يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 572|ئىنكاس: 3

سەن ماڭا گۈزەل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:29:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەن ماڭا گۈزەل


(نەسىر )

ئابلىز ئابلەت مەخسۇم


   8 – مارت سەھەر، ئايالىم بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ ئەينەك ئالدىدا تۇراتتى. مەسلىكىم كېلىپ ئۇنىڭ ئەينەكتىكى ئەكسىگە كۆز سالدىم. ئەنە، ئەينەكتە ئاھۇ كۆزلىرى بۇلاقتەك، بويى زىبالىق جانانىم تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى تۇرقىدىن چەكسىز سۆيۈنۈپ، ھاياجىنىمنى باسالماي قالدىم. چۈنكى ئالدىمدا تۇرغىنى مەن بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرىدىغان، چىن دىلىمدىن سۆيىدىغان ئايالىم، يۈرەك – باغرىم ئىدى.

   مەن بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېقىن باردىم، باردىم – يۇ ئۇنىڭ يۈزىدىكى ئەپسۇسلىنىش ئالامەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭ بىر ئىشتىن كۆڭلى يېرىم بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى.

   توغرا، توغرا، مەن چۈشەندىم. ئۇ يۈزىدىكى قانچە پەرداز قىلىپمۇ ياپالمايۋاتقان چوڭ بىر تاتۇقتىن، ئۇششاق قورۇقلاردىن، ئاق ئارىلىغان چاچلىرىدىن ئەپسۇسلىنىۋاتاتتى، ئۈستى – بېشىدىكى قىممەت باھالىق كىيىم – كېچەك، ئالتۇن زىبۇزىننەتلەر بىلەنمۇ شۇ ئىۋەنلەرنى ياپالمايۋاتقانلىقىدىن كۆڭلى يېرىم بولۇۋاتاتتى.

    شۇنداق، ئاياللار، بولۇپمۇ قىزلار گۈزەللىككە بەكرەك ئىنتىلىدۇ، چىراي – قامىتىنىڭ گۈزەل بولماسلىقىدىن تولىمۇ قايغۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە مۇنداق ئەپسۇسلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئادەمنىڭ گۈزەللىكى سىرتقى قىياپىتى، چىراي شەكلىدە ئەمەس، بەلكى قەلب گۈزەللىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. چېنىقىش، داۋالىنىش، كىيىم – كېچەك ۋە ئۈنچە – مارجانلار تاشقى قىياپەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى بەلگىلىك دەرىجىدە تولۇقلايدۇ، بىراق ئۇلار يەنىلا چەكلىك بولىدۇ. كىشىلەر، بولۇپمۇ تەربىيە كۆرگەن ياشلار قەلب گۈزەللىكىنى چىراي گۈزەللىكىدىن مۇھىم بىلىشى كېرەك. بەزى كىشىلەر ئانچە چىرايلىق ئەمەس، ھەتتا ناھايىتى سەت. لېكىن ئۇلارنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتى ئېسىل، بىلىمى چوڭقۇر، تەربىيەلىنىشى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، بىز دائىم ئۇلارنىڭ قەلب گۈزەللىكىگە شەيدا بولۇپ قالىمىز. ئالايلۇق، بالزاك، پتوفېيلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ناھايىتى كۆرۈمسىز، ئەمما رومىن روللان يازغان ‹‹پىتوفېينىڭ تەرجىمىھالى›› دىكى پتوفېينىڭ ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن قۇرلارنى ئوقۇسىڭىز ئۇنىڭ سالاپىتىدىن زوقلانماي تۇرالمايسىز. نىكولاي ئوستروۋىسكى: ‹‹ئادەمنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ قەلبىدە. ئەگەر قەلب گۈزەللىكى بولمايدىكەن، ئۇنىڭ چىرايلىق سىرتقى قىياپىتىدىن ھامان بىزار بولىمىز›› دېگەن.


دېمەك، گۈزەللىك ۋە چىراي ھەم ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك ھەم ئۆزئارا پەرقلىق. ھەقىقىي گۈزەللىك يەنىلا قەلب گۈزەللىكى، بىز سىرتقى گۈزەللىكىمىزدىن لەززەتكە چۆمگەن ياكى سەتلىكىمىزدىن قايغۇرغان ۋاقىتلىرىمىزدا بۇ داۋلىنى ئويلاپ باقايلى.

     ئەپسۇسلانما نىگارىم، سەن ماڭا ئەبەدىلئەبەد گۈزەل!


مەنبە: نۇر تورى.


ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:09:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسۇسلانما نىگارىم، سەن ماڭا ئەبەدىلئەبەد گۈزەل!
-------------
بۇنداق گەپنى ئاڭلىغان ھەر قانداق دىل سۆيۈنمەي قالامدۇ.

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:03:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق بىر ۋاپادار ئەرگە تەككەنلىكنىڭ ئۆزى بىر بەخىت!

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى 23:03:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
666666666

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:17 , Processed in 0.069277 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش