يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 590 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1575|ئىنكاس: 22

شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن توغرىسدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى 22:24:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر مۇھەمەتجان راشىدىن1940يىل غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئۇنيار يۈزى يېزىسىدا دىققان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا ئوقۇپ تاماملاپ،1956-يىلدىن 1959-يىلغىچە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقىغان،1960- يىلدىن 1968- يىلغىچە مەمۇرى خادىم،تېخنىك،كاتىپ، ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ؛1968 يىلى مەدىنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ناھەق جازالانغان،1982- يىلى ئاقلىنىپ غۇلجا ناھىيەلىك بىرىنجى ئورتا مەكتەپكە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان،1989-يىلدىن بېرى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلۋاتىدۇ .



مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1958- يىلى <شىنجاڭ گېزىتى>دەئېلان قىلىنغان<ئىلى دەرياسى> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ شېئىرى ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن،بولۇپمۇ 80- يىللاردىن كېيىن بۇ ساھەدە تېز ئېلگىرلەپ خەلەقىمىزنىڭ بۈگۈندىكى داڭلىق شائىرلىرىدىن بىرگە ئايلانغان، مۇھەممەتجان راشىدىنھازىرغىچە <كۆكلەم كۈيلىرى> <سۆي> <كاككۇكۇم><كاككۇل گۈلى> <مەشرەپ ھەققىدە مۇخەممەس> <كۈت> <بۇدۇنيا> <بىھۇدە ئۆتمىگەي يىللار>،<يىللار ئىزى >،<سەن يوق>،قاتارلىق نەچچە يۈز پارچە شېئىرنى ئىجات قىلىپ كىتاپخانلارنىڭ يوققۇرى باھاسىغا ئېرىشكەن، شائىر مۇھەمەتجان راشىدىن شېئىرلىرىدا ھايات ھەققىدىكى پەلسەپەۋى چوڭقۇر پەلسەپەۋى پىكىرلەر ، ھېكمەت دالالەتلەر ئىپادىلەنگەن. مۇھەمەتجان راشىدىن شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن بىر ۋاقىتتا پرژا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شوغۇنلىنىپ، بىر قىسىم ھىكايىلەرنىمۇ يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ شوغۇنلىنىپ<220- مەھبۇس>، <چەتئەل ئەدىب سەنئەتكارلىرى ھەققىدە تىلغا ئېلىنغان ئىشلار> قاتارلىق كىتاپلارنى تەرجىمە قىلدى
.

مۇھەمەتجان راشىدىننىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلغان ئەسەرلىرىدىن
<
كاككۇل گۈلى > (1986-يىلى، شىنجاڭ ياشلار _ ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى)، <يىللار ئىزى >(1989-يىلى قەشقەرئۇيغۇر نەشىرىياتى ) قاتارلىق شېئىرلار توپلالىرى بار، بىر قىزىم توپلاملىرى كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۇلگەن ۋە مۇكاپاتلانغان.

مۇھەمەتجان راشىدىن ھازىر ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئېلمىي جەمىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچى جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئۇنىڭ شېئىرلىرى نوقۇل شېئىر سۈپىتىدىلا ئەمەس ، بەلكى ئۆمەرجان ئالىم ، سەنەۋەر تۇرسۇن قاتارلىق ئەل سۆيگەن ناخشىچىلىرىمىزنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن بىرىكىپ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىغا تارىغاچقا ، كىشىلەر ئۇنىڭغا قىزىقىدۇ ، ئۇنى چۈشىنىشكە ، بىلىشكە ئىنتىلىدۇ . شۇڭا 1992- يىلدىكى كىتابخانلارنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىدە ئۇ ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ « كىتابخانلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان شائىر » بولۇپ باھالاپ چىقىلدى ، ئۇ بولسىمۇ شېئىرلىرى ئەل قەلبىدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئالغان خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر شائىرى مۇھەممەتجان راشىدىندۇر .
مۇھەممەتجان راشىدىن 1940- يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان ، گەرچە ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلىپ ، شېئىر يېزىشقا قىزىقىپ يۈرگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى . 1950- يىلدىن 1958- يىلغىچە شىنجاڭ يېزائېگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇپ يۈرگەن مەزگىللىرىدە بىر تەرەپتىن يېزا ئېگىلىك بىلىملىرىنى ئۆگەنسە يەنە بىر تەرەپتىن شېئىر يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ، 1958- يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى شېئىرى « ئىلى دەرياسى » نى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلدۇردى . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچى بولۇپ ، بىر تەرەپتىن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى ، ئەمما بۇنداق ھايات ئۇزاق داۋاملاشمىدى ، ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن تاكى 1980- يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كېلىپ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىنىڭ يېڭى دەۋرى باشلاندى ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 1980- يىللاردىن كېيىن گۈللىنىش باسقۇچىغا كىردى ، بۇ مەزگىللەردە ئۇ بىھۇدە ئۆتكەن يىللارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ، قەلبىگە سىغمىغان ، ئەلەملىك ھېسسىياتىنى كىتابخانلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە ئاجايىپ ئىجتىھات بىلەن قايتىدىن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ « مەن كېلىمەن ئىككى كۆزۈم ياش » ، « كاككۇك گۈلى » ، « مەشرەپ ھەققىدە مۇخەممەس » ، « ۋەتەن تاغلىرى » ، « يىللار ئىزى » ، « سەن يوق»، « ئۇمۇ بىر ئانا » ، « كۈتۈشكە يارالغانمەن سۆيگۈمنى » ، « باھار ناخشىلىرى » قاتارلىق كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۆپلىگەن لىرىكىلارنى يازدى . ئۇنىڭ شېئىرلىرى ۋەتەنگە ، خەلققە ، تەبىئەتكە، ئانىغا ، ھاياتقا ، ياخشىلىققا بېغىشلانغان بولۇپ ، بۇنداق مۇھىم ئەنئەنىۋى ، مەڭگۈلۈك تېمىلاردا يېزىش ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە ئىزچىللىق ۋە بىر خىل ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈردى . شائىر ئاشۇ ئالاھىدىلىكلەرنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ ، شېئىرلىرىدىكى پىكىر ، مەزمۇنىنىڭ يېڭى ، چۇڭقۇر ، ئوبرازلىق ، جەلپكار بولۇشىغا ۋە بۇ مەزمۇنلارنى ئاممىباپ ، يېقىشلىق ، يەڭگىل قىلىپ ئىپادىلەشكە كۆڭۈل بۆلدى ، شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ناخشا تېكىستى قىلىپ تاللىنىپ ، جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغاپ ، گويا خەلق ناخشىلىرىغا ئوخشاشلا خەلق ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى . ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئۆمەرجان ئالىم ، سەنەۋەر تۇرسۇندەك ناخشىچىلارنىڭ داڭق چىقىرىشىغا ، پەرھات ئابىت چوغلاندەك مۇزىكانتلارنىڭ ئىلھام پىلتىسىغا ئوت ياققانلىقىنىڭ ئۆزىنىلا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ .
مۇھەممەتجان راشىدىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەر مەزمۇنىغا قىزىقىشتەك كىتابخانلىق ئادىتىگە تازا ماس كەلتۈرۈپ شېئىر يازىدىغان ، شۇنداقلا ئۆزگىچە كۆزىتىش ، پىكىر قىلىشقا ماھىر ، ھايات ھەققىدىكى ئويلىنىشلىرىنى شېئىر قىلىپ يېزىشقا ماھىر شائىر بولغاچقا ئۇنىڭ شېئىرلىرى يېڭىدىن يېڭى پىكىر مەزمۇنلارغا ئىگە بولۇپ كەلدى ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى دىداكتىكىغا ، ھايات ھەقىقەتلىرىگە ، تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئىنتايىن يېقىن بولۇپ ، مەزمۇنى مول ، رەڭگارەڭ ، ھەر بىر شېئىردىن بىر ھېكمەت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ .مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنى ئۇنىڭ ئىجادىيەت دەۋرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ۋە دەۋر ئېقىمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇنىنى بىر نەچچە قاتلام بويىچە تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ .




1980- يىللاردا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ « سولچىللىق » نىڭ قالدۇرغان جاراھەتلىرى ئاستا-ئاستا ساقىپ ۋە ساقىشقا يۈزلىنىپ ، دەۋر تەرەققىي قىلىپ ، ئەركىن ، گۈزەل، بەختىيار ھايات بارلىققا كەلدى . دەۋرنىڭ ئېقىمىغا ئەگىشىپ، دەۋرنىڭ ئەۋزەللىكىنى مەدھىيلەيدىغان ، دەۋرگە يانداش ئىلغار پىكىردىكى نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى ، بۇ خىل ئەسەرلەرنى تەتقىقاتچىلار « ئىجتىمائىيەت » ئەسەرلىرى دەپ قاراپ باھا بەردى . چۈنكى بۇ خىل ئەسەرلەر جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ ، بۇ خىل ئەسەرلەردىن كۈچلۈك دەۋر پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ .

بۇ خىل ئەسەرلەردە جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ، ھەل قىلىنغان ياكى ئاپتورنىڭ شۇنىڭغا قارىتا باھاسى بېرىلگەن بولىدۇ . مۇھەممەتجان راشىدىن « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » مەزگىلىدە ئېغىر ئازابلارنى تارتقان ، ئۆلۈم گىردابىدىن قايتىپ كەلگەن شائىر ، بۇنداق سەرگۈزەشتىگە ئىگە شائىرنىڭ يېڭى دەۋردىن ، يېڭى دەۋر ئاتا قىلغان ئەركىن بەختىيار ھاياتتىن شادلانماسلىقى ، قەلبىنىڭ لەرزىگە كەلمەسلىكى مۇكىن ئەمەس . شۇڭا ئۇنىڭ شېئىرلىرىغىمۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەر ئۆز تامغىسىنى باسماي تۇرالمىدى . مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى دەۋر روھىنى نامايان قىلىدىغان ئىجتىمائىيەت تېمىسىدىكى شېئىرلار ئىگىلىدى . ئۇنىڭ 1980- يىللارنىڭ بېشىدا يازغان « مەن كېلىمەن ئىككى كۆزۈم ياش » ، « سا- لام دوستلار » ، « كاككۇك گۈلى » قاتارلىق شېئىرلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالى .

ئايرىلغاننى قايتا قوشقان دەۋر كەلدى ،
سالام دوستلار يەنە كەلدىم ئاراڭلارغا .
مەرىكەڭلەرنىڭ بىر چېتىدە ئۈن قاتىمەن ،
سىلەردىكى يېڭى سۆھبەت پاراڭلارغا .
« مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » نى باشتىن كەچۈرگەن شائىر 1980- يىللارنىڭ باشلىرىدىكى ئىجادىيىتىنى ئاساسلىقى ئاپەتلىك يىللار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشتىن باشلاپ ، ئاپەتلىك يىللارنىڭ جاراھەتلىرىنى ئېچىپ بەرگەندىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ ھاياتقا بولغان قىزغىن ئىتىلىشىنى ، ئۈمىدىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولغاچقا ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ ، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان ، كىشىلەر قەلبىدە ھاياجان پەيدا قىلالايدىغان ئىجتىمائىي تېمىدىكى شېئىرلارنى كۆپلەپ يازدى . ئۇنىڭ ئەل ئارىسىدا كەڭرى تارقالغان «بۇ دۇنيا» ، «بىھۇدە ئۆتمىگەن يىللار» ، «بۇ تۇرمۇش» ، «ھايات دېگەن مانا شۇ» ، «خۇراپات» ، «يوقاتتىم» ، «دوستلارغا» قاتارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ دولقۇنلۇق قايناملىرىغا بېغىشلانغان ، ھايات ھەقىقەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن لىرىك شېئىرلىرى خەلق كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرنى دەل جايىدا ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى بىلەن قىممەتلىك ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىجتىمائىيەت تېمىسىدىكى شېئىرلىرى پەلسەپىۋىلىككە تويۇنغانلىقى بىلەن گويا ماقال-تەمسىللەردەكلا خەلق ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ ، كىشىلەرگە ھايات يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەم شۇ سەۋەبلىك ناخشا قىلىپ ئوقۇلغان .


سۆيەلمەيدۇ ھاياتنى ئۆز ئۆيىنى سۆيمىگەن ،
سۆيەلمەيدۇ ۋەتەننى ئائىلىگە كۆيمىگەن .
شۇ سۆيگۈدىن مەھرۇملار نەدە ياشاپ گۈللىگەن ،
گۈللىمىگەن ھويلىدا نەدە كەپتەر ئۈنلىگەن ؟
مەيلى سۇلسۇن ، كۆكلىسۇن ئۆز نامىڭدۇر ئائىلەڭ .
ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بۇ شېئىرىدا شائىر ئائىلە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ناھايىتى قايىل قىلارلىق مىسرالار «مۇھەببەت ئۇلۇغ بىر مەكتەپ» ناملىق كىتاب ئارقىلىق ئىپادىلەپ ، سوتسىيالىستىك يېڭى دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ ئائىلە قاراشلىرىنى نامايان قىلدى . ئۇنىڭ ئىجتىمائىيەت تېمىسىدىكى شېئىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تېما جەھەتتىن كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان پۇل ، يىللار ، ھايات ، كىشىلىك مۇناسىۋەت ، ئائىلە ، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق- تۇغقاندارچىلىق قاتارلىقلارغا بېغىشلانغان بولۇپ ، شائىر بۇ خىل مەزمۇندىكى شېئىرلىرى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى كىشىلەر ئۇششاق ھېسابلايدىغان ، ئەمما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ھاياجانلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ ، ئۇ مەسىلىلەرگە ھېسسىيات ئارقىلىق ئەمەس ، بەلكى ئەقىل ئارقىلىق جاۋاپ بېرىپ ، شېئىردىكى ھېسسىيات بىلەن ئەقىلنى ناھايىتى ياخشى گىرەلەشتۈرگەن .
يامان بولساڭ ياقاڭ بىر كۈنى ،
يىرتىلىدۇ كىشى قولىدا .
ياخشى بولساڭ بېرەركەن سالام ،
ئۇچۇرغانلار بازار يولىدا .

شۇ تەرىزدە بارىدۇ ھايات ،
ياخشى بىلەن يامان ئارىلاش .
ئۇغۇ مەيلى ئۇنتۇلغاي قانداق ،
ياخشىلارنى ياۋ دەپ قارىلاش .
شائىر بۇ شېئىردا ھاياتلىق سەپىرىدە بىزگە ھەمىشە ئۇچراپ تۇرىدىغان ، ياخشى بىلەن ياماننى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ توغرا يولى ھەققىدە ئەقلىي يەكۈن چىقارغان .
شائىر يەنە ئۆز شېئىرلىرىدا مائارىپ ھەققىدىمۇ توختىلىپ خەلقىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان مائارىپنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ، ئىشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مائا- رىپتا ساقلىنىۋاتقان ئىللەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىپ ، مائارىپنىڭ ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى ، ئەگەر ئىللەت تۈزەلمىسە مىللەت تۈزەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن .
شائىرنىڭ 1980- يىللاردىن باشلاپ نەشىردىن چىققان «كاككۇك گۈلى» ، «يىللار ئىزى» ، «كۈنلەر ئالبومى» ، «ئانا يەر قەسىدىسى»، «ئۆمۈر ئىلھاملىرى» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ، شائىر شېئىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىجتىمائىيەت تېمىسىدىكى شېئىرلار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز . شائىرنىڭ بۇ خىلدىكى شېئىرلىرىنىڭ تېمىسى يېڭى ، خىلمۇ خىل ۋە خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر يېزىلغان .

(1) شائىرنىڭ ئەخلاق تېمىسىغا بېغىشلانغان شېئىرلىرى :
ئەخلاق تېمىسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھەببەت تېمىسىغا ئوخشاشلا مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى ، گەرچە ئەخلاق تېمىسىدىكى شېئىرلار مۇھەببەت لىرىكىلىرى ۋە ساتىرالارنىڭ مەزمۇنى بىلەن تۇتۇشۇپ كەتسىمۇ ، ئەمما شائىرنىڭ ئەسەرلىرى ئەخلاققا بېغىشلانغان تېمىلارنىڭ روشەنلىكى بىلەن گەۋدىلىك . بۇ يەردە بىز دەۋاتقان ئەخلاق شائىرنىڭ ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ، دېھقانلارنى ھۆرمەتلەش ، دوستلۇقنى قەدىرلەش ، ياشلىقنى قەدىرلەش تېمىسىدىكى شېئىرلار بولۇپ بۇخىل شېئىرلارمۇ شائىرنىڭ ئىجادىيىتىدە ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ . بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئانىغا بېغىشلانغان «سەن يوق» ، «قانداق قىلارمەن» ، «مەن يوق» ، «دوستۇم دېمەڭ» ، «يىغلاپ قايتتىم قەبرەڭدىن ئانا» ، «دوستلارغا» ، «ئون سەككىزدە ماختانما يىگىت»، «داداڭدىن ئازمىغىن ، يولدىن ئازساڭمۇ»، «دېھقىنىم» قاتارلىق شېئىرلىرىدا كىشىلەرگە ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇش ، ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ، ياشلىقنى قەدىرلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ كىشىلىك قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىجتىمائىيەت مەزمۇنىدىكى شېئىرى ئىچىدە ئانىلارغا بېغىشلانغان شېئىرلار ئەڭ كۆپ بولۇپ :
ئانا دېگەن ئالتۇن تېغىمىز ،
ئانا دېگەن راھەت بېغىمىز .
ئانا كەتتى كۆز يۇمدى ئامەت ،
بىللە كەتتى پالۋانلىقىمىز .
دېگەن مىسرالىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئانىلارنى شۇنچىلىك ئۇلۇغلايدىغانلىقىنى ئەمەلىي قەلب ھېسسىياتى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ .

(2) شائىرنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى :
مۇھەببەت ئىنسان ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تېما . شۇڭا مۇھەببەت لىرىكىسى يېزىش توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تېما . شائىر مۇھەممەتجان راشىدىنمۇ بۇ خىل تېمىلاردىن چەتنەپ كېتەلمىگەن . بولۇپمۇ ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى گۈزەل ۋە ساپ مۇھەببەتكە بېغىشلانغان لىرىكىلىرى كىشىنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالىدۇ شائىرنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىنىڭ باشقا شائىرلارنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدىغان تەرىپى شائىر مۇھەببەتنى ۋاپا ، ساداقەت ئۈستىگە قويۇپ تەسۋىرلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزى ياخشى كۆرگەن تەرەپنىڭ قىلىقى ، ھەرىكىتى ، بىرەر گەپ-سۆزى ، ھەتتا ئۇنىڭ يازغان خەتلىرىدىكى گۈزەللىكنى مەدھىيىلەپ ، بۇ ئارقىلىق سۆيگەن يارىنىڭ قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى ، مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلدۈرىدۇ . شۇڭا ئۇنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىمۇ باشقا ھايات توغرىسىدىكى لىرىكىلارغا ئوخشاشلا ئەل ئارىسىدا تېز تارقىلىپ ، ناخشا قىلىپ ئوقۇلۇپ ، خەلق قوشاقلىرىدەكلا قۇلاققا سىڭىشلىك بولۇپ كەتتى . ئۇنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر پىشقەدەملىرى ۋە ياشلىرىغا يادا بولۇپ كەتكەن «ئۆز يارىڭ» ناملىق شېئىرى ئۇنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىنىڭ جەۋھىرى دېيىشكە بولىدۇ .
يۈگۈرۈپ چىقار ئالدىڭغا قايتىپ كەلسەڭ سەپەردىن ،
ئېسىلىدۇ بوينۇڭغا ، ئامان قالساڭ خەتەردىن .
يامان كۈن يوق ئالەمدە يارسىز يالغۇز ئۆتەردىن ،
تۈنەپ چىقار سەن بىلەن ئەسكى تامدا ئۆز يارىڭ .
شائىر سەككىز كۇبلىتلىق بۇ شېئىرىدا ھەرگىزمۇ يارنىڭ گۈزەل قامىتى ، كېلىشكەن تەقى تۇرقىنى مەدھىيىلىمەيدۇ . بەلكى سۆيگەن يارىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ، ئالىيجاناپ خىسلىتى ، كەڭ قورساق ، ئىشچان خۇي-پەيلىنى مەدھىيىلەپ رېئال تۇرمۇشتا ئازغان ، ئېزىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلارغا ناھايىتى ياخسى بىخەتەرلىك سىگنالى بىرىدۇ .
جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا شائىرنىڭ بۇ شېئىرى نۇرغۇن پارچىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئائىلىلەرنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇۋالغان ، نۇرغۇن ئائىلىلەرگە ئىناقلىق-ئىتتىپاقلىق ، بەخت ئېلىپ كەلگەن ، چۈنكى شائىر «باي بولغاندا ياتقۇزۇر ئاۋال سېنى گىلەمگە ، تولغىنىسەن راھەتتە ئويغاتقاندا ئۆز يارىڭ» دەپ يېزىپ ھاياتنىڭ ئەڭ شېرىن لەززىتىنىڭ پەقەت ئۆز يارىنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئەمەسمۇ ؟ بىر قارىماققا بۇ شېئىر ئاياللارنى مەدھىيىلىگەندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما بۇ يەردە شائىر تىلغا ئالغان «ئۆز يارىڭ» نىڭ جىنس چىگرىسى يوق ھەم بۇ شېئىر ئۆز ئىچىگە ئالغان ھايات ھەقىقەتلىرىنىڭ موللىقى بىلەن شائىر تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ «تۈگىمەس ناخشا» سىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە ئېسىل مۇھەببەت لىرىكىسىغا ئايلىنالايدۇ .
شائىرنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۆز لىرىكىلىرىدا ھەرگىزمۇ بىۋاستە سۆيگۈ دەۋاسى قىلمايدۇ ، بەلكى تۇرمۇشتىكى كىشىلەر دائىم دۇچ كېلىپ قالىدىغان ھىجران ، سېغىنىش ، ئەسلەش ، ھەتتا سۆيگۈ خەتلىرىنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ھاياتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەتنى كۈيلەيدۇ .
ھەر تاڭنى تاڭ دېمەيمەن دىدارىڭسىز ،
سېنىڭسىز نەدە ئۇپۇق قىزارغان بار .
يۈرمەي مەندە نە يۈرسەم خۇمارىڭسىز ،
سېنىڭدەك نەدە ماڭا قەدىردان بار .
شائىر مۇھەببەتنى ، سۆيگەن يارىنى ئۇلۇغلاپ «سېنىڭسىز نەدە ئۇپۇق قىزارغان بار» دەپ ئۆزىنىڭ سۆيگىنىگە بولغان قىزغىن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلىسە ئاخىرىدا يەنە «سەن بىلەن تەشۋىشىم يوق ئاپەتتىنمۇ» دەپ يېزىپ ئۆزىنىڭ يار بىلەن بىللە بولۇشقا ئىنتىلىشتەك چەكسىز ئىستىكىنى يازىدۇ .
شائىر ئۆز لىرىكىلىرىدا مۇھەببەتنى ھەرگىزمۇ يىغلاڭغۇلارنىڭ كۆڭۈل ئىزھارىغا ياكى ئاجىزلارنىڭ نىداسىغا ئايلاندۇرۇپ قويمايدۇ ، بەلكى ھەر بىر لىرىكىسىدا ئۆزىنىڭ يارىنى ، ھاياتىنى ، ئۆمۈرنى ، مۇھەببەتنى ئۇلۇغلايدىغانلىقىنى ، ھاياتتا مۇھەببەتكە دادىل يۈزلەنگەندىلا ئاندىن ھەقىقىي ۋىسالغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى يازىدۇ .
شائىرنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىدىكى يەنە بىر ئۆزگىچىلىك شۇكى، ئۇ مۇھەببەتنى ياشلىق بىلەن ، ھايات ، ئۆمۈر بىلەن زىچ باغلايدۇ ، مۇھەببەتنى قەدىرلەشنىڭ ئۆمۈرنى قەدىرلىگەنلىك بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى يېزىپ ، مۇھەببەتنى تۇرمۇش بىلەن چەمبەر چاس باغلاپ ئىنتايىن كۈچلۈك پەلسەپىۋى مەنە چىقىرىدۇ .
كەلسەڭ ئەگەر بۈگۈن كەل يارىم ،
تاڭلا كەلسەڭ بۇ چىرايىم يوق .
ئۆمۈر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ،
ياشلىق دېگەن بىزگە دائىم يوق .
مانا مۇشۇ بىر كۇپلېت شېئىردىنلا بىز شائىرنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىپ يېتەلەيمىز . بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە بۇ شېئىر «ئادەم قېرىغاندا مۇھەببەت بولمايدىكەن » دېگەن تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ، ئەمما بۇ شېئىرنى قايتا-قايتا ئوقۇساق ئاندىن شائىرنىڭ يالغۇز ئۆمۈرنىلا ئەمەس ، ئۆمۈرنىڭ گۈل تاجىسى بولغان ياشلىقنى قەدىرلەشنىڭ زۆرۈرلىكىنىمۇ قەيت قىلىپ ئۆتكەن .
شائىرنىڭ 1960- يىللاردا يازغان شېئىرلىرى بولسۇن ياكى 1980- يىللاردا يازغان شېئىرلىرى بولسۇن قايناق ھېسسىياتنى ئويناق تىل بىلەن ئىپادىلىگەنلىكى بىلەن قەدىرلىك ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ 1990- يىللارغا كەلگەندە يېزىلغان شېئىرلىرى تېخىمۇ پىشقان ، پاساھەتلىك مىسرالىرى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە تارتىدۇ .

مەنبە : ساقلىۋالغانلىرىم

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 3Rank: 3

توردا
67 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
196
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى 10:48:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر ئۇ ئىتىلغان ئوق،دۈشمەننىڭ كۆكىرىكىگە تىگىدىغان.شائىر ئۇ ئۆتكۈر قىلىچ دۈشمەننىڭ كاللىسىنى ئالىدىغان.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى 11:03:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان كۈنلەردە تۇققانتۇق، روناق تاپقاندا ياتلاشتۇق،
پالازدىن تەستە ئايرىلساق، كىگىز باسقاندا ياتلاشتۇق.
سارايلار بۇزدىمۇ ئىشنى، گىلەم ئاسقاندا ياتلاشتۇق،
تامام ئۇنتۇلدى ھەم زاغرا، توغاچ ياققاندا ياتلاشتۇق.
ئۇچۇپ چىقتۇق دىسەك كۆككە، قانات قاققاندا ياتلاشتۇق...

تىزىق مۇنچاق ئىدۇق بىزلەر، ئانام بوينىدىكى گويا،
سۈزۇك ئالما ئىدۇق بەش تال، ئاتام قوينىدىكى گويا.
ئۇچار قۇشلار ئىدۇق ھەمدە، ئاشۇ ھويلىدىكى گويا،
تۈگەل لەغمەن ئىدۇق ياكى، چۆمۈچ چويلىدىكى گويا.
بىراق بىزنى جاھان ھەريان، ئۈزۈپ تاتقاندا ياتلاشتۇق...

ئوتۇن تەرگەن ئىدۇق بىر چاغ، يۈرۈپ جاڭگالدىمۇ بىللە،
بوران چىقسا ماكان ئەتكەن، ئىدۇق ئازگالنىمۇ بىللە.
ئېقىن ئەتتۇق، چېپىپ كەتمەن، چېقىپ داڭگالنىمۇ بىللە،
باراتتا بىرگە بولغانتۇق، ئېچىپ رامزاننىمۇ بىللە.
چىرايلىق ئوي تۇتۇپ ئەمدى، ئوتۇن يارغاندا ياتلاشتۇق...

ئانام كەتتى بىرەر ئۆيدە، تۈزۈك تۆت كۈن تۇرالماستىن،
ئېلىندى تاختىغا نانلار، ئازاپلاندى سورالماستىن.
دادامنى مەنمۇ كەتكۈزدۈم، بىرەر ئوغلاق سويالماستىن،
مىراس ماجراسىغا چۈشتۇق، تېخى قىلچە ئۇيالماستىن.
شۇلار ھەسرەت بىلەن نىمجان تىنىپ ياتقاندا ياتلاشتۇق...

زورۇر بولسا مالاي قىلدۇق، شۇلارغا نەۋرە باققۇزدۇق،
كېلىنلەر چاچ تاراپ يۈردى، شۇلارغا ناننى ياققۇزدۇق.
تېزەك يىققاننى ئاز كورۈپ، شۇلارغا ئۆچكە ساغقۇزدۇق،
تېخى غالۋارىدۇق بەزەن، جاھاندا يوقنى تاپقۇزدۇق.
باقار چاغدا باھانە كۆپ، بەدەر قاچقاندا ياتلاشتۇق...

ئاتا كەتتى، ئانا كەتتى، دىمەك بىزدىنمۇ ياز كەتتى،
قېرىنداشلىق بىناسىنىڭ يامان يەرىگە دەز كەتتى،
ئىچەرگە ئاش، كىيەرگە تون، چالارغا بىللە ساز كەتتى.
ئارادىن سەلتەنەت تاجى، ئاجايىپ ئىمتىياز كەتتى،
شۇلار كەتتى، يوغان ھويلا غېرىپ قالغاندا ياتلاشتۇق...

ئۇزاق ئوتمەي سۈكۈت پۇتتى، مىراس ۋەجىدە گەپ چىقتى،
بىرى ئەلچى قويۇپ ئاستا، بىرى ئاشكارا دەپ چىقتى.
بىرىدە يەڭ شىمايلاغلىق، بىرى چەيدو بىلەپ چىقتى،
ھازازۇل نەپسىمىز ئاخىر، جىمى ئىشنى سۆرەپ چىقتى.
قىرىق يىللىق قېرىنداشلار، مىراس ئالغاندا ياتلاشتۇق...

شۇنىڭدىن بېرىقى كۈنلەر، ئۆتەر ھىچكىمنى خوش قىلماي،
قويامدۇ غۇم-ئاداۋەتلەر، ئارادا يازنى قىش قىلماي.
تىنىقتىنمۇ تولا كوت-كوت، كەسەكنى كەلدى خىش قىلماي،
يۈرەر شەيتان توشۇپ گەپ-سۆز، ئۇنىڭدىن باشقا ئىش قىلماي.
نىزا گۈلخانلىرى دىلدا، كۈيۈپ يانغاندا ياتلاشتۇق...

نىزالار ئۇلغۇيۇپ سەلدەك، ھەسەتخورلۇققا يۇزلەندى،
مېنىڭ ئىللەتلىرىم قۇمدەك، سېنىڭ ئاغزىڭدا سۆزلەندى.
"سېنىڭدىن مەن قالامدىم"نىڭ ئىگىز مۇنبېرى كۆزلەندى،
قېرىنداشلىق گۈلىستانى، تامام چەيلەندى تۈزلەندى.
ئەجەپ ئالەم ئىكەن قوشلاپ، سېيىر ساغقاندا ياتلاشتۇق...

خوتونلار پادىشا بولدى، سېنى بەنلەپ، مېنى بەنلەپ،
خوتونلارغا خوتون بولدۇق، ئېغىز ئاچساق قوپار سەنلەپ.
تېنىيدۇ يەڭگىلەر سىنچاي، ماڭا بەرگەن بىلەن دەملەپ،
ئاتار كەينىمدە غەيۋەتنىڭ، يەنە ئوقيارىنى بەنلەپ.
شۇلارنىڭ كەينىدىن بىزمۇ، تۇگەل چاپقاندا ياتلاشتۇق...

ئۈگەندۇق ئەرزىمەس ئىشقا، تۇرۇپ قىيداش-يامانلاشنى،
ئۆتەرمىز ئۇچرىشىپ قالساق، ئارانلا لىڭشىتىپ باشنى.
قېرىنداشلىقنى كىم بىلگەن، بۇ خىل ئاسان تاماملاشنى،
نىزادا ئۆتتى ھېيت-ئايەم، قىلالماي جەم قەرىنداشنى.
ئىناقتۇق كەپىدە توۋا، ساراي سالغاندا ياتلاشتۇق...

قېرىنداش بولۇپ يارالغانلار، تامام بىزدەكمىدۇ دەيمەن،
قۇيۇنلار قۇترىغان ياكى، دالا-تۈزدەكمىدۇ دەيمەن.
بېغىدا ھىچ باھار-ياز يوق، غازاڭ كۈزدەكمىدۇ دەيمەن،
دىلىدا قىلچە ئاپتاپ يوق، سۆزى مۇزدەكمىدۇ دەيمەن.
يۇمۇپ كۆز بارچە نۇقساندىن، تۇگەل تانغاندا ياتلاشتۇق...

شائىرنىڭ مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نادىر شېئررلىرى تولىمۇ كۆپ .مەن شائىرنىڭ شېئېرلىرىنى بەكمۇ ياخشى كۈرىمەن .

[ خۇشچىراي بۇ يازمىنى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى 11:13  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى 22:28:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغان
ھەزەر ئەيلەڭ بىۋاپالاردىن.
سىزگە كۆڭۇل بەرگىنى يالغان.
باغلىرىغا سىزنى كېلۇر دەپ ،
قىزىل گۇللەر تەرگىنى يالغان.

ئالدىڭىزدا ئالدايدۇ <<ئۆز>>دەپ ،
<<ئالەمدە سەن تەنھا بىر توز!>> دەپ.
سىزنى شۇڭا،ئاتايىن ئىزلەپ،
يىراقلاردىن كەلگىنى يالغان

شەيتاننىڭ كەسپى ئىنساننى ئالداش،
كۆزلىرىدىن تۆكۇپ يالغان ياش.
ئۇلاردا يوق ئاشىقنى ئاياش،
سىز ئۇچۇن كۇلاھ كىيگەىنى يالغان.

بىۋاپادا ۋەدىلەر تولا،
دۇتتارىدا پەدىلەر تولا.
يالغان كۇلكە تەنىلەر تولا،
سىزگە قۇچاق كەرگىنى يالغان

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى 22:29:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەمكىلىكتىن خاتالىق بولماس


  


پۇشايماننىڭ چوڭقۇردۇر غارى،
ئازاپلايدۇ ئۆلگۇچە دارى.
قەدەملەرگە ئېھتىيات كېرەك،
تەنتەكلىكنىڭ بولمايلى يارى.

سەن بىرىنى دەپ، يارىڭ بىرىنى دەپ ،
ئايلىنىدۇ ئەگىزگە ئەدەپ .
ۋەس ۋەسىگە سالىدۇ شەيتان،
ئات مىندۇرەر ئۇرۇشقا غەزەپ.

شۇندىن بولدى تالاي جۇدالىق،
ئاسايىشلىق ئېيتىپ ئەلۋىدا.
تەمكىنلىكتە پۇشايمان بولماس،
ساقلانغاننى ساخلايدۇ خۇدا.

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى 22:29:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەرلەر



سەھرالارنى تۇنۇمسىلەر،شەھەرلەر،
يوقلا دىسە ئۇنامسىلەر شەھەرلەر؟
كېلىپ-كېتىپ يۇرگەنلەدىن دىھقاننىڭ،
ھال كۇنىنى سورامسىلەر شەھەرلەر؟

مېھمان كۆرۇپ بېرىپ قالساق ئۆز كۆرۇپ،
بىرەر توخۇ سويامسىلەر،شەھەرلەر؟
ئەھۋال ئېيتىپ كەلگەنلەرنىڭ ۋە ياكى
يانچۇققىنى كولامسىلەر، شەھەرلەر؟

رېستۇرانلار كانى ئىكەن ئويۇننىڭ،
كۇندە شۇنداق ئوينامسىلەر، شەھەرلەر؟
ئېشىپ قالغان تائاملارغا تاڭ قالدۇق،
تۆكمىسەڭلار تويمامسىلەر، شەھەرلەر؟

بەگزادىگە ئايلىنىپتۇ بەزىلەر،
ئويناۋېرىپ قۇرامسىلەر، شەھەرلەر؟
شەھەرلەرنى شەھەر قىلغان دىھقان دەپ،
تەكتىڭلارنى ئويلامسىلەر، شەھەرلەر؟

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى 22:29:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىساڭ

سەن مېنى ۋەيرەن قىلۇرسەن ئالدىساڭ،
ئەسلى جۇت ھايۋان بولۇرسەن ئالدىساڭ.
ئۆتىدۇ قاخشاش شۇڭا مەندىن ساڭا،
مەن كەبى سەرسان بولۇرسەن ئالدىساڭ.

بۇ مۇھاببەتكە ۋاپا ۋىجدان كېرەك،
چىقسا دۇشمەن،بەرگىلى قۇربان كېرەك.
نە كېرەك بايلىق؟ پەققەت بىر نان كېرەك،
شۇ كۇنى ۋەيران بولۇرسەن ئالدىساڭ.

سېنى دەپ دەريادا ئاققايمەن، دىدىم،
سېنى دەپ زىنداندا ياتقايمەن، دىدىم .
مۇزلىساڭ باغرىمنى ياققايمەن، دىدىم،
سەنمۇ خار بىر جان بولۇرسەن، ئالدىساڭ.

كەلگىنىڭنى بىلمىدىم يار دەپ مېنى،
سۆيگىنىڭنى بىلمىدىم،يار دەپ مېنى.
ئويلىما ھەر جايدا خار زار دەپ مېنى،
بارچىندىن ئاۋال قۇراراسەن،ئالدىساڭ.

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى 22:30:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات دىگەن مانا شۇ

تۇرىۋالدىڭ چۇشەندۇر،دوپ ھاياتنى،
نىمە دەيمەيمەن يەنە دىسەم يەنە شۇ !
كەلمىدۇقمۇ ئەتە ئۇچۇن ئات چېپىپ ،
مەنچە بولسا، ھايات دىگەن مانا شۇ !

ئاھ ئۇرىسەن ئارمىنىڭغا يېتەلمەي،
يا ئارزۇنىڭ ئىشىگىدىن كېتەلمەي.
ئاۋار سەن بىرنى ئىككى ئېتەلمەي،
مەنچە بولسا، ھايات دىگەن مانا شۇ !

بېسىلمايدۇ ۋاڭ –چۇڭى،
بىلەلمەيسەن نەدە ئۇنىڭ تەڭپۇڭى.
كىچىكلەرنى بوزەك قىلار ئەڭ چوڭى،
مەنچە بولسا، ھايات دىگەن مانا شۇ !

گاھ ئېتىزدا ئارپا بۇغداي تېرىيسەن،
گاھ بازغاندا غۇلىچىڭنى كېرىيسەن.
تىرىكچىلىك ھارۋىسىدىن قېرىيسەن ،
مەنچە بولسا ھايات دىگەن مانا شۇ .

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى 22:33:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز، ئېسىل!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 09:41:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسىلا مەن ياخشى كۈرىدىغان شېئېرلاركەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:36 , Processed in 0.220924 second(s), 20 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش