يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1921 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1114|نەقىل: 10

گۈلدىن گۈزەل-ئېلزابىت تايلور [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 12:07:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


گۈلدىنمۇ گۈزەل-ئېلزابىت تايلور



رەڭسىز رەسىمدىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ بىر-بىرلەپ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىشى بىلەن ھوللىۋودنىڭ ئالتۇن دەۋرى بارا-بارا ئاخىرلىشىۋاتقاندەك ھېس قىلماقتىمىز. بىز ياخشى كۆرىدىغان كىنو چولپىنى ئىلزابىت تايلورنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ
ئىلزابىت تايلور يۈرەك زەئىپلىكى سەۋەبىدىن 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئالەمدىن ئۆتۈپ، خېلى بىر مەزگىل جىمىپ كەتكەن سەنئەت ساھەسىنى تىترەتتى. كىشىلەر ئۆزى بىلىدىغان سۆزلەر بىلەن ئۇنى گۈزەللىك، سالاپەت ۋە تالانتتا تەڭدىشى يوق، دەپ تەرىپلەشتى.
خۇددى بەزىلەر تۇغۇلۇشىدىنلا ئۇسۇلچى بولۇپ تۇغۇلغانغا ئوخشاش، ئىلزابىت تايلورمۇ تۇغۇلۇشىدىنلا چولپان بولۇپ تۇغۇلغان، ھەرگىزمۇ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ چولپان بولۇپ قالغان ئەمەس. ئۇنىڭ ئانىسى تولىمۇ تەلەپچان ئايال بولۇپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت ساھەسىدە ئىشقا ئاشۇرالمىغان ئۈمىدىنى قىزىغا باغلىغان ئىدى. ئۇ ئىلزابىت تايلورغا ئۇسۇل ئويناشنى، ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەتتى، يەنە تېخى مېڭىش-تۇرۇش، گىرىم قىلىشنىمۇ ئۆگەتتى. لېكىن قاتتىق باشقۇرۇلۇش ۋە ئەيىبلەش ئىلزابىت تايلوردا كىچىكلا تۇرۇپ شان-شەرەپكە ئىنتىلىش ئىستىكى پەيدا قىلدى.
ئىلزابىت تايلور 12 يېشىدىلا «گۈزەل قىز ۋە سېھىرلىك تايچاق» فىلىمى بىلەن داڭق چىقاردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىلزابىت تايلور قانۇنىيەت بويىچە «ئوماق چولپان» بولمىدى، ئۇ ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈرەكلىك ھالدا مودا كىيىملەرنى كىيىپ، بىغۇبار قىزلىق ئوبرازىنى پۈتۈنلەت ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. چۈنكى ئىلزابىت تايلورغا نىسبەتەن «ئۆزى» ئەڭ مۇھىم ئىدى.
ئىلزابىت تايلور رەڭگى-رۇخساردا تەڭدىشى يوق گۈزەل قىز بولۇپ چوڭ بولدى. لېكىن لوڭقىغا تىزىپ «قويۇلىدىغان گۈل» بولۇشنى خالىمىدى. پاۋىل نېۋمان، جامېس دېئان قاتارلىق چولپانلار بىلەن ھەمكارلاشقاندىمۇ قىلچە تەپتارتمىدى. ئۇ نۇرغۇن ئوسكار ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئاخىرى 1960-يىلى «پاھىشەخانىدىكى ساھىبجامال» فىلىمىدىكى مۇكەممەل ئىپادىسى بىلەن ئوسكار ئەڭ ياخشى ئايال رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
شۇنىڭدىن 6 يىل ئۆتۈپ، ئىلزابىت تايلور «ئۇنتۇلماس كېچە»فىلىمى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم دۇنيا ئىكرانچىلىقىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ئۇ ئىككى ئالتۇن ئادەم يەنى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئىلزابىت تايلور جەلپكار نوقتىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ جەلپكارلىقى بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى. ئىلزابىت تايلور غايەت زور مەبلەغ سېلىنغان «مىسىر خانىشى» فىلىمىدە خانىشنىڭ رولىنى ئالدى. بۇ فىلىم تايلورنى ھوللىۋودتىكى ئىش ھەققى بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان ئايال ئارتىسكا ئايلاندۇردى.
ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، كىشىلەر ئىلزابىت تايلورنى بۇ فىلىمدە ئالغان رولىدىكىدەك چۈشىنەتتى. ئۇنىڭ خانىشقا خاس لىباسى، بېشىغا تاقىۋالغان ئالتۇن تاجى، جەلپكار تەبەسسۇم بىلەن بېقىشلىرى ئادەمنى بىھوش قىلاتتى. بۇ فىلىم 20-ئەسىردىكى تىلكېنى بىراقلا يەرگە ئۇرغاندەك بولدى. لېكىن تايلورنىمۇ بوش قويۇۋەتمىدى: كىشىلەر ئىلزابىت تايلوردىن قۇسۇر ئىزدەشكە باشلىدى. لېكىن تايلور ھەر خىل ئەيىبلەشلەرگە پىسەنت قىلماي، داۋاملىق «ئۆزى»نى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ياشاۋەردى.
ئىلزابىت تايلور تاماشىبىنلارنىلا ئەمەس مۇھەببەت ئىلاھىنىمۇ ئۆزىگە رام قىلغان بولسا كېرەك، ھاياتىدا 8 قېتىم توي قىلىپ، 7 ئەر بىلەن ئۆي تۇتتى. بەزىلەر ئۇنى كىنو ئىشلىگەندىن باشقا ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى مۇھەببەتلىشىش بىلەن ئۆتكۈزگەن دېيىشىدۇ.
«مىسىر خانىشى» فىلىمى ئۇنىڭغا چىن مۇھەببەت ئاتا قىلدى. فىلىم ئىشلەش داۋامىدا ئىلزابىت تايلور بىلەن باش ئەر رولچى رىچارد بۇرتون ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەت ئوتى تۇتىشىپ، بىر مەھەل سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ قىزىق پاراڭ نۇقتىسىغا ئايلاندى. رىچارد بۇرتون تايلورنىڭ 5-ئېرى ئىدى. ئىلزابىت تايلورنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى نىكاھى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانىدى. 1949-يىلى 18 ياشقا كىرگەن ئىلزابىت تايلور ھېلتون مىھمانسارىيىنىڭ ۋارىسى نىك ھىلتون بىلەن توي قىلدى. بۇ توي تولىمۇ ھەشەتمەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئىككىيلەننىڭ مىجەزى كېلىشەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئاران 8 ئاي داۋاملىشىپ ئاخىرلاشتى.
بىر يىلدىن كېيىن تايلور ئەنگلىيەلىك كىنو ئارتىسى مىخايىل ۋىلدىڭ بىلەن توي قىلىپ، ئىككى پەرزەنتلىك بولدى. لېكىن كىنو سودىگىرى مىكې تودنىڭ تايلورغا بولغان ئاشىق-بىقارارلىقى سەۋەبىدىن بۇ نىكاھمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى. مىكې تود بىر ئايدىلا تايلورنى قولغا كەلتۈرۈپ توي قىلىۋالدى. بۇ ۋاقىتتا تايلور 25 ياشتا، مىكې تود 52 ياشتا ئىدى. بۇنچە چوڭ ياش پەرقى ئىككىيلەن ئوتتۇرىدىكى مۇھەببەتكە قىلچە تەسىر يەتكۈزەلمىدى. ئۇلارنىڭ مىجەزى، قىزىقىشى ئوخشىشىپ كېتەتتى. توي قىلغاندىن كېيىن تولىمۇ ئېجىل، ئىناق، كۆڭۈللۈك ئۆتتى. بەختكە قارشى، مىكې تود بىر قېتىملىق ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلىپ، تايلورنى ھەسرەتتە قويدى. تايلور خېلىغىچە ئېسىگە كېلەلمىدى.
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ئىلزابىت تايلورنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى دېببى لونارد ئېرى ئېددى فىشېر بىلەن بىرگە داۋاملىق ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن يوقلاپ باراتتى. نەتىجىدە ئىلزابىت تايلور بىلەن ئېددى فىشېرغا مۇھەببەت ئوتى تۇتىشىپ، زامانىسىدا ھوللىۋودتىكى داڭلىق «ئۈچ بۇرجەك مۇھەببەت» مەيدانغا كەلدى. تايلورمۇ 3-شەخس سالاھىيىتى بىلەن ھەر خىل سۆز-چۆچەكتىن قۇتۇلالمىدى. لېكىن ئۇ ھىچ نېمىگە قارىماي، ئېددى فىشېر بىلەن توي قىلىۋەردى.
ئىلزابىت تايلور 5-قېتىم يەنە رىچارد بۇرتون بىلەن توي قىلىپ، 10 يىل ئۆي تۇتتى، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان نىكاھى بولدى. ئىككىيلەن بىرلىكتە 11 فىلىمدە رول ئالدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلزابىت تايلورنى «ئالتۇن ئادەم» مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرگەن «ئۇنتۇلماس كېچە» مۇ بار. شۇ زامانلاردا ئىككىيلەن ھوللىۋودنىڭ چولپانلىرى ئىدى. ئەپسۇس، ئىككى قېتىم توي قىلىپمۇ ئاخىرىنى چىقىرالمىدى.
ئىلزابىت تايلور شۇنىڭدىن كېيىنمۇ چىن مۇھەببەت ئىزدەش قەدىمىنى توختاتمىدى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سىياسىيون جون ۋارنېر، قارا ماشىنا شوپۇرى فۇتانىسكى بىلەن توي قىلدى. بۇ نىكاھىمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.
ئىلزابىت تايلورنىڭ 8-قېتىملىق نىكاھى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ جەلپكار نۇقتىسىغا ئايلاندى ھەم نۇرغۇن تالاش-تارتىش، مۇنازىرە قوزغىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ چىن مۇھەببەتكە بولغان تەلپۈنۈشى ھەممە كىشىنى تەسىرلەندۈردى. ھەر قېتىم ھىچ ئىككىلەنمەستىن قويىۋېتەتتى-يۇ يەنە ھىچ ئىككىلەنمەستىن مۇھەببەت قوينىغا ئۆزىنى ئاتاتتى، ھەتتا يېشى خېلى بىر يەرگە بېرىپ، چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەندىمۇ خۇددى ياش قىزلاردەك ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ياشاۋەردى. ئۇنىڭ سۆيىدىغىنى ھەر خىل تۈردىكى بۇ 7 ئەر ئەمەس، بەلكى چىن مۇھەببەتنىڭ ئۆزى بولسا كېرەك!
- مېنىڭ ئاياللارغا خاس جىسمىم، بالىلارغا خاس قەلبىم بار، دەيتتى ئىلزابىت تايلور.
ئىلزابىت تايلورنىڭ تىرىشچانلىقى مۇھەببەتتىلا ئەمەس، بەلكى سەنئەت ھاياتىدىمۇ گەۋدىلەندى. ئۇ 49 ياشقا كىرگەندە دىراما ئويناشنى قارار قىلدى. شۇ زامانلار درامىچىلىقنىڭ بازىرى كاساتلاشقان ۋاقىتلار ئىدى. شۇنچە جاپادا تەييارلانغان دىراما تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈدىغان ئوبزورچىلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا بىت تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان بىرنېمىگە ئايلىنىپ قالاتتى. خېلى داڭلىق دىراما ئارتىستلىرىنىڭمۇ بىرەر دىراما بىلەنلا ئابرۇيى تۆكۈلۈپ كېتەتتى. شۇڭا كۆپ ساندىكى كىنو ئارتىستلىرى دىرامىدا رول ئېلىشنى خالىمايتتى.
- بۇ ھاياتىمدا تەۋەككۈل قىلىپلا ئۆتكەنمەن، دەيدۇ ئىلزابىت تايلور ئۆزىنىڭ رول ئېلىش قارارىغا گۇمان بىلەن قارىغانلارغا. تەڭرى تەۋەكۇلچىلارغا ئوڭ كۆزى بىلەن قارايدىغان ئوخشايدۇ، ئىلزابىت تايلور رول ئالغان «كىچىك تۈلكە» ناملىق درامىنىڭ ھەر مەيدانى ئادەم بىلەن تولۇپ، رېكورت ياراتتى.
ئۇ ئۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ، تىنچلىق تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇرۇشقا قارشى قىلغان سۆز-ھەرىكەتلىرى ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قىلغان بولسىمۇ ئۇ نىيىتىدىن يانمىدى. ئۇ ئاق كۆڭۈل، مېھرىبان بولۇپ، پۈتۈن ھاياتىنى خەيرى-ساخاۋەتكىلا ئاتىغاندەك قىلاتتى.
- بۇ دۇنيادا سىز قۇربىڭىزنىڭ يېتىشىچە باشقىلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېتىشىگە ياردەم بەرسىڭىز، باشقىلارمۇ يەنە باشقىلارغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز مۇراد-مەقسىدىمىزگە يېتىمىز، دەيتتى ئىلزابىت تايلور.
ئۇنىڭ غەيرىتىگە ئالەم قايىل، ئۇ ئۆمرىدە 10 قېتىمغا يېقىن ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان، 7 قېتىم ئۇ ئالەمگە كەتكىلى تاس قالغان، ئاخبارات ۋاستىلىرى نۇرغۇن قېتىم «قۇتقۇزغىدەك ئامال قالمىدى» دىگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ خەۋەر بەرگەن ئىدى. لېكىن ئىلزابىت تايلور كېسەلنىمۇ يەڭدى، سۆز-چۆچەكنىمۇ يەڭدى. ئۇ ھامان شۇنچە مەغرۇر كۈلۈپ تۇراتتى.
- مەن بۇ دۇنيانىڭ ھالاۋىتىدىن ھۇزۇرلىنىشتىن ئۆلگەندە توختايمەن، دەيتتى ئىلزابىت تايلور.
ئاجايىپ بىر خىل غەيرەت-شىجائەتكە باي ئىلزابىت تايلور ئۆرۈپ-ئادەت، غەيۋەت-شىكايەتنىڭ قۇربانى بولمىدى. پۈتۈن ئالەمنىڭ كۆزى تىكىلىپ قاراپ تۇرسىمۇ خالىغىنىنى قىلىۋەردى. تاماشىبىنلارغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ھەرىكەت قىلمىدى.
- ئىلزابىت تايلورنىڭ رولىنى مەندىن باشقا ئادەم ئالالمايدۇ، دەيتتى ئۇ.



















٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-05-14)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

Rank: 3Rank: 3

توردا
103 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
323
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 12:18:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  بۇ خېنىمنى  ياقتۇرىمەن ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ :« مېنىڭ ئاياللارغا خاس جىسمىم، بالىلارغا خاس قەلبىم بار » دىگەن سۆزىنى  ياقتۇراتتىم :P:P

Rank: 8Rank: 8

توردا
220 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
445

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:04:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇماقالىنىڭ تەرجىمە تىلى بەكلا راۋانكەن.ھەر بىر سۆز،ھەربىر جۈملىسىنى ئوقۇپ پۇخادىن چىقتىم.ئۇنى مەنمۇ ياقتۇراتتىم،قېرىغاندىكى بىر پارچە سۈرىتىنى كۆرۈپمۇ«ئەجەپ يىقىملىق قېرىپتۇ»دەپ قالغىنىم ئىسىمدە.....
مۇنبەردىكى خانىم قىزلارغا ئۇنىڭدەك ياشاش نىسىپ بولمىسىمۇ،ئۇنىڭدەك قېرىش نىسىپ بولغاي.....:lol

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 17:26:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرايلىق ئايال جۇمۇ بۇ ...مەنمۇ بەك ياقتۇرىمەن بۇ ئايالنى ، بولۇپمۇ مىسىرخانىشى دىگەن كىنودا بەك چىرايلىق چىققان

بۇ رەسىمنى ئەڭ ياقتۇرىمەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 17:28  


جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1430 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 21:02:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ خېنىمنىڭ ئۆلۈمىدىن بىخەۋەر ئىكەنمەن، دىسە:L.
مەن بىر نەچچە كىنۇسىنى ياقتۇرۇپ كۆرەتتىم، ئاھۇ دىگەندەك قېرىغاندىمۇ جەزبىدارلىقىنى ساقلاپ قالغان ئايال ئىدى بۇ، مۇنبەردە ئانىرىمدىن باشقا ئادەمگە بۇ خانىمدەك قېرىش نىسىپ بولماسمىكىن دەيمەن:lol

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 8Rank: 8

توردا
220 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
445

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 21:11:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى چىداپ بىر كەڭ قوساقلىق بىلەن ئانارغا يول قويۇپتۇ ئاخىر:lol

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1430 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 21:22:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھۇ يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 21:11
مەرۋەرى چىداپ بىر كەڭ قوساقلىق بىلەن ئانارغا يول قويۇپ ...

ئانىرىم بىلىدۇ، مەن قولۇم يەتمەيدىغان نەرسىلەرگە ، مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارغا زىنھار ئۆزۈمنى ئاۋارە قىلمايمەن:lol

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 00:05:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھۇ يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 21:11
مەرۋەرى چىداپ بىر كەڭ قوساقلىق بىلەن ئانارغا يول قويۇپ ...

شۇنى دەڭە ھەدە ...كۆزلىرىمنى ئۇۋۇلاپ ، ئۇۋۇلاپ قايتىلاپ ئوقۇپ كەتتىم ئۇ ئىنكاسنى :P

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 00:07:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن مەرىمنىڭ دىگىنىگە ئىقرارمەن ...كۆڭلۈم سەبىيلىكىنى پەقەتلا يوقاتمايدۇ ...

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 11:07:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن گەرچە چەتئەلنىڭ ئارتىسلىرىغا قىزىقىپ كەتمىسەممۇ ۋە ئۇلارنىڭ تونۇپ كەتمىسەممۇ، ئەمما بىر نەچچىسى بار ھەر ھالدا بىلىمەن، شۇلارنىڭ قاتارىدا بۇ گۈزەل نازىنىنمۇ بار.
مەن بۇ رەسىمدىكى ئوبرازىنى بەك ياقتۇرىمەن، ئىشقىلىپ ھەممىلا يېرى شۇنداق كەلگەن. كۆزلىرى كۈلۈپلا تۇرىدۇ كاساپەتنىڭ:P

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 20:47 , Processed in 0.132879 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش