يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 593|ئىنكاس: 1

ياشلىق. ياشلىق. ياشلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى 17:08:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

      ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
      ياشلىق. ياشلىق. ياشلىق
      ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

      ساداقەتجان ھاجى


      ياشلىق دىگەن ئەڭ ئېسىل چاغدۇر.
      گۈزەللىككە تويۇنغان باغدۇر.
      ئۆمۈرنىڭ شۇ ئېسىل چېغىدا،
      قەلبىمىز گۈل، قەددىمىز تاغدۇر.

      ياشلىق – چوغدۇر. چوغدۇر يۈرەكلەر.
      چوغ يۈرەكتە ئوتلۇق تىلەكلەر.
      ئۆمۈرنىڭ شۇ ئېسىل چېغىدا،
      باغرىمىزدا سۆيگۈ چېچەكلەر.

      ياشلىق – تۇغدۇر. بىزنى يېتەكلەر.
      جاۋاھىرغا تولار ئېتەكلەر.
      ئۆمۈرنىڭ شۇ ئېسىل چېغىدا،
      ئايلىنىدۇ زەرگە كىپەكلەر.

      ياشلىق – يولدۇر. يولدۇر داۋانلىق.
      ياشلىق ئەمەس ھەرگىز نادانلىق.
      ئۆمۈرنىڭ شۇ ئېسىل چېغىدا،
      قىلىپ سالما ئەلگە يامانلىق.

      ياشلىق – كۈيدۇر. كۈيدۇر جاراڭلىق.
      ياشلىق ئەمەس ھەرگىز ساراڭلىق.
      ئۆمۈرنىڭ شۇ ئېسىل چېغىدا،
      بولغىن چوقۇم ئەلگە ياراملىق.

      ياشلىق – قۇتتۇر. قۇتتۇر – ئاراملىق.
      ياشلىق ئەمەس ھەرگىز قاراملىق.
      ئۆمۈرنىڭ شۇ ئېسىل چېغىدا،
      ئەل بەختىنى ئويلا داۋاملىق.

      ياشلىق شۇنداق ئېسىل ۋاقتىمىز.
      گۈل تېرىساق ئۈنگىدەك تاشقا.
      ياش ۋاقتىدا تاپقان بەختىمىز،
      ئۈندەر بىزنى ئويغاق ياشاشقا.

      ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
      (2000-يىل 10-ئاي. قەشقەر)
      ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى 20:07:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلىق ئىنساننىڭ ھايات يولىدىكى،
ئەڭ مۇھىم بىر     بىكىتى.
كەسكىن ھايات جىڭىنىڭ،
پىلىكىگە ئوت ياقىدىن سەرەڭگىسى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:46 , Processed in 0.047094 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش