يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 657|ئىنكاس: 4

نەۋرىزە: سىز تۇرمۇشقا چىقتىڭىز... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
61

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 23:34:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سىزتۇرمۇشقا چىقتىڭىز.....

ئائىلە بولسا جەمىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى. ئوخشىمىغان ئائىلىلەردە ئوخشىمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى بولىدۇ. بىر خىل قېلىپتا بولۇشى مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى ئادەملەرمۇ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، كىشىلىك قىممەت قارىشى جەھەتتە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بەزى ئادەملەر ياسالمىلىقنى ياخشى كۆرىدۇ. بەزى ئادەملەر خۇددى سۈزۈك ئەينەكتەك ھەممە ئىشتا ئوچۇق ئاشكارە بولىدۇ.شۇڭا باشقىلارغا بېرىدىغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا زىدىيەتسىز ئائىلە بولمايدۇ. ئائىلىمۇ زىدىيەت ئىچىدە مۇكەممەللىشىدۇ


توي قىلىش دىگەن سۆزنى چوڭلىرىمىز قىزلارنى بولسا << تۇرمۇشقا چىقتى>> ياكى << تۇرمۇشلۇق بولدى>> دەپ ئادەتلەنگەن . بۇ تولىمۇ پاساھەتلىك ئوخشۇتۇش. بۇ سۆزنىڭ دىيىلىشىدىلا ئۆي ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىنلا ھەقىقى تۇرمۇشقا قەدەم قويىدۇ، دىگەندىن بىشارەت بېرىدۇ . ئەرلەرگە بۇ سۆز ئىشلىتىلمىسىمۇ، ئەرلەرمۇ ئوخشاشلا شۇ تۇرمۇش قاينىمىدا شۇڭغۇيدۇ. ئۆي- ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن . تۈپتىن ئوخشىمىغان ئىككى ئائىلىدە چوڭ بولغان ئىككى ئادەم بىر ئۆيدە ياشاشقا باشلايدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدە ھەر ئىككىلىسى مۇھەبەتنىڭ كۈچى بىلەن شۇنداقلا يېڭىياچىلىقتا مىھمانلىق مىجەزى بىلەن ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ. ئەمما بىرەر بالىلىق بولغاندىن كېيىن ھەر ئىككىلىسىدە، مەلۇم دەرىجىدە پارتلاش يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭغىمۇ تۇرمۇشنىڭ بېسىمى سەۋەپچى بولىدۇ. بەزى ئادەملەر دەيدىكىن << بىز پەقەتلا سوقۇشۇپ قالمايمىز، بەك ئىناق ئۆتىمىز>> بۇ مۈمكىن ئەمەس، شۇنداقلا ھەم نورمال ئەھۋالمۇ ئەمەس. بۇنى پەقەت يۈزەكى ھادىسە دىيىشكە بولىدۇ.كېسىپ ئېيتىمەن، ئۇرۇش
تالاشنىڭ بولماسلىغى ھەرگىزمۇ ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ؟! ئۇرۇش جىدەلنىڭ دەرىجىسىمۇ شەكلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، كۆپەرەك گەپ تالىشىپ، ئۇرۇش تالاش قىلىدىغان ئەر- خوتۇنلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭلا ئىچى بەك كۈچلۈك بولۇپ بەزى مەسىلىلەردە بىرلىككە كېلالمايلا كۆپەرەك تاكالىشىپ قالىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن بۇلارنى بەخىتسىز ئەر- خوتۇنلار ياكى كۆڭۈلسىز ئائىلە دېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئىناق ئائىلە قۇرۇش، شۇنداقلا ئائىلىنىڭ شات- خۇراملىقى، جانىجان مەنپەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان موھىم مەسىلىلەردە بىرلىككە كېلىش مەسئولىيەتنىڭ بىر قىسمى، يەنى ئائىلىگە مەسئول بولغانلىق دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. بۇ ئائىلە ئۈچۈن پايدىلىق ئامىل بولۇپ ھېساپلىنىدۇ، تۇرمۇشتا بولىدىغان زىدىيەت ۋە تالاش -تارتىشلارنىڭ ھەممىسى يامان ئىش ئەمەس؟! جەمئىيەتمۇ زىدىيەت بىلەن تەرەققى قىلىدۇ، ئائىلىمۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ھۆجەيرىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇنداق بولىدۇ، يەنە بىر قىسىملار ئۆزلىرىنىڭ ئىشى بىلەن بولۇپ كېتىپ سوقۇشىدىغانغا ئەمەس بەلكى مۇڭدىشىدىغانغىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايدۇ. يەنە بەزىلىرى قېيدىشىپ قالسىمۇ، قارشى تەرەپنىڭ ناماقۇل بولىشى بىلەن، تېزلا ئوڭشۇلۇپ سوقۇشۇپ يۈرمەيدۇ، مەسىلىنىڭ نېگىزى ھەل قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن يەنە كۆكلەپ چىقىش ئېھتىماللىقى يوقىرى بولىدۇ. يەنە بەزى ئەر- خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ھېسىياتنىڭ سۇز بولىشى بىلەن، قارشى تەرەپنىڭ ئىشلىرىغا قىزىقمايدىغان، ھەم مۇڭداشمايدىغان، دائىم زىتلىشىپ، ئۆزىنى بۇرۇقتۇم قىلىپ يۈرۈيدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى سالامەتلىكە بەك زىيانلىق بولۇپ ،ئويلىمىغان يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن. تالاش- تارتىش بولۇپ تۇرۇشىنى ياخشى ئىش دىدۇق، بىراق بۇ تالاش- تارتىشمۇ چەكتىن ئېشىپ كەتسە يەنە بولمايدۇ؟! تالاش- تارتىشلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەش مەخسىدىدە ئەمەس، پاكىت سۆزلەپ قايىل قىلىش ئۇسۇلى بويىچە، كۆرۈلگەن مەسىلىنى ھەل قىلىش مەخسىدىدە بولىشى لازىم. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەر خوتۇن ئۇرۇشۇپ قالغاندا، ئاداۋەت ساقلىماسلىق، بىر- بىرىنىڭ غورورىغا تېگىدىغان ئەدەپ- ئەخلاققا زىت يامان سۆزلەرنى قىلماسلىق كېرەك. چۈنكى ھەر ئىككىسى يەنىلا بىر ئۆيدە ياشايدۇ ئەمەسمۇ؟ شۇنداق قىلغاندىلا، زىدىيەت ئىچىدىن ئورتاقلىقنى ئىزدەپ، ئائىلە تۇرمۇشىدا ئىناق ئۆتكىلى بولىدۇ؟! تۇرمۇشلۇق بولغان ئىكەنسىز ، تۇرمۇشنى تولۇق چۈشىنىشىڭىز. ھايات كۆچۈرىۋاتقان ئاددىي كەپىڭىزنى بوران چىقسا ئۇچۇپ كېتىدىغان
شاختا ياسىماي، مەزمۇت پولات- سىملار بىلەن مۇستەھكەم قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىڭىز كېرەك. مانا بۇ مەسئولىيەت جۈملىسىدىندۇر!!!!

ئاپتورى: نەۋرىزە


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
232 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 00:43:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشىمىزدىكى بەزىبىر كىچىك تالاش تارتىشلار ئەمەلىيەتتە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش دەپ قارايمەن ، ئىچىمدىكىنى بىلىدۇ ، مېنى چۈشىنىدۇ دەپ ھەممىنى ئىچىگە سىغدۇرۇپ يۈرۈپ ئاخىرى نەدىكى بىر كىچىك ئەرزىمەس ئىشلار سەۋەبلىك چوڭ جىدەللەر چىقىپ كېتىدۇ ...شۇڭا تۇرمۇشتا نورمال تالاش-تارتىش بولۇپ تۇرغانمۇ ياخشى ئىش

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 08:27:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا تالاش- تارتىش بولمايدىغان، كۆلنىڭ سۈيىدەك تىپتىنچ تۇرمۇشنىڭ بەختلىك بولۇشى ناتايىن، مېنىڭچە ئەنە ئەشۇنداق دە-تالاشسىز تىپتىنچ تۇرمۇشنىڭ ئۇلى بەك بوش بولىدۇ.
ماڭا :
تۇرمۇشلۇق بولغان ئىكەنسىز ، تۇرمۇشنى تولۇق چۈشىنىشىڭىز. ھايات كۆچۈرىۋاتقان ئاددىي كەپىڭىزنى بوران چىقسا ئۇچۇپ كېتىدىغان
شاختا ياسىماي، مەزمۇت پولات- سىملار بىلەن مۇستەھكەم قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىڭىز كېرەك. مانا بۇ مەسئولىيەت جۈملىسىدىندۇر!!!!

------------
بۇ جۈملە بەك يارىدى!

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 11:02:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش بىر جانان چىنىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا دەز كەتتىمۇ ئەسلىگە ئەكەلمەك بەك قىيىن، شۇڭا بۇ جانان چىنىنى باشتىن ئاخىر ئاسىرىغاندىلا ئۇ قەدىر- قىممىتىنى مەڭگۈ يوقاتمايدۇ.
كىچىككىنە ئىشلارغا زىغىرلاپ، ئۆتكەن ئىشلارنى تەگەۋەرسە بەلكىم ئاخىرقى ھېساپتا ئۆزىمىز ئويلاپ باقمىغان كۆڭۈلسىز ئاقىۋەت يۈز بېرىشى مۆمكىن.
ئەمەليەتتە، ئەر- ئايال ئىككىلىسىنىڭ نىشانى بۇ ئائىلىنى قوغداش بولسىمۇ، لېكىن بەزىدە ئۇسۇلنىڭ توغرا بولماسلىقى سەۋەپلىك، ئەكسىچە نەتىجە چىقىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس، شۇڭا ئامال بار ئىككىلا تەرەپ كەڭ قورساق بولۇش كېرەك. بولۇپمۇ چېچى قىسقا ئەقلى ئۇزۇننننننن، كەڭ قورساق، بىزنىڭ يېرىم دۇنيارىمىز، بىزنىڭ يۆلەنچۈكىمىز بولمىش ئەرلىرىمىز بىز ئاياللارنى توغرا چۈشىنىشىنى، ئۇلارنى بەكرەك ئاسىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلەيسەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 11:02  


باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى 12:07:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلىنى قوغداش ،ئۇنى مۇكەممەل قىلىشتا ئەر ئايال ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى بار .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 02:17 , Processed in 0.071788 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش