يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 511|ئىنكاس: 0

ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى 1 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 23:59:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى 1
ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ ھەقىقى ئورنى ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتلىرى ھازىرقى دەۋىردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ زېھنىدە ئېنىق ئەمەس.
كۆپىنچە مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرى ھەقىقى  توغرا تەسەۋۋۇر ئەمەس. مۇسۇلمانلاردىكى نادانلىق سەۋەبىدىن ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت مەسىلىسىدە كۆپلىگەن خاتالىقلار سادىر بولماقتا. بەزىلەردە نېمىنىڭ ھوقۇق ۋە نېمىنىڭ مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى ئايرىيالماسلىق مەسىلىسى بەك ئېغىر. ھەتتا ئاياللار ئۆزلىرىمۇ بۇ ماۋزۇنى ياخشى بىلمەيدۇ.
جەمئىيەتتە بەزىلەر ئاياللارغا زۇلۇم قىلىپ ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋالغان ۋە يەنە بەزىلەر ئىسلام شۇنداق بۇيرىغان دەپ ئويلاپ ئۇلارغا لايىق ئەمەس ھوقۇقلارنى بېرىش ئارقىلىق چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەن.  بەزىلەر ئاياللارنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىسىز ۋە شەرتسىز سىرتتا ئىشلەش ھوقۇقى بار دەپ قاراپ ھەقىقەتتىن بۇرۇلۇپ كەتمەكتە.

بىلىمسىزلىك بارلىق كېسەللەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىدۇر. مىللەتلەر ۋە خەلقلەرگە بىلىمسىزلىكتىنمۇ زىيانلىقراق ئاپەت بولغان ئەمەس. بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلاردىكى ئەڭ ئېغىر ئاپەت مۇشۇ بىلىمسىزلىك ئاپىتى بولۇپ بۇ ئاپەت ئۇلارنىڭ دىنى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەھدىت سالماقتا.

ئەگەر ئايال كىشى ئۆزىنىڭ ھوقۇقلىرىغا ئېرىشمەكچى بولسا ئالدى بىلەن بۇ ھوقۇقلارنى بىلىشى كېرەك.  ئەمما ئۇ بۇ ھوقۇقلارنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئۆگىنىشتىن يۇز ئورۇسە قانداقمۇ بىلەلەيدۇ؟

مۇسۇلمانلارنىڭ ئاياللارغا قارىتا قىلىۋاتقان خاتا تەسەررۇپاتلىرى ئاساسەن ئىككى سەۋەپتىن بولىدۇ:

1‏-  ئىسلامنىڭ ئەھكاملىرىنى بىلمەسلىكتىن.
بەزىلەر بىلىمسىزلىكتىن ئىسلامدا يوق ئىشلارنى ئىسلام تەلىماتى دەپ گۇمان قىلىش، مەسىلەن: ئايال كىشىنى مال بوغۇزلاشتىن چەكلەش، خۇسۇسەن ئەگەر ئايال كىشى ھەيزدار بولغان بولسا، ئۇ بوغۇزلىغان مالنىڭ گۆشىنى يېمەسلىك، ئايالنىڭ ئاۋازىنى ئەۋرەت دەپ قاراش، بىر ئەر يەنە بىر ئەرگە بىر ئايالنى نىكاھلاپ بېرىش بەدىلىگە يەنە بىرى باشقا بىر ئايالنى ئۇنىڭغا نىكاھلاپ بېرىش ۋە ئىككىسى ئارىسىدا مەھرى بولماسلىق قاتارلىق خاتالىقلار.

2‏-ئىسلامنىڭ ئەھكاملىرىغا بىلىپ تۇرۇپ ئوچۇق ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش.
مەسىلەن: دادىنىڭ قىزىنى توي قىلىشقا مەجبۇرلىشى، قىز -ئوغۇللارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش، ۋە دادىنىڭ قىزىنىڭ مەھرىنىڭ بىر قىسمىنى يا ھەممىنى ئېلىۋېلىشى قاتارلىقلار.

ئىسلامدىكى ئاياللار ھوقۇقىنىڭ ئاساسلىرى:

ئاللاھتائالا بارلىق ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئاللاھ ھەممە ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئۇ ئاللاھ مۇتلەق ئادىل ۋە رەھىمدىل زاتتۇر. ئۇنىڭ ئادىللىقى ۋە رەھىمدىللىكى بارلىق ئىنسانلارغا ئومۇمى بولۇپ ئەر-ئايال ھەممىگە ئوخشاشتۇر. ئاللاھ قۇرئاننى بارلىق ئالەملەر گە رەھمەت قىلىپ چۈشۈرگەندۇر. ئاللاھنىڭ قانۇنى ھەممە ئەرلەر ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىسلامدا ئايال كىشى ئىنسانلىق قەدر-قىممەتتە ئەر كىشى بىلەن باراۋەردۇر. ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ:
ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر- ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر- بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھدىن قورقۇڭلار، سىلە- رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
سۈرە نىسا 1‏-ئايەت
ئايال كىشى ئەر كىشى بىلەن تەكلىپ ۋە مەسئۇلىيەتتە باراۋەردۇر.
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
مۇئمىن ئەرلەر،مۇئمىن ئاياللار بىر- بىرى بىلەن دوسىتتۇر، ئۇلار (كىشلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى (تولۇق) ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئاللاھغا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
سۈرە تەۋبە 71‏- ئايەت
يەنە ئايال كىشى ئەر كىشى بىلەن جازا ۋە مۇكاپاتتا باراۋەر دۇر:
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
ئەر- ئايال مۇئمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن،   بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق، ھالال رىزق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز.  سۈرە نەھل 97‏-ئايەت

ھەممىدىن ئىلگىرى ئايال كىشى ئەر كىشى بىلەن ئىززەت - ئىكرامدا باراۋەردۇر:
  ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
شەك- شۈبھسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق،  ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (ئۇلاغلارغا) مىندۈردۇق، دېڭىزدا (كېمىلەرگە) چىقاردۇق، ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزقلاندۇردۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق.  سۈرە ئىسرا 70 ‏- ئايەت


ئەر بىلەن ئايالنىڭ باراۋەرلىك تەرەپلىرىگە قارايدىغان بولساق
ئەر بىلەن ئايال ئەسلى ئىنسانلىق ئىززەت - ئابرۈيدا ، تەكلىپ ، مەسئۇلىيەت ۋە جازا غا تارتىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ئوخشاش باراۋەر ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.
باراۋەرلىك كۆپىنچە مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەردە ئوخشاشتۇر.  ئەمما ئۇلارنىڭ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت جەھەتتىكى پەرقلىرىگە قارايدىغان بولساق ھەر بىرىنىڭ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتلىرى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىكىگە قارىتا بەلگىلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز.
بۇ شەرئى ۋە ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە ئاساسەن ئەرلەر بىلەن ئاياللار باراۋەر بولغان ھوقۇقلارنى قايتا ساناپ ئولتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.
چۈنكى يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ۋە كىيىن بايان قىلماقچى بولغان ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى شۇنداقلا ئەرلەرنىڭمۇ ھوقۇقىدۇر.
ھەقىقەتتە ئىنسان دېگەن سۆز ئەر -ئايال ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسان كەلىمىسى ئەركەك ۋە چىشى جىنسلارغا ئايرىم ئىشلىتىلمەيدۇ. چۈنكى ئايال كىشى ۋە ئەر كىشى ھەر ئىككىلىسى ئىنساندۇر.
شۇڭا بىز بۇ يەردە ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى زىكىر قىلىپ قوشۇمچە ئەرلەرنىڭ ھوقۇقىنى يا ئەرلەرنىڭ ھوقۇقىنى زىكىر قىلىپ قوشۇمچە ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى بايان قىلساق توغرا بولىدۇ.
بىز بۇ يەردە ئايال كىشىنىڭ ھوقۇقىنى ئومۇمى شەكىلدە بايان قىلىمىز. كىيىنكى پروگراممىلار دا ئائىلە ھوقۇقى بىلەن ئانا، سىڭىل ۋە خوتۇننىڭ ھوقۇقلىرىنى ئايرىم بايان قىلىمىز.

ھاياتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەر-ئايالنىڭ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى شەرئى ئۇسۇلدا سېلىشتۇرىدىغان بولساق تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلارنى بايقايمىز:
1‏- مۇكەممەل باراۋەر بولغان مەسىلىلەر
2‏- ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا تامامەن ئوخشىمايدىغان ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئەھكاملىرى
3‏- ئەر بىلەن ئايال ئورتاق بولغان ئەمما قىسمەن ئوخشاشماسلىق مەسىلىلىرى

1‏- مۇكەممەل باراۋەر بولغان مەسىلىلەر:
كۆپىنچە ئىبادەت ۋە جىنايەتكە ئالاقىدار ئەھكاملاردا، مۇئامىلە، شىكار قىلىش، مال بوغۇزلاش، قەسەم قىلىش، نەزىر قىلىش، پەتىۋا بېرىش قاتارلىق كۆپىنچە شەرىئەت ئەھكاملىرىدا ئەر - ئايال باراۋەر دۇر،  يەنە بەزى چەكلەنگەن ئىشلاردا باراۋەر مەسىلەن: قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، نا مەھرەم بىلەن ئارىلىشىشنىڭ ھاراملىقى، زىنا قىلغۇچى ئەر  ۋە زىنا قىلغۇچى ئايال بىلەن توي قىلىشنىڭ ھاراملىقى.
يەنە بەزى جايىز ئىشلاردا ھەم باراۋەر، مەسىلەن: توي قىلىشتا ئەر-خوتۇننىڭ بىر - بىرسىگە مۇناسىپ بولۇشنى شەرت قىلىشى، توي قىلىشماقچى بولغانلارنىڭ بىر-بىرىنى كۆرۈشى ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى قاتارلىقلار.

2‏- ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا تامامەن ئوخشىمايدىغان ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئەھكاملىرى: مەسىلەن: ئايالغا خاس بولغان ئەھكاملار : ھازا تۇتۇش، ئىددەت تۇتۇش، مەھر ئېلىش، ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيوملىرىنى تاقاش، يىپەك كىيىملەرنى كىيىش، بالا بېقىش، توي ۋە ئىككى ھېيتلاردا ناخشا ئېتىش قاتارلىق جايىز ئەھكاملار ۋە ئاممىۋىي مۇنچىلار يۇيۇنۇشنىڭ ھاراملىقى ۋە ئەتىر چېچىپ سىرتقا چىقىشنىڭ ھاراملىقى قاتارلىق ئاياللارغا خاس چەكلەنگەن ئىشلار.

3‏- ئەر بىلەن ئايال ئورتاق بولغان مەسىلىلەر
لىكىن ئايال كىشىنىڭ جىسمى ۋە خاس ئېھتىياجى سەۋەبلىك قىسمەن ئوخشىماسلىقلارنىڭ بولىشى، مەسىلەن: ئەۋرەتنىڭ چەك - چېگرىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى، ئايال كىشىنىڭ مەھرىمى يا ئىرى بىلەن سەپەر قىلىشى، ئېھتىياج بولسا خەتنىسىنى قىلىش، زۆرۈرىيەتسىز ئۆيدىن چىقماسلىق، يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭماسلىق، ئەر كىشى بىلەن بىللە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش،  مۇئەييەن بەلگىلمىە ئاستىدا سىياسى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش قاتارلىقلار. ۋە يەنە ئانىنىڭ ياخشىلىق قىلىنىشقا ئەڭ ھەقلىق ئىكەنلىكى، قىز  بالىنىڭ تەربىيىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئەر كىشى ئايالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇش قاتارلىقلار.

ئەر -ئايال ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى تەپسىلى تەكشۈرگەن ئادەمگە ئىككى جىنىس ئارىسىدا ئادالەت پرىنسىپى تەقەززا قىلغان مۇئەييەن سەۋەبلەر نىڭ بارلىقى ئايان بولىدۇ. مۇشۇنداق ھالەتلەردە باراۋەرلىك قىلىش بولسا زۇلۇمغا ئېلىپ بارىدۇ.
شۇنداق ، بەزى ھاللاردا ھەر ئىككى تەرەپكە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش زۇلۇمغا ئېلىپ بارىدۇ. ئادىل بولۇش كۆپىنچە ھەر بىر ھەق ئىگىسىگە ئۆزىگە لايىق ھەققىنى بېرىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ھەر ئادەمگە ئۇنىڭ ئىقتىدارى ۋە تەبىئىتىگە يارىشا ۋەزىپە بەلگىلەش ئادىللىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ئادىللىق ۋە تەبىئەت تەقەززا قىلغان باراۋەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئىسلام ئىككى جىنس ئارىسىنى ئىنسانىي ئىززەت - ئىكرام، تەكلىپ، ساۋاپ ۋە جازا بېرىش قاتارلىق ئىشلاردا باراۋەر قىلدى.
ئىسلام شەرئى تەكلىپلەر دە ئەر بىلەن ئايالنىڭ ھېچقايسىسىغا زىيان يەتكۈزمىگەن ئاساستا باراۋەر قىلدى.  ئەر كىشىنى تەبىئىتىگە ماس كەلمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمىغاندەك ئايال كىشىنىمۇ تەبىئىتىگە ماس كەلمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمىدى. مەسىلەن ئايال كىشىدىن جىھادقا چىقىشنى كەچۈرۈم قىلدى. ئىككى جىنسنىڭ جىسمانى ئوخشاشماسلىقلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ ھەر بىرىگە ئوخشاشمايدىغان كىيىم بەلگىلىدى.

ئىككى جىنس ئارىسىدىكى پەرقلەرنى كۈزەتىكەن كىشى بۇ پەرقلەر نىڭ پەقەت ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەت تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كېلىپ چىققان پەرقلەر ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايدۇ.
ئەگەر بىرسى ئىنژېنېر بىلەن دوختۇر نىڭ ئارىسىدىكى كەسپ ۋە ۋەزىپە جەھەتتىكى پەرقىنى بىرسىنىڭ يەنە بىرىدىن ئارتۇق بولغانلىقى دەپ دەۋا قىلسا بۇنى ھېچكىم قوبۇل قىلمايدۇ.  چۈنكى بۇلارنىڭ بىرى قىلغان ئىشىنى يەنە بىرى قىلالمايدۇ. بۇ ئىككىلىسى بىر- بىرىنى تولۇقلايدۇ. جەمئىيەت ھەر ئىككىسىگە موھتاجدۇر.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنۇ ھەدىسنى خۇيمۇ توغرا ئېيتقان: ئاياللار ئەرلەرنىڭ بىر تۇققانلىرىدۇر.   تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

يەنە ئەر ۋە ئايال ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ۋە ئوخشىماسلىقلارنى ئانالىز قىلغان كىشى ئەرنىڭ قانداق بىر ھەققى بولغان بولسا ئايال كىشىنىڭمۇ شۇنىڭ مۇقابىلىدە بىر ھەققى بارلىقىنى كۆرەلەيدۇ. مەسىلەن: تالاق قىلىش ئەرنىڭ ھەققى، ئۇنىڭ مۇقابىلىدە ئايال كىشىنىڭ ئەرگە مەھرىنى قايتۇرۇپ بېرىپ ئاجرىشىش ھەققى بار.  ئايال كىشى تالاق قىلىش ھوقۇقىنىڭ ئۆز قولىدا بولۇشىنى شەرت قىلسا جايىز بولىدۇ.
ئايال كىشىنىڭ ئەرگە ئىتائەت قىلىشىنىڭ ۋاجىبلىقى، بۇنىڭ مۇقابىلىدە ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا چىرايلىقچە مۇئامىلە قىلىشىنىڭ زۆرۈرلىكى تۇرىدۇ.

شۇنىڭدەك بۇنىڭدا ئىسلامنىڭ ھەر كەسپ ئىگىسىگە ئۆز كەسپىي بۇيىچە ئادىللىق بىلەن ۋەزىپە تەقسىم قىلغانلىقىنى، ھوقۇقلارنىڭ باراۋېرىدە باشقا ھوقۇقلارنى بەرگەنلىكىنى ۋە مەجبۇرىيەتلەر بىلەن ئىختىساس ئارىسىدىكى قالتىس ماسلىقنى  كۆرۈۋالالايمىز.
مانا بۇ ئادالەتنىڭ تەلىپى ۋە تەقەززاسىدۇر. شۇنداق،  ئەر كىشىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ قارشىسىدا ئائىلە ئىچىدىكى بارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولۇش ۋە يۈكىنى كۆتۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار. ئەر كىشىنىڭ مىراستىكى نېسىۋېىسىنىڭ ئارتۇق بولىشىنىڭ قارشىسىدا ئائىلىنىڭ نەپىقىسىنى كۆتۈرۈش مەسئۇلىيىتى بار.
سادىق ئىسمائىل تەرجىمىسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 04:00 , Processed in 0.046917 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش