يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 597 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1562|ئىنكاس: 12

چۈش تەبىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 13:43:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈش كىشىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنىشى بولۇپ , ئەلمىساقتىن تارتىپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى ياخشى تەرەپكە ئۆرۈپ , يامان چۈشلەرنىمۇ ئامال بار ياخشى تەرەپكە ئۆرۈپ كىشىلەرنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تولدۇرۇپ , بەلگىلىك رىغبەتلەندۈرۈش , تەسەللىي بىرىش ۋە ئىلھام بىرىش ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتىرجەملىككە ئىگە قىلماقتا . ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس چۈش تەبىرى بولۇپ , بۇ تەبىرلەرگە شۇ مىللەتنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتى , دىني ئېتىقادى , ۋە شۇ مىللەتنىڭ بەلگىلىك مەدىنىيەت خاراكتىلىرى سىڭىپ كەتكەن . بۇنىڭ شۇ مىللەتنىڭ ئىندىۋۇدال خاراكتىرىنى ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك قىممىتى بار . شۇنى دەپ ئۆتۈش كېرەككى , بۈگۈنكى ئىلىم - پەن تەرەققىي قىلغان دەۋىردىمۇ , نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى چۈشىنەلمەي , بۇنىڭدىكى سىرغا ھەيران قىلىپ يۈرمەكتە . بېشىدىن كۆپ ئىسسىق - سوغۇق ئۆتكەن پىشقەدەملىرىمىز ھەرخىل چۈشلەرگە بىرخىل بەلگىلىك رىغبەتلەندۈرۈش , تەسەللىي بىرىش ۋە ئىلھام بىرىشنى ئاساس قىلىپ , ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ كەلمەكتە .
تۆۋەندە بىز ئۆزىمىز توپلىغان بىر قىسىم چۈش تەبىرلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزورىغا سۇندۇق .دوستلارنىڭ << شاكىلىنى چىقىرۋىتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىش >> نى تەۋسىيە قىلىمىز .

بىلىڭ ۋە ئاگاھ بولۇڭكى تارىخ يازغۇچى ۋە رىۋايەتچىلەردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , ھەزرىتى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام چۈش تەبىرىدىن قالدۇرغان رىۋايەتكە ئېيتىپدۇركى , ھەر كىشى بىرەر چۈش كۆرسە چۈشىگە تەبىر بەرگۈچى ياخشىلىققا تەبىر بەرسۇن يامانلىققا تەبىر بەرمىسىۇن .

1. ھەركىمنىڭ ئۆيى تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئوغۇل پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر . ئۆينىڭ تۆۋەن تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە قىز پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر . ئۆينىڭ قىبلە تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئاتا تەرەپكە , شەرق تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئانا تەرەپكە خەتەر يېتەر ، تورۇس ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئۆينىڭ چوڭىغا خەتەر يېتەر .
2. قەبرىستاندا يۈرۈپ چۈش كۆرسە گۇناھى ئازلىغان بولۇر .
3. مەسجىدنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە خۇدانىڭ خەزىنىسىدۇر .
4. مەسجىددە ناما ز ئوقۇپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يېتەر .
5. چوڭ دەرەخ يىقىلىپ چۈش كۆرسە شۇ جاينىڭ چوڭىغا خەتەر يىتەر .
6. كۆچەت قويۇپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي .
7. تاغدا يۈرۈپ تاغنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئىززەت ۋە ھۆرمەتلىك بولغاي .
8. ئوتنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يىتەر .
9. تۈتۈن ئىسىنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئازاپقا گىرىپتار بولۇر .
10. ئوتۇن كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىناما ز بىلەن دوست بولۇر .
11.ئانارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىر يەردىن سوغات خەۋىرى كېلۇر .
12. بىيە كۆرۈپ چۈش كۆرسە كېسەل بولۇر .
13. ئىشەكتىن يىقىلىپ چۈش كۆرسە ئۆزىگە زىياندۇر .
14. تۆمۈر ئەسۋاب كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنتى كۆپ بولۇر .
15. قامچا كۆرۈپ چۈش كۆرسە چوكان ئالۇر .
16.ئىت قاۋاپ چۈش كۆرسە دۈشمەن قەسىت قىلۇر .
17. ئىلان ھەم دۈشمەن سۈرىدۇر .
18. ئاق ئىلان مۇسۇلماندۇر .
19.قارا ئىلان دۈشمەن سۈرىدۇر .
20. چاشقان ئوغرى سۈرىدۇر .
21. توشقان كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت نىسىپ بولۇر .
22. قاغا قىچقىرىپ چۈش كۆرسە قۇرقۇنچلۇق خەۋەر كېلۇر .
23. پاختەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .
24. قۇشقاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمكىن بولۇر .
25. كەپتەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى ئالىم بولۇر .
26. لاچىن كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى باتۇر بولۇر .
27. دەمدەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە شۇ جايدىن قۇرئان ئاۋازى ئۈزۈلمەس .
28. تورغاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولغاي .
29. سېغىزخان كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھارامخۇر بىلەن دوست بولۇر .
30. بۇلبۇل كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى نەغمىچى بولۇر .
31. قالغاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى راسىت سۆزلۈك بولۇر .
32. ھۆپۆپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى بېخىل بولۇر .
33.ئاسمانغا ئۇچۇپ چۈش كۆرسە دۆلىتى زىيادە بولۇر .
34. يەر ياقىلاپ چۈش كۆرسە ياكى ئۇچۇپ يىقىلىپ چۈش كۆرسە سەپەردە خەتەرگە ئۇچرار .
35. ئېگىز ئۇچۇپ چۈش كۆرسە سەپىرى سالامەت بولۇر .
36. كەتمەن كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يىتەر .
37. ئارا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .
38. خامان تېپىپ چۈش كۆرسە خەلىققە باش بولۇر .
39. دەريانى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋان بولۇر .
40. كېيىكنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە نېمەتكە داخىل بولۇر .
41. كالا قوغلاپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلارنىڭ نەزىردىن يېقىلۇر .
42. كالا بوغۇزلاپ چۈش كۆرسە يۇرتىغا خەتەر يېتەر .
43. كالا گۆشى تەقسىم قىلىپ چۈش كۆرسە ئۆي سەرەمجانلىرى تەقسىم قىلىنۇر .
44. قوي گۆشى تەقسىم قىلىنىپ چۈش كۆرسە تەقسىم نۆۋىتى كېلۇر .
45. پاقلان كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى يىتىم قالۇر .
46. ئۆچكە جىننىڭ سۈرىدۇر .
47. ئوغلاقنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەككار پەرزەنت كۆرەر .
48. مال بېقىپ چۈش كۆرسە خەلىققە باشلىق بولۇر .
49. تۆگە قوغلاپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالارنىڭ غەزىۋىگە ئۇچرار .
50. تۆگە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر .
51. مىكيان كۆرۈپ چۈش كۆرسە خوتۇن ئالۇر ياكى ئەرگە تېگەر .
52. تۇخۇم يەپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرمەس .
53. تۇخۇم چېقىلىپ چۈش كۆرسە پەرزەنتى تۇرماس .
54. قوناق كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكىلى ئاسان بولۇر .
55. ئىت قەسىت قىلىپ چۈش كۆرسە دۈشمەن سۈرىدۇر .
56. شەھەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكىلى ئاسان بولۇر .
57. چوڭ بولۇپ چۈش كۆرسە رەنجىگە گىرىپتار بولۇر .
58. تارازا كۆرۈپ چۈش كۆرسە داۋاگەر بولۇر .
59. كۆۋرۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئابرۇيلۇق بولۇر .
60. گۈلنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلاردىن ئىنام ئالۇر .
61. قورسىقى تويۇپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر .
62. قورسىقى ئېچىپ چۈش كۆرسە غەمدىن قۇتۇلار .
63. جامائەتلەرنى كۆرسە خۇشاللىق بولۇر .
64.بىلەيزۈكنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە نىكاھى مۇستەھكەم بولۇر .
65. ھارۋا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ياكى پۇتىغا ئاياق كىيىپ چۈش كۆرسە خوتۇن ئالۇر .
66. قىز بالا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمۈرى ئۇزۇن بولۇر .
67. چوكان كۆرۈپ چۈش كۆرسە پۇل ماللىرى ئامان بولۇر .
68. زىنا قىلىپ چۈش كۆرسە غۈسلى تاھارەت قىلىپ يۇيۇنسۇن ، مۇرادىغا يىتەر .
69. ئوڭ قولى غايىپ بولۇپ چۈش كۆرسە ئوغۇل پەرزەنتىگە ، چەپ قولى غايىپ بولسا قىز پەرزەنتىگە خەتەر يىتەر .
70. زىكەر غايىپ بولسا پەرزەنت كۆرمەس .
71.بەدېنىگە موي چىقىپ چۈش كۆرسە پۇل ماللىرىغا زىيان يېتەر .
72. ئاياللار پەرجىدىن قان ئېقىپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي .
73. چوڭ - كچىك بۆلۈپ چۈش كۆرسە دۇنياسى كۆپ بولۇر .
74. ھايۋاننىڭ تېزىگىنى تېرىپ چۈش كۆرسە ئومرى مۇشەققەت بىلەن ئۆتكۈزگەي .
75. ئۆيگە كىرىپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر .
76. ئۆيدىن چىقىپ چۈش كۆرسە غەمدىن قۇتۇلار .
77. ئۆيگە سۇ كىرىپ چۈش كۆرسە ئۆيگە بەركەت كىلۇر .
78. ئۆيگە ئوت كېتىپ چۈش كۆرسە بەدنىيەت ئادەمگە ئۇچرار .
79. دەريانى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەرتىۋىسى ئۆسەر .
80. دەرياغا چۈشۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر .
81. كېمىگە چىقىپ چۈش كۆرسە يۈزدە يۈز مەرتىبە تاپار .
82. پاقىنى كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر .
83. بېلىق كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھالالدىن رىزقى كۆپ بولۇر .
84. ئات يۈگۈرتۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يېتەر .
85. ئات مېنىپ جەڭ قىلىپ چۈش كۆرسە خوتۇنى بىلەن ماجرالىشىپ ئۆي بۇزۇلۇر .
86. ئاتتىن يىقىلپ چۈش كۆرسە خوتۇندىن يامانلىق كىلۇر .
87. يايلا قۇيرۇقلۇق ئاتقا مېنىپ چۈش كۆرسە خوتۇنى كېسەل بولۇر .
88. لەھەڭ دەم تارتىپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلاردىن ئىنئام ئالۇر .
89. ئەجدەرھا پادىشاھ سۈرىدۇر .
90. قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە رىزقى كۆپ بولۇر .
91. توڭ قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە جۇداغا قالۇر .
92. ئاچچىق قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە بىر كىشىدىن ئىزا - ئاھانەتكە قالۇر .
93. ئاق ئۈجمە يەپ چۈش كۆرسە رىزقى كۆپ بولۇر .
94. ياڭاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە جۇداغا قالۇر .
95. كۆك ئۈزۈم يەپ چۈش كۆرسە يىغا - زارلىق بولۇر .
96. توڭ ياڭاق يامان ئەمەستۇر .
97. جۇگاز يىغى كۆرۈپ چۈش كۆرسە پاراڭ جۇداغا قالۇر .
98. غەلۋىر كۆرۈپ چۈش كۆرسە ۋەيرانلىققا قالۇر .
99. ئۆتكەمە كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر .
100. خوتۇن كىشى ئوغۇل تۇغۇپ چۈش كۆرسە قىزدۇر .
101. ئالما كۆرۈپ چۈش كۆرسە دېدار كۆرۈشەر .
102. چىسلا كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى دوختۇر بولۇر .
103. جىگدە كۆرۈپ چۈش كۆرسە نائەھلى بىلەن دوست بولۇر .
104. تولا يىغلاپ چۈش كۆرسە كېسەل بولۇر .
105. گۆر كولاپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر .
106. ھەرە كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىراۋدىن ئازارلىنۇر .
107. ئورۇس كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەمەلسىز پەرزەنت كۆرەر .
108. ھىندى كۆرۈپ چۈش كۆرسە قارغۇ پەرزەنت كۆرەر .
109. چېچەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى راھەتتە بولۇر .
110. شىكەر ناۋات كۆرۈپ چۈش كۆرسە خۇشاللىق بولۇر .
111. غەم بولۇپ چۈش كۆرسە تولا كېسەل بولۇر .
112. قاپاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە كېسەلدىن شىپا تاپار .
113. قۇلىغى گاس بولۇپ چۈش كۆرسە بەتنام سۆزدىن قۇتۇلار .
114. بوغۇز تۆگە كۆرۈپ چۈش كۇرسە جان ئالغۇچىنڭ سۈرىدۈر .
115. كەكلىك كۇرۈپ چۈش كۇرسە خۇدا جۈپ پەرزەت بېرەر .
116. قارچۇغا كۇرۈپ چۈش كۇرسە دوستى قولىغا كېلۇر .
117. سېۋەت كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەرتبسىدىن چۈشەر .
118. چىراق كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئالىم پەرزەنت كۆرەر .
119. سۇرە پەلەقنى ئوقۈپ چۈش كۆرسە ئالىم پەرزەنت كۆرەر .
120. سۈرە پەلەقنى ئوقۇپ چۈش كۆرسە سېھرى جادۇدىن قۇتۇلار .
121. سۇرە ياسىن ئوقۈپ چۈش كۆرسە خۈدا دوزاق ئازابىدىن ساقلار .
122. قۈرئان ئوقۈپ چۈش كۆرسە ياخشى كۈن كۆرەر .
123. تاھارەت ئېلىپ چۈش كۇرسە ئابروي كۆتۈلەر .
124. روھ كۈلۈپ چۈش كۆرسە ئازاپ تارتقاننىڭ سۈرىدۈر .
125. روھ دەشنام قىلىپ چۈش كۆرسە مەدەت قىلغاننىڭ سۈرى .
126. روھ ئۈرۈپ چۈش كۆرسە ساقايماس كېسەلگە قالۈر .
127. روھ ئىززەتلەپ چۈش كۆرسە ئۆز يېنىغا تارتقاننىڭ سۈرىدۈر .
128. روھ سۆزلسە راست سۆزلىگەي .
129. روھ تائام بېرىپ چۈش كۆرسە دۇئا تەلەپ قىلغاندۈر .
130. روھ تاھارەت ئېلىپ چۈش كۇرسە گۈناھى تۆكۈلەر .
131. تۈگمەن قۈرۈق چۆگىلەپ چۈش كۇرسە قۇرۇق سۆز قۇرۇق تۆھمەتكە قالغاي .
132. تۈگمەندە ئۇن تارتىپ چۈش كۆرسە پۇل مالى كۆپ بولغاي , ھاجىتى راۋا بولغاي .
133. يامغۇر يېغىپ چۈش كۆرسە ئەرزانچلىق بولۇر .
134. ئاپتاپ چىقىپ چۈش كۇرسە مەرتېبىلىك بولۇر .
135. كۈننى كۇرۈپ چۈش كۇرسە خۈدانىڭ جامالىدۈر .
136. كۈن تۈتۈلۈپ چۈش كۇرسە خەلق زۈلۈمدا قالغاي .
137. ئاي كۈن بىر يەردە جەم بولۈپ چۈش كۆرسە دەرىجسى كۆتۈرۈلگەي .
138. يېڭى ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي ، تولۇن ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكۈلى ئاسان بولۈر .
139. يېرىم ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە قىلغان ئىشى چالا بولغاي .
140. ئاي كۆرۈپ كېتىپ چۈش كۆرسە يۈرت ئىچىدە پىتنە پاسات بولۈر .
141. يۇلتۇز كۆرۈپ چۈش كۇرسە مۈرادىغا يېتەر .
142. يۇلتۇزلار تۆكۈلۈپ چۈش كۆرسە قۇرۇق تۆھمەتكە يولۇقار .
143. ئۈكەي يۇلتۇزنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ساھابىلەردىن مەدەت بولۇر .
144. يۇلتۇز ئېقىپ چۈش كۆرسە بىر ئالىم ۋاپات بولۈر .
145. يەر تەۋرەپ چۈش كۆرسە گۈناھلار كۆپلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر .
146. ھاۋا گۈلدۈرلەپ چۈش كۆرسە قۇرۇق سۆزگە قالۇر .
147. چاقماق چېقىپ چۈش كۆرسە پادىشاھنىڭ ئالدىدا گۇناھقا لايىق بولۇر .
148. باش غايپ بولۇپ چۈش كۆرسە ئەجىلى يېقىن بولۇر .
149. بېشىغا قېلىچ تېگىپ چۈش كۆرسە پادىشاھقا خەتەر يېتەر .
150. باش چۈشۈپ چۈش كۇرسە يېرىم ھەج ساۋابى بولۈر , قىلغان ئىشى چالا بولۇر .
151. چېچى ئۆسۈپ چۈش كۆرسە قەرزدار بولۇر .
152. كۆزى كور بولۇپ چۈش كۆرسە تىنەپ قالۇر .
153. ئايالىنىڭ چېچى ئۆسۈپ چۈش كۆرسە بەختى كېلۇر .
154. بىر كۆزى كۆرمەس بولۇپ چۈش كۆرسە نامەرتنىڭ قولىغا قالۇر .
155. بۇرنى پۇچۇق بولۇپ چۈش كۆرسە ئەيىبى ئاشكارا بولۇر .
156. ئاق تون كېيپ چۈش كۆرسە ماتەمدار بولۇر .
157. قىزىل تون كېيىپ چۈش كۆرسە روشەنلىككە چىقار .
158. كۆك تون كېيىپ چۈش كۆرسە يىغا زارلىق بولۇر .
159. دەللە تون كېيىپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالاردىن مەدەتدۇر .
160. يالاڭ ئاياق بولۇپ چۈش كۆرسە گۇماندىن پاك بولۇر .
161. ئۆي سۇ كۆرۈپ چۈش كۆرسە رەنجى مىھنەتلىك بولۇر .
162. سۈزۈك سۇ كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئاز قالغان بولىدۇ .
163.تۇز كۆرۈپ چۈش كۆرسە بەتنامگە قالۇر .
164.قۇش كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۆلىتى زىيادە بولۇر .
165.ئەگەر قۇشلار سوقۇشۇپ چۈش كۆرسە دۈشمىنى بىلەن دوسىت بولۇر .
166.قان كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۈشمىنى بىلەن دوسىت بولۇر .
167. سارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە پاسىق بىلەن دوسىت بولۇر .
168. تۈلكە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھىلىگەر بىلەن دوسىت بولۇر .
169. قەبرىستاندا يۈرۈپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە گۇنادىن پاك بولۇر .
170. گورنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمسىز بولۇر .
171. كىپەن راسلاپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر .
172. جىنازا كۆرۈپ چۈش كۆرسە خەلقىغە چوڭ بولۇر .
173. ئۆلۈك تىرىلىپ چۈش كۆرسە روھ قۇۋۋەت تاپقاندۇر .
174. روھ ئۆلۈپ چۈش كۆرسە روھ ئاجىزلىغاننىڭ سۈرىدۇر .
175. روھ يىغلاپ چۈش كۆرسە روھقا بىھوش بىسىپ بولغان سۈرىدۇر .
176. روھقا بىر نەرسە بېرىپ چۈش كۆرسە قوللىغان سۈرىدۇر .
177. قازانغا ئوت قالاپ چۈش كۆرسە بەتنىيەت بىلەن دوسىت بولۇر .
178. ساندۇق كۆرۈپ چۈش كۆرسە كەسپى دۇنياسى راۋاج تاپار , ساندۇقتىن نەرسە ئېلىپ چۈش كۆرسە غەمدىن ئامان بولۇر .
179. كوزا كۆرۈپ چۈش كۆرسە خوتۇنى تۇغۇتى تەس بولۇر .
180. تاۋاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرەر , تاۋاق چېقىلىپ چۈش كۆرسە بالىسى تۇرماس .
ئالتۇن كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئىماندىن ئاجراش خەۋپى باردۇر .
181. كۆمۈش كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۇئاسى ئىجاۋەت بولۇر .
182. داچەن كۆرۈپ چۈش كۆرسە پۇشايمانغا قالۇر .
183. ئۈزۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسىنىڭ بىر ئەزاسى كام بولۇر .
184. ئەينەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھەپەر تەرەپتىن خەۋەر كېلۇر .
185.ئەينەككە قاراپ چۈش كۆرسە دىدار كۆرىشەر .
186. بۇغداي كۆرۈپ چۈش كۆرسە جاپا بىلەن دۇنيا تاپار .
187. يىڭنە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر .
188. قوناق كۆرۈپ چۈش كۆرسە روشەنلىككە چىقار .
189. مايسا كۆرۈپ چۈش كۆرسە يىغا- زارلىق بولۇر .
190. ئارپا كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەينەتچىلىككە قالۇر .
191. تېرىق كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇشكىلى ئاسان بولۇر .
192. ھايۋان بىلەن سۆزلۈشۈپ چۈش كۆرسە ھەقىقىي مۇسۇلمان بولۇر .
193 .سۈرە ئەررەھمان ئوقۇپ چۈش كۆرسە ئىككى ئالەمدە سائەتمەن بولغاي .
194. قۇرئان ئوقۇپ چۈش كۆرسە ياخشىلىقنىڭ ھىساۋى بولماس .
195. سېمىز ئىنەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەمۇرچىلىق بولۇر , ئورۇق ئىنەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە قەھەتچىلىك بولۇر .
196. ئورۇق بۇغداي سېمىز بۇغداينى چىرماپ چۈش كۆرسە ئاسماندىن يامغۇر ياغماي تېرىقچىلىق ھوسۇل بەرمەي كىشلەر ھالاك بولۇپ , ئاتا-ئوغولدىن قىز -ئانىدىن قېچىپ ھالاك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
197. بۇغداي ئوخشاپ چۈش كۆرسە مەھسۇلات ئېشىپ مەمۇرچىلىق بولۇر .


ياخشى چۈش كۆرسە خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىش ناچار چۈش كۆرسە خۇداغا ئىستىقپار ئېيتىپ پېقىر - مىسكىنلەرگە خەيرى ئېھسان قىلىش لازىم . سەدىقە قىلىش توغرا بالايى- ئاپەتلەرنى توسۇدۇ ۋە ئۆمرىنى زىيادە قىلىدۇ . شۇ سەۋەپ بىلەن خۇدايتائالاغا شۈكرى كەلتۈرۈپ , ئاز-كۆپ بەرگەن رىزىقلىرىگە قانائەت كەلتۈرۈش بىلەن پۇل- مالىمىز ھىسابقا يەتسە قىرىقتىن بىرىنى ، باي دېھقانلارغا زىرائەتنىڭ ئوندىن بىرىنى بېرىشكە ، كەمبەغەللەرگە سەبرى قانائەت قىلىش ، بايلارگە خۇدانىڭ بەرگەن كۆپ ئىممەتلىرىگە ھىساپسىز شۈكرى قىلىپ تائەت - ئىبادەتكە كامىل تەقۋادار بولۇش لازىم .
باي كىشلەرگە ئاسانلا كېبرى-تاماخورلۇق , مەنمەنلىك يۇقۇپ قالىدۇ . بۇ شەيتاننىڭ سۇيقەستى ، سەدىقە ، ئىخلاس بىلەن ئىسلامدىكى بەش پەرىزنى ئادا قىلىش زۈرۈردۇر.


مەنبە: تور ئەسەرلىرى

Rank: 4

توردا
65 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
235
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 23:47:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن توي قىلىمەن دىگەن چاغلاردا، بىر مىكياننى چۈشىگەن ئىدىم. ھاھاھا....

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 00:48:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئاللا مەن ئاخشام كۆرگەن چۈشۈمنى زادىلا ئەسلىيەلمىدىم، دىسە
بۈگۈن كەشتىكى  چۈشۈمنىڭ پۇت- قولىنى  چىڭڭىدە باغلاپ تۇرۇپ، ئەكىرمىسەم بۇ تېمىغا خەپ

Rank: 8Rank: 8

توردا
208 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
535

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:39:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۆرگەن چۈشلەرنىڭ يوقكەن بىرىمۇ؟

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:45:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
otkankunlar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:39
مەن كۆرگەن چۈشلەرنىڭ يوقكەن بىرىمۇ؟

ئۆتكەن كۈنلەر قانداق چۈش كۆرەرسىز، شۇنچە جىق تۈرنىڭ بىرىگىمۇ چۈشمىگىدەك

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
208 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
535

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:55:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچۇر دەۋرىدە، زامانىۋى چۈش كۆردىكەنمەن،شوڭا بۇ چۈش تەببىرىدە،مېنىڭ چۈشلېرىمگە تەبىر يوق ئىكەن دىلەيسەم.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:00:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
otkankunlar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:55
ئۇچۇر دەۋرىدە، زامانىۋى چۈش كۆردىكەنمەن،شوڭا بۇ چۈش ت ...

ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ چۈشلىرىمۇ ئېنتىرنېتىلىشىپ كەتكەن ئوخشايدۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
208 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
535

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:07:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
21-ئەسىرگە قەدەم قويغان مۇشۇ كۈنلەردە،ئادەمنىڭ كۆرگەن چۇشىمۇ زامانغا لايىق بولىدىكەن .بەزىدە ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇپ پىلانىتلار ئارا سەيلە قىلسام ،بەزىدە پەراخوتتا ئولتۇرۇپ،قىتئەلەر ئارا سەيلە قىلىمەن،قېنى بۇ چۈشۇمگە كىم تەبىر بېرالايدۇ؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:14:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
otkankunlar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:07
21-ئەسىرگە قەدەم قويغان مۇشۇ كۈنلەردە،ئادەمنىڭ كۆرگەن  ...

مەن بازارغا ماڭغان ۋاقتىم يوق
يەنىلا مۇشۇ ئانار ياخشى تەبىر بېرىدۇ جۇمۇ، بۇنداق زامانىۋى چۈشلەرگە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
222 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1225

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:18:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چارچاپ قاپسىز ، كۆپلەپ ئارام ئېلىپ بېرىڭ ...
قىتئە ئاتلىغاندا بىزگە سوۋغا - سالاملاردىن ئېلىپ دىگەندەك

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 17:58 , Processed in 0.051280 second(s), 19 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش