يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 776|ئىنكاس: 7

شور تۇزنىڭ رولى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 13:52:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقىمىزدە تۇزنى ئۇلۇقلاش، چوڭ كۆرۈش ئىدىيىسى يۇقۇرى بولۇپ بۇ بەلكىم تۇزنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى، تائاملىرىمىزغا ئالاھىدە تەم بېغىشلاش رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
خەلقىمىز تۇزنى تاماققا تەم كىرگۈزۈش ئۈچۈنلا ئىشلىتىپ قالماستىن، يەنە ساغلاملىقنى ئاسىراش ۋە باشقا تۇرمۇش پائالىيەتلىرى جەريانىدا كۆپ ئىشلىتىپ كەلگەن.بەدەن سىرتىدىن ئىشلىتىشتە ئادەتتە شور تۇزنى قىززىتىپ يەرلىك ئورۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق سوغۇق ئەڭگىزدىن بولغان رېماتىزىم ، مۇپاسىل ، بوغۇم ياللۇغى ، بۆرەك ئاجىزلىقى ، مەزى بېزى ياللۇغى ، ئۇستىخان ئۆسمىسى ، بالياتقۇنى سوغۇق يەل قاپلاش ، تۇغۇتتىن كېيىنكى بەل ئاغرىقى ، شۇنداقلا سوغۇقتىن بولىدىغان ھەر خىل كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.  
شور تۇز ئۇزۇن زامانلار جاڭگاللاردا تۇرۇش جەريانىدا قۇياش نۇرىدىن ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق نۇرغۇنلىغان پايدىلىق ئېلمىنتلارنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىدە ئەسلىدىنلا بار بولغان خۇسۇسىيەتلەر قوشۇلۇپ پايدىلىق رولى ئالاھىدە ئىشىپ بارىدۇ. بولۇپمۇ زامانىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ قۇياش نۇرىدىن خالىي بىنا ئۆيگە سولىنىپ جىددىي تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە باش كۆتۈرمەي ئىشلەشلىرى، ھەركەتنىڭ ئاز بولىشى، سوغۇق تەبىئەتلىك ۋە خىمىيەلىك خۇرۇچلار بىلەن تەييارلانغان سۈنئىي ئىچىملىكلەرنىڭ كۆپلەپ ئىچىلىشى، خىمىيەلىك ئوغۇت بىلەن پارنىكتا تەييارلانغان سەي-ئوتياشلارنىڭ ئىستىمال قىلىنىشى ۋە بۇلارنىڭ پارنىكتىن چىقىپلا توڭلاتقۇغا كىرىپ يەنە بىر سۈنئىي ساقلىنىش جەريانىنى باشتىن ئۆتكۈزۈشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كىشىلەردە قان سوۋۇش ئارقىلىق قاننىڭ ھەركىتى ئاجىزلاش، قان تومۇرلار تارىيىش، قان ۋە جىگەردە ماي ئارتىپ كېتىش، بەل-بۆرەك سوۋۇش، كۆپ تەرلەش، ماغدۇرسىزلىق، بەل-پۇت ئاغرىقى، بەدەننىڭ ئېممۇنىت ئىقتىدارى ئاجىزلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆپلەپ كۆرىلىۋاتقان كۈنىمىزدە شور تۇز ئارقىلىق ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ ساغلاملقىنى ئاسىراش ۋە سوزۇلما كېسەللەرنى داۋالاش ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

سوغۇقتىن بولغان كېسەللەرنى شور تۇزدىن پايدىلىنىپ ئائىلىدە داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى مۇنداق:

ئاستىدىن ئىسسىتىدىغان قۇرۇلمىلىق ئۆيلەردە ئولتۇرغۇچىلار شور تۇزنى چوقۇپ ئۇششاقلاپ تونۇر سىلىشتا تەييارلىغاندەك لاي ئېتىپ تەييارلاپ ئۆينىڭ مۇۋاپىق دەپ قارالغان ۋە ئوبدان ئىسسىيدىغان جايدىن بىر كارۋات چوڭلىقىدا ئورۇننىڭ يەر يۈزىگە بەش سانتىمېتىر قىلىنلىقتا تەكشى ياتقۇزۇپ قىش كۈنلىرى ئۆينىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پار بىلەن ئىسسىتىش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق تەبئىي قىززىيدىغان شور كارۋات تەييارلاش. بۇ شەھەر ئاھالىرلىرىنىڭ تەنەرق ئەڭ ئەرزان توختايدىغان، شور تۇز ئارقىلىق بىخەتەر داۋالىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغان ئاددىي بىر ئۇسۇلدۇر. ئائىلىدە رېماتىزىم، بەل-پۇت، بوغۇملار ئاغرىيدىغان، قان قويۇق، كۆپ تەرلەيدىغان، مەزى بېزى بىمارلىرى، بالياتقۇ، بۆرەك ۋە ئومومىي بەدەن زىيادە سوۋۇپ كەتكەنلەردىن خالىغان بىرى مۇشۇ ئاددىي شور تۇز بېسىلغان جاينى 15 كۈندىن 20 كۈنگىچە ياتاق جاي قىلىپ بەرسىلا بولىدۇ. ئەگەر بۇ جەرياندا بەدەن كۆپ تەرلەپ تۇزسىزلىنىش، ماغدۇرسىلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە تاماقنى تۇزلۇقراق تەييارلاپ يېسە ياكى قايناقسۇغا ئازىراق تۇز قوشۇپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. بۇ جەرياندا سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش، سوغۇق سۇ ئىچىش، سوغۇقتا شامالداش دېگەنلەردىن ساقلىنىش كېرەك.

ئۇندىن باشقا شور تۇزنى چوقۇپ ئۇششاقلاپ بىر چاڭگال مىقدارىدىكى تۇز تالقىننى قۇرۇق قازاندا قورۇپ قىززىتىپ لۆڭگە ۋە ياكى قىلىنراق رەختتە ئوراپ دوۋسۇن، چات ئارىلىق مەزى بېزى ئۇدۇلى(ئەرلەر مەزى بېزى ياللۇقىدا دوۋسۇن بىلەن مەقەت ئۇرۇقدان ئارلىقىدىكى بوشلۇققا قويۇلىدۇ. ئاياللارنىڭ دوۋسۇن ۋە بەلگە قويۇلسا بولىدۇ) غا قويۇپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلارنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق ئاياللاردا بالياتقۇ سوۋۇپ كەتكەن سەۋەبتىن بولغان ئاياللار كېسەللىكلىرى، ئەرلەردە مەزى بېزى ياللۇقى قاتارلىقلاردا ئوبدان ئۈنۈم كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ جەھەتتە سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇقى بىمارلىرىنى ئىچكى جەھەتتىن دورا ئىشلىتىش ۋە سىرتىدىن مۇشۇ ئۇسۇلنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بىرزاتنىڭ سىناقتىن ئۆتكەن ئۇسۇلىدۇر. شور تۇز تەركىۋىگە بەزى بىر ئىسسىقلىق دورىلار تالقانلىرىنى قوشۇش ئارقىلىقمۇ ئۈنۈمنى ئاشۇرسا بولىدۇ.

ئۇندىن باشقا بەل، پۇت، بوغۇملار ئاغرىقلىرى، سوغۇق ئۆتۈپ يەل تۇرۇپ قالغان ئەھۋاللاردىمۇ شور تۇزنى قىززىتىپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە ئۈنىمى بولىدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 00:46:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇندىن باشقا بەل، پۇت، بوغۇملار ئاغرىقلىرى، سوغۇق ئۆتۈپ يەل تۇرۇپ قالغان ئەھۋاللاردىمۇ شور تۇزنى قىززىتىپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە ئۈنىمى بولىدۇ.
---------------
بۇنىڭ ئۈنىمىنى مەن بەك جىق كۆرگەن، ھەقىقەتەن ياخشى ئۇسۇل جۇمۇ بۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
558

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:49:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قانچە يىللار ئىلگىرى، جەنۇبىي بۇگۇر تارىم ئويماينلىغىدا ،قۇم بارغانلېرىنى كېزىپ يۇرگۇنۇمدە،ئېھتىياتسىزلىقتىن پۇتۇم قايرىلىپ كېتىپ،شۇ كېچىسى پۇت ئۇشۇقۇم كوپتەك ئىشىپ كەتتى،ئەتىسى دوختۇرغا كۆرۇنۇپ،دورا سۇرتكەن بولساممۇ،پۇتۇمنىڭ ئىشىقى پەقەتلا يانمىدى،شۇنىڭ بىلەن بىر دىخان ئايالنىڭ سۆزى بويىچە،پۇتۇمغا شور پاختىنى چاپلىۋىدىم،يالغان ئېيتقاندەكلا،ئىشىق يېنىپ،ساقىيىپ كەتتىم.
يەنىلا بىزنىڭ بۇرۇنقى يەرلىك ئۇسۇللېرىمىز ياخشى ئىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:51  


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:01:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەك ئىشلىتىمەن بۇ شور تۇزنى ...لېكىن پايدىسى ھەقىقەتەنمۇ بەك ياخشى ، بەدەندىكى سوغۇقنى بەك ئالىدۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:03:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:01
مەن بەك ئىشلىتىمەن بۇ شور تۇزنى ...لېكىن پايدىسى ھەقىق ...

ئۆيىڭىزدە بارما شور تۇز

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:19:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:03
ئۆيىڭىزدە بارما شور تۇز

باررررررررررررررررررررر.....ئەمما سىزگە بەرگۈدەك قالمىدى

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:33:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:19
باررررررررررررررررررررر.....ئەمما سىزگە بەرگۈدەك قالم ...

ۋاي قۇلاق...بوشاراق ۋاقىرسا بولمامدىغاندۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:42:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكراق ۋارقىرىمىسام ، ‹شور تۇز دەيدۇ › دەپ ئەتىلا ئىشىكتە 3 توختامۇش تەييار بولمىسۇن دىدىمغۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:48 , Processed in 0.052938 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش