يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1887 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 779|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر كارخانىچى-دېرىكتۇرلارغا تەكلىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:51:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئادەمنىڭ خارەكتىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئادەمنىڭ قىزىقىشىمۇ ئوخشىمايدۇ، مەن ئۈزەم ھىندىستان كىنولىرىنى قىزىقىپ كۈرىمەن، بۇلۇپمۇ، قانلىق قىلىچ،بۇزۇلماس ۋەدە،ئانا مېھرىگە تەشنا قىز،شاتلىق ئىچىدىكى قايغۇ،نۇرى...قاتارلىقلار...بۇنىڭدىن باشقا ئادەمنى مېھرى-مۇھاببەتكە ئۈندەيدىغان، ياخشىلىق،مېھرى-مۇھاببەت،ئۈمۈتۋارلىق ۋە ئىشەنچنىڭ يەردە قالمايدىغانلىقى توغرىلىق تەسۋىرلەنگەن كىنولارنى،ھەرگىزمۇ باشقا ناچار خاھىشلار تەسۋىرلەنگەن كىنولارنى ئەمەس، ھەم،شۇلاردىن تۇرمۇش ئۈگۈنىمەن دىسەممۇ بولىدۇ. ئەمدى، بۇ ھىندىستان كىنولىرى بىلەن تېمامنىڭ نامى ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىش بار؟ بەلكىم نۇرغۇن ئوغۇللار ئەمەس بەلكىم قىزلار «ئانا مېھرىگە تەشنا قىز » دىگەن كىنونى كۆرگەن بۇلۇشى مۇمكىن، بۇ كىنونىڭ مۇھەببەت دىگەن ناخشىسى ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، ياشلار ئارىسىدا خېلى قىزىقىشنى پەيدا قىلغان. شۇ كىنودا ئاساسلىق ئارتىس دېۋ(ئەسلى رول ئالغۇچىنىڭ ئسمى ئارجۈن رامپال )نىڭ دادىسى كاتتا باي،نەچچە يەردە زاۋۇتلىرى بار بىر شەخس، دېۋ بولسا ئامرىكىدا ئوقۇغان بۇلۇپ، كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ، دېۋ قايتىپ كېلىپ، دادىسىنىڭ زاۋۇتلىرىنىڭ ئىچىدە مەلۇم بىر زاۋۇتنىڭ ھەر ئايدا زىيان تارتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئۇ زاۋۇتنى تاقىۋېتىشكە دادىسىنى ئۈندەيدۇ، شۇ چاغدا دادىسى مۇنداق دەپ جاۋاپ بىرىدۇ:«ھەي ئوغلۇم،ئەگەر بىز زاۋۇتنى تاقىۋەتسەك نۇرغۇن دېھقانلار ئىشسىز قالىدۇ، ئۇلار ئىشسىز قالسا ئائىلىسىنى قانداق قامدايدۇ؟ شۇڭا زىيان تارتساقمۇ ئۇنى تاقىۋەتسەك بولمايدۇ....» بۇ سۆز شۇچاغدا پەقەت ئامرىكىدا ئوقۇغان دېۋ غا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، ماڭىمۇ بەك تەسىر قىلغان ئىدى، بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرگە تەسىر قىلغاندۇ. دىمەك، زىيان تارتسىمۇ، دېھقانلارنىڭ ئىشسىز قالماسلىقى ئۈچۈن، زىيان بولسىمۇ داۋاملىق زاۋۇتنى ماڭدۇرغان شۇ ئاتىغا بەكمۇ قايىل بولغۇسى كېلىدۇ ئادەمنىڭ.
مىنىڭ بىر تورداش ئىنىم بار، ئۇ بالا ئۆتكەن يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردى،بىراق، ھازىرغىچە نەچچە يەردە ئىشلىگەن بولسىمۇ، بەزىبىر سەۋەبلەر سەۋەبلىك داۋاملىق ئىشلەشكە ئامال بولماي، دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىمەن دەپ يۈرىدۇ. سەۋەب نىمە؟ دىيىشىچە ئاساسلىق سەۋەب،ئۇيغۇر كارخانىلىرىدا مائاش بەك تۆۋەن ئىكەن. ھازىرقى بۇ سەۋىيە بىلەن قۇساقنى بېقىشمۇ تەس ئىكەن.ھەممىمىز بىلىمىز، ھازىر ئاشلىق،ئۇن،ماينىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆستى، شۇ سەۋەبلىك تاماقنىڭ باھاسىمۇ خېلىلا ئۆستى. قوي گۆشى ئۆتكەن يىلى 17 يۈئەن ئەتراپىدا بولغان بولسا، بۇ يىل 35 يۈئەنگە چىقتى، بىر ھەسسە ئۆستى دىگەن گەپ، ماي،گۈرۈچنىڭ باھاسىمۇ خېلىلا ئۆسۈك ھازىر.
شۇ كارخانىچىلىرىمىز تاپقان تەرگىنىنى دەسمايە سېلىپ، ئۇرۇق-تۇققان،دوست،يارۇ-بۇرادەرلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئاتا ئانىسىنىڭ دۇئاسى بىلەن دۆلەتنىڭ ھەر خىل ئېتىۋار سىياسەتلىرى ۋە كەڭ سىياسەتلىرىگە ئاساسەن ئىگىلىك تىكلەپ، كارخانا-شىركەت قۇرۇپ، ھىچ بولمىسا تاللا بازارلىرىنى ئېچىپ، بازار ئىگىلىكىنى جانلاندۇرۇپ، خەلققە جىق قولايلىقلارنى ئەكەلدى، پۇل بولغان تەغدىردىمۇ،كىشىلەر ئېھتىياجلىق ئالىدىغان نەرسە بولمىسا، پۇلنىڭ كېرىكى بولمايدۇ.
بۇ قېتىم، دۆلىتىمىزنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدە قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن شەخس ۋە ئۇرۇنلار نۇرغۇنلىغان ئىئانىلەرنى بەردى. بىزنىڭ داڭلىق كىچىك ناخشىچىمىز ئەرفانمۇ 50 مىڭ يۈئەن ئىئانە قىلدى، ئەرفان بەك كىرسە 11-12 ياشلارغا كىرگەندۇ، بىر كىچىك بالا ئۈچۈن شۇنچىلىك قىلىش ئاسان ئەمەس،بۇ خىل خالىس روھ ئادەمنى ھەقىقەتەن خوشال قىلىدۇ.
ئادەم ياخشىلىق قىلىش بىلەن، باشقىلارغا كۈيۈنۈش،باشقىلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش ئارقىلىق ھاياتىنى تېخىمۇ زور مەنىگە ئىگە قىلالايدۇ. ئەمدى، دۆلىتىمىزدە ئادەم جىق، ھەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار نەچچە يۈز مىڭغا يېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىش تاپمىقى شۇنداق تەس،بىز ئۈچۈن تېخىمۇ تەس، بۇ ئىجتىمائى ئەھۋال ھەممىمىزگە ئېنىق، قىيىنچىلىق ھەممە ئادەمگە بار، ئامرىكىدىكى ياشلاردىمۇ، ياپۇنىيەدىكى ياشلاردىمۇ،ئىچكىردىكى باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلاردىمۇ قىيىنچىلىق بار،بۇنى ھەر يىلى ئالىي مەكتەپلەردە ئۆتكۈزىلىدىغان ئىقتىساسلىقلارنى تاللاش بازارلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار توپىنىڭ جىقلىقىدىن كۈرۈۋالغىلى بولىدۇ، ھەتتا بەزى ئوقۇغىچىلار شەھەر ئاتلاپ،ئۆلكە ئاتلاپ شۇنداق تاللا بازارلىرىغا قاتنىشىدىغانلار بار، دىمەك رىقابەت،بېسىم ھەممە ئادەمگە ئورتاق. ھەممە ئادەمگە قىيىنچىلىق،دەۋرنىڭ بېسىمى، تۇرمۇش،ياشاش بېسىمى بار، شۇڭا بەك ۋايساپ كىتىشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق،رىئاللىققا يۈزلىنىش،كىچىك بولسىمۇ قىلىش، ئۈزەڭگىدىن چۈشۈش،ئۈزىنى ھەددىدىن ئارتۇق چوڭ چاغلىماسلىق،ئاتا ئانىسىغا تايىنىۋېلىش خاھىشىدىن يىراق بۇلۇش كېرەك. بۇ توغرىلىق زۇلپىقار باراتنىڭ يازغان بىر ماقالىسنى(ماقالىنىڭ ئسمى يادىمدىن چىقىپ قاپتۇ،كۆرگەنلار بارغۇ دەيمەن. شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىغا بېىسىلغان ئىكەن ، ئۇ ماقالە ) ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەمدىكى گەپ، شۇ ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى سىلەر ھەقىقەتەن ئاز بولمىغان جاپا مۇشاققەت بىلەن شۇ ئىگىلىكنى تىلكىدىڭلار، ئەمدى ئىگىلىكنى تىللىگەندىن كېيىن، ئەلۋەتتە ئۇنى كېڭەيتىش،چوڭايتىش،زورايتىش، ھەممە كارخانىچىنىڭ ئويلايدىغىنى شۇ، ئارزۇسى شۇ. چۈنكى،بۇ ھەر بىر سودا قىلغۇچىنىڭ ئارزۇسى ۋە سودىنىڭ تەقەززاسى.زورايتىش، كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە شۇ كارخانىدا كۈڭۈل قۇيۇپ ئىشلەيدىغان، كارخانىغا ھەسسە قۇشۇشنى ئويلايدىغان، جاپادىن قورقمايدىغان، ياردەم بىرىشنى چىن قەلبىدىن ئويلايدىغان بىر خىزمەتچى قۇشۇن بۇلۇش كېرەك. بۇ خىزمەتچى قۇشۇننى شۇ كارخانىغا تارتىپ تۇرىدىغىنى، شۇ كارخانا باشقۇرغۇچىنىڭ ساپاسى، بىلىمى، ئەخلاقى قاتارلىق ئامىللاردىن باشقا، شۇ خىزمەتچىگە بىرىلگەن مۇۋاپىق مائاشتىن ئىبارەت، چۈنكى، ھازىر ھەممە نەرسە ئىختىسادقا تاقىلىدىغان بۇلۇپ كەتتى، دۆلىتىمىزنىڭ سىياتىسىدىمۇ ئىقتىسادى قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ.....دىگەن گەپ بار بۇلۇپ، ئەڭ ئاۋال تىلغا ئېلىنغىنى ۋە مەركەزلىك قىلىنغىنى ئىقتىساد.
سىز كارخانا قۇردىڭىز، سىزدە بەلگىلىك ئىختىسادى ئاساس بولمىسا، سىز ھەرگىزمۇ كارخانا ياكى شىركەت زاۋۇت قۇرالمايسىز، سىز ئادەم ياللاپ ئىشلەتكەن ئىكەنسىز، ئۇنىڭ ھەققىنى ئوبدان ئادا قىلىڭ، يولباشلىغۇچىمىز شۇنداق دىگەن: «بىر ئادەمنىڭ ھەققىنى ئۇنىڭ تەرى قۇرۇپ بولغۇچىلىك قولىغا تۇتقۇزۇڭلار...» دىمەك،باشقىلارنىڭ ھەققىنى دەل ۋاقتىدا، ئوبدان ئادا قىلىش كېرەك. سىز شۇ سىزگە ئىشلەۋاتقان خادىمغا يىتەرلىك مائاش بەرمىسىڭىز،قۇسىغى تويغۇدەك بىر مائاشقا ئېرىشەلمىسە، كۆڭلى خاتىرجەم بولمىسا، ئۇنىڭ يەنە داۋاملىق ئىشلەۋېرىشكە رايى بۇلامدۇ؟ سىزنىڭ شىركىتىڭىزگە كۈيۈنۈپ ئىشلەمدۇ؟ شىركىتىم روناق تاپسۇن دىسىڭىز، يېنىڭىزدىن چىقارسىڭىزمۇ ئۇنىڭغا ھىچ بولمىغاندا 800 يۈئەندىن ئارتۇق مائاش بىرىڭ،« ئادەم جىق، سەن كەتسەك كىلىدىغانلار بار» دەپ، خادىملارنىڭ غۇرۇرىغا تەگمەڭ، ھازىرغۇ سىزدە پۇل بار، باشقىلار سىزگە ياللىنىپ ئىشلەيدۇ، ئەگەر سىز باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەپ،سىزگە 300-400 مائاش بەرسە ،سىز بىر ئاينى قانداق توشقۇزارسىز؟ سىز شۇ شىركەت خوجايىنىدىن رازى بۇلامسىز؟ ئۇنىڭغا كۈيۈنۈپ ئىشلەمسىز؟ كۆڭلىڭىز خاتىرجەم بولمىسا، سىز بۇ ئۇرۇندا داۋاملىق ئىشلەۋېرىشنى خالامسىز؟ ھەرگىز، خالىمايسىز، ئۇنداق قىلمايلى، بىزدىن كىتىدىغىنى بىر ياكى قىزىل قەغەز، ئۇنى بەرسەك بىز باشقىلارغا بەرمەيمىز، بەلكى شىركەتكە ئىشلەۋاتقان، بىر كىشىلىك ھەسسە قۇشۇۋاتقان ئادەمگە بىرىسىز. نۇرغۇن بايلار مىليۇن مىليۇن پۇل خەجلەپ ساخاۋەت ئۇرۇنلىرىغا ياردەم قىلىدۇ،بىر دۆلەتتە قىيىنچىلىق بولسا، نۇرغۇن دۆلەتلەر ياردەم بىرىدۇ، بىز نىمىشقا ئۈزىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى شۇ ئىقتىسادقا تەشنا،ھالال ئىشلەۋاتقان خادىملارغا بىرىشكە كۈزىمىز قىيمايدۇ،سىز ھەقاچان ھىندىستانلىقنى قارا پاقا،ئۇچى بۇچى دەپ كۆزگە ئىلمايسىز، بىراق سىز، بىز بىر ھىندىستانلىقتەكمۇ بۇلالمامدۇق؟ زىيان تارتسىمۇ، شۇ دېھقانلارنىڭ ئاچ قالماسلىقى،ئۇلارنىڭ ئىشسىز قېلىپ، ئائىلىسىنى قامدايدىغان كىرىمىنىڭ بولماسلىقىنى ئويلاپ، ئۇلارنى داۋاملىق ئىشلەتسە، بىز بولساق، يېنىمىزدا ئىشلەۋاتقانلارغا بىر تۈزۈك مائاش بىرىشكىمۇ رايىمىز بارمىسا، قېنى بىزدىكى مەرتلىك، مەردانىلىق، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش،بىزنىڭ ئەنئەنىمىزدە چوڭ گۇناھ، ئۇنتۇپ قالماڭ، شۇ سىز ئازغىنە مائاش بەرگەن ۋە ياكى بىر نەچچە كۈن ئىشلىتىپ قوغلىۋەتكەن شۇ بالىلارنىڭ ئارىسىدا يىتىملار بوپ قالسا، ئۇلارنىڭ-يىتىملارنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش تېخىمۇ چوڭ گۇناھ..ئېغىر گۇناھ...
ئۇنداق قىلمايلى، باشقىلارنى قەدىرلەيلى، ئۈزىمىزگە كۈيىنەيلى. شۇنداق دىيىلگەن قەلبىدە زەررىچىلىك كىبىرى (ھاكاۋۇر) بار ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. بىز9 ئايدىن ئارتۇق، ئانىمىزنىڭ قۇسۇقىدا،3 قەۋەت قاراڭقۇلۇقنىڭ ئىچىدە، قېرىن،ئۈچەي،دوۋسۇن،مەقەتنىڭ ئارىسىدا تۇرىمىز، بۇلار پوق،سۈيدۈك،نىجاسەت ۋە كىرەكسىز نەرسىلەرنىڭ ئورنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ پەيدا بولغۇنىمىز بولسا، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان ئەرزىمەس سۇدىن يارىتىلغانمىز. شۇڭا باشقىلارنىڭ تۆۋەن كۈرۈشنىڭ،ھاكاۋۇرلۇق قىلىشنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوق، قىسقىسى بۇنداق قىلىش ساپاسىزلىق ۋە ئاڭسىزلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
يەنە دەيدىغىنىم، شۇ ئەتراپىڭىزغا كىلىپ ئىشلەي دىگەن بالىلارغا كۈيۈنۈڭ، ئۇلارنىڭ ھەققىنى تۇللۇق ئادا قىلىڭ. ئۇلارنى قىينىماڭ، ئىش ھەققىنى تۇللۇق،دەۋرنىڭ ئىستىمال سەۋىيسىگە لايىقلاشتۇرۇپ ئادا قىلىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئۈزىڭىزمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرىسىز، ئۇلارمۇ سىزنىڭ شىركىتىڭىز ئۈچۈن جان كۆيدۇرۈپ،ئۇزۇنغىچە تېيىپ كەتمەي ئىشلەيدۇ. ئۇلارنىڭمۇ قۇلى پۇل كۆرسۇن، ئۆي ئالالمىسىمۇ، ئۆي ئىجارە ئېلىشقا يىتەرلىك پۇلى بولسۇن، ئۆيلەنسۇن، قىزلىرىمىز ئەرگە تەگسۇن، شۇنداق بولغاندا جەميەتتە بۇزۇلۇشنىڭ،ئەنئەنىنىڭ يۇقۇلۇپ،ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا توغرىسى سىزنىڭمۇ ھەسسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى، سىز بەرگەن مائاش ئارقىلىق ئۇلار ئۈزىنىڭ ھەققىنى ئېلىپ، توي قىلىشتىن ئىبارەت بۇرچىنى ئادا قىلىپ، زىنادىن يىراق بولسا، سىزنىڭمۇ ئەجرىڭىز ۋە ساۋابىڭىز بولىدۇ. سىز باشقىلارغا ئارتۇق خەشلىگەن، رېستۇرانلارغا، بۇزۇقچىلىقلارغا سەرب قىلغان پۇللىرىڭىزدىن ئازراق سەرب قىلىپ، شۇ ناتىۋانلارغا ياردەم قىلىڭ،بانكىدا پۇلىڭىز بىكار تۇرسىمۇ تۇرىدۇ، باشقىلارغا قۇيۇلۇپ كەتسىڭىز، پۇشمان قىلغان بىلەنمۇ بىكار، شۇڭا پۇل بار چاغدا كىلىدىغان ياخشىلىقنى قىلىۋېلىڭ، ھەقنى تۇللۇق ئادا قىلىش،بىرىشتىن ئىبارەت ھەقنى،مائاشنى بىرىڭ، ئۇلار قىينالمىسۇن،ئۇلارنىڭ كۆڭلى سىزدىن سۇ ئىچسۇن،سىزدىن رازى بولسۇن، دىل رازى ،رەب رازى دەپتىكەن.باشقىلارنىڭ ھاجىتىدىن سىز چىقسىڭىز، پەرۋەردىگارمۇ سىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىڭىزنى ئاسان قىلغۇسى. باشقا يەردىن خىزمەت تاپاي دىسە تەس بۇلىۋاتقانلارنىڭ سۇنۇق دىلىغا ئازار بەرمەڭ، ئۇلارمۇ كۈلسۇن، چېھرىدىكى مسىكىنلىك يوقالسۇن. دۇنيا مېھرى-مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇر.




Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1406 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3507

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:01:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىزنى ئوقۇپ، بىر نەچچە يىل بۇرۇنقى بىر رېستۇران دېرىكتۇرىنىڭ بىر مۇلازىمەتچى قىزنىڭ بىر ئايلىق مۇئاشىنى بەرمەستىن، (ئاڭلىسام ئايرىم خانىغا چاي قۇيغىلى كىرگەندە بىرەيلەن پوخۇرلۇق قىپتۇ، بۇ قىزچاق قايتا كىرگىلى ئۇنىماپتۇ، ئەسلى ھېلىقى ئىپلاس بۇ رېستۇران دېرىكتۇرىنىڭ يېقىنى ئىكەن، شۇ ھامان ئۇ قىچاقنى چېقىشتۇرۇپتۇ، شۇڭا رېستۇران دېرىكتۇرى ئۆز خىزمىتىڭنى ياخشى ئىشلىمىدىڭ، مېھمانلار ئۈستۈڭدىن ئەرىز قىلدى، دەپ مۇئاشىنى تۇتىۋاپتۇ)ئۇ قىزنىڭ نەچچە كۈن يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇرغانلىقى، ئەمما ھېلى رېستۇران دېرىكتۇرىنىڭ بولسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك غىدىيىپ تۇرىشى كۆز ئالدىمغا كەلدى.
ناھايتى ياخشى يازما بوپتۇ، دىمەكچىمۇ ئۇيغۇر كارخانىلاردا ئىشلەۋەتقان ۋە ئىشلەپ چىقىپ كەتكەنلەر ئەتىدىن كەچكىچە مۇئاش بەك تۆۋەن دەپ قاقشايدۇ، شۇڭلاشقىمۇ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئالمىشىش سۈرئىتى بەكلا تېز، يۇقۇردا ئېيتىلغاندەك ئۇيغۇر كارخانىلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئاشۇ قىز- يىگىتلىرىمىزنىڭ، توغرىسى ئىنى- سىڭىللىرىمىزنىڭ، قېرىنداشلىرىمىنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولسا، ئۇلارمۇ جەمىئەتتە بىر كىشلىك ئورنىنى تىكلىسە، بەلكىم بىز قاقشاۋاتقان نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولارمىكىن، دەپ ئويلاپ قالدىم!
ئاخىردىكى سۆز بەك توغرا ئېيتىلغان: دۇنيا مېھرى- مۇھەببەت بىلەن گۈزەل!


مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
260 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
919

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 23:51:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئىشخانىدا مائاش پەرقى بەك زۆر   مەنمۇ ئىش تاشلىشىم مۇمكىن بىر مەزگىلدىن كېيىن  مائاشىمنى ئازراق ئۆستۈرۈپ بىرىڭ دىسە  سىلەر ماڭا نەچچەلىك ئىقسادى ئۈنۈم تىپىپ بەردىڭلار  نەچچە پۇل تىپىپ بەردىڭلار ماڭا دىيىشلىرىدىن جاق تويدۇم

ھاياتلىق - زىددىيەت ، كېلىشمەسلىك ، شادلىق ۋە قايغۇلارنىڭ مۇجەسسىمىدۇر !!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:05 , Processed in 0.048234 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش