يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 893|ئىنكاس: 5

بۆرەك، ئوبىرنى، زەيتۇن يېغى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:05:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۆرەك، ئوبىرنى، زەيتۇن يېغى


ھەممىمىز بىلىمىز ھازىر بۆرەك كىسلىنى داۋالاش بەكمۇ تەس،داۋالىدى دىگەن تەغدىردىمۇ، ئاساسەن ئىقتىسادقا بېرىپ تاقىلىدۇ، بۆرەك زەئىپلەشتى ياكى كاردىن چىقتى دىگەن گەپ،بۆرەك زەئىپلەشسە كاردىن چىقسا، قان تازىلاتماي بولمايدۇ،ھەپتىدە ئىككى قېتىم ، ئېغىر بولغاندا 3 قېتىم، پۇل بولمىسا، قان تازىلىتىشقىمۇ ئامال يوق، ئۈلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان گەپ،
بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن زور ئىقتىساد كېتىدۇ، ۋاڭ يەنناغا ئوخشاش ھەقسىز بۆرەك تەقدىم قىلسىغۇ سىزنىڭ تەلىيىڭىز، ئۇنداق بولمىسا، مۇۋاپىق كېلىدىغان تەييار بۆرەكنى سىزگە كىم تەغدىم قىلىدۇ دەيسىز، شۇ بۆرەكنى تەغدىم قىلغان تەغدىردىمۇ يەنە ئوپىراتسىيە ھەققى، ئوپىراتسىيەدىن كېيىنكى كۈتۈنۈش ۋە باشقا ھەقلەر خېلى ھاللىق ئائىلىنىمۇ ھالسىرىتىپ قويىدۇ، نامرات بولسا ئۈلۈمگە يول ئالماقتىن باشقا ئامال يوق،گەرچە تور،گېزىت،ژورنال ئارقىلىق جەميەتتىن ئانچە مۇنچە ياردەم قىلدى دىگەندىمۇ بىراقلا يۈزمىڭ ياكى ئىككى يۈز مىڭ پۇلنىڭ بىراقلا يىغىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە.....


ئەمدى بۆرەكنى قانداق ئاسرايمىز، بىز باشقىسىنى قىلالمىساقمۇ، ئەڭ ئەقەللىسى كىچىك تاھارەت قىستىغاندا ۋاقتىدا ھاجەت قىلايلى. ئوبىرنىغا ۋاقتىدا بارايلى، ھەقسىز ئوبىرنىغا بارالمىساق، ھەقلىق بولسىمۇ ۋاقتىدا ئوبىرنىغا بېرىپ سۈيدۈكنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋېتەيلى. چۈنكى، قان بەدەننى ئايلىنىپ،بۆرەككە كەلگەندە بۆرەك قان تازىلاش ئېلىپ بارىدۇ، كۈرۈڭ بۇ كارامەتنى كىچىككىنە مۇشتۇمچىلىك كەلمەيدىغان بىر ئەزا قان تازىلاۋاتىدۇ، سۈنئى قان تازىلاش ئۈسكىنسىنى تېلۋىزۇردا ياكى دوختۇرخانىلاردا كۆرگەنلەر ئاز ئەمەس، ئۇنىڭ خېلىلا چوڭ، شۇنداق تۇرۇقلۇق،بۆرەكنىڭ فۇنكىسسىيىسىنى تۇللۇق ئۇرۇنلاپ كەتمەيدۇ، قاراڭ، رەب نىڭ ھېكمىتىگە، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىغا.
شۇنداق قاندىكى ناچار نەرسىلەر بۆرەك ئارقىلىق تازىلىنىپ، سۈيدۈك قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق نەرسىلەر چىقىرىپ تاشلىنىش ئۈچۈن سۈيدۈك خالتىسىدا ساقلىنىپ تۇرىدۇ، بۆرەك داۋاملىق قاننى تازىلاپ تۇرىدۇ، مىنۇت،سىكۇنىتلاپ، شۇڭا ئادەم بولغان بىز شۇ كاللمىزدا كىچىك تاھارەتتىن ئىبارەت
ھىس تۇيغۇ شەكىللەنگەن ھامان ۋاقتىدا ئوبىرنىغا بېرىڭ،ۋاقتىدا ئوبىرنىغا بېرىش، يۈزمىڭ يۈئەن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك پۇلنى دوختۇرخانىغا بەرگەنگە قارىغاندا، گاڭسا جىسا بۇلۇپ،نامرات بولغانغا قارىغاندا كۆپ ياخشى ۋە ئاقىلانە تاللاشتۇر..كۈندۇزى كۆپرەك سۇ ئىچىپ بىرىڭ، ئاخشىمى ئازراق سۇ ئىچىڭ، كۈندۈزى سۇ ئىچىش بۆرەكتە تاش پەيدا بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنى قايناقسۇ، ھەرگىزمۇ سوغاقسۇ ياكى ئسىپىرتلىق سۇ ئەمەس.

زەيتۇن يېغى، دۇنيادىكى ئەڭ ئىسل ياغ دەپ تەرىپىلەنمەكتە، ئۇنىڭ كىسەل داۋالاش ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى، چۈنكى ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان تۇيۇنمىغان كىسلاتا ۋە باشقا ماددىلار بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە رولى ناھايىتى چوڭ، بىزدە ماينى ماي ئالىدۇ دەيدىغان گەپ بار، يەنى سۇپۇننىمۇ مايدا،ياغدا ياسايدۇ، ھايۋانات يېغى ۋە ئۈسۈملۈك يېغى، شۇنىڭغا كىيىملەرنى سۇپۇندا يۇيغاندا چۇقۇم پاكىز چايقاش كېرەك، ياكى چوشقا يېغى ئىشلىتىلمىگەن يەرلىك كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان سۇپۇننى ئىشلىتىش كېرەك، زەيتۇن يېغى بولسا، ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ئادەم بەدىنىدىكى ئارتۇق مايلارنى پارچىلاپ، مىڭە قان تۇمۇر تۇسۇلۇش، قاندىكى ياغ ماددىسى ئارتىپ كېتىش، جىگەرنى ماي قاپلاش دىگەن كىسەللەرگە ئالاھىدە ئۈنۈمى بار، كۈندە زەيتۇن يېغىدىن ئىككى قۇشۇق يەپ بەرسە ئادەمنى ساغلام قىلىپ، يۇقۇردا دىيىلگەن كىسەللەرگە ئۈنۈملۈك شىپا بولىدۇ، ئۇندىن باشقا دىئابىت كىسىلىگىمۇ بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمى بار.شۇڭا ماي مىقدارى ئېشىپ كەتكەن، سەمىرىپ كەتكەن، جىگەرنى ماي قاپلاپ كەتكەن، قان تۇمۇر مىڭە تۇسۇلۇش كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلار زەيتۇن يېغى يەپ بىرىڭ،كۈندە ئىككى قۇشۇق،بىراقلا يىيەلمىسىڭىز، سوغۇق سەيگە ئارىلاشتۇرۇپ يەڭ، تاماق ئىتىپ يىسىڭىز تېخى ياخشى،ئىقتىسادى قۇربىتىڭىز يەتسە، چۈنكى، زەيتۇن يېغى بىر قەدەر قىممەترەك، لېكىن، دورىغا سېلىشتۇرغاندا ئەرزان توختامدىكى.
بۇنى ئۈزىڭىز قارار قىلىڭ.

مىسال: ۋېلىسپىت رىمونت قىلىدىغان بىر يەكەنلىك كىشى 40 يېشىدا ۋاپات بولدى، سەۋەبى ، ۋاقتىدا ئوبىرنىغا بارمىغان ،بارالمىغان ھەر قېتىم بارماقچى بولغاندا، ۋېلىسپىت رىمونت قىلدۇرىدىغانلار كەپ قالغان، شۇنداق قىلىپ، نەچچە سائەتلەپ سۈيدۈكنى قىستاپ تۇرغان، ۋاقتىدا كىچىك تاھارەتنى ۋاقتىدا قىلمىغان، سۈيدۈكنى بەدەن سىرتىغا ۋاقتىدا چىقىرۋەتمىگەن، نەتىجىدە بۆرەك كاردىن چىققان، سۈيدۈكتىن زەھەرلەنگەن ئاخىرىدا ھاياتىنى نابۇت قىلغان. بىر ئىككى يۈئەن ئۈچۈن، بۆرەك كاردىن چىقىپ،ۋاقتىدا كىچىك تاھارەت قىلمىغانلىقى، ئوبىرنىغا ۋاقتىدا بارمىغانلىقى سەۋەبلىك،
سۈيدۈكتىن ئىبارەت بەدەن ئەخلىتى ۋاقتىدا سىرتقا چىقىپ كېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ،بىر ئىككى يۈئەن ، ئاخىرى ياشلا تۇرۇپلا ھالەك بولغان.


يۇقاردىكى مەزمۇنلارنى دەپ بەرگۈچى: ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىن تۇرغۇن.


مۇنبەرگە يوللىغۇچى: بارماقلىرىم، ئاڭلىغىنى: قۇلاقلىرىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ayqiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:37  


Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى 12:25:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: بۆرەك ۋە زەيتۇن يېغى

peacelife212 يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:05
بۆرەك، ئوبىرنى، زەيتۇن يېغى
ھەممىمىز بىلىمىز ھازىر بۆ ...

مېنىڭچە تېمىنى «بۆرەك ۋە زەيتۈن يېغى» دەپ ئالغان تۈزۈك .«ئوبىرنى» ئاتالغۇسى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا يوق .پەقەت ئاغىزاكى تىلدىلا ئازتولا ئۇچرايدۇ .

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
8
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:48:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تىمىكەن . ئەڭ ياخشىسى بۇ تىمىنى تىما ئىگىسى باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ يوللاپ قۇيۇڭ ! ھەممە ئادەم پايدىلانسۇن ، بەك ئاددى ھەم بەك مۇھىم ئىشكەن بۇ !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 09:41:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەيتۇن يېغى بەدەندىكى توكسىننى تازىلاش رولى بار . شۇڭا قەۋزىيەت بولغانلار قۇرۇقلا ئىستىمال قىلىپ بەرسە قەۋزىيەت كېسەللىكگە پايدىلىق . ئۇنىڭدىن سىرت تاماقنى مايلىقراق يەيدىغانلار باشقا مايلارنى ئىشلەتكەندىن زەيتۇن يېغى ئىشلەتسە يۇقىرى قان بېسىم ، قاندىكى ماي تەركىبىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
ھازىر كۆپىنچە ياشلاردا بۆرەك ئاجىزلىقى ، بەزىبىر سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى ، جنىسىي يول كېسەللىكلىرى ئېغىرلاپ قالدى ، مەنچە سەۋەبى ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ خىزمەت بېسىمى ،تۇرمۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .  مەسىلەن بانكا ، دوختۇرخانا ، شوپۇرلۇق ،دىگەندەك قوپماي ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان ئورۇنلاردىكىلەر تازىلىق ئۆيىگىمۇ خالىغان ۋاقتىدا بارالمايدۇ ، يەنە ھازىرقى ياش ئۆسمۈرلىرىمىز تورخانىغا بىر كىرىپ كەتسە سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كىرىشىپ ،تازىلىق ئۆيىگىمۇ كىرىشكە ۋاقتى چىقمايدۇ ...شۇنداق ئەھۋاللار ئۇزاق داۋاملاشقاندا بەدەندىكى چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك زەھەرلىك ماددىلار بەدەنگە تارقىلىپ بەزىبىر كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان ئىش شۇ ....
peacelife212 نىڭ بۇنداق ئاددىي ئەمما تۇرمۇشىمىزدا ئۆزىمىز دېققەت قىلمايدىغان نۇقتىلاردىن ئويلىنىپ يازغان تېمىلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم . ئەھمىيەتلىك تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن peacelife212 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 09:44  


مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
4 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
11
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:12:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەيتۇن يېغې  دېگەن نې قانداق  چۇشېنېمېز؟؟؟؟؟

Rank: 1

توردا
22 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
36
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى 22:13:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت . بىلىدىغانلىرىم يەنە كۆپەيدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاپلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى 12:03  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 05:19 , Processed in 0.047019 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش