يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1052|ئىنكاس: 13

ئاللاھ قا قارشى چىققانلارنىڭ ئاقىۋىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
99
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:00:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 1

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:50:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھىسياتقا ئەگىشىپ يول تۇتقانلار ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىدۇ

ئوقۇغۇچى ۋاقتىمىزدا «xx سىنىپتىكى xx غا تىگىدۇ» دەپ ئەۋەتىلىدىغان ئاللىقانداق خەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئالاتتۇق. ئۇ خەتلەردە «بۇ خەتنى xx كىشىگە تارقاتمىساڭ ئۇنداق بولىسەن، مۇنداق بولىسەن، پالانى يەردىكى پالانى بۇ خەتنى تارقاتماي باسۇرۇپ قويغان. xx كۈندىن بالا-قازاغا ئۇچرىغان » دىگەندەك گەپلەر بولاتتى.
يېقىندى بېرى qq توپلىرىدا «مەن سەئۇدىي ئەرەبىستاندىكى پالانى مەسچىتنىڭ ئىمامى پالانى بولىمەن، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۈشۈمدە كۈردۈم ............ بۇ خەتنى تارقاتمىغانلار ئۇ بولغاي، بۇ بولغاي» دىگەن مەزمۇدىكى بىر خەت ئېقىپ يۈرۈۋاتىدۇ.
بۈگۈن بۇ تېمىنى كۆرۈپ، ئۈستىدە دەپ ئۆتكەن خەتلەردىن ماھىيەتلىك پەرقىنى سىزەلمىدىم. بۇ تېمىنىڭ ئاقماس تېما ئىكەنلىكىگە ئاساسىم تۆۋەندىكىچە:
1. تېمىدا بىرمۇ پاكىت يوق:
(1) Titanic نىڭ 1912-يىلى چۆكۈپ كەتكەنلىكى ھەممىگە ئايان. تېما ئىگىسى بۇنى ئاللاھنىڭ غەزىپى كېلىپ چۆكتۈرۈۋەتتى، دېگەن. پاراخوت كاپىتانىنىڭ  بىر ئېغىز گېپى فىرئەۋىننىڭ گېپىدىن ئېغىر ئەمەستۇ؟ قادىر ئاللاھ ئۆزىنى ئىلاھ دەپ جاكارلىغان فىرئەۋىننىمۇ شەرمىسار قىلمىغان. ئۇنىڭ ئالدىدا Titanic نېمىتى؟
مەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرىنى بۇ دۇنيادا رەسۋا قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ھەدىس كۆرگەن. مۇنبەردە دىنى بىلىم يۇقىرىراق بالىلار بولسا چۈشەنچە بەرسەڭلار، مەن ئۇ-بۇ دەپ ئۆزۈمگە بىھۇدە گۇناھ ئارتىۋالماي.
(2) بىز مارىلىن مونرونىڭ 60-يىللاردا سىرلىق ھالدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىمىز. ئۇنىڭ سىرلىق ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى تېخى تەلتۆكۈس ئېچىلغىنى يوق. يەنە كېلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىدىن كېيىن، ئاللاھ ھېچقانداق بەندىنى ئىنسانلار ئارىسىغا ئەۋەتكەن ئەمەس. مۇشۇنداق پاكىتلىق ئەھۋالدا  مارىلىن مونروغا «مېنى ئاللاھ ئەۋەتتى» دېگەن ئايال زادى كىم؟ قېنى بۇنىڭ ئېنىق پاكىتى؟
(3) بىرازىلىيە رەئىسى  Tancredo Nevesتانكىرىدو نىۋىس
بۇ كىم ئەمدى، پارلامېنت تۈزۈمىدىكى پىرېزدېنت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ئەلدە نەدىن كەلگەن رەئىس بۇ ؟

2. بۇ يازمىدا ئىسلام دىنى خۇنۇكلەشتۈرۈلگەن.
تىما مەزمۇنىنى ئوقۇساق تېنىمىز شۈركۈنىدۇ، كامىل مۇسۇلمان بولمىساق شۇ كۈنلەرگە بىز قالىدىغاندەك ھىس قىلىمىز. مۇشۇنى مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەر كۆرسە، سىزچە ئىسلامغا كىرەرمۇ؟
سىز بىراۋنى «مۇسۇلمان بولمىساڭ، سەن چىققان پاراخوت چۆكەپ كىتىدۇ، مۇسۇلمان بولمىساڭ ماشىناڭ داۋاندىن چۈشۈپ كىتىدۇ، دەرھال مۇسۇلمان بول» دەپ، ئىسلامغا دەۋەت قىلماقچىمۇ؟
مېنىڭ بىلىشىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنى قانداقتۇر تەھدىت ئارىلاش ۋەقە، يازمىلار بىلەن ئەمەس، ئىسلامنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ئىمانغا چاقىرغان.
بىز ھىسياتنىڭ كەينىگە كىرىپ، زىياننى ئاز تارتتۇقمۇ؟ سىز ئەمدى ئىسلام، ئىمان مەسلىسىدىمۇ ھىسياتقا يول قۇيۇۋاتامسىز؟ ئاللاھ ئىنسانغا ئەقىل بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئىمان، ھىدايەت ئەۋەتتى.
سىزگە بىرسى ھېچقانداق پاكىتسىز ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر مۇنداق ئېيتتى دىسىە، سىز ئاللاھ دەپتۇ، پەيغەمبەر دەپتۇ دەپ ھەممىسىگە ئىشىنەمسىز؟ ئىش مۇنداق بولسا، ھەدىسشۇناسلارنىڭ سەھىھ ھەدىس، زەئىپ ھەدىس دەپ ئايرىشىنىڭ نىمە ئەھمىيىتى؟
ئاللاھغا قارىغۇلارچە ئەمەس، تېگىدىن چۈشىنىپ ئىشەنسەك تېخىمۇ ئوبدان بۇلارمىكىن دەيمەن...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Insan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى 16:39  


2

باھا خاتىرىسى

ئىنسانلىقىمغا گۇماندىمەن!

Rank: 1

توردا
4 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
11
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى 14:05:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەي دوسبۇرادەرلەر ھەرقانداق ئېشتا  ئاۋال ئاللاھ  دېيش بەكمۇھېم  بۇ ئوينېشېدېغان  گەپ ئەمەس ئويلاپ بېقىڭ لا؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى 15:32:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Insan نىڭ يازمىسى

مەن  بۇ پىكىرگە  قۇشۇلمەن    بەك  ياخشى  پىكىر   بۇپتۇ

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى 15:45:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئىنكاسنى جەۋھەرلەش ئىقتىدارى بولسا، ھېچ ئىكلەنمەستىن ئىنسان ئەپەندىمنىڭ ئىنكاسىنى جەۋھەرلىگەن بولاتتىم، ياخشى تەھلىل قىپسىز ئىنسان ئەپەندىم، مۇشۇنداق ئېسىل پىكىرلىرىڭىزنى مۇنبىرىمىزدىكى يازمىلاردىن ئايىمىغايسىز

Rank: 1

توردا
15 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
37
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى 16:19:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ دىنىمىز بولسۇن ياكى بىزنىڭ قانۇنىمىز بولسۇن يالغانچىلىقنى كۆتۈرمەيدۇ ......پاكىتنى ئاساس قىلىدۇ ....ئۇلۇغ ئاللاھمۇ تۆھمەتخورلارنى ،غەيۋەتخورلارنى پەقەت ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن ،ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ ھەم چەكسىز شەپقەتلىكتۇر ....شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ئىشلارغا بىز قارىسىغا بىر نەرسە دىسەك ۋە قارىسىغا ئىشەنسەك بولماس؟؟؟!!!

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى 10:55:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلامنى تەشۋىق قىلىمەن دەپ خۇنۇكلەشتۇرۇپ قويىدىغان تېمىلار ئەگەر تېمىدا دىيىلگەن نۇقتىنەزەر بىلەن پىكىر بايان قىلىش توغرا كەلسە ناھاىيىتى كۈلكىلىك بىر ئەھۋال بارلىققا كىلىدۇ .  

      ئىنسان ئەپەندىنىڭ ئىنكاسى مەن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغاندىن بىرى  ئۇچراتقان ئەڭ ياخشى ئىنكاسلارنىڭ بىرى

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
0
يازما
11
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى 21:15:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىلا بولمىسۇن ئۈزىمىزنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالمىخنىمز ياخشى.........

Rank: 4

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
99
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 02:35:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
چىنسوزلۇك بول !!!

Rank: 4

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
99
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 03:25:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
چىنسوزلۇك بول !!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 05:12 , Processed in 0.052848 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش