يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: esil

شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن توغرىسدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 09:44:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەن يوق
چىنەڭگە ئاھ، ئانا زەمزەم قۇيۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق،
نىتەي ئەجرىڭ ئۈچۈن پاقلان سويۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.
تۇتۇپ چىقماقنى ئويلايمەن ئۇچاڭنى تۈن بۇيى ئەمدى،
بېشىڭغا قوش تەكىي - ياستۇق قۇيۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.

بالامنى ئالغىچە ئەتتەڭ، سېنى ئالسامچۇ بوينۇمغا،
زۆرۈر بولسا ساڭا پەيتۇن بولۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.
ساڭا قانماي تۇرۇپ قەلبىم، ھاياتلار قەۋمىدىن كەتتىڭ،
قۇيۇپ ئالدىڭغا قايماق چاي سورۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.

مېنىڭ ئادەملىكىم بولسۇن سېنىڭ تەنبىھلىرىڭڭ بىرلە،
مېنى ئۇرساڭمۇ مەيلىتى تۇرۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.
ئۆزۈڭ بەرگەن ئەقىلدىن سەن ئۆزۈڭ بىر ئىمتاھان ئالساڭ،
ئېقى قايسى، قارا قايسى، تۇنۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.

چۈشۈمدە ئۇسسۇلۇقدەپسەن ئانا دەپ ئويغۇنۇپ كەتتىم،
لېكىن پىيالىگە شەربەت سۇنۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.
سېنىڭ ئەجرىڭدە ئەر بولدۇم، ئېگىز شاخلارغا قول سۇنغان،
بىراق شاختىن ئانار، ئالما ئۈزۈپ بېرەي دېسەم سەن يوق.

ساڭا بەرگەننى ئەرزىيتى قىرىق ئەلگەكتىن ئۆتكۈزسەم،
شۇڭا شەربەتنىمۇ ھەتتا سۇنۇپ بېرەي دېسەم سەن يوق.
يېشىل ياز كەتتى، قاقىرلار ئەنە قايتىشتى سەپ تارتىپ،
نىتەي ھەر ياز بىرەر قوغۇن تىلىپ بېرەي دېسەم سەن يوق.
سېنىڭ بارىڭىدا قەدىرڭنى ئەجەپ بىلمەپتىمەن ئەمدى،
ساڭا كۆيگەن بۇ باغرىمنى يېرىپ بېرەي دېسەم سەن يوق.



[ خۇشچىراي بۇ يازمىنى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 09:47  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 09:49:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىركۈنى
بالاڭ ئازسا، ئاھ ئۇرما، يول تاپىدۇ بىر كۈنى،
ئامان بولسا، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى،
خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن،
ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى،

گەدەنكەشلىك ھىچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا،
ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى،
ئات بولغۇچە ئاتال، تاي ھەريان چاپسا چاپمامدۇ،
ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۈك ئارتىدۇ بىر كۈنى،

ئاقنى..چەككەن ئاغزىدا ئۇقۇپ ئەپسۇس-پۇشايمان،
قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈنى،
كوچىلارغا تۈن بۇيى بۈگۈن پاتماي يۈرگەنلەر،
چىللىسىمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىر كۈنى،

تەييار توقاچ قۇلۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،
ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ ، نان ياقىدۇ بىر كۈنى،
بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائىتى بار ۋاقتى بار،
خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ،ئۆي قاقىدۇ بىر كۈنى،

كۆندۈرۈدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى،
شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى،
بىز ئوينىغان نۇرۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ،
ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى،

پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا ،
يۈرۈكۈڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى،
سەنمۇ ئاتا-ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ،
ئوغۇل-قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىركۈنى،

شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۈلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق،
ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى،
يامان دىسەڭ بالاڭنى، كىم بېرىدۇ ياخشىنى،
ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى،


Rank: 4

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
760
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 15:03:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ياخشىدى

مۇھەممەدجان راشىدىن

ئىشلەۋەرسەك ، ئۇشبۇجان خورىمىسا ياخشىدى ،
ئەزرائىلمۇ بىزدىن جان سورىمىسا ياخشىدى .
خان بولمىقى يوق بىراق خام خىياللار سۈرگەننىڭ ،
شۇ خىيالغا پېقىرمۇ يولۇمىسا ياخشىدى .

تىلەكلىرىم جىق ئەمما ، ئىزدىن چىقتى بەزىلەر ،
بۇ خاماننى قەلىمىم سورىمسا ياخشىدى .
يېڭى زامان كۆتۈرمەس كونا كۆزدە ياققاننى ،
يېڭى چاققا كونا يىپ ئورىمىسا ياخشىدى .

ئۆگەن دېسە ، چەت ئەلدىن خوپ ئۆگەندۇق مودىنى ،
قارىغۇجىمۇ بىر قۇشقۇ ؟ دورىمىسا ياخشىدى .
ئۆچكە سويغان قاسساپلار ئۆچكە ئاۋاز بوپقاپتۇ ،
بورداق قوينىڭ گۆشى ! دەپ توۋلىمىسا ياخشىدى .

توساق تولا بەزىدە ، داۋان بولدى تۈز يولمۇ ،
ماشىنامنى ئورۇنسىز تورىمىسا ياخشىدى .
تۇغقان ئارا توي قىلىپ ، ناكار بالا تاپقاندىن ،
ئۇنىمغان قىزلارنى زورلىمىسا ياخشىدى .

پۇل تاپقانلار تۆت تەڭگە  ئاينىپ ئىسسىق ئۆيىدىن ،
دالا تۈزدىن قىرغاۋۇل ئوۋلىمىسا ياخشىدى .
يۈگۈرىدىغان بوپقالدى رېستورانغا ئاياللار ،
يۈگۈرسىمۇ ، تاڭغۇچە ئوينىمسا ياخشىدى .

ئېتىزلاردىن غەم يەيمەن ، ئۆستەڭلەردە سۇ تۇرۇپ ،
سۇسىزلىقتىن زىرائەت قۇرۇمىسا ياخشىدى .
يىغقان پۇلغا شاڭجاڭلار خەجلەپ قويۇپ ، يەپ قويۇپ ،
يانچۇقىنى دېھقاننىڭ كولىمىسا ياخشىدى .

سۈت ساتقانلار ئاز كۆرۈپ سۇ قاتقاننى سۈتىگە ،
كۆك سۈتنى «خام سۈت» دەپ گوللىمىسا ياخشىدى .
قۇرغۇي بولۇپ قۇشقاچقا ، باشقۇرغانلار بازارنى ،
باشقۇرسىمۇ باشقۇرسا ، بۇلىمىسا ياخشىدى .

يامان باشلىق مۇنبەرگە يوللىمىسا ياخشىدى ،
ياخشى باشلىق مۇنبەردىن غولىمىسا ياخشىدى .
پۇل باشلىغان يەرلەرگە ئۇنىمىسا ياخشىدى ،
ئادالەتتىن باشقىنى تونۇمىسا ياخشىدى .

ۋاي ئىسىت ، ئونبەش چۈجەم ناملىق توپلامدىن


ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 4

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
760
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 15:07:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەندىن كەچمەي بولامدۇ ئەمدى


مۇھەممەدجان راشىدىن


ئەجەب ساڭا ئوخشايدۇ ، گۈلۈم ،
شاختىن - شاخقا قونۇپ يۈرگەن قۇش .
پۇلاڭلاتسا شاخلار قولىنى ،
مېنى ئۇنتۇپ ، بولۇپسەن بىھۇش .


ئۇنتۇلۇپتۇ سۆيگۈدە ئەجەب ،
ئىككىمىز تەڭ چالغان پەدىمۇ .
كۆرۈنگەنگە بولۇپتۇ تەقدىم ،
ماڭا ئۆزۈڭ بەرگەن ۋەدىمۇ .


ئۈجمە كۆڭۈل بىر گۈل ئىكەنسەن ،
پەرۋايىڭ يوق قونسا كېپىنەك .
سەندىن كەچمەي بولامدۇ ئەمدى ،
سېنى سۆيۈپ ئالدانغان يۈرەك ؟!


ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 4

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
760
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 15:10:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانا مېھرى - تاڭلار تۇيغۇسى


مۇھەممەدجان راشىدىن


بىر قۇش بولۇپ ئانا قايغۇسى ،

بېشىمىزدا قانات يايغۇسى .

زۇلمەت بولماس ئانا بار يەردە ،

ئانا مېھرى - تاڭلار تۇيغۇسى .


بەختىمىزگە دۇئايى تولا ،

بىراق ، پەرزەنت گۇناھى تولا .

ھەرتاڭ قۇياش بەلگە بەرگۈچە ،

ئانا نۇرى چاچىدۇ شولا .


بىزنىڭ ئىدى ئۇلار تەرگەنلەر ،

بىھېسابتۇر ئۇلار بەرگەنلەر .

يوقتۇر بىزدە بىراق ئانام ! دەپ ،

كۈندە ھالىن سوراپ يۈرگەنلەر ،


ئۆتەڭلاردە كارۋانلار قونغان ،

ئۇلاغ ئۆلۈپ ، ھارىۋىلار سۇنغان .

بۇ دۇنيادا چىققايمۇ ئەستىن ،

قاتتىق كۈنلەر ئانا كۆز يۇمغان ؟!


ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 4

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
760
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 15:12:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بالىسەن ھەي ، بالىسەن

مۇھەممەدجان راشىدىن

بالىسەن ھەي ، بالىسەن ،
تالاي ئىشتا چالىسەن .
كۆرۈنگەننى يار تۇتۇپ ،
پۇشايمانغا قالىسەن .

دوپپىسىغا بىراۋنىڭ ،
نېچۈن جىگدە سالىسەن ؟
ئۇقۇپ قالاي ، ئېيتقىنا ،
زادى كىمنى ئالىسەن ؟

بالىسەن ھەي ، بالىسەن ،
زادى نەگە بارىسىەن ؟
پالتا تۇتۇپ كۆرمىدىڭ ،
قانداق كۆتەك يارىسەن ؟

شەھەر ئېلىپ ئاغزىڭدا ،
داپنى قۇرۇق چالىسەن .
كۆپ ئۇرمىغىن مەيدەڭگە ،
ئۆزۈڭ تېخى بالىسەن .

بالىسەن ھەي ، بالىسەن ،
ئويۇنغىمۇ قانىسەن .
تۇرىۋەرمەس بۇ ياشلىق ،
ئەتە ئاتا - ئانىسەن .

ساق چىقمايسەن قاۋاقتىن ،
ساقايغاندا تانىسەن .
شۇنداق ئىشتىن ، ئېيتقىنا
زادى قاچان يانىسەن ؟

بالىسەن ھەي ، بالىسەن ،
جىق ئىشلاردا چالىسەن .
ھازىر بىلىم ئالمىساڭ ،
كېيىن چوقۇم چانىسەن .

سازلانمىغان دۇتتارنىڭ ،
قۇلىقى سەن ، تارى سەن .
قالتىس دېسەڭ ئۆزۈڭنى ،
ئاخىر يالغۇز قالىسەن .

1991 - يىل 1 - ئاي غۇلجا


ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 4

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
760
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 15:14:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئويلاپ سۆزلەڭ تەلۋە ئېغىزلار

مۇھەممەدجان راشىدىن

«بۆرە» ئاتاپ ئوغۇل بوۋاقنى ،
قىز تۇغۇلسا دەيدىكەن «تۈلكە» .
قىز تاپقاننى قوشلاپ ، بەزىلەر ،
ھېچ ھېيىقماي قىلاركەن كۈلكە .

پۈتۈلگەنمىش ئالتۇندىن گويا ،
قىيامەتتە ئوغۇلنىڭ گۆرى .
قىز زاتىغا ئەمەسمىش مەنسۇپ ،
قەلىبلەردە ھۆرمەتنىڭ تۆرى .

قىزنى شۇنداق كەمسىتكەنلەرنىڭ ،
قىز ئىدىغۇ ئەسلى ئانىسى ؟
ئويلاپ سۆزلەڭ تەلۋە ئېغىزلار ،
سىزمۇ ئەسلى قىزنىڭ بالىسى !


ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 16:10:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمغا تىخىمۇ رەڭ قوشقان تاتلىقلىرىمغا رەھمەت

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 16:13:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتلاشتۇق

يامان كۈلەردە تۇققانتۇق، روناق تاپقاندا ياتلاشتۇق،
پالاستىن تەستە ئايرىلساق ،كىگېز باسقاندا ياتلاشتۇق،
سارايلار بۇزدىمۇ ئىشنى گىلەم ئاسقاندا ياتلاشتۇق،
تامام ئۇنتۇلدى ھەم زاغرا ،توقاش ياققاندا ياتلاشتۇق،
ئۇچۇپ چىقتۇق دېسەك كۆككە، قانات قاققاندا ياتلاشتۇق.

تىزىق مونچاق ئىدۇق بىزلەر ئانام بوينىدىكى گويا،
سۇزۇك ئالما ئىدۇق بەش تال، ئاتام بوينىدىكى گويا،
ئۇچار قۇشلار ئىدۇق ھەممە ئاشۇ ھويلىدىكى گويا،
تۈگەل لەغمەن ئىدۇق ياكى كۇمۇش چويلىدىكى گويا،
بىراق، بىزنى جاھان ھەريان ئۈزۈپ تارقاتقاندا ياتلاشتۇق.

زۆرۇر بولسا مالاي قىلدۇق شۇلارغا نەۋرە باققۇزدۇق،
كېلىنلەر چاچ تاراپ يۇردى، شۇلارغا نانى ياققۇزدۇق،
تېزەك ياققاننى ئاز كۆرۇپ شۇلارغا ئۆچكە ساققۇزدۇق،
تېخى غالۋارىدۇق بەزەن ، جاھاندا يوقنى تاپقۇزدۇق،
باقار چاغدا باھانە كۆپ، بەدەر قاچقانغا ياتلاشتۇق.

ئاتا كەتتى ئانا كەتتى دىمەك بىزدىمۇ ياز كەتتى،
قېرىنداشلىق بىناسىنىڭ يامان يېرىگە دەز كەتتى،
ئىچەرگە ئاش، كىيەرگە تون، چالارغا بىللە ساز كەتتى ،
ئارادىن سەلتەنەت تاجى، ئاجايىپ ئىمتىياز كەتتى،
شۇلار كەتتى، يوغان ھويلا غېرىپ قالغاندا ياتلاشتۇق .

ئوتۇن تەرگەن ئىدۇق بىر چاغ يۈريۈپ جاڭگالدىمۇ بىللە،
بوران چىقسا ماكان ئەتكەن ئىدۇق ئازگالنىمۇ بىللە،
ئېكىن ئەكتۇق چېپىپ كەتمەن،چىقىپ داڭگالنىمۇ بىللە،
باراتتا بىللە بولغانتۇق ئېيتىپ رامىزاننىمۇ بىللە،
چىرايلىق ئۆي تۇتۇپ ئەمدى ئوتۇن يارغاندا ياتلاشتۇق.

ئانام كەتتى بىرەر ئۆيدە تۈزۈك تۆت كۈن تۇرالماستىن،
ئېلىندى تاختىغا نانلار،ئازاپلاندى سورالماستىن،
دادامغا مەنمۇ كەتكۈزدۈم بىرەر ئوغلاق سويالماستىن،
مىراس ماجراسىغا چۈشتۇق تېخى قىلچە ئۇيالماستىن،
شۇلار ھەسرەت بىلەن نىمجان تىنىپ ياتقىندا ياتلاشتۇق.

ئۇزاق ئۆتمەي سۇكۈت پۈتتى، مىراس ۋەجىدە گەپ چىقتى،
بىرى ئەلچە قويۇپ، بىرى ئاشكارە دەپ چىقتى،
بىرىدە يەڭ شىمايلاقلىق، بىرى چەيدۇ بىلەن چىقتى،
ھازازۇل نەپسىمىز ئاخىر جىمى ئىشنى سۆرەپ چىقتى،
قىرىق يىللىق قېرىنداشلار مىراس ئالغاندا ياتلاشتۇق.

شۇنىڭدىن بېرى كۈنلەر ئۆتەر ھىچكىمنى خوش قىلماي،
قويامدۇ غوم – ئاداۋەت ئارادا يازنى- قىش قىلماي؟!
تىنىقتىنمۇ تولا <<كوت- كوت>> كېسەكنى كەلدى خىش قىلماي،
يۈرەر شەيتان توشۇپ گەپ سۆز ئۇنىڭدىنمۇ ئۆزگە ئىش قىلماي،
نىزا گغلخانلىرى دىلدا كۆتۈپ يانغاندا ياتلاشتۇق.

خوتۇن پادىشاھ بولدى سېنى بەللەپ مېنى بەللەپ،
خوتۇنلارغا <<خوتۇن >>بولدۇق ئېغىز ئاچساقلا قوپار سەنلەپ،
كېلىنلەر بىر چىنە چاينى ماڭا بەرگەن بىلەن دەملەپ،
ئاتتار كەينىمدىن غەيۋەتنىڭ ئوقيارىنى دەللەپ،
شۇلارنىڭ كەينىدىن بىزمۇ تۆگەل چاپقاندا ياتلاشتۇق.

ئۇگەندۇق ئەرزىمەس ئىشقا تۇرۇپ قېيداش يامانلاشنى،
ئۆتەرمىز ئۇچىرىشىپ قالساق ئارانلا لىڭشىتىپ باشنى،
قېرىنداشلىقنى ، كىم بىلگەن بۇ خىل ئاسان تاماملاشنى،
نىزادا ئۆتتى- ھېيت ئايەم،قىلالماي جەم قېرىنداشنى،
ئىناقتۇق كەپىدە توۋا، ساراي سالغاندا ياتلاشتۇق.

قېرىنداشمىز بوپ يارالغانلار تامام بىزدەكمىدۇ، دەيمەن،
قۇيۇنلار قۇترىغان ياكى دالا- تۈزدەكمىدۇ دەيمەن ،
بېغىدا ھىچ باھار ياز يوق، غازاڭ كۈزدەكمىدۇر دەيمەن،
دىلىدا قىلچە ئاپتاپ يوق،سۆزى مۇزدەكمىدۇر دەيمەن،
يۇمۇپ كۈز بارچە نۇخساندىن تۈگەل تانغاندا ياتلاشتۇق.

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 16:13:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتاسىبارنى باي دەيمەن

ئېگىز تاغلارغا تەلمۈردۈم ئاتام يادىمغا يەتكەندە،
ئاتامنىڭ قەدرى زەپ ئۆتتى بېغىمدا شورا ئەتكەندە.
كوكات باسقاندا ئۆگزەمنى مېنى ئالەمچە غەم باستى،
ئاتا ! دەپ يىغلىدىم كۈزدە ئۆيۈمدىن يامغۇر ئۆتكەندە.
ئاتاڭ كەلمەيدىغۇ دەيدۇ ئېتىزلار ھەم سوراپ مەندىن،
سورايدۇ ئاي كېچە كۆكتە جاھان جىملىققا چۆككەندە.
ئېتىم ئۆلدى سۇنۇپ ھارۋام، تاغار ئۆشنەمدىدۇر ئەمدى،
ئاتامنى ئىزدىگۈم كەلدى ئېتىزدىن ئۆيگە كۆچكەندە.

ئاتام دەرۋازا ئاچقاندا، ئۆيۈمدىن چىقتى كۈن دەيتتىم،
ئاتام بولسىتى ھەر ئاخشام ئۆيۈمنىڭ شامى ئۆچكەندە.
جىمى ئەل چەش ئېتىپ قايتتى خامانلاردىن مەھەللەمگە،
ئاتاممۇ كەلسىتى شۇنداق ئانام ئايۋاندا كۈتكەندە.
ئاتام كەتكەندە كەلگەن ھېيت تۇيۇلدى مەن ئۈچۈن ھازا،
ئاتامنى ئەسكە ئالدىم مەن ئېرىقتىن سوغ سۇ ئىچكەندە.
ئاتاسى بارنى باي دەيمەن، ئاناسى بارنى ئاي دەيمەن،
ئۆزۈمنى توختىتالمايمەن مەن ئاتاسى يوقنى كۆرگەندە.

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 01:13 , Processed in 0.046515 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش