يۈز تېرىسىگە دانخورەك، مايلىق تېرە ياللۇغى دىگەندەك ئۇنداق –مۇنداق نەرسىلەرنىڭ چىقىشى تەبئىي،تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر تەن سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ كەتتى، تېرە سالامەتلىكى ‹‹يۈز ›› مەسلىسىگە بېرىپ تاقاشتى. ناۋادا يۈز تېرىسىدە سەل مەسىلە چىقسا، جىددىيلىشىپ، داۋالاشقا ئالدىرايدىغان بولدى، لېكىن تونۇشنىڭ يىتەرسىزلىكى تۈپەيلىدىن، دوختۇرغا بارمايلا ئۆزى بىلىپ دورا ئېلىپ، سىرتىدىن دورا ئىشلىتىپلا بولدى قىلدى.
يۈز تېرىسى كىسەللىكلىرى دائىم يۈزنى ئاسرىماسلىق، دائىم بىنەپشە نۇردا ئۇزۇن يۈرۈش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن، تېرە ئاجىرالمىلىرى كۆپ مىقداردا تېرە بەزلىرىنى ۋە تەر چىقىرىپ، چاڭ-توزان بىلەن بىرلىشىپ، بۇلغانغاندىن كېيىن، مىكروپ پەيدا بولىدۇ. بۇندىن باشقا يۈز تېرىسى بىر قەدەر نېپىز ، بولۇپمۇ قاپاق، ۋە پىشانە تېرىسى ئالاھىدە نېپىزدۇر. بۇ يەرلەر دورىنى تېزلىكتە سۈمۈرىۋالىدۇ، ئەگەر دورىنى مۇۋاپىق ئىشلەتمىگەندە كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە تەسىر بىرىپ قويىدۇ، شۇڭا قاتتىق دىققەت قىلىش كىرەك.
ھورمۇنلۇق دورىلار
تاۋار ئاتىلىشى : 皮炎平, 皮康王,无极膏派瑞松
تېرە ساغلاملىق پادىشاھى، تېرە ياللۇغى دورىسى..قاتارلىقلار.
داۋالاش دائىرىسى : ھورمۇنلۇق دورىلارنىڭ تۈرى كۆپ، تەركىبى ئۆزگىچە، تاۋار نامى تېخىمۇ مۇرەككەپ، بۇ خىل دورىلار كۆپىنچە تېرە ياللۇغى، ئەكىس تەسىر خاراكتىرلىك تېرە كىسەللىكى قاتارلىقلار، يۈزدە ئەگەر ئەسۋە، مايلىق تېرە ياللۇغى، كۈن نۇرى خاراكتىرلىك تېرە ياللۇغى، تىگىش خاراكتىرلىك تېرە ياللۇغى، ئېغىز ئەتراپى تېرە ياللۇغى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىلىشى: ئىشلىتىش ۋاقتى 1-2 ھەپتىدىن ئاشماسلىق كىرەك، كىسەل بار جايغىلا سۈرۈش، يۈزنىڭ ھەممىسىگىلا سۈرىۋەتمەسلىك كىرەك.
ئەگەر ئىشلىتىش ۋاقتى بەك ئۇزاق بوپ كەتسە، ھورمۇنغا يۆلىنىش خاراكتىرلىق تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ، كۆپلىگەن بىمارلار قالايماقان ئىشلىتى، كىسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، يۈزىنى قىزىل ئەسۋە قاپلاپ كېىتىدىغان، قىچىشىدىغان، تېرە كىپەكلىشىدىغان، ئاغرىيدىغان، تاشقى زەخمىگە بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ھورمۇن خاراكتىرلىك دورىلارنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلەتكەن تۈزۈك.
تەركىبىدە ۋىتامىن ئا كىسلاتاسى بار دورىلار
تاۋار نامى : 迪维霜,乐为霜
داۋالاش دائىرىسى : بۇ خىلدىكى دورىلار يۈز تېرىسىگە سۆگەل چىقىش، مايلىق مۈڭگۈزسىمان نەرسە چىقىش، دانخۇرەك،تەر يولى ئۆسمىسى، ياللۇغلۇق سېرىق داغ ۋە قورۇقلارنى يوقىتىش رولىغا ئىگە.
نورمال ئىشلىتىلىشى: ئىشلەتكەندە كۈنگە چىقماسلىق كىرەك، بولمىسا ئەكىس تەسىر بىرىپ قويىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈرتۈش كىرەك. بەك قېنىق سۈرتىۋەتمەسلىك كىرەك، بولمىسا تېرىنى غىدىقلاپ، قىزىل داغ، يۈز قۇرغاقلىشىش، تېرە كىپەكلىشىش، ئېچىشىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
باشقا تۈردىكى دورىلار يۇقىرىدا ئېيتىلغان دورىلارنىڭكىدەك كەڭرى ئىشىلتىلمەيدۇ، لېكىن ئۇلارنى ئىشلەتكەندىمۇ دىققەت بىلەن ئىشلىتىش كىرەك.
مەنبە : ‹‹ئائىلە دوختۇرى ›› ژورنىلى 2010-يىلى 4-سان
ئىزاھات:
‹‹ئائىلە دوختۇرى ›› ناملىق ژورنالنىڭ 2010-يىللىق 2-سانىدىن ئەنىۋەر جېلىل تەرجىمە قىلدى.