گۇل ئىدۇق بىز بىر دەستىگە تىزىلغان،
ھەر تەرەپكە خۇش پۇراقلار چاچاتتۇق.
مارجان ئىدۇق بىرلا يىپقا باغلانغان،
ئىناقلىقتىن بىر تۇغقاندەك ئۇتەتتۇق.
كۇلۇشەتتۇق بىزگە بەخىت كەلگەندە،
شادلىق ئىچرە ھەممىمىز تەڭ كۇلەتتۇق.
كەلسە ھەسرەت ئارىمىزدا بىرىگە،
بىز بىرلىكتە تەڭ تاقابىل تۇراتتۇق.
مەكتەپ دىگەن بىلىم بېغى ھەم كانى،
ئۇگىنەتتۇق ئۇندىن بىلىم ئالاتتۇق.
ئىتتىپاقلىق ئۆملۇك مەدەت كۈچىدىن،
بىز بىرلىكتە كۆكتە پەرۋاز قىلاتتۇق.
كۆزلەردە ياش ،دىلدا ھەسرەت ئايرىلدۇق،
يڭللار ئۆتتى بىر بىرىنى قوغلىشىپ.
كۇرۇشەرمىز بىزمۇ ھامان بىر كۇنى.
ئۆز ئارا بىز ئېسىلىشىپ يىغلىشىپ.
ئاتۇش شەھەرلىك 6- ئوتتۇرا ماكتەپ، 2002-2005يىللىق 1-سىنىپ ئۇقۇغۇچىللىرىغا بېغىشلايمەن .(تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە بىرگە ئۇقۇغان ساۋاقداشلىرىم)