.
يېقىندىن بېرى تېلېفون، E-mail لاردا (ھازىر QQ نى كۆپ ئىشلەتمەيمەن) مەن بىلەن ئەسرالىشىشنى، پاراڭلىشىشنى ئىستىگەن بىر نەچچە بۇرادەرلەر بىلەن دىدارى-مۇلاقاتتا بولدۇم. بىر ۋاق تاماق يېيىشكەچ، ئۇ يەر-بۇ يەرنىڭ پارىڭىنى قىلىشىپ مۇڭداشقانمۇ بولدۇم. بۈگۈن ئىككى بۇرادەر يەنە شۇ خۇسۇسىدا تېلېفون قىلىپتۇ. بۇرادەرلەرنىڭ مېنى يېقىن كۆرۈپ مۇڭداشماق بولغانلىقىغا خۇرسەن بولدۇم-يۇ، ئويلىنىپ قالدىم. كىشىلەر نېمە سەۋەبتىن مەن بىلەن كۆرۈشمەكچى بولىدۇ؟ مەندىن قانداقمۇ ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك ياخشى پىكىرلەر چىقسۇن؟
قىسمەت داڭلىق شەخسمۇ ؟
بۇ سوئالنى مەندىن سورىسا، ئىككىلەنمەي تۇرۇپ: «ياق، ئۇنداق ئەمەس، ئۇ بىر ئائىلىنى ئاران بېقىپ كېتىۋاتقان كىشى، نەرى داڭلىق بولسۇن؟» دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتىم.
بىراق، 10 نەچچە يىللىق كومپيۇتېر ھاياتى، شىنجاڭدىكى نامى چىقىشقا باشلىغان گۇرۇپپا شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى (xjcfan) گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقىش، بىر نەچچە تور بېكەت ۋە بلوگنىڭ قۇرغۇچىسى، مەسئۇلى بولۇش، كىشىگە تۈزۈك نەپ بەرمەيدىغان نەچچە يۈرۈش كومپيۇتېر ئۆگىتىش يۇمشاق دېتالىنى تۈزۈش، بىر نەچچە قېتىم تېلېۋىزىيە، رادىئولاردا زىيارەت قىلىنىش، ژۇرنال ۋە تور مەتبۇئاتىدا بىر نەچچە پارچە ماقالە (ئەمەلىيەتتە ماقالە دېگۈچىلىكى يوق) ئېلان قىلىش بىلەن، بەزى بۇرادەرلەرنىڭ نەزىرىدە داڭلىق شەخسكە ئايلىنىپ قالغاندەك تۇرىمەن.
ئەمەلىيەتتىچۇ؟ ئەمەلىيەتتىكى قىسمەت ئۇنىڭ ئەكسىچە، بۇرادەرلەر ئويلىمىغان دەرىجىدە ئاددىي ئىنسان.
قىسمەت ئارام ئېلىشنى بىلمەيدۇ.
قىسمەت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن ناھايىتى تەستە ۋاقىت چىقىرىدۇ.
قىسمەت سەل تېرىككەك.
قىسمەت زىيادە ئەستايىدىل بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئىشنى ياخشى، تولۇق قىلىمەن دەپ بەزى ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىقلارغا قالىدۇ.
قىسمەت زىيادە كۆڭۈلچەك بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنى، بولۇپمۇ ئايالىنى ئاسان رەنجىتىدۇ.
قىسمەتنىڭ تۇرمۇش ئىشى ناھايىتى كۆپ ئەگرى-توقايلىقتىن كېيىن، ئاندىن بۈگۈنكى خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن.
قىسمەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بىر مەزگىل سەرسانلىق تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن.
قىسمەتنىڭ تۇرمۇشىدا غەلىبىدىن مەغلۇبىيەت كۆپرەك كۆرۈلگەن.
قىسمەت 10 نەچچە يىللىق كومپيۇتېر خادىمى بولغان بىلەن، رايونىمىزدا كەڭ قوللىنىلىدىغان بىرەر تۈرنى ئىشلەپ چىققان ئەمەس.
قىسمەتنىڭ 2011-يىلى كىرگەندىن بۇيانقى تېلېۋىزىيە، رادىئولاردىكى زىيارەت قىلىنىشى پەقەت تەلىيى ئوڭدىن كەلگەنلىكى، 2011-يىلىنىڭ قىسمەتكە ياراشقانلىقىدىن بولغان.
قىسمەت ئەنە شۇنداق ئىنسان. دېمەكچىكى، قىسمەتكە قىلىنغان ھۆرمەت قىسمەتنىڭ ئەمگىكىدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇ سەۋەب قىسمەت كۆپچىلىككە ئادەمگەرچىلىككە قەرز بولۇپ قالغان.
خۇلاسە، كەمىنە قىسمەت داڭلىق شەخس ئەمەس، شەخسىي غېمىدىن ئېشىنىپ بولالمىغان، ئەلگە ھېچقانداق خىزمەت كۆرسىتەلمىگەن، قىسقىسى ئۇ دەرىجىدىكى ھۆرمەتكە، قارشى ئېلىنىشقا لايىق ئەمەس ئاددىي ئىنسان. ھالبۇكى نىشانىم داڭلىق شەخس بولۇش ئىدى...
مەنبە:
قىسمەت بلوگى