يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 750|ئىنكاس: 3

ئانامغا قەسىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى 22:24:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىپ يۈرىمەن ،كېيىنكى ۋاقىتلاردا «ئانا»دېگەن سۆز تىلىمغا پات –پات كېلىۋېرىدىغان بولۇپ قالدى .«جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدىدۇر»دېگەن سۆزنى تەلقىن قىلىپ كۆرمەككە قولۇمغا قەلەم ئالىمەنۇ ،ئەمما بۇ تېمىدىنى ئاۋالقى ئېيتقانلىرىمنى تەكرارلاپ قويارمەنمۇ دەپ خاۋاتىرلىنىمەن .كېيىن بىر ئوي كەلدى :«مېنىڭلا باھايىم بىلەن ئانا تەرىپىنى ئادا قىلغىلى بولارمۇ ؟ئەگەر مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرسەم ،ئانامنىڭ يەنە مىڭ تەرىپى ئېيتىلماي ،مىڭ ئىقلىمى يورۇتۇلماي قالار ،ئېھتىمال !».
ئانا دېگەن دائىم نۇر چېچىپ تۇرمايدۇ ، پاقىراپ يۈرمەيدۇ .ئۇ كۆركەم رەڭلىرىنى بالىسىغا بېرىپ ،ئۆزى نۇرسىزغىنا كۆرۈنۈشلىرىنى ئۇنىڭ دالدىسىغا ئېلىپ تۇرىدۇ .ئايال ئانا بولغاندا ،يۇقۇرى ئاھاڭلاردا جاراڭلىشى توختايدۇ –جىمى قوڭغۇراقلىرىنى بالىسىغا ئېلىپ قويىدۇ-دە .پۈتۈن ۋۇجۇدى قۇلاققا ئايلىنىپ ،ئۇنى تىڭشىغىنى تىڭشىغان !پۈتۈن زېھنى بىر دۇئاغا مىخلىنىپ قالغان :«ئىلاھىم ،بالامنى ئاسرا !بالامنىلا ئاسراپ بەرسەڭ بولدى!». ئانىنىڭ جىسمى جانى شۇ جۈملىنى كۈن-تۈنلەپ شىۋىرلاپ ياشايدۇ !
باغرىنى يېرىپ ياپ-يېشىل ھالدا تولۇۋاتقان باشاق مېغىزىنى بالىسىغا بېرىپ ،ئۆزى پۈچەككە ئايلىنىۋاتقان –ئانىدۇر .بۇلاق بۇلاق بولغان ئۇنىڭ كۆكسىدىن سىزىىپ چىقىپ ،ئۇ ھەر تەرەپكە تارقىلىپ ،ئارقىسىغا قارىماي چاپقىلىپ ئۇزاقلىشىپ كېتىۋاتقان ياپراقلار كەينىدىن تەلمۈرگەنچە كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ ياتىدۇ .ئۇ شۇ تۇرۇشىدا پەرزەنتلىرىنى ھېلى كېلىنگە ،ھېلى كۈيۈوغۇلغا ،ھېلى نەۋرىلەرگە ،يەنە مىڭ بىر ياخشى-يامان خېرىدارلارغا تاپشۇرۇپ ،ئۆزىنىڭ نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى ئۆزىلا بىلىپ تۇرغان ئانىدۇر .
.....شۇ ۋاقىتتا ئانامنىڭ كۈنى پاتارغا بىر ھەپتىلا قالغان ئىكەن .ئېسىمنى تونۇغاندىن باشلاپ ئۇنىڭ جىسمىنى زەئىپ كۆرگەن ئەمەسمەن .تېنى بەقۇۋۋەت ،مىجەزى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى .ئەمما ،ئاخىرقى ئىككى يىلدا قىزىتمىلىق كېسەل چاپلىشىپ،ئانامنىڭ ئەھۋالى ئارقىغا كېتىشكە باشلىدى .تۆت بالامنىڭ ئالدى قولى ئەمدى ئىشقا تەگكەن ،قالغانلىرى تېخى ئېتەكتە .بۇلارنىڭ كۈندە يۈز خىل ئىشى چىقىدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلەيمەن ،بۇ ئىش ئىش ئەمەس ،قان قىلىدىغان قەغەزۋازلىق ! ئانام بولسا يېتىپ قالدى ،كۈندە بىر دوقۇرۇپ تۇرمىسام بوۋىقىنى تاشلاپ قويغان ئادەمدەك بىتاقەت بولىمەن .ئانىدەك ئەزىزىڭنىڭ كۆز ئالدىڭدا شامدەك لىپىلداپ ئۆچۈۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرۇشتەك ئېغىر ئاغرىق يوق دۇنيادا .ھەر كۈنى قۇياشنىڭ پېتىشى سەن ئۈچۈن دەھشەت . ئەتىگە يەنە ئاپتىپىڭ چىقامدۇ يوق ؟ تاقىلدىغىنى ئۈچۈن ئىشىكنى ،جىرىڭلىغىنى ئۈچۈن تېلىفوننى كۆرۈشكە كۆزۈڭ يوق !ئاتا مەھەللەمگە كىرىۋاتقىنىمدا كوچىمىزدىن چىقىپ كېلىۋاتقانلا ئادەم مەن ئۈچۈن يۈرەك سوقۇشى! چىشىنىڭ ئېقىنى كۆرمىگىچە تىزىمدىن جان چىقىپ بولىدۇ .بىرىنچى بېرىدىغان سوئالىم «ياخشىمۇسىز ؟ ئامانمۇسىز؟» ئەمەس،«بىزنىڭكىلەر تېنچمۇ ؟!».
ئىش ئورنۇم ،ئۆيۈم ۋە ئانامنىڭ ھويلىسى شەھەرنىڭ ئۈچ تەرىپىدە ،ھەر كۈنى شۇ ئۈچ بۇلۇڭ ئارىسىدا تونۇردا كۆيىمەن .مېڭەم ماشىنىدەك ئىشلەيدۇ :نېمە ئېلىپ كەلسەم ،ئانامنىڭ ئېغىزىغا ياقار؟قايسى دوختۇرنى چاقىرسام مېنى خوش قىلىدىغان گەپنى ئېيتار؟بۈگۈنكى كەچلىك تامىقىمنى سائەت نەچچىدە پىشۇرۇپ بالىلارنىڭ ئېغىزىنى يۇمدۇرارمەن ؟ئۆزۈمنىڭ مىسالىمدا شۇ چاغدا بىلىپ قويغانمەن –ئىنسان دېگەننىڭ شۇ قەدەر چىداملىق بولىدىغانلىقىنى !ئۈزۈلەي –ئۈزۈلەي دەيمەنۇ يەنە چىپىپ يۈرۈيمەن .سۇنۇپ بېرىۋاتقان ئانامغا ھەر كۈنى كۈلۈمسىرەشكە تىرىشىمەن ۋە ھەر خىل ھەزىللەرنىمۇ تاپىمەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرىكىڭگە ئوق ئېتىپ تۇرىدىغان «دوست»-دۈشمەن ھەمىشە بار!
بىر كۈنى چارچاش جىنىمغا كاسىغا تولغان كەبى تولدى ۋە ئىشتىن كېيىن ئۆيگە بېرىپ ئىككى سائەتلا سوزۇلۇپ كېلەي دېگەن غەپلەت باستى مېنى !كۆزۈمنى ئاچسام قازان ئاسىدىغان ۋاقىت بولۇپ قاپتۇ ،ئانامنىڭ يېنىدا ئۇكىلىرىم بارغۇ،ئەتە سەھەر باراي دېدىم-دە بارمىدىم .ئەشۇ كۈننى ئۆمۈرۋايەت لەنەتلەيمەن !شەيتاننىڭ گېپىگە كىرگەن ئۆزۈم ئەشۇ ! دېمەك ،شۇ كۈنى يۈگۈرۈش ماڭا مالال كەلگەن !دېمەك ،ئانامدىن جېنىم شېرىنراق تۇيۇلغان .قايسىدۇر بىر دەقىقىدە «ئانام ساق بولغان بولسا ،مەن بۇنچىلىك ئۇرۇنۇپ كەتمەستىم»دېگەن نادامەتمۇ ئۆتكەندۇر دىلىمدىن !......
ئەتىسى ئۇچۇپ كەلدىم ،ئانام ..،ئانام بولسا ....«پەسلەپ»قېلىپتۇ .بېشىنى بۇراشقا ھالى يوق ،مەن تەرەپكە كۆزىنىڭ قۇيرىقى بىلەن ئۇزاققىچە توختىلىپ قارىدى ،ئەمما ئۈندىمىدى ،ئانام ھېچقاچان بۇنداق قارىمىغان ئىدى ،ئانامنىڭ كۆزى ھېچقاچان بۇنچىلىك تەگلىك گەپ قىلمىغان ئىدى .ياق ،شۇلا ئەمەس ئىدى !ئۇنىڭ بۇ قارىشىدا ئاراز يوق ئىدى !«ئاخىرقى تەبەسسۈملىرىمنى كۆرەلمەي قالدىڭ-دە!....»دەر ئىدى ئۇ كۆزى !ئىككى كۈن ئاۋال ساقىيىشقا ئۈمىد بار ،گەپ –سۆزلەر كۆڭلىگە يېقىپ تۇراتتى ،«ئەشۇ تۇيغۇمۇ بەخت ئىكەن ،كېتىشىم ئېنىق بولۇپ قالدى ،جېنىم ماڭا سىغماي تۇرۇۋاتىدۇ ،ئەمدى قانداق قىلىمىز »دەر ئىدى ئۇ قاراش!بىر كىچىلىك غەپلەت ئۇيقۇسىنى دەپ ئانامنىڭ ھاياتبەخش روھىنى ئاخىرقى قېتىم ھېس قىلالماي قالدىم . كۆزلىرىنىڭ چاراقلىغان ئوتى بىلەن ۋىدالىشالماي قالدىم ! ئۇنىڭ نىگاھىدىن ھايات كېتىپ بولۇپتۇ !....ئۈچ-تۆت كۈن ئۆتكەندە ئانامنى يەرلىككە قويدۇق ،مانا ئون يىلدىن ئاشتىكى ،ئەشۇ نىگاھ مېنى تىنماي تەقىپ قىلىدۇ ،مەن بولسام تىنماي شۇ كۆزلەردىن ئۆزرە سوراپ يىغلىغىنىم يىغلىغان !.....
ئىلگىرى پۇت قولۇمنى باغلاپ تۇرغان-ئانام،ئۇنىڭدىن كېيىن ھەممە ئىشلارغا ئۈلگۈرۈپ ئاشىمەن ،دەپ ئويلايتتىم .تامامەن ئەكسى بولدى!دۇنيايىمنى تولدۇرۇپ تۇرغان ھايات قوڭغۇراقلىرى بىراقلا تىندى!چېكى يوق ۋە ئېغىر سۈكىناتنىڭ دەستىدىن قۇلاقلىرىم ئاغرىيدۇ ،ئىككى قولۇم شەلۋەرەپ قالدى .تۆت تەرىپىم شامال!ھەممە يىپلىرىمنىڭ ئۇچى يوقالدى ،خۇددى ئىمىزگۈلۈك بالامدىن ئايرىلغاندەك ! گويا ھەممە زۆرۈرىيەتلىرىم ئانام بىلەن كېتىپ ،قېلىشقا ئەرزىمەيدىغان زۆرۈرىيەتسىز ئىشلارنىڭ قورشاۋىدا قالغاندەك ئىدىم !مانا ئەمدى ئازراق ئىشقا چارچاشلار ،ئەرزىمىگەن تەشۋىشكە ئاغرىپ قالىدىغان ئىشلار باشلاندى .ئانامنىڭ ،جىنىم ئانامنىڭ بىمار يېتىشلىرىمۇ ماڭا قۇۋۋەت ئىكەن !ئاخىر ،يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ھەممە نەرسىگە ئۈلگۈرەر ئىدىم .ھەر كۈنى مىڭ تۈرلۈك ئىش پەيدا بولاتتى ۋە شۇنىڭغا لايىق مىڭ جاننى ياساپ ئېلىۋېرەتتىم !....ئەمدىچۇ؟ ئالىمىمنىڭ يېرىمى بوش، يېرىمىدىلا بالا-چاقام بىلەن باشقىلىرىم دىگەندەكلەر قىمىرلاپ يۈرۈيدۇ .مەن ئانامدىن قالغان دۇنيايىمنىڭ ئەشۇ بوش قىسمىدا خاتالىرىمغا باش ئۇرۇپ ،ئارمان كۆڭلەكلىرىمنى كىيىپ ياشاپ بېرىۋاتىمەن .ئانامدىن سورايدىغان سوئاللىرىمنىڭ شۇنچىلىك كۆپلىگىنى ئەمدى بىلىۋاتىمەن .ئانامغا ئېيتىدىغانلىرىمنىڭ يۈرىكىمدە قېلىپ كەتكىنىنى ئەمدى سېزىۋاتىمە.ئانام كېرەك بولىدىغان دەۋرلەرنىڭ ئەمدى باشلانغانلىقىنى ۋۇجۇدۇم بىلەن مانا ئەمدى تۇيۇپ تۇرىمەن! ئاھ.....ئاھ.....
جەننەتكە زار بولۇشمۇ شۇنچىلىك بولار ! ئانام-تەملىرى ئېغىزىمدا ،ئىپارلىرى دىمىغىمدا قالغان جەننىتىمدۇر !تەڭرى بەرگەن بۇ جەننەتنىڭ باغرىغا تويۇپ-تويۇپ قانمىغان گۇمراھ مەندۇرمەن!ئىتىگىدىن تۇتۇپ قالمىغان جەننىتىمنىڭ ھىدى كېلىدۇ دەپ ،ھېلى بوسۇغىنى ،ھېلى ئۇكىلىرىمنىڭ يۈزلىرىنى ،ھېلى خوشنامنىڭ ئوغلىنى ،ھېلى تامنى، ھېلى تۈۋرۈكلەرنى سۆيۈپ يۈرگەن دىۋانە ئۆزەمدۇرمەن!

ئاناجانىم كەتتىيۇ ،قالدى يېتىم دىل ئۆرتىنىپ ،
ئاناجانىمسىز يىتىم ئۆتتى تالاي يىل ئۆرتىنىپ .

ھەر باھاردىن ئىزلەبان ،ھەر كۆزگە ھەمدە بوزلابان ،
سىزسىز ھالسىزلىنىپ ،بولدى كۆڭۈل قىل ئۆرتىنىپ .

يەتتى پەلەككە مېنىڭ ئارمانلىرىمنىڭ ئاھلىرى ،
سىلكىنەر توۋام يۈكىدىن بۇ زىمىن زىل ئۆرتىنىپ .

كۆز يېشىم نىل ئۆرتىنىپ ،سىندىمغۇ چۇل –چۇل ئۆرتىنىپ،
ھالىتىم ئېيتۇر«ئانام»لاپ بوزلىدى دىل ئۆرتىنىپ .

ياخشىسى ھەر بار ئېرۇر،تولدۇرار كۆكسۈمگە نۇر ،
كۈندە قەددىمنى تۇتار بەرداش دېگەن پىل ئۆرتىنىپ .

ياخشىسى ھەر بار ئىرۇر،ھەر كۈن دىلىمنى گۈللىتىپ ،
ئۆلگىنى قويماس مېنى پەرزەنت دېگەن گۈل ئۆرتىنىپ .

گاھى كۆككە چاغلىنار ،گاھى زىمىنغا باغلىنار،
تۇرسىناي ئىسمى بىلەن بىچارە بۇلبۇل ئۆرتىنىپ .

ۋىلايەت ژورنىلىدىن پەرزەنتلىك ئىقلىمى ھەققىدە بىر نەرسە يېزىپ بەرسىڭىز ،دېگەن تەكلىپ ئالدىم ۋە ئويغا تولدۇم ...كۆكسۈمنىڭ قات-قاتلىرىدا چىم –چىم ئاغرىق پەيدا بولۇپ ،چۆكۈپ كەتكەن تۇيغۇلۇرۇم ئويغىنىپ كەتتى ...
مەن بۇ يازمامنى باغرى پۈتۈنلەرگە ،ئاتام-ئانامنىڭ ئۆمرى باقىي دەپ يۈرگەنلەرگە ،بۇ بۈيۈك خەزىنىدىن قېنىپ يايرىۋېلىشقا ئالدىرمايۋاتقانلارغا ،دۇنيادا ھەممە نەرسىنى قايتا تېپىشنىڭ مۈمكىنلىكىنى ،پەقەت ئاتا-ئانىنى تېپىشنىڭ قەتئىي ئىلاجى يۇقلۇقىنى ئەسكە ئالمايۋاتقانلارغا بىر مۇراجىتىن بولسۇن دەپ يازدىم .
دادام غايەت ساددا ۋە ھالال ياشايدىغان ئادەم ئىدى ،شۇنىڭ ئۈچۈن تاشكەنتتە ئىش تازا ياخشى يۈرۈشۈپ كەتمىگەن ئىدى .بالىلىقىم ئاتا-ئانامنىڭ كۆپلىگەن جاپالىق ۋە مۇسىبەتلىك كۈنلىرىنىڭ گۇۋاھى بولغان . ئانام چىۋەرلىكى بىلەن ئائىلىنى دىگۈدەك بىر ئۆزى تەۋرىتىدۇ .يوقچىلىق ۋە مۇساپىرچىلىق ئۆزىنى ھەمىشە ئەسلىتىپ تۇرسىمۇ ،داستىخىنىمىزنى ھېچقاچان غېرىپ كۆرمىگەنمەن .
ئەمما ئانامنىڭ بىرەر قېتىم ئاھ چېكىپ ،دادامغا تەنە قىلغىنىنى ،بايلىقىنى ئارزۇلاپ ئەپسۇسلانغانلىقىنى ،بىرەر كىشىگە شىكايەت قىلغىنىنى ئەسلا بىلمەيمەن .
قاتار –قاتار پەرزەنتلەرنى بىر چەتكە سۈرۈپ قويۇپ ،پۇل-بايلىق غوۋغاسى،ئورۇنسىز جىدەل تۈپەيلىدىن ئاجرىشىپ كېتىۋتقان ئەر-خوتۇنلارغا ،ئارىدىن تىرىك يېتىم بولۇۋاتقان بالىلارغا بىپەرۋا قاراپ تۇرغان ،بەزىدە شۇ ۋەقەنىڭ سەۋەپچىسى بولغان قېينانا ۋە قېيناتىلارغا تەڭرىم قايسى خىل يۈرەك بەرگەن ئىكەن ؟
بىر ۋەقە ھېچقاچان ئېسىمدىن چىقمايدۇ : خوشنا ئايالنىڭ پات –پات كېلىپ –كېتىپ تۇرىدىغان مىنەۋۋەرخان ئىسىلىك بىر سىڭلىسى بولىدىغان .ئۇ بىزنىڭكىگىمۇ كىرىپ تۇرار،ئانام بىلەن دەردلىرىنى تۆكۈشۈپ كېتەر ئىدى .بۇ ئايال ئىككى قېتىم تۇرمۇش قۇرغان ،ئەمما بالىسى تۇرمىغان ئىكەن . كېيىنچىلىك ئاڭلىسام ئانام ئۇ ئايالغا بىر نەچچە قېتىم يىغلاپ –يالۋۇرۇپ «تاغاڭغا(يەنى مېنىڭ دادامغا)تەگكىن ،تۇرسىنايىم يالغۇز بولۇپ قالمىسۇن ،تۇغۇپ بەرسەڭ ئۆزەم چوڭ قىلىمەن ،خىزمىتىڭىزنى قۇلدەك بېجىرىمەن »دەرمىش .ئاخىر ئۇ ئايال پەرياد سېلىپ يىغلىغاچقىلا ئانام بۇ ئىدىيىسىدىن يانغان . ئاھ.ئانام ،يۈرەكلەرنىڭ بۈيۈكى بولغان جان ئانام!
ئانا،دۇنيالىرىڭىز تولۇپ تاپقىنىڭىز مەن بولدۇممۇ ؟ كۈلپەتلىرىم يەلكىڭىزدىن چۈشكەن زامانلا كۆز يۈمدىڭىز ،نېمىشقا يۈز يىل ياشىمىدىڭىز ،ئانا! تىرىكلىگىڭىزدە بۇ قوللىرىم ئۆزامدىن بوشىمىدى . ئەقلىم ،پۇرسىتىم ئاشمىدى سىزگە . بالام دېدىم ، ئۆيۈم دېدىم ،ئىشىم دېدىم! ئەمدى قوللىرىم يىغلايدۇ ، يۈرىكىم يىغلايدۇ ،سان-ساناقسىز يىللىرىم يىغلايدۇ ئانا !
چوڭ بىر يىغىلىشتا شېئىر ئوقۇدۇم . قۇلىقىم ئالقىشلارغا ،قۇچىقىم گۈللەرگە تولۇپ كەتتى . ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىدا بىر ماختانغۇم كەلدى . كەلسەم ئۇلار سۇپىدا قوش كەپتەردەك گۇگۇلدىشىپ ئولتۇرۇپتۇ (ئەشۇ كۆرۈنۈشلەر راست بولغان ئىشمۇ ياكا چۆچەكمۇ دەيمەن گاھىدا ).
شۇنداق قىلىپ ماختىنىپ سۆزلەپ كەتتىم ،ئانام يىغلاپ دۇئا قىلدى ،دادام بولسا....دامام بولسا دىققەت قىلىپ ئاڭلاپ ،كېيىن نېمىشقىدۇر مۇڭلىنىپ قالدى .قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ،«تۇرسىناي ،-دېدى ئۇ چىرايىغا زورمۇ –زور كۈلكە يۈگۈرتۇپ ،-شۇ شېئىر يېزىشنى تاشلىغىن » ،ھەيران بولدۇم .
--نېمىشقا دادا ؟
--شېئىر يازىمەن دەپ بېشىڭ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى-دە قىزىم !
دادام بۇ سۆزلەرنى كۆزىنى يەرگە قارىتىپ ئېيتتى ، كىرپىكلىرى ھۆل.....
ئەشۇ سۆھبەتنى ھەر قېتىم ئەسلىگىنىمدە ئۆزەمنى تۇتالماي قالىمەن .ئويلاپ كۆرسەم ،بالامغا ئانىلىقىم ،چۈپتۈمگە ھەمرالىقىم ،شاگىرتىمغا بىلىمىم ،دوستۇمغا ساداقىتىم ،مۇخلىسىمغا يازغانلىرىم بىلەن كېرەك ئىكەنمەن .پەقەت ئاتا-ئاناملا يالغۇز مېنىڭ جېنىمنىڭ قايغۇسىنى تارتار ئىكەن !
ئەي... ئاتا-ئانىلىق باغرى پۈتۈنلەر ! ھەرگىز ئۇنتۇماڭكى ،سىزنى بالىڭىزنىڭ نەپىسى ،دوستلۇرىڭىزنىڭ چالا ئىشى ،قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ مەسىللىرى كۈتىدۇ .ئاتا-ئانىڭىزنىڭ بولسا ئىنتىزار كۆزلىرى كۈتىدۇ .ئۇلارنىڭ قەلبى سېغىنىش بىلەن كۈتىدۇ ! شۇڭا ھۇشيار بولۇڭكى ،ئۇلاردىن كېيىن سىزنىڭ بۇنداق ئىنتىزار خېرىدارىڭىز بولمىغاي !
ھېلى ئۇ ئىشنى ،ھېلى بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ ئانامنىڭ ئۆيىگە يىگىرمە ياكى ئوتتۇز كۈندە بارغان چاغلىرىممۇ بولغان .بىر كۈنى ئانام كۆرۈشۈۋېتىپ :«كەلدىڭمۇ بالام !ئەزبىايى ،زار بولغۇنۇمدىن (ئىلاھىم ،بالامنىڭ قىزلىرى بەختلىك –بەختلىك بولسۇن ،ئەمما ئۆزىگە ئوخشاش ئۇزاق –ئۇزاقتا بىر كېلىپ تەلمۈرتۈۋەتمىسۇن)دېدىم»دېدى .مەن نانقېپى ئىچىمدە «دائىم ئامراق نەۋرىلىرىنى ئەۋەتىپ تۇرسام ،سوۋغا سالاملارنى كەينىدىن ئۈزمىسەم ،شۇنىڭدىنمۇ كۆڭلى تولمايدۇ –دېسە ...»دەپتىمەن .ئاھ.مەن گۈمراھنى !
ئانام رەھمەتلىك مەن ئۇزاقراق كەلمەي قالسام دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ ئولتۇراركەن . ھال سورىغانلارغا «بالامنىڭ دىدارى ئۆچتى ،چۈشۈم ئۆزگۈرۈپتۇ ،كېلىپ قالارمىكىن ،،،يىراقتىن كەلگەن كۆرۈنىشىنى كۆرەرەەنمۇ دەپ چىقىپ ئولتۇرىمەن »دەر ئىكەن .
ھويلىغا كىرىپ ئاۋاز چىقارسام ،ئانام ئىچكىرىدە بولسا «ۋاي، ئانام كەلدى ،مېنىڭمۇ ئانىجانىم كەلدى....»دەپ سۆزلىگىنىچە چىقاتتى ئۆيدىن ،ئايرىم كۆرۈنۈشلەر خىيالىمدىن كەتمەي مۇئەللەقتە ئېسىلىپ تۇرىۋېرىدۇ ....گاھى كىرگىنىمدە ھويلىنىڭ ھېلى ئۇ يەر ،ھېلى بۇ يېرىدە ئانامنىڭ بىر نۇقتىغا تەلمۈرۈپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇشلىرى،ماڭا كۆزى چۈشكەندە بىر ئەندىكىپ كېتىشى ۋە يۈزلىرىنىڭ نۇرلىنىپ كېتىشى ،ھەر قېتىم خەيرلەشكەندىكى سۇلغۇنغىنە تۇرۇرشلىرى .....
ئەمدى يۈرىكىمنى ئارمان مۇجۇقلايدۇ .ئاتا-ئانا بولغۇچى بەلكىم ھەر قېتىم بىزنىڭ قاش-كۆزىمىزدە ئۆزىنىڭ ياشلىقىنى كۆرەر ،يۈرۈش-تۇرىشىمىزدا ئۆزىنىڭ نەۋقىرانلىقىنى تاپقاندەك بولار .بەلكىم ،بىزنى شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ سېغىنار ،ئانا جېنىدىن ئۈزۈپ بالا ياسايدۇ .بەلكىم ھەر قېتىم بىزنى باغرىغا باسقاندا ئەشۇ جېنى قايتا پۈتۈن بولغاندەك بولار !
دۇنيادا ئېرىشكەن ھەممە نەرسىلىرىنى يوقاتقان قېرىلار بارا-بارا مۇڭلىنىپ قالار ئىكەن .شۇنداق پەيتلەردە ئۇلارنى ئانىسى بولۇپ ئەركىلەتمەك ،ئاتىنى بولۇپ كۆڭلىنى ئالماق ،ئاچا –سىڭلىسى بولۇپ مېھرىبانلىق كۆرسەتمەك كېرەك ئىكەن . ئۆز نۆۋىتىدە ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پەرزەنتلىرىدىن باشقا خېرىدارى قالماس ئىكەن .
ئانا..ئانا ئىككى يىل بولدىكى سىز ياشىغان ئۆيگە دادىل كىرەلمەيمەن .تاملارغا نىگاھلىرىڭىز چېچىلغاندەك ،ماڭا زار بولغان كۆزلىرىڭىزنىڭ ئىزى شۇنداقلا تۇرغاندەك ،دەرىزىنىڭ كۆزلىرى شېغىنىشلىرىڭىز بولۇپ مېنى سوراق قىلىۋاتقاندەك بولىدۇ .....
سىزنى سۆيگەن تاملارغا يۆلەنگەنچە شام بولۇپ ئېقىۋاتقان يۈرىكىمنى تىڭشايمەن :

كەلسەم ،ئانام :جېنىمغا جان قوشقىلى ،
تۇرسۇن جانىم كېلىپتۇ دەپ يايرايدۇ .
مەن بولسامچۇ ،يۈكلەپ ئاڭا قوش غەمنى ،
نۇققۇل بالام تەشۋىشىدىن سورايتتىم،
جېنىڭىزغا جان بولمىدىم ،ئانام .ئاھ،،،،

دەر ئىدىڭىز ،چوڭلار ئىچرە چوڭۇمسەن ،
تۇرسۇنخان دەپ ئاتاڭ مېنىڭ بالامنى .
سەلتەنىتىم پۈتۈن سىندى چۆل مىسال ،
سولتانلىقىم يېتىملىككە تالاندى .
سىزدىن كېيىن خان بولمىدىم ،ئانام ،ئاھ،،،،

تەۋەرۈكى تولۇق بالام ،بار بالام ،
تۇرسىنايىم دەپ پەپىلەپ تۇتسىڭىز ،
مىڭ بىر كېمىم تېرەمدە چەرخ ئۇرسىمۇ
يۈرىكىمدە
تاغلار بىنا ئەتتىڭىز.
سىزدىن كېيىن باي بولمىدىم ،ئانام .ئاھ،،،

چېھرىڭىزنى نۇردىن قىلدى خۇدايىم ،
تۇرسۇن ئايىم ،ئاي بالامسەن دېدىڭىز .
ئۇل مەرتىۋە قېنى بۈگۈن ئايىمىم ،
نۇر ئۇزاتقۇچ قۇياشىمسىز ئىدىڭىز .
سىزدىن كېيىن ئاي بولمىدىم ،ئانام ،ئاھ....
سىزدىن كېيىن باي بولمىدىم ،بار بولمىدىم ،ئانام ،ئاھ،،،

ئاپتورى : تۇرسۇنئاي سادىقۇۋا(ئۆزبېكىستان )
مەنبە : ئاپتورنىڭ "قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر" دۇردانە توپلىمىدىن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى 00:01:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ يازمامنى باغرى پۈتۈنلەرگە ،ئاتام-ئانامنىڭ ئۆمرى باقىي دەپ يۈرگەنلەرگە ،بۇ بۈيۈك خەزىنىدىن قېنىپ يايرىۋېلىشقا ئالدىرمايۋاتقانلارغا ،دۇنيادا ھەممە نەرسىنى قايتا تېپىشنىڭ مۈمكىنلىكىنى ،پەقەت ئاتا-ئانىنى تېپىشنىڭ قەتئىي ئىلاجى يۇقلۇقىنى ئەسكە ئالمايۋاتقانلارغا بىر مۇراجىتىن بولسۇن دەپ يازدىم .
__________________________________
مۇنۇ جۈملىلەرنى ئوقۇپ مۇشۇ كۈنلەردە، ئانامنىڭ يېنىغا بارماسلىققا  باھانەمنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىدىن سەل نۇمۇس ھېس قىلىپ قالدىم ، ئاللاھ ئاتا-ئانامنىڭ ئۆمىرىنى تېخىمۇ ئۇزۇن قىلغاي، مۇشۇ يورۇق دۇنيادا پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلىشقا پۈرسەت بەرگەي ئىلاھىم!
ئىنسانچىلىقتا بەزىدە بىلىپ- بىلمەيلا بەزى بىر ئىشلاردا سەل قاراپ قالىدىكەنمىز، ئەمما شۇنداق بىر ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بېرىپ قالسىچۇ، ئاھ ئۇرۇپ كېتىدىكەنمىز، بەك ئېسىل يازما ئىكەن، ئۇيقۇم ئېچىلغاندەك بولدۇم، رەھمەت نازىنىن، بۇ ئېسىل كىتاپتىكى ئېسىل دۇردانىلەر ئۈزۈلمىگەي!
شۇ ئەجرىڭىز ئۈچۈن، بۇ تېمىنى نادىرلىۋەتتىم!

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
561

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى 16:10:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازىنىنىڭ بۇ يازمىسىنى ئوقۇۋېتىپ،مەن بۇ ناخشىنى بۇ يەرگە يوللاشنى لايىق كۆردۇم.

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى 17:16:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ھوزۇرلۇنۇپ ئاڭلىۋالدىمغۇ ا ماۋۇ ناخشىنى .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 03:58 , Processed in 0.051230 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش