ئەمگەكچىگە
ھۆرمىتىم ئاشتى يەنە شەيدا بولۇپ ئەمگەكچىگە ،
ھېسلىرىم تاشتى يەنە دەريا بولۇپ ئەمگەكچىگە،
كۆزلىرىم باقتى يەنە شەھلا بولۇپ ئەمگەكچىگە ،
چېچىكىم ئاشتى يەنە بەرنا بولۇپ ئەمگەكچىگە ،
كۈيلىرىم ئاقتى يەنە تەشنا بولۇپ ئەمگەكچىگە .'
زەر ئەخىر ئاسماندا لاچىن كەبى ،پەرۋازلىغان ،
كان-قۇدۇق ئىچرە ئۆزىنى جان تىكەر دارۋازلىغان ،
شاتاۋار،ئەتلەس توقۇپ ئەل قەددىنى پەردازلىغان ،
يول ياساپ ،تارتىپ چىراق كۆككە ئۇنى ئەندازلىغان ،
ھۆرمىتىم ئاشتى يەنە شەيدا بولۇپ ئەمگەكچىگە .
ئوت دېمەي ،دېڭىز دېمەي ئىش قوينىدا قاتقاچقا ئۇ ،
قىر -ئېتىز مەيدانىدا ئىشلەپ روناق تاپقاچقا ئۇ ،
ئەگدۈرۈپ مۈشكۈلنى باش ،تاغدەك خامان ئاتقاچقا ئۇ ،
مېھنىتى -ئەجىر سەۋەب،باغچاڭنى چوڭ قىلغاچقا ئۇ ،
ھېسلىرىم تاشتى يەنە دەريا بولۇپ ئەمگەكچىگە .
ئىللىتىپ دۆڭ-يۇتىنى بىختەك گويا توڭلار يارار،
بىخلىسا ئازغۇن-تىكەن ھايالشىماي قويماي قىرار،
بەس،دېمەي ئېدىر ئارا رەيھان سالار ،ئەتىر سالار ،
بىر ئەتىر -رەيھان تۈۋىگە بىر ئەمەس يۈزلەپ بارار،
كۆزلىرىم باقتى يەنە شەھلا بولۇپ ئەمگەكچىگە .
گۈللىگەن بوستانىدىن ئىلھام ئالار،ئىنئام ئالار ،
ئاق ئەمىر-پەرمان بىلەن يايراپ مەدەت-كۈچكە تولار ،
ئەل-ۋەتەن ماڭغان يېڭى يوللارغا دادىل ئاتلىنار ،
ئۇچرىسا بەلدەم -داۋان ھەردەم چىدامىدا چانار ،
چېچىكىم ئاچتى يەنە بەرنا بولۇپ ئەمگەكچىگە .
شادلىقىم سالدى قىيان رەڭگى تۇتاش سايرام بىلەن ،
بارچە ئەل دىل رىشتىنى چاتقان بۈيۈك بايرام بىلەن ،
يەڭ تۈرۈۇپ ئەر-ئەزىمەتلەر ياسىغان قاينام بىلەن ،
پەللىگە -ھالقىشقا تەييار چوڭ قەدەم -چامدام بىلەن ،
كۈيلىرىم ئاقتى يەنە تەشنا بولۇپ ئەمگەكچىگە .
ئاپتورى : ئىدىرىس مەتسېيىت قەدىناس .
مەنبە :شىنجاڭ گېزىتىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazinin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:46