يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1103|ئىنكاس: 27

مۇنداق گەپنى ئاڭلىغانمۇ سىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
118
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 19:51:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     قەدىرلىك خانىم - قىزلار سىلەر مۇنداق گەپنى ئاڭلىغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئىنكاسىڭلار قانداق بولار؟
مەن بۇ گەپنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا، شۇ بىر ئېغىز گەپنى قىلغان كىشىنى بىر كاچات سىلىپ سەگىتىپ قويغۇم كېپكەتتى، چۇنكى تاسادىبىي  بۇنداق گەپنىڭ قۇلۇقۇمغا كىرىپ قىلىشى شۇ دەقىقىدە مىنىڭ قاتتىق غەزىپىمنى قوزغىغان، بىراق يەنىلا ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇدە-!  شۇڭا ، يولۇمغا كىتىۋەردىم. گەرچە بۇ ئىشقا خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ھەر ۋاقىت مىنىڭ خىيالىمنى بۆلىدۇ. شۇڭا مەن مۇنبەردە ئورتاقلاشماقچى بولدۇم.
     فېۋرال ئايلىرىنىڭ بىرىدە مەن يولدا كىتىۋىتىپ،  بىرىنىڭ (ئوغۇلنىڭ- قىزغا)، "ئايال كىشى دىگەن ئەرنىڭ چەت قوۋۇرغىسىدىن تۆرەلگەن، ئەر دىگەن ھامان ئەر، ئايال كىشىدىن ھامان ئۇستۇن تۇرىدۇ، سەن ھەر قانچە پادىشاھ بوپ كەتسەڭمۇ ھامان ئايال، ماڭا يىتەلمەيسەن، سەن دائىم ئەرلەر بىلەن ئاياللار باراۋەر دەيسەن، لىكىن مەڭگۇ باراۋەر بولالمايسەن شۇنى ئۇقىۋال.  شۇڭا مەن بىلەن باراۋەرلىك تالىشىمەن دىمەي مىنىڭ  گىپىمنى ئاڭلايسەن، مەن بىلەن تەڭ تۇرمايسەن."  دىگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم.  ئىشتىن يىنىپ ھېرىپ ئاران كىتىۋاتقاندا بۇ گەپ مىنىڭ نېرۋامغا بەك تەگدى، شۇ دەقىقىدە ماڭا بۇ گەپ، خۇددى ئاياللارنى پەس كۆرگەندەك، ئاياللارنى ياراتمىغاندەك، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى پەرۋايىغا ئالمايۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇنداق ئەرلەرگە ئۆچ بولدۇم.
     قولۇمغا كاناي ئېلىپ شۇ "ئەرلىك ئىددىيىسى" كۇچلۇك ، "ئۆزۇمچىللىك" ى كۇچلۇك، ئاياللارنى پەس كۆرىدىغان ئەرلەرگە: " سەنمۇ شۇ ئايال تەرپىدىن تۇغۇلغان، سىنىڭمۇ ئاناڭ، ئاچا-سىڭىللىرىمۇ بىر ئايال، ئاياللار بولمىسا ئىنسانىيەت مەۋجۇت بولمايدۇ، ئايال دىگەن يىرىم دۇنيا، ئايالسىز ئۆي گويا زىمىستان!" دىگۇم كىلىدۇ.
     مەن 26 يىللىق ئۆمرۇمدە ئۆزۇمنىڭ بىر قىز بولۇپ تۇغۇلغانلىقىمىغا ئەزەلدىن پۇشايمان قىلىپ باقمىغان، ئەكىسچە بىر قىز،  بىر ئايال بولغىنىمدىن پەخىرلىنىپ ياشاپ كىلىۋاتىمەن.ئ ەمما بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا بۇنداق ئەرلەرنىڭ يەنىلا بارلىقىنى ئويلىماپتىمەن.
     مۇنبەردىكى خانىم-قىزلىرىمىز يۇقارقىدەك گەپلەرگە قانداق قارايدىغاندۇ؟ بەكمۇ بىلگىم بار، شۇ مەقسەتتە بۇ تېمىنى يوللىدۇم. ئەركىن پىكىرلىشىپ باقساق...

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
216
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:38:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلار....قىزلىق بەدىلىگە ئايال بولىدۇ.ئايال توققۇز ئاي توققۇز كۈن قۇرساق كۈتۈرۈپ.....ئۇ دۇنيانىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇغۇت جىڭى قىلىش بەدىلىگە پەرزەنت يۈزى كۆرۈپ ئانا...............دىگەن تاجىنى كىيىدۇ.
كىسىپ ئېيتالايمەنكى.........مۇھەببەت.....قىزلارنىڭ قەلب سارايلىرىدا،كۆڭۈل باغچىلىرىدا،يۈرۈكىنىڭ چوڭقۇرقاتلاملىرىدا،قىتىقتەك ئۇيىغان ئېلاستىكىلىققا ئىگە يۇمران يۈزلىرىدە،ھال -رەڭ ئەتىرگۈلنىڭ ياپراقچىسىدەك لەۋلىرىدە،تۇرغۇن يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرغان نۇرانە بىر جۈب ئوتلۇق كۆزلىرى ئارقىلىق  مانا مەن بۇ يەردە دەپ  جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.
ياراتقۇچى ئۇلۇغ تەڭرىم ئالدى بىلەن ئادەم ئاتىنى يارىتىپ،ئاندىن كىيىن ئادەم ئاتىنىڭ قوۋرىغىسىدىن ھاۋا ئانىنى ياراتتى.
ئەمما شۇ نىسى ئىنىق بولسۇنكى.........ئاياللارنى تۈۋەن كۆرۈش،ئاياللارنى ھاقارەتلەش،ئاياللارنى ئەقىلسىز دىيىش......بۇ ،يوقۇتۇش ۋە يوقۇلۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس!
بىز يىگىت-ئەرلەر ،قىز -ئاياللارنى......ئۇنداق-بۇنداق دىيىشكە سالاھىيىتىمىز توشمايدۇ.چۈنكى بىز تامنىڭ تۈشىكىدىن چىقمىدۇق،بەلكى بىز ئەڭ ئالىي ئىلغار ماشىنا بولغان ئانىلىرىمىزنىڭ قۇرسىقىدىن چۈشتۇق.
شۇڭا بىز يىگىت-ئەرلەر.........قىز-ئاياللىرىمىزنى،جان پىدالىق بىلەن ئەزىز جىنىمىزدىنمۇ تۇتىيا بىلىپ قوغدايلى،ئاسىرايلى،ھۆرمەتلەيلى،ئىززەتلەيلى، بىششىمزغا ئىلىپ كۆتۈرەيلى!پاك ۋىجدان غۇرۇرىمىز،چىن-مۇھەببەت چىن سۆيگۈمىز بىلەن كۈيەيلى ۋە سۆيەيلى،ئۇلار بىزدىن پەخرىلەنسۇن!بىز گە ئىشەنسۇن! مەدەت بەرسۇن!چۈنكى ئۇلار مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئانىسى،كۈچ-قودۇرتى،شاھى-سۇلتانى،تاجى-تەختىدۇر!
كىچىك بولساممۇ ئالدىڭىزلاردا تەنتەكلىك قىلىپ قويدۇم گۇناھىمدىن ئۆتكەيسىزلەر.‹توغرا بولسا قوبۇل قىلىڭىزلەر،خاتا بولسا ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋىتەرسىزلەر›!




Rank: 2

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
118
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 22:18:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقەي،نەدىمۇ ئۇنداق بولسۇن.ناۋاتتەك ئۇنچىلىرىڭىز بىلەن دىلىمىزنى سۆيۇندۇردىڭىز،شاتلاندۇردىڭىز.ھەممە كىشى سىزدەك قارىغان ئويلىغان بولسا دۇنيا بىز ئۇچۇن جەننەت كەبى بولاتتى.
مەن «ياراتقۇچى ئۇلۇغ تەڭرىم ئالدى بىلەن ئادەم ئاتىنى يارىتىپ،ئاندىن كىيىن ئادەم ئاتىنىڭ قوۋرىغىسىدىن ھاۋا ئانىنى ياراتتى.»نى ئېنكار قىلماقچى ئەمەس،ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن قىز-ئاياللارنى كەمسىتىش توغرا ئەمەس.

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 22:33:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىلەر ...مەن 30ياشنىڭ  قارىسىنى ئېلىپلا 2بالىغا ئانابولدۇم ..ئانابۇلۇش ئنتايىن قىيىن ئكەن، بەكمۇ-بەكمۇقىيىن ئكەن  .ئانابولغۇچى بالىسىدىكى كىچىككىنە ئوزگۇرۇشنى ھەم بالىسىنڭ كىچىككىنە بىر يىرىنىڭ ئاغىرغىنىنى بايقىسا يۇرۇكىگە پىچاق تىققاندەك تۇرالماي كىتىدىكەنمىز ،ئەمما  دادابولغۇچى......... بۇدۇنيادا كىمنىڭ  ئانىسى يوق ، ئانا دۇنيادا ھەممىدىن ئۇلۇغلىنىشقا تىگىشلىك ،دىمەك خۇتۇن دىگەن ئانىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى ئۇسىزنىڭ ئومۇرلۇك ھالال جۇپتىڭىز  ئۇسىز بىلەن جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بۇلىدۇ .ئۇسىزنىڭ كۇيۇنىشىڭىزگە ۋەمىھرى مۇھابىتىڭىزگە تولىمۇ مۇھتاج

Rank: 4

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
102
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 01:55:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
چىنسوزلۇك بول !!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 12:35:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە  بۇ قاراشتىكىلەر ناھايىتى  ئاز  ساننى  تەشكىل  قىلىدۇ  ، بولۇپمۇ  تەرەققىيات  قەدىمى  بىلەن  بىللە  كىشىلەرنىڭ  ئاڭ  سەۋىيە ، ساپاسىمۇ  بىللە تەرەققى  قىلدى ، بىز  ئاياللار جەمىيەتتە ، ئائىلىدە تىگىشلىك  ئورنىمىزنى  تېپىش  بىلەن  بىللە ، ئۆزىمىزنىڭ ئەرلەر  بىلەن ئوخشاش ئىجتىمائى  قىممەت  شۇنداقلا  مەنىۋى  قىممەت يارىتالايدىغىنىمىزنى نامايەن  قىلدۇق ، ھەتتا  بىر  قىسىم  ئاياللىرىمىز ئەرلىرىمىزدىن ئېشىپ  چۈشتى ، بۇنى سىز  بىز  ئاغزىمىزدا  دىيىشىمىز  ھاجەت ئەمەس ، جەمىيەت  خەلق كۆرۈپ  ئۇلارغا توغرا  باھالارنى  بەردى بېرىۋاتىدۇ.........
يۇقىرىدىكى  دوستىمىز ئېيىتقاندەك تالىشىش  نە  ھاجەت ؟؟؟  ھەممە  ئۆز  ئورنىنى ، مەجبۇرىيەت  ، ۋەزىپىلىرىنى تونۇپ  يېتىپ ئەشۇلارنىڭ  ھۆددىسىدىن چىقسىلا  ، ئەر  ئەردەك ، ئايال  ئايالدەك  بولسا  بولمىدىمۇ ......

Rank: 8Rank: 8

توردا
207 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
392

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:25:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر ئادەم ئۈزىنىڭ ھۆرمىتىنى، قەدىرىنى ئۈزى تاپىدۇ. باشقىلار بەرمەيدۇ .
ئاياللار ئايال بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلۇغ ياكى خار ئەمەس، ئەرلەرمۇ ئەر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئايالدىن ئۈستۈن ياكى تۈۋەن ئەمەس.
ھەر بىرئادەمنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى،ئەخلاقى،  تەربىيسى ئۇنىڭغا يا ھۆرمەت بىرىدۇ يا خارلىق بىرىدۇ.
ئاشۇ قىزمۇ شۇ گەپنى ئاڭلىغۇدەك بىرەر خاتا ئىش قىلمىغان بولسا ئۇ يىگىتمۇ ئۇنداق دەپ يۈرمەس ئىدى . . . دىمەك ئىززەت ياكى خارلىق ئۈزۈمىزنىڭ قۇلىدا .

Rank: 1

توردا
15 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
37
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 16:39:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئاللاھ ئەرلىرىمىزنى بىر قېتىم تۇغىدىغان قىلىپ ياراتقان بولسا ئىدى ،ئەرلىرىمىز ئاياللىرىمىزنى خارلىمىغان بۇلاتتى ››دىگەن جۈملىلەرنى كۆرگىنىم ھېلىمۇ ئىسىمدە .....
دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى نىسپىيلىككە ئىگە ،مۇتلەق ئىش يوق ،شۇنىڭدەك ھەممە ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ ،سىز ئايال بۇلۇپ يارالغانلىقىڭىزدىن پەخىرلىنىپ ياشاۋىرىڭ ،چۈنكى سىزنى ھەم بىزنى قەدىرلەپ ،ھۆرمەتلەپ ياشايدىغان ئەرلىرىمىز يەنىلا كۆپ ....چۈنكى ئۇلار ھەقىقىي ئەرلەر....

Rank: 8Rank: 8

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
156

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:22:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايال كىشى دىگەن ئەرنىڭ چەت قوۋۇرغىسىدىن تۆرەلگەن، ئەر دىگەن ھامان ئەر، ئايال كىشىدىن ھامان ئۇستۇن تۇرىدۇ، سەن ھەر قانچە پادىشاھ بوپ كەتسەڭمۇ ھامان ئايال، ماڭا يىتەلمەيسەن، سەن دائىم ئەرلەر بىلەن ئاياللار باراۋەر دەيسەن، لىكىن مەڭگۇ باراۋەر بولالمايسەن شۇنى ئۇقىۋال.  شۇڭا مەن بىلەن باراۋەرلىك تالىشىمەن دىمەي مىنىڭ  گىپىمنى ئاڭلايسەن، مەن بىلەن تەڭ تۇرمايسەن.

بۇ گەپنىڭ قىزىل رەڭدە بويالغان قىسمىنى ئىلىۋىتىپ، ئېرىڭىز ياكى ئوغۇل دوستىڭىز بىلەن خاپا بولۇشۇپ قالمىغان ۋاقىتتا ئاڭلىسىڭىز بەلىكىم سىزگە ئۇنداق قوپال ئاڭلانماسلىقى مۇمكىن. بەلىكىم يۇقىردا شۇ گەپنى قىلغان يىگىت مەلۇم بىر ئىشقا خاپا بولۇپ شۇنداق دېگەن بولۇشى مۇمكىن.
بىر ئەر ئۆز ئايالىنى، ياخشى كۆرگەن ئىكەن ھەرگىز ئايالىنىڭ ياكى قىز دوستىنىڭ خاتا يولغا مېڭىپ قىلىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا باشقۇرۇپ بەزى ئىشلاردىن چەكلىشى نورمال ئىش دەپ قارايمەن. خاتا يولغا مېڭىپ قىلىش،  شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىشتە ئاياللار ئاسانراق ئازىدۇ. شۇڭا قىز ئاياللارنى بەزى ئىشلاردىن چەكلەش،توسۇش مېنىڭچە خاتا ئەمەس. بولۇپمۇ ھازىرقى جەمئىيەتتە. بەلىكىم بۇنداق دېسەم بۇيەردىكى كۆپ قىسىم قىز ئاياللىرىمىز قارشى چىقىشى مۇمكىن. جەمئىيىتىمىزدىكى زىيادە باراۋەرلىك تەشەببۇس قىلىدىغان قىزلار ھازىرقى جەمئىيىتىمىزنى بارلىققا كەلتۈردى دىسەم ھەرگىزمۇ خاتالاشمىغان بولىمەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
156

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:43:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش 月花 نىڭ يازمىسى

توغرا دەيسىلەر ...مەن 30ياشنىڭ  قارىسىنى ئېلىپلا 2بالىغا ئانابولدۇم ..ئانابۇلۇش ئنتايىن قىيىن ئكەن، بەكمۇ-بەكمۇقىيىن ئكەن  .ئانابولغۇچى بالىسىدىكى كىچىككىنە ئوزگۇرۇشنى ھەم بالىسىنڭ كىچىككىنە بىر يىرىنىڭ ئاغىرغىنىنى بايقىسا يۇرۇكىگە پىچاق تىققاندەك تۇرالماي كىتىدىكەنمىز ،ئەمما  دادابولغۇچى.........

ئاخىرىدىكى كۆپ چىكىتنى قانداق چۈشەنسەك بولا؟؟؟؟؟؟
دادا بولغۇچى  ئۇنداق قىلمايدۇ، كارى بولمايدۇ  دەپمۇ؟
ئاتا ئۈنسىز تۆھپە قوشقۇچى بىلسىڭىز. شۇ بالىنىڭ دۇنياغا كىلىشىدە، چوڭ بولۇپ جەمئىيەتكە قوشۇلىشىدا ئاتىنىڭ تۆھپىسى يوق دېسە مەن ئىشەنمەيمەن.
ئاللاھ ئەرلىرىمىزنى بىر قېتىم تۇغىدىغان قىلىپ ياراتقان بولسا ئىدى

نېمە ئۈچۈن شۇنداق ياراتمىغانلىقنىڭ جاۋابىنى تاپالىدىڭىزمۇ؟ ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. جاۋاپنى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ئىزدەڭ.
ئاياللارنى خورلاش چوڭ گۇناھتۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Jewlaniy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:48  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 06:31 , Processed in 0.055209 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش