يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 732 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1366|ئىنكاس: 3

10ياشقا تولمىغان بالىلار پەرھىز تۇتۇشقا تېگىلشىك يېمەكلىكلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 20:54:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

10ياشقا تولمىغان بالىلار پەرھىز تۇتۇشقا تېگىلشىك يېمەكلىكلەر

ئالاقىدار مۇتەخەسسلەر، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش باسقۇچىلىرى جەريانىدا پەرھىز تۇتۇشقا تېگىشلىك بولغان يېمەكلىكلەر ھەققىدە بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان .

1. ئۈچ ئايلىق بولمىغان بۇۋاق تۇز ئېستىمال قىلسا بولمايدۇ.

ئۈچ ئايلىق ئىچىدىكى بۇۋاقلار تۇزغا ئىھتىياجلىق بولمايدۇ،بەلكى ئاناسۈتى ۋە كالاسۈتى قاتارلىقلاردىن قۇبۇل قىلىدىغان تۇز مىقدارى يېتىپ- ئاشىدۇ.ئۈچ ئايدىن كېيىن تۇزغا بولغان ئىھتىياجى ئاز-ئازدىن ئىشىپ ماڭىدۇ.ئالتە ئايلىق بولغاندىن كېيىن بۇۋاقنىڭ ھەركۈندىكى يېمەكلىدىكى تۇز مىقدارى 1گېرام ئەتىراپىدا كونتۇرۇل قىلىنسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

2. بىر ياشقا توشمىغان بالىغا ھەسەل بىرىشكە بولمايدۇ

يىشىغا تولمىغان بالىلارنىڭ ئۈچەي يوللىرىنىڭ ئىچىدە ئاكتىپ زەمبۇرۇغلار يېتىلىپ بولمىغان بولۇپ، ھەسەل ئىستىمال قىلىنغاندىن كېيىن ئاسانلا يۇقۇملىنىش پەيدا بولۇپ، كۆڭلى ئېلىشش، قۇسۇش،،ئىچى سۈرۇش قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۇلىدۇ.بالىلار بىرياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئۇچەي يوللىرىدىكى ئاكتىپ زەمبۇرۇغلار پەيدىن –پەي يېتىلىشكە باشلايدۇ ،ئاندىن نۇرمال مىقداردا ھەسەل ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
3. ئۈچ ياشقا تولمىغان بالىغا چاي ئىچۇرۇشكە بولمايدۇ.

چاي يوپۇرمىقى تەركىبىدە مول مىقدارداتاننىن كىسلاتاسى باربولۇپ ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ يېمەكلىكلەردىن ئاقسىل قۇبۇل قىلىشغا تەسىر كۆرسىتىدۇ،ئۇندىن باشقا كالتسىي ،سىنىك ،تۆمۇرماددىلىرىنىڭ سۈمۈرۇلىشىگىمۇ پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ بالىلارنىڭ نۇرمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز ئامىللارنى ئىلىپ كىلىدۇ.
يۇقارقىلاردىن باشقا چاي يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى كوفىين ئىنتايىن كۈچلۇك روھلاندۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، بۇ ياشتىكى بالىلاردا ئۇششاق ھەرىكىتى كۆپ بولۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۇلىدۇ.

4 . بەش ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن بالىلار قۇۋۋەت يېمەكلىكلىرىنى ئىستىمال قىلسا بولمايدۇ

بەش ياشقىچە بولغان مەزگىلى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىتلار، قۇۋۋەت يېمەكلىكلىرى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ھورمۇن ياكى ھورمۇن تېپىدىكى ماددىلار بولىدۇ،بۇلار سۆڭەكنىڭ ئۆسۇش قىسمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تورمۇزلاپ،سۆڭەكنىڭ ئۆسۇش ۋاقتىنى قىسقارتىۋىتىدۇ ،نەتىجىدە بالىلاردا بويى ئۆسمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۇلۇشتىن سىرت ،ھورمۇننىڭ تەسىرىدە بالىلاردا بالدۇر يېتىلىپ كېتىش غەيرى ئەھۋاللار كۆرۇلىدۇ.
يۇقارقىلاردىن باشقا بۇۋاقلارغا كۆپ مىقداردا قۇۋۋەت يىمەكلىكلىرىنى تولۇقلىغاندا ،چىش مىلىكى قاناش، چاڭقاقلىق، قەۋزىيەت، قان بىسىمى ئۆرلەش،قورساق كۆپۇش قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۇلىدۇ.

5. ئون ياشقا تولمىغان بالىلارتۇزغا چىلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستمال قىلسا بولمايدۇ

بۇنىڭ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك سەۋەبى بار :
بىرىنچى . تۇزغا چىلانغا يېمەكلىلەر (تۇزلانغان بىلىق،تۇزلانغان گۆش،تۇزلانغان كۆكتاتلار،…) لەردە تۇز مىقدارى زىيارە كۆپ،بۇنداق يېمەكلىلەر بالىلاردا ئاسانلا يۇقىرى قان بىسىمى كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىككىنچى.تۇزغاچىلانغان يېمەكلىكلەر تەركىبىدە كۆپ مىقداردا نىترىدئوئىدبار بولۇپ ،ئۇ ۋە ئافلاتوكسىن ،فېنىل ئانىن ئۈچى دۇنيا ئىتىراپ قىلغان ئۈچ چوڭ راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلاردۇر. مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماتېرىياللاردىن كۆرۇۋىلىشقا بولۇدىكى ئون ياشقا تولماي تۇرۇپ تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى ئادەتلەتلەندۈرگەن بالىنىڭ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن راك كىسىلىگە گىرىپدار بولۇش نسبىتى ئادەتتىكى كىشلەرنىڭ ئۈچ ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ،بولۇپمۇ يۇتقۇنچاق راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ.


مەنبە: ۋەتەن تور خاتىرىسى http://weten.me/

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ayqiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 20:55  


خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:48:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارمان قۇۋەت تالقىنى بەرسىمۇ بولمامدۇ؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
229 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1286

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:17:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش 月花 نىڭ يازمىسى

بولىۋېرىدۇ مەنچە ...ئۇ دىگەن مېغىزدىن ياسالغان تۇرسا

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 01:20:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالام بۇلۇشتىن بۇرۇن كۈرۈۋالغىنىم ياخشى  بولدى . رەھمەت

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى 15:54 , Processed in 0.048618 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش