ئاچچىق سوئاللار
1 . ئەرلەر ھاراق ئىچسە بوپتۇ دىدۇق، ئەمما ئايالىنى ۋە بويىغا يەتكەن قىزىنى ھاراق ئىچىشكە زورلىغان بەزىبىر ئەرلەرنى نىمە دەيمىز؟!
2 . باشقىلارنىڭ قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغانلارنى ( ھايۋان ) دەپ تىللىدۇق. لېكىن ئۆزىنىڭ قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغانلارنى نىمە دەپ تىللايمىز؟!
3 . بۇرۇن يازغۇچى - شائىرلار ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ چاچلىرىنى: ( مەجنۇنتالدەك سۇمبۇل چاچلىرىڭ )، ( قۇندۇز كەبىي قارا چاچلىرىڭ ) دەپ تەسۋىرلەيتتى.
ئەمدىلىكتە ( قىزىل، سېرىق، قۇڭۇر چاچلىرىڭ )، ( چىڭگىلىكتەك غىجماش چاچلىرىڭ ) دەپ تەسۋىرلەرمۇ؟
4 . بۇرۇنلاردا ئىككى ئادەم ئۇرۇشماقچى بولسا ئادەم يوق خالىي يەرگە بېرىپ، يېنىدىكى پىچاقلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن كىيىن ئۇرۇشاتتى.
ھازىر بولسا ئادەم كۆپ يەردە ئۇرۇشىدىغان، ئىككى - ئۈچ مۇشت ئېتىشا - ئېتىشمايلا بىر - بىرىگە پىچاق تىقىشىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ھازىرقى ئەرلەردىكى نامەردلىكمۇ ياكى تەرەققىياتمۇ؟
5 . بەزى يىگىتلەر قىزلارغا تەلەپ قويۇپ، تەلىپى رەت قىلىنسا ( ياخشى كۆرۈش گۇناھ ئەمەس ) دەيدىكەن، ئەجىبا ئۇلار ياخشى كۆرۈشنىڭ گۇناھ ئەمەسلىكىنى بىلگەن يەردە، ياخشى كۆرمەسلىكنىڭمۇ گۇناھ ئەمەسلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ؟
6 . بۇرۇن ئىككى ئادەم ئۇرۇشۇپ قالسا شۇ يۇرتنىڭ مويىسىپىت - چوڭلىرى ئۇلارنى بىر يەرگە ئەكىلىپ، بىر پىيالە چاينى ئىككەيلەنگە تەڭ ئىچكۈزۈپ، ئىككى - ئۈچ ئېغىز ياخشى گەپ بىلەن ياراشتۇرۇپ قوياتتى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلارنى خۇددى بىر تۇققاندەك يىقىن ئۆتۈۋاتقان ھالەتتە كۆرەتتۇق.
ھازىر بولسا كىشىلەر كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈنمۇ بىر - بىرىنى سەت تىللار بىلەن تىللايدىغان، ئۇرۇشىدىغان ھەتتا زىيان تارتقىنى قارشى تەرەپنى سوت مەيدانىغىچە سۆرەپ ئاپىرىدىغان بولۇپ قالدى.
بۇ ھازىرقى ئادەملەردىكى ئەنئەنە ئېڭىنىڭ يوقالغانلىقىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىمۇ؟
7 . مەن كونىلارنىڭ: ( شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىماس ) دىگەن يەكۈنىدىن ئازراق گۇمانلىنىمەن.
چۈنكى، بەزىبىر نامەرد، چىدىماس، ھەسەتخور ئادەملەر جىم تۇرغان دەرەخنىمۇ قەستەن مىدىرلىتىپ ئۇلارغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بىرىدىكەن ئەمەسمۇ؟!
قۇمۇل ئەدەبىياتى ژۇرنىلى