يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 541|ئىنكاس: 3

بىر قەدەم كەينىگە ، ئىككى قەدەم ئالدىغا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:45:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قەدەم كەينىگە ، ئىككى قەدەم ئالدىغا


      تۇرمۇشتا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق ئوڭۇشسىزلىق ، كۆڭۈلسىزلىكلەر بولۇپ تۇرىدۇ . ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتتىن  ھالقىشنى ، ئىشقىلىپ تېخىمۇ گۈزەل قىلىشنى كۆڭلىگە پۇككەنلەر  ئۈچۈن تېخمۇ شۇنداق  . . . ئەگەر سىزنىڭ بىشىڭىزغا مۇشۇنداق كۈن چۈشۈپ داۋاملىق بەرداشلىق بىرەلمىسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ خالىسىڭىز يىغلاڭ  . مەيلى كىم بولۇڭ ، قانداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللانماڭ ، سىز ئالدى بىلەن بىر ئادەم .
بىز ئادەم بولۇش سۇپتىمىز بىلەن ئەقىلدىن قالسىلا ، ھىسياتقا ئەگشىپ ياشايمىز . بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز، كۆرمىگەننى كۆرۈش، يېيىش، ئىچىش، زوقلىنىش، يىغلاش ، كۈلۈش ، ئۆزئارا ئەپۇ قىلىس ، خىزمەت قىلىش ، دوستلىشىش، خالىساق تەنھا ياشاش، مۇھەببەتلىشىش، سۆزلەش  . . .
قىسقىسى ، ئەقەللىي ئادىمىيلىك ھوقۇقىدىن بەھىرىمەن بولۇپ، پۇخادىن چىققۇدەك ياشاپ مۇرادىمىزغا يىتىپ، زارىققان نەرسىگە ئېرشىش ھوقۇقىمىز بار. ئازابمۇ خۇددى خۇشاللىققا ئوخشاشلا تۇرمۇشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى.
چىنە -قاچىلاردىن ئاچچىقىڭىزنى چىقرالىسىڭىز ، يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلسىڭىز، باشقىلارغا زەخمەت يەتمىسلا شۇنداق قىلىڭ. ئەمما لايىقىدا بولسۇن، ھەرگىزمۇ ئۇزىراپ چۈشكۈنلۈككە ئۆزگىرىپ كەتمىسۇن. يىغلاپ بولۇپ يىشىڭىزنى سۈرتۈپ رۇسلىنىڭ، ئازابتىن قۇتۇلۇپ قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ ، نىشانىڭىزغا مەردانىلىق بىلەن يېڭباشتىن تىكىلىپ قارڭ.
راستچىل، سەمىمىي، ئىزدىنىشكە باي، قەيسەر خاراكتىرىڭىزدە چىڭ تۇرۇڭ . كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىق تۇپەيلى بوشىشىپ قالماڭ. سىز تۇرمۇشىڭىزدا ئۆزگىرىش بولۇشنى، قەدىر قىمىتىڭىزنى نامايان قىلىشنى ئۈمىد قىلغان ئىكەنسىز، كۆڭلى - كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇپ، تىرىشچانلىقىڭىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىڭىز ،روھلىنىپ غەيرەتكە كىلىپ ئىشلىشىڭىز، كۈرەش قىلىشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقىغا جەزمەن ئىشىنىشڭىز كېرەك. سىز يەنە شۇنىڭغا ئىشىنشڭىز كېرەككى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ( مەيلى قايسى دۆلەت ياكى رايوندىن بولسۇن  ) ھەممىسنىڭلا تۇرمۇشىدا ئەسكى داس، يىرتىق پايپاق، مەسخىرە ۋە ھەسەتكە تولغان سۇغۇق كۆزلەر ھەمراھ چاغلىرى بولغان. ئۇلارنىڭ غايىسىمۇ گۈزەل ئىدى.
نادان ، قاششاق خەلقىگە ئازادىرەك، تېخمۇ بەختىيارراق تۇرمۇش يارىتىش خىيالى بار ئىدى. ئۇلارمۇ سىز گە ئوخشاشلا ئەتە ئۈچۈن تىركەشكەن، ئەڭ ھالقىلىق مىنۇتلاردا چىشىنى چىڭ چىشلەپ تىرىشقان، سەۋر قىلغان، لېكىن قەتئىي تىز پۇكمىگەنىدى. نىشانىنى، ئارزۇسىنى بولسا ئالقىنىدا، يۇركىدە چىڭ تۇتقانىدى. ئۇلارمۇ يېتىمسىرغاندا  چەتكە قېقىلغاندا، خاتا چۈشنىلگەندە ھەتتا پىتنە - پاسات، ئىغۋا، تۆھمەت ئالدىدىمۇ ئاخىرقى مەرتەم قەددىنى رۇسلىغان ۋە بۈگۈنكى گىگانىت شەخسكە ئايلانغانىدى. بۇلارنى ئەسلەڭ، ئادەم ئەسلى ئۇلۇغ ئەمەس، ھايات گۈزەل، تۇرمۇش گۈزەل. ئەمما  ئۇنى سىزدەك  ئاقىل، ئەقىللىق، جەسۇر ئادەملەر تېخىمۇ گۈللىتىشى كېرەك. ئېسىڭىزدىمۇ، سىز دائىم بار نەرسىدىن بەھىرلىنىشكە ۋاقتىمىز بولۇپلا قالماي،يەنە يوق نەرسىمىز ئۈچۈن ئازابلىنىشقىمۇ ۋاقىتى بولۇشى كېرەك دەيدىغان. ئەمدى بۇ سۆزنى ئالماشتۇرۇپ ئەسلەڭ. ئازاب ياكى كۆڭۈلسىزلىك تۇرمۇشنىڭ ھەممىسى ئەمەس. سىز يەنە جۇلدۇر كېپەن تىرىشچان، ھەمدەم خىيال بەگزادىنى سېتۋېلشى مۇمكىن، دېگەن سۆزگە ئىشىنىڭ . شۇنىڭغا  ئىشنىڭكى، سىز ھەقىقىي ياشاشقا ئىنتىلۋاتقان بىر ئادەم . سىز قەلىب بىلەن قەلىبنى، روھ بىلەن روھنى سىلىشتۇردىڭىز. زىيان - زەخمەتكە ئۇچىرسىڭىزمۇ باشقىلارنى چوڭ زەخمەت ۋە بالايى - ئاپەتلەردىن ساقلاپ قالدىڭىز، دەريادەك كەڭرى باغرىڭىز بىلەن ياشىدىڭىز.
مال دۇنيالىرىڭىزنى، نەتىجىلىرىڭىزنى  كۆز - كۆز قىلمىدىڭىز، ئوشۇقلىرىڭىز ئالچۇ چۈشكەن ۋاقىتلىرىڭىزدا داملىتىپ مەمەدانلىق قىلمىدىڭىز،پىكىرىڭىزنى خەققە زورلاپ تاڭمىدىڭىز، زۆرۇرلىرىنى ئۆزىڭىز گە مەنسۇپ بولمىغانغا كۆز قىرىڭىزنى سالمىدىڭىز، جەسۇر بولدىڭىز. بۇلارنى سىز قىلدىڭىز.
ئەجەبا بۇ نۆۋۋەت سىزگە نېمە بولدى ؟
مەسئۇليىتىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ، سىز يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايسىز. شۇ نەرسە ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەقىقي كۈرەش ئەڭ ئامالسىز پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغاندىمۇ يورۇقلۇقنى مەردانىلىق بىلەن كۆرۇپ يېتىلگەندە يۈز بېرىدۇ. قەيسەر بولۇڭ، تەۋرەنمەڭ، تۆمۈردەك چىڭ جاسارىتىڭىز بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ياشاڭ. بىر ئىشنى غەلبىلىك ئورۇنداشنىڭ ئۆزى بىر مۇكاپات . قىيىنچىلىق جاسارەتنى يارىتىدۇ . چوقۇم غەلبە قىلمەنغۇ دېگەن خىيال سىزدىن نىرى بولمىسۇن . جۈرئەتلىك ، دادىل بولۇڭ، يەنە بىر قەپەس ئىلىشپ كۆرۈڭ. پەقەت مەغلۇپ بولمىغان ئادەم مەڭگۈ ھېچنېمنى بايقىيالمايدۇ
.


مەنبە _  بېلىقز ئابلىكمنىڭ    << يۇلتۇزۇڭ بولايمۇ ، يىلتىزىڭمۇ  >> نامىلىق كىتابىدىن ئىلىندى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
232 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى 08:45:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئىشنى غەلبىلىك ئورۇنداشنىڭ ئۆزى بىر مۇكاپات .
بۇنى يېزىپ كومپىيوتۇرۇمغا چاپلاپ قويىمەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
0
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى 14:08:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ مۇشۇ يرقىندىن بالا، ئاىلە ،ئەر، خىزمەت دىگەننى تاشلاپ يىراق بىر جاڭگالدە بىرە ئاي تۇرۇپ كەلگىم كىلىپ كىتىۋاتىدۇ.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1179

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى 18:41:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىل ھېسسىياتىنى كونتىرول قىلغۇچىدۇر.
مەغلۇپ بولمىغان ئادەم مەڭگۈ ھېچنېمنى بايقىيالمايدۇ . شۇنىڭغا قارىغاندا مەن بەك كۆپ مەغلۇپ بولۇپ كەتكەن ئوخشايمەن.

نېمە بولغاندۇ دىلچىن خانقىزغا؟ ئالدىڭىزغا قاراڭ، دۇنيا بەك گۈزەل، ئادەملەر ئاندىن. ئۆزىڭىزنى تەڭشەشنى ئۆگىنىڭ.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 00:48 , Processed in 0.045489 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش