يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 606|ئىنكاس: 1

تۆۋەندىكىدەك 18 خىل ئالدامچىلىققا ئۇچرىسىڭىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
12
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:08:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى، مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى، ئېلان قانۇنى ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيىلىك ئىزاھاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىستېمالچىلار تۆۋەندىكىدەك 18 خىل ئالدامچىلىققا ئۇچرىسا، ئىككى ھەسسە تۆلەمگە ئېرىشەلەيدۇ:
1. تاۋار ياكى مۇلازىمەتتە ئىستېمالچىنىڭ جىسمانىيىتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ كەلتۈرۈدىغان كەمتۈكلۈكنى قەستەن يوشۇرسا؛
2. تاۋارغا ساختا ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن، ساختىنى راست، ناچارلىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسەتكەن ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن، بۇزۇلۇپ قالغان، ئۈنۈمىنى يوقاتقان، بۇلغانغان تاۋارلارنى ساتقان بولسا؛
3. سېتىلغان تاۋارنىڭ مىقدارى ئۆلچەمگە يەتمىگەن بولسا؛
4. ئۆلچەمسىز تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ئۆلچەملىك قىلىپ كۆرسەتكەن بولسا؛
5. دۆلەت سېتىشنى مەنئى قىلغان تاۋارنى ساتقان بولسا؛
6. ئامبار قالدۇقى باھاسى، چۈشۈرۈلگەن باھا، ئېتىبار باھا قاتارلىقلارنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئالدامچىلىق بىلەن باھا قويغان بولسا؛
7. ساختا چۈشەندۈرۈش، ئۆلچەم، ئەۋرىشكە، كۆرگەزمە قاتارلىق ۋاسىتىلار ئارقىلىق تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەن بولسا؛
8. باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان ماركا، ئوغرىلانغان تاۋارنى ساتقان بولسا؛
9. تاۋار ئىشلەنگەن ئورۇننى ئويدۇرۇپ چىقارغان ياكى باشقىلارنىڭ زاۋۇت نامى، دۇكان ئىسمى، زاۋۇت، دۇكان ئادرېسىنى ئويدۇرۇپ ئىشلەتكەن بولسا؛
10 . باھالاشتىن ئۆتكەنلىك بەلگىسى، داڭلىق، ئەلا سۈپەت قاتارلىق سۈپەت بەلگىلىرىنى ياسىۋالغان ياكى ئوغرىلاپ ئىشلەتكەن بولسا؛
11. سېتىلىدىغان تاۋار تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىشتىن ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇرۇقلۇق تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىشتىن ئۆتكۈزمىگەن ياكى تاۋارنىڭ تەكشۈرۈلۈش، كارانتىن قىلىنىش نەتىجىسىنى ياسىۋالغان بولسا؛
12. باشقىلارنى ياللاپ ئىشلىتىپ ئالدامچىلىق قىلغان، تىجارەتتە ئىستېمالچىلارنى قايمۇقتۇرغان بولسا؛
13. تىجارەتچىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى قەستەن ئاشكارىلىمىغان ياكى ساختا نام ۋە بەلگە بىلەن تىجارەت قىلغان بولسا؛
14. ساختا ئېلان بېرىپ ئىستېمالچىلارنى ئالدىغان، قايمۇقتۇرغان بولسا؛
15. ئىشلىتىلگەن تاۋارنى ساتقاندا ئەسكەرتىش بەرمىگەن ياكى «باھاسى چۈشۈرۈلگەن تاۋار» ، «كەمتۈك تاۋار»، «دەرىجىگە توشمايدىغان تاۋار»، «سىناق سېتىلىدىغان تاۋار» لارنى ساتقاندا ئېنىقلىما بەرمىگەن بولسا؛
16. رېمونت قىلىنماقچى بولغان تاۋارنىڭ كاشىلىسىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈۋەتكەن، قەستەن بۇزۇەتكەن ، زاپچاسلىرىنى ئوغرىلىقچە يەڭگۈشلىۋالغان ياكى ئالماشتۇرۇش زۆرۈر بولمىغان زاپچاسلارنى ئالماشتۇرۇۋەتكەن بولسا؛
17. تاۋار ئۆينىڭ ئەمەلىي كۆلىمىنى قەستەن چوڭ كۆرسەتكەن، ئالدامچىلىق قىلغان، يەنى (1) تاۋار ئۆي سېتىش – سېتىۋېلىش توختامى تۈزگەندىن كېيىن، ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىغا بۇ ئۆينىڭ رەنىگە قويغانلىقى ياكى ئۈچىنچى بىر كىشىگە سېتىلغانلىقىنى ئەسكەرتمىگەن بولسا؛ (2) توختام تۈزگەندە ساتقۇچى شۇ تاۋار ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازەتنامىسىگە ئىگە بولمىغانلىقىنى قەستەن يوشۇرغان ياكى ساختا تاۋار ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازەتنامىسىنى كۆرسەتكەن بولسا؛ (3) توختام تۈزۈلگەندە ساتقۇچى سېتىلىدىغان ئۆينىڭ ئاللىبۇرۇن رەنىگە قويۇلۇپ بولغانلىقىنى قەستەن يوشۇرغان بولسا؛ (4) توختام تۈزگەندە ساتقۇچى سېتىلىدىغان ئۆينىڭ ئاللىبۇرۇن ئۈچىنچى بىر كىشىگە سېتىلىپ بولغانلىقىنى ياكى كۆچۈرۈلگۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بېرىلىپ بولغانلىقىنى قەستەن يوشۇرغان بولسا؛ (5) توختامدا پۈتۈشكەن تۆلەمنىڭ ئەمەلىي خاتالىق پەرقى قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ %3 ىدىن ئېشىپ كەتسە، %3 تىن ئېشىپ كەتكەن ئۆي پۇلىنى ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىغا ئىككى ھەسسىسى بويىچە قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛
18. باشقا ئالدامچىلىق ھەرىكەتلىرى.

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى.

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 20:35:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىلىۋىلىشىمىزغا تىگىشلىك ساۋاتلاركەن . شەرەندازغا رەھمەت!

ئۇ تەرەپتە كىم بار ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 08:56 , Processed in 0.069308 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش