يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 752 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 770|ئىنكاس: 4

ئايالىڭنى ھۆرمەت قىل ،ئەمما ،چېكىدىن ئاشۇرىۋەتمە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
115 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
281
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 15:46:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئايالىڭنى ھۆرمەت قىل ، ئەمما چېكىدىن ئاشۇرىۋەتمە



    ئايالنىڭ ئەتراپىڭىزدا پايپېتەك بولۇشىمۇ مۇھەببەت ئىزھارى ئەمەس .ئۇ پەقەت ئۆمۈر يولداشلىق يۈزىسىدىن سىزنىڭ ساق ۋە خوشال بولۇشىڭىز ئۈچۈن قايغۇرماقتا .بۇ ئىشلارنى ئۇ پەرز دەپ بىلىدۇ .ئەركەكنىڭمۇ ئائىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشى ئايالنى ساغلام ئاسراشتۇر .دەيمىزغۇ ،ۋەتەن مۇققەدەس دەپ .ۋەتەننى بالا –قازادىن ھىمايە قىلىش ئەركەكنىڭ شانى ،قەرز ئۆمۈرلۈك ! ئايالىڭىز بولسا بالىلىرىڭىزنى ئۆز ئۇستىخانلىرى ئارا ئۈندۈرۈپ ئۆستۈرۈدىغان ئىككىنچى ۋەتەندۇر ! ئەمما ۋەتەننىڭ خۇنۇك –چىرايلىقى ، ياخشى –يامىنى بولماس .ئەگەر سىز بار جايدا ئۇ خاراپ بولسا ،سىزنىڭ تىرىكلىگىڭىز يالغان ! بالىڭىزغا باغرىڭىز ئېچىشسا ، ئاتىلىقنى جايىدا قويىمەن دېسىڭىز ئانىسىنىڭ جېنىنى ھۆرمەت قىلىڭ!

    ھاياتقا بىر نەزەر سالساڭ ئايالىنىڭ كۆزىگە مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرىدىغان ، ئايالىنىڭ ئاغزىدىن چىققىنىنى دەرھال بېجىرىدىغان ئەرلەرمۇ باردۇر . ئەمما ، بۇ ئەرنىڭ ئايالى ئېرىگە نىسپەتەن نالايىق بولىدۇ . ئېرى كۆرسىتىۋاتقان پىدائىلىقلارنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئەمەس ، ئېرىنىپقىنا قوبۇل قىلىدۇ . كۆرۈۋاتامسىز ، ئەر ئۆز مېرىگە يارىشا مېھرى ئالالماي تۇرۇپتۇ ۋە ئالالمايدۇ ھەم. چۈنكى ئۇ ئەتراپىدىكى باشقا قەرزلىرىنى ئۇنتۇش ھېسابىغا ئايالىغا ئارتۇقچە بېرىلدى .ئۇنىڭدىن تاشقىرى ئۆزىنىڭ ھەزرەتلىكىنى ئۇنۇتتى .ئۇنىڭغا جۈپتى پىسەنت بولسىمۇ «ھۆرمەت »كۆرسىتىۋاتىدۇ .بولۇپمۇ رەھبىرانە مەغرۇرلۇقىنى ئۇنتۇپ ،ئايالىغا يۈرىكىدىكى يارىنى تۆكۈپ تاشلاۋېرىدۇ .بۇنداق كۈنگە قالغان ئەر بولسا ئايالنىڭ نەزىرىدە بىردىن ۋىجىكلەپ ،پەسلەپ كەتكەندەك تۇيۇلۇشقا باشلايدۇ .

ئۇنتۇماڭكى ، ئەر-ئايال بىر –بىرى ئۈچۈن ھەرگىز باش ئەگدۈرگەن چوققىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك . بولمىسا ،بىر-بىرىدىن زېرىكىشكە باشلايدۇ .ئەر بولغۇچى باش ئېگىپ ،ئىزھارىي مۇھەببەتكە چۈشتىمۇ ، تامام ،ئايالىدا كىبىر ئويغۇنىدۇ ۋە ئۆزى بىلمىگەن ھالدا جۈپتىدىن سوۋۇپ بارىدۇ .

     ئائىلە ئەر كىشىنى سىنايدىغان جەڭگاھ. يىگىتلەر ،قۇلىقىڭىزغا قۇيۇپ قوياي : بازار ۋە ئۆينىڭ خوجايىنلىق ئىشلىرى پەقەت سىزدە بولسۇن . ئائىلىنىڭ كوچا بىلەن پۈتىدىغان ھەممە مەسىلىلىرى سىز ئارقىلىق پۈتسۇن . مىڭ كۈيگە چۈشسىڭىزمۇ ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىڭ ،ئەمما مەيدانغا يەنىلا ئۆزىڭىز چۈشۈڭ . ئەركەكچى تۇرمۇش دېگەن ئەنە شۇ . ئەگەر سىز بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسىڭىز ،تۇرغان گەپ ،بۇ يۈك ئايالىڭىزغا قالىدۇ .

    پەرمانبەردارلىق ھەمما ئىشنى جايىدا قىلىدىغان كىشى تەرىپىدىدۇر . ئەگەر سىز تۆت ئەزايىڭىز ساق تۇرۇپ ئايالىڭىزنى ئىسسىق –سوغاقتىن ،خېيىم –خەتەردىن ھېمايە قىلالمىسىڭىز ،قازىنىنى قاينىتالمىسىڭىز ئۆز –ئۆزىدىن ئائىلىدىكى ئورنىڭىز پەسىيىپ بارىدۇ . ئەمدى ئايالنىڭ ئورنى ئەمرى پەرمانغا ،سىز بولسىڭىز ئىتائەتكە ئۆتىسىز . بۇمۇ ھالاكەت !
بۇ دېگىنى ئايالىڭىز ئىورنىڭىزدىن چىقتى ، دېمەك ،ئايال ئائىلە تارتىشتا يالغۇز قالدى ،جۈپتى تىرىك تۇرۇپ ،ئالا خورجۇننى يەلكىسىگە ئالدى ،ئۆكسىدى ،غېرىپلاشتى دېگىنى ! ئەمدى ئۇنىڭ ئاھى تۇتىدۇ سىزنى .

    ناۋادا ، تاپارمەن –تۇتارمەنلىكىڭىز ياخشى دەيلى ، ئەمما ئايالىڭىز سىزگە ئىش بۇيرۇپ تۇرسا ،جاۋىلداپ تەدبىھ بەرسە ،ئۆز ئىززىتىڭىزنى ھىمايە قىلالمىسىڭىز ،ئۇنىڭ ئېغىزىنى يېپىز ئۈچۈنمۇ ئېيتقىنىنى بېجىرىۋەرسىڭىز ،بۇنداق ئائىلە خەتەرگە تۇتۇلىدۇ . قىزلىرىڭىز بارغان جايلىرىدا ئەرلىرىنى خار قىلىدۇ . كېلىنىڭىز ئوغلىڭىزنىڭ يەلكىسىدە ئولتۇرىدۇ . ئايالغا ئورۇنسىز ئىتائەتكارلىقنىڭ جاۋابى بۇ .

ئەرلەرنىڭ ھەر ئۈچ خاتالىقىنىڭ ئىككىىسى ئاياللار تۈپەيلىدىندۇر .

   ئايالىڭىز تەڭرى رازى بولىدىغان ئىشلارغىلا يېتەكلىسە ،مەسلىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىڭ .ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن چاي ئۇزۇتۇپ ،ئۆزىڭىزنى –ئۆزىڭىزگە ماختاپ تۇرۇپ ،مال-دۇنياغا ،شان-شۆھرەتكە ھېرىس قويدۇرمايۋېتىپتىمۇ ؟ ئاكا-ئىنىلىرىڭىزغا ،خۇلۇم-خوشنىلارغا گىژ-گىژلىمايۋېتىپتىمۇ ؟ئانىڭىزنى ئازارلاشقا ، ئاتىڭىز ئۆلمەي تۇرۇپ مىراس تالىشىشقا سىزنى سازلاپ قويمايۋېتىپتىمۇ ؟ ئەگەر شۇنداق تەسىردە بولسىڭىز ،ھالاكەتكە ئۇچرىغىنىڭىز شۇ . بۇنىڭ بىلەن تەڭرى بەرگەن بۈيۈك نېمەت ئار-ۋىجدان ۋە قان-قېرىنداشلاردىن جۇدا بولدىڭىز . ئەمما سىز ياشاۋېرىسىز ،يۈرىكىڭىز سوقۇۋېرىدۇ . ئەمما ،قوڭغۇراقلىق سائەتكە ئايلاندىڭىز ،ئايالىڭىز كۆرسەتكۈچىڭىزنى نەچچىگە توغۇرلىغان بولسا ،ئەشۇ ۋاقىتتا خاتاسىز جىرىڭلاشنى بىلىسىز ،خالاس !

     ئېسىڭىزدە بولسۇن ،ئاياللارنى ھۆرمەت قىلغان ئادەم تېخى ئۇلۇغ ئەمەس ،ھۆرمەت قىلىش تەرزىنى بىلگەن ئادەم ئۇلۇغدۇر ،بارلىق ئەركەكلەرگە ئۇلۇغلۇق تىلەيمەن .

ئاپتورى : تۇرسۇنئاي سادىقۇۋا(ئۆزبېكىستان )

مەنبە : ئاپتورنىڭ "قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر" دۇردانە توپلىمىدىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Coffee تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 16:36  


كىرىپ قالسا تۇيۇق يولغا ،باشلاپ قويغىن يورۇق يولغا .

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 20:16:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئاياللارنى ھۆرمەت قىلغان ئادەم ئۇلۇغ ئەمەس ، ئاياللارنى ھۆرمەت قلىش تەرزىنى بىلگەن ئادەم ئۇلۇغدۇر ».ھۆرمەت قىلىش تەرزى دېىگىنىمىز چىن يۈرەكتىن چىققان ھۆرمەت ، ياسالمىلىقى يوق ھەقىقىي ھۆرمەت ئىكەن . ئاپتور ئاخىرىدا ئەركەكلەرگە ئۇلۇغلۇق تىلەپتۇ .بۇ ماقالە ئوبدان تەرجىمە قىلىنىپتۇ ، تەشەككۇرلەر بولسۇن !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:33:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا مەن مۇشۇ توغۇرلۇق بىر نەرسە يېزىشنى ئويلىشىپ تۇرغان ئىدىم، بۇ ماقالىدا مەن دىمەكچى بولغان، مەن ئويلىغانلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىكەن، نازىنىنغا كۆپ رەھمەت!
بۇنداق ئويغا كېلىپ قېلىشتىكى سەۋەپ:
مەن داۋالىنىش جەريانىدا مەن بىلەن بىر ياتاقتا يېتىۋاتقان بىر ئايال ۋە ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ ئايالىنىڭ ئالدىدىكى قىلىقلىرى، ئايالنىڭ ئەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئىدى، ئىشقىلىپ مەن زادىلا قۇبۇل قىلالمىدىم، گەرچە ئۇ ئەرنى ئايالنى ياخشى كۆرىدىكەن، ھۆرمەت قىلىدىكەن دەپ ئويلىساممۇ، لېكىن ئايالنىڭ ئۇ ئەرنى قىلچە كۆزگە ئىلمايدىغان قىلىقلىرى ۋە گەپ سۆزلىرى مېنى بەكمۇ بىئارام قىلدى.
بۇ توغۇرلۇق كېيىنچە توختىلاي، ئىشقىلىپ بۇ ئەسەر ماڭا بەك يارىدى.

Rank: 4

توردا
58 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
102
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى 02:12:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
چىنسوزلۇك بول !!!

Rank: 2

توردا
165 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 11:34:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ بشىمغا كەلگەن ئىش بۇ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BATUR值爱 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 13:52  


ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىلىيەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 09:25 , Processed in 0.060711 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش