يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1885 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 996|ئىنكاس: 4

نەۋرىزە: ئۆينى بۇزغان..... ئۆي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
101

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:58:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىكاھنىڭ ئۇلۇقلىغىدىن تۈپتىن ئوخشىمىغان ئىككى ئائىلىدە چوڭ بولغان بىر قىز بىر يىگىت ، بىر ئۆيگە جەم بولۇپ، ئۇنى دېسىمۇ بۇنى دېسىمۇ ئىش قىلىپ بىر- بىرىدىن ئايرىلالاماي ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. بىر ئۆيدە ئەڭ ئۇزۇن ياشايدىغىنى يەنىلا ئەر ۋە ئايال. ئاتا- ئانىمىز بىلەنمۇ ئۇنچە ئۇزۇن ياشىيالمايمىز. قانات- قۇيرىقىمىز يېتىلگەندىلا ئۇچۇپ كېتىمىز. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئالدىدا ناھايىتى ئەتىۋارلىنىپ، شاھزادە، مەلىكە بولۇپ چوڭ بولغان بولسىمۇ، تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن، ئۆزى پەرەز قىلىپمۇباقمىغان ھەر خىل قىسمەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. تۇرمۇشنىڭ ھەللەكچىلىكىدە سەللا دېققەت قىلمىسا ئۇ يەر بۇ يەرلەرگىمۇ ئۈسىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھەر ئىككىلىسى تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق سوقىدا چېنىقىدۇ. ھېلىقى ئەتىۋارلىق شاھزادە بىلەن مەلىكىمۇ خان تاجىسىدىن ئاستا- ئاستا مەھرۇم بولوپ، ئاتا بىلەن ئانىغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇلارنىڭ مەسئولىيىتى بىلىپ – بىلمەي ئېغىرلىشىپ، بۇ مەسئولىيەت ئالدىدا بىر ئىشچان قۇلغا ئايلىنىدۇ. مانا بۇ ئېغىر يۈكنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن، شەرەپلىك ۋەزىپەم دەپ، كۆتۈرۈشكە رازى بولىدۇ. بۇ جەرياندا نۇرغۇن بىھىساپ بەدەللەرنى تۆلەيدۇ. تىرىشىپ تىرمىشىپ ھاياتلىق ئۈچۈن ياشلىقىنى، ھەتتا بارلىقىنى قۇربان قىلىدۇ. نىكاھنىڭ ئۇلۇقلىقى دەل مۇشۇ يەردە. بۇ نورمال ھادىسە. بىراق جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن، بىنورمال ھادىسىلەرمۇ ئۆزىنى ئاشكارلىغىلى تۇردى. بۇنىڭغا نىمە سەۋەپلىك؟ ئەلبەتتە تويماس ئىككى كۆزىمىز بولسا كېرەك. شۇ ۋەجىدىن نىكاھتىن ئىبارەت ئۇلۇق ھۆكۈمگىمۇ شەك چۈشىرىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىۋاتىدۇ. ئەڭ ئېچىنىشلىقى ھازىرقى قىززىق نوقتا بولغان ئۆي سېتىۋېلىش مەسىلىسىدە، شۇ شېرىن پايدىنى كۆزلەپ، بۇ ئۆتكەلدىن رەزىل قىياپەتتە ئۆتىۋاتقان ئەھۋاللارنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ شۇ « بۇزغۇنچى ئۆينى» ئېلىش ئۈچۈن نىكاھتىن يالغان ئاجرىشىپ، ئاخىرى بۇ ئىش چىڭىغا چىقىپ، قايتا يېنىشالماي، شۇ پېتىملا ئاجرىشىپ، شۇنچە تەستا قۇرغان ئائىلىسىنى نابۇت قىلىپ، باشقىلارغا قوش قوللاپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار ئادەمنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. بۇنىڭدا دەتتا قېلىۋاتقانلارنىڭ تولىسى يەنىلا ئاجىز ئاياللار...دۆت ئاياللار دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. سەن يالغان ئاجراشتۇق دېگەن بىلەن، قانون يالغان ئەمەستە، بۇنداق ئەھۋالدا ساڭا كىم ئىگە بولالايدۇ؟ نىكاھ شۇنداق ئوينىشىدىغان ئويۇنچۇقمۇ؟ ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكىنى قوغدايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز يوقمىدۇر؟ بۇمۇ بىزنىڭ ئويۇنچىقىمىزغا ئايلاندى شۇنداقمۇ؟! نىكاھ ئالدىدا ئەلبەتتە سەن جاۋاپكارسەن. بۇ مېنىڭچە نىكاھ ئالدىدا مەڭگۈلۈك جىنايەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

ئادەم ئىجتىمايى مۇھىتتا ياشىغىنى ئۈچۈن، ئادەمنىڭ ئادىمىلىكى ئادەملەر بىلەن بولغان ئالاقە، ئىش- ھەركەت قاتارلىقلادا ھەقىقىي ئىپالىنىدۇ. ئالاقە كىشىلەر ئارىسىدا سەمىمىيەت، راسچىللىقنى شەرت قىلىدىغان جەريان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بىر- بىرىگە، ئىش- ھەركەتلەرگە بولغان پوزىتسىيەسى قانچا چىن بولغانسېرى، ئادەمدىكى ئالىجاناپلىق شۇنچە جۇلالىنىدۇ. ئەكسىنچە ساختىپەزلىك، مەككارلىق ئادەمنى ھايۋانى سۈپەتكە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئىنسانى ئوبرازلا بىزنىڭ ئادىمىلىك قىممىتىمىزنى ئاشۇرىدۇ. شۇ « بۇزغۇنچى ئۆي» پايدىنى كۆزلەپ مۇشۇنداق ئۆز ئوبرازىمىزنى خۇنۈكلەشتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلساق، ئەجداتلىرىمىزدىن باشقا كۆز ئالدىمىزدىكى جەمئىيەتكە، باللىرىمىزغا، ئەڭ موھىمى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قانداقمۇ يۈز كېلەلەيمىز. ئادەمنىڭ قەدېر- قىممىتى بايلىق بىلەنلا ئۆلچىنەمدۇ؟مېنىڭچە بۇ ئېتىقات مەسىلىسى. پايدا ئۈچۈن نىكاھنى سېتىۋەتكەنلەر، ماھىيەت جەھەتتە ئۆزىنى سېتىۋەتكەنلەر دېيىشكە بولىدۇ. ئاجرىشىش بەدىلىگە يەنە بىر ئۆينى سېتىۋالدىمۇ دەيلى، باي بولدىمۇ دەيلى، بىراق ئۇلار ۋىجدان تارازىسى ئالدىدا روھىيەت جەھەتتە تولىمۇ نامراتتۇر. شۇ «بۇزغۇنچى ئۆينىڭ» ئارقا كۆرۈنىشى قانداق بولار؟ سېنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرار؟ بېشىڭنى قاتتىق سىلكىۋېتىپ، ئادىمىيلىكىڭنى ئۆلچەپ باق؟!

نەۋرىزە: ئۈرۈمچىدە يېزىلدى


Rank: 3Rank: 3

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
442
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 20:51:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندا مەركىزىي تېلۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ خەنزۇچە قانىلىدا، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەزمۇندىكى بىر ئېتوت بەرگەن، شۇنىڭدا دەل سىز يۇقۇردا ئېيتقاندەك ئۆي ئېلىش ئۈچۈن ئايالىدىن يالغان ئاجىرىشىپ ئىدارىنىڭ بويتاقلار ياتىقىدا بىر مەزگىل ياتىدۇ......
ئىشقىلىپ بۇ جەمىيئەتتە ھەر خىل ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ:(

كەيپىم بەك چاغ

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 00:17:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئىدارىدىمۇ ئۆي ئېلىش ئۈچۈن، قىلمىغان ئىشلىرى قالمىغان بىرتۈركۈم ئادەملەر بار ئىكەن.لېكىن، بىزدە يەنىلا ئاز ئىكەن. باشقىلارغا جىق ئىكەن.

Rank: 3Rank: 3

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
240
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:10:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت قورۇلمىغان  تۇرمۇش ئالدىدىكى مۇھەببەت ‹باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھېساب دەرىسلىكىگە› ئوخشىسا ،تۇرمۇشتىن كىيىنكى مۇھەببەت خۇددى ‹ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا فورمىلاسىغا ئوخشايدۇ.

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 13:43:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كۈنلەردە بىز ئادەملەرنىڭ قولىدىن ھەر ئىشلار كېلىدىغان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. نىكاھ دېگەننى شۇنچىلىك خارلاپ كېتىۋاتىمىز ئەمما...يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئۆي ئېلىش ئۈچۈن ئاجرىشىپ تۇرۇپ بىر مەزگىلدىن كېيىن يېنىشىۋېلىپ دېگەندەك. ھەي...بىردىنلا كۆرەش كۆسەننىڭ «ھەي پۇل» دېگەن ناخشىسى ئېسىمگە كېلىپ قالدى دېسە.:L   
   بارغانسىېرى ئېتقاد سۇسلىشىپ، ئۆزىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز. تۇرمۇشقا ئېغىر چاقچاق قىلىدىغان بولۇپ كەتتۇق ھازىر. بۇ يەردە پەقەت قايناپلا قالىمىز، سۆزلەيمىز. ئەمما ئۆزگەرتىش مۇمكىنمۇ؟ دۇنيادا ئىنساننى ئۆزگەرتىشىتىن ئارتۇق تەس ئىش يوق. بىزگە ئوخشاش ھەممىنى، ھەممىنى تېز قۇبۇل قىلىدىغان مىللەتكە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئەمدى يازغۇم كەلمىدى...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Coffee تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 13:44  


ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 17:02 , Processed in 0.051881 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش