يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 752 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 650|ئىنكاس: 4

تەييار چۆپنى كىم كەشىپ قىلغان . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
3

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى 23:28:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەييار چۆپ 1958-يىلى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، <<20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىيات>> دەپ ئاتالغان بۇ ئاددى يىمەكلىكنى ياپونىيىلىك ئەنتېڭ بەيفۇ كەشىپ قىلغان .
ئەنتىڭ بەيفۇ 1910- يىلى ئوساكادا تۇغۇلۇپ تەيۋەندە چوڭ بولغان ، ئۇ چاغلاردا تەيۋەن يەنىلا ياپونىيىنىڭ مۇستەملىكىسى ئىدى. ئاتا -ئانىسىدىن كىچىك يىتىم قالغان ئەنتېڭ تىجارەتكە ناھايىتى قىزىقاتتى. ئۇ ئاتىسىدىن قالغان مىراسلارنى مەبلەغ قىلىپ ، 22 ياشقا كىرگەندە 190 مىڭ ياپونىيە يىنى سەرىپ قىلىپ تەيبىيدا <<يۇڭلىڭتىڭ>> ئىلمە توقۇلمىلارنى مەخسۇس ساتىدىغان بىر شىركەت قۇرىدۇ. پەقەت بىر يىل ۋاقىتتىلا ئەنتىڭ بەيفۇ ياپونىيەنىڭ ئوساكادا <<ياپونىيە سودىگەرلىرى ئۇيۇشمىسى >> نى تەسىس قىلىپ، توپ تارقىتىش كەسپىنى يولغا قويىدۇ.
كېيىن ، ئۇ يەنە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلىدىغان ماتور زاپچاسلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئەمما ھەمكارلاشقان شىرىكى ماددى ئەشيالارنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىقتىن ، ئەنتىڭ بەيفۇ قۇربانلىق قوي بولۇپ ، تۈرمىگە كىرىپ قالىدۇ.
ئۇ چاغلاردا ئۇرۇشتىن كىيىنكى چاغلار بولغاچقا ، ياپونىيەدە گۈرۈچ تۈگۈل ھىچقانداق نەرسە يوق ئىدى. مەملىكەت ئىچىدىكى ئاشلىقلارنىڭ كۆپى ئامرىكا ياردەم بەرگەن ئۇنلار بولۇپ، ھۆكۈمەت پۇقرالارنى كۆپرەك بولكا يىيىشكە رىغبەتلەندۈرەتتى. ئەمما گۈرۈچ يىيىشكە ئادەتلىنىپ قالغان ياپونىيىلىكلەر بۇ خىل ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قالغان ئىدى. ئەنتىڭ ئىككى قىتىملىق تۈرمە ئازابىنى بىشىدىن كەچۈرگەچكە ئاچارچىلىق ئلىپ كەلگەن ئازاپ - ئوقۇبەتنى چوڭقۇر ھىس قلىغانىدى.
1957-يىلىنىڭ بىر قىش كىچىسى ، ئەنتىڭ بەيفۇ لەغمەن ساتىدىغان بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقاندا بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن قاتار بولۇپ ، سوغۇق شامالدا لەغمەن يىيىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ، بۇ كۆرۈنۈش ئۇنىڭدا زور قىزىقىش پەيدا قىلىدۇ ۋە پەقەت ئۈگرە ياساشنىڭ ئىپىنى تاپالىسىلا ئۈگىرىمۇ كىشىلەرنىڭ قارشى ئىلىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇرۇق قول ھالدا پۈتۈن زىھنىنى ئۇندا ئەتكەن يىمەكلىكلەرنى تەتقىق قىلىپ ئېتىشكە قارىتىدۇ.
ئۇ، ئەگەر قايناقسۇ قۇيسا شۇ ھامان يىگىلى بولىدىغان بىر خىل لەغمەننى ئىتىپ چىقسام ، خىزمىتى شۇنداق ئالدىراش ئادەملەر ئۈچۈن بىر خىل ئىنتايىن قولايلىق بولغۇدەك دەپ ئويلايدۇ. ئۈگرە ئىتىدىغان ماتىرياللارنى قانداق ماسلاشتۇرۇش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ بوشاشماي سىناق قىلىش ئارقىلىق ، يىمەكلىكلەرگە ئەھمىيەت بىرىشتە تەڭشەشتىن ئىبارەت تەجىربىنى يەكۈنلەپ چىقىدۇ، يىمەكلىكلەرنى ياساشتا تەڭۇشەش جەريانى ناھايىتى مۇھىم ھالقا ئىدى ، لىكىن ئۈگرىنى ئوڭاي ساقلىغىلى بولمىغاچقا ، ئۇ قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كىلىدۇ، ئۇ ئۆزى ئولتۇرغان ئۆينىڭ ئارقا قوروسىدا بىر كىچىك تەجىربەخانا قۇرۇپ، كۈن نۇرىدا قاقلاش ئۇسۇلى ۋە سۈرلەش ئۇسۇلى قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ كۆرۈپ ئەڭ ئەخىرىدا ساقلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا قۇرىتىلغان ئۈگرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئامالىنى تاپالمايدۇ، تاكى بىر قىتىم ئايالىنىڭ ياغ بىلەن قورۇما قورىغىنىنى كۆرۈپ ئاندىن توساتتىن كەلگەن ئەقلى بىلەن ئۈگرىنى ياغ قۇيغان قازانغا سىلىپ قورىغاندىن كىيىن سۈيى تۈگىگەچ ھەممە مەسىلىلەر ھەل بولىدۇ. مانا شۇنداق قىلىش ئارقىلىق تەييار چۆپ مەيدانغا كىلىدۇ.
1958-يىلى تەييار چۆپنى ياساش جەريانى ئاساسەن تاماملىنىدۇ.
ئەنتىڭ بەيفۇ يەنە دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ تاۋارنىڭ ئۈستىگە ئىشلەپ چىقارغان ۋاقتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئادەم.

مەنبە؛<<پەن ۋە تۇرمۇش>>

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 10:19:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ چاغلاردا ئەسقىتىپتىكەن بولمىسا بۇ تەييار چۆپ ...ئەمما ھازىر بالىلارنىڭ يىمەكلىكى بوپ قالدى دىسە ، تاماق يىمىگەن بىلەن تەييار چۆپ يەيدۇ دىسە

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 12:04:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىسى بولغان بولسا ھەرگىزمۇ يىگىلى ئۇنىماس بولغۇيتتى......

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 21:08:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى يە دېسىمۇ يىمەيمەن. تەييار چۆپنىڭ خۇرۇچلىرىنىڭ پۇرىقى بىلەن خوشۇم يوق.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 08:57:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرەر ھورۇن خوتۇننىڭ ياكى بىرەر خوتۇنى يوق بويتاقنىڭ كەشپىياتى دەپلا ئويلايتىم...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 23:07 , Processed in 0.048093 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش