يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 647|ئىنكاس: 5

توردىكى 10 قىلتاقتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 13:27:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئېنتېرنېت تورىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تور پونكىتىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىدىغان ئالدامچىلار ئارقا- ئارقىدىن پەيدا بولدى، ئادەمنىڭ كۆزىنى ئالاچەكمەن قىلىۋېتىدىغان تور بەتلىرى ئۆزىگە نۇرغۇن ئالدامچىلىق ۋاستىلىرىنى مۇجەسسەملىگەن، يېقىندامۇتەخەسسىسلەر ئېنتېرنېت تورىدىكى ئالدامچىلىق ۋاستىلىرى ئارسىدىكى ئومۇملىشىپ قالغان 10 چوڭ ئۇسۇلنى يەكۈنلىدى.


1- پۇل تۆلەپ كۇلۇبقا ئەزا بولۇش، يەنە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇپ پۇل تېپىش ئۇسۇلى. ئەنئەنىۋى شاخلىتىپ سېتىشقا قارىغاندا ئۇنىڭ تارقالغان دائىرسى تېخىمۇ كەڭ، سۈرئىتى تېخىمۇ تېز، ئۇنىڭ ئۈستىگە شاخلىتىپ ساتىدىغان مەھسۇلاتلار گىرىم بۇيۇملىرى، دورا بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، يەنە كومپيۇتېرنىڭ يۇمشاق دېتالى، ھەر خىل ئۇچۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


2- پاي چىكى سودىسى قىلىدىغانلار ئارىسىدىكى ساختىلىق قىلىدىغانلار توردا ساختا خەۋەرلەرنى تارقىتىپ، توردىلا پاي چېكىنىڭ باھاسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. پايغا مەبلەغ سالغۇچىلار پاي باھاسىنىڭ ئۆسكەنلىكى ياكى چۈشكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن يەنە دەرھال تەدبىر قوللىنىدۇ، بۇ نۇرغۇن پۇلغا چېتىلىدىغان تەۋەككۈلچىلىك.


3- تۈرلۈك ۋاستىلەر بىلەن پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقى ۋە مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالسا پايدا ئالىدىغانلىقىنى داۋراڭ قىلىپ، بۇ تۈرگە قاتناشقانلارنى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ خام ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش، مەھسۇلات پىششىقلاپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە ئۇنى ئۆزى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما سېتىۋالىدىغان چاغدا سۈپەت ئۆلچەمگە يەتمەيدۇ ياكى مال تاپشۇرۇش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرىۋەتكەن دېگەننى باھانە قىلىپ، سېتىۋېلىشنى رەت قىلىدۇ. بۇ خىل ئالدامچىلىق پىششىقلاپ ئىشلەشنى ھاۋالە قىلىش تۈرلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.


4- چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش. ئەگەر بەزىلەر سىزگە e-mail (ئې- مايىل) (يەنى ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى) ئەۋەتىپ سىزنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى ئېيتسا، سىز ھەرگىز ئالدىراپ خۇش بولۇپ كەتمەڭ، چۈنكى بۇمۇ ئەستايىدىل پىلانلاش ئارقىلىق قۇرۇلغان قىلتاق. ئۇلار بەلكىم سىزگە بىر نەچچە يۈەن ئەۋەتىپ ئەھۋالنىڭ ماھىيىتىنى يوشۇرۇشى ياكى ئۇلارنىڭ سىزگە پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىشىگە قولاي بولسۇن ئۈچۈن، سىزدىن پوچتا پېرېۋوت ھەققىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.



e-mail -5  ئەۋەتىپ ياكى قوبۇل قىلىپ پۇل تېپىش. ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىش ياكى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق پۇل تېپىشقا قىزىقتۇرۇش توردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل پۇل تېپىش ئۇسۇلى، بۇنىڭدا ئالدامچىلار دائىم سىزنى ئامېرىكا دوللىرىغا قىزىقتۇرۇپ قىلتاققا چۈشۈرىدۇ، ئەمما سىز شۇنچە ئۇزاق ئاۋارە بولۇپمۇ ھەتتا تورغا چىققىدەكمۇ پۇل تاپالماي قالىسىز، قاراپ تۇرۇپ باشقىلارغا بىكارغا ئىشلەپ بېرىپ لېۋىڭىزنى چىشلەپ قالىسىز. توردا تازا راۋان بولمىغان ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز ھالىڭىز تېخىمۇ خاراب بولىدۇ، يېنىڭىزدىن پۇل چىقىرىپ تور ئېلانى سودىگىرىگە پۇل تېپىپ بېرىمىز، خالاس.

6- سىز ئۈچۇر يوللىسىڭىز ئۇلار پايدا ئالىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل e-mail ئەۋەتىش ياكى قوبۇل قىلىشقا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما ئالدىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىڭىز بەك يۇقىرى. ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسىدا سىزگە بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە تاپشۇرۇپ ئالغان ئۇچۇرىڭىزنى نەچچە نۇسخا كۆپەيتىپ باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە سىزگە ئازراق بولسىمۇ پۇل ئەۋەتىپ بېرىدۇ، يەنە سىزگە بىر خىل ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش ئۇسۇلىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، سىزگە قانچىلىك ۋاقىتتا قانچىلىك پۇلغا ئىگە بولىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئىنتايىن چوڭ ئالدامچىلىق.
  
7- ئۇلاش قىلتىقى. سىزگە قانداقتۇر بىر خىل يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرسىڭىز "كېڭەيتىش ھەققى"گە ئېرىشىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىدۇ، ئەمما بۇ خىل يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۇلاش تەرتىپىنى ئورۇندىغان چېغىڭىزدا، بۇ يۇمشاق دېتال ئابونت بىلەن ispنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزىنى ئېتىۋېتىدۇ ھەمدە سىزنى چەت ئەلگە تېلېفۇن ئۇلاپ بېرىش ئىستانسىسىغا ئۇلاپ قويىدۇ، شۇنداق قىلىپ سىز چەت ئەلگە تېلېفۇن بېرىش ھەققىگە قەرزدار بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى تۇيمايلا قالىسىز.


8- ئېلان تورىنى چېكىش. بۇ ھازىر ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان پۇل ئالدىۋېلىش ئۇسۇلى. سىز تورغا چىققان چېغىڭىزدا ئۇلار سىزدىن ئېلان سودىگىرى بەرگەن بىر تۈرنى چېكىشنى تەلەپ قىلىدۇ، سىز توردىكى ئېلان بېتىنى كۆرگەن ۋە چەككەن چېغىڭىزدا، ئېلان ۋاكالەتچىسى سودىگىرى سىزگە ئۆز ئېلانىڭىزنىڭ كومپيۇتېردا كۆرۈلگەن ۋاقتى ياكى چەككەن قېتىم سانىڭىزغا ئاساسەن ھېسابلاپ، سىزگە بەلگىلىك خىراجەت تەقسىم قىلىدۇ، بىراق پۇل سىزگە يىتىپ كەلگىچە ئالدامچىلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىدۇ.



9- تورغا چىقىپ نومۇر يىغىش ئارقىلىق پۇل تېپىش ئۇسۇلى- چەت ئەللەردە ئاللىقاچان قاتاردىن قالغان توردىكى ئالدامچىلىق ۋاستىسى. دۆلىتىمىزدىكى تور پونكىتلىرى پەقەت ئۇنىڭ نامىنى ئۆزگەرتتى. بۇ يەردىكى پۇل ئەمەلىي تاۋار، ئەمما سىز ئۇنى نەق پۇل تۆلەپ ئالىسىز، شۇڭا بۇنىمۇ ئېنتېرنېت تورىدىكى ئالدامچىلىق ۋاستىلىرىنىڭ قاتارىغا قوشقىلى بولىدۇ. نومۇر يىغىشنىڭ ئۇسۇلى تور پونكىتىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش، تور پونكىتىنى كۆرۈش، چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان. ئەمما بۇ يەردە پەقەت ۋاستىچىلىك رولىنى ئوينايدىغان دۆلىتىمىزدىكى تور پونكىتلىرى ئادەتتە ئادەمنىڭ ئەقلىي ھۇشىنى تاڭ قالدۇرغىدەك دەرىجىدە نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشىدۇ.


10- نىمكەش ماللار بازىرىدا ھارام ماللارنى سېتىش. دىققەت قىلىشقا بەكرەك ئەرزىيدىغىنى، توردىكى نىمكەش ماللار بازىرى، ئادەتتە "خېرىداردىن خېرىدارغا" دېگەندەك ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ، نازارەت قىلىدىغان ياكى ۋاستىچىلىك قىلىدىغان ئاپپارات يوق. توردىكى نىمكەش ماللار بازىرىدا قېلىپلاشقان باشقۇرۇش ئۇسۇلى يوق. ھامان بۇلغانغان نەرسىلەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ، شۇڭا بۇ يەر ھازىر ھارام ماللارنى يوشۇرۇپ ساتىدىغان ۋە ئالدامچىلار مىغىلداپ كەتكەن خەتەرلىك رايونلارنىڭ بىرى.

مەنبە: رادىئو ئىستانسىسى


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 01:38:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بىزنىڭ ماۋۇ ئادەم ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا- سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ، تور باشقۇرۇش بۆلىمىنىڭ ئۇيۇشتۇرغان يۇقۇرقى تېمىدىكى مەزمۇنلار ئاساس قىلىنغان سۆھبەت يىغىنىغا بېرىپ كەپتىكەن، يىغىندا دەل يۇقۇرقى مەزمۇندىكى گەپلەر بولۇنۇپتىكەن،  بۇ يەردىمۇ يەنە مۇشۇ توغۇرلۇق گەپ بوپتۇ، دىمەك ھوشيارلىقىمىزنى داۋاملىق ئاشۇرىشىمىز كېرەك ئىكەن، مەنغۇ ئەزەلدىن توردىن نەرسە سېتىۋالمايمەن ھەم كەلگەن ھەر قانداق ئۇچۇرغىمۇ قىزىقىپ كەتمەيمەن

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 08:47:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تىخى توردىن  چامدان كۆمپىيوتور ئالاي دىگەنتىم   ئالمىسام بولغۇدەك   تىما   ئىگىسكە  رەخمەت

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
232 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 09:05:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
- چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش. ئەگەر بەزىلەر سىزگە e-mail (ئې- مايىل) (يەنى ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى) ئەۋەتىپ سىزنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى ئېيتسا، سىز ھەرگىز ئالدىراپ خۇش بولۇپ كەتمەڭ، چۈنكى بۇمۇ ئەستايىدىل پىلانلاش ئارقىلىق قۇرۇلغان قىلتاق. ئۇلار بەلكىم سىزگە بىر نەچچە يۈەن ئەۋەتىپ ئەھۋالنىڭ ماھىيىتىنى يوشۇرۇشى ياكى ئۇلارنىڭ سىزگە پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىشىگە قولاي بولسۇن ئۈچۈن، سىزدىن پوچتا پېرېۋوت ھەققىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن
مۇنداقلىرى بەك كېلىدۇ ماڭا ، تېخى ئىسىم فامىلەم بىلەن ئىدارىگە كېلىشلىرى بار ، ماشىنا چىقىدۇ ھەر دائىم ھېلىقى كىچىك كۈلرەڭ يەرنى تاتىلاپ قارىسام ۋۇييۇ ...دەپ تاشلاپ قويۇپ ئىشىمنى قىلىۋېرىدىغان بوپ كەتتىم

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
27
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 09:32:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى ئوخشاش بولمايدۇ ھەقىقەتەن ھۇشۇرلىقىمىزنى ئاشۇرمىساق بولمايدۇ ،لېكىن مەنمۇ توردىن بىر نەرسە ئەكەلتۈرۈپ كېلۋاتقىلى ئىككى ئۈچ يىل بولدى ،خۇدايىم ساقلاپ ھازىرغا قەدەر ئۇنداق ئالدامچىلارغا يولۇقۇپ باقمىدىم .لېكىن يەنىلا مۇشنىڭدا دىگەندەك بەزى ئىشلاردىن ساقلانمىسام ،ھۇشارلىقىمىزنى ئاشۇرمىساق ئاخىرىدا يەنىلا ئاقىۋىتىگە ئۆزىمىز ئىگە بولۇپ قالىدىغان گەپ.

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 15:34:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايامتىن بېرى مېنىڭ چ چ رىمغىمۇ بىر نەچچە ئۇچۇر كەلدى، مەزمونى مۇشۇنداق توردىن مال سېتىۋىلىش توغۇرلۇق

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 07:05 , Processed in 0.049803 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش