نىزاملار ياكى ئالاقىدار سىياسەتلەر بويىچە ناھىيە، شەھەر (رايون) دىن يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ ئورگىنىغا تەكشۈرتۈشكە، تەستىقلىتىشقا  توغرا كېلىدىغان باشقا نوپۇس ئىلتىماس ئىشلىرى.
ئىسپات ماتېرىيالى تولۇق بولمىغانلىرىنىڭ ئىلتىماسىنى نوپۇس بېجىرگۈچى قوبۇل قىلىشتا، «نوپۇس بېجىرىش قوشۇمچە ماتېرىيال ئۇقتۇرۇشى»نى تولدۇرۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تولۇقلاشقا تېگىشلىك ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئېنىق يازىدۇ،  سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان ساقچى ئىلتىماس قىلغۇچىغا شۇ يەردىلا جاۋاب بېرىدۇ ھەمدە « نوپۇس بېجىرىش قوشۇمچە ماتېرىيال ئۇقتۇرۇشى»نى شۇ ئىلتىماس قىلغۇچىغا شۇ يەردىلا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.
  ناھىيىلىك، شەھەرلىك (رايونلۇق) ج خ (شۆبە) ئىدارىسى ساقچىخانىسى يوللىغان ماتېرىيالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تەكشۈرۈپ، تەستىقلاش قارارى چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە نوپۇس توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنىدۇ. ساقچىخانا يوللىغان ماتېرىيالنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنىدىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ئۇنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە تەستىقلاش نەتىجىسىدىن ساقچىخانىنى ۋاقىپلاندۇرۇشى؛ يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ ئورگىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا توغرا كەلگەنلىرى توغرىسىدا بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈش پىكرى يېزىشى ھەمدە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى يۇقىرىغا تېزدىن يوللىشى كېرەك. ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ج خ ئورگىنى يوللانغان ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋېلىپ 15 كۈن ئىچىدە ئۇنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى لازىم. ج خ ساقچىخانىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ ئورگىنىنىڭ تەستىقلاش قارارىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 15 كۈن ئىچىدە سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان نوپۇس ساقچىسى تەستىقلاش نەتىجىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
  سىياسەتكە چۈشمەيدىغان نوپۇس ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمايدۇ، لېكىن ئاممىغا سەۋرىچانلىق بىلەن ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قويۇش كېرەك، قوپاللىق قىلىشقا بولمايدۇ.
پۇقرالارنىڭ يۇقىرىقى نوپۇس ئىلتىماسىنى بىردەك ج خ ساقچىخانىسىنىڭ نوپۇس بېجىرگۈچىسى قوبۇل قىلىدۇ.

كەسپىي مەسئۇل: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى نوپۇس باشقارمىسى
    ئىشخانا ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى خۇاڭخې يولى 58 - قورۇ
    ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 5850622-0991 ئارقىلىق 3223 نى ئېلىڭ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:59 , Processed in 0.060954 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش