يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1221 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 605|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇر شېئىريىتىدىكى نادىر شېئرلار 77. چۈنكى مەن ئادەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:30:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چۈنكى مەن-ئادەم

تاھىر تالىپ


بىمار بوپ ئانا يەرگە يىقىلغاندا،
پۇرىدى دەل ئاستىمدىن ئانا سۈتى،
«خىزىر» بوپ تۇپراقتىكى كىندىك قېنىم،
تۇرغۇزدى مېنى يۆلەپ ساغلام پېتى.
شۇڭا يۇرت پايخان بولسا ماڭا ماتەم،
چۈنكى مەن - ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم.
تەلۋىلەر چەيلەپ ئۆتسە گۈل - چىمەننى،
ئۆرۈلەر بېشىغا سەۋر قاچام
قەھرىمدىن ئوق ئۈزىمەن قۇزغۇنلارغا،
چىمەنگە قانات يېيىپ مەن ھەر قاچان.
چۈنكى مەن - ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم،
گۈزەللىك پايخان بولسا ماڭا ماتەم.
دىلبىرىم قوي كۆزىدىن سۇ ئىچىمەن، !
دىلىدىن دىلىمغا نۇر - يورۇق ئېلىپ.
جاھالەت ھامىيلىرى چاڭ توزۇتسا،
سانجىيمەن قوۋۇرغامنى پىچاق قىلىپ.
چۈنكى مەن - ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم،
مۇھەببەت پايخان بولسا ماڭا ماتەم.
رەقىبنىڭ مۇشتى ماڭا ھېچ گەپ ئەمەس،
ھەتتاكى قىلىچقا تىك بارالايمەن.
چېقىلسا قىلچە ئىززەت - ھۆرمىتىمگە،
ھەتتا ئەۋلىياغا يانالايمەن.
چۈنكى مەن - ھېسسياتلىق ھايات ئادەم،
غورۇرۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم.
بىھۇدە بوزەك قىلسا كىچىكنى چوڭ،
ۋە ياكى مۇتتىھەملەر پالۋان بولسا ؛
كۆز يۇمۇپ يۈرەلمەيمەن،ئازغان ئۈچۈن
ناتىۋان لەيلىقازاق قۇربان بولسا،
چۈنكى مەن - ھېسساياتلىق ھايات ئادەم.
ھوقوقۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم.
ئېتىقاد، ئەقىدەم بار ئۆزۈمگە خاس،
خەلقىمنىڭ رايىنى كۈچ - قانات قىلغان.
ئەقەللىي، كۆزۈمدىن ئوت - ئۇچقۇن يانار،
تەتۈرلۈك ئىرادەمگە بولسا سۇلتان.
چۈنكى مەن - ھېسسياتلىق ھايات ئادەم،
ئەقىدىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم.
كوممۇنىست - ئىنسانىيەت چاكىرىمەن،
لېكىن، ھىچ بىرەر زاتنىڭ قۇلى ئەمەس.
ئۆز كاللام ھامان مەھكەم ئۆز بوينۇمدا،
جەڭچىمەن، بىرەر كىمنىڭ قولى ئەمەس.
چۈنكى مەن - ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم،
خىسلىتىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم.
غەزەلخان خەلقىم ئۈچۈن يازدىم قوشاق،
ئىلھامنى ئاتا قىلغاچ خەلقىم - ئانام.
غەزەلسىز ياشىمايدۇ بۇلبۇل دېگەن،
يۇرتۇمدا ھەربىر غەزەل بىر ئىمتىھان.
غەزىلىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم،
چۈنكى مەن - ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ayqiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:31  


خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1005 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2806

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:42:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەت قىلىڭ ئايقىز ھەدە~!

ھېچنىمە  خۇشياقمايۋاتىدۇ..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 12:27 , Processed in 0.048370 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش