يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: جۇلالىق

قىزلارنىڭ كالتە يوپكىسىغا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پىكىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
7
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى 00:10:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىلقى ئومۇمىي مودا ئېقىمىغا قارايدىغان بولساق، كالتەك كوينەك، ئىشتان، يوپكا دىگەندەك  كىيىملەر بازار ۋە ماگازىنلارنى بېسىپ كېتىپتۇ.
بۈگۈن مەنمۇ ئىككى قازا قىزىنى كۆردۇم، ئۇدۇلۇمدا كېلىۋاتىدۇ، كۆزۈم بىردەم ئۇلارنىڭ يوتىسىدا ، بىردەم كۆزىدە، بىردەم يوتىسىدا ئاندىن كۆزىگە تىكىلىپ قاراپلا تۇرۇۋالدىم، يىنىمدىن ئاران ئوتۇپ كەتتى.
ئۆيگە بارغىچە ئىچىم ئاچچىق بولۇپ، ئۇرۇشىدىغانغا ئادەم تاپالماي كەتتتىم.
بىرسىنىڭ ئىنكاسىدا بۇ دۇنياغا قاقشاشقا كەلمىدۇق دىگەن سۆزىنى كۆرگەندەك قىلغانتىم.
شۇڭا قاقشىماي، سۇنى ئېقىشىغا قويۇپ بېرەيلى، قايسىلىرى قىرغاققا چىقىپ قالىدۇ، يەنە قايسىلىرى بۇ شاۋقۇنلارغا جۇر بولۇپ بىللە ئېقىپ كېتىدۇ . بۇمۇ ھاياتنىڭ پەيزى.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
95 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
143

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى 01:28:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جان-جەھلىم بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن .. ( ئەكىسچە ئىنكاس )
ك
پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كالتە يوپكا كىيگەن ئۇيغۇر قىزلىرىمىزغا لەنەت ئوقۇپ،ئۇلارغا ئۆچمەنلىك كۆزلىرى بىلەن قاراۋاتقان يۇقىردىكى ئىنكاسچىللىرىمىز يەنىلا شۇ ( قىز ، ئايال ، جۇۋان ، ئانا ) لىرىمىزكەنغۇ ..
بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەيلى.يىراقلارغا قاراپ باقىلى،پەرزەنتىڭلار بارمۇ ؟ كىچىك ئەركىلىپ ، ئويناپ يۈرگەن چاغلىرىدا سىلەر ئۇلارغا شۇنداق كالتە يوپكىلارنى كىيگۈزۈپ باقمىدىڭلارمۇ ئويلاپ بېقىڭلار.
كىچىك بالا دىگەن،كىچىك ۋاقتىدا نىم كىيسە بولىدۇ دىگەن گەپلەر بىلەن باسۇرۋىتىمىز دىمەڭلار..
ئۆزۈڭلارمۇ پەقەت كىيىپ باقمىغانمۇ ؟ بۇرۇننىڭ - بۇرۇنسىنى ئويلاپ كۆرۈڭلار ..
ھازىر كىيىۋاتقانلارمۇ ئۇنى كىيىپ كوچىلاردا ساغرىللىرىنى ئوچۇق قويۇپ سىمىزقوچقارنىڭ قۇيرۇق مېيىدەك لىغىرلىتىپ يۈرگىنى يوق.ئەشۇ يوپكىلارنىڭ تىكىلىش پاسونى شۇنداق بولغاچقا ئۆزىنىڭ ياقتۇرىشى بويىچە كىيىپ يۈرگەندۇ.ئۇلارمۇ سىز،بىزگە ئوخشاش ( ئەلھەمدۇلۇللا مۇسۇلمان ) بەندىللىرى.نىمىنىڭ ياخشى،نىمىنىڭ ئەسكى.نىمىنىڭ ھەق-نىمىنىڭ ناھەق.نىمىنىڭ گۈزەل،نىمىنىڭ كۆرۈمسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتەلەيدۇ.كىچىىككىنە بىر ئىش بولشى بىلەن تەڭلام ئاۋۇ-ماۋۇ دەپ ئۆزىمىزنىڭ چاۋىنى چىتقا يايماي ئۆزىمىزدىن باشلايلى.بەلكىم سىلەرنىڭ يېشىڭلار چوڭ بوپ قالدى.ئۇنداق كىيىملەرنى سىلەرنىڭ كىيىدىغان ۋاقتىڭلارمۇ ئۆتۈپ كەتتى.سىلەرنىڭ شۇنداق شاش ۋاقىتلىرىڭلاردا ھازىرقى مەدەنىيەت بولغان بولسا كىيمەي قالارسىلەرمۇ ؟ باللىرىڭلارنى ئوبدان تەربىيلەڭلار..كىشىنى بىرنەرسە دىمەڭلار.بۇرۇن تاغ ئاتلاپ كەلسە ھازىر ئېرىق ئاتلاپلا كېلىدۇ.
قولىمىزدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا بۇ يەردە قۇرۇق تېرىنى تاراقشىتماي ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى.بەك بولالمىساڭلار قىزلىرىمىزنى بۇزىۋەتتى دەپ،شۇنداق كىيىم چىقىرىدىغان زاۋۇتنى،كىرىش مەنبەسىنى بىدچىت قىلىۋىتىڭلار.

ئالدىنقى يىلى خۇنەن تېلىۋىزىيە قانىلىنىڭ مەن ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان پىروگراممىسىدىن بىرى بولغان (天天向上 ) دا..بىزنىڭ داڭلىق ، پەخىرلىك قىزىمىز،ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۈلگىسى بولغان دىلنار ئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ چوڭ قىزى (ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن) نى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۇلارنى نومۇر ئورۇنلاپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى،دىلنار ئابدۇللا ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسۇلىنى ئويناپ بەردى..كەينىدىن قىزى چىققان ۋاقتىدا مەن تېخى خەنزۇ مىللىتىدىن ئوخشايدۇ دەپتىمەن.كىيىۋالغان كىيىمى بىلەن ئوينىغان ئۆزبىكچە ( يارىم - يارىم ) نىڭ ھەركەتلىرى مېنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى.دىلنار ئابدۇللا بولسا يېنىدا تۇرۇپ قىزىنىڭ ئوينىغان ئۇسۇلىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا چاۋاك چېلىپمۇ ئۈلگەرگەن ئىدى.
شۇنچىلىكلا ئىش ، ھەممىسى يەنىلا سىلەرنىڭ تەربىيەدە چوڭ قىلىشىڭلاردا.چوڭ بولغاندىن كىيىم تاللىشى بويىچە كىيىم-كېچەكنى كىيسە ۋارى-ۋارى قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى .. سىلەر كوچىلاردا كۆرگەن قىزلارنىڭمۇ سىلەرگە ئوخشاش ھەدىسى،ئاپىسى بار ...قىزلار دىگەن چەكسىز گۈزەللىككە ئىنتىلگۈچى ھەم ياسانچۇق كېلىدۇ.
ئۇنۇڭ ئۈستىگە توردا يالغان ئىلمى ئاساستا سۆز قىلىپ شەھەرنى ئېلىپ . ئەسلى-ېەسلى پەقەتلا ئۇيغۇن كەلمىگەن كىشىلەرنى جىق كۆرگەن شۇڭا سەل سۆزلەپ قويدۇم .. ئەيىپكە بۇيرۇپ كەتمىگەيسىلەر ...

[ 7YIGIT بۇ يازمىنى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى 03:09  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى 02:19:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7يىگىتنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ بۈگۈنكى ئۆزۈمنى ئويلاپ كۈلۈپ كەتتىم بۈگۈن شۇنداق قىسقاراق كۆينەك كىيىۋالغانىدىم ، قانچىلىك ئادەم تىللاپ كەتكەندۇ مېنى
كىچىكىمدىن مەن تىزىمدىن ئاشقان كۆينەك كىيىپ باقمىدىم ، ...ئاپام كىچىكىمىزدىنلا كىيىملىرىمىزنى ئۆزى لاھىيلەپ ئۆزى تىكىپ بېرەتتى ، ئەزەلدىن ئۇزۇن كۆينەك ياكى يوپكا كىيىپ باقمىغان دىيەرلىك چوڭ بولدۇم دىسەممۇ بولىدۇ ، كېيىن ئۆزۈم كىيىم تاللاپ كىيگەندىمۇ ئۇزۇن يوپكىلارغا قاراپ قويىمەن ئەمما  تاللاپ سېتىۋالىدىغان ۋاقتىم بەك ئاز،(شۇ بوۋام تۈگەپ كەتكەن يىلى قىش ياز دىمەي بىر يىل ئۇزۇن قارا يوپكا ، ئىشتان بىلەن قارىلىق تۇتۇپتىمەن راست ) بۇمۇ يۇقىرىدا 7 يىگىت دىگەندەك تەربىيە مەسىلىسى بولسا كېرەك ، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئاپامنىڭ تەربىيىسى يېتەرلىك بولمىدى دىگەنلىك ئەمەس ، گەرچە بىزنى كىيىم -كېچەك تەربىيىسىدە ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەركىن تەربىيلىگەن بولسىمۇ مەن يەنىلا ياقتۇرىمەن ، پەخىرلىنىمەن .  ھىلھەممۇ يەنە شۇ كۆينەكلىرىمنى تىزىمدىن ئاشۇرۇپ كىيىمەيمەن ، مۇشۇنداق ھەممەيلەن يىرتىپ -يىرتىۋىتىدىغان تېمىنى كۆرگىنىمدە ئىچمىدە : يا ئاللاھ ، مەنلا قالدىممۇ نىمە مۇشۇنداق كۆپچىلىك تىللايدىغان ئىللەتلەرنى ئادەت قىلىپ يۈرىۋاتقان دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن ...ئىشقىلىپ قانداق يۈرۈش تۇرۇش بىلەن بىر ئادەمگە باھا بەرمەيمەن ، بەك چېچىلىپ سۆزلەپمۇ كەتمەيمەن ،< ئۆزۈڭنى بىل،  ئۆزگىنى قوي >مۇشۇ سۆز يېتەرلىك مەنچە

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
27
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى 20:49:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ خوتەندە ئاشۇنداق ئالقاندەك قىسقا يوپكىلارنى كىيۋالغان قىزلارنى ئۇچراتمايمىز . قىزلار شۇنداق چىرايلىق كىينىپ يۈرىدۇ . ئاندا -ساندا قىسمەن ئازغۇنلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا .

Rank: 2

توردا
26 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
1
يازما
49
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:42:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىۋۇ سۈننەت توي،خەتمە تويدا چوكانلارنىڭ قولداش بوپ كىيىۋالىدىغان يېرىم يالىڭاچ كىيىملىرىنى ئۇنتۇپ قالمايلى..........ئىيە-بىيەلىرى  ئىچىق كىيىملەرنى كىيىپ چوڭلارنىڭ ئالدىدىن ھىچنىمە بولمىغاندەك ئۆتۈشلىرىنى كۆرسەم شاپىلاق بىلەن چاڭڭىدە بىرنى بەرگىم كىلىدۇ،مىنىڭ قولۇم قانداق بارىدۇ ئۇلارغا؟ ئۇلار دىگەن خەقنىڭ خوتۇنى تۇرسا،يەنە كەپ ئەلىرى گەپ قىلمىسا ..................
ئوخخو~~~~خوتۇن ئاتاش~~~~~~ھەجەپ سەتەڭلىشىپ كىتىپسەنغۇ دەپ............

ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى
www.makanmusic.com/bbs
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 06:52 , Processed in 0.041211 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش