يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1052|ئىنكاس: 8

بىر قىزنىڭ يىگىتكە يوللىغان 60 تال قىسقا ئۇچۇرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1846

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 21:42:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.ئورنۇمدىن تۇردۇم، قۇياش چىقىپتۇ، سىزنى سېغىنىشقا باشلىدىم.
2. ئورنۇمدىن تۇردۇم، يامغۇر يېغىپتۇ، كۈنلۈك كۆتىرىپ مەكتەپكە كەلدىم.
3. يامغۇر توختىدى، بۇلۇت چىقىتۇ، مۇھەببەت يەنىلا كۈتىۋاتىدۇ.
4. يېڭى بىر كۈن باشلاندى، تىرىشىپ كۈرەش قىلىش باشلاندى.
5. تۇيۇقسىز بىر جۈملە سۆز يادىمغا كېلىپ قالدى، سىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىر ئۆمۈر بىرگە ياشىغۇم بار.
6. ئاخشام يۇلتۇزلارغا قارىدىم، يۇلتۇزلار مېنىڭ قەلبىمنى چۈشىنەلەرمۇ؟
7. بۈگۈن ئورنۇمدىن ۋاقچە تۇرۇپتىمەن، تاس قالدىم دەرسكە كېچىكىپ قالغىلى.
8. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن نەرسە كېرەك سېتىۋالغىلى چىقىمەن، پەقەت ئاشۇ نەرسە كېرەكلا ماڭا قىسقىغىنا تەسەللى بولالايدۇ.
9. ئوقۇتقۇچۇم بۈگۈن مېنى ماختىدى، ئۇنىڭ دېيىشىچە مېنىڭ ئىنكاسىم تېز ئىكەن، بەك خۇشال بولدۇم.
10. ۋاقىت ھەممىنى چۆكتۈرۈۋېتەلەمدۇ؟
11. ئاغرىپ قالدىم، قىزىتمام ئۆرلەپ كەتتى، ياتاقداشلىرىم ھالىمدىن خەۋەر ئالدى، مەن پەقەت سىزنىلا سېغىندىم، سىزنىڭ يېنىمدا بولىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
12. نىمىش قىلىۋاتىسىز؟ يەنە مېنى ئويلاۋاتامسىز؟
13. بۈگۈن ئەتىگەن ئۈگرە ئىچتىم، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ، دەيدۇ، توغرىمۇ؟ سىز بىلەن بىرلىكتە مېڭىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
14. ھاياتلىق داۋاملاشماقتا.
15. تورغا چىقتىم، ئەپسۇسلىنارلىقى سىزنى ئۇچرىتالمىدىم.
16. ئۇيقۇسىزلىق...
17. قۇياش تولىمۇ پارلاق، ھەممەيلەن مېنىڭ كۈلكەمنى پارلاق دەيدۇ، كەيپىياتىممۇ قۇياشنىڭ نۇر چاچقىنىغا ئەگىشىپ ياخشى بولىۋاتىدۇ.
18. سىز مېنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىمنى چۈشىنەرسىزمۇ؟ سىزنى سېغىندىم.
19. يەنە مېنى ئويلاۋاتامسىز؟ كۈتۈش...
20. مۇھەببەت راستىنلا بىر خىل سېغىنىشمۇ؟
21. ئاخشام ھاراق ئىچتىم، ئىسپىرىت مېنى بىردەم بولسىمۇ بىخۇد قىلسۇن دەپ. بۈگۈن بېشىم بەك ئاغرىۋاتىدۇ.
22. دوستلىرىم تاماكا چەكتى، مەنمۇ چېكىش چەكمەسلىكنى ئويلىشىپ قالدىم، ئەمما يەنىلا چەكمىدىم. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە 520 تاماكا ئادەمگە سالقىن تەم ئاتا قىلامىش.
23. بازار ئايلىنىپ، ئىككى قاسقان مانتا يېدىم، قورسىقىم شۇنداق تويۇپ كەتتى، بىراق قەلبىم يەنىلا قۇپقۇرۇق.
24. ھاۋا ئۆزگىرىشكە باشلىدى، سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ.
25. بۈگۈن مۇشتلىشىش دەرسى ئۆتتى، كۈتىۋاتىمەن.... قورال كۈچىمۇ بەزىدە مەسلىنى ئەڭ تېز بولىدىغان ھەل قىلىدۇ.
26. زېرىكىشكە باشلىدىم.....
27. دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە تورت يېدىم، كەيپىياتىمۇ ياخشى بولۇپ قالدى.
28. ياخشى ئۆگىنىدىغان ۋاقىت كەلدى، ۋاقىت نېمىدېگەن تېز ئۆتكەن-ھە!
29. ۋاسكېتبول ئوينىدىم، فۇرسىننىڭ دېيىشىچە: ھاياتنىڭ مەنىسى ھەرىكەتتە.
30. ئۆينى بەك سېغىندىم، قايتىپ كېتىمەن، قاچان كۆرىشەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمەن؟
31. ئۆي نېمىدېگەن راھەت، ئۆيدىكى ۋاقتىمدىمۇ ئىزچىل سېنى ئويلىدىم.
32. كۈتۈپخانىدا كىتاب كۆرۈۋاتىمەن...
33.ئاخشام سىنى چۈشۈمدە كۆردۈم، سىز ماڭا تولىمۇ خۇشال ھالدا: بىز چوقۇم بىرگە بولالايمىز دېدىڭىز.
34. ھەپتىنىڭ ئالتىسىدىكى تاغقا چىقىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىمەن.
35. مەيداندىكى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى تولىمۇ قىزىدى، تۇيۇقسىز سىزنىڭ چىرايىڭىزنى كۆرۈپ قالدىم.
36. مەكتەپنىڭ كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى تولىمۇ كۆڭۈللۈك بولدى، كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ-دە؟
37. ئىرەن يوپۇرمىقى تولىمۇ چىرايلىق ئىكەن، بىر قانچە پارچە ئىرەن يوپۇرماقلىق ئاتكرىتكا سېتىۋالدىم، سىزگە ئەۋەتمەكچىمەن. كېلەر قېتىم تاغقا چىققاندا سىز بىلەن چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
38. كىچىك تاغدىن ئالتىسىگە چىقىپتىمەن، قولۇم يارىلاندى، پۇتۇممۇ ئاغرىۋاتىدۇ، پەلەمپەيگە چىقىشتا قىينىلىۋاتىمەن، مېنى يۆلەپ ئەپچىقىپ قويمىسىڭىز بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.
39. تۇيۇقسىز ھېس قىلىپ قالدىم، بۇ پەقەت مېنىڭلا ئىشىم ئىكەن.
40. بەرداشلىق بېرىشكە پەقەت ئىشەنچىم قالمىغاندەك قىلىدۇ.
41. پۇتۇم ئاغرىۋاتىدۇ، قولۇمنىڭ يارىسىمۇ تېخى ساقايمىدى، تۇيۇقسىز يىغلاپ سالدىم.
42. مۇھەببەت كىتابىدىن بىرنى سېتىۋالدىم.
43. لاتارىيەدە 5 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم. 20 يۈەن خەجلىگەن ئىدىم، بىراق يەنىلا شۇنداق خۇش بولدۇم.
44. ئاتكىرىتكامنى تاپشۇرىۋالدىڭىزمۇ؟
45. ئەتىگەنلىك ھاۋا بەك ياخشىكەن، چوڭقۇر نەپەس ئالدىم، دۇنيا راستىنلا گۈزەل ئىكەن.
46. مەڭگۈلۈك دېگەن بەك يىراقمۇ؟
47. يۈرىكىم تۇيۇقسىز ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ.
48. زۇكام بولۇپ قالدىم. ئۆزەمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ بولالمىدىم.
49. مەيداننى ئۈچ قېتىم ئايلاندىم، مۇشۇ ۋاقىتتا ئوخشاش بىر ئاسماننى كۆرىۋاتقانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.
50. قىلىپ بولالمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن چېچىلىپ قالدىم....
51. ئۆتكەن ئىشلار كۆز ئالدىمدىلا تۇرىدۇ، بېشىم ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ..
52.مەلىكىنىڭ خاتىرىسى دېگەن كىنو ھەقىقەتەنمۇ ياخشىكەن، ئىنگىلىزتىلى مۇئەللىم بەك ياخشى جۇمۇ.
53. پەلسەپىنى پەلسەپىچىلە ئۈگەنسە بولغىدەك، مەن ئۇخلاپ قالاي.
54. سىزگە رەھمەت، ماڭا سەۋر تاقەت بىلەن چىدامچانلىقنى ئۆگىتىپ قويدىڭىز، مەن چوقۇم تىرىشىمەن.
55. ياتاقدىشىم ئوغۇل دوستى بىلەن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغاندا، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يىغلىدىم، مەن ئۆزەمنىڭ يەنە قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن...
56. يەنىلا سىزدىن ئىنكاس يوق، مېنى قۇچاقلاپ قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
57. تەلەپ خېتى تاپشۇرىۋالدىم، قارىغاندا مۇھەببەتلىشىدىغان ئوخشايمەن.
58. سىزنى ئۇنتۇپ كېتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، مەن ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرىشكە ئامالسىزمەن.
59. ئەمدى سىزنى ساقلىمايمەن. باشلىنىشى يوق خۇددى ئاخىرلىنىشىمۇ يوق.
60. ھەممىسى ئاياغلاشتى. سىزگە بەخت تىلەيمەن.


قوشۇمچە:
  چوقۇم مەندىن بەختلىك بولغايسىز، شۇندىلا مەن سەپتىن پەرىشان ھالدا قايتمايمەن، قانچە قىينالساممۇ ئازاب چەكتىم دېمەيمەن، چۈنكى مۇھەببەت ئەپۇ سوراش ئارقىلىق تولۇقلاشقا مۇھتاج ئەمەس، ھېچبولمىغاندا سىزنى مۇرادىڭىزغا يەتكۈزەلەيمەن.

بەخت تىلەش ناخشىلىرىنى ئېيتالمايمەن، ئايرىلىش سۆزلىرىنى ئاغزىمدىن چىقىرالمايمەن، پەقەت سىزگە بەخت تىلەيدىغان يۈرىكىمنى بوغچىڭىزغا ئۈن-تۈنسىز سېلىپ قويۇپ، ئۇنى سىز بىلەن بىللە ماڭغۇزىمەن.

مەنبە: خەنزۇچىدىن كاكتۇس تەرجىمىسى
مەنبە: دوقمۇش تورىدىن

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 08:47:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاران 6 سوملۇق ئۇچۇركەنغۇ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 09:44:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھاھاھاھا ئۇچۇرلاردىن بەكرەك سامسىپەزنىڭ ئىنكاسى قىززىقكەن .

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 10:15:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى دەڭە خۇشچىراي سامسىپەزنىڭ ئىنكاسلىرى ئادەمنىڭ كۈلدۇرمەي قويمايدۇ .

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
156

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 12:12:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر چىزلارمۇ  ئەخمەق ئەمەس، 6سومغا ئۇچۇر يوللايدىغان.
QQ دىلا يوللىۋىتىدۇ  بۇنداق  ئۇچۇرلارنى، تولۇقسىز، باشلانغۇچنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ قولىدىمۇ  تېلفۇن، تېخى تور كەسپى ئاچتۇرۇلغان.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1300

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 21:40:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق مۇھەببەتنىڭ بىخلىشىدىن ئاخىرلىشىشىغىچە قانداق بىر جەريان ھە ...مۇشۇ 6سوملۇق ئۇچۇر يوللىغان ئادەم ئۆزى بىلىدۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
95 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
141

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 22:24:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا ئۇچۇرلارنىمۇ ئەھمىيەتلىك ، تاتلىق ، مەنىلىك قىلىپ يوللاش كېرەكتۇر-كېرەك ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:50:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كۈندە ئادەمگە ئۇچۇر يېزىشمۇ خۇش ياقماس بوپ كەتتى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1300

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 22:56:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:50
مۇشۇ كۈندە ئادەمگە ئۇچۇر يېزىشمۇ خۇش ياقماس بوپ كەتتى

مەن داۋاملاشتۇرىۋاتىمەن ئۇچۇر يېزىش ئادىتىمنى

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 04:21 , Processed in 0.053316 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش