يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 867|نەقىل: 7

41 يالغان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
516

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:53:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دادامنىڭ ئېتى ناسىر، ئۆزۈمنىڭ ئېتى قادىر. بىر دادىدىن ئۈچ ئىدۇق، ئۆلدۇق، ئۆلدۇق، كۆمۈلدۇق، ئۈچىمىزلا ساق قالدۇق. دادىمىز بەك باي ئىدى،مىنىشلىرى تاي ئىدى، ئاسماندىكى ئاي ئىدى. ئېگىز تاغنىڭ باغرىدىن دومىلىدۇق يۇقىرىغا، چۈشۈپ كەتتۇق چوڭقۇرغا. بىر ئاكام ئۇيانغا كەتتى، بىر ئاكام بۇيانغا كەتتى. دادىمىزدىن مىراس قالغان، قالغىنىمۇ بىر يالغان، قازى كەلدى، بۆلۈپ قويدى، مېنى ئوبدان شىلىپ قويدى. ئاكاملارغا چوڭ-چوڭ تەگدى، ماڭىزە چىپار بايتال، كۈيە چۈشكەن تور تەگدى. تورنى ئالدىم، دەريا بويىغا باردىم. تېگى تاش ئىكەن، سۈيى يوق ئىكەن. دەرياغا سالدىم تورنى، ئىلىندى جىق بېلىقنىڭ بۇرنى، بېلىقنى سۈزۈۋەردىم، نوختىلاپ چىگىۋەردىم. بېلىقنى پىشۇراي دېسەم قازىنىم تېپىلمىدى، ئوچاققا ئېسىلمىدى. ئاچچىقىم نەدىن كەلدى، ناسۋال ئالسام چاقچام يوق، بىر قازان ئالاي دېسەم يانچۇق قۇرۇق ئاقچام يوق. قۇرۇق يانچۇققا قول تىقسام، قولۇمغا چىقتى ئۈچ تەڭگە، ئىككىسى سىدام ئىكەن، ئۈچىلىسى كەم ئىكەن. بازارغا ئالدىراپ باردىم، ئۈچ قازان ئالدىم، ئىككىسىنىڭ تېگى يوق، بىرىنىڭ تۈۋى يوق. قازاننى  ئوچاققا ئاسسام ئوت شۇنداق كۆيۈپ كەتتى، تەمەچمۇ يوق، يۇلغۇنمۇ يوق، ئىسى ئاسمانغا يەتتى. ھېرىپتىمەن، ئېچىپتىمەن، كۆزۈم ئوچۇق ئۇخلاپتىمەن. بېلىقلارمۇ پىشىپ قاپتۇ، ئىسسىق ئۆتمەي خاملا قاپتۇ. يېدىم راسا، سەمرىدىم تازا، ئىشىكلەردىن پاتمىدىم، تۈڭلۈكتىن ئۆزۈمنى تاشلىدىم. ئۆگىزىگە چىقىپ قارىسام، چىپار بايتال ئوتلاپ يۈرۈپتۇ، شوتا قويۇپ دىككىدە، مىنىۋالدىم لىككىدە، بايتال ماڭغىلى ئۇنىماي يۈرۈپ كەتتى، توختىماي مېڭىپ بىر سارايغا يەتتى، يەر دەسسىمەي چۈشۈۋالدىم. ئۆزۈم چۈشۈپ بولغۇچە بېشىم يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ، چىقمىغان شامالدا بېشىم يەردىن ئۇچۇپ كېتىپتۇ. بېشىمنى ئىزدەپ شۇنداق قارىسام، بىر باش كېلىۋېتىپتۇ، كېلىشكەن باش ئىكەن، قاپقارا قاش ئىكەن. يېقىن بېرىپ قارىسام، تاش ئىكەن. مېڭىپ، مېڭىپ بىر شەھەرگە يەتتىم. شەھەردە خوتۇنۇمنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇنى راسا ئۇرۇپ سالدىم. بازاردىن تېرىق ئالدىم، ئىككى تاغارغا قاچىلىدىم، قانچە قىلسام تولمىدى، ئېغزىنى ئەتكىلى بولمىدى. تۆشۈك يانچۇقتىن تۆشۈك ئالدىم، كۆشۈكتىن كۆشۈك ئالدىم. تېرىقنى كۆشۈككە سالسام تۇرۇپ قالدى، ئېغزىنى ھىملەپ قويسام تېرىق كۆكلەپ ئۈنۈپ قالدى. تېرىقنى ئارتىپ بايتالغا، خوتۇننى ئەگەشتۈرۈپ ئارقامغا، يۈرۈپ كەتتىم تارىم دەريا بويىغا. بايتىلىمنى توختىتالمىدىم، بىر تاقلاپلا ئۆتۈپ كەتتىم. بايتىلىم قېچىپ كەتتى، يەتتىشەھەردىن ئېشىپ كەتتى. بايتىلىمنى دىرەكلەپ، ئۇ تاغقا چىقتىم كۆرۈنمىدى، بۇ تاغقا چىقتىم كۆرۈنمىدى. تامدىن ئېگىز باغقا چىقتىم، كۆرۈنمىدى. ھېرىپ كەتتىم، ئاتنى ئىزدەپ قېرىپ كەتتىم. چىقىۋېلىپ ئېگىز تاغنىڭ چوققىسىغا، يەر ئاستىغا قاراپ كەتتىم، بايتىلىم كۆرۈنمىدى. شۇنداق قارىسام، مۈرەمدە تۇرۇپتۇ بىر يىڭنە سانجىلىپ، يېڭنىنى ئېلىپ ئۇچىغا قارىسام، بايتىلىم يېڭنىنىڭ ئۇچىدا ئوتلاپ يۈرۈپتۇ، يەتتە تاغنىڭ نېرىسىدا، سەككىز تاغنىڭ بېرىسىدا. قولۇمنى ئۇزىتىپ تۇتۇۋالدىم، «چۇھ» دېسەم ماڭمىدى، قامچا ئۇرسام ماڭمىدى. چۈشۈۋېلىپ دىككىدە، ئاتنى كۆتۈرۈپ لىككىدە، تاغۇتاشتىن ھالقىدىم، دەريالاردىن ھالقىدىم. بىر قارا تاش ئۈستىدە تۇرۇپتىكەن بىر قوزۇق، بايتىلىمنى باغلىدىم. باغلىغىنىم قوزۇق ئەمەس، ياۋا غازنىڭ بوينىكەن، غازلار قانات يايماي «غاق-غاق» قىلىپ ئۇچۇپ كەتتى. ئويناپ بېرىپ، يېقىن بېرىپ قارىسام، چىپار بايتال يېتىپ قاپتۇ، بولمىسۇن دەپ ئاتنى ھارام، يانپىشىمغا قاراپ باقسام، غىلىپىم بار، پىچىقىم يوق، قولۇمدىلا سويىۋەردىم تۇلۇمچىلاپ. گۆشنى گۆشچىگە بەردىم، تۆشنى تۆشچىگە بەردىم، تېرىسىنى «پۈف» دەپ پۈۋلىسەم، چىپار بايتال بىر كىشنەپلا تۇرۇپ كەتتى. ئېگەر توقۇماي مىنىۋالدىم، ئۈزەڭگىنى چىڭ دەسسەپ، قۇشقۇننى چىڭ تۇتۇپ ئىلدام ماڭدىم، ئاستا ماڭدىم، چاقىلىققا ساق-سالامەت يېتىۋالدىم. مانا بۈگۈن ئوتتۇز ئوغۇل جەم بوپتۇ، مەندەك بىر لاپچى يىگىت كەم بوپتۇ، ئويناڭلار، يايراڭلار، نەغمە-ناۋا ساز بوپتۇ. خۇداغا شۈكۈر، يوقىلىپ كەتكەن بېشىمنى مۇشۇ يەردىن تېپىۋالدىم. قاملاشتىمۇ گەپلىرىم، لاپلاشتىمۇ گەپلىرىم، بىلگىنىمنى ئېيتىۋالدىم، ئەي بالىلار، ئاڭلىغانغا، كۈلگەنگە بارىكاللا، ھەشقاللا!



Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى 20:33:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
:lol:lol...ئەركمان ئاكا بەشىنچى قەۋەتكە، ھېرىپ- ئېچىپ چىققاندا راسا كۈلۋالدىم، رەھمەت سىزگە! ئاۋۇ ئەبەي تاققا-تۇققىغا كۆرسىتىپ قويساق بولغىدەك:P

باھا سۆز

dilroh  2 - قەۋەتكە كۆچمەي ھى ھى  يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى 11:18:25
مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
15 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
37
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى 09:00:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ۋاي ۋاي .....كۈلۈپ ئۈچۈيۈم ئۈزۈلۈپ قالاي دىدى .....قانداق قىلاي ئەمدى ...ئۇھ ! راستىنلا قىزىق ئىكەن .ئەگەر بۇنى ھىبى كۈرىدىغان بولسا ئوغۇرلاپلا ئالا .....:lol:lol

Rank: 8Rank: 8

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
516

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى 13:21:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورى ئابلىز  مۇھەممەد سايرامى ، ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن!

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى 09:04:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىكىمدە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە شۇنداق بىر ئۈچ يالغاندا قىرىق يالغان دەيدىغان ھىكايىسى بارتى ، بەك تولا ئوقۇيتىم قىززىق تۇيۇلۇپ :Pبۇ تاقا تۇقا يالغانمۇ قىزىقارلىقكەن ...

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 8Rank: 8

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
516

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 10:01:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېرىم كېچىدە «دەرد-داغ» مۇقامىغا توۋلاپ داپ چېلىقۋاتسام:
___ ۋاي ئاللا بۇ نېمە كارامەت ئەمدى، نېمە ئادەمنى شاپىلاقلايلا، ئويغانسىلا ...___ دەپ  قۇشناچىم تۈرتۈپ ئويغىتىۋەتتى، چۈشۈمكەن ئەمەسمۇ ؟ چۈشۈمدە ئېيتقان «دەرد-داغ» مۇقامىنىڭ قىسمەن تېكىستلىرى شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە قاپتۇ! مۇنبەردىكى قىزلار، دېگىدەكمىشمەن ، شۇنداق چىرايلىق جىلۋە قىلىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈۋاتقىدەك !

تىل ئۇچىدا گۈل قىلىپ ئەيتۇر ساڭا دىلدارىمەن،
دەرد كەلسە باشىڭە لەھزە ئۇ ھەمدەم ئەمەس.
ئەي ھۇۋەيدا بىۋەفانى يارىم دەب بەرمە كۆڭۈل،
ئاقىل ئەرسەڭ سەن ئەگەر، ئۇشبۇ نەسىھەت كەم ئەمەس.

باغ ئىچرە ساڭا ئاچتى گۈل ئاقۇ-ياشىل ياپراق،
شاھ باشىغە ئانداقكىم ئەل ئاقۇ-سارىغ يارماق.

نى يارلىغەي ئولغايكىم ھەر كېچە تاڭ ئاتقۇچە،
سەن ئەيشىدە راھەتتە، مەن رەنجى بىلە ئويغاق.

يەتمەكلىك ئېرۇر مۈشكۈل، مەقسەتكە يېتەر كىم بار،
كۆز خىرە ۋە تۈن تىرە، ئات ئاقساقۇ يول تايغاق.

ئايدەك جەمالىڭ، سەۋرى نىھالىڭ،
كۆيدۈردى مېنى، سەرسانە بولدۇم.

             مەشرەپ
سەن-سەن مېنى سەن خارابى قىلدىڭ مېنى سەن،
ئوتلارغە سالىب كەۋابى قىلدىڭ مېنى سەن.

ئوت قالىمىساڭ، قارا قازان قاينامدۇ،
ئاشىققا جاپا سالساڭ، يۈرەك پايلامدۇ.
           *       *
مەجنۇن ئىلە كەزدىم نەچچە يىل دەشتۇ-باياۋان،
لەيلىنى سوراقلاپ يۈردۈم بى سەرۋا سامان.

ئىشقىڭ ئوتىدا بۇ يۈرىكىم ئۆرتىنەدۇر ئاھ،
ئاخىرى يۈرەگىم بولغۇسى ئىشق ئوتىدا بەريان.

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 13:13:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھاھاھاھاھا....قىزىق چۈش كۆرۈپسىز، مۇنبەردىكى ماڭا ناتونۇش، سىزگە تونۇش بولغان شۇ قىزلارنىڭ تىزىملىكى بويىچە يېزۋەتمەي:)

Rank: 3Rank: 3

توردا
175 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
516
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 18:23:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاقا - تۇققۇ زەنجىر ھالقا :victory::victory:

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 09:16 , Processed in 0.278466 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش