يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 754 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 443|ئىنكاس: 4

مەزلۇمنىڭ ھەققى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى 22:11:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شەيىخ ئىبراھىم ھەققىي ياش ۋاقىتلىرىدا ئەۋلىيالاردىن بولغان ئىسمائىل فاقىرۇللاھ ھەزىرەتلىرىنىڭ قولىدا تەلىم-تەربىيە كۆرگەن ئىدى. بىر كۈنى ئۇستازى ئۇنى چاقىردى. ئىبراھىم يۈگۈرۈپ كەلدى:
-     لەببەي، ئۇستاز؟
- بۇ كوزى بىلەن بۇلاقتىن سۇ ئېلىپ كەلگىن. ئىبراھىم كوزىنى كۆتۈرۈپ بۇلاققا باردى. كۆزىنى تولدۇرۋاتقىنىدا بىر ئاتلىق كىشى كەلدى ۋە:
-  ماڭا، نېرى تۇر – دەپ ئىبراھىمنى ئىتتىرۋەتتى. ئىبراھىمنىڭ كوزىسى يەرگە چۈشۈپ سۇندى. ئۇ يىغلاپ ئۇستازىنىڭ ئالدىغا باردى.
-     نېمە بولدى ئوغلۇم؟-دەپ سورىدى ئۇستاز.
-     بۇلاقتىن سۇ ئېلىۋاتقان ۋاقتىمدا، بىر ئاتلىق كىشى كېلىپ مېنى ئىتتىرۋەتتى، كوزا قولامدىن چۈشۈپ كېتىپ سۇندى.
-     كوزىنى سۇندۇرغان ئادەمگە بىرەر نىمە دېدىڭمۇ؟
-     ياق، ھېچنىمە دىمىدىم.
-     بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدىڭما؟
-     ياق.
-     تېزدىن ئۇ يەرگە بېرىپ، ئاتلىق كىشىگە بىرەر نەرسە دېگىن. ئاندىن تېزدىن قايتىپ كەلگىن.
ئىسمائىل فاقىرۇللاھ نىڭ بۇنداق بۇيرۇق قىلىشىدىن ھەممە ھەيران قالدى. ئىبراھىم يۈگۈرۈپ بۇلاق بېشىغا كەلدى. ھىلىقى كىشى ئېتىنى يۇۋاتقان ئىدى. ئىبراھىم بىرنىمىلەرنى دىمەكچى بولدىيۇ، لېكىن ھېچنىمە دىيەلمەي قايتىپ كەتتى.
ئۇستاز:
-     گەپ قىلدىڭمۇ؟- دەپ سورىدى.
-     ياق.
-     ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي يۈگۈر.ئۇنىڭغا يامان گەپتىن بىرەرنى قىلىپ قايتىپ كەل!
ئىبراھىم يەنە يۈگۈرۈپ بۇلاق بېشىغا كەلدى. ئۇنى ئىتەرگەن ئاتلىق كىشى يەردە يېتىپتۇ. ئۇنىڭغا يېقىن بېرىپ قارسا، بېشى يارلانغان ھالدا بىھۇش ياتقان ئىكەن. بۇ ھالەتنى كۆرۈپ ئىچلىرى سېرىلغان ئىبراھىم ئۇستازىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇستاز يەنە سورىدى:
-     بىرەر نەرسە دېدىڭمۇ، ئىبراھىم؟
-ياق، ئۇستاز.بۇ قېتىم بارغىنىمدا ئۇنىڭ بېشى يارلانغان، ھۇشسىز ياتقان ئىكەن. پىشانىسىدا ئاتنىڭ تۇيقىنىڭ ئىزى كۆرىنىدى.
ئىسمائىل ھەزىرەتلىرى:
-ئى ئوغلۇم، بىر كوزا ئۈچۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈردۈڭ!بۇ ئەمدى قانداق بولغىنى؟ئۇنىڭغا بىر ئېغىز سۆز، بىر ئېغىز يامان سۆز ئېيتقان بولساڭ، بۇنداق ھادىسە بولماس ئىدى... – دىدى.
ئىسمائىل فاقىرۇللاھ ھەزىرەتلىرىنىڭ ئەتىراپىدىكىلەر:
-     ئۇستاز، دېگەن سۆزىڭىزنى ئانچە ياخشى چۈشۈنەلمەي قالدۇق – دىيىشتى.
-     ھە، - دىدى ئىسمائىل فاقىرۇللاھ ھەزرەتلىرى، - بىر زالىم بىرەر كىشىنى خافا قىلسا، يېغلاتسا، مەزلۇم ئۇ زالىمغا قارشى ھېچنەرسە قىلمىسا، مەزلۇمنىڭ كۆڭلى ئازار يىگەنلىگى ئۈچۈن ھەق تائالاھ زالىمدىن ئۇنىڭ ھەقىنى ئالىدۇ. ئىبراھىم ، ئۇ ئاتلىققا ھېچ بولمىسا:
-     نېمە قىلىپ قويدۇڭ؟ - دېگەن بولسا ئاتنىڭ تېپىشىدىن ئامان قالغان بولاتتى...

***
بېخىللارنىڭ بېخىلى ئۆزىنىڭ بەخىتلىك بولىشىغا بېخىللىق قىلغان كىشىدۇر.زۇلۇملارنىڭ كاتتىسى بولسا، اللەغا گۇناھ قىلىش بىلەن ئۆز نەفسىگە زۈلۈم بېرىشتۇر.چۈنكى، كىم گۇناھ قىلسا، ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ.(ئەبۇ لەيس سەمەرقەندىي)

«ئىبرەتلىك ھىكايىلەر» دېگەن كىتابدىن ئېلىندى.

Rank: 4

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
102
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى 11:46:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
چىنسوزلۇك بول !!!

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 22:21:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى  خەقنىڭ ھەققىنى يەيدىغانلا  كۆرسە بۇپتىكەن

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
15
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:42:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarsan@axik يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 22:21
بۇ تىمىنى  خەقنىڭ ھەققىنى يەيدىغانلا  كۆرسە بۇپتىكەن

ئۇنداق خەقنىڭ ھەققىنى يەيدىغانلارغا كار قىلماسمىكىن

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:10:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيسىز

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 16:37 , Processed in 0.051206 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش