يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 539|ئىنكاس: 3

بۈگۈنۈڭلا ساڭا ئائىت... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 00:25:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنۈڭلا ساڭا ئائىت
ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئايىز قەرنىي

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەتىگەن تۇرسىڭىز ئاخشامنى كۈتمەڭ. سىز ياخشىلىقى ۋە يامانلىقى بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن تۈنۈگۈننى ياكى تېخى يېتىپ كەلمىگەن ئەتىنى ياشىمايۋاتىسىز، پەقەت مۇشۇ بىر كۈننىلا ياشاۋاتىسىز. خۇددى سىز بۈگۈنلا دۇنياغا كەلگەن ۋە بۈگۈنلا ئۈلىدىغاندەك مۇشۇ بىر كۈنىڭىزنىڭلا غېمىنى يەڭ. تۈنۈگۈننىڭ ھەسرىتى ۋە ئەتىنىڭ ئەندىشىسى بىلەن مەشغۇل بولماڭ. سىز مۇشۇ بىر كۈنىڭىزنى غەنىمەت بىلىڭكى، بۇ كۈندە قىلىشقا تېگىشلىك بارلىق ياخشىلىقلارنى قىلىڭ. تەدىل ئەركانلىرىغا تولۇق رىئايە قىلغان ھالدا، ئاللاھ ئۈچۈن ناماز ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئاللاھنىڭ گۈزەل سەنئەتلىرى توغرىلىق تەپەككۇر قىلىش، ئاللاھنىڭ تەقسىماتىغا رازى بولۇش، تەن ساقلىقىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش، قىياپىتىڭنى تۈزەش، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى پەقەت بۈگۈنكى بىر كۈنلۈك ئىشلىرىڭىزدۇر. مۇشۇ بىر كۈننىڭ سائەتلىرىنى يىللارغا، مىنۇتلىرىنى ئايلارغا ۋە سىكۇنتلىرىنى كۈنلەرگە بۆلۈڭ. مۇشۇ بىر كۈنىڭىزنى باشقىلارغا ئازار بەرمەستىن، ھەسەد قىلماستىن ۋە ئۆتكەنگە ھەسرەت چەكمەستىن تىنچ سالامەت ئۆتكۈزەلىسىڭىز غەنىمەت دېگەن شۇ. « مەن بەرگەننى ئالغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇ چىلاردىن بولغىن.»

قەلبىڭىزنىڭ ئىچ قېتىغا « بۈگۈنۈڭلا ساڭا ئائىت»دېگەننى يېزىۋېلىڭ. بۈگۈن ئىسسىق، يۇمشاق ۋە لەززەتلىك بىر ناننى يېيىشكە نەسىپ بولغان بولسىڭىز، تۈنۈگۈننىڭ قاتتىق نېنى ياكى كەلمىگەن ئەتىنىڭ كۈتۈلگەن مەھجۇل نېنى ئىچىڭىزنى سۈرۈرىۋاتامدۇ؟ بۈگۈن تاتلىق سۇ ئىچكەن بولسىڭىز، نېمە ئۈچۈن تۈنۈگۈن ئىچكەن شورلۇق سۇ ئۈچۈن قايغۇرىسىز.

ئەگەر سىز ئۆز ئۆزىڭىزگە راستچىل بولىدىغان بولسىڭىز پۇلاتتەك مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن ئۆزىڭىزنى «مەن پەقەت بۈگۈن ئۈچۈنلا ياشايمەن»دېگەن نەزىرىيىگە كەلتۈرەلەيسىز. شۇنداق قىلغاندىلا مۇشۇ بىر كۈنىڭىزنىڭ ھەر بىر دەقىقىسى سىز ئۈچۈن ئالتۇندىن قىممەتلىك بولالايدۇ. شۇ ۋاقىتتىلا سىز بىلىم سەۋىيىڭىزنى ئۆستۈرۈش، ئەقلىڭىزنى يېتىلدۈرۈش، ئەخلاقىڭىزنى ئىسلاھ قىلىش ۋە باشقىلار قاتارلىق مۇھىم ئىشلارنى بىجىرەلەيسىز.

ھاياتنى ئەڭ گۈزەل سۈرىتىدە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئۈچۈن« بۈگۈنۈڭلا ساڭا ئائىت»دېگەن بۇ سۆز سائادەتلەر قامۇسىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇزدۇر.

كېلىچەكنى يېتىپ كەلگىچە ئۇنۇتۇڭ

«ئاللاھنىڭ پەرمانى چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭغا ئالدىراپ كەتمەڭلار». ھادىسىلەرنى قوغلىماڭ. بالىنى ئاي كۈنى توشۇشتىن بۇرۇن تۇغدۇرماقچىمۇسىز ياكى مېۋىنى پىشىشتىن بۇرۇن ئۈزمەكچىمۇ؟! ئەتە دېگەن ھازىر ۋۇجۇدتا يوق نەرسە، بۈگۈن ئۇنى سىز ھەرگىزمۇ كۆرەلمەيسىز. نېمە ئۈچۈن پىكىر - خىيالىڭىزنى كەلمىگەن ئەتىنىڭ ھادىسىلىرى، مۇسىبەتلىرى ۋە كۆڭۈلسىزلىكلىرى بىلەن مەشغۇل قىلىسىز. ئەتىنى بىز كۆرەلەمدۇق ياكى كۆرەلمەمدۇق ئۇ بىزگە مەلۇم ئەمەس. ھەرھالدا ئۇ غەيبىي ئالەم. ئۇ تېخى زېمىن يۈزىگە يېتىپ كەلگىنى يوق.

كېلىچەكنى ئويلاش ئۈچۈن زېھىن ساھەسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئايرىش، غەيبنىڭ كىتابىنى ۋاراقلاپ، ئۇنىڭدا كۈتۈلمەكتە بولغان كۆڭۈلسىزلىكلەر ئۈچۈن قايغۇرۇش شەرىئەتتە چەكلەنگەن بىر ئىشتۇر. چۈنكى بۇ تېخى شاخلانمىغان ئۈژمىنىڭ سايىسىنى تالىشىپ مۇشتلاشقانغا ئوخشاش بېھۈدىلىكتۇر. كۆپىنچە كىشىلەر كېلىچەكنىڭ ئاچارچىلىق، يوقسۇللۇق، ئاغرىق - سىلاق ۋە باشقىمۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر بىلەن تولغان قورقۇنۇشلۇق بىر ئالەم ئىكەنلىكىدىن ئەنسىرەيدۇ. مانابۇلارنىڭ ھەممىسى، شەيتان مەكتىبىنىڭ دەرسلىكلىرىدىندۇر.« شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقىتىدۇ، يامان ئىشلارغا (يەنى بېخىللىققا، زاكات بەرمەسلىككە) بۇيرۇيدۇ؛ ئاللاھ سىلەرگە ئۆز مەغپىرىتىنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ».( بەقەرە 262ـئايەت).

قايغۇرغۇچىلارنىڭ تولىسى ئەتە ئاچ قېلىشىدىن، كېيىنچە كېسەللىككە گىرىپتار بولىشىدىن ئەنسىرەپ يىغلايدۇ. ئۆمرى باشقا بىرىنىڭ قولىدا بولغان كىشىنىڭ ئۆز مۈلكى بولمىغان نەرسىگە يىغلىشى ۋە قايغۇرىشى ھەرگىزمۇ ئاقىلانىلىق ئەمەس.

ئەتە يېتىپ كەلگىچە ئۇنى ئۇنۇتۇپ تۇرۇڭ. ئەتىنىڭ خەۋەرلىرى ۋە ۋەقەلىكلىرى بىلەن مەشغۇل بولماڭ. چۈنكى سىز بۈگۈن بىلەنلا مەشغۇلسىز.

كەتكەن كەتتى قايغۇرۇشنىڭ پايدىسى يوق

ئۆتكەنگە پۇشايمان قىلىپ، قولىنى چىشلەش، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ياد ئېتىپ كۆڭۈل بۇزۇش ئاخماقلىقتۇر. بۇنداق قىلىش ئىرادىنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە بۈگۈنكى ھاياتنى كىرلەتكەنلىكتۇر. ئاقىللارنىڭ پەلسەپىسىدە، ئۆتمۈشنىڭ دەپتىرى يېپىلىدۇ، ئېچىلمايدۇ. ئۇ ئۇنتۇلۇش زىندانىغا تىقىۋېتىلىدۇ، ئۇنىڭدىن چىقىرىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ كەتتى، قايتا كەلمەيدۇ. ئۇنى ھەسرەت - نادامەت ياكى پۇشايمان قايتۇرۇپ كېلەلمەيدۇ. غەم - قايغۇمۇ ئۇنى ئوڭشىيالمايدۇ.

سىز دەريا سۈيىنى بېشىغا، قۇياشنى تۇغقان يېرىگە ۋە بۇۋاقنى ئانىسىنىڭ قۇرسىقىغا قايتۇرالامسىز؟ ئۆتمۈش توغرىلىق قايغۇرىشىڭىز ئۆزىڭىزنى بىھۈدە ئازابلىغانلىقتۇر، بەس.

ئۆتمۈشنىڭ ھەسرەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇش ھازىرنىڭ ۋاقتىنى ئۆلتۈرگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆتمۈشتىكى ئۇممەتلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىپ بولغاندىن، « ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۇممەت»دېيىش بىلەن كۇپايە قىلغان. چۈنكى كەتكەن كەتتى، ئىش تۈگىدى. تارىخنىڭ چېقىنى ئارقىغا قايتۇرۇش ۋە ئۆتمۈشنىڭ ئانالىزلىرىنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئۆتمۈش بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلار تارتىلىپ بولغان ئۇننى تارتىمەن دەپ ئاۋارە بولغۇچىلاردۇر. قەدىمقىلەر ئۆتمۈش ئۈچۈن كۆزيېشى قىلغۇچىلارغا «ئۆلۈكلەرنى قەبرىلىرىدىن چىقارماقچىمۇسىز»دەيدىكەن.

بىزنىڭ ئەڭ ئاجىز نوقتىمىز، بۈگۈنىمىزنى غەنىمەت بىلەلمەيمىز، ھەدەپ ئۆتمۈشنىڭ خاتىرىلىرى بىلەن مەشغۇلمىز. بىز بۈگۈننى ياشىۋاتىمىز. ئۆتمۈش كەلمەسكە كەتتى. ئۇنى ھەرقانچە قىلىپمۇ قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. شامال ئالدىغان يۈرىدۇ. سۇ ئالدىغا ئاقىدۇ. كارۋان ئالدىغا ماڭىدۇ. سىز نېمە ئۈچۈن ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىسىز؟!

Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 11:14:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئېسىل يازمىنىڭ تېمىسى«بۈگۈنىڭلا ساڭا تەۋە »بولغىيمىتى؟ مەزمۇنىدىن شۇنداق مەنە چىقىدىكەن.

Rank: 2

توردا
75 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
162
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 22:43:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت بولسا تۈنۈگۈن،بۆگۈن ۋە ئەتىدىن ئىبارەت.
تۈنۈگۈن ئۆتتى كەتتى.ئۇ غۇۋالىققا،قاراڭغۇلۇققا تەقەززا بۇلۇپ ،بارا-بارا سېڭىشىپ كەتتى.
بۆگۈننى قەدىرلەش ھەممىدىن ئەۋزەل.بۆگۈننى قەدىرلەش ھاياتنى سۆيگەنلىك.بۆگۈنكى ھاياتى نەفسىڭدە، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىڭنى چۇقۇم قىلىپ تۈگەت.خۇشال ياشا.بۈگۈن،پەقەت بۈگۈنلا ساڭا مەنسۇپ.
ئەتە-مەۋھۇم دۇنيا.بۈگۈنىڭ بىلەن خەيرىلىشىپ،تاڭ قۇياشىنى،شەپەق نۇرىنى كۆرەلىگىنىڭدىلا،ئۇ بۆگۈنگە ئايلىنىپ ساڭا مەنسۇپ بۇلىدۇ.ھەر سەھەر سالامەت قوپساڭلا،يەنە بىر كۈنلۈك نەپسىڭگە شۈكرانىلەر ئېيت.


Rank: 1

توردا
19 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 22:51:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹بىزنىڭ ئەڭ ئاجىز نوقتىمىز، بۈگۈنىمىزنى غەنىمەت بىلەلمەيمىز، ھەدەپ ئۆتمۈشنىڭ خاتىرىلىرى بىلەن مەشغۇلمىز. بىز بۈگۈننى ياشىۋاتىمىز. ئۆتمۈش كەلمەسكە كەتتى. ئۇنى ھەرقانچە قىلىپمۇ قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. شامال ئالدىغان يۈرىدۇ. سۇ ئالدىغا ئاقىدۇ. كارۋان ئالدىغا ماڭىدۇ. سىز نېمە ئۈچۈن ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىسىز؟!››

  شۇنداق، بىز نىمىشقا ئۆتمۈشنىڭ سايىسىدىن قۇتۇلالمايمىز؟ نىمىشقا ھەر بىر كۈنىمىزنى مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشمايمىز؟..........




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 01:58 , Processed in 0.044967 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش