يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 775 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 972|ئىنكاس: 5

چاڭشانى مالىمان قىلغان ئۇيغۇر قارا گۇرۇھنىڭ تارمار قىلىنىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 19:56:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<<قارا گۇرۇھ » دىسە، ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ يۈرىكى تىترىمەي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە، قارا گۇرۇھ بۇلۇپ ئويۇشقان بىر ئوچۇم ئوغرى-يانچۇقچىلار ئۇزاق يىللاردىن بېرى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىنى ئۇۋا تۇتۇپ، توغرا يولدىكى ئوقەتچىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلغاندىن باشقا، ئوغرىلىق،يانچۇقچىلىققا ئوخشاش تۈرلۈك قانۇنسىز قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئەمىنلىكىنى بۇزدى. ئەلۋەتتە، خۇددى گېزىتىمىز ئىلگىرى خەۋەر قىلغان ئىچكىرى ئۆلكىدىكى باشقا قارا گۇرۇھتىكى جىنايەتچىلەرگە ئوخشاش، بۇ گۇرۇھمۇ ئۇششاق بالىلارنى « ئالدىنقى سەپ» كە ئىتتىردى، تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن بۇ بالىلارنىڭ تاياق دەستىدىن كۆكىرىپ كەتكەن قوللىرىنى باشقىلارنىڭ يانچۇقىغا سېلىۋاتقان قىلمىشلىرىنى كۆرگەن ھەر بىر كىشى گەرچە ئۇلارغا نەپرەتلەنسىمۇ ، ئۇلارنىڭ كەينىدە ئامبۇردەك قاتتىق قارا قوللارنىڭ بارلىقىنى ئويلىغىنىدا، ئۇلارغا بەزىدە ئىچ ئاغرىتىپمۇ قالاتتى. بىراق جاھاندا نەدىمۇ سورىقى يوق ئىش بولسۇن؟ بۇ جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان قىلمىشلىرى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئۇلار ئاخىر سوراق سەھنىسىگە تارتىپ چىقىرىلدى.


قارا گۇرۇھنىڭ شەكىللىنىشى


مەمەت لەقىمى قۇش، لۈكچەكلىك قىلمىشى بىلەن ئۈچ يىل ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن،1993-يىلى ئاۋغۇستتا كۇچا ناھىيىسىدىن چاڭشا شەھىرىگە كەلدى. ئۇنىڭ مەقسىتى قاسىم، تۇرسۇن قاتارلىقلار بىر قانچە يۇرتدىشى بىلەن چاڭشا شەھىرىدىكى ئوغرى-يانچۇقچىلارنىڭ ئاتامىنى بۇلۇش ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەمەت شىنجاڭلىق 30 كىشىنى چاڭشا شەھىرىگە يىغىپ ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىققا سالدى، كېيىن ئۇ چاڭشا شەھىرىنىڭ كەيفۇ رايۇنى بېيجىڭ كوچىسىدىكى مەلۇم بىر مېھمانخانىنى ئۇۋا قىلىپ، يۇرتداشلىرىنى چاڭشاغا توپلاپ، ئۆزىنىڭ قولچومىقى قىلدى،دەسلەپكى مەزگىللەردە مەمەت قاسىم ۋە تۇرسۇنلارنى قولچوماقلىرى بىلەن قول ئاستىدىكى يانچۇقچىلارنى نازارەت قىلىشقا قويدى، مەمەت قاتارلىقلار كېيىنچە چاڭشا شەھىرىدىكى باشقا شىنقاڭلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ئوغرى-يانچۇقچىلار گۇرۇھىنىڭ كاتتىباشلىرىغا زورلۇق ئىشلىتىپ ۋە تەھدىت سېلىپ تەسىر دائىرىسىنى بارا بارا كېڭەيتىپ، شۇ يەردىكى بارلىق ئوغرى يانچۇقچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونتىرول قىلىۋالدى.


تۈزۈملەشكەن قارا گۇرۇھ


شۇنداق قىلىپ مەمەت گۇرۇھىنىڭ تەسىر كۈچى داۋاملىق زورىيىپ باردى، بۇ گۇرۇھ 1997-،2001-،2004- يىللىرى چاڭشا شەھىرىنىڭ بىر نەچچە يېرىدە ئاشخانا ئېچىپ، ئاشخانىنى ئۆزلىرىنىڭ ماكانى قىلىپ، چاڭشا شەھىرى ۋە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ باشقا ۋىلايەت، شەھەرلىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوغرى-يانچۇقچىلارنى كونتىرول قىلىۋېلىپ، قارا جەميەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات بۇلۇپ ئويۇشتى.شۇ مەزگىللەردە خۇنەندە ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سەمەت،سەيدىن،قارى، سەلەي، تالىپ، ئۆمەر،خۇدابەردى، نىياز، تاش، زەيدىن ،ئابدۇللا، مەرەمنىسا، روزى، ئەركىن، داۋۇت،تاھىر ۋە غاپپار قاتارلىقلار مەمەتنىڭ قارا جەميەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتىنىڭ چاڭشادىكى تەسىرىنى بىلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئادەملىرىنى ئېلىپ ،چاڭشاغا كېلىپ، مەمەت ۋە قاسىملارغا بېقىنىپ، ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ۋە غوللۇق ئەزالىرىغا ئايلاندى.
مەمەت غوللۇق ئەزالىرىنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قىمارغا سېلىپ، قەرزدار قىلىپ قوياتتى، ئۇلار بۇ قەرزلەرنى ئايمۇ-ئاي تۆلەپ ماڭاتتى، ۋە قوغداش ھەققى تاپشۇراتتى، ئۇنداق قىلمىغانلار چاڭشادىن ھەيدىلەتتى.
مەمەتنىڭ تەشكىللىشى ۋە قوماندانلىقىدا بۇ تەشكىلات بارا بارا مۇستەھكەملىنىپ، تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قاتلىمى ئېنىق، ئىش تەقسىماتى ئوچۇق ئايرىلدى، مەمەت ئەلۋەتتە قارا جەميەت تۈسىنى ئالغان بۇ تەشكىلاتنىڭ ئالىي قوماندانى ئىدى، قاسىم،تۇرسۇن، سەمەت،سەيدىن قاتارلىقلار تەشكىلاتنىڭ غوللۇق ئەزالىرى بولۇپ، قاسىم تەشكىلاتنىڭ غوجىدارى ئىدى، ئۇ گۇرۇھ قائىدىسىگە مەسئۇل بۇلۇپ، قوغداش ھەققى، تاماق پۇللىرىنى يىغىشقا ۋە پۈتكۈل ھېساباتنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى، تۇرسۇن تەشكىلاتنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇراتتى، بالا يانچۇقچىلار تۇتۇلۇپ قالغاندا قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولاتتى، كېيىن مەمەت كۇچاغا كەتكەندە ئۇ يەنە قاسىمغا ياردەملىشىپ، تاپاۋەتلەرنى مەمەتكە ئايمۇ ئاي پېرىۋوت قىلىپ بەردى.
سەيدىن بىلەن ئۆمەر بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق تاياقچىلىرى بولۇپ، مەمەت ۋە قاسىمغا ھەمكارلىشىپ بۇ تەشكىلاتتىكى ئاسىيلارنى تازىلاش، گۇرۇھ قائىدىسىنى ئىجرا قىلىپ، قوغداش ھەققى ئېلىشقا مەسئۇل بولدى.
سەمەت، قارى، سەلەي، تالىپ، خۇدابەردى،نىياز ، تاش، زەيدىن، ئابدۇللاھ،مەرەمنىسا ، روزى ، ئەركىن،داۋۇت، تاھىر قاتارلىق 14 كىشى بۇ تەشكىلاتنىڭ غوللۇق ئەزالىرى بولۇپ، ئۇلار يانچۇقچى بالىلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونتىرول قىلىپ ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، تاپقان پۇللارنىڭ بىر قىسمىنى ئايرىپ، مەمەت بىلەن قاسىمغا قوغداش ھەققى تاپشۇراتتى ، توختى،ھېلىم، ئەكبەر قاتارلىق 18 كىشىمۇ غوللۇق ئەزالارنىڭ قول چۇماقلىرى بۇلۇپ، باشلىقلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە شوركا يانچۇقچىلارنى، ھەممىسى دىگۈدەك قورامىغا يەتمىگەن شىنجاڭلىق بالىلار، باشقۇرۇش ئىشلىرىنى قىلاتتى.

گۇرۇھ قائىدىسى



چاڭشادا يانچۇقچىلىق قىلىدىغانلار ئۆز ئارا ئەپ ئۈتۈش، ئۇرۇشماسلىق، يانچۇقچىلىقتىن كىرگەن كىرىمنى يۇشۇرماسلىق، تاماقنى مەمەتنىڭ ئاشخانىسىدىن يىيىش، تاماق يىگەن يىمىگەن بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر، تاماق پۇلى تاپشۇرۇش، زەھەر چەكمەسلىك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا 5000 يۈئەن جەرىمانە قۇيۇلاتتى، ئوغرى-يانچۇقچىلار ۋە كاتتىباشلار چاڭشادا بىرەر ناتۇنۇش ئۇيغۇرنى ئۇچراتسا، ئۇلارنى گاۋچىياۋدىكى ئاشخانىغا باشلاپ كېلىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلدۇرىشى ، ئەگەر مەمەتنىڭ توپىغا قوشۇلسا ئۇنى ئېلىپ قېلىشى، خالىمىسا چاڭشادىن قوغلاپ چىقىرىشى كېرەك ئىدى. قول-چوماقلار، ئوغرى يانچۇقچىلارنىڭ يېنىغا پىچاق سېلىپ يۈرۈشى، ناتۇنۇش ئۇيغۇرلار ۋە خۇيزۇلارغا كۆز قۇلاق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرىنى تارتىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى بەلگىلەنگەن ئىدى.
بۇ قارا گۇرۇھتىكىلەريەنە پۈتكۈل چاڭشا شەھىرىنى مونوپۇل قىلىش ئۈچۈن، چاڭشادىكى كاۋاپچىلىق، قۇرۇق يەل يىمىش سودىسى قىلىدىغانلارنى قوغداش ھەققى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلايتى، شۇ سەۋەبتىن باشقا قانۇنلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارمۇ چاڭشادا يۈرەكلىك سودا قىلالماس بۇلۇپ كەتتى.      
«ئادەمنى قاچۇرۇپ قويغىنىڭ ئۈچۈن »2002-يىلنىڭ باشلىرى ئىدى، قەشقەردىن چاڭشاغا پۇل تېپىش مەخسىتى بىلەن كەلگەن كۈرەش مەمەت گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ دەستىدىن توغرا يول بىلەن پۇل تېپىشقا كۆزى يەتمەي، ئاخىر ئۇلارغا قولچۇماق بولۇپ ئىشلىدى. بىر كۈنى ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەۋاتقان بىر يانچۇقچى قېچىپ كەتتى، بۇنى ئاڭلىغان قاسىم ئابدۇللا بىلەن خۇدابەردىنى كۈرەشنى تېپىپ كېلىشكە بۇيرىدى، كۆرەش كەلگەندىن كېيىن ، قاسىم ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ، ئاخىرىدا ئابدۇللا بىلەن خۇدابەردىگە «ئۇنى دوختۇرخانىدا داۋالىتىڭلار » دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى، ئابدۇللا بىلەن خۇدابەردى  كۈرەشنى يېقىن ئەتراپتىكى بىر شىپاخانىغا ئاپىرىپ يارىسىنى تاڭدۇرغاندىن كېيىن، ئىجارە ئالغان ئۆيىگە ئاپىرىپ ياتقۇزۇپ قويدى. ئەتىسى سەھەردە قاسىمنىڭ قول ئاستىدىكىلەر كۈرەشنىڭ ئۈلۈپ قالغانلىقىنى بايقىدى ۋە بۇ خەۋەرنى مەمەت بىلەن قاسىمغا يەتكۈزدى، مەمەت ئابدۇللاغا جەسەتنى بىر تەرەپ قىلىشقا كۆرسەتمە بەردى، ئابدۇللا شۇ بويىچە، جەسەت مەسجىت ئالدىغا تاشلاپ قويۇلۇپتۇ، مەن ئويغۇرلارنىڭ قائىدىسى بويىچە دەپنە قىلىۋېتەي دىگەن دەپ يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، گاۋچىياۋ ساقچىخانىسىدىن ئۆلگەنلىك ئىسپاتى ئالدى دە، مېيىتنى ھىچكىمگە تۇيدۇرماي، چاڭشا شەھىرى خۇيفۇ رايۇنىدىكى خۇيزۇلار قەبرىستانلىققا ئاپىرىپ دەپنە قىلىۋەتتى.
شۇ يىلى فېۋرالنىڭ ئاخىرى، تاش قول ئاستىدىكى شوركا يانچۇقچى ھەسەننى قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇندى دەپ، قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ ھەسەننىڭ ئىجارە ئالغان ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئورنىدىن قوپالماس قىلىپ قويدى، ھەسەن شۇ كۈنى كەچتە ئۈلۈپ قالدى، تاش بۇ ئەھۋالنى مەمەت بىلەن قاسىمغا ئېىتتى، ئۇلار ھەسەننىڭ جەسىتىنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىشنى بۇيرۇدى، بۇنىڭ بىلەن تاش ھەسەننىڭ جەسىتىنى بىر قانچە قولچۇمىقى بىلەن چاڭشادىن ئېلىپ چىقىپ، چاڭشا بىلەن جىنجۇ ئارىلىقىدىكى بىر تاغنىڭ باغرىغا كۆمۈۋەتتى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار 2004-يىلى 18-نويابىر بىر يانچۇقچىنى زەھەر چەكتىڭ، جەرىمانە تۆلەيسەن دەپ، ئۇنىڭ خوجايىنىغا 5000 يۈئەن جەرىمانە قويۇش بىلەن ئۇنى ئەدەبلەپ باشقىلارغا ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن ئورۇپ ،ئۆلتۈردى ۋە باشقىلارغا ئۇنى زەھەر چېكىپ ئۆلۈپ قاپتۇ ،دەپ گەپ تارقىتىپ، ھېلىقى خۇيزۇلار قەبرىستانلىقىغا كۆمۈۋەتتى.


« بالا ئىزدىگەنگە توي »


ئاقسۇ شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر جۇپ ئەر خۇتۇن، 2003-يىلى 3-مارت، يوقاپ كەتكەن قىزىنى ئىزدەپ چاڭشاغا كەلدى، ئۇلارنىڭ بالا ئىزدەپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان سەمەت ئۇلارنىڭ كەينىگە چۈشتى، بۇ چاغدا ئۇلار قېچىپ ساقچىخانىغا كىرىپ يۇشۇرنىۋالدى، سەمەت بۇنى دەرھال باشلىقىغا ئۇقتۇردى، قاسىم ئۇلارنى گاۋچىياۋدىكى مۇسۇلمانچە ئاشخانىغا ئېلىپ كېلىپ، سوراق قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن تۇرسۇن، سەيدىن، ئۆمەر، تاش، سەلەي، زەيدىن قاتارلىقلار بۇ ئەر-خۇتۇننى ئالداپ ساقچىخانىدىن ئېلىپ چىقىپ، بىر مېھمانخانىغا ئېلىپ بېرىپ قاماپ قويدى ۋە ھەر كۈنى كالتەكلەپ سوراق قىلدى، ئۇلار ئاخىرى ئۈچ ئاي قامىلىپ ياتقاندىن كېيىن ئاخىر ئامال قىلىپ قېچىپ چىقتى دە، شۇ جايدىكى ج خ ئىدارىسىگە دېلو مەلۇم قىلدى.
2003-يىلى مەمەت قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ ، قوللىرىغا كالتەك -توخماق ئېلىپ، شىنجاڭدىن كەلگەن ئۈزۈم سودىگىرى ئاتاۋۇللا قاتارلىق ئون نەچچە كىشىنى گاۋچىياۋدىكى مۇسۇلمانلار ئاشخانىسىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا تەھدىت سېلىپ يۈرۈپ 17 مىڭ يۈئەن قوغداش ھەققى ئالدى، 2004-يىلى ئۇلار قوغداش ھەققى يىغىش باھانىسىدە باشقىلارنى يەنە قاقتى سوقتى قىلماقچى بولغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن سېزىلىپ قىلىپ، مەخسىتى ئەمەلگە ئاشمىدى.
2002-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى مەمەت قاسىم قاتارلىقلار بىلەن باشقا شەھەرلەردىكى شىنجاڭلىقلارنى مېھمان قىلىش باھانىسىدە چاڭشا شەھىرىدىكى فېڭلىن مېھمانخانىسىغا يىغىپ، ئون نەچچە كۈنگىچە قىمار ئويۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ 500 مىڭ يۈئەن پۇلىنى ئۇتۇۋالدى ھەمدە ئۇلاردىن بىر مىليۇن يۈئەنلىك قەرز ھۆججىتى ئېلىۋالدى.
مەمەت باشچىلىقىدىكى قارا گۇرۇھنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرى ئەنە شۇنداق كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ ئېىشىپ باردى،چاڭشا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ يۈخۇا شۆبىسى 2004-يىلى قاسىمنى قولغا چۈشۈردى، ئەمما ئۇ 50 مىڭ يۈئەنلىك كېپىللىك پۇلى تاپشۇرۇپ قايتىپ چىقتى، مەزكۇر ئىدارە 2005-يىلى مەمەتنى قولغا چۈشۈردى، ئۇمۇ 140 مىڭ يۈئەن كېپىللىك پۇلى تاپشۇرۇپ قايتىپ چىقتى، ئەمما ساقچىلار ئۇلارنى تۇتقىدەك دەلىل ئىسپاتلارنى قولغا چۈشۈرگىچە ئىزچىل نازارەت قىلىپ تۇردى، ساقچىلار بىر يىلدىن كۆپرەك رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق، ئاخىر يېتەرلىك دەلىل ئىسپاتنى قولغا چۈشۈرۈپ، مەمەتنى بۇ يىل 19-ئاپرىل قانۇنسىز قاماش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ تۇتۇپ، جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى، ئارقىدىن قاسىم، تۇرسۇن، سەمەت، سەيدىن، قارى، سەلەي، تالىپ، ئۆمەر، خۇدابەردى، نىياز،تاش، زەيدىن،ئابدۇللا، مەرەمنىسا، روزى، ئەركىن، داۋۇت، تاھىر، غاپپار قاتارلىق 42 گۇماندارمۇ بىر بىرلەپ تۇتۇلدى، ئۇلار قارا جەميەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات قۇرۇش جىنايىتى گۇمانى بىلەن توختىتىلىپ، 25-ماي قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى.


ئادىل ھۈكۈم


خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قارا جەميەت تۈسىنى ئالغان ئوغرى يانچۇقچىلار گۇرۇھىنى قۇرغان ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان بۇ 42 جاۋابكارغا 21-نويابىر ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار مەمەتنىڭ قارا جەميەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات قۇرۇش ۋە تەشكىللەش ، قەستەن ئادەم زەخملەندۈرۈش(ئۈلۈشىگە سەۋەبچى بۇلۇش)  ، قاقتى سوقتى قىلىش، قىمار ئويناش قاتارلىق جىنايەتلىرىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسى ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىشقا ھەمدە قۇشۇمچە بىر مىليۇن ئۈچ يۈز مىڭ شىتراپ قويۇشقا؛جاۋابكار قاسىمنىڭ قارا جەميەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات قۇرۇش، قەستەن ئادەم زەخملەندۈرۈش (ئۈلۈشىگە سەۋەبچى بۇلۇش )ئوغرىلىق، قاقتى سوقتى قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسى ھۇقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىشقا ھەمدە قۇشۇمچە 20 مىڭ يۈئەن شىتراپ قويۇشقا؛ جاۋابكار داۋۇتنىڭ قارا جەميەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتقا قاتنىشىش، قەستەن ئادەم زەخملەندۈرۈش( ئۈلۈشىگە سەۋەبچى بۇلۇش)، ئوغرىلىق، قانۇنسىز قاماش قاتارلىق جىنايەتلىرىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسى ھۇقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىشقا ھەمدە قۇشۇنچە 115مىڭ يۈئەن شىتراپ قويۇشقا؛ جاۋابكار تاشنىڭ قارا جەميەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتقا قاتنىشىش ، قەستەن ئادەم زەخملەندۈرۈش ( ئۈلۈشىگە سەۋەبچى بۇلۇش ) ، ئوغرىلىق، قانۇنسىز قاماش قاتارلىق جىنايەتلىرىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسى ھۇقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىشقا ھەمدە قۇشۇنچە 115 مىڭ يۈئەن شىتراپ قويۇشقا ، جاۋابكار تۇرسۇننىڭ قارا جەميەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتقا قاتنىشىش، ئوغرىلىق، قاقتى سوقتى قىلىش، قانۇنسىز قاماش، قىمار ئويناش، قانۇنسىز ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق جىنايەتلىرىگە سەككىز يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە ئون مىڭ يۈئەن شىتراپ قويۇشقا ھۆكۈم قىلدى، باشقا جاۋابكارلارغىمۇ مۇناسىپ جازا بىرىلدى.


(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى.)
مەنبە: قانۇنچىلىق گېزىتى ، 28-نويابىر سانى.
مۇنبەرگە يوللىغۇچى: بارماقلىرىم.


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 01:44:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاڭشا بىلەن كۇچا يېقىنمۇ ؟

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 13:49:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تامدەك، دەرىختەك كۇچا ئەرلىرىدىن بالىلاردەك ئىنچىكە ئاۋاز چىقىدىغان تۇرسا، بۇنداق ئەشەددىي ئۇنسۇرلارنىڭ چىقىشىنى ئادەمنىڭ زادىلا ئەقلى كۆتۈرمەيدۇ ... ھۇ لەنىتىلەر ، ۋەيلۇن دەۋزىخىنىڭ ئوتىدا كۈل بولۇپ كېتىشەرسەن ئاللاھىم !

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 1

توردا
15 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
37
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:22:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇخەۋەرنى بۇنىڭدىن نۇرۇن ئاڭلىغان بولساممۇ ،بۇنداق تەپسىلىي كۈرۈشكە پۇرسەت بولماپتىكەن ،ھەقىقەتەن بۇلارغا لەنەتلەر بولغاي........كۇچادىن بۇنداق ئىپلاسلارنىڭ چىققانلىقىدىن نۇمۇس قىلىۋاتىمەن .
ھوي ئەركىمان ئەپەندى ،سىز كۇچا ئەرلىرىنى ماختاۋاتامسىز ياكى ھاقارەتلەۋاتامسىز ؟بەش بارماق ئوىشاش بولمايدۇ جۇمۇ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 08:52:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشەنمىدىڭىزما؟

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 1

توردا
15 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
37
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 13:10:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشىنىشنىغۇ چۈشەندىم ،لكىن سىزدىن ئېنىق جاۋاپقا ئېرىشكەندىن كىيىن بىرنەرسە دەي دەپ ئويلىغان ،قارىغاندا مىنىڭ چۈشەنچەم كۈچكە ئىگە بولىدىغان ئوخشايدۇ .....
بۇئەبلەخنىڭ قىلمىشى ھەقىقەتەن ئادەمنى يىرگەندۈرىدۇ ،كۇچادىن مانا مۇشۇنداق ئادەم قېلىپىدىن چىققان مەخلۇقلار ھەم ئاۋازى بالىلارنىڭكىدەك چىقىدىغان قورقۇنچاقلار چىقىشتىن باشقا يەنە جاھاننى زىل- زىلىگە سىلىپ ‹‹ھوۋلىيالايدىغان ›› يولۋاستەك ئەرلىرىمىزمۇ چىققان ،چىقتى ،ھەم بۇنىڭدىن كىيىنمۇ چىققۇسى ....شۇنىڭ ئۈچۈن كۇچا ئەرلىرىگە بىر تەرەپلىمە باھا بەرمەسلىكىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن ،چۈنكى مىنڭ داداممۇ كۇچا ئەرلىرىنىڭ بىرى .......

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 17:49 , Processed in 0.055591 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش