يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1892 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 874|ئىنكاس: 6

بارلىق ئانىلارغا سالام، بارلىق قىزلىرىمىزغا ھەم سالام. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:09:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەتىكى بارلىق ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۆۋەندىكى ماقالىنى ھەر بىر قىز-خوتۇنلارغا سوۋغا سۈپىتىدە تۇتتۇم، بۇ كىتاپتىكى ئەسەرلەرنى ياخشى كۈرۈپ، مۇنبەرگە بارماقلىرىم بىلەن بىردىن بىرىدىن يېزىپ كىرگۈزگەن ئىدىم، ئوقۇغۇچىلارغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تەگسە، مەن ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق ئىش  بولىدۇ.

كېلىن بەختى ______ تىلىدا

ئائىلە تۇتۇش،كېلىن بۇلۇپ چۈشكەن ھويلىنىڭ ھەممە ئەزالىرىغا بىردەك ياخشى بۇلۇپ كېتىش قىيىن، ئەلۋەتتە. دۇنيادا مۇئامىلە،مۇرەسسە ساۋاقلىرىنى ياخشى مۇئەللىملەردىن ئالمىغان بولساڭ،ھاياتنىڭ مىڭ بىر سۇئاللىق سىنىقىدىن ئۆتۈش ناھايىتى قىيىن. كېلىنلىككە ئائىت مەسىلىلەرنى سۇئاللارغا سىغدۇرۇپ بولمايدۇ.بۇرۇنقىلار «كېلىنلىك- ئازابلىق» دەپ بىكار ئېيتىشمىغان. ئەسلىدە بۇ پەلسەپە ھاياتقا مۇپەسسەل قارىغانلارغا ھاياتنىڭ ئۆزىدەك ئاددى بۇلۇپ تۇيۇلۇشى ھەم مۇمكىن.

مۇھەببەتنىڭ ئەدەپگاھى كۆتەرمەس ئەسلە شۇملۇقنى،

كى شەبنەمدىن ئېچىلغاي گۈل ۋە كۆز ياشتىن نىگاھ،ئاندا...

پەيلاسوپ شائىر مىرزا بىدىل بۇ يەردە كىشىلەرنى سەمىمىيەتكە،شەبنەمدەك پاكلىققا،تىنىقلىققا دەۋەت قىلماقتا.كېلىن ھەم يېڭى ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى شۇنداق سەمىمىيىتى،تىنىقلىقى،ياخشى نىيىتى،شېرىن تىلى بىلەن يېڭىدۇ،ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىدۇ.

تەسەۋۋۇر قىلىڭ، ئىشتىن قايتقان كېلىن ئۇدۇل ئاشخانىغا كىرىپ كەچكى تاماققا تۇتۇش قىلغان قېينانىسىغا:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئانا! جاپا تارتىپسىز! مەن ھازىر قارىشىپ بېرىمەن، ھازىر كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ چىقاي، ئەمدى سىز دەم ئېلىڭ ،- دېسۇن. ياكى ئىشتىن كەلگەن كېلىن ئىشىكتىن ئۇدۇل ئۆز خانىسىگە كىرىپ كەتسۇن-دە، ئىش كىيىملىرىنى ئۆي كىيىملىرىگە ئالماشتۇرۇپ چىقىپ، ئاشخانىدىكى قېينانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئولتۇرسۇن، قېينانىسىنىڭ :
---كەلدىڭىزمۇ ، بالام؟!--دېگەن گىپىگە:
---ھە، كەلدىم! بەكلا چارچىدىمكى،بېشىم ئايلىنىپ قالمىسىدى، دەپ قورقىمەن، يەنە سۇيۇق تاماقمۇ؟ باشقا تاماق قىلسىڭىز بولماسمىدى؟_دېسۇن. ياكى ئوقۇشتىن قايتقان كېلىن:
---ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئانا، ياخشى تۇرۇپسىزمۇ؟ دوستلىرىم تاماق يەيمىز دەپ ئاشخانىغا كىرەيلى دىگەن ئىدى، مەن ، ئانام بىلەن چاي ئىچىمەن دەپ، يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ كەلدىم،ھېچ نەرسە يېگۈڭىز كەلمەي ئولتۇرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، كېلىڭ ئانا، دېسىۇن،- قېينانىلارغا ئۇلارنىڭ قايسى بىرى ياقىدۇ؟ قايسى بىرى ئۇرۇنلۇق؟

ئەلۋەتتە بىرىنچى ۋە ئۈچۈنچى كېلىن توغرا قىلدى دەمسىز ؟ شۇنداق دىيىشنى دەيمىز-يۇ، نېمىشقا بەزەن ئۆزىمىز بۇنى ئۇنتۇيمىز؟ شۇ ئاددىيلا مۇئامىلىنى ئورنىدا قىلىپ، بىزگە ئىنتىزار بولغانلارنى خۇش قىلىپ، ئۆزىمىز ھەم خۇش بۇلۇپ يۈرمەيمىز؟

يۇقۇرىدا مىسال كەلتۈرۈلگەن كېلىنلەرنىڭ بىرىنچىسى ۋە ئۈچىنچىسىنىڭ ئۆز ئۆيلىرىنىڭ ئەركە مەلىكىسى بۇلۇپ يۈرۈشلىرىدە شۈبھە يوق.

ئەگەر بۇسۇغا ئاتلاپ ئۆيگە كىرگىنىڭىزدە قېينانىڭىز كۆزىڭىزگە يۇمشاققىنە كۈرۈنسە، ئۇلار بىلەن باغرىڭىز پۈتۈن، ئىلىكىڭىز توق بولسا ، داۋاملىق ئەركىلىگىڭىز، تاتلىق گەپ ئاڭلىغىڭىز كەلسە، دېمەك سىز ئۆز ئۆيىڭىزدە بەخت چىرىغىنى ياققان، يۇقىرىدىكى بىرىنچى ۋە ئۈچۈنچى مىسالدىكى كېلىنلەردىن ھىسابلىنىسىز.

خەلق ئارىسىدا « ئوتتۇز ئىككى چىش بىر تىلغا پاسىبان » دەيدىغان بىر گەپ بار، بۇ --تىل بىر ئىبارە ئېيتىش ئۈچۈن ئوتتۇز ئىككى پاسىبان چىرىغىدىن ئۆتۈشى كېرەك دىگەن گەپ، شۇنداقلا، بىر كېسىشتىن ئالدىن يەتتە ئۆلچەشكە ئىشارە. بولمىسا:

دىلدىكى گەر تىلغا كۆچسە، لەختە چوغ بولغاي زەبان،

شۇل سەۋەب سىر مۈكلىنىڭ يۇشۇرۇن-پىنھان بىز.

دىگەن مەزمۇنىغا باپ كەلمەي قالىمىز.

مىسالدا كەلتۈرۈلگەن ئىككىنچى كېلىنگە شۇ گەپلەرنى ئېيتسىڭىز:

--نېمە ، مېنىڭ جېنىم قىرىقمىدى؟- دېيىشى مۇمكىن.

ئادەتتە، مۇرۇۋۋەت كۆرسەتكەندىلا، مۇرۇۋۋەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ، مېھىر بەرگەندىلا مېھىرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئاۋۋال خۇش قىلىپ كېيىن خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ.

توغرا، بەزىدە ، ئايال زاتىنىڭ جېنى قىرىق بولىدۇ، دەپ ھەزىل قىلىنىدۇ، بۇ گەپتە جان بار، لېكىن ئايال كىشىنىڭ چارچىماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئاۋۋال ئەتراپىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ مېھرى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ھەممىگە كېرەكلىكىنى ھىس قىلدۇرۇپ تۇرۇشىدا ، ئۆزىنىڭ كىچىككىنە سېھىرلىك مەملىكىتى- ئۆز ئائىلىسىدە بەخت-چىرىغىنى ياقالىغان كېلىنلەر بۇنى ياخشى بىلىشىدۇ.

ئۆزىدىن باشقىغا مېھىر يەتكۈزەلمەيدىغان ، لېكىن ئۆزىگە كۆپ ئېتىبار تەلەپ قىلىدىغان (ئۇلارنىڭ مۇئامىلىسىنى ئىككىنچى مىسالدا كۆردىڭىز) كېلىنلەر بەخت چىرىغىنى ئۆز قوللىرى بىلەن ئۆچۈرۈپ قويىشىدۇ.

نېمە دىسىڭىز دەڭ، ئاياللارنىڭ جېنى قىرىق بولامدۇ-يوق، ئەمما ئىككى قولى ناھايىتى مۇستەھكەم بۇلۇشى كېرەك، ئۇ بىر قولى بىلەن ئىشى،مەۋقەسىنى، ئىككىنچى قولى بىلەن ئۆيى، ئائىلىسى، ئېرى،باللىرى، ئەڭ مۇھىمى ئاياللىقىنى تۇتۇپ تۇرۇشى كېرەك. بۇنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم قىلمايدۇ. باشقىلار ياردەم بېرىشى مۇمكىن، لېكىن ياردەم ھەم مېھىر ۋە كۆرسىتىلگەن مۇرۇۋۋەت ئورنىغا بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك، ئەنە شۇ مېھىر- مۇرۇۋۋەتنى قولى ئارقىلىق بېرەلمىگەن كېلىن ھىچ بولمىسا تىلى ئارقىلىق بەرسە ئەسلا ئۇتتۇرۋەتمەيدۇ.

چارچىمايدىغان قىرىق جاننى كېلىنلەرگە ياخشى ياخشى تىلەك، ياخشى نىيەتلىرى بىرىدۇ."ئىبرەتلىك كېلىنلەر " كۆرىكىدە بىر كېلىن يۈرىكىدىكى ياخشى تىلەكلىرىنى تۆۋەندىكى مەنالاردا ئىزھار قىلغان ئىدى:
__________ مەن كېلىنمەن، مېنىڭ قېينانام بار، مەن ئۇلار قەلبىگە قۇلاق سېلىشنى ئىستەيمەن. سىز ئوغۇل ئۆستۈردىڭىز، مېنى كېلىن قىلىپ پاناھىڭىزغا ئالدىڭىز، كېيىن ئاق پاتىھە بېرىپ ئۆز باللىرىڭىز بىلەن ئۇچۇرما قىلدىڭىز.

كۈندە ماڭا سۆيگۈ ، مېھىر ئېلىپ كېلىدىغان ئوغلىڭىز بۈگۈن سەل تەشۋىشلىك كەلدى، سەۋەب، ئۇ سىزنىڭ ساقسىزلىقىڭىز ھەققىدە خەۋەر ئاڭلاپتۇ. مەندە سىزگە خاس بولغان ئەقىل - پاراسەت كەم، شۇ سەۋەبتىن ئىللىق گەپلەرنى ئېيتىپ ئوغلىڭىزغا تەسەللى بىرەلمىدىم.

مەندە سىزدىكى جاسارەت ھەم يوق، ئانىجان، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ تەشۋىسىنى سوراشقا بەرداشىم يەتمىدى.

مەن ئۇنى سىزنىڭ قېشىڭىزغا ئۈندىدىم خالاس، كېلىۋىتىپ ئۇ ماڭا: « ئەزىزىم، بالىلىرىمىزغا ئانامدەك مېھىرلىك بول، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياخشى تىلەكلەر تىلە، ئانام ساقىيىپ كەتسۇن » دېدى، ئىلتىجا بىلەن.

ياخشى تىلەك!!!!!

قەلبىمدە ياخشى تىلەكلەر ناھايىتى كۆپ، مۆھتەرەم ئانا، ئاۋۋال سىز دائىم ساق بۇلۇڭ، شۇندىلا ئوغلىڭىزنىڭ يۈزىگە تەشۋىش سايە سالمايدۇ.

ئۇنىڭغا بولغان مېھرىڭىز يەنىمۇ كۆپەيسۇن، تاكى ئۇمۇ ، نەۋرىلىرىڭىزمۇ بۇ مېھىرنى قېنىپ-قېنىپ سۈمۈرسۇن، ئۇلار بۇ مېھىر بىلەن مېنى ھەم قاندۇرسۇن، مېھىر ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، دەيتتىڭىزغۇ ئۆزىڭىز!

مەن سىزگە بەخت-خاتىرجەملىك تىلەيمەن. چۈنكى سىزنىڭ بەختىڭىز ______ئاۋال مېنىڭ بەختىم ، سىزنىڭ خاتىرجەملىكىڭىز ____مېنىڭ پاراغىتىمدۇر.

مېنى كەچۈرۈڭ ئانا، سىزگە تىلەك تىلەيمەن دەپتىمەنۇ، بارچە تىلەكلىرىم ئۇ ھەققىدە يەنى سىزنىڭ ئوغلىڭىز ھەققىدە بۇلۇپتۇ، ئويلاپ قارىسام ئككىمىزنىڭ تىلىكى بىر ئىكەن. ياخشى نىيەتلىكلەرنىڭ بەختىنى ئاللاھ كەم قىلمايدۇ!!!

ئاپتورى: رەھىمە شامانسۇروۋا (ئۆزبېكىستان )

مەنبە: «روھ پاكلىقى_دىل جىلۋىسى» دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.

مۇنبەرگە يوللىغۇچى: سۈيۈملۈك بارماقلىرىم.  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ayqiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:23  


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1411 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3521

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:51:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال سىزنىڭ يازمىڭزى ئارقىلىق بارلىق مېرىبان ئانىلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!
بارماقلىرىڭىزنىڭ ھارماي- تالماي، مانا مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلارنى مۇنبەرگە يوللاپ تۇرىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!:)

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
493 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1892

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 00:23:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە يوللىغۇچى: سۈيۈملۈك بارماقلىرىم. ;P
بارماقلارغا كۆز تەگمىسۇن ، ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرىۋاتىدۇ
بارلىق ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك !!!!

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
95 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
195

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 01:29:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن !

" ئانا " بايرىمىڭىزغا مۇبارەكلەر بولسۇن ...



« ئانا قەسىدىسى »


ئانام زور بەخىتمىسەن ئىلاھىدىن ئۇلۇغ،
جاھاننى ئىزدىسەم، ئىزدىسەم تولۇق،
سېنىڭدەك كۆيۈمچان ئىنسان بارمىدۇ،
سېنىڭدەك ئانىلار يەنە بارمىدۇ؟!

شۇنچە كەڭ-بىپايان كائىنات  ئارا،
پەقەت سەن، پەقەت سەن شادلىقىم ئانا.
كۈلگەچكە ئارمىنىم ئەجرىڭدىن مانا،
سەن ئۈچۈن قەسىدە يازىمەن شۇڭا،

جاھاننى ئىزدىسەم، ئىزدىسەم ئانا،
سېنىڭدەك پاسىبان بارمىدۇ يانا.
سەن مېنى قاتارغا قوشتۇڭ چوڭ قىلىپ،
تەڭرىمۇ بەختىمنى قويدى ئوڭ قىلىپ.

بىلمەيمەن نەدە ئۇ ئىلاھ دېگەنلەر،
ياشايمەن سېنىلا ئىلاھىم بىلىپ.
جاھاننى ئىزدىسەم، ئىزدىسەم ئانا،
سېنىڭدەك مېھرىبان چىقارمۇ يانا.

جان ئانا،  سەن شۇنچە بولغاچ مۇلايىم،
ئاتىدىم شۇڭىمۇ سېنى ئىلاھىم.
كەچۈرگىن، بىلمەستىن گۈدەكلىكىمدە،
بار بولسا ئالدىڭدا قىلغان گۇناھىم.

مېنىڭسىز ئۆتمەيدۇ گېلىڭدىن گىياھ،
جاھاننى ئىزدىسەم، ئىزدىسەم يانا،
سېنىڭدەك كۆيۈمچان ئانا بارمىدۇ،
سېنىڭدەك جان كۆيەر يانا بارمىدۇ.

مەن ئۈچۈن ئالەمچە چەكسەڭمۇ جاپا،
زەررىچە قىلماستىن تەنەيۇ-تاپا.
قەلبىمگە چېھرىڭدىن چېچېپ نۇر-زىيا،
ئۆستۈردىڭ سەن مېنى بولۇپ باشپانا.

ھاتەمدەك مېھرىبان، سېخى ئەي ئانا،
قەلبىڭدە يانىدۇ ئاتەش، ئوت- لاۋا.
تاپغاچ مەن مېھرىڭدىن دەردىمگە داۋا،
سەن مېنىڭ مۇقەددەس ئىلاھىم شۇڭا.

ماگىللان كەزگەندەك ئالەمنى گويا،
ئىزدىسەم تائابەت جاھاننى يانا،
سېنىڭدەك  غەمگۈزار ئىنسان بارمىدۇ،
سەن كەبى  ئانىلار يانا بارمىدۇ.

ئويلايلى دوستلىرىم، ئويلايلى راسا،
پەرزەنتلىك بۇرچىمىز بولدىمۇ ئادا!؟
ئويلايلى دىل پارى- پەرزەنتى ئۈچۈن،
ئانىدەك باش پانا، يانا بارمىدۇ،

ماگللان كەزگەندەك ئالەمنى گويا،
ئىزدىسەم بىر ئۆمۈر جاھاننى يانا.
ئانامدەك كۆيۈمچان ئانا بارمىدۇ،
ئانىدەك چىن ئىنسان يانا بارمىدۇ؟!




.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   7YIGIT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 02:04  


باغرىڭغا باش قويغاننىڭ ھەممىسىنى مېنى سۆيىدۇ دىمە.پاشىمۇ ئاۋال قونۇپ ئاندىن قېنىڭنى شورايدۇ ئەمەسمۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
95 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
195

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 01:48:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ئانا» دېگەن ئۇقۇمنىڭ مەنە قاتلىمى مۇنداق بولسا كېرەك: ئانا - ھاياتنىڭ كېيىنكى ھالقىلىرىنى تۇغقۇچى. بۇ جەھەتتە «ئانا» ئۇقۇمى بارچە شەيئىگە ئورتاق بولۇپ، بىر تۈپ ياۋا ئوتمۇ ئانا، ئۇمۇ ئۆز ۋۇجۇدىدا ئۆزىنىڭ كېيىنكى نەسلىنى يېتىلدۈرىدۇ. مېكيانمۇ ئانا، ئۇمۇ چۈجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، تاپقان-تەرگەنلىرىنى شۇلارغا بېرىدۇ. بىزدىمۇ «ئانا» ئۇقۇمىنى پەقەت «تۇغۇپ قويغۇچىدىنلا ئىبارەت» دەپ چۈشىنىدىغانلار تالاي. بۇنى بىز بىئولوگىيىلىك ئانىلىق، دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. ۋەھالەنكى، ئىنسان بۇنداق ئانىلىق بىلەن «ئىنسان» بولۇش شەرىپىنى ئۆتىيەلمەيدۇ. «ئانا» يەنە مېھىر-مۇھەببەت تۇپرىقى ياكى ئۈن-تىنسىز بەدەل، بۇ يەنىلا ھەممە مىللەتتە ئورتاق. ئەگەر تەڭرى ئىنسانلارغا «مېھىر»دىن ئىبارەت بۇ گۈزەل تەبىئەتنى بەرمىگەن بولسا، ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ تۈگىمەس جەبىر-جاپاسى تۈپەيلى ئۇلارنى تۇنجۇقتۇرۇۋەتكەن بولاتتى. ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرى ئالدىدا دەل مۇھەببەت تۈپەيلى ئۆمۈرلۈك مالاي. مۇھەببەت بۇ خىل مالايلىققا شۇنداق قىممەت ئاتا قىلغانكى، ئانا دەل مۇھەببەت ئارقىلىق تۆلىگەن بەدەللىرىنى ئۇلۇغۋار مەنىگە ئېرىشتۈرەلىگەن. ئەگەر دۇنيادا ئانا مېھرىدىن ئىبارەت ئىپتىدائىي مۇھەببەت بولمىسا، دۇنيا قاباھەت بىلەن تولغان كۇھىقاپقا ئايلانغان بولاتتى، شۇنىڭدەك ئانا مېھرىدىن بەھرىمەن بولمىغان پەرزەنتمۇ باغرى تاش جىنايەت ماشىنىسىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.

**********

شىۋىرغانلىق كوچىدىكى ئىككى جەسەت !!!

_ئاپا،ياڭاق بەك تاتلىق بولىدىكەن ھە؟
نەچچە يىرىگە ياماق چۈشكەن يوغان سوبۇ خالتىدىكى پايپاقلارنى رەتلەۋاتقان جەمىلە ئوغىلىغا سوئال نەزىرىدە قارىدى
_بايا ئىشىك ئالدىدا ئويناۋاتسام ،سەلىمە ئاپاشنىڭ بالىسى يىگەن ئىدى،نىمە يەۋاتىسەن دىسەم ئازراق بەردى. شۇنى يىگەنتىم. سەنمۇ جىق پۇل تاپقاندا ماڭا يوغان-يوغان ياڭاقلاردىن جىققىدە ئىلىپ بىرىسەن ھە ئاپا؟
_ئەلۋەتتە بالام. جەمىلە مۆلدۈرلەپ قاراپ ئولتۇرغان ئوغلىغا ئاچچىق ياشلىرنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ئىتتىك تام تەرەپكە بۇرۇلدى.
_بالام؟
_ھە ئاپا
-سەن سىرىتقا چىقىپ كەتمەي ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۇرغىن جۇمۇ. مەن دۇكانغا چىقىپ سەي -كۆكتات ئەكىرەي
_ماقۇل ئاپا.
تۇرمۇشنىڭ قاتتىق دوقاللىرىدا كۆپ سوقۇلغان ،تىخى ئەمدىلا 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان جەمىلەنى بىرلا كۆرگەن كىشى كەم دىگەندە 45 ياشلار ئەتىراپىدا دەپ پەرەز قىلىدۇ. تىخى سەككىز يىلنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن يىگىتلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى كۆيدۈرۈپ،ئاش-تاماقتىن قىلىشىغا سەۋەپچى بولغان خۇمار كۆزلەر ،جىنەستىدەك لەۋلەر ئۆز نۇرىنى يوقاتقان،ھازىر بۇ مەزلۇمنى شۇ يىگىتلەر كۆرسە گەپ يوقلام قانداق ئەھۋال چوڭ ئاپا دىيىشتىن يانمايدۇ. ئۆزى سۆيگەن يىگىتى بىلەن مۇرات -مەقسىتىگە يىتىپ ۋىساپ پەيىتلىرىدە بىشى كۆككە يەتكەن بۇ يىتىم قىز.يىتىمنىڭ ئىغىزى ئاشقا تەگسە،بۇرنى قاناپتۇ> دىگەندەك كۈنلەرگە قالدى. شۇنداق گۈزەل مىنۇتلىردا ئۇ ھەرگىزمۇ بۈگۈنكىدەك كۈنگە قالىمەن دەپ ئويلاپ باقمىغان ئىدى.
ئۇنى ئەزەلدىن ياقتۇرمايدىغان قىيناتا-قىينانىلىرنىڭ تاپا -تەنىسىنى يولدىشىنىڭ تاتلىق گەپلىرى يىپىپ كىتەتتى. لىكىن خوشاللىق كۈنلەر ئۇزۇن بولمىدى. يولدىشى قاسىم ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن ئوغلى بىلەن جەمىلەنى يۆلەنچۈكسىز قالدۇرۇپ ،يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى تۈپەيلى كۆز يۇمدى.
-تــت،تــــــــــــــــــــــىت........كۆزۈڭگە قاراپ ماڭاۋا ،كالۋا قىرى!
جەمىلە خىياللار بىلەن قاچانلاردا چوڭ يولغا چىقىپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەي قالغان ئىدى. ئۇ سەي دۇكىنىدىن ئىككى تال پەمىدۇر،بىر تال چەيزاە،ئازراق كەرەپشە(ھەممىسى باھاسى چۈشكەن ،زىدە بوپ قالغان كۆكتاتلار)نى ئالغاندىن كىيىن يانچۇقىدىكى ئازغىنە پۇلىنى ئوغرىغا بىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن چىڭ سىقىمدىغىنىچە ئۇن ساتىدىغان دۇكانغا كىردى.
_يەنە سىزما خىنىم؟ ئادەمنى ........ئالغاندىن كىيىن جىقىراق ئالسىڭىز بولمامدۇ؟ قاش،چاچ،ھەتتا تىرناقلىرىغىچە سىرىق بويىۋالغان <ئۇيغۇر> ئايال جەمىلەگە يىرگىنىش كۆزى بىلەن قارىدى.
_كۆپىرەك ئالاي دىسەم يەتمەيدىكەن. بىزدەك كۈنلۈكىنى كۈندە تىپىپ يەيدىغانلارغا نىمە ئامال دەيسىز ئەمدى
-بولۇڭ،قۇرۇق گەپ قىلىپ ۋاقتىمنى ئالماڭ. سىزدەكلەر جىقىيىپ كەتتى شۇ ھازرى
-شۇ ئالتۇندەك سىياسەت ئاستىدا،ئالتۇن پارچىسىدەك چىچىلىپ يۈرۈپتىمىز. يىرىم كىلو بىرىڭە ئۇندىن
-ھىم..............
ئۆي دىمەي سەرەڭگە قاپچۇقىنىڭ ئازراقلا چوڭايتىلغىنى دىسىمۇ كەملىك قىلىدىغان بىرلا ئىغىز ئۆينىڭ ئىجارىسىنىمۇ ئاران تۆلەۋاتقان جەمىلەنىڭ خۇددى مۇزدەك قىتىپ كەتكەن،نەۋىرسىگىمۇ قاراپ قويمايدىغان قىيىن ئاتا-ئانىلىرغا قەتئىي يالۋۇرغۇسى يوق. يولدىشى تۈگەپ كەتكەننىڭ ياقى مۇشۇ كىچىككىنە بىر ئىغىز ئۆيدە ئاچ-توق بولسىمۇ يولدىن چىقماي بالىسىنى بىقىپ كىلىۋاتىدۇ. قىشنىڭ قاتتىق سوغۇقلىرىدا،يازنىڭ ئادەم كۆيدۈردىغان ئىسسىقلىرىدا ئىنچىكە ئاۋازى بىلەن:
-پايپاق ئىلىڭلار،ئەرزان ساتتىم. ئىككى كويغا بەش دىگەن زىل ،ھارغىن ئاۋازنى ئاڭلاپلا جەمىلە ئىكەنلىكىنى بىلۋالالايسىز. بۇ شەھەردە ئادەم شۇنچىلىك كۆپكى بىر قارسىڭىز ھەممىلا ئادەم كوچىغا پايپاق ساتقىلى چىقىپ كەتكەندەك شۇ دائىرىدىن ئازەراقلا چىقسىڭىز يەنە شۇ خىل ئىشلارنى قىلغىلى چىقىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ.
-پايپاق ئىلىڭە ئۇكام،ئەرزان ساتتىم.
-ماڭاۋا،قانداق رودۇپاي خوتۇن ماۋۇ. ئۆتمەس ماتا،زورلاپ ساتا دەپ،ئالمايمەن دېدىمغۇ؟ ئالدىراش ئادەمنى...........
-سىڭىللىرىم پايپاق ئىلىۋىلىڭلار،ئەرزان ساتتىم.
-ۋىيى ،ماۋۇ سەت خۇتۇننى،ئادەمنىڭ نۇمۇسىنى كەلتۈرۈپ كىمنى سىڭلىم دەۋاتىدا؟ جۈرە ئاداش بۇ يەردە تۇرغىنىمىزنى بىرەر تونۇشلىرىمىز كۆرۈپ قالمىسۇن. زامانىۋىي كىيىنگەن ئىككى <ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى> بەللىرىنى تولغاشقىنىچە ئۆتۈپ كەتتى.
-پايپاق،پايپاق، ئىلىۋىلىڭە
-ئىككى كويغا ئالتىنى بەرسىڭىز ئىلىپ قوياي ھەدە؟
_ئۇف،تاللىۋىلىڭ ئەمسە
مانا مۇشۇنداق جان باقىدىغان ئۇيغۇر ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن بىر كۈنلۈك كىرىمى 2 يۈەن بەش مو دىسەم قايسىڭلار ئىشىنىسىلەر؟ تەكتىماكاننىڭ قۇملىرى ئاستىدىن تارتىپ ئالتۇن،كۈمۈشكە تويۇنغان دىياردىكى بىر ئۇيغۇر ئانا كۆكتاتنىڭ ئەڭ سېسىقلىرىنى،كۈنىگە بولسا يىرىم كىلۇ،بولمىسا ئىككى يۈز گىرام ئۇن. گۆش دىدارى يوق تاماق بىلەن چالا-پۇلا قورساق گوللايدۇ دىسەم ھىچقايسىمىز كۆز يۇمالمايمىز ئەلۋەتتە. شۇنچىلىك كەڭرى كەتكەن زىمىننىڭ ئاسمىنى بەك ،بەك تار. كۈندىن ،كۈنگە كۆپىيىۋاتقان<جەمىلەلەر> ..........
بىر كۈن ۋارقىراپ،ئۆرە تۇرۇپ ئون جىنىنىڭ بىرسىمۇ قالمىغان جەمىلە،پۇتلىرىنى سۆرەپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئاپىسىنىڭ تىزىراق كىلىپ تاماق ئىتىپ بىرىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرغان ئەكبەر. سۇس كۈلۈمسىرەپ كىرۋاتقان ئاپىسىنى ئىشىكنىڭ يىنىدىلا چىڭ قۇچاقلىۋالدى. شۇنچىلىك ئوماق، چىرايىدىن ئاپىسىدىكى گۈزەللىك ئىزنالىرى كۆرۈلۈپ تۇردىغان بۇ بالىنىڭ ھازىرقى ئارزۇسى ياخشى ،گۆشلۈك تاماقلاردىن تويغۇچە بىر قىتىم يەپ بىقىش.
قىش كىرىپ قالغاچقا ئانا- بالا ئىككىسىنىڭ ھازىرقى كۈنى تىخىمۇ تەسلىشىپ كەتكەن . ھەر بىر خالتا كۆمۈرنى تەسىتلىكتە ئىلىپ،يۈرىكىنىڭ بىر پارچىسىنى كۆيدۈرگەندەك ئاۋايلاپ ئىشلىتىدۇ. مازلىرى تىتىلىپ كەتكەن ئەسكى يوتقانغا چىڭ پۈركۈنۈشۈپ يىتىپ ئانا ،كىچىككىنە بالىىسغا كونا مەشتىكى ئوتتۇنمۇ ئىسسىق بىر ھارارەتنى بىرىدۇ.
_بالام بۈگۈن ساڭا كاۋاپ ئىلىپ بىرەي ھە؟
-كاۋاپ يەمدۇق ئاپا؟ كاۋاپ بەك قىممەت تۇرسا؟ ياكى بۈگۈن جىق پۇل تاپتىڭمۇ؟
-ئەجرىمگە لايىق تاپتىم بالام. چاپىنىڭنى،قۇلاقچاڭنى تىز كىيگىن!
خوشاللىقتىن چىرايى باشقىچە نۇرلىنىپ كەتكەن ئەكبەر كىيىملىرىنى تىز كىيىپ ئاپىسى بىلەن سىرىتقا ماڭدى.
-كاۋاپتىن 10 زىق يەۋىتىمەن جۇمۇ ئاپا؟
_ماقۇل بالام
-10 زىققا تويمىسام يەنە مانتىمۇ ئىلىپ بىرەمسەن ئاپا؟
-ئىلىپ بىرىمەن....نىمىنى خالىساڭ شۇنى
سىرىتتىكى قاتتىق شىۋىرغاندا دۈگدىيىشىپ كىتىۋاتقان ئانا-بالا ئاشخانىغا تىزىراق يىتىۋىلىش ئۈچۈن قەدەملىرىنى تىخىمۇ تىزلەتتى. يولنى غۇۋا يورۇتۇپ تۇرغان كوچا چىراقلىرىدا ،ئىككى گەۋدە تەستلىكتە ئالدىغا ئىلگىرلەيىتتى.
-قار نىمىدىگەن گۈزەل. لىكىن بەك سوغۇق. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق شىۋىرغاندا پەقەتلا مۇزلىمىغان ئىدىم. قوللىرىمنى....
جەمىلە بۇلارنى ئويلاپ بالىسىنىڭ قولىنى تىخىمۇ چىڭ سىقتى
-ئاپا،قولۇمنى بوشراق تۇتقىنە!
-خاپا بولما بالام
-كىلەي دىدىقمۇ ئاپا؟
-ئەنە،ئاۋۇ كوچىنىڭ دوقمۇشىدا،يەنە ئىككى يۈز مىېتىر......
يان كوچىدىن چىقىپ شىددەت بىلەن ئۇرۇلغان ماشىىنا ئاۋال جەمىلەنى ئۇنىڭدىن كىيىن كىچىككىنە ئەكبەرنى خىلى يىراقلارغا قاڭقىتىۋەتتى.
ماشىنىنى تۈزۈك ھەيدىمەي ئاشنىسى بىلەن غىلجىڭلىشىپ ئولتۇرغان ئەمەت شۇجى تۇيۇقسىز بولغان بۇ ۋەقەدىن نىمە قىلارنى بىلمەي قالدى. ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ بىر دەسسەپ،ئككى دەسسەپ ،قار ئۈستىگە ئىسسىق قانلىرىنى يىيىپ ياتقان ئىككى گەۋدىنىڭ يىنىغا كەلدى. ئىچىنىشلىق ئىڭراۋاتقان ئانا،جىمىمدە بولۇپ كەتكەن بالىىسىغا قاراپ ئۈزۈك -ئۈزۈك ئاۋازى بىلەن :
-ئۇ.......ئۆتۈنۈپ قالاي.مېنىڭ ئوغلۇم........ئۇ ......كاۋاپ........بالام..........قۇتقۇزۋىلىڭ!!!
بۇ مىھرىبان ئانىنىڭ قان يۇقى ئىغىزىدىن چىققان ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرى بولۇپ .يىنىدا ئاللىقاچان جىمىپ ،سوزۇلۇپ ياتقان بالىسىغا قاراپ كۆزلىرى ئوچۇق ھالدا ئۆز زىمىنىدىن نىسىۋىسىز ئايرىلدى.
-قانداق قىلىمىز؟ئىككىلىسى ئۆلۈپتۇ ،-دېدى ئەمەت شۇجى قاڭسىق ھاراق پۇراپ تۇرغان تىلىلرنى گاچىلاشتۇرۇپ.
-قانداق قىلىتىڭىز، غىت قىسىپ ئاستا يوقىلىسىز. بەربىر ئۆلۈپتۇ. چاپسان ماڭايلى خەق كىلىپ قالغۇچە. بۇ خەق ئۆلگەنگە ئدەم كەملەپ قالامتى بۇ يەردە..............
ھايۋاندىمۇ ئازراق مىھرى-مۇھەببەت بار. لىكىن ھايۋانچىلىكمۇ بولالمىغان بۇ ئىپلاسلار ئارزۇ بىلەن كىتىپ قالغان ئىككى جەسەتنى شۇ شىۋىرغانلىق كوچىدا قالدۇرۇپ يولىغا راۋان بولدى.
ئىنسان ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى؟
ياق! ئۆز تەقدىرىگە پەقەت ياغاچچى بولالىغان ئۇيغۇرلار. تىزىراق كىسىلىپ تۈگىشىگە ھەرە بولۇپ بىرىۋاتقان ئۇيغۇرلار شىۋىرغانلىق كوچىلاردا ئەڭ تۆۋەن ئارزۇ-ئارمىنىغا يىتەلمەي قانغا مىلىنىپ كۆزى ئوچۇق كىتىۋاتقان كىچىك ئەكبەرلەر.جاھاننىڭ قىلچىلىك خۇلىقىنى كۆرمىگەن جەمىلەلەر.........
پەقەت ئۆز يىغىمىزدا قورۇلۇپ تۈگەۋاتىمىز.


ئەسكەرتىش :

يۇقىرىدىكى ناخشا،فىلىم،مىسال،شېئىر،سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ھەممىسى.مېنىڭ بۇرۇنقى تېمام بولغان :

( ئۇ مېنىڭ ، سىزنىڭ ، ھەممىمىزنىڭ ئانىسى ) ناملىق تېمامدىن ئېلىندى..





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   7YIGIT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 02:14  


باغرىڭغا باش قويغاننىڭ ھەممىسىنى مېنى سۆيىدۇ دىمە.پاشىمۇ ئاۋال قونۇپ ئاندىن قېنىڭنى شورايدۇ ئەمەسمۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
95 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
195

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 02:18:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالى باشقۇرغۇچىلار بۇ تېمىنى « كۆڭۈلدىكى سۆز » سەھىپىسىگە يۆتكەپ قويغان بولساڭلار ..

باھا سۆز

dilroh  باشقۇرچىنىڭ تىما يۆتكەش ھوقۇقى يوقما  يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:01:56
باغرىڭغا باش قويغاننىڭ ھەممىسىنى مېنى سۆيىدۇ دىمە.پاشىمۇ ئاۋال قونۇپ ئاندىن قېنىڭنى شورايدۇ ئەمەسمۇ

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
516
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 21:54:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانامنى  ئەجەپ  سىغنىدىم . بىزنى مۇشۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغان ، بىز ئۈچۈن ئۆز بەختىنى ، بارلىقىنى بىزگە ئاتىغان ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن !!!

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 22:27 , Processed in 0.466151 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش