يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 753 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 607|ئىنكاس: 2

زىيارەت قىلغىلى كەلدىم( سەيپىدىن ئەزىزى شېئىرلىرىدىن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 09:57:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەزىزانە دىيارىمنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم،
قېنىم تامغان ماكانىمنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم.
ئانا جان — سۈت بىلەن باققان، دادام نان-تۇز بېرىپ باققان،
قەدىردان قىبلىگاھىمنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم.

ئوڭۇمدا ھەم چۈشۈمدە سېغىنىش ھىجران ئارمانى،
سېغىنغان دوست-ياراننى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم.
سۇتۇق بۇغرا، يۈسۈپ قادىر بۇ ئەلگە پېشۋا بولغان،
ئۇيغۇرلار روھى بۇغرانى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم.

ئۇلۇغ ئەجداد يۈسۈپ، مەھمۇد جاھانغا قۇت بىلىگ چاپقان،
بوۋاملار قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم.
ئوردۇ كەنت، بالاساغۇن، شۇ قەشقەر قارا ئاستانە،
تاۋاپ بىلەن شۇ ئوردۇنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم.

كېتىپ جۇد بۇ دىيارلارنى قۇياش نۇرىغا چۆمدۈردى،
گۈلىستان ھۆر باھارىمنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم.
زامانلاردىن زامان بۇ جاي گويا دوزاخ ئىدى ئەلگە،
ئازاد — ئەركىن زامانىمنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم.

مۇقام شەيداسى ئۇيغۇرلار قۇرۇپتۇ ساز — ناۋا، مەشرەپ،
ھېيتگاھنىڭ ساماسىنى زىيارەت قىلغىلى كەلدىم.
ساما خۇشتارى ئەزىزى ئەيلىگىن پەرۋاز ساما ئىچرە،
دېگىل زۆھرەگە بايرامنى بايانات قىلغىلى كەلدىم.


مەنبە: ئېنتىرنېت


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
50 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
181

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 12:36:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


رەھمەت دىلەيسەم!ھۇشۇر قارىنىڭ مۇشۇ ناخشىسىنى ئىزدەۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان، بۈگۈن سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزنى كۈرۈپ بۇ ناخشىنىمۇ تېپىۋالدىم!

[ jahandar بۇ يازمىنى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 12:38  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى 16:09:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى سىزگە رەھمەت دەي تۇرسام...
ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز بوپتۇ، كۆپ رەھمەت!

سېغىنىپ


قەدىردان داھىيمىز، سېغىندىم سىزنى،
مېھرىبان ئۇستازىم، سېغىندىم سىزنى.
توغىڭىزغا تېز چۆكۈپ، سۆيۈپ ياش تۆكۈپ،
ئاھ، ئۇلۇغ ماۋجۇشى، سېغىندىم سىزنى.



سېغىندىم چىن يۈرەكتىن ئارمان بىلەن،
ئىرادەم تاۋلاندى دەرمان بىلەن.
مەيلى كەلسۇن قانداق شامال ئۇڭا تەييارمەن،
ئىدىيەڭىزدىن ئالدىن مەدەت پەرمان بىلەن.



پەلەكنىڭ چاقى چۆرگىلەر ھامان،
گېزەندىلەر چاق ئاستىدا يانجىلىپ سامان.
چۆل كېزىپ، داۋان ئېشىپ بارىمىز ئالغا،
ئۇلۇغ غايە — كوممۇنىزم سىزنىڭ ھۆر ماكان!


ئەزىزانە قەشقەر


ئەزەلدىن داڭقى بار دەۋرانە قەشقەر،
گۈلىستانلار ئارا سەيلانە قەشقەر.


يېتىشكەن ئۇندا ئالىم، ئۇندا بۇغرا،
ئېلىك خانلار ئارا ئاستانە قەشقەر.


مۇقام پورەكلىرى ھۆسنىگە تولغان،
ناۋا داستانىغا مەستانە قەشقەر.


ئۇسسۇل سورۇنىدا تەڭكەش جۇلالىق،
ساما دولقۇنىدا جەۋلانە قەشقەر.


زامانلار زۇلمىدا زار-نالە قىلغان،
غېرىبنامە يېتىم، ھىجرانە قەشقەر.


قىزىل تۇغ ئاستىدا مەشرەپكە چۈشتى،
ئەزىزانە، گۈزەل، مەردانە قەشقەر.

[ دىلەيسەم بۇ يازمىنى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى 16:10  دە تەھرىرلىگەن. ]

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 14:25 , Processed in 0.056654 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش