يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 755 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 624|ئىنكاس: 5

قەلىب قەسىرىمدىن ئۈنچىلەر(1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 08:30:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئانار قىزنىڭ << يەتتە قىز كۈندىلىك خاتىرىسى>> گە قىستۇرغان  ناخشىنى ئاڭلاپ، شۇنداق ھوزۇرلاندىم، ناخشا تۈگىگەندىن كېيىن، ئىكراندا چىققان سۈرەتلەردىن بىرنى چەكسەم بۇ مۇڭلۇق مۇزىكا چىقتى، مۇزىكا مېنى خىيال دەرياسىغا غەرىق قىلۋەتتى، قايتا-قايتا ئاڭلاپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى، نۇرغۇن ئۆتمۈشلەرنى ئەسلەپتىمەن.
بىر توردىشىم بولىدىغان، بۇ ناخشىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى گىتار بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىۋېتەتتى.
يەنە بىر توردىشىم بولىدىغان چايخانىلاردا كامىرانى ئېچىپ قويۇپ  مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن بۇ ناخشىنى ئېيتىپ كېتەتتى، ئانار يوللىغان ناخشا،بۇ مۇزىكا مېنى ئۆتمۈشلەر قوينىغا باشلاپ كىردى.
ئىنسان ھاياتى تولىمۇ قىسقا بولىدىكەن، مەن بۇ ئىشلارنى ئويلىسام خۇددى تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، ئەمما بەش يىل بولۇپ قالغان بۇ ئۆتمۈشلىرىمگە قاراپ ۋاقىتنىڭ قانچىلىك تېز ئۆتكەنلىكىنى، يىللارنىڭ قانچىلىك رەھىمسىزلىكىنى، ماڭا ، سىزگە باقمايدىغانلىقىنى، خۇددى ئوت يۈرەك شائىرىمىز ل. مۇتەللىپ ئېيتقاندەك، رەھىمسىز يىللارنىڭ پەقەت<< ئەرلەرگە ساقال، ئاياللارغا قورۇق>> ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭغا قوشۇپ يۈرىكىمىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇردىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
يېقىنقى بۇ نەچچە كۈندە تۇرمۇشۇمدا كىچىككىنە بىر داۋالغۇچ يۈز بەردى ، قارشى تەرەپ قىلغان بىر ئېغىز گەپ مېنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشۇمنى، خاتىرجەم كۈلكەمنى يوق قىلۋەتتى. نەچچە كۈنلەر بولدى ،مەن يەنە كېچىلەرنى ئۇيقىدىن بىدار ئۆتكۈزۋاتىمەن، كەلگۈسىدىكى مەن يۈزلىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن- نۇرغۇن ئىشلارنى ھېس قىلدىم، ئۇ ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتىدىكى ھالىتىمنى ئويلاپ، قىلدەك تولغاندىم، ئۈنسىز يىغلىدىم، ئەمما بۇ يىغامنى بىراۋغا كۆرسىتىشكە ئامالسىزمەن، ھەتتا يولدىشىمغىمۇ............
ئادەم بەزىدە نۇرغۇن ئىشلارنى بەكلا ئاددى ئويلاپ قالىدىكەن، بەزىدە ئادەم ئۆزىنى بەكمۇ تەڭداشسىز ھېس قىلىپ قالىدىكەن.
ئادەم بەزىدە ئۆزىنى شۇنداق قالتىس چاغلاپ ھەممە ئىشنى ئۆزى بىر قوللۇق ھەل قىلۋېتىدىغاندەك ئويلاپ قالىدىكەن، لېكىن شۇنداق بىر قىيىنچىلىققا  ئۇچرىغاندا بولسا، ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئاجىز، ئەڭ يارامىسز ھېس قىلىپ ئازاپتىن تولغىنىپ كېتىدىكەن.
بەزىدە تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن، نېمىشقا بۇ چەكلىك ھاياتتا بۇنداق نۇرغۇن چۈشەنمەسلىكلەر، نۇرغۇن مۇرەككەپ ئىشلار، نۇرغۇن زىدىيەتلەر يۈز بېرىدۇ؟!
ئەمەلىيەتتە،  دۇنيا مۇرەككەپ ئەمەس ئىكەن، مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان بىزلەر دۇنيانى شۇنداق مۇرەككەپ قىلۋېتىپ بېرىپتىمىز.
ئەمەلىيەتتە، دۇنيا بۇنچە رەھىمسىز ئەمەس ئىكەن، پەقەت بىز ئۆزىمىز رەھىمسىز بولغاچ دۇنيانىمۇ ئۆزىمىزدەك رەھىمسىز قىلۋېتىپ، يەنە دۇنيادىن قاقشاۋېتىپتىمىز.
ئەمەلىيەتتە، دۇنيا شۇنداق گۈزەل ئىكەن، بىزلەر بۇ گۈزەللىكنى ھېس قىلالمايۋېتىپتىمىز، بۇ گۈزەللكىتىن قانداق بەھىرلىنىشنى بىلمەيۋېتىپتىمىز.......
ئەمەلىيەتتە.........................

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
7
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 20:50:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  تۈركلەرنىڭ < سەن كەلمەس بولدۇڭ> دىگەن ناخشىسىنىڭ مۇزىكىسىغۇ؟ مەن بەكلا ياختۇرۇپ ئاڭلايتىم بۇ ناخشىنى.
بۇ خانىمنىڭ يازمىلىرى مېنىمۇ شۇ 5 يىلنىڭ ئالدىدىكى  تۇرمۇش كارتىنىلىرىغا ئېلىپ كەتتى.

ئەمەلىيەتتە، دۇنيا بۇنچە رەھىمسىز ئەمەس ئىكەن، پەقەت بىز ئۆزىمىز رەھىمسىز بولغاچ دۇنيانىمۇ ئۆزىمىزدەك رەھىمسىز قىلۋېتىپ، يەنە دۇنيادىن قاقشاۋېتىپتىمىز.

بۇ گەپ تولىمۇ ئورۇنلۇق، 5 يىلنىڭ ئالدىدا بىر دوستۇم بولىدىغان، يېڭى تورغا چىقىپلا شىنجاڭ لىنىيىسىنىڭ كامىرالىق چايخانىسىغا كىرىپ قاپتۇ.
ئاۋازىمۇ شۇنداق ياخشى، ناخشىنىمۇ بەكلا مۇڭلۇق ئېيتىپ قوياتتى، شۇنداق قىلىپ بۇ بىچارە شۇنچىلىك ساددا دىسەممۇ شۇنچىلىك دوت دىسەممۇ ھازىر ئورنىغا كەلمەيدۇ. بۇ چايخانا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ناخشىسىغا ئاشىق بولغان تۈرككىيىلى بىر يىگىت بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ يولدىشىدىن ئاڭلىمىغان تاتلىق گەپلەر، يولدىشىدىن كورمىگەن مىھرىۋانلىقلارغا ۋاقتىنچە ھوشىنى يوقۇتۇپ.............

مانا ھازىر چەت ئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۇرۇدۇ. بەزىدە كۆت-كۆتتا كورۇشۇپمۇ قالىمەن، بىچارە ئۇنسىز يىغلايمەن، يۇرتتۇمنى، بالىلىرىنى سېغىندىم دەيدۇ. يولدىشىچۇ قونچاقتەك قىزدىن بىرنى ئىككى بالىسىغا ئانا قىلىپ بېرىپ تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۇرىۋاتىدۇ.
مەن تۇرۇپ شىنجاڭ لىنىيىسىنى سېغىنىپ قالىمەن، تۇرۇپ شۇ ۋەيران بولغان ئۆيلەرگە قاراپ شۇ چايخانىغا نەپرەتلىنىمەن.

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى 16:24:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز يۈرەك، بۇ كامىرالىق چايخانا نۇرغۇن بەختلىك ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلىشىغا سەچەپ بولغان، بۇنداق دېسەم چايخانا قۇرغانلارنىڭ مەسۇليىتى ئەمەس، بەلكى ئەشۇ ئەخمەق، نادانلارنىڭ ئىشى.
يۇقۇردا ئىنكاسىڭىزدا دىيىلگەندەك، نۇرغۇن ئاياللار ئائىلدە ئېرىدىن ئاڭلاپ باقمىغان شېرىن- شېكەر سۆزلەرنىڭ قۇلى بولۇپ، بالىلىرىنى يېتىملىك كوچىسىغا تاشلاپ يۈرگەنلەرمۇ يوق ئەمەس

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:50:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىدە بۇ ھاياتنىڭ رەھىمسىز شەپقەتسىز ئىكەنلىكىدىن ئاغرىنىمىزيۇ ئۆزىمىزنىڭ دۇنياغا قانچىلىغان ئېغىر يۈكلەرنى يۈكلەپ قويغانلىقىمىزنى ئويلاپ باقمايمىز.
نۇرغۇنلىغان ئىشلارغا قارىتا 50 ياشلاردىن ئاشقان ئادەملەردەك ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاي دەيمەنۇ يەنىلا تەنتەكلىكىمدىن يېنىكلىك بىلەن بىر ئىشلاردا كەتكۈزۈپ قويىمەن.
شۇ تاپتا يەتتە يىگىت يوللىغان "يەتتە قىز كۈندىلىك خاتىرىسى"تېمىسىدىكى يوللىغان ناخشىنى ئاڭلاۋاتىمەن، ئون بەش يىل ئاۋۋالقى ئەسلىمىلەر قوينىغا قايتتىم. ئەنە جۇلالىق ساۋاقداشلىرى بىلەن مۈكۈشمەك ئوينىماقتا.........
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ بالىلىرى كۆز ئالدىدا تاتلىق- شىرىن ئەسلىمىلەرنى ئەسلىتىپ يۈگۈرۈشمەكتە..........

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى 23:44:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ مۇزىكىنى ئاڭلىسام يۈرۈكۈم ئاغرىيدۇ ....10 يىل بۇرۇن يېقىن دوستۇمنىڭ يىگىتى ۋاقىتسىز بىز بىلەن خوشلاشقان ، ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ مۇزىكىنىڭ mv سى چىقىپ ...شۇنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ بىرگە ۋاقىتلىرى ، نېرۋىسى ئاجىزلاشقان دوستۇم كۆز ئالدىمغا كېلىپ بەك بىئارام بولغان ، گەرچە ئۇزاق يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ يەنە ئاڭلسام يەنە شۇ كۆرۈنۈشلەر ئېسىمگە كېىلىدۇ ....ئادەم ھاياتىدا ئاجايىپ كۈنلەرنى كۆرىدىكەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
555 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1176

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى 10:54:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاڭلىمىغان مۇزىكىلارمۇ باركەن دېسە.
  ھەقىقەتەن مۇڭلۇق مۇزىكا ئىكەن، كىشىگە ئۆتمۈشنى ئەسلىتىدىغان. بۇ مۇزىكا بىلەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى، كىشىلەرنى ئەسلەپ كېتىپتىمەن. ئۆتمۈتنى ئەسلەشمۇ بەك گۈزەل بەزىدە.

دىلەيسەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنگەندەك بولۇۋاتىمەن...ئوڭشىلىپ كېتىسىز، پات ئارىدا...ئەمما مەڭگۈلۈك ئەمەس...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 21:45 , Processed in 0.059413 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش