يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 432 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1252|ئىنكاس: 11

سىزمۇ يېزىپ بېقىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 11:52:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونا لىنيىدىكى تورداشلار بۇ يەردە خېلى باردەك قىلىدۇ، شۇلارنىڭ ئېسىدە بار بولۇشى مۆمكىن، شۇ مۇنبەردە موللام دەپ بىر ئاكىمىز بولىدىغان، ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ۋە ھاياتىمغا تەسىر قىلغان تېما دېسەممۇ بولىدۇ، بىر تېمىسى بولىدىغان<<مېنىڭ 100 ئارزۇيۇم>> دەپ، ئاندىن كەينىگە ئىنكاس سۈپىتىدە<<ئەمەلگە ئاشقانلىرى>> ۋە <<ئەمەلگە ئاشمىغانلىرى>> دەپ شۇ يۈز ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىرى ۋە ئاشمىغانلىرىنى ئايرىپ يازغان، بۈگۈن مەنمۇ ناخشا- مۇزىكىغا غەرىق بولۇپ ئولتۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ بۇرۇن نىمىلەرنى ئويلىغانلىرىمنى، نىمىلەرنى ئارزۇ قىلغانلىرىمنى، شۇ ئويلىغانلىرىمنىڭ قايسىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىرىمنى ۋە قايسىلىرىنى ئويلىغان يېرىمگە تاشلاپ قويغانلىرىمنى  ئەسلەپ قالدىم ۋە دەرھاللا كۇنۇپكا تاختىسىغا قول ئۇزاتتىم، قېنى ئەمسە مېنىڭ ئارزۇيۇمغا ئۇنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىرى ۋە ئاشمىغانلىرى توغۇرلۇق ئورتاقلاشقاچ ئۆزۈڭلارنىڭكىنى يېزىپ باقامدىكىن دېگەن ئۈمىدتتە بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن، ئەمسە ئاۋال دىقىتىڭلار مېنىڭ بايانىمدا بولسۇن!
1-بوينۇمغا قىزىل گالىستۇك تاقاپ مەكتەپكە ماڭسام.
2-سىنىپ باشلىقى بولۇپ، كىچىك ئوقۇتقۇچى بولسام.
3-ئۆيدە كىچىك بىر كىتاپ ئىشكابىم بولسا.
4-ئايرىم ياتاق ئۆيۈم بولسا، ئۆيۈمگە ھېچكىم كىرمىسە ئۆزۈم خالىغان ئويۇنچۇق ۋە كىتاپلار بىلەن توشتۇرۋەتسەم.
5-تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئۆتسەم.
6- تولۇق ئوتتۇرىغىمۇ ھەم شۇنداق.
7- ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇسام.
8- ئايرۇپىلان، پويۇزلاردا ئولتۇرۇپ باقسام.
9-ئۆز ئالدىمغا خىزمەت قىلىدىغان ئىشخانام بولسا.
10- كىنۇلاردىكىدەك قولدا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ پاراڭلىشىدىغان سىمسىز تېلىفۇن بولسا.
11- شەخسى ماشىنام بولسا.
12-دۇتتار چېلىشنى ئۆگىنىۋالسام.
13- داڭلىق سەنئەتكارلارنى يېقىندىن بىر كۆرۈپ باقسام.
14-ئاتا-ئانام بىر ئۆمۈر ساق-سالامەت تۇرسا.
15- ئۆزۈم سۆيگەن كەسىپتە خىزمەت قىلسام.
16- كەسپىمدە  نەتىجە قازانسام.
17- چىراي تۇرىقى بەكلا كېلىشكەن بولمىسىمۇ، ئەمما ۋاپادار، كۆيۈمچان بىر ئوغۇل دوستۇم بولسا.
18- شۇ ئوغۇل دوستۇم بىلەن توي قىلسام.
19- ئۆزىمىزنىڭ ئايرىم ئۆيىمىز بولسا.
20- ئوماق بىر قىز ۋە بىر ئوغلىمىز بولسا.
21-يولدۇشۇمنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلسام.
22- قىينىئانا ۋە قىيىنئاتىلىرىمنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلسام.
23-پەرزەنتلىرىمنى ياخشى تەربىيلەپ قاتارغا قاتسام.
24- يېتىشسەم قولۇمدىن كېلىشىچە ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلسام.
25-ئاتا- ئانامغا بىر ئۆي ئېلىپ بەرسەم.
26-
27-
.................................................... بۇلار مېنىڭ ھازىرغىچە كۆڭلۈمگە پۈككەن ئارزۇ- ئارمانلىرىم ئىكەن، نىمانچە ئازدۇر، دىمەك مېنىڭ نىشانىم بەكلا ئاددى بولغاچ بۈگۈنگە قەدەر يا خىزمەتتە، يا ئائىلىدە بىرەر قايىل بولغۇدەك نەتىجە يارىتالماپتىمەن.

ئەمەلگە ئاشقانلىرى:
1-بىرىنچى يىللىققا كىرىپلا پىئۇنىرلىققا ئۆتكەن ئىدىم.
2- تاكى تولۇقسىزنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغىچە سىنىپ باشلىقى بولغان.
3-تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆزۈم رازى بولغىدەك نەتىجە بىلەن ئۆتكەن.
4-سىمسىز تېلىفۇن ھازىر بىر ئائىلىدە تۆتى بار.
5- ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنگە سەنئەتكارلارنى بىر ئەمەس بىر نەچچە قېتىم يېقىندىن كۆرۈپتىمەن.
6-ئاتا-ئانام خۇدايىم بۇيرىسا يېنىمدا ھازىر.
7-ئوغۇل دوستۇممۇ بار بولدى.
8- شۇ ئوغۇل دوستۇم بىلەن تويمۇ قىلدىم.
9-ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بىر تال ئوماق قىزىمىز بار بولدى.
10- مەنچە يولدۇشۇمنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلدىم دەپ ئويلايمەن.
11- بالىلىرىمنى قولۇمدىن كېلىشىچە، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تەربىيلەۋاتىمەن، قالغانلىرىنى ئاللاھ ئۆزى بىر نىمە دەر.

ئەمەلگە ئاشمىغانلىرى.
1- ئايرىم كىتاپ ئىشكابىم تا ھازىرغا قەدەر يوق، بەلكىم مەن بۇ ئىشنى ئارزۇ قىلىپ، ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا سەل قارىغان ئوخشايمەن.
2- ئۇ چاغلاردا شارائىت يار بەرمىگەچ مېنىڭ ئۇنداق ئايرىم ياتاق ئۆيۈم يوق ئىدى، ئەپسۇس قىزلىرىمغىمۇ ئايرىم ياتاق ئۆيىنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلىپ بېرەلمىدىم، ئاللاھ خالىسا پات ئارىدا چوقۇم قىىلىپ بېرىمەن.
3-ئاتا-ئانام ۋە تۇغقانلارنىڭ زورى بىلەن تولۇق ئوتتۇرىنى ئوقۇمايلا، تولۇقسىزدا ئوتتۇرا تېخنىكۇمغا ئىمتىھان بەرگەن.
4- ئوتتۇرا تېخنىكۇملار ئىچىدە مەن ئارزۇ قىلغان مەكتەپلەر يوق ئىدى.
5-نىسىپ بولمىدى ئەمەس، ئۆزۈم سەل قورققاچقا ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇشتىن قورقتۇم، ئەمما پويۇزدا ئولتۇرۇشقا نىسىپ بولمىدى.
6-ھازىرقى كەسپىم ئونۋېرسال ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان كەسىپ بولغاچ، ئايرىم ئىشخانىدا ئىشلەش ماڭا مەڭگۈ نىسىپ بولمايدىغان ئوخشايدۇ.
7-شەخسى ماشىنام بولۇش دېگەن بۇ ئارزۇيۇمنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يېرىگە كۆمىۋەتتىم.
8-بۇ ساز چېلىشمۇ بىر ھۆنەر ئىكەن، خېلى تىرىشىپ باققان بولساممۇ ئۆگىنەلمىدىم.
9-ھازىرقى بۇ خىزمەت ئورنۇمدا، پەقەت ئاتا-ئانامنىڭ مېنى جاپا تارتىپ ئوقۇتقانلىقىغا جاۋاپ قايتۇرۇش ۋە ھازىرقى خىزمەت تېپىش تەس بولغان جەمىيەتتە بىر كىشلىك خىزمەت ئورنۇمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا ئىشلەۋاتىمەن.
10-ئۆزۈم ياخشى كۆرمىگەن بۇ كەسىپتە <<نەتىجە قازىنىش>> دېگەن بۇ سۆزنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.
11-ئاللاھ ماڭا قىينىئانامنىڭ ۋە قىينىئاتامنىڭ خىزمىتىنى قىلىش پۈرسىتىنى بەرمەپتىكەن.
12-ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنىدەك قىلالمىدىم. قىلغانلىرىمنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق.
13- ئۆزۈمگە بىر يۈرۈش ئۆي ئېلۋېلىپ ئاندىن ئويلىشاي.
قېنى  دوستۇم سىزنىڭ قانداق ئارزۇ- ئارمانلىرىڭىز بولغان؟؟؟؟؟؟


Rank: 1

توردا
15 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:17:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن باشلاي
1.يەسلىگە كىرگەندە بىر ئېغىزمۇخەنزۇچە  گەپ چۈشەنمەيتىم ،ئەتراپىمدىكىلەرگە قاراپ مۇشۇلار بىلەن پاراڭلاشسام .
1-يىللىقتىلا ھەدە-ئاكىلىرىمغا ئوخشاش قىزىل گالىستۇك تاقىسام  
2.رەسسام بولسام ، بىكار تۇرماي رەسىم سىزسام
3.چېچىمنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ باقسام
4.نۇرغۇن بابىي قونچاقلىرىم بولسا ، ھەرخىل كىيىم تىكىپ بەرسەم
5.ئۇدۇل خوشنىمىزنىڭ ۋاقىراپ يىغلايدىغان ئوغلىنى كۆزۈم كۆرمىسە
6.چوڭ ئۆيلەرگە كۆچسەك ، يالغۇز ئۆيۈم بولسا
7.ئۆيۈم مەكتەپتىن تولىمۇ يىراق بولسا ، مەنمۇ باشقا بالىلاردەك چۈشلۈك تامىقىمنى مەكتەپكە ئېلىپ كېلىپ يىسەم
8.ئۇنىڭ بىلەن ھەر ۋاقىت بىللە بولسام
9كۆڭلۈمدىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتسەم ، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇسام
10.ئۆز ئالدىمغا بىر ئىش قىلىپ باقسام
11.بىر ئۆمۈر توي قىلماي مۇھەببەتلىشىپ ئۆتسەم
120.******بۇ غايىنى دىگىلى بولمايدا بۇ يەردە
نۇرغۇن ئارمان خىياللىرىم بارتى ، ئېسىمگە ئالالمايمەن دىسە ، ئېسىمدە قالغىنى مۇشۇنچىلىك ئوخشايدۇ
يەسلىدە بىر ئايدىن كېيىن قالتىس سۆزلەيدىغان بوپ كەتتىم .
رەسسام بولالمىدىم
چېچىمنى خۇماردىن چىققۇچە ئۆستۈرىۋالدىم دىمىگەن بىلەن
باربىي قونچاقلىرىم خېلىلا يىغىلىپ قالدى ، ھازىرغىچە يىغىۋاتىمەن
خۇداغا شۈكرى ، تولۇقسىىزغا چىققاندا خوشنىمىزكۆچۈپ كەتتى
ئۆي كۆچىدىغان ئارمانلارمۇ ئەمەلگە ئاشتى ، يالغۇز تۇرۇشتىن جاق تويدۇم
ئاپام بىر قېتىم تاماق ئېتىپ سومكامغا سېلىپ قويۇپ ، مۇرادىمغا يەتكۈزۈپ قويدى
ئۇ سەل ئۈژمە كۆڭۈل چىقىپ قالدى ...ھى ھى ھى
ئۆزۈم تاللىغان مەكتەپكە ئۆتتۈم ، كۆڭلۈمدىكىدەك ئوقۇۋالدىم ، ئەمما ئىسىت ۋاقتىم
................كەينىدىكىلىرىنى ئېسىمگە سالماي ، بولمىسا بەك يىغلاپ كېتىپ مۇنبەردە دېڭىز تاشقىنى بولۇپ كەتمىسۇن

Rank: 2

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
118
يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 19:18:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولدى باشقىلىرنى دىمەي مۇھىملىرنى دەي
1.بالدۇرراق مەكتەپكە كىرىپ ئاچا-ئاكىلىرىمدەك سومكامنى ئېسىپ مەكتەپكە بارسام.
2.مەكتەپتە ئەلا ئوقاپ ئۆيدىكىلەرنىڭ يۇزىنى يورۇق قىلسام.
3.چوڭ بولغاندا ئاتا-ئانام ۋە  ئاچا-ئاكىلىرىم بىلەن مەڭگۇ بىللە ئوتسەم.
4.ئۆزۇم ئارزۇ قىلغان مەكتەپتە ،ئۆيدىن يىراق يەردە ئوقۇپ مۇستەقىل ياشاپ باقسام.
5.جەمىيەتتە ياخشى بىر خىزمەت ئورنۇم بولسا.
6.ماڭا كۆيۇنىدىغان ئوغۇل دوستۇم بولسا.
7.ئوغۇل دوستۇم بىلەن بەخىتلىك بىر ئائىلە قۇرۇپ بەخىتلىك ياشىسام.
8.قېينانام ۋە قېيناتام بىلەن ئۆز ئاتا-ئانامدەك ئۆتسەم.
9.پەرزەنتلىرىمنى ياراملىق ۋاپادار قىلىپ تەربىلىسەم.
10..........
ئەمەلگە ئاشقان ۋە ئاشمىغانلىرى:
1.مەكتەپ يىشىمدىن بۇرۇن مەكتەپكە كىردىم لىكىن كىچىك بولغاچقىمۇ ياكى دۆتلۇكمۇ مەكتەپكە كىرىپ تۇنجى كۇنى ئاپام ئەپ بەرگەن يېڭى سومكامنى يۇتتۇرۋەتتىم.
2.مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ ئاتا-ئانامنىڭ يۇزىنى يورۇق قىلدىم.
3.بۇ ئارزۇيۇم مەن تولۇق 1-يىللىققا چىققاندا بەربات بولدى.مىھرىبان،كۆيۇمچان دادام بىزنى تاشلاپ كىتىپ قالدى.
ئاللا خالىسا ئاپامنىڭ ئومرىنى بەرسە ئاپامغا بولسىمۇ ۋاپادارلىق كۆرسىتىمەن.
4.مەن ئوزۇم ئارزۇ قىلغاندەك يىراق يەردە ئوقىيالمىدىم،بىراق ئاپامنىڭ يىنىدا ئوزۇم ئارزۇ قىلغان كەسىپتە ئوقۇدۇم.
5.ھازىر قاتتىق تېرشىۋاتىمەن ياخشى خىزمەت تپىش ئۇچۇن.
6.ياخشى ئوغۇل دوستۇممۇ بار بولدى (بەزىدە مىنى خاپا قىلىپ قويغىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ).
7.نۆۋەتتىكى ئارزۇلىرىم تىخى ئەمەلگە ئاشمىدى،لىكىن شۇنىڭ ئۇغىۇن تېرشىمەن.

Rank: 4

توردا
155 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
1
يازما
571
يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 21:17:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دەيمۇ دىمەيمۇ دىمەيمۇ دەيمۇ  بوپتۇلا  دەپلاۋىتەي  ئېسىمدە بارلىرىنى

0 .  دادام - ئانامنىڭ تېنى ساق سالامەت بولسا  ئۆمۈر بەرسە بىر ھەجگە ماڭدۇرساق تويلىرىمىزنى كۆرسە

1 . باشلانغۇچ مەكتەپ 1- سىنىپتىغۇ دەيمەن تەنتەربىيە دەرسىدىن ئىمتىھان ئالىمەن دەپ بىر مالىم كىچىك ھىلىقى ھازىرقى بىر يۈەنلىك 2 يۈەنلىك توپ بارغۇ شۇنىڭدا توپنى قولىمىزدا يەرگە ئۇرۇپ ئۆرلىتىپ شۇنداق ئىمتىھان ئالغان  شۇ چاغدا مەن 5 نىمۇ قىلالمىغان نەۋرە ئاكامنىڭ سىنىپ مەسئۇلىكەن قايتا بىر قىلسۇن دەپ ئۇ ئاكام مۇئەللىمگە دېگەن ھە دەپ يەنە قىلسام يەنە شۇ شۇنداق  سەت قارىۋەتكەن ئاۋۇ مۇئەللىم ماڭا  ۋاقىراپ  ھازىرغىچە سەت كۆرۈنىدۇ كۆزەمگە جادى ..  

شۇ تەسىر قىلغانمۇ قانداق ئىشقىلىپ دەھشەت بىر ۋاسكىتبول ئويناشقا ئامراق بولۇپ كەتكەن كېىين  مۇشۇ مۇئەللىمنىڭ مۇشۇ قىلقىغا بىر قىتىمدىلا  100 نى قىلۋىتىغان بولمىسام كېيىن دېگەن ئارزۇ شەكىللەنگەن شۇ سائەت .

2 . بىر ئات مىنىپ باقسام دەپ قاراپ كىتەتتىم  مەن تۇغۇلغان ئۆيىمىزنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئانامنىڭ ئاكىسنىڭ ئىتىغا  يولدىن ئۆتكەن ئات ھارۋىللىرى ۋە مىنىپ كىتىۋاتقانلارغا  ھەي قېنى شۇ ئاتلار يولدا بىرىمۇ يوق ھازىر

3 .   ئاچا - ئاكىللىرىم ئوقۇغان تۇلۇقسىز مەكتەپتە ئوقۇمايمەن  ئاۋۇ مەكتەپتە ئوقۇيمەندەپ دەھشەت جاھىللىق قىلدىم تولۇقسىزغا چىققان يىلى دادامغا

4 . تۇلۇقسىز 1- يىللىقتا   كومپىيۇتىر دەرسىدە ھەممىسنىڭ ئالدىدا ماڭسام دەيتىم

5  . بالدۇرراق دەرسىتىن چۈشسەك بىرىپ ۋاسكىتبول ئويناپ ئاندىن ئۆيگە قايىتسام

6 . تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇۋاتقان چىغىمدا  پەيزى بىر ۋىلىسىپىتىم بولسا

7. تەنتەربىيە دەرسى كۆپرەك ئۆتۈلسە  مۇشۇ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچۇم بىلەن بىر ھىلىقى تىياۋچىنى نىمدەيدۇ ئۇيغۇرچە شۇنىڭدا بىر ئويناپ ئۇتىۋالمىسام

8 . ۋاسكىتبولدىن ئىمتىھان بىرىپ تەنتەربىيە كەسپىدە ئوقۇمايدىغان بولسام

9 . ياخشى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇسام ئاچىللىرىم مەخسۇس كۇرۇس ئۇقىدى مەن بولساممۇ تولۇق كۇرۇس ئۇقۇسام

10 . كومپىيۇتىر ياكى قانۇن كەسپىدە ئوقۇسام

11 . شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىپ كىنىشكە ئېلىۋالسام

12 - ئوقۇتقۇچىلىق كىنىشكىسى ئىلىۋالسام

12. ياخشىراق بىر خىزمەت تاپسام

13 . جىق جىق پۇل تاپسام

14 - ماشىنام بولسا

15 - بىر ئۆزۈمگىلا تەئەللۇق شەخسىي كومپىيۇتىرىمدىن بىرى بولسا

16 - دەھشەت كۆپ كىتابلىرىم بولسا  دادامغا بىر كىتاب جازىسىنى ئۆز قولى بىلەن ياسىتىۋالسام

17 .  تولۇق ئوتتۇردىكى ساۋاقداش دوستلىرىمنى تىپىۋالسام

18 . ئۆزۈم يالغۇز بىر ئۆيدە ياشاپ باقسام دەپ قالاتتىم بەزىدە

19 -  جىق ئىشلارنى بىلسەم جىق ئىشلارنى ئۆگەنسەم

20 - داۋاملىق ئوقۇسام

ئەمەلگە ئاشقانلىرى

1 - ۋاسكىتبولنى 100 ئەمەس  توختاتماي 500 قويۇپ بەرسە مىڭنىمۇ دەيلى قىلالايدىغان بولدۇم

3 . دادام مېنىڭ ئارزۇيۇمغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ بىرنىمىلەرنى قىلىپ مەن دېگەن مەكتەپكە ئاپىرىپ قويدى

4 . تۇلۇقسىزغا چىققان 1 - يىلى 3- ئاچام بىلەن دادام  ئىككىسى يىنىدىن پۇل چىقىرىپ بىر كومپىيۇتىر ئىلىپ بەرگەن

ھىچكىم ئۆتەلمىگەن MS-DOS تىن ئېلىنغان ئىمتىھاندىن مەن ئۆتكەنتىم بەك يۇقىرى ئالمىغان بولساممۇ ھى ھى  ھازىرغۇ ھىچنىمە بىلمەيمە ئۇنىڭدىن

5 . تۇلۇقسىز تولۇق ئوتتۇر  چۈشتىن كېىينلىك دەرسلەردىن چۈشكەن ھامان  سىنىپتىن چىقىپ ۋېلىسپىتىمنى مېنىپ ئۆيگە يىقىن بىر ۋاسكىتبول مەيدانىغا كىلىپ بىرە ئىككى سائەت قىلىدىغان ئىشىم ۋاسكىتبول ئويناش بولدى .

6 - ئاكام مەندىن بىرسىنىپ يۇقىرى ئوقۇيتتى ئۇنىڭغا ۋېلىسىپت ئېلىپ بىرىمەن دېگەندە ماڭىغمۇ دەپ بىللە بارسام ئەگىشىپ ئېلىپ بەرگەن دادام ئاكامنىڭكى بىلەن بىرجۈپ قىلىپ ماڭا سەل كىچىكرەك ئاق رەڭلىك ئاكامغا پاقىراپ تۇرىدىغان قارا رەڭلىك

مەكتەپكە بارساملا  ۋاي بولدى نەچچە ساۋاقدىشىم ئۆيى مەكتەپكە يىقىن  ۋاقىت توشقۇچە بىردەم مىنىپ باقاي دەپ كۈندە ئېسىلۋالاتتى . ئالىي مەكتەپكە كەتكەن يىلى ئاكام ئۆزىنىڭكىنى ئوغۇرغا بىرىپ يەنە بىرنى ئېلىپ ئۇنىمۇ ئوغۇرغا بىرىپ  ئىككىنچى يىلى  كەلسەم مېنىڭكىنىمۇ ئوغۇرغا بىرىپتۇ  

7 . مۇشۇ ئوقۇتقۇچۇم ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۆزەڭگىدىن چۈشمەي مەن ئۇتىۋالغان بىر قەدەملا قالغاندا ماڭغىلى ئۇنماي دەرىس ۋاقتى توشتى دەپ قوڭغۇراق نەدىن چالدى چىقىپ كەتكەن ئەمما مەن ئۇتقانغا ھېسابتە ئەلۋەتتە .

10 . كومپىيۇتىر كەسپىدە ئوقۇدۇم . ھەممىسى ئۆزىڭىز قىزىدىغان كەسىپتە ئوقۇيدىغان بولدىڭىز دىدى تولۇقتىكى ساۋاقداشلىرىم   چۈنكى كومپىيۇتىر دەرسىدە مۇئەللىمنىڭ گىپىنى دەھشەت ئاڭلاپ دېگىنى بىردەمدە قىلىپ ئولتۇراتتىم خاتىرە قالدۇرۇڭلار دىسە  قارت ئويناپ ئاۋۇ بەزىلەر  مېنىڭكىنى كۆچۈرىمىزدەپ تالىشىپ پارە قىلۋەتكىلى ئاز قالاتتى . ھازىرغىچە تۇرىدۇ .

11 - ئالىي مەكتەپتىن پىراكتىكا قىلىپ كىلىڭلار دەپ قويۋەتكەندە  مەن شوپۇرلۇقنى ئۆگىنمەن دىسەم رەھمەتلىك دادام  ماقۇل دەپ پۇلنى تەييارلاپ بىر ئاغىنىسى بىلەن شوپۇرلۇق مەكتەپكە ئاپىرىپ قويغان  شۇ چاغ ئالغان ئىدىم

12 . ئالغۇمغۇ ئانچە يوقتى ئانام ئېلىۋال دەپ ئىمتىھان بەرسەم ئۆتۈپ قاپتىكەنمەن شۇنىڭ بىلەن بۇ كىنىشكىنىمۇ ئالدىم .

15 . مېنىڭ بۇ خاتىرە كومپىيۇتىرىمدىكى نەرسىللىرىمگە ھىچكىم چىقىلمايدۇدە مانا   ئاۋۇ كومپىيۇتىرغا نەرسىلەرنى قاچىلاپ قويسام ئاكام دائىم يوق قىلۋىتەتتى  قاتتىق دىسكىنى ئالماشتۇرۇدۇم ساتتىم  سىستىما ئالماشتۇرۇپ  ئوپتىك دىسكىغا ئويۇپ قويدۇم دەپ

17 - 5 يىل ئالاقەم ئۇزۇلۇپ كەتكەن تولۇقتىكى دوست ساۋاقداشلىرىم بىلەن شۇنداق بىر تاساددىپىي ئۇچۇرشۇپ قالدىمكىن  شۇ ئايدا  ئىھ خۇدا مۇشۇ بالىلار بىلەن بىر ئالاقىلاشسام بولاتتى دەپ يۈرگەنتىم ئاللاھ  ھەقىقەتەن بەك ئۇلۇغ ھە   ئىزدەپ يۈرگەن 2 سىنى ئاكام بىلەن نان بازىرىدا نان ئېلىۋىتىپ ئۇچۇرتۇپ قىلىپ  - 30 دەك ساۋاقدىشىمنى تىپىۋالدىم ....

ئەمەلگە ئاشمىغانلىرى

دادام ھەجگە بارالماي تۇيۇقسىزلا كېىتىپ قالدى ...  ئەمما ھەج بەدەل قىلدۇردۇق دىمەك ئاشتى دېگەن گەپ

ئاللا بۇيرىسا ئانامنىڭ ئىلتىماسلىرىنى سۇنۇشقا باشلايمىز ئەمدى  ئۆمىرىنى بەرسە  ئانامنىڭ ئۆمىرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ئۇلۇغ خۇدايىم

دادام 4 باسلىنىڭ تويىنى كۆردى ئاكام بىلەن مېنىڭ نىسىپ بولمىدى . ئانامغا نىسىپ قىلغاي ئۇلۇغ ياراتقان ئىگەم !

2 . ئات مىنىش نىسىپ بولمىدىغۇ  لېكىنزە  مۇشۇ كىچىك چىغىمدا دادام بىر ئىشەك ھارۋىسى تىپىپ كەلسە مەن ھەيدەيمەن دەپ ئىشىك ھارۋىسىنى ھەيدەپ باققان 7 ياش ۋاقلىرىمدا   ئوغۇل بالا بوپ قالسامچۇ دەپ ئويلاتتىمدە  تولۇق 1- يىللىق چاغلىرىمدا دادامنىڭ موتۇسىنى مىنىۋاپ يىزىدىكى ئۆيگە بارغاندا دادامنى مەن كەينىمگە سۆرەپ  خەقنىڭ ھەممىسى كىچىك ھەبىبۇللا دەيتتى مۇشۇ ئوغۇل بولۇپ قالغان بولسىچۇ دەپ ھەممىسى

8 . بويۇم پاكار كەلدىدە    تەنتەربىيە كەسپىگە ئىمتىھان بىرىشكە   ساقچى بولىمەن دەيتىم راسىت كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ  بومۇ بولمىدى ھەربىيگە بارسام دەيتتىم  دادامنىڭمۇ ھەربىيگە ئەۋەتكىسى بارتى شۇ يەنە بويۇم پاكار كەلدى  دادامغا قاقشاپ قوياتتىم ئانامنىڭ قورسىقىدىكى چىغىمىزدا ئانامنى ياخشى باقماي ئىغىر ئىش قىلغۇزۇپ مانا پاكار ھەممىمىز دەپ  ئەمما مىڭ شۇكرى جۇمۇ نورمال مېنىڭ بويۇم

12- ھازىرقى خىزمىتىمغۇ مۇقىم بولمىسمۇ كەسپىمنى قىلۋاتىمەن

كىتاب جازىسىنى دادام كىچىك ئاچاڭنىڭ تويىدىن كېىين ياساپ بىرەي دېگەن  كىچىك ئاچام توي قىلىپ 2 كۈندىن كېيىنلا  تۇيۇقسىز كىتىپ قىلىشنى كىم بىلگەي دەيسىز !!!!

ماشىنام خۇدايىم بۇيرىسا  بولۇش ئالدىدا

ئايرىم تۇرۇشنى بولدى توي قىلغاندىلا تۇراي  

ئۆگىنىش باسقۇچىدا  بەزى بىلىملەرنى

داۋاملىق ئۇقۇش پىلانىمنى  مەلۇم ئىقىساد توپلاپ  ئاندىن ئويلىشاي  قىرىغاندىمۇ ئانامغا بىرىش يوق ئانامدىن ئېلىپ يۈرمەي ئەمدى يەنە

جىق جىق پۇل تىپىشنى قەتئى قالماشتۇرۇپ بولالمىدىم  ئەمدى يىغاي

ئۆزۈم ئازراق تىجارەت قىلۋاتىمەن قۇشۇمچە  بازا ياخشى بولمىسمۇ  ياخشى قىلىش ئۈچۈن خۇدايىم بۇيرىسا  ئۆزۈم بىر ئىش قىلمەن  2 يىل ئىچىدە  ھايات بولسام

ھەجەپ جىق گەپ قىلىۋەتتىمما


ھەركىم قىلسا ئۆزىگە !

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى 16:04:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ...يۇقۇرقى دوستلىرىمىزنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ بەكلا ھاياجانلاندىم، قانداق بالىلىقتىكى ئاشۇ گۆدەكلەرچە خىياللىرىڭىزنى ئەسلەپ كۈلۈپ كەتتىڭىزمۇ ؟
ئەمەلگە ئاشقان ئارزۇلىرىڭىز ئۈچۈن خۇش بولدىڭىزمۇ؟
ئەمەلگە ئاشمىغانلىرى ئۈچۈن يەنە داۋاملىق تىرىشىش نىيتىگە كەلدىڭىزمۇ؟

Rank: 2

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
118
يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى 10:48:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق،ئەمەلگە ئاشقانلىرىغا خوش بولدۇق،ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىرى ئۇچۇن ئەپسۇسلىنىمىز ئەلۋەتتە (مۇمكىن بولمىغانلىرىغا)
قالغانلىرى ئۇچۇن قاتتىق تېرىشىمىزدە

Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى 07:20:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يىزىپ كەلسەم  مۇنبەرگە  پاتمايدىكەن  شۇڭا  يازماي

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 8Rank: 8

توردا
136 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
354

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:40:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلەيسەمنىڭ تېمىلىرىنى كۆرسەملا كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
186 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
504

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى 11:25:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلېرى نىمە دىگەن گۈزەل ھە؟ئادەم بۇ دۇنيادىن ئەنە شۇنداق ئارمان بىلەن كېتىدىغان ئىش ئىكەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
755

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى 11:42:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىغىنىمدا ئەمدى مەنمۇ يازارمەنمۇ ئارزۇلۇرۇمنى.
بالىلىقتىن باشلانغۇچ مەكتەپنى تاماملىغىچە:
1. كىچىك ۋاقىتلىرىمدا شەخسىي ۋەلىسپىتىم بولسا
2. خوشنىمىزنىڭ ئۆيىدىكى ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇقنى خۇدايىم ماڭا بەرسىچۇ؟
3. مەھەلىمىزدىكى ئېلاخۇن ئاكامنىڭ قىزى رائىلە مەن بىلەن مەكتەپكە تەڭ ماڭسا ( ئارلىق ساقلىماي ماڭساق)
4.سىنىپتىكى ئۆگىنىشتە ياخشى زۇلپىيەنىڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويسا ( بۇ يۇقارقى ئارزۇدىن 2 يىل ئۆتۈپ جۇمۇ، ئۈجمە دىمەڭلار مېنى يەنە)
5.مەكتەپتىكى تەقدىرلەش يىغىنىدا بىرەر قېتىم خاتا ھالدا مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىپ باقسا
6.سىنىپ مەسئۇلۇمغا ياخشى كۆرۈنسەم ( ئۆيىدە كۆمۈر توشۇغاننىڭ يۈزىنى قىلىپ)
7.تولۇقسىزغا چىققاندا ئۆگىنىش باشلىقى نۇرگۈل ( ئۇنىڭ تېرىسى شۇنداق ئاق، تۇمۇرلىرى ھەجەپ چىرايلىق كۆرىنىدۇ)، زۇلپىيە ( گەرچە لەقىمى توشقان بولسىمۇ، ئۇسۇلنى ياخشى ئوينايدۇ) قاتارلىقلار بىلەن بىر سىنىپقا بۆلۈنسەم.
8.ئۆيىمىزگە تېلفۇن چۈشۈرگەن بولسا.
9. ساۋاقداشلىرىمنىڭكىدەك سىملىق تېلىۋىزىيە ئورناتقان بولسا
تولۇقسىز مەكتەپ ۋاقىتلىرىم
10. دەرستىن سىرتقى ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىگە تارىخ دەرسى قوشۇلغان بولسا
11. تازلىق قىلغاندا كۆلچەك بويىدا تۇرۇپ ساۋاقداشلىرىمغا سۇ ئېلىپ بەرسەم. بولۇپمۇ ئۇنىڭغا...( ھازىرغىچە مەخپىي، زورلىماڭلار بەرىبىر دىمەيمەن)
12. ئەتىگەنلىك يۈگۈرۈشكە چىققاندا يەنە شۇ مەخپىينى ئۇچرىتىپ قالسام
13.ئاتام ماڭا ھەركۈنى 1يۈەن پۇل بېرەلىگەن بولسا
14. ئۇيۇشما ئەزاسى بولۇپ، مەخپىينىڭ سىنىپىغا ئىنتزام نازارەت قىلىپ كىرگەن بولسام، مېنىڭ مۇھىم شەخىس ئىكەنلىكىمنى كۆرسە
15. دوختۇر بولغان بولسام
16. ماتىماتىكا ئىمتىھانىدىن بىر قېتىم بولسىمۇ ئۆتىۋالغان بولسام
17. كېيىن مەخپىي بىلەن يۈرەلىگەن بولسام
18. نۇرغۇن كىتابلىرىم بولسا، ساقلىۋالسام.
. . . .
ئۇھ...بالىلىققا قايتىدىكەنغۇ كىشى....
بۇلاردىن قانچىلىك ئەمەلگە ئاشقاندۇ؟ ھىسابلاپ باقاي
1. كىچىك ۋاقىتلىرىمدا شەخسىي ۋەلىسپىتىم بولسا---بۇ ئارزۇنى قىلىپ، 5 يىلدىن كېيىن، تولۇقسىزغا چىققاندا، ئۆينىڭ ئارىلىقى يىراق بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئاتام بىر ۋەلىسپىت ئېلىپ بەرگەن. گەرچە ئاپام ماڭا تولۇقسىزغا چىققانلىقىڭنى تەبرىكلەپ...دەپ تەسەللىي بەرسىمۇ.
2. خوشنىمىزنىڭ ئۆيىدىكى ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇقنى خۇدايىم ماڭا بەرسىچۇ؟--ئېلىپ بەرمىدى
3. مەھەلىمىزدىكى ئېلاخۇن ئاكامنىڭ قىزى رائىلە مەن بىلەن مەكتەپكە تەڭ ماڭسا ( ئارلىق ساقلىماي ماڭساق)-- تەساددىبىيمۇ ئۇچرىشىپ باقمىدۇق. چوڭ بوپ نەلەردە يۈرىيدىكىن تاڭ.
4.سىنىپتىكى ئۆگىنىشتە ياخشى زۇلپىيەنىڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويسا ( بۇ يۇقارقى ئارزۇدىن 2 يىل ئۆتۈپ جۇمۇ، ئۈجمە دىمەڭلار مېنى يەنە)-- بۇ ئارزۇيۇم تەنەپپۇستىن باشقا ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشمىدى.
5.مەكتەپتىكى تەقدىرلەش يىغىنىدا بىرەر قېتىم خاتا ھالدا مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىپ باقسا--مۇمكىنمۇ؟!!!
6.سىنىپ مەسئۇلۇمغا ياخشى كۆرۈنسەم ( ئۆيىدە كۆمۈر توشۇغاننىڭ يۈزىنى قىلىپ)--مېنى ماختىدى، مەكتەپتە ئەمەس، ئۆيىدىن مەن كېتىدىغان چاغدا.
7.تولۇقسىزغا چىققاندا ئۆگىنىش باشلىقى نۇرگۈل ( ئۇنىڭ تېرىسى شۇنداق ئاق، تۇمۇرلىرى ھەجەپ چىرايلىق كۆرىنىدۇ)، زۇلپىيە ( گەرچە لەقىمى توشقان بولسىمۇ، ئۇسۇلنى ياخشى ئوينايدۇ) قاتارلىقلار بىلەن بىر سىنىپقا بۆلۈنسەم.--ئىرادە قىلمىغان ئىشقا ئامالمۇ يوق ئەمدى...
8.ئۆيىمىزگە تېلفۇن چۈشۈرگەن بولسا. -- تېلفۇن چۈشۈردى. قىززىق ھازىر ئۆيىمىزدە مۇقىم تېلفۇن يوق، ئۆيدىكى تۆتىمىز تۆت يانفۇن، ئۈچىمىزنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش، ئاتام يامانلاپ قالغاندەك بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭكىنى تۇتىۋاپتۇ.
9. ساۋاقداشلىرىمنىڭكىدەك سىملىق تېلىۋىزىيە ئورناتقان بولسا--بۇمۇ ناھايىتى كېيىن ئومۇملاشتى.
تولۇقسىز مەكتەپ ۋاقىتلىرىم
10. دەرستىن سىرتقى ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىگە تارىخ دەرسى قوشۇلغان بولسا- تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىققا چىققاندا تارىخ دەرسىدىن كۇرژىك قوشۇلدى.
11. تازلىق قىلغاندا كۆلچەك بويىدا تۇرۇپ ساۋاقداشلىرىمغا سۇ ئېلىپ بەرسەم. بولۇپمۇ ئۇنىڭغا...( ھازىرغىچە مەخپىي، زورلىماڭلار بەرىبىر دىمەيمەن)--كۆلچەك بويىنى مەندىن بەستلىك ، يۇقۇرى يىللىقنىڭ بالىلىرى ئىگەللىۋالاتتى. بۇمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى.
12. ئەتىگەنلىك يۈگۈرۈشكە چىققاندا يەنە شۇ مەخپىينى ئۇچرىتىپ قالسام--ئۇچراشنىغۇ ئۇچراشتى. يېقىن ئۆتىدىغان دوستى بىلەن چىقىپتىكەن. مەن مۆكۈنىۋالدىم. ئۇھ ما يۈرەك...
13.ئاتام ماڭا ھەركۈنى 1يۈەن پۇل بېرەلىگەن بولسا--ئاخىرى 1 يۈەندىن ئالدىم. ھەركۈنى ئەمەس،. ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم.
14. ئۇيۇشما ئەزاسى بولۇپ، مەخپىينىڭ سىنىپىغا ئىنتزام نازارەت قىلىپ كىرگەن بولسام، مېنىڭ مۇھىم شەخىس ئىكەنلىكىمنى كۆرسە-- بەلكىم  ماتىماتىكا نەتىجەم ياخشى بولسا ئۇيۇشمىغا كىرەلىگەن بولاتتىم..
15. دوختۇر بولغان بولسام- ئەمەلگە ئاشمىدى. بالىلىقىم بىلەن كۆمۈلۈپ كەتتى.
16. ماتىماتىكا ئىمتىھانىدىن بىر قېتىم بولسىمۇ ئۆتىۋالغان بولسام - ئاخىرى ئۆتتۈم. تەتىلدە كېلىپ بەرگەن ئوچۇق ئىمتىھاندا.
17. كېيىن مەخپىي بىلەن يۈرەلىگەن بولسام- ئېغىزمۇ ئاچالماي ئۆتۈپ كەتتىم. ئىسىت .
18. نۇرغۇن كىتابلىرىم بولسا، ساقلىۋالسام. - ئۇھ ھەرنىمە بولسا مۇشۇ ئارزۇ ئېشىپتۇ. ھازىر ساقلىغان نۇرغۇن كىتابلىرىم بار. ھەر كۈنى كۆرىمەن.
قالغانلىرىنى كېيىن يەنە دەپ باقاي .


بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:55 , Processed in 0.051651 second(s), 20 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش