يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1889 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1047|ئىنكاس: 8

تۇرمۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
65 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
98

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 14:33:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تۇرمۇش گويا بىر دېڭىز،ھەر بىر كىشى شۇ دېڭىزدا ئۈزىۋاتقان بىر غەۋۋاسقا ئوخشايدۇ.سىز    ئەگەر  ئۇستا غەۋۋاس بولسىڭىز،تۇرمۇش دېڭىزىدىن ئۈنچە –مەرۋايىتلارنى سۈزەلىشىڭىز،    قارشى قىرغاققا  مەمنۇنلۇق بىلەن يېتىپ بارالىشىڭىز مۇمكىن،ئەگەر سىز دېڭىز دولقۇنلىرىغا   بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ،دېڭىز تەكتىگە چۆكۈشنى خالىمايدىغان ياكى چوڭقۇر دېڭىز قايناملىرىدىن قورقۇدىغان  توخۇ يۈرەك كىشى بولسىڭىز، مەڭگۈ دېڭىز ياقىلاپ،دېڭىز دولقۇنلىرىدىن ۋە دېڭىز تەكتىدىكى ئۈنچە مەرۋايىتلاردىن بەھرى ئالالماي،بۇ دۇنياغا شاۋقۇنسىز كېلىپ ،ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولۇشىڭىز مۇمكىن.
   تۇرمۇش گويا بىر سەھنە،ھەر بىر كىشى شۇ سەھنىدىكى ئارتىس،ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ھەركىتى،گەپ سۆزى ،ئەلگە قوشقان تۆھپىسى ياكى كەلتۈرگەن كۆڭۈلسىزلىكلىرى ،ياكى بالايى-ئاپەتلىرى  بىلەن ئۆز ئوبرازىنى يارىتىدۇ.  
   تۇرمۇش بەئەينى بىر  تاقىر يەر.سىز بەئەينى بىر دېھقان ياكى باغۋەن.سىز ئەگەر ئىشچان     باغۋەن ياكى چىداملىق دېھقان بولسىڭىز ئۆز قولىڭىز بىلەن بۇ يەرگە تۈرلۈك زىرائەتلەرنى    تېرىيسىز،خىلمۇ- خىل گۈللەرنى تېرىيسىز، كۆچەتلەرنى قويۇپ،پەرۋىش قىلىپ،شۇ تاقىر     يەرنى باغقا  ئايلاندۇرىسىز،ھوسۇلىڭىز بىلەن ئەلگە نەپ يەتكۈزىسىز. ئۆزىڭىزمۇ ئۆزگىلەرمۇ بۇنىڭدىن ھوزۇر ئالىدۇ،ھوزۇر ئالغانلار قانچە كۆپ بولسا،سىزنىڭ نامىڭىز شۇنچە كۆپ دىللارغا نەقىش قىلىپ ،ئويۇلىدۇ. ئەگەر سىز ھورۇن كىشى بولسىڭىز سىزنىڭ قولىڭىزدىكى شۇ يەر   نېمە بوپ كېتەر؟
     تۇرمۇش گويا بىر بوران -يامغۇرلۇق كېچە.سىز شۇ  كېچىدە بوراندىن ،يامغۇردىن ،قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ،تىنچ –ئامان ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئامالىنى ئىزدەۋاتقان تەدبىرچى .سىز   بوراندا   قاڭقىپ،قاياقلارغىدۇر غايىپ بولۇشىڭىز،يامغۇردىن قورقۇپ بىرەر پاناھ جاي ئىزدىشىڭىز ،قاراڭغۇدىن قورقۇپ ،يورۇقلۇق ئىزدىشىڭىز مۇمكىن. سىز قانداق قىلىۋاتىسىز؟
    تۇرمۇش گويا بىر ئىمتىھان،ھەر بىر كىشى تۇرمۇش مەيدانىدا ئىمتىھان بەرگۈچى. ئەتراپتىكى كىشىلەر،قوشنىلار، يولۇچىلار،ساۋاقداشلار يەنى پۈتۈن جەمئىيەت سىز ئۈچۈن بىر نازارەتچى.  سىز  شۇ نازارەتچىلەرنىڭ نەزىرىدىن  مەمنۇنلۇق بىلەن ئۆتۈپ،تۇرمۇش مۇساپىسىدىكى ھەر   بىر  ئىمتىھاننى ئوڭۇشلۇق بېرەلىدىڭىزمۇ؟ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىڭىزگە قايىل بولدىڭىزمۇ؟
  تۇرمۇش گويا بىر ماشىنا ،ئۇنىڭ رولى سىزنىڭ قولىڭىزدا .مەنزىل سىزنىڭ كاللىڭىزدا.سىز ماشىنىڭىزنى تۈرلۈك قائىدە بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا،يولدىن ئاداشماي،    ئۇخلاپ  قېلىپ ،چوڭقۇر ئازگالغا موللاق ئاتماي،ئۇدۇلىڭىزدىن كېلىۋاتقان ماشىنىلارغا سوقماي،مەنزىلگە بىمالال ھەيدەپ مېڭىۋاتامسىز؟ يېرىم يولدا توختاپ قېلىشنى ،ھېچنەگە بارماي،رولنى تۇتماي، ماشىنىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشنى،مەنزىلدىن چېكىنىشنى ئويلاپ قالغان ۋاقىتلىرىڭىزمۇ  بولغانمۇ؟
تۇرمۇش گويا بىر ئەينەك.سىزنىڭ ئەپتىڭىز قانداق بولسا،ئۇ سىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەپتىڭىز كۆڭلىڭىزگە ياققاندا ئۆزىڭىزدىن،ياقمىغاندا ئەينەكتىن كۆرگەن ۋاقىتلىرىڭىزمۇ   بولغانمۇ؟
  تۇرمۇش گويا بىر چىغىر يول.چىغىر يول چوڭ يوللارغا تۇتىشىدۇ.بۇ يول ھەرگىز سىز كۈندە مېڭىۋاتقان كەڭرى ئاسفالىت يولغا ئوخشىمايدۇ.ئۇ پەقەت ئۆزىڭىزگە خاس بولغان ،سىز تېخى مېڭىپ باقمىغان ،ئوڭغۇل-دوڭغۇللىرى كۆپ ،ئەتراپى گاھى چاتقاللار بىلەن ،گاھى ئازگاللار   بىلەن،گاھى تاغلار بىلەن،گاھى باغلار بىلەن،گاھى كۆللەر بىلەن،گاھى چۆللەر بىلەن تۇ-تاشقان ،چاتقاللاردىن بۆرىلەر،جاڭگاللاردىن تۈلكىلەر، ئازگاللاردىن چاشقانلار چىقىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان،ئىگىز تاغلاردىن قۇرام تاشلار بېشىڭىزغا چۈشۈپ كېتىش خەۋپى بولغان يوللاردۇر.پەخەس بولمىسىڭىز بۆرىلەرگە يەم بولىشىڭىز، تۈلكىلەرگە ئالدىنىشىڭىز،چاشقانلاردىن   قورقۇپ كېتىشىڭىز ،ئىگىز تاغلاردىن چۈشكەن قورام تاشلار ئاستىدا ئېزىلىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.شۇنداقلا يەنە باغلاردىن گۈللەرنىڭ پۇرىقى گۈپۈلدەپ تۇرىدىغان،بۇلبۇللارنىڭ  سايرىشى  ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان،سىزنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدىغان ،سىزنى سۆيۈندۈرىدىغان يوللاردۇر. سىز  بۇ يولدا قانچە كۆپ ماڭسىڭىز ،يول شۇنچە كېڭىيىدۇ. ئۆزىڭىزمۇ بۇ يولدا تەمتىرىمەي   مېڭىشقا ئۇستا بوپ كېتىسىز.  مېڭىشنى خالىمىسىڭىز يوللىرىڭىزنى تىكەن باسىدۇ. قېنى ،سىز يولنى قانداق مېڭىۋاتىسىز؟ تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرلەرگە تاقابىل تۇرۇپ،يولىڭىزنى داۋاملاشتۇرالىدىڭىزمۇ؟ تۈلكىلەرگە ئالدانغان،بۆرىلەرگە يەم بولۇشقا ئاز قالغان،ئازگاللارغا دومىلاپ كەتكەن ۋاقىتلىرىڭىزمۇ بولغانمۇ؟
  تۇرمۇش گويا بىر تېپىشماق.ئۇ توختاۋسىز ھالدا سىزنىڭ ئالدىڭىزغا تۈرلۈك –تۈمەن يېڭىلىقلارنى ،يېڭى-يېڭى سوئاللارنى قويىدۇ.تېپىشماقلارنى يېشەلىدىڭىزمۇ؟ يېڭىلىقلارنى قۇبۇل قىلالىدىڭىزمۇ؟ ئەقلىڭىز يەتمەيدىغان تېپىشماقلارغا يولۇققاندا قانداق قىلدىڭىز؟
تۇرمۇش ئۇ شۇنداق بىر تېپىشماقكى،بىر قارىسىڭىز باغقا،بىر قارىسىڭىز تاققا ،بىر  تېتىسىڭىز   ھەسەلگە ،بىر تېتىسىڭىز زەھەرگە ئوخشايدۇ. تۇرمۇش يەنە شۇنداق مۆجىزاتكى،بىر قارىسىڭىز تەختكە، بىر قارىسىڭىز پەگاغا ئوخشايدۇ. تۇرمۇش يەنە شۇنداق بىر مۆجىزاتكى،بىر   قارىسىڭىز قۇياشقا ،بىر قارىسىڭىز ئايغا،بىر قارىسىڭىز يۇلتۇزغا ،بىر قارىسىڭىز  ئاي-يۇلتۇزسىز كېچىگە ئوخشايدۇ.  خۇلاسە :تۇرمۇش __ چىداش،كۆنۈش،يېڭىش، ئىنتىلىش،ھوزۇرلىنىش ،   تىپىرلاش ،يوقىتىش،ئېرىشىش ،ۋاز كېچىش...دېمەكتۇر.
مەنبە: قىزىلگۈل يازمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kizilgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 14:42  


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
260 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
919

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 23:45:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش گويا بىر دىڭىز !!!!   

ھاياتلىق - زىددىيەت ، كېلىشمەسلىك ، شادلىق ۋە قايغۇلارنىڭ مۇجەسسىمىدۇر !!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1408 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3510

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:40:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇلاسە :تۇرمۇش __ چىداش،كۆنۈش،يېڭىش، ئىنتىلىش،ھوزۇرلىنىش، تىپىرلاش ،يوقىتىش، ئېرىشىش، ۋاز كېچىش...دېمەكتۇر
_____________
مەن چىداشنى، كۆنۈشنى، يېڭىشنى، ئىنتىلىشنى، ھوزۇرلىنىشنى، ئېرىشىشنى خالايمەنكى ۋاز كېچىشنى خالىمايمەن:(، يوقۇتۇش ئانچە- مۇنچە بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما يوقاتتىم دەپلا قولۇمدىكى بەختىمنى، غورۇرۇمنى يوقاتسام بولمايدۇ، ئاللاھتىن بىر ئۆمۈر ئۆزۈمگە، يولدۇشۇمغا، قىزلىرىمغا ئىمان، ئىنساپ، دىيانەت تىلەيمەن!

1

باھا خاتىرىسى

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 8Rank: 8

توردا
65 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
98

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 09:59:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردىكى «ۋاز كېچىش» قولىڭىزدىكى بەختىڭىزدىن ۋاز كېچىشنى كۆرسەتمەيدۇ،بەلكى،ئېرىشىش ياكى داۋاملاشتۇرۇش قىيىن بولغان،ئېرىشكىنىڭىزدىن يوقاتقىنىڭىز كۆپ بولىدىغان  ئەھۋالدا بەزى مەنپەئەتلەردىن ۋاز كېچىشنى ،شۇ ئارقىلىق نام-ئابروي،سالامەتلىك قاتارلىقلارنى ئاسراپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ.بۇنى خىزمەتكىمۇ تەدبىقلاشقا بولىدۇ.

تاشلىۋەتمە،ئۇنتۇلمايسەن،يېپىشىۋالما خار بولمايسەن.(ئا.پ.چىخوۋ)

Rank: 8Rank: 8

توردا
220 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
444

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:14:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاز كېچىشمۇ ئىرادە دىگەن بۇ سۆزنى،15-16يىل بۇرۇنمۇ مەن قىزىل گۈلنىڭ دېگىنىدەلا چۈشىنەتتىم .چۈنكى بۇنى ماڭا يېقىن بىر دوستۇم سوۋغا قىلغان.ئۇ دوستۇمغا گېتلىر سوۋغا قىپتىكەن;P

Rank: 2

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
124
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى 23:05:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىدە  بىر نەرسىدىن ۋاز كىچىشنى بىلگەندە بەزى نەرسىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. يەنە بىرەر نەرسىدىن مەھرۇم بولغاندا ئاندىن قەدىرلەشنى ئۇگىنىدىكەنمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilnaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى 23:10  


دىل دېڭىزغا ئوخشايدۇ،تىل قىرغاققا،دېڭىز تاشقىنىدا قوينىدىكىنى قىرغاققا ھەيدەيدۇ!

Rank: 2

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
124
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى 23:08:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilroh يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 23:45
تۇرمۇش گويا بىر دىڭىز !!!!

   دېڭىزنىڭ تىنىچ بولىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشى مەڭگۇ ياخشى كىمىچى بولالمايدۇ.

   ئۆرنەكلىرىمدىن.:lol

دىل دېڭىزغا ئوخشايدۇ،تىل قىرغاققا،دېڭىز تاشقىنىدا قوينىدىكىنى قىرغاققا ھەيدەيدۇ!

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
516
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى 01:49:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:40
خۇلاسە :تۇرمۇش __ چىداش،كۆنۈش،يېڭىش، ئىنتىلىش،ھوزۇرلى ...

قىشىڭىزدا بولسام ئاشۇ  ئىنكاسىڭىز ئۈچۈن قۇلىقىڭىزدىن تۇتۇپ  يۈزىڭىزگە سۈيۈپ قۇياتتىم . :handshake:L

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
260 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
919

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:24:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilnaz يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى 23:08
دېڭىزنىڭ تىنىچ بولىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشى مەڭگۇ  ...

تۇرمۇش گوياھ بىر سەھنە  بىزئۇنىڭدە كۈندە ئوخشىمىغان روللارنى ئالىمىز دەپ سۆزلەپكەتسەم ھە ھى ھى

ھاياتلىق - زىددىيەت ، كېلىشمەسلىك ، شادلىق ۋە قايغۇلارنىڭ مۇجەسسىمىدۇر !!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 16:24 , Processed in 0.091070 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش