كىتاپتىن مۇنۇلارنى كۆرۇپ مۇنبەردىكى خانىم-قىزلىرىمىز يادىمغا يەتتىدە، شۇنىڭ بىلەن قىلچە ئىككىلەنمەيلا يوللاشنى قارار قىلدىم.

پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. سىناپ بىقىڭلار ھە؟

1. كالا سۇتىدىن بىر نەچچە تېمىم تىمىتىپ يۇز ۋە قولغا سۇرتۇپ بەرسە تىرىنىڭ پارقىراق ۋە يۇمشاق بولىشىنى ئاشۇردۇ.
2. كۇندە ئەتىگەندە يۇز يۇيغاندا داسقا ئىسسىق سۇ قۇيۇپ ئۇستىگە لۆڭگە يىپىپ يۇزنى ھوردىتىپ بەرسە، يۇزگە قورۇق چۇشۇشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
3. سىرىق پۇرچاقنى قاينىتىپ، قايناتقان سۇيىنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن قول ۋە يۇزگە سۇرتۇپ بەرسە، يۇزگە قورۇق چۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4.تەرخەمەكنى مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستىمال قىلغاندا، چىراي گۇزەللىكىنى ئاسرىغىلى بولىدۇ.
5. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئۇرۇك مىغىزىنى يۇمشاق يانجىپ تالقان ھالەتكە كەلتۇرۇپ، ئاندىن تەڭ مىقداردا ھەسەل قوشۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ، ئۇنى ھەر كۇنى ئەتىگەن ھەم كەچتە يۇزگە سۇرتۇپ بەرسە، قورۇقنى ئازايتىدۇ، شۇنىڭدەك، يۇزنى ئاقارتىدۇ ۋە سىلىقلاشتۇرىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilnaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى 22:10