ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكرو بىلوگ 2736 پارچە  

مىكرو بىلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1257|ئىنكاس: 5

ماقال-تەمسىللەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تېما
6
يازما
20
نادىر
0
جۇغلانما
8
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:49:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  ئەقىلسىزنىڭ مەنزىلى پۇشايمان.


  تىرىك بولۇپ ساندا بولمىساڭ، ئۆلۈك بولۇپ گۆردە يات.


  ئاچچىق ئالدىدا يۈرسە، ئەقىل كەينىدە.


  دوست بول سىرىنى بىلىپ، باشلاپ بارار يېرىنى بىلىپ.


  شىرىن يالغاندىن،  ئاچچىق ھەقىقەت ياخشى.


  ئۈنۈملۈك مېھنەت، كەلتۈرەر دۆلەت.


  ئالدىدا ماختىما، كەينىدا داتلىما.


  خاپىغان باشتا ئەقىل تۇرمايدۇ.


جىلىخور ئەڭ ئاۋال قېرىيدۇ.


  ئاقىلنىڭ ئەقلى قىسقارسا ئاغزىدىكى گېپى كۆپىيەر.


  ھايات ھەممىنى ئۆگىتەر، ئۆگەنمىسەڭ تۈگىتەر.


  ئۇيقۇسى ئۇزۇننىڭ بەختى قىسقا.


  ئۇخلىغاننىڭ نىسىۋىسىنى ئۇخلىمىغان يەيدۇ.



پۇلۇڭ تۈگىمەي ئەقىل كىرمەس.


جەننەت-زۇلۇم يوق يەردە.


  ئەقىلسىزگە ھايات تۈرمە.



  ئۆزەڭنىڭ ئەسكىسىدىن قاچما، باشقىلارنىڭ ياخشىسىغا يانداشما.


مەنبە: خەلق


مۇنبەرگە يوللىغۇچى: بارماقلىرىم


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تېما
86
يازما
4665
نادىر
4
جۇغلانما
11375

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:04:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چاغلاردا ماقال- تەمسىل توپلاش قىزغىنلىقى كۆتۈرلىپ كەتكەن، قېنى مۇنبەردىكى ئوت- يۈرەك دوستلار شەھلاغا ئەگىشىپ ماقال- تەمسىللارنىمۇ بىر توپلاپ باقمايلىمۇ؟؟؟:)

ئەتىدىن باشلاپ يوقلىما باشلايمىكىن

Rank: 3Rank: 3

تېما
73
يازما
922
نادىر
0
جۇغلانما
643

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 23:14:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
0 .ياخشى ئىشنى ئۈمىد قىل، يامانلىقتىن ھەزەر ئەيلە.

    1.تۆت پەسىلگە ئوخشاش نەۋ باھار، يۇتتۇم ھاۋاسى ياخشىدۇر، ئاش- نانلىرى تەمى بال، تەنگە داۋاسى ياخشىدۇر.                       
   2. ئەمگەك قىلساڭ ئاتىغىڭ چىقار، قىلمىساڭ چاتىغىڭ چىقار.  
   3. ئەيىپسىز دوستنى ئىزدىگەن دوستسىز قالار.
   4.ئاقساق يول تالىشار، پىقسىق پۇل تالىشار.  
   5. تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولار.
   6. كۆچەت ئۆسمەس باغۋەن بولمىسا، گۈل ئېچىلماس پەرۋىش بولمىسا، مەرىپەت بولالماس ھىچ كىم، مۇئەللىمدىن تەلىم ئالمىسا.
   7. توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار.
   8. تويماس كۆزنى گۆرنىڭ توپىسى تويغۇزار.
   9. يارنىڭ سۆرىتىگە قارىما، خۇلقىگە قارا.  
   10. تۇغقاننى تاشلىساڭ يات بولۇر، تۆمۈرنى تاشلىساڭ دات بولۇر.
   11. ياخشىنى ماختىساڭ يارىشۇر، ياماننى ماختىساڭ ئادىشۇر.
   12. ئادەمنى ئۈمۈت ياشىتىدۇ، غەم قاخشىتىدۇ.
   13. ئاچكۆز تويماس، بېخىل بېيىماس.
   14. يىراقتىن خوتۇن ئالساڭ ئۇلۇغۇڭ تىنماس، يېقىندىن خوتۇن ئالساڭ قۇلىغىڭ تىنماس.
   15. ياخشىدىن جاپا كەلمەس، ياماندىن ۋاپا كەلمەس.

ھاياتلىق - زىددىيەت ، كېلىشمەسلىك ، شادلىق ۋە قايغۇلارنىڭ مۇجەسسىمىدۇر !!!

Rank: 3Rank: 3

تېما
73
يازما
922
نادىر
0
جۇغلانما
643

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 23:19:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
ئادەم ھەققىدە
ئادەم -- ئادەم بىلەن ئادەم
ئادەم بولىدىغان بالا، يېشىدىن مەلۇم
گالدا-گۇلدۇڭ بالا -- بېشىدىن
ئادەم كۆركى لىباس،
باغنىڭ كۆركى گىلاس
ئادەم تائامنى يەيدۇ،
ئارتۇق تائام ئادەمنى
ئادەم كۆركى -- يۈزدۇر،
يۈزنىڭ كۆركى - كۆز
ئېغىز كۆركى تىلدۇر،
تىلنىڭ كۆركى سۆز
ئادەم تىلى تاش يارار،
تاشتىن ئۆتۈپ باش
ئادەم -- ئادەمگە ئەينەك
ئادەم ئۆلسە نامى قالار،
چىراغباننىڭ -- شامى
ئادەم تىلىدىن كېتەر،
ھايۋان مۈڭگۈزىدىن
ئادەمنى بىلىم يورىتار،
ئالەمنى -- قۇياش
ئادەمنىڭ ئەقلى بولمىسا،
كۆز دېگەن تام تۆشۈكى
ئادەمنىڭ ئىچىدە ئادەم بار،
ئۇنىڭ ئىچىدە -- ئالەم
ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە،
ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا
ئادەمنىڭ ئادىمىلىكى
ئاچچىغى كەلگەندە بىلىنەر
ئادەمنىڭ ئادەم بىلەن ھىممىتىنى،
ھاماقەت نەدىن بىلسۇن قىممىتىنى
ئېغىز ھەققىدە
ئاغزى يوغاننى ئۆيدە سىنا،
نەپسى يوغاننى -- تويدا
ئاغزى بىلەن ئورما ئورىغان،
ئايىغى بىلەن باشاق تېرەر
ئاغزى قۇلاق ئاش يەيدۇ،
ئاغزى شاللاق -- تاش
ئاغزى كۆيگەن ئادەم
قېتىقنى تۈۋلەپ ئىچەر
ئاغزى قايماق،\ دىلى مايماق
ئاغزى ھەسەل، \ كۆڭلى زەھەر
ئاغزى ئوچۇق ئاچ قالماس،
يولى ئوچۇق -- كەچ
ئاغزى يۇمشاق موزاي،
قوش ئەمچەك ئېمەر
ئاغزىمغا كەلدى دەپ دېمە،
ئالدىمغا كەلدى دەپ يېمە
ئاغزىمدىن چىقتى،
ياقامغا ياماشتى
ئاغزىڭغا قان تولسىمۇ،
دۈشمىنىڭنىڭ ئالدىدا، تۈكۈرمە
ئاغزىڭغا ئېگە بول،
چىشىڭ سۇنمىسۇن
ئۇيغۇر خەلق ماقال - تەمسىللىرىدىن
ئاق ھەققىدە
ئاق بولسىمۇ، چاچ بولسىۇن
ئاق كىگىزنى ياراتماي،
لايدا ياتقان باراتۋاي
ئاق بار يەردە بەرىكەت بار
ئاق ئىت، قارا ئىت بەرى بىر ئىت
ئاق كۆڭۈلدىن قاراملىق كەلمەس،
قاراملىق كەلسىمۇ، يامانلىق كەلمەس
ئاق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسى قار ئەمەس
ئاق كۆڭۈلنىڭ ئېتى ھارماس،
كىيىمى توزماس
ئاققا قارا يوق،
قارىغا -- چارە
ئاي ھەققىدە
ئاي قوتانلىسا،ئايدا ياغار،
كۇن قوتانلىسا،كۈندە
ئاي چوكاننىڭ قېشىنى كۆرۈڭ،
تاۋىغىنىڭ -- تېشىنى
ئاي كۈندىن قۇۋۋەت ئالىدۇ،
ئەر يىگىت -- ئەلدىن
ئاي -- تولغىنىنى بىلمەس،
يىگىت -- بولغىنىنى
ئايدا ئوتاق بولمىغان،
يىلدا قوشنا بولماس
ئايدا كەلگەنگە -- ئاياق،
كۈندە كەلگەنگە -- تاياق
ئايلىقچى كۈنلۈكچىنى كۆرەلمەس
ئاينى ئېتەك بىلەن يېپىپ بولماس
ئاينى كۆرۈپ، كۈن ئالغىن
ئاينىڭ بېشىدىن قورقما،
بەشىدىن قورق
ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ،
ئون بەشى ئايدىڭ
ئاينىڭ شولىسىدا يۈرگىچە،
كۈننىڭ سايىسىدا بول
ئۇيغۇر خەلق ماقال - تەمسىللىرىدىن
ئالتۇن ھەققىدە
ئالتۇن چوكا سۇنسىمۇ،
باھاسى چۈشمەس
ئالتۇن چىرىماس،
داۋا قېرىماس
ئالتۇن ئوتتا بىلىنەر،
ئادەم -- ئەمگەكتە
ئالتۇن ئىزدىمە، \ ھۈنەر ئىزدە
ئالتۇن يەردە ياتماس،
ياخشى ئوغلان چۆلدە
ئالتۇن -- ئەخلەت ئىچىدىمۇ ئالتۇن
ئالتۇن باش ئاتاڭ بىلەن قالغىچە،
پاخپاق باش ئاناڭ بىلەن قال
ئالتۇن بېشىڭ ئامان بولسا،
ئالتۇن ئاياقتا سۇ ئىچىسەن
ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ كونىسى يوق،
ئاتا-ئانىنىڭ -- باھاسى
ئالتۇنئاياقتا ھاراق ئىچكىچە،
ياغاچ تاۋاقتا قېتىق ئىچ
ئالتۇن ئۈزۈككە -- ياقۇت كۆز
ئالتۇننى ئالما،
ئالقىش ئال
ئالتۇن زىرەك
قىزغا تىلەك
ئالتۇن يەردىن چىقىدۇ،
باتۇر -- ئەلدىن
ئالتۇنغا توپا يۇقماس،
نادانغا -- ئىلىم
ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر بىلۇر
ئالماس زەررىلەر : ئۇيغۇر خەلق ماقال ۋە تەمسىللىرى >> ناملىق كىتابتىن



ھاياتلىق - زىددىيەت ، كېلىشمەسلىك ، شادلىق ۋە قايغۇلارنىڭ مۇجەسسىمىدۇر !!!

باشقۇرغۇچى

زۆھرەگۈل

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تېما
37
يازما
699
نادىر
3
جۇغلانما
1741
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى 22:15:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ بۇ تېمىمۇ قىزىپ كېتىپتىغۇ، مەنمۇ ۋاراقلايچۇ خاتىرەمنى:)

ئۆزەڭنىڭ ئەسكىسىدىن قاچما، باشقىلارنىڭ ياخشىسىغا يانداشما.
............
ئەجەپ مەنىسى چوڭقۇر سۆزكىنا بۇ :D

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 1

تېما
7
يازما
87
نادىر
0
جۇغلانما
42
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى 19:28:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېمەي ئىچمەي بول بىخىل، باي بولمىساڭ مەن كېپىل.
خىرۇم چاپان بۈدرە چاچ، ئۈچ كۈن بولدى قورساق ئاچ.
كىچىك بالىغا پۇل بەرسەڭ، ئېلىپ يېيشى لەڭپۇڭ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش