ئالدىراش تۇرمۇش رېتىمى ھەمىمىزنى چارچىتىدۇ ،ھەپتە ئاخىرى بولغاندا شىرىن شەنبە ،يەكشەنبىلەرنى ئائىلىمىزدىكىلەربىلەن بىللە ئۆتكۈزىدىغانلىقىمىزنى ئويلىساقلا ئازراق روھلىنىپ قالىمىز ....كۆپچىلىكنى يەنىمۇ روھلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، بىر ئىككى يۇمۇر يوللاپ قويدۇم ،كۈلىدىغان يەرلىرىدىن ئۈتۈپ كەتمەي كۈلگەيسىلەر

........(بىر قىسىم يۇمۇرغا قېتىلىپ قالغانلارمۇ قاپاق تۈرمەي كۈلۈڭلار جۇمۇ...)
مەرۋەرىگە :
مەرۋەرى بىلەن قىسمەت توي قىلىپ شىرىن ئاي ئۆتكۈزمەكچى بۇلۇپتۇ ،مەرۋەرى شۇۋاقىتقىچە پويىزدا ئولتۇرۇپ باقمىغان بولغاچقا ماڭىدىغان ۋاقىتتا پويىزدا ئولتۇرۇشنى تەلەپ قىلپتۇ ،بۇنىڭغا قىسمەت نىمە دىيەلەيتتى ،ئامراق ئايالى تۇرسا...قۇشۇلۇپتۇ .ئۇلارمىڭىپ بىر يەرگە كەلگەندە پويىز بىر ئۇزۇن تونىلدىن ئۈتۈپتۇ ،ئۈتۈپ بولغاندىن كىيىن قىسمەت ئەپسۇسلانغان ھالدا : ۋاي ئىسىت !بۇ تونىلنىڭ بۇنچە ئۇزۇن ئىكەنلىگىنى بىلگەن بولسام سىزنى بىرنى سۈيىۋالاركەنمەن دەپتىكەن ،مەرۋەرى ھەيران بۇلۇپ: بايا مىنى سۆيگەن سىز ئەمەسما ؟؟؟؟!!!!!دەپتۇ .


يەتتە يىگىتكە :
بىركۈنى يەتتە يىگىت بىردوستى بىلەن غەرق مەست ھالەتتە يولدا كىتىۋېتىپ ،يولدىن بىر ئەينەك تېپىۋاپتۇ ،يەتتە يىگىت ئەينەكتىن ئۆزىنىڭ سىماسىنى كۈرۈپ ھەيران بولغان ھالدا :بۇئادەمنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن ،قايەردە كۆرگەن بولغىيتتىم ...دەپتۇ ،ھېلىقى دوستى يېقىن كىلىپ قاراپ :ھەي كالۋا مىنىمۇ تۇنىمىدىڭمۇ، بۇمەنغۇ ؟؟!!؟؟!!دەپتۇ .
ئانارغا :
ئانار توي قىلىدىغان يىگىتى بىلەن توي خېتى ئېلىش ئورنىغا كەپتۇ :
-تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرتىشنى تۈگەتتىڭلارمۇ ؟
-تۈگەتتۇق .ئۇنىڭ ئۈيى ،ماشىنىسى- ھەممىسى تەل ئىكەن .
-مەن سىلەردىن دوختۇرغا تەكشۈرتتىڭلارمۇ ،دەپ سوراۋاتىمەن !
-تەكشۈرتتۇق،لىكىن بالىنىڭ ئوغۇل- قىز لىقىنى ئېيتىپ بەرمىدى .