يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 772|ئىنكاس: 9

مۇھەببەتنىڭ پايانى(ئاھۇ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
169 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 20:49:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇھەببەتنىڭ پايانى

1

ۋاقىت

بېلىق قاسرىقىغا ئوخشايدۇ ،

بەندىلەر تىنىقى بىلەن ياشايدۇ.

يۈرەكلەر

يارىدەكلا قانايدۇ .

بوسۇغىدا بىر ئايال،

ئۈچكە چاققاچ ئولتۇرۇپ

ئۈرۈك مېغىزىنى سانايدۇ .

جۇغۇلداپ تۇرۇپ

مەن پۈكۈلدۈم .

بىر تال غۇنچىدەك

قات-قات تۈگۈلدۈم .

ئاي يىغلىغان قۇدۇقتىن

قەدرىمنى سۈزدۈم .

ھەسرىتىمنى باغرىمدىن

ئاۋايلاپ ئۈزدۈم .

قارا –قارا قاغىلار قايرىلىپ ئۇچتى ،

ئاتۇشۇمنىڭ بازارىدا ئاق يېغىن چۈشتى ...

2

دەرۋازا ئېچىلدى !

بىر تاغ

غولاپ كىردى ھويلىغا .

قىبلە تەرەپكە قاراپ خېمىر يۇغۇرۋاتقان ئانا ،

يۈرىكى تۇيۇپ

بالام دېگىنىچە قايرىلدى ئاھ ئارقىغا .

- بالام!!!

ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇلدى .

بۇ مەڭگۈلۈك ناخشا

سېنىڭ يۈرىكىڭگە قۇيۇلدى ...

سەن شۇ ناخشا بىلەن ياشاۋاتىسەن ،

ئۆز قولۇڭدا غەليانلىرىڭنى چاناۋاتىسەن !

يەردىكى چىمدىم-چىمدىم ئۇن

تۇيۇقسىزلا بۇغداي بولدى .

يۈزىڭدىكى خېمىر يۇقى

كۆز ياشلىرىمغا پاتماي قالدى ...

3

سەن

يېنىك پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتىسەن،

چۈشۈڭنىڭ چۆللىرىدە زارلاۋاتىسەن.

ساڭا قاراپ ئولتۇرغان قوي كۆز

قارىقىنى قىلدى مىڭ پارە .

ئويغۇنۇپ كەتمىسۇن دەپ

پىشانەڭنى سىيلىمىدى .

ئۇنىڭ دەردىنى ،

ئۇنىڭ مېھرىنى ،

ئۇنىڭ قەھرىنى،

بۇ دۇنيادا ھېچكىم بىلمىدى....

سېنى قۇچاقلاپ سۆيگۈسى كەلدى ،

چوڭ بولغىنىڭنى

جىمى ئادەمگە دېگۈسى كەلدى.

سەن

ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلسەڭ،

يوتقانلىرىڭ قالسا ئېچىلىپ ،

بالىلىقىڭ ئېسىگە كىلىپ

ئۇنىڭ يەنە كۈلگىسى كەلدى .

سەھەر

ئەتكەن چايدەك سۈزۈلدى .

ناشتا قىلىۋاتقىنىڭغا قاراپ

بامداتتىن يانغان بوۋاڭنىڭ

قوشۇمىسى تۈرىلدى .

ئاناڭ

قىزغىنىدۇ سېنى ئالەمدىن،

بوۋاڭ

قىزغىنىدۇ سېنى ئادەمدىن .

مانا بۇ ھايات ،

مانا بۇ مۇھەببەت .

ئۇنتۇلدۇرامماس ھېچقانداق كۈلپەت ...

جېنىم ،

مېنى باغرىڭغا باس !

يەرگە تۆكۈلمىسۇن كۆزۈمدىكى ياش ....


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
223 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
789

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:00:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
223 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
789

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:00:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىرلىك يىزىپسىز    رەھمەت  ھەدە ```

Rank: 8Rank: 8

توردا
169 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى 10:27:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilroh ...
رەھمەت سىزگا،رەسىملەردىن ئاجايىپ ھوزۇر ئالدىم.

Rank: 2

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
289
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 00:54:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ ھايات ،

مانا بۇ مۇھەببەت .

ئۇنتۇلدۇرامماس ھېچقانداق كۈلپەت ...


يۈرەكتىكى ھىجراننى ئۇلغايتىۋەتتىڭىزغۇ ....يىغلاپ ئولتۇرۇپ يەنە ئۈزەمگە تەسەللىي تاپتىم .....

Rank: 1

توردا
15 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
37
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 13:16:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى چېلەك سۇ ئىلىنغان ئەپكەش كۈتۈرگەن ئانىنى كۈرۈپ ئانامنى كۆرگەندەك بولدۇم ....مانا بۇ بىزنىڭ يېزىمكى ئانىللىرىمىزنىڭ سىماسى ........قەددى مۈكچەيگەن ئانامنى كۈرۈپ كەلگۈسۈم ئۈستىدە ئويلاندىم.....

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 08:58:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نەدە قالدىم دەيمەن بۇ تېمىنى كۆرمەي ؟
سىزنى كۆرگەندەك بوپ قالدىما ئاھۇ

باھا سۆز

dilroh  ۋاي بىشىم ئاغرىدى دەپ مۇنبەرگىمۇ كىرمەي يۈردىڭىزشۇ ھا ھا ```  يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 19:01:08
مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
169 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 17:23:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانارىم،كۆڭۇل كۆزىڭىز بەك روشەنغۇ سىزنىڭ....

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 22:49:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش ئاھۇ نىڭ يازمىسى

كۆڭۈل كۆزۈم ھىچكىمنى تونىمىسىمۇ سىزنى تونىمىسا قاملاشماس

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
169 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 22:56:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانارىم ،ئۆزىڭىز ئاچچىق بولسىڭىزمۇ ،مۇشۇنداق تاتلىق گەپلىرىڭىزنى سېغىنىمەندە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 03:14 , Processed in 0.081044 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش