يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 766 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 545|ئىنكاس: 1

شۈكۈرانە نېمە ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى 20:10:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولۇڭدىن كەتكەن ھەر بىر ياخشى نەرسە ئارماندۇر .دۇنيا دېگەن تىنماي بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت . يىغلايمەن دېسەڭ يىغا كۆپ .ئەمما ئورنۇڭدىن تۇر ،ئەتراپقا باق ،باغرىڭنى تولدۇرۇپ تۇرغان بۇ رەڭگارەڭ دۇنيا ئەتە يەنە يوقلۇققا كېتىدۇ .كۆرۈۋالماق كېرەك ، تويۇۋالماق كېرەك .ئەمدى كېلىدىغان دەقىقىلەرنى ئارزۇلاپ ، سېغىنىشلارغا تولۇپ رۇسلانماق كېرەك .ئىنسانلىق قىسمىتى شۇ –بۇ ياقتىن غىلدىرلاپ چىقىپ ، ئۇ ياقتىن غىلدىرلاپ كىرىپ كېتىسەن ، بىردەم توختاش يوق .شۇغىنا ئۆمۈرگە تۈنەپ كىرىپ ، ھەممىنىڭ كۆزىنى ئېچىشتۇرۇپ كېتىش كېرەكمۇ ياكى باھاردەك كېلىپ ، كۆڭۈللەرگە چېچەكلەر
چېچىپ كېتىش كېرەكمۇ ؟
ئارمانلار ئىچىدە پۈتۈن ياشاش مۈمكىنلىكىنى ئۆزىدە ئاشكارا قىلىپ ،باشقىلارغا ئۈگۈتۈپ كېتىشمۇ ئاياللارنىڭ قىسمىتىدۇر .
ئۆزىدىكى تەڭرى بەرگەن ئىمكانىيەتنى نېمەت بىلگەنلەر شۈكرانىسى بار ئىنسانلاردۇر .شۈكۈر كەلتۈرۈشنى بىلگەن كىشى تەڭرىنىڭ ھەر بىر مۇكاپاتىنى ھەيرەت بىلەن قارشى ئالىدۇ .ھەر بىر قولايلىقنى بايرامدەك قەدىرلەيدۇ .
تۆت مۈچەمنىڭ ساقلىقى ---بەخت. ئوغۇل –قىزلارغا ئىگە بولغۇنۇم –بىقىياس بەخت . مېنى چۈشۈنىدىغان جۈپتىمنىڭ يېنىمدىلىقى، ئوغلۇمنىڭ ئارقىسىدىن كېلىن ،قىزىمنىڭ ئارقىسىدىن كۈيوغۇلنىڭ كىرىپ كېلىشى –جېنىمنى تولدۇرىدىغان بەخت . ئاغزىمنى ئېچىشىمغا چالغۇ كەبى جاراڭلايدىغان تىلىمنىڭ بارلىقى ،ئىسمى ئانا تىلىمدا ئاتىلىدىغان تۇپراققا تاپىنىمنى قويۇپ ياشاۋاتقىنىم –سۈرىتىنى
سىزىش مۈمكىن بولمىغان ھەيرەت . ۋەزنىنى ئۆلچەش مۈمكىن بولمىغان بەختتۇر . ھەيرەتنىڭ ئاچقۇچى شۈكۈرانىدۇر .
بۇرادەر ،سەن تەڭرىدىن ئەتىدىن كەچكىچە نىمىلەرنىدۇر سورايسەن ،يەنە بۇ ئىلتىجالىرىڭ يىل، ئاي ،كۈن داۋاملىشىدۇ .بۇ تىنىمسىز سوراشلىرىڭدىن بىرەر قېتىممۇ ئەندىشە قىلمايسەن .ياراتقانغا رەھمەت ئېيتىپ قويايمۇ دېمەيسەن ،شۈكۈرانە كەلتۈرمەيسەن .
ئاخىرى تەڭرى ئۆز نىممەتلىرىنى بېشىڭدىن قۇيۇپ ،ئەتراپىڭنى تولدۇرۇپ تاشلاپتۇغۇ !
ئىنساننى بۈيۈك زات دەيدۇ .مەن گاھىدا شەك كەلتۈرۈپ، تىرىك مەۋجۇدات ئىچىدە ئىنسان ئەڭ ناتىۋان ۋە مەجرۇھ دېگۈم كېلىدۇ .
بىرىنچىدىن ناتىۋانلىقى شۇكى ،ئۇ ئۆزىدە نېمە نىممەت بارلىقىنى بىلمەي ،دۇنياغا شىر بولۇپ كېلىپ ،تاشپاقىدەك سۆرۈلۈپ ئۆتىدۇ !
ئىككىنچىسى ،بىر نەرسە يوقاتقاندىن كېيىنلا ئۇنىڭ قەدرىگە يېتىدۇ .مەسىلەن : ئىنسان زاتىنىڭ توقسەن پىرسەنتى ئاتا-ئانىسىنىڭ قازاسىدىن كېيىن ئاندىن مېھرى ئىزھار قىلىدۇ .«ئەگەر تىرىلسىڭىز،مانا بۇ تەختتە ئولتۇرغۇزاتتىم ،مانا بۇ بەختنى تۇتقۇزار ئىدىم»دەپ مازارلاردا بوزلاپ يۈرۇيدۇ .
ئۈچىنچىدىن ، دۇنيادا بۈركۈت بۈركۈتنى ،كەپتەر كەپتەرنى ،قوي قوينى يېگەن ئەمەس ،پەقەت ئىنسانلا بىر-بىرىنى يەپ ،قوغلاپ ،كۆيدۈرۈپ يوق قىلىدۇ ! ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تەڭرى ئىنساننىڭ كۆرگۈلىكىنى كۆپ قىلىپ ياراتقاندۇر ،بەلكىم .
ئەتراپىمىزدىكى نىممەتلەرنى تونۇمىغىنىمىز ،شۈكۈرانە ئېيتىشنى بىلمىگىنىمىز يولىمىزنى پۈتۈنلەي توسۇپ بېرىۋېرىدۇ .ھەر بىرىمىزدە كۈندە ئون قېتىم بايرام قىلىشقا ياراشقۇدەك ئەۋزەللىكلەر بار – پۇتىڭىزنىڭ ئاغرىۋاتقىنىنى ياكى قۇلىقىڭىزنىڭ ئاڭلىمايۋاتقىنىنى ئېيتىپ يىغلاۋېرىسىز. ئېيتىڭچۇ ،كۆزىڭىز كۆرۈۋاتىدۇ ،گېلىڭىزدىن تائام ئۆتۈۋاتىدۇ ،ھەزىم قىلىشىڭىز ياخشى ،يۈرىكىڭىز ساق ،شۇنىڭ شۈكرانىسى قېنى ؟ بىر مىيىپ بالىڭىز بار ،غەمگە پېتىۋېرىسىز ،تەڭرىدىن ئۆرتىنىپ ؛تىلىنىۋېرىسىز .قالغان ئۈچ بالىڭىز لاچىندەك ئۇچۇپ يۈرۈپتۇغۇ ،ئۇنىڭ رەھمىتى ،شۈكرانىسى قېنى ؟ ئاخىر ئۇلارمۇ مېيىپ بولغان بولسا قانداق قىلغان بولاتتىڭىز؟!
ئۆيۈمنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتمەيۋاتىدۇ ،ئۆي ئالالمايۋاتىمەن دەپ جىلە بولۇپ كېتىسىز .بالام ئوقۇشقا كىرەلمىدى دەپ تولغىنىسىز .مەنسەپتىن ئايرىلىپ چۈشتۈم دەپ سارغىيىسىز .نېمىشقا پۇلۇم كۆپەيمەيدۇ دەپ كىچىكلىشىپ بارىسىز .توختاڭ ، بۇرادەر ، يېنىڭىزدىن لەپىلدەپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان تاۋۇتقا قاراڭ !ئايىغىڭىزنىڭ تېگىدىن شامال ئۆتۈپ تۇرۇپتۇ ،ئىنشائاللا ،ئۆيىڭىزمۇ بار بولىدۇ !ئوقۇشقا كىرەلمىسە شۇمۇ پاجىئەمۇ ؟ بالىڭىزنىڭ بېشى تاشتىن بولسۇن !ئاتا-ئانىلىقنىڭ شىرىن تەشۋىشلىرى بۇ ! بۇنىڭغا يەتكەنلەرمۇ بار ،يەتمىگەنلەرمۇ بار ،ۋاھاكازا .....
مۇئامىلىسى قوپالراق ياكى خەسىسراق بولسىمۇ ،بالىرىڭىزنىڭ ئىشىكتىن كىرىپ كېلىدىغان ئاتىسىنىڭ بارلىقىغا شۈكۈر .ئۇنىڭ جاپاسى ئەسەبىلىرىڭىزنى تارىدەك چېلىپ تۇرسىمۇ ، قازاننىڭ تېگىگە ئوت يېقىپ ،بالىلىرىڭىزنى قانىتى ئاستىدا ئىسسىتىپ تۇرىدىغان ئايالىڭىزنىڭ ئامانلىقىغا شۈكۈر .
ئىشىكىڭىزنى تاقىلدىتىپ ،سىزنى سېغىنىپ كېلىدىغان ئادەملىرىڭىزنىڭ بارلىقى ،ئاتا-ئانا بولۇش نىسىپ ئېتىلگەنلىكى ،كېلىنلىك ،كۈيوغۇللۇق بولۇپ ئۆينىڭ تۆرىگە ئۆتكۈنىڭىز ، بالا-چاقا ئۈچۈن كوچىغا چىقىپ ،نان-چاي تېپىپ كېلىشكە ياراقلىق بولغىنىڭىز –سىزنىڭ بايۋەتچىلىكىڭىز ،تەلىيىڭىز بارلىقىدۇر .
شۈكۈر ،شۈكۈر ،يەنە شۈكۈر ئېيتىش كېرەك .

بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى : تۇرسۇنئاي سادىقۇۋا(ئۆزبېكىستان )
مەنبە : ئاپتورنىڭ "قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر" دۇردانە توپلىمىدىن .

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى 11:41:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنئاي سادىقۇۋانىڭ مۇشۇ قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر نامىلىق ئەسىرىدىكى ھەر- بىرجۈملە سۆز ئادەمنى ئويغا سالىدۇ!
ئىنسان ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېيتىش، ئېرىشكەن ۋە ئېرىشۋاتقانلىرىغا شۈكرى ئېيتىپ تۇرۇش كېرەك!
نازىنىننىڭ بۇ يازمىسىنى ئوقۇپ كاللامغا چاقماق تېزلىكىدە بىر ئوي كەلدى، بۇرۇنمىغۇ ئۆي ئالالمىدىم دەپ ۋايسىمايتىم، ئەمدى ھازىرقى مۇشۇ ئۆيۈمگە، بەختلىك تۇرمۇشۇمغا تېخىمۇ شۈكرىلەر ئېيتسام بولىدىكەن، ئېيتىلغىنىدەك بۈگۈن كۆرگەنلەر ئەتە يوق، ھېلى كۆرگەنلەر ھېلى يوق، شۇڭا ھاياتلىقىمزىنىڭ قەدىرلەيلى!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 16:51 , Processed in 0.066865 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش