يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1873 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 930|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى نادىر شېئىرلار 33. ئانا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
467

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى 18:24:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانا
بۇغدا ئابدۇللا

توقسانغا ئۇلاشتى،
كۆزى خىرەلەشتى.
تۇنىمايدۇ گاھىدا سېنى،
سېنى چاقىرماقچى بۇلۇپ،
چاقىرىدۇ باشقا بىرىنى،
باشقا بىرىنى چاقىرغاندەك.
توقسان ياز،
توقسان كۈز،
توقسان قىش،
توقسان ئەتىياز،
ئۆتۈپ كەتتى
ماڭلىيىغا ئىز سېلىپ،
ئۆتۈپ كەتتى سۇدەك
ئەمدى،
تېتىكلىگى يوق
بۇرۇنقىدەك.
كۆرپىدە ياتار،
ئىشىككە قارار.
سەن كەلمىسەڭ بىر كۈن
كۆڭلى يېرىم بولار،
كۆزگە ياش ئالار،
كىچىك بالىدەك.
ھەي !
جاھاننى ياشاپ تۈگۈتۈپ قويدى،
ئەمدى مېھماندەك !
كۆڭۈل نازۇك نەرسە،
كۆتۈرەلمەس گەپنى
سۇ - مىسقال تۆمۈرنى كۆتۈرەلمىگەندەك.
شۇڭا
تاشلىما ئۇنى،
ئۇنىتما ئۇنى.
يوقلا !
تاتلىق بىلەن !
ئاچچىق - چۈچۈك بىلەن !
ھالداش،
مۇڭداش،
ئوغلى بولمىسا ئوغلى بول !
قىزى بولمىسا قىزى بول !
يۇيۇپ قوي،
چاچلىرىنى تاراپ قوي.
دۈمبىسىنى سىلاپ قوي،
پۇتىنى تۇتۇپ قوي،
شۇنداق قىلساڭمۇ
بىر كېچە بەرگەن سۈتى ھەققىنى
تۆلىيەلمەيسەن،
بۇلۇپ پايپېتەك !
ئۇ بولمىسا
سەن قېنى ؟!
مەن قېنى ؟!
توققۇز ئاي
توققۇز كۈن
توققۇز سائەت
توققۇز دەقىقە
كۆتۈرگەن بىزنى قورسىقىدا.
ئاش ئېتىپ،
نان يېقىپ
كىر يۇيۇپ. ....
يول يۈرۈپ،
جاھان لەرزىگە كەلگەن تولغىقىدا. ....
چاقماق چاققاندەك بوران گۈركىرگەندەك !
بىز
ئۇنىڭ بەختى،
ئارزۇسى ئىدۇق.
بۈگۈنى،
ئەتىسى ئىدۇق.
بىز !
ئۇنىڭ قايتا تۇغۇلىشى ئىدۇق.
ئوغۇل بولۇپ،
قىز بولۇپ،
بىز !
ئۇنىڭغا ئوخشىدۇق ؛
كۆزىمىز ئوخشار،
قېشىمىز ئوخشار،
بۇرنىمىز ئوخشار،
ئاغزىمىز ئوخشار،
گۈل - گۈلىگە ئوخشىغاندەك.
كۆز نۇرىمىز،
قارا چېچىمىز،
قېنىمىز
ئۇنىڭ ئىدى، ئۇنىڭ. ...
خۇددى سۇنىڭ بېشى بولغىنىدەك.
ئىنسان
ھەم ئەقىللىق بولار،
ھەم نادان.
كۆيەر بالىسىغا كۆيمەس ئانىسىغا،
ئانا كۆيەر بالىسىغىلا :
سېنى ئاسماندا ئۇچسا دەيدۇ،
دېڭىزغا شۇڭغۇسا دەيدۇ.
تۆھپەڭنى كۆرۈ شنى تىلەيدۇ
شەيخ جەينامازدا تىكىلىگەندەك.
تاپسا
بىر تال كەمپۈت،
بىر تال ئالما،
گېلىدىن ئۆتمەس،
يالغۇز يىگىسى كەلمەس
سېنى يەۋەلسۇن دەيدۇ،
سېنى ئورۇقلاپ قالمىسۇن دەيدۇ،
كەپتەر باچكىسىنى ئاسرىغاندەك.
توقسانغا ئۇلاشتى،
قۇلىقى ئېغىرلاشتى،
چىشى چۈشكەن،
بېلى ئېگىلگەن،
بېشى ئاغرىيدۇ
پۈتى سىرقىرايدۇ. ...
لېكىن،
تۇرغۇسى كېلەر،
يۈرگۈسى كېلەر،
ھاسىسىنى تاشلىغۇسى كېلەر،
يۈگۈرگۈسى كېلەر ياش - قىرانلاردەك.
يەر ئايلىنار،
ۋاقىت ئۇچار.
بۈگۈننىڭ بوسۇغىسىدا
ئەتە ساقلاپ تۇرار.
شۇنداق
قېرىيدۇ بارچە :
ئادەممۇ،
دەرەخمۇ ،
قۇشلارمۇ....



خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1396 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3498

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى 20:18:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر شېئىرلار ئارىسىدا بوغدا ئابدۇللا شېئىرلىرى خېلى كۆپ ئىكەن!
غەيرەت قىلىڭ ئايقىز ھەدە~!

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:56:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز ئايقىز ھەدە، بىز پەقەت ئەمگىكىڭىزگە مۇشۇنداق بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا جاۋاپ قايتۇرالايدىكىنمىز شۇ:$

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 20:13 , Processed in 0.049435 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش