سىزمۇ دائىم زادى ئۇنى چىن كۆڭلۈمدىن ياخشى كۆرەمدىم كۆرمەمدىم دەپ تېڭىرقاپ يۈرەمسىز ؟ ئەمىسە بۇ سوئاللارغا ئىچڭىزدە جاۋاپ بېرىپ بېقىڭ ،(بولۇپمۇ 15،16، تۈرلىرىگە جۇمۇ )
جاۋابى سىزنىڭ ئويلىغىڭىزدەك چىقامدىكىن

1.دائىم ئۇنىڭ بوشلۇقىنى يوقلاپ تۇرامسىز ؟
2.ئۇنىڭ بىلەن تېلىفونلىشىپ بولۇپ ، تېلىفونلاشقان ۋاقىتقا قاراپ قويامسىز ؟
3.ئۇنىڭ بىلەن يېزىشقان ئۇچۇرلىرىڭلارنى قايتىلاپ ئوقۇپ ، شۇ مىنوتلارنى ئەسلەپ كۈلۈپ قويامسىز ؟
4.ئۇنىڭ بىلەن بىللەم ماڭغىنىڭىزدا قەدەملىرىڭىز ئاستىلاپ كېتەمدۇ ؟

5.ئۇ يېنىڭىزدا بولغاندا پەرۋاسىز بولۇپ قېلىپ ، ئۇ سىزدىن ئايرىلغان زامات سېغىنامسىز ؟
6.ئۇنى سېغىنغىنىڭىزدا يۈرىكىڭىزنىڭ سېلىشى تۇرۇپ تېزلەپ ، تۇرۇپ ئاستىلاپ كېتەمدۇ ؟
7.ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش سىزنى ھەر ۋاقىت خوش قىلامدۇ ؟
8.سىز ئۇنىڭ بىللە بىللە ۋاقتىڭىزدا ، دۇنيادا پەقەت ئىككىڭلارلا قالغاندەك ھىس قىلامسىز ؟

9.ئۇنى سېغىنغاندا لىرىك مۇزىكىلارنى ئاڭلامسىز ؟
10.ئۇنىڭ كۈلگەن ھالىتى سىزنىمۇ خوشال قىلامدۇ ؟
11.ئۇنىڭ تونۇش پۇرىقىنى ھىس قىلالامسىز ؟

13.ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغاندا ، ئۇنىڭ نىمە دىمەكچىە بولغىنىنى ، نىمە ئويلاۋاتقىنىنى ئويلاپ جىددىيلىشەمسىز ؟
14.ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن سىز ھەرقانداق بەدەل تۆلەشنى خالامسىز ؟
15.سىز بۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقىنىڭىزدا خىيالىڭىزنى كىم ئەسىر قىلىۋالدى ؟

16.سىزبۇ تېمىنى كۆرگەندە ئۇنى توختىماي ئويلاپ ، بۇ تېمىدا 12-سوئالنىڭ يوقلىقىنى بايقىدىڭىزمۇ ؟
17.سىز دەرھال يۇقىرىغا قاراپ 12-سوئالنى ئىزدەپ ، تاتلىق كۈلۈمسىرىدىڭىزمۇ ؟
ئەمىسە .........ھىم ، كۆڭلىڭىزنىڭ ئوغرىسى نەق <ئۇ > ئىكەن !
