يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 373|ئىنكاس: 3

چىن ئىمپېرىيىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:36:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


(تارىخىي رومان)

بەشىنچى بۆلۈم قان بەدىلىگە يارىتىلغان مەدەنىيەت
مۇئەللىپ: سۈن خاۋخۇي
بۇ بۆلۈمنىڭ تەرجىمىسىگە قەلەم تەۋرەتكۈچى : ت.ئابدۇلئەزىز
جۇڭگو ئانا مەدەنىيىتىنىڭ شان-شەرىپى ۋە غايىسىگە بېغىشلايمەن!
ـــ بېغىشلىما

مۇقەددىمە

مۈلكى چىن سەلتەنەتىنىڭ 10-يىلى


كۈز. چىنچۈەن ئاسمىنىنى قاپلىغان گىلرەڭ توپا-توزانلىق تۇمان ھېچ تارقايدىغاندەك ئەمەس.
قۇياش ھەر كۈنى ئۇيقۇسى قانمىغان ئادەمدەك ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن يىراق كۈنچىقىش تەرەپتىكى تاغدىن يامىشىپ كۆتۈرۈلەتتى، تەنگە نەشتەردەك ئۇرۇلىدىغان ئاچچىق كۈز شامىلى ۋىژىلدايتتى، ۋېيشۇي دەرياسىنىڭ ئىككى قىنىدا كۆتۈرۈلگەن گىلرەڭ توپا- توزانلىق تۇمان پەس لەيلىشىپ يەر يۈزىگە دەۋرىشەتتى. تاغ سۈيى سېپىل خەندىكى ئارقىلىق ئەتراپتىكى ئېتىزلىق، ئورمانلىق تامان ئاقسا، دالالاردا ئاتلىقلار، پىيادىلەر ۋە ھارۋىلىقلار توختىماي ئۆتۈشەتتى. ئاستانە شيەنياڭنىڭ تۆت قوۋۇقىدىكى بەھەيۋەت ئۇچلۇق سېپىل راۋىقى بەئەينى كۆرەڭ-مەغرۇر چەۋەندازلار ئوردۇبالىقتىكى ئوردا سارىيىنىڭ قەسىر راۋاقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقاندەك، يالت-يۇلت چاقناپ تۇرغان قىزغۇچ سۆسۈن نۇرلىرى بىلەن گىلرەڭ تۇمان باغرىنى يېرىپ كۆككە ئۈسۈپ تۇراتتى. ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا تۇتاش كەتكەن بىرى بىرىدىن ئېگىز ئۆگزىلەردىكى تاشپاقا، مارال‏①، توز، يىلان مۇئەككەللىرىگە تەققاسلانغان ھايۋان-جانۋارلارنىڭ ھەيكەللىرى توپا-توزانغا مىلىنىپ ھاماقەتلەرچە گىلرەڭ توزانلىق تۇماندا گاھ كۆرۈنۈپ گاھ غايىب بولاتتى.
تاغۇ-دەريالار گىلرەڭ تۇمان قوينىدا قالاتتى، ئاسمان-زېمىننىڭ بېشى قېيىپ، چايقىلىپ، ئالامان كۆڭلىنى غەم-غۇسسىگە سالاتتى. پەلەك ھەرقانچە پەيلىنى بۇزۇپ، تەلەتىنى تۈرۈپ ھومىيىپ تۇرسىمۇ تاڭ يورۇشى بىلەنلا ئاستانە شيەنياڭ دەرھال ئويغىنىپ، زېمىندىكى كۈللى جانۋارلارنىڭ يېڭى بىر كۈنلۈك تىرىكچىلىكى باشلىناتتى.
خورازنىڭ ئاخىرقى چىللىشى پەسەيمەستىلا ئاستانە كوچىلىرىدا مىغىلدىشىپ كەتكەن كىشىلەر ئات-ئۇلاغ، ھارۋا-غالتەكلىرى بىلەن ئۇياق-بۇياق ئۆتۈشۈپ، بازار قايناپ كېتەتتى. نەسەبدار-مەنسەپدارلار مەغرۇر گىدەيگىنىچە ئاتلىرىغا مىنىشىپ، ھارۋا-مەپىلىرىدە لاپچارىشىپ ئولتۇرۇشقىنىچە ئالدىراپ-سالدىراپ مەھكىمە-قەسىرلىرىگە يول ئېلىشاتتى. كۈن بىلەن تەڭ تەرەپ-تەرەپتىن غۇژمەك-غۇژمەك كېلىشىدىغان مەدىكارلار ئەسۋاب-جابدۇقلىرىنى، دېھقانلار گۈرجە-ئوتىغۇچلىرىنى مۈرىسىگە سېلىشىپ دۇكان-بازارلارغا، ئاستانە سىرتىدىكى ئېتىزلىقلارغا ئالدىرىشاتتى.ئۇزۇن كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقى ساپلا ئەمەلدارلار مەھكىمىسى، دۇكان-كاسىپخانا، ساراي-مەيخانا، ئاۋام-ئالامان تۇرالغۇلىرى بىلەن سانجاقلاشقان بولۇپ،دۇكاندارلار قاقپودىلا
ئىشىك-دېرىزىلىرىنى يوغان ئېچىشىپ، خوجايىن-چاكار بولۇشىغا قارىماي ھويلا-ئارام، دۇكان-سارايلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىلىرىنى سۇ سېپىپ سۈپۈرۈشۈپ، تۈرلۈك ئوقەت ھەلەكچىلىكلىرىگە تۇتۇنۇپ، يېڭى بىر تاڭنى ئۆز تىرىكچىلىكلىرى بىلەن كۈتۈۋالاتتى .
شۇنىڭ بىلەن ئاستانە شيەنياڭنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان چاڭياڭ كوچىسىدا دەسلەپ قىلىشىپ بولغان ئەتىگەنلىك بازار قىزىپ قايناپ كېتەتتى.
ئاستانە شيەنياڭنىڭ تۆۋەن قوۋۇقىدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە سوزۇلغان، ئۇزۇنلۇقى ئالاھەزەل ئۈچ چاقىرىمچە كېلىدىغان بۇ كوچىنىڭ يۇقىرىقى ئېغىزى بىلەن ئوردۇبالىق ئارىلىقىدىكى قىسىمىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بۈككىدە توغراقلىق ئاستانىدە گۈزەل بىر مەنزىرە ھاسىل قىلغان ئىدى. كوچىنىڭ كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقا يېيىلغان 10 گەزچە كەڭلىكتىكى ئىككى قاسنىقىدا دۇكان-سارايلار بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، چىن بەگلىكىدىكى سودىگەر-تىجارەتچىلەر ئەڭ كۆپ مەركەزلەشكەن چوڭ بازار ئىدى. چاڭياڭ كوچىسىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى ھەشەم-سۆلىتى پۈتكۈل ئىقلىمغا پۇر كەتكەن، ھەيۋەتلىك قەسر-سارايلىرى رەت-رېتى بىلەن زىچچىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مۇساپىر-مۇھاجىرلار بازىرى ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق ھەشەمەتلىك كاتتا بازار ئىدى. چىن بەگلىكىنىڭ ئوردا مەھكىمىسى بىلەن سودا-باج مەھكىمىسىگە خوشنا چاڭياڭ كوچىسىدىكى بۇ بازار بەگلىك بازىرىلىق دەرىجىسىگە لايىق ھالدا بەگلىك بازىرى، دەپ ئاتالغان بولسا، مۇھاجىرەت-مۇساپىرەتتىكى شەندۇڭلۇق كاتتا باي-زەردار سودىگەر-تىجارەتچىلەر جەم بولۇشقان، سارايلىرى قىممەت-ئەتىۋارلىق تاۋارلار بىلەن تولغان بازار مۇھاجىرلار بازىرى، دەپ ئاتىلاتتى. ئەمما چىن بەگلىكىنىڭ شيەنياڭلىق ئاۋام-رەئىيەتلىرى ئەزەلدىن بۇنداق ئاتاشمايتتى، خالايىق يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئادەت-يوسۇنلىرى بويىچە چاڭياڭ كوچىسىدىكى بازارنى«گادايلار» بازىرى، دېيىشسە، ساراي-دۇكانلىرى قىممەت-ئەتىۋارلىق تاۋارلار بىلەن تولغان مۇھاجىرلار بازىرىنى «بايلار» بازىرى، دەپ ئاتىشاتتى. بۇمۇ ئاۋام-رەئىيەتنىڭ ھەق-لىللا باھاسى ئىدى. ئاۋام-رەئىيەت «بايلار» بازىرى، دەپ ئاتايدىغان مۇھاجىرلار بازىرىدا توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەرقانداق نەرسە تېپىلسىمۇ، چاڭياڭ كوچىسىدىكى بەگلىك بازىرىدا چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانلىرى رۇخسەت قىلغان مىلىچماللار تىجارىتىلا يۈرۈشەتتى، قورال-ياراغ، تۇز-تۆمۈر، ئۈنچە-مەرۋايىت، گۆھەر-ياقۇت، سىماپ، ھارۋا-مەپە، ئات-ئارغىماق دېگەنلەرنى چاڭياڭ كوچىسىدىن زىنھار تاپقىلى بولمايتتى. چاڭياڭ كوچىسىدىكى دۇكان-سارايلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈچ-تۆت ئېغىزلىق كىچىك دۇكانلار ئىدى، كاتتىراقلىرىمۇ يەتتە-سەككىز ئېغىزلىقتىن ئاشمايدىغان دۇكانلار ئىدى، ئەڭ ھەشەم-كۆركەملىرىمۇ كىچىكرەك ھويلىلىق ئىككى قەۋەتلىك شال-تاختاي ئىمارەتلەر ئىدى. ئەمما «بايلار» بازىرىدا باشقا ئالتە بەگلىكتىن كەلگەن كاتتا باي-زەردار سودىگەرلەرنىڭ كۆك بىلەن بوي تالاشقان قات-قات راۋاقلىرى، ئازادە مەيدانلىق سودا سارايلىرى رەت-رېتى بىلەن جايلاشقان بولۇپ، بۇ سارايلارنىڭ سۈر-ھەيۋىسى، ھەشەم-دەرەملىرى چىن بەگلىكىنىڭ ۋەزىر-ۋۇزرا، بەگ-تۆرىلىرىنىڭ قەسرىدىنمۇ كۆركەم-ھەشەمەتلىك ئىدى. بۇ بازاردىكى ئادەتتىكى مىلىچ ماللار دۇكىنىمۇ نەچچە ئون ئېغىزلىق، مال جاھازلىرى، ئىشىك-دەرىزىلىرى مىس-تۇچ، مەرمەر تاشلاردىن نەفس ياسالغان بولۇپ، ھەشەم-دەرەمىنى چاڭياڭ كوچىسىدىكى بازار بىلەن سېلىشتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
چىننىڭ يەرلىك ئاۋام-رەئىيەتلىرى يەنىلا چاڭياڭ كوچىسىنى ياقتۇرۇشاتتى. مەھەللىۋى چىن بازىرىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرى ئادەملەر بىلەن ئاۋات ئىدى. ئۆز ئىشىغا پۇختا، ئاددىي-ساددا ئاۋام-رەئىيەت كۈندۈزلىرى بازار تاشلاشمايتتى، تۈن نىسبىدە ئۆي-ئۆيلەر پانۇسلىرىنى ئۆچۈرۈشۈپ تۆشىكىگە ئۇلاشقاندىلا ئاندىن دۇكان-سارايلار ئىشىك-دەرىزىلىرىنى تاقاپ، پانۇسلىرىنى ئۆچۈرۈشەتتى. ئۇرۇش مالىمانچىلىقى تىنجىغان تىنچ-ئاسايىش يىللاردا ئاستانە شيەنياڭدا كېچە-كۈندۈز بازار قايناپ تۇراتتى ، چاڭياڭ كوچىسىدا خېلى كۆپ ساراي-دۇكانلار پانۇسلىرىنى ئېگىز ئېسىشىپ، كېچىلىرى ھاجىتى چۈشۈپ قالىدىغان بىرەر-يېرىم خېرىدارنى ساقلىشىپ تۈنىشەتتى. «مىشچانلار» بازىرى، دېيىلىدىغان ھەشەمەتلىك مۇھاجىرلار بازىرىدىكى باشقا ئالتە بەگلىك سودىگەرلىرى سۈبھىدىكى ئاخىرقى خوراز چىللاپ قونداقتىن چۈشكەندىمۇ تېخىچە ئىللىق يوتقانلىرىغا چۈمكىنىپ تاتلىق ئۇيقۇ راھىتىنى سۈرۈۋاتقاندا، چاڭياڭ كوچىسىدىكى ئەتىگەنلىك بازار شۇ كۈنلۈك دەسلىپىنى باشلاپ قىزىپ قايناپ كېتەتتى. چىن پۇقرالىرى گىرىمسەن تاڭ بىلەن تەڭ تۇشمۇ-تۇشتىن بازارغا چىقىپ سودا-سېتىقىنى پۈتتۈرۈۋالاتتى ياكى مەززىلىك ھىدى بازارنى بىر ئالغان پاقلان گۆشى شورپىسى بىلەن غىزالىنىۋېلىپ ئۆزىنىڭ شۇ كۈنلۈك تىرىكچىلىكىگە ئالدىرىشاتتى. مەھكىمە ئەمەلدار-مەنسەبدارلىرى، مۇساپىر تالىبلار، موللا-دانىشلار كۆپىنچە چاڭياڭ كوچىسىدىكى ئەتىگەنلىك بازاردا ئۇچرىشىپ دىدار - مۇلاقەتتە بولۇشاتتى، غىزالانغاچ شۇ كۈنلۈك ئىشلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشۇۋېلىشقاندىن كېيىن ئىشلىرىغا مېڭىشاتتى.
ئاي-يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چاڭياڭ كوچىسىنىڭ ئەتىگەنلىك بازىرى شيەنياڭلىقلارنىڭ سەھەردە بارمىسا بولمايدىغان سورۇنىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
شۇ كۈنلەردە قاقپودا ئۇچراشقان بازارچىلارنىڭ ئاغزىدىن چىنچۈەن ئاسمىنىنىڭ كۆڭۈلنى دەكە-دۈككە، غەم-غۇسسىگە سالىدىغان خۇي-پەيلى خۇسۇسىدىكى
مىش-مىشلەر چۈشمەيدىغان بولۇشتى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان يىراقتىكى گىلتاغلاردىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزانلاردىن ھاسىل بولغان قىزغۇچ تۇمان كەلتۈرگەن دەكە-دۈككە، غەم-غۇسسەلەر ئەسلىدىمۇ كىشىلەرنى ئانچىمۇ پاراكەندە قىلالمىغان ئىدى، بۇنىڭغا كىشىلەر باشلىرىنى چايقاپ ئۇھسىنىپ قويۇپلا ئۆز تىرىكچىلىكلىرىگە ئالدىرىشاتتى. ئەمما بۈگۈن ئۇنداق بولمىدى، خالايىق سالام-سەھەتتىن كېيىن ئۆزئارا بىرنېمىلەرنى دەپ گۇدۇڭشىشتى، ھەممەيلەننىڭ دېيىشكەنلىرى ئوخشاش بىر مىش-مىش، مىش-مىشلەردە ئېيتىلىشىچە، چى بەگلىكىدىن شيەنياڭغا كېلىپ قالغان بىر سەرگەردان پالچى چىنچۈەن ئاسمىنىدا پەيدا بولغان گىلرەڭ توپا-توزانلىق تۇمان ھەققىدە پال ئېچىپ:
«گىلرەڭ تۇماننىڭ كۆتۈرۈلىشى توپا يامغۇردىن بىشارەتتۇر، ئاسمانۇ-پەلەك، يەرۇ-زېمىن تامامى گىلرەڭ توپا ئاستىدا قېلىپ ئاۋامنى ساراسىمىگە سالۇر» دېگەنمىش. ئاستانىدىكى خالايىق مەيلى تونۇش-بۇرادەرلەر بولسۇن ياكى ناتونۇش-يوچۇنلار بولسۇن بىر-بىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان ھامان بىرنەچچە ئېغىز گۇدۇڭلىشىپ، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان كۆنۈپ قېلىشقان، ھېچكىمگە غەيرىي-يوچۇن تۇيۇلمايدىغان بۇ تۈگۈنلەر بىلەرمەنلىكىنى كۆز-كۆز قىلىشقا ئامراق مەمەدانلارنىڭ دەتالاشلىرىغا تۇترۇق بولۇپ بېرەتتى. بەزى مەمەدانلار گىلرەڭ تۇماننى قىزىل توپا، دېيىشسە، مۇنەججىم-قۇرئەندازلار «توپا يامغۇر» دېيىشتى، شۇڭا يەرلىك چىن پۇقرالىرىمۇ بۇنى توپا يامغۇر، دېيىشتى. بەزىلەر قايىل بولماستىن ئاسماندىن توپا يېغىشنىڭ بىرەر سەۋەبى بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ، چىنچۈەن دېگەن ياپ-يېشىل تاغلار بىلەن ئورالغان، سۈپ- سۈزۈك دەريا-ئېقىنلار ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان، يامغۇر-يېشىنى مول زېمىن تۇرسا نەدىن كەلگەن قىزىل توپا-توزانلىق ھاۋا ئىكەن؟ دېيىشسە، يەنە بەزىلەر ساراسىمىگە چۈشكىنىچە «ۋاي ئاتامەي، چىن بەگلىكىگە راستىنلا بىرەر زەرەر يېتەرمۇ؟» دېيىشەتتى.
ئىشقىلىپ چىن پۇقرالىرى ئاغزىدا كۆكتە قۇتراپ يۈرگەن گىلرەڭ توپا-توزانلار ھەققىدىكى
مىش-مىشلەر تارقىلىپ ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرۈشەتتى.
ــــ خالايىق تېز بېرىپ كۆرۈڭلار! تۆۋەن قوۋۇقتا ئىنئام بار ئىكەن! بىر سۆزى مىڭ تىللا ئىكەن!
ئاۋام-رەئىيەت غۇژمەكلىشىپ ئاسماننىڭ خۇي-پەيلى ئۈستىدە قىزغىن مەمەدانلىق قىلىشىۋاتقان دەل شۇنداق بىر دەقىقىدە، بىر ئوغۇل بالا ئۇشتۇمتۇت كوچىدىكى ئالامان ئارىسىدىن ئۇچقاندەك چىقىپ بالىلارچە يۇمران، جاراڭلىق ئاۋازدا ۋارقىرىغىنىچە ئۆتۈپ كەتتى. بۇنىڭدىن دۇكان-سارايلاردىكى سودىگەر-تىجارەتچىلەر، چاربازارچى-ھۆپىگەرلەر، كوچا تازىلاۋاتقان چاكار-مەدىكارلار بىرمەھەل گاڭگىراپ قېلىشتى. بىر بوۋاي: «نېمە-نېمە-نېمە؟ بىر سۆزى مىڭ تىللا؟ ئوچۇقراق دېسەڭچۇ!» دەپ ئوغۇل بالىنىڭ كەينىدىن ۋارقىراپ قالدى. يەنە بىرەيلەن قاھقاھلاپ كۈلگىنىچە: «ۋۇي شۇمتەك، تېخى ئويغانماپسىنە! بوۋاڭمۇ ئۇخلاۋاتامدۇ-نېمە؟ بىر سۆزى مىڭ تىللا، سۈپۈرگەمنى تاشلاپ خەت ئوقۇشنى ئۆگەنگىلى بارايچۇ !» دېدى، ئۇنىڭ بۇ قىزىقچىلىقىنى ئاڭلىغان كوچا، دۇكان-سارايدىكىلەرمۇ پاراققىدە كۈلۈشۈپ كېتىشتى، ياندىكى سايۋەنلىك ئاشپۇزۇلدا بىر كاسا مەينى تامشىپ ئولتۇرغان بىرەيلەن قىستاپ كەتكەن كۈلكىسىنى باسالماي مەينى پۈركۈۋەتتى...
ــــ تۆۋەن قوۋۇقتا ئىنئام باركەن! بىر سۆزىگە مىڭ تىللا بېرىلىدىكەن! تېز بېرىڭلار ! ــــ ھېلىقى ئوغۇل بالا بايىقىدەكلا يۈگۈرگەچ ۋارقىرايتتى.
ئوغۇل بالىنىڭ يول بويى جاراڭلىق، ئىنچىكە ئاۋازدا سالغان جارلىرىدىن بازاردىكىلەر دەۋرەشكە باشلىدى. دەسلەپتە بىرنەچچە بىكارتەلەپ ئالاقاناتلار تۆۋەن قوۋۇققا ئېتىلىشتى، ئارقىدىنلا ساراي-ئاشپۇزۇللاردىكىلەر قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى، چوكا-قەدەھلىرىنى قويۇشۇپ چىقىشتى، ئاخىردا چاكار-مەدىكارلار سۈپۈرگە، مىس داس-تەڭنىلىرىنى، دەسمال-پەرتۇقلىرىنى تاشلاپ تۆۋەن قوۋۇق تامان يۈگرۈشتى، مەھكىمىگە كېتىشىۋاتقان ئەمەلدارلار ۋە سەيياھ تالىبلار ئاتلىرى، ھارۋا-مەپىلىرىنىڭ يۈگەن-چۇلۋۇرلىرىنى بۇراپ تۆۋەن قوۋۇق تەرەپكە كېتىۋاتقانلارغا سوڭداشتى.
تۆۋەن قوۋۇقنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى دەڭ قىزىپ قايناپ كەتكەن ئىدى. سېپىل تۈۋىگە ئىككى گەزدىن ئېگىزرەك تىكلەنگەن تاختاي تام سېپىل قوۋۇقىدىن دەڭنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگىچە ئىككى ئوق يېتىمى سوزۇلغان، تاختاي تامغا تالا-تالا خەسە ئېسىلغان بولۇپ، ئىككى گەزدىن ئېگىزرەك تاختاي تامدىن يەرگە ئۈچ گەزچە ئۇزۇنلۇقتا سېلىنىپ بەھەيۋەت مەنزىرە ھاسىل قىلغان ئىدى. كۈن چىقىش تەرەپتىكى بىرىنچى خەسىگە ئادەم بېشىدەك يوغانلىقتىكى «لۈبۇۋېي تەپسىرى» دېگەن مىسرەڭ ھەل بېرىلگەن خەت مىقلانغان ئىدى، ئۇنىڭ ئاستىغا تىكلەنگەن سىدام تاختايغا «جاھان ئەھلىنىڭ ‹لۈبۇۋېي تەپسىرى›نى تۈزىتىپ بېرىشكە قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى ئىلتىجا قىلىمىز، بىر سۆزىنى تۈزەتكەنلەرگە مىڭ تىللا بېرىلىدۇ!» دەپ يېزىلغان ئىدى. خەسىلەر كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشقا ئېسىلغان ئىدىكى، خەتلەر ئېنىق، رەتلىك قىلىپ قوش مۇشتەك يوغان يېزىلغان، ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان تام تۈۋىگە ناھايىتى چوڭ پۈتۈك شىرەلىرى قاتار تىزىپ قويۇلغان، شىرەگە سىياھدان، قەلەمدان، قەغەزداندا تېرەقەغەزلەر رەتلىك دەستىلەپ تىزىپ قويۇلغان ئىدى. ھەربىر شىرە يېنىدا پوزۇر كىيىنگەن ئىككىدىن تالىب: «ئەھلى ئىلىم،مەرىپەت ساھىبلىرى قەدەم تەشرىپ قىلىپ خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە تۆھپىسىنى ئايىمغاي! ھەرقايسىلىرى مەيلى قايسى تەبىقىدىن بولۇشلىرىدىن قەتئىينەزەر بۇ بۈيۈك ئەسەرنى تۈزىتىشكە ياردەملىرىنى ئاياشمىغايلا، بىر خېتىنى تۈزەتكەنلەرگە مىڭ تىللا ئىنئام بېرىلىدۇ!» دەپ توختىماستىن جار سېلىشاتتى.
ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان بۇنداق بەھەيۋەت مەنزىرىنى كۆرگەن ئالامان تەۋرەشكىنىدىن سەل كەبى ئاقماقتا ئىدى.
بىرەر ئاش پىشىمى ئۆتمەيلا تۆۋەن قوۋۇقتىكى كۈنچىقىش سېپىلىنىڭ ئاستى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى. سېپىل خەندىكىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دەرەخلەرگە قاغىدەك قونۇشۇۋالغان كەپسىز بالىلار تاماشاغا ئالدىراشتى. ئالامان توپىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن دەڭدىكى ئات-ئۇلاغ، ھارۋىلار قىستاپ چىقىرىۋېتىلدى. تالىبلار، ساۋادلىق مەمەدان-سۇخەندازلار سېپىل تۈۋىدىكى ھەر يوغان قورام تاشلارنىڭ ئۈستىگە، دۆڭرەك يەرلەرگە چىقىۋېلىپ خەسىگە يېزىلغان كالام تەپسىرلىرىنى كانايلىرى پۈتۈپ قالغىدەك ۋارقىرىشىپ ئوقۇشتى. ئالامان توپىدىن ھېلىدىن-ھېلىغا بەس-بەستە غۇلغۇلىلار كۆتۈرۈلۈپ، چىن بەگلىكىنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى مەيدان بازىرىدىن ئۆتە قىزىپ كەتتى. ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەيدىغان قاراقورساق دېھقانلار، ساۋادسىز ھاممال- مەدىكارلار شۇ تاپتا ئۆزلىرىگە بىرەر ساخاۋەتچى تۆرە بايراملىق زىياپەت بېرىۋاتقاندەك شادلىنىپ كېتىشكەن بولۇپ، بىرەر-يېرىم تونۇش-بىلىشلىرى ئۇچراپ قالغانلىرى قاھقاھلاپ كۈلۈشكىنىچە: «ئاغا، ئۆزلىرى ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن ئادەم، تېز بېرىپ تۈزەتسىلە، بىر خەت تۈزىتىپ قويسىلىرى جاھاننى بىر ئايلىنىپ چىقالايدىلا!» دەپ ۋارقىرىسا، ھېلىقى كىشىمۇ خۇشاللىقتىن ھىجىيىپ: «ئىنىم، ئۆزلىرىمۇ قېلىشمايدىلا، بىرەر خەتنى تۈزەتسىلە بىرەر يۈز خوتۇن ئېلىۋېلىشلىرىغا يېتىپ ئاشىدۇ» دەپ ۋارقىراپ چاقچاق قىلاتتى جاۋابەن.ئاشۇنداق سۇخەنداز، مەمەدانلارنىڭ كۈلكە-چاقچاقلىرى، قىيقاس-چۇقانلىرى بەجايىكى دېڭىز بورىنىدەك كۆز يەتكۈسىز ئادەم دېڭىزىنى چايقاپ، ھەيۋەتلىك مەۋج ئۇرۇۋاتقان سۈرەن-شاۋقۇنلۇق دولقۇن ھاسىل قىلدى. ئوقۇغان، ساۋادلىق كىشىلەر بىلىمىنىڭ قانچىلىك بولۇشىغا قارىماي قولۇم-قوشنا، تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ، پوكاندەك قىزارغىنىچە تامدىكى يوغان خەتلەر يېزىلغان خەسىگە تىكىلگىنىچە پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بىرەر-يېرىم خاتالىق بايقىۋېلىشنىڭ كويىدا ئىدى. شيەنياڭلىق چىن پۇقرالىرىنىڭ بىر ئادىتى بار ئىدى: كىمەرسەكىم بىرەر ئىش قىلماق بولسا راۋۇرۇس قىلمىقى ۋاجىبتۇر، ئانچىكى ساۋادلىق بولۇۋېلىپ تالىپ-خەلپەت، دەپ ئەلگە نامى تارالغىنى بىلەن ھالقىلىق چاغدا ھاجەتمەنلەرگە ئەسقاتماي قول قوشتۇرۇپ تۇرۇشسا، بۇ خۇددى نام-ئاتاققا ھېرىسمەن شۆھرەتپەرەست باتۇر-ئەزىمەتلەرنىڭ كۈنبويى جانبازلىق مەشقى بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۇرۇپمۇ گېزى كەلگەندە ئۇرۇشقا قاتناشماي قۇلاق يوپۇرۇۋېلىشقىنىغا باراۋەر، شۇنداق ئىكەن ئۇنداق ئادەمنى قانداقمۇ ئەزىمەت، دېگىلى بولسۇن؟ دەپ كۆزگە ئىلمايتتى. دېمەككىم، شۇ تاپتا تۆۋەن قوۋۇقتا خەت-سۆز تۈزىتەلىسۇن-تۈزىتەلمىسۇن، بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق، ۋەھالەنكى، ھېچبولمىغاندا خالايىق ئالدىدا پۇقرا تالىبلارنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرۈپ ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنماسلىقى كېرەك ئىدى.
ئۇشتۇمتۇت پاكىزە، رەتلىك كىيىنگەن بىر ساۋادلىق كىشى بىر قورام تاشقا سەكرەپ چىقىۋىدى، ئالامان توپى خۇددى قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك بىرپەس جىمجىتلىققا چۆمدى.
ــــ خالايىق، پەقىر بۇ خەتلەرنى نەچچە رەت ئوقۇپ چىقتىم، ئۇنى تۈزىتىپ ئىنئامنى تەڭ بۆلۈشسەك قانداق دەيسىزلەر؟ ــــ دېدى ئۇ كىشى.
ــــ بارىكاللا! ئاپىرىن! ــــ ئالامان تۇشمۇ-تۇشتىن چۇرقىرىشىپ ئالقىش ياڭرىتىشتى.
بۇ ساۋادلىق پۇقرا دەرھال ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ تامغا ئېسىلغان خەسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
ــــ مەزكۇر «ئاۋامنى قەدىرلەش تەپسىرى»دە يېزىلىپتۇلەركى: «بۇرۇنقى زامانلاردىكى دانا-ئاقىل بەگلەر سەلتەنەت سۈرگەندە ئەدلۇ-ئادالەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئادالەتنى بەگلىك تىنچلىقى ۋە ئاسايىشلىقىنىڭ ھامىيسى قىلغان! ... ئالەم بىرلا ئادەمگە بەخشەندە ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاۋام-رەئىيەتكە مەنسۇپ. بۇ زېمىندا تۈرلۈك-تۈمەن ئۆسۈملۈك، كۈللى جانىۋارلارنىڭ ھەققى بار، شىپالىق يامغۇر بىرلا ئۆسۈملۈك-جانۋارغا خاس ئەمەس.
پۇقرالارنىڭ يۆلەنچۈكى بولمىش بەگ-تۆرىلەر بىرلا ئادەمگە ھامىي ئەمەس، ئۇلار ھەممىگە بىركۆزدە قارىمىقى لازىم» !
ــــ بەرھەق ! بەرھەق ! ــــ ئادەملەر توپىدىن گۈلدىراس ئالقىش ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى.
ــــ بۇنى ئۆزگەرتىش كېرەكمىكەن ؟
ــــ قەتئىي ئۆزگەرتىشكە بولماستۇر ! ــــ ئاۋامنىڭ ھەيۋەتلىك، جاراڭلىق قىيقاس-چوقانلىرى ئاسمان-زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرۈۋەتتى.
ھېلىقى ساۋادلىق پۇقرا ئىلاجسىز قالغان قىياپەتتە قاش-كۆزلىرىنى ھىمىرىپ-پولتايتىپ شەيتانلىق قىلىپ كىشىلەرنى كۈلدۈرگەچ يەنە تامغا بۇرۇلدى:
ــــ يەنە داۋاملىق ئىشتىڭلاركى، مانا بۇ «ئاۋام رايىغا بېقىش تەپسىرى» دا يېزىلغانلەركى: «بۇرۇنقى زامانلاردا سەلتەنەت سۈرگەن بەگلەر ئىچىدە ئاۋام-رەئىيەت كۆڭلىنى ئۇتۇپ نام-شۆھرەت قازانغان، چەكسىز مېھر-شەپقىتى ئارقىلىق ئاۋام-رەئىيەتنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ كاتتا تۆھپە ياراتقان، يۈكسەك ھەمدۇ-سەنالار ساھىبىغا ئايلانغانلار ناھايىتى كۆپ، ئاۋام-رەئىيەتنىڭ رايىغا باقماي، ئاۋامغا جەبرۇ-زۇلۇم سېلىش بەدىلىگە نۇسرەت قازانغانلارنىڭ تىمسالى ئەزەلدىن بولغان ئەمەس. ئاۋام كۆڭلىنى ئۇتۇشنىڭمۇ يولى باردۇر، مەيلى قۇدرەتلىك كاتتا بەگلىك بولسۇن ياكى كىچىك، ئاجىزبەگلىك بولسۇن، ئاۋام كۆڭلىنى ئۇتقان سەلتەنەت ساھىبلىرىدىن ئاۋام خۇش بولغان، ئاۋام كۆڭلىنى خۇش قىلالىغان بەگلەرلا ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالىغان، ئەجەبا، ئاۋام كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان ساۋاب-ئىنسابلىق ئىشلار شۇنچە كۆپمىدۇ؟ مانا بۇ ئاۋام كۆڭلىنى ئۇتۇشنىڭ ئاچقۇچىدۇر!» ــــ دەپ ئوقۇدى.
ــــ ياشىسۇن !
ــــ مانا بۇنىمۇ ئۆزگەرتىش كېرەكمىكەن؟
ــــ بىر سۆزنىمۇ ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك ! ــــ ئاۋامنىڭ جاراڭلىق ساداسى، قىيقاس-سۈرەنلىرى يەنە پۈتكۈل مەيداننى زىلزىلىگە سالدى.
ھېلىقى ساۋادلىق پۇقرا بېشىنى چايقىغىنىچە يەنە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ:
ــــ يەنە ئىشتىڭلاركى، مانا ماۋۇسى «ئادالەتلىك ئۇرۇش تەدبىرى» دۇر، ئەي خالايىق، ئانىڭدا يېزىپتۇلەركى: «بۇرۇنقى زامانلاردىكى بەگلەر ئەدلۇ-ئادالەت ۋە ھەققانىيەت يولىدا ئۇرۇش قىلغانلەركى، ھەرگىز ئورۇنسىز ئۇرۇش قىلغان ئەمەس. ئۇرۇش ناھايىتى قەدىم زامانلاردىلا ئىنسانىيەت بىلەن تەڭلا بارلىققا كەلگەن. ئومۇمەن بارلىق ئۇرۇش پاراسەت-جاسارەت، كۈچ-قۇدرەت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغاندۇر، پاراسەت-جاسارەت، كۈچ-قۇدرەت ئىنساننىڭ ماھىيىتىدۇر. ئىنساننىڭ بۇ ماھىيىتى تۇغمىدۇر، يەنى بۇنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلغانلەركى، ئادەمزاتىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن بۇنداق ماھىيەتنى ئاپرىدە قىلغىلى بولماستۇر. ئەلەم ساھىبلىرى ئەلەم ماھارىتى بىلەن بۇنى ئۆزگەرتەلمەس ھەم پەم-پاراسەت ئىگىلىرىمۇ بۇنى تەۋرىتەلمەستۇر! ... جاھاندا ئۇرۇش پەيدا بولغىلى ناھايىتى ئۇزاق بولغاندۇر، ئۇنى توسۇۋالغىلىمۇ، تىنجىتقىلىمۇ بولماستۇر، شۇڭا دەرلەركى، بۇرۇنقى زامانلاردىكى بەگلەر ئەدلۇ-ئادالەت ۋە ھەققانىيەت يولىدا ئۇرۇش قىلغانلەر، ھەرگىز ئورۇنسىز ئۇرۇش قىلغان ئەمەس! ... ئەدلۇ-ئادالەت ۋە ھەققانىيەت يولىدىكى ئۇرۇش ئەلنى تىنچ-ئامان ئىدارە قىلىشنىڭ شىپالىق دورىسىدۇر، ناۋادا قىلماقچى بولغان ئۇرۇش ھەققانىيەتكە ئۇيغۇن كەلسە، بۇنداق ئۇرۇشنى كېچىكتۈرمەي قىلىپ، زالىم بەگ-تۆرىلەرنى جازالاپ، ئاۋام-رەئىيەتنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن قۇتقۇزۇش جائىزدۇر، بۇنىڭدىن ئاۋام-رەئىيەت خۇددى ساداقەتمەن پەرزەنت مېھرىبان ئاتا-ئانىسىنى كۆرگەندەك، ئاچ-زارلىقتا قالغان ئادەم مەززىلىك غىزا-تائامغا ئېرىشكەندەك، چۆل-دەشتلەردە چاڭقاپ ھالىدىن كەتكەن ئادەم ئابىھايات ئوخچۇپ تۇرغان زۇمرەت بۇلاققا يولۇققاندەك شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ!»
ــــ ياشىسۇن ھەققانىيەت، ئادالەت يولىدىكى ئۇرۇش !
ــــ بۇنى ئۆزگەرتىش كېرەكمىكەن ؟
ــــ بۇنى ئۆزگەرتىشكە ھەرگىزبولمايدۇ !
ــــ ئىنئام ئالغۇڭلار يوقمۇ ؟
ــــ ئالمايمىز! ئۇنداق ئىنئامنىڭ كېرىكى يوق! ــــ تاغلارنى تەۋرەتكۈدەك، دەريا-دېڭىزلارنى تاشقۇزۇۋەتكۈدەك بەھەيۋەت جاراڭلىق سادالار پۈتكۈل شيەنياڭ ئاسمىنىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى.
ھېلىقى ساۋادلىق پۇقرا قورام تاش ئۈستىدىن دىككىدە سەكرەپ چۈشۈپ، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ تامدىكى خەسىگە ئېگىلىپ تازىم قىلدى ۋە:
ــــ يا سەللەللاھۇ پىر كامىللەر ! سۆز كانلىرىدىن دۇر قېزىشتا كامالەت تاپقان پاراسەت-پاساھەت ساھىبى بولمىش بۇ ھەزرىتى ئىرپانبەگ ھەقىقەتەن ئەلنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپتۇ! ــــ دېگىنىچە قەلب تۆرىدىن چەكسىز ھۆرمەت، كامالىي ئېھتىرامىنى بىلدۈرۈپ يەنە بىر رەت تازىم قىلىۋېتىپ، چەبدەسلىك بىلەن ئاۋام-رەئىيەت توپىغا شۇڭغۇپ غايىب بولدى، شۇ تاپتا ئۇ ئىنئامغا ئېرىشكەندىن ئۆتە خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدى.
ئاۋام-رەئىيەت توپى سۇخەندازلىق تۈگمىنىگە سۇ باشلاپ، مەمەدانلىق قامچىسىنى قارسىلدىتىپ غۇلغۇلا قىلىشىۋاتقان چاغدا، بىرتوپ ئاتلىق قورۇقچىلارنىڭ ھېماتىدا ھەشەم-دەرەمى مانا مەن، دەپلا تۇرغان بىر يېنىك ھارۋا ئالامان توپىنى يېرىپ كىرىپ كەلدى.
ھارۋا دەڭنىڭ چېتىدە ئاستا-ئاستا توختىغاندىن كېيىن ئاتتىن چۈشكەن بىرنەچچە پوزۇر كىيىنگەن چەبدەس ھېماتچى ھارۋىدىن قىزىل كىمخاب بىلەن ئورالغان يوغان مىس ساندۇقنى كۆتۈرۈپ چۈشۈردى. يەنە بىرنەچچە چەبدەس قورۇقچى كۈمۈشتەك ئاقارغان چاچلىرى يەلكىسىگىچە سېلىنىپ تۇرغان بىر مۆتىۋەللى سۈپەت كىشىنى قورۇقداپ خەسە ئېسىلغان تام تۈۋىگە كېلىپ توختىدى.
خېلىدىن بېرى يېزىق شىرەسى يېنىدا تىك تۇرغان تېجىمەل:
ــــ خالايىق يول بوشىتىڭلار، ئەركانبەگ سەي زې② ھەزرەتلىرى «ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۇلۇغۋار ئىشى ئاۋامنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتمىسە دۆلەت ئەمىن تاپمايدۇ» دەپ قاراپ، يېغىلىق دەۋرىنىڭ دۇر-كالامى بولمىش «لۈ بۇۋېي تەپسىرى.يىگانە كالام»دىن ۋەز ئېيتىش ئۈچۈن ئاۋام ئارىسىغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ بۇ يەردە ھازىر بولدى! ــــ دەپ جاكارلىدى سوزۇق ئاۋازدا.
ئاۋام توپى دەۋرەپ يول ئاچتى. قىزىل كىمخاب تون كىيگەن، چاچ-ساقاللىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان ئەركانبەگ سەي زې چوڭ-چوڭ چامداپ يوغان بىر مەر-مەرتاش ئالدىغا كېلىپ، ئۆزىنى يۆلىگىلى كەلگەن قورۇقچىلارنى قول ئىشارىسى بىلەن توختىتىپ، خۇددى ياشلاردەك بىر قەدەمدىلا مەر-مەرتاشقا چىقتى. ئاۋام-رەئىيەت توپى ئەھۋالنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىشىپ ئاستا-ئاستا تىنچلاندى. ئەركانبەگ سەي زې ئەركەك غازنىڭكىدەك غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازى بىلەن ئاۋامنى ئۆزىگە جەلب قىلىش ئۈچۈن ۋەزىنلىك سۆزلەشكە تىرمىشىپ:
ــــ خالايىق، شۇ تاپتا پەقىر ياشىنىپ قالغانلىقىمدىن مەنسىپىمدىن ئىستېپا سوراپ، ئىرپانبەگ لۈ بۇۋېي ھەزرەتلىرىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن خەت-سۆز تۈزەتكۈچى، مەسلىھەت بەرگۈچى ئەللامە-ئۆلىما، دانىش-موللىلار، تالىبلارنى كۆرگىلى كەلدىم. ‹لۈ بۇۋېي تەپسىرى › ھەزرىتى ئىرپانبەگ لۈ بۇۋېي جانابلىرىنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىشتىكى يېگانە ئەركان-مىزانىدۇر. مانا بۈگۈن بۇ يېگانە كالامنى ئاستانە شيەنياڭ قوۋۇقىدا جاكارلاشتىن مۇددىئا-مەقسەت شۇدۇركىم، پۈتكۈل بەگلىك رەئىيەتلىرىگە ئۇنى بىلدۈرمەكلىكتۇر. جاھاندىكى ئۆلىما-ئەللامە، ئاقىل-دانىش، موللا-تالىبلارنىڭ بۇ يېگانە كالامنىڭ خاتاسى بولسا پىكىر-مەسلىھەتلىرىنى ئايىماي تۈزىتىپ بېرىشىنى ئىلتىجا قىلىمىز. بىر خېتىنى تۈزەتكۈچىلەر مىڭ تىللا بىلەن تارتۇقلىنىدۇ ھەم ئۇستاز سۈپىتىدە ئىززەت-ئېكرام بىلدۈرۈلىدۇ. پەقىرلىرى ھازىر ھەرقايسىڭىزلەرگە ئوخشاشلا رەئىيەتمەن، شۇڭا ئادىللىقنى ياقلايمەن. كېلىڭلار، ئىنئام قاچىلانغان ساندۇقنى ئېچىڭلار !ـــ دېدى قورۇقچىلارغا بۇرۇلۇپ. ئەركانبەگنىڭ سۆزى تۈگە-تۈگىمەيلا ئىككى قورۇقچى قىزىل كىمخاب رەختنى يېشىپ مىس ساندۇقنىڭ ئاغزىنى ئاچتى، توقاچتەك رەتلىك تىزىلغان قەۋەت-قەۋەت ئالتۇنلار يالت-يۇلت پارقىراپ، ئالاماننىڭ كۆزلىرىنى چاقنىتىپ ئالا-چەكمەن قىلىۋەتتى.
مەيدان سانجاق-سانجاق رەئىيەتنىڭ يۈرەكلىرى خۇددى سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەك، يىڭنە چۈشسە «تىرىق» قىلغان ئاۋاز ئاڭلانغۇدەك تىمتاسلىققا چۆمدى.
يۈزنەچچە يىلدىن بېرى شاڭ ياڭنىڭ ③ خادا يۆتكەپ ئىشەنچكە ئېرىشكەنلىكى چىنلىقلار ئارىسىدا ئادەمنى مەستخۇشلۇققا گىرىپتار قىلىپ ئەقلىنى لال ئەتكۈدەك شىرىن خىياللارغا سالىدىغان رىۋايەت بولۇپ كەلگەن ئىدى. چىنلىقلار ئۆز بەگلىكى ھەققىدە بەس-مۇنازىرىگە چۈشكەندە، خادا يۆتكەپ ئىشەنچكە ئېرىشىش ھەممىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىش بولۇپ قالاتتى. بۇ ئىقلىمدىكى سۇخەنچى-مەدداھلار ياكى ئۇلارنىڭ مەستانىلىرى دائىم :«بىر بادرىنى يۆتكىگەنگە يۈزلەپ سەر ئالتۇن تارتۇق بېرىدىغان شاڭ تۆرىدەك مەرد ئادەم ئەمدى بۇ دۇنياغا تۇغۇلمايدۇ!» دەپ ئۇھسىنىپ قويۇشاتتى. ئەمما ئويلىمغان يەردىن بۈگۈن بۇ ئىرپانبەگ بىر خېتىگە مىڭ تىللا بېرىپ مەردلىكتە شاڭ تۆرىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، شاڭ تۆرىغۇ ئاۋامنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن سەمىمىيەت بىلدۈرۈپتۇ، ماۋۇ ئىرپانبەگنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى نېمە دەپ تەرىپلىگۈلۈك ئەمدى؟ بىر كىتابنى بىر ئەل پۇقراسىنىڭ تۈزىتىشىگە قويۇش قەدىمدىن بولۇپ باققانمۇ؟ كۇتۇپخانا، ئىستىقامەتخانا، ئېتىكابخانىلارغا لىق تولغان تۈرلۈك ئېقىمدىكى موزى تەرىقىتى، كوڭزى تەلىماتى، تەرىقەت كالاملىرى، بەگلەرنىڭ ئوردا-قەسىرلىرىگە تورۇس بىلەن تەڭ تىزىۋېتىلگەن سانسىزلىغان كەلام-دەستۇرلارنىڭ قايسى بىرى ئاۋامنىڭ مەيلى بويىچە تۈزىتىشىگە قويۇلغان؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاۋام-رەئىيەتنىڭ قانچىلىكىنىڭ خەت ساۋادى بار، قانچىلىكىنىڭ قورسىقىدا تۈزەتكۈدەك ئۇمىچى بار؟ ھېچ بولمىغاندا ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغاندىن قانچىسى باردۇ؟ ئاۋامنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن كىتابتا ئاۋام مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ سۆزلىمىسەڭ كىممۇ سېنىڭ كالاملىرىڭغا قۇلاق سېلىپ تەرىپىڭنى ئالار؟ دۇرۇست، بايىقى ساۋادلىق پۇقرا پۇقرالارغا ياقىدىغان پارچىسىدىن بىرنەچچە كەلىمە ئوقۇپ بەرگەن بولدى. قىزىق، ئاۋامنىڭ رايىغا قويۇشتا قانداق بىرەر مەقسەت-مۇددىئا باركىن؟ بەلكىم ئاۋامنىڭ رايىغا بېقىپ كۆڭلىنى ئۇتۇش مەقسەت-مۇددىئا قىلىنغاندۇر، ئەمما، نەسەب-مەنسەبتە تەڭداشسىز ئىرپانبەگنىڭ ھوقۇق-ئىمتىيازى ئېشىپ-تېشىپ تۇرسا يەنە ئاۋامنىڭ رايىغا بېقىپ نېمىمۇ قىلار؟ ئاۋام-رەئىيەت ئەزەلدىنلا ئەمەلدارلارنى، مەنسەپدار-نەسەبدارلارنى كۆرگەندە كەمسۆز، جىمغۇر ئىدى، شاڭ ياڭ قانۇن ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى چىن رەئىيەتلىرى ئەركان-مىزان، ئوردا مەھكىمىسىنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرى ئالدىدا تولىمۇ رايىشلىشىپ، ئوردا، بەگلىككە دائىر ھەرقانداق ئىشلارغا يولۇققاندا شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىك رەئىيەتلىرىگە ئوخشاش گۈرەن تومۇرلىرى كۆبجۈپ كەتكىچە شاللىرىنى چاچرىتىپ، كۆزلىرىگە قان تولۇپ كۈۋەجىشىپ كەتمەستىن بەلكى تولىمۇ تاقەت-ئېھتياتچان، قانائەتچان ئەمەسمىدى؟ ھەتتا شۈن زى ھەزرەتلىرى چىن تەسەررۇپىغا كەلگەندە، ھەيرانلىقىدىن ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدىغۇ؟ ئۇنىڭ ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي : «بۇ بەگلىكتىكى رەئىيەتتە ئەمەلدارلار ئادىل-لىللا كېلىدۇ، دەيدىغان قاراش بار ئىكەن» دېگەن باھاسى دېمىسىمۇ ھەق-لىللا باھا ئىدى. ناۋادا ئاۋام بىر كىتابتىكى پەندى-نەسىھەتنى ئاڭلاپ ئوردىدىن دەرگۇمان بولۇپ قالارمىكىن، دەپ ئەنسىرىشىدىغان ئىش بولسا، چىن رەئىيەتلىرى بۇنىڭغا قوشۇمىسىنى ھىمىرىپ قويۇپ پىسەنتىگە ئالمىغان بولاتتىغۇ ؟ ئەمما بۈگۈنكى بۇ بىر خەتكە مىڭ تىللا ئىنئام بېرىلىدىغان ئىشنىڭ بىر بادرىنى يۆتكىگەندەك ئۇنچىلىك ئاددىي ئىش ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ئېھتىيات-تاقەت قىلماق لازىملىقىنى چىن رەئىيەتلىرى ئوبدان بىلەتتى. جاھاننىڭ ئىشلىرى تولىمۇ قىزىق بولىدىكەن، ناۋادا ئەركانبەگ سەي زې ھەزرەت بىرمۇنچە ئېزىپ ئېيتمىغان بولسا، چىن رەئىيەتلىرى مۇشۇ پۇرسەتتە بۇنى بىر قىزىق ئىش ئىكەن، دەپ بىلىپ تاماشا كۆرگەن، ئۇنى-بۇنى دەپ غۇلغۇلا قىلىشىپ ۋاقت ئۆتكۈزۈشكەن بولار ئىدى. سەي زېنىڭ مەغرۇر قىياپەتتە ئىرپانبەگنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن ۋەزخانلىق قىلىشى بىلەن بۇ يەردىكى ئادەم دېڭىزى بىر پەس شىپپىدە جىمىپ دىلغۇلچىلىقتا ساراسىمىگە چۈشتى.
ــــ جاھاندا ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانمۇ كەلام-دەستۇر بولامدىكەن؟ پەقىر بىر كۆرۈپ باقسۇنچۇ !
مەغرۇرانە، ھاكاۋۇرلارچە ھەم مەردانىلەرچە چىققان بۇ ئاۋاز بەئەينى دېڭىزدىن ئوخچۇپ چىققان لەھەڭدىن پەيدا بولغان دولقۇن ساداسىدەك ئادەم دېڭىزىدا بىردىنلا شاۋقۇن-سۈرەنلىك داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، ناھايىتى تېزلا يىڭنە پاتمىغىدەك سانجاقلىشىپ كەتكەن توپ ئىچىدىن بىر تار يول ئاچتى.
قىزىل كىمخاب تونلۇق، ئېسىۋالغان ئۇزۇن شەمشىرىنىڭ دەستىسىنى بىر قولىدا تۇتۇۋالغان
بىر تالىب سۈپەت كىشى ئاشۇ تارغىنە يولدىن يوغان-يوغان مەزمۇت قەدەملىرى بىلەن كىشىلەر توپىنى يېرىپ ئۆتۈپ، كۆرەڭلىكىنى نامايىش قىلغاچ تام تۈۋىگە كەلدى. سەي زې مەر-مەر تاشتىن چۈشۈپ ئىغاڭشىغىنىچە كېلىپ قوللىرىنى جۈپتەكلەپ:
ــــ جانابلىرىغا سالام بېرىشكە پېتىنغانلىقىمدىن ئۈزرە سورايمەن، جانابلىرى قايسى بەگلىكتىن كەلدىلىكىن؟ نامۇ-شەرىپلىرى نېمە بولىدىكىن؟ ــــ دېدى.
قىزىل كىمخاب تونلۇق تالىبمۇ قوللىرىنى جۈپلەپ سالامغا مەنسىتمەسلىك تۇرقى بىلەن تەكەببۇرانە جاۋاب قايتۇردى:
ــــ كەمىنە لۇ بەگلىكىدىن كەلگەن تالىب چۈن يۈيۆ ④بولۇمەن، پەقىر جانابىي مېڭ زى ھەزرەتنىڭ مۇخلىسىدۇرمەن!
ــــ لۇ بەگلىكى ئاللىقاچان ھالاك بولغان ! ــــ دېدى سەي زې بىلىنەر-بىلىنمەس مەسخىرە ئارىلاشقان كۈلكىسىنى يوشۇرالماي، ــــ جانابلىرىنىڭ بۇنىڭدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكلىرىدىن قارىغاندا زاھىد ئوخشىمامدىلا؟ مېنىڭچە ئۆزلىرى چۇ ياكى چى ئېلىدىن كەلگەن تالىب بولمىسىلا يەنە !
قىزىل كىمخاب تونلۇق تالىب قولى بىلەن رەت قىلىش ئىشارىسىنى قىلدى ۋە:
ــــ راست دەيدىلا، ھازىر لۇ بەگلىكى يوق، ئەمما بۇ بەگلىك ئاۋام قەلبىدە! بىلمىدىم،ئەركانبەگ جانابلىرى نېمىگە شۇنچە خۇشال بولۇپ كۈلۈپ كەتتىلىكىن؟ ــــ دېدى.
ئەركانبەگ سەي زې بۇ تالىب بىلەن تالاشقۇسى كەلمىگەندەك تەرۈزدە بېشىنى چايقاپ كۈلگىنىچە:
ــــ بۇ يەر مۇنازىرە قىلىشقىدەك سورۇن ئەمەس، جانابلىرىنىڭ دۇرۇست نىيەتلىكى كەمىنىلىرىگە ئايان، قېنى مەرھەمەت قىلىپ تەلىم بەرگەيلا! ــــ دەپ قوللىرى بىلەن تامغا ئېسىغلىق خەسىنى كۆرسىتىپ تەكلىب ئىشارىسى قىلدى.
ــــ كەمىنىلىرى ساۋاق ئالغاندا ھەزرىتى كوڭ زىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشتىن باش تارتماسلىق ۋاجىبتۇر، دېگەن تەلىمىنى ئوبدان ئۆگەنگەنمەن! ــــ دېدى چۈن يۈيۆ سوغۇققىنە كۈلگەچ دىككىدە بىر سەكرەپلا مەر-مەر تاش ئۈستىگە چىقىۋېتىپ ۋە قىلىچى بىلەن تامغا ئېسىلغان خەسىنى كۆرسىتىپ ۋەزخانىلىقىنى داۋام قىلدى ــــ جانابلار كۆرۈشسىلە، مانا بۇ «بىر مۆچەلدە بىر كەلگەن كۈزنىڭ دەلۋە ئېيى» نىڭ «ئابروي-نوپۇز بابى» ئىكەن، بۇنىڭ بىسمىللاھسىدىلا «ئەدلۇ-ئادالەتچىلەر، ھەققانىيەت ھامىيلىرىنىڭ بارچە ئىشلىرى ئوڭىغا تارتىدۇ، ۋەزىر-ۋۇزرالارنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن، يات-يوچۇن، ئۇرۇق-تۇغقان بولۇشلىرىمۇ دەل مۇشۇنىڭدىندۇر، بۇ دەل ئەلدە مالىمانچىلىقنى تىنجىتىپ ئاۋامنى ئەمىن-ئاسايىشلىققا دالالەت قىلىشنىڭ ئاساسىدۇر»، دېيىلىپتۇ، ھەرقايسىلىرىچە بولغاندا مۇشۇنداق يېزىش دۇرۇستمىدۇ؟
ــــ دەرھەقىقەت شۇنداقتۇر! ــــ دېيىشتى ئەتراپتا تۇرغان موللىلار تەڭلا.
ــــ پەقىر بۇ يەردە تەكىتلەنگەن ‹ئەدلۇ-ئادالەت› دېگەن سۆزنى ئۆزگەرتمەكچىمەن! ــــ چۈن يۈيۆنىڭ قىلىچى ھەدەپ تامغا ئېسىغلىق خەسىنى چىنەيتتى، ــــ بۇ يەردىكى ‹ئەدلۇ-ئادالەت›دېگەن سۆزنى ‹ئەدەب-ئەخلاق› دېگەن سۆزگە ئۆزگەرتىش كېرەك! بارچە ئىشنىڭ ئاساسى ‹ئەدەب-ئەخلاق› تىن باشلانمىقى ۋاجىبتۇر. ھەزرىتى كۇڭ فۇزى ئېيتقانلەركى: ھەممە ئىشتا ئۆزىنى تۇتۇپ ئەدەبكە قايتماقلىق زۆرۈر. ئەدەب-ئەخلاقنى مىزان-دەستۇر قىلىشنى زىنھار ئۆزگەرتكىلى بولماستۇرلەر! ئەدلۇ-ئادالەتنى ئەدەب-ئەخلاق ئورنىغا دەسسىتىشنىڭ ئاساسى نېمىدىنكىن؟
ئاۋام-رەئىيەت توپىدىن ھەيرانلىقتىن سالقىن-سوغۇق مەسخىرىلەر كۆتۈرۈلدى، ھېچكىم چاۋاكمۇ چالمىدى ھەم ئالقىشمۇ ياڭراتمىدى، چۈن موللامنىڭ ۋەزخانلىقىنى ھېچكىم ياقتۇرمىغاچقا، ئەسلىدە بۇ يەردىكىلەرنىڭ بارچىسىنى كامالەتكە يەتكەن ناتىقلىقىمدىن ئالقىش ياڭراتقۇزۇۋېتىمەن، دېگەنلەرنى ئويلىغان چۈن تالىب پوكاندەك قىزىرىپ بىر ھازا نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى. ئۇشتۇمتۇت چاچ-ساقاللىرى، قاش-كىرپىكلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان بىر بوۋاي:
ــــ لۇ بەگلىكىدىن كەلگەن جانابىي چۈن تالىبتىن شۇنى سوراپ بىلگۈم كېلىپ تۇرىدۇ، سىلى دەۋاتقان بۇ ئەدەب-ئەخلاقنى كۇڭ فۇزى ھەزرەتلىرى مەندەك تومپاي بودۇنلارغا راۋا كۆرمىگەن بولغىيدى؟ نېمىتى؟ نېمە دېيىلەتتى ھېلىق گەپ؟ــــ دېيىشىگە:
ــــ تومپاي بودۇنلارغا ئەدەب-ئەخلاقنىڭ لازىمى يوق ھەم ئۇلاردىن ئەدەب-ئەخلاق كۈتۈش بىھاجەتتۇر، دېگەن ئىدى! ــــ دەپ ۋارقىرىدى ئاۋام توپىدىن بىرەيلەن غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازدا.
ــــ بەرھەق، بەرھەق، ھەقىقەتەن شۇنداق، تومپاي بودۇنلارغا ئەدەب-ئەخلاقنىڭ لازىمى يوق ھەم ئۇلاردىن ئەدەب-ئەخلاق كۈتۈش بىھاجەتتۇر، دېگەن ئىكەن كۇڭ فۇزى ھەزرەتلىرى! ــــ بوۋاينىڭ بىردىنلا يۈز-كۆزى قىزىرىپ، ئاۋازى تىترەپ كەتتى، ــــ ئەدەب-ئەخلاق كۈرمىڭلىغان تومپاي بودۇنلارغا راۋا بولماي پەقەتكىنە بىر ئوچۇم بەگ-تۆرە، تاپخور خوجايىنلارغا راۋا بولغان ئىكەن، مۇشۇنىمۇ بارچە ئىشنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەكمىكەن؟ قېنى تەقسىر دەپ باقسىلا؟
ــــ ئالامەت توغرا ئېيتتىلا بوۋا، ئەقىللىرىگە سايە چۈشمىگەي، ياشاپ كەتسىلە!
ئاۋام-رەئىيەت چىرايلىرىغا رازىمەنلىك بىلەن كۈلكە يۈگرۈتۈپ، بوۋاينى ماختاپ ئۇنىڭغا ئاق-پاك تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى، نەدىندۇر بىر بۇلۇڭدىن قوپال تېجىمەللەر ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ كېتىشتى:
ــــ ئاغزىدىن پوق تامىدىغان نېمىكىنا ماۋۇ !
ــــ ئاناڭنى! ئەدەب-ئەخلاق دېگىنىڭ نېمە ئۇ؟ تۆرە-بېگىملەرنىڭ كالتىكى ئىكەنغۇ شۇ !
ــــ كۇڭ فۇزى دېگەن قېرى دەللال نېمە دېگەن زەھەرخەندە-ھە؟ ئاۋام-پۇقرالارغا ھاقارەت قىلغانلىققۇ بۇ!
ــــ تېخى مېڭ زى ھەزرەتنىڭ مۇخلىسىمىش، كۆتۈڭگە تېپىك يېمەستە لۇ بەگلىكىڭگە كېتىۋال، بەدبەخت!
ــــ ھۇ كەلگىندى! كىتاب تۈزىتەرمىش تېخى، ئۆيۈڭگە بېرىپ ئاۋۇ بىرنېمەڭنى تۈزەت!
ــــ يوقال!
ئاۋام-رەئىيەتنىڭ مەسخىرە-مازاقلىرى، تىل-ئاھانەتلىرىدىن تۇرالماي قالغان چۈن يۈيۆ يۈزىنى داپتەك قىلىپ قەدەملىرىنى ئاران-ئاران سۆرەپ غايىب بولدى.
ــــ بارىكاللا، ئەل رازى خۇدا رازى، دەككىسى ئالامەت جايىدا بېرىلدى!ــــ دېدى سەي زې رازىمەنلىكىنى باسالماي كۈلگىنىچە ۋە ــــ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى تۈزىتىمەن دەپ كەلگەن ماۋۇ شەندۇڭلۇق تالىب تۈزەتمەكتە يوق ئەكسىچە ئەمەسلا بىر نېمىگە ئۆزگەرتىۋەتتى دېسە ؟!ــــ دېگىنىچە تېجىمەللەرنى مەر-مەرتاش ئۈستىگە چىقىپ «‹لۈ بۇۋېي تەپسىرى›نى تۈزىتىمەن دەپ كەلگەن ماۋۇ شەندۇڭلۇق تالىب تۈزەتمەكتە يوق ئەكسىچە ئەمەسلا بىر نېمىگە ئۆزگەرتىۋەتتى» دەپ يۇقىرى ئاۋازدا جار سېلىشقا بۇيرۇدى. سەي زې ئەسلىدە بۇ شەندۇڭلۇق تالىب چۈن يۈيۆنىڭ خېلىلا ئەلمى-تەلىمى بارلىقىنى بىلىپ، شەندۇڭلۇق تالىبلار قايىل بولسىلا « لۈ بۇۋېي تەپسىرى» ئۆز قىممىتىنى ھەقىقىي تۈردە ساقلاپ قالالايدۇ، دەپ ئويلاپ مۇشۇنداق جار سېلىش ئارقىلىق ئۇنى ئۇزىتىپ قويماقچى ئىدى، ئويلىمىغاندا تېجىمەللەرنىڭ بۇ جارنامىسىنى ئاڭلىغان چىننىڭ ئاۋام-رەئىيەتلىرى بۇنى ئالتە بەگلىككە قارىتىلغان جەڭ چاقىرىقى، دەپ چۈشىنىپ قېلىپ تۇشمۇ-تۇشتىن ئەگىشىپ تەكرار-تەكرار توۋلاپ ئالەمنى مالەم قىلىپ، جاھاننى بېشىغا كىيىپ ئاستانە شيەنياڭنى بىر ئالدى. بۇ خۇددى بىر زور نامايىشتەك دەۋرەپ تاكى كۈن چۈشتىن قايرىلىپ تۈن پەردىسى يېيىلغانغا قەدەر داۋام قىلدى، بۇ ئارىدا بىرەرمۇ تالىب «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى تۈزىتىشكە چىقمىدى.
ئاستانە كوچىلىرىدا پانۇس يېقىلغان چاغدا، شايى لىباسلىق بىر تېجىمەل ئالدىراپ-سالدىراپ تۆۋەن قوۋۇققا كېلىپ قىستىلىپ يۈرۈپ سەي زېنىڭ يېنىدا توختىدى.
تېجىمەل سەي زېنىڭ قۇلىقىغا بىرنېمىلەرنى دەپ كۇسۇلدىۋىدى، سەي زېنىڭ ئۆڭى ئۆچۈپ چۆچۈپ كەتتى ۋە دەرھال ھارۋىسىغا چىقىپ كەچكى شەپەق باغرىدا تولغىنىۋاتقان گىلرەڭ توزانلىق
تۇمان قوينىدا غايىب بولدى.
ئىزاھاتلار
① قەدىمدە
مارالغا ئوخشايدىغان ھايۋان قۇت-ئامەت نىشانى قىلىناتتى(تەرجىمان)
② سەي زې: يېغىلىق دەۋرىدىكى جاۋ بەگلىكىنىڭ ئەركانبېگى(قانۇن-دەستۇر ۋەزىرى)، خېبېينىڭ خۇەيئەن، دېگەن يېرىدىن. سىما چيەننىڭ «تارىخنامە»سىدە تەرجىمىھالى تۇرغۇزۇلغان. مۇھاجىرەت-مۇساپىرەتچىلىكتە بىر قانچە بەگلىكلەردە سەير-ساياھەتتە، ئىلىم تەھسىل قىلىشتا بولۇپ، نۇرغۇن چوڭ-كىچىك بەگ-تۆرىلەردىن خىزمەت تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ئەتىۋارلانمىغان.(ت)
③ «شاڭ تۆرە» ـــ شاڭ ياڭغا بېرىلگەن نام. مىلادىدىن بۇرۇنقى 390-يىلى تۇغۇلۇپ 338-يىلى پاجىئەلىك ئۆلگەن بۇ تۆرە ئاجايىب بىر شەخستۇر. ئۇ ئەسلى ۋېي بەگلىكىنىڭ ۋەزىرى گۇڭ سۇنزۇنىڭ خۇسۇسىي خىزمەتكارى ئىدى، كېيىن چىن بېگى شياڭگۇڭغا مۇشاۋۇر بولغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 356-يىلى (چىن شياڭگۇڭنىڭ 6-يىلى) سولقول يانداش تۆرىلىك مەنسىبى بىلەن تارتۇقلانغاندىن كېيىن قانۇن ئۆزگەرتكەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 350-يىلى (چىن شياڭگۇڭنىڭ 12-يىلى) يەنە بىر قېتىم قانۇن ئۆزگەرتكەن. كېيىنچە ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن شاڭ دېگەن بىر ئايماق سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەچكە شاڭ تۆرە، دەپ نام قازانغان. چىن شياڭگۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن بەگ-تۆرىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ھارۋىغا سۆرىتىلىپ تېنى پارچە-پارچە قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن. دەل مۇشۇ شاڭ تۆرە 2-قېتىم قانۇن ئۆزگەرتكەندە قانۇننى يولغا قويۇشقا ئالدىرىغان بولسىمۇ ئەمما ئاۋامنىڭ ئۆزىنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قانۇننى جاكارلىمىغان. پۇرسەت پىشىپ يېتىلدى، دەپ قارىغان بىر كۈنى ئۇ چىن ئاستانىسى بازىرىنىڭ تۆۋەنقوۋۇقىدىكى مەيدانغا ئۈچ گەز ئېگىزلىكتە بىر خادا تىكلەپ، ئاۋام-رەئىيەتتىن كىمدە-كىم بۇ خادىنى ئۈستىنقوۋۇققا يۆتكەپ ئېلىپ كەتسە 10 سەر ئالتۇن بىلەن تارتۇقلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئاۋام بۇنىڭدىن ھەيران قېلىپ ھېچكىم يۆتكەپ كېتىشكە جۈرئەت قىلالمىغان. شاڭ تۆرە «كىمەرسەكىم بۇ خادىنى يۇقىرى قوۋۇققا يۆتكەپ ئېلىپ بارسا ئۇنىڭغا 50 سەر ئالتۇن ئىنئام بېرىمەن» دەپ جاكارلىغان.ئاۋام ئىچىدىن بىرى بۇ خادىنى يۆتكەپ ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن دەرھال 50 سەر ئالتۇن بىلەن تارتۇقلانغان. شاڭ تۆرە بۇ سەمىمىيىتى بىلەن ئاۋامنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۆزى ئۆزگەرتكەن قانۇننى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭ «شاڭ تۆرە باياننامىسى» ناملىق كىتابى ناھايىتى مەشھۇر.(ت)
④ چۈن يۈيۆ: يېغىلىق دەۋرىدىكى چى بەگلىكىدىن، موللا كىشى.چىن سۇلالىسىدە يانداش ۋەزىر بولغان. لى سىنىڭ يېقىن ئاغىينىسى. لى سى چىن شىخۇاڭنىڭ كىتاب كۆيدۈرۈش نىيىتىگە يېقىش ئۈچۈن جەڭگىۋار تۇرغاندا، لى سىنىڭ بۇ قىلىقى ياقماي قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرۈپ بالاغا قالغان، ئەمما لى سى دوستلۇق يۈزىسىدىن ئۇنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان، ئەمىلىدىن ئايرىلىپ يۇرتىغا قايتقان. تەخت ۋارىسى فۇسۇغا يان بېسىپ ئۇنىڭ جارچىسى بولغان ھەم قېنى بىلەن چىن شىخۇاڭغا مەكتۇب يېزىپ يوللاپ كىتاب كۆيدۈرۈشكە ئېتراز بىلدۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن بالاغا قېلىپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان. جازا مەيدانىدا جازا ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلغۇچى ئەمەلدار، يەنى ئۇنىڭ دوستى لى سى بىلەن ئىچ قارنىنى تۆكۈشكەن، ھەر ئىككىسى ئۆز مەيدانلىرىنى بايان قىلىشقان، چۈن يۇيۆ كىتاب كۆيدۈرۈشكە قارىشى تۇرۇش ئۈچۈن ھاياتى بەدىلىگە ھەققانىيەتنى ياقلىغان، مەردانىلەرچە ئۆلگەن. لى سى كىتاب كۆيدۈرۈش نوقانچىلىرىدىن بولۇپ، تەختى-بەختى، خانۇ-مانىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ ئەمما كېيىنكى زىيالىيلارنىڭ تىل-ئاھانىتىگە قالغان.(ت)




بىرىنچى باب سەلتەنەت ئىپتىداسىدا مالىمان كۆتۈرۈلگەنلىكى
بىرىنچى، ئاچا يولغا كەلگەندە ئىرادە سۇنغانلىقى

كۆمتۈرۈپ قويغان قازان ئىچىدەك قاپقاراڭغۇلۇق ھۆكۈم سۈرگەن بۇ ئايقاراڭغۇسىدا، دەھشەتلىك مەۋج ئۇرۇۋاتقان دولقۇنغا قارىشى يولغا چىققان قۇش يەلكەنلىك بىر كېمە يادىن ئۈزۈلگەن ئوقتەك شيەنياڭدىن ئايرىلىپ كۈن پېتىش تامان يۈرۈپ ھايت-ھۇيت دېگىچە غايىب بولدى.
لى سى① لۈ بۇۋېينىڭ تېز يەتكۈزۈلگەن خۇپىيانە مەكتۇبىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، مۇشۇ كۈنلەردە جىددىي ئىشلىنىۋاتقان سۇ قۇرۇلۇشىدىكى بىرمۇنچە مۇھىم ئىشلارنى جېڭ گوغا② تاپشۇرۇپ، ۋېيشۇي دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى جىڭشۇي دەرياسى قىنىدىكى توغاندىن كېچىلەپ ئاستانە شيەنياڭغا يول ئالدى. تۈن پەردىسى يېيىلغان بىر مەھەلدە ئاستانىنىڭ يۇقىرى قوۋۇقىغا يېتىپ كەلگەن لى سىنى سېپىل قوۋۇقچىلىرى «دەستىكى تۇتۇق، گۇمان-شۈبھىلىك تۇرىدۇ، مەھكىمىدىن سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىقلايمىز» دېگەن باھانە بىلەن ئاستانە قوۋۇق مەھكىمىسىگە ئېلىپ بېرىپ سوئال-سوراققا ئالدى. لى سى بىرھازاغىچە ئاچچىق كۈلۈپ، گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەيلا قالدى. بۇنداق دەستەك تەكشۈرۈش رەسم-يوسۇنى شاڭ ياڭ ئۆزگەرتكەن قانۇننىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە چىن بەگلىكىدە يۈرگۈزۈلۈپ، ئاسىي-ئايغاقچى، ئوغرى-قاراقچى، ئالدامچى-يالغانچىلارنى تەكشۈرۈپ تۇتۇشتا ناھايىتى زور ئۈنۈم بەرگەچكە، شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىكمۇ مۇشۇ يوسۇننى دوراپ يولغا قويغان ئىدى. يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان ھەرقانداق ئادەمنىڭ دەستەك بىلەن يۈرۈشى ئوتتۇرا ئىقلىمدا ئادەت-يوسۇنغا ئايلاندى. ئېتى ئۇلۇغ بۇ دەستەك ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق ئادەمنىڭ باش رەسىمى، نامۇ-شەرىپى، نەسەب-مەنسەپلىرى، جەددى-جەمەتى ۋە مەھكىمە مۆھۈرى ئويۇلغان ئالقانچىلىك بامبۇك تاختاي بولۇپ، ناۋادا دەستەك ئىگىسى مەنسەپدار بولسا دەستىكىگە يەنە ھەر خىل ئالاھىدە تامغا-مۆھۈرلەر ئويۇلۇپ، بەگلىك تەۋەلىكى ۋە نەسەب-مەنسەپ، جەددى-جەمەتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى ئىپادىلەيتتى. چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانىدا ئاۋام-رەئىيەت بەگلىك تەۋەلىكىگە، يەنى ئۇ بەگلىك ئادىمى، بۇ بەگلىك ئادىمى دەپ ئايرىلمايدۇ، دەستىكى ئوچۇق-ئاشكارا بولسىلا بىخارامان يۈرسە بولىۋېرىدۇ؛ ئەلچى-يالاۋاچلاردىن باشقا ئەمەلدارلار چوقۇم ئۆز بەگلىكىنىڭ دەستىكى بىلەن يۈرۈشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى. لى سى چۇ بەگلىكىدىن چىن بەگلىكى تەسەررۇپىغا كېلىپلا لۈ بۇۋېي قەسرىدە تېجىمەللىك قىلىپ يۈرۈپ ئەمەل-مەنسەپ تۇتمىغاچقا، چىن بەگلىكىنىڭ دەستىكىنى بېجىرمىگەن، كېيىنچەرەك ئېقىن-ئۆستەڭ مەھكىمىسىدە ئامباللىق مەنسىپىگە ئولتۇرۇپلا ئالدىراشچىلىقتا مەھكىمە ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ چىن بەگلىكىنىڭ دەستىكىنى بېجىرىۋېلىشنى ئېسىدىن چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە لى سى ئېقىن-ئۆستەڭ مەھكىمىسىنىڭ بىلەرمەنى جېڭ گو بىلەن كېچە-كۈندۈز تاغ باغرىدىكى ئېدىرلىق بىلەن ئورمانلىق ئارىسىدا قېدىرىش نوقانچىلىقى بىلەن يۈرگەچكە كەمىرىگە قىستۇرۇۋالغان كونا دەستىكىدىكى تامغا-مۆھۈرلەر سۈركىلىپ ئۇچۇلۇپ ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى. دەستەكنىڭ تۇتۇقلىقىدىن تونۇغىلى بولمىغاچقا يول يۈرۈش تېخىمۇ قىيىن بولاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە لى سىنىڭ چۇ بەگلىكىنىڭ دەستىكىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ چىن بەگلىكىدە مەنسەپ تۇتقانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئەركان-مىزانغا مۇخالپ بولۇپ، چۈشەندۈرۈشمۇ قىيىن ئىدى. ئۆزىنى مەن چىن بەگلىكىنىڭ ئېقىن-ئۆستەڭ ئامبىلى، بەگلىكنىڭ چوڭ-چوڭ ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ دەستەك بېجىرىشكە سەل قاراپتىمەن، دەپ ئاقلىسۇنمۇ؟ مەنسەبدارلارنىڭ دەستەك بېجىرمەي يۈرۈشى ئەسلىدىمۇ بىر گۇناھ بولۇپ، نېمىلا دېگەن بىلەن چۈشەندۈرۈش بەك قىيىن ئىدى. لى سىغا چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانى بەش قولدەك ئايان ئىدى، چىن بەگلىكىدىكى تۇتقاۋۇللارنىڭ ئەركان-مىزان ئىجرا قىلىشتىكى قاتتىق قوللۇقىنى تېخىمۇ ئوبدان بىلەتتى، چۈنكى ئۇ بۇ جەھەتتە كۆرگۈلۈكلەرنى كۆرگەن ئىدى، ئۆزىدىن ئۆتۈپ كەتكەندە باسقاقبەگ، تۇتقاۋۇللار بىلەن دېيىشىشكە بولمايدىغانلىقى، ئۇنداق بولمايدىكەن ئون كۈنلۈك سېپىل خەندىكى قېزىش جازاسىغا ③ بۇيرۇلىدىغانلىقى ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان ئىدى، ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا چوڭ-چوڭ ئىشلارغا دەخلى يەتمەمدۇ؟
ــــ قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆزلىرى قارار قىلغايلا!
بەئەينى تاغ يامزىلىغا ئوخشايدىغان سېپىل تېمى تۈۋىدىكى قوۋۇق مەھكىمىسىنىڭ تاش كېمىرىدە لى سى ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن ھالدا ئاران شۇ بىر ئېغىز گەپنى دەپ گۇناھىنى بوينىغا ئالدى. كۈتمىگەندە، قوۋۇق ياساۋۇلى ھېچنېمە دېمەيلا لى سىنى قاراڭغۇ تاش كېمىرنىڭ بىر بۇلۇڭىغا سولاپ قويۇپ ئۇنىڭ دەستىكىنى ئېلىپ غايىب بولدى. لى سى بىر كۈن چېپىپ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەچكە، بىردەمدىلا مۇزدەك تاش تامغا يۆلەنگىنىچە «ئۇيقۇنىڭ ياخشىسى خورەك، غىزانىڭ ياخشىسى پورەك» دېگەندەك خورەكنى قاتتىق-قاتتىق تارتىپ ئۇيقۇغا كەتتى. قانچىلىك ۋاقت ئۆتتىكىن، بىرى لى سىنى تۈرتۈپ ئويغاتتى، ئۇ كۆزىنى ئېچىپلا پانۇس يورۇقىدا مېڭ تيەننىڭ④ دوستانىلىق يېغىپ تۇرغان قىزغىن-ئىللىق چىرايىنى كۆردى.
ــــ لى سى ئاغا، ئىنىلىرى بۈگۈن ئاخشام سىلىنى ئېلىپ كەتكىلى كەلدىم، مەن بىلەن يۈرسىلە!
مېڭ تيەن سۆزلىگەچ تامغا يۆلىنىپ ئويغانغان بولسىمۇ گاراڭلىقتىن ئەسلىگە كېلەلمەيۋاتقان لى سىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، تاش كېمىردىن تېزلا چىقىپ، يول ياقىسىدا توختىتىپ قويۇلغان سايىۋەنلىرى ھەشەمەتلىك مەپە ھارۋىغا چىقىرىپ ئۇچقاندەك كېتىشتى. يول بويى چاقنىڭ يېقىمسىز ئاۋازى لى سىنى تەلتۆكۈس سەگىتىپ ئويغاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۇ ئۇيقۇلۇقتا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئاستانە شيەنياڭ ھاكىمى قوشۇمچە ئاستانە سانغۇنىلىق مەنسىبىگە ئولتۇرغان مېڭ تيەننىڭ مۇشۇنداق ئەپچىل چارە ئارقىلىق لى سىنى قۇتۇلدۇرۇشى تولىمۇ غەلىتە ئەھۋال ئىدى. مېڭ تيەن گەپ قىلمىغاچقا لى سىمۇ ھېچقانداق گەپ سورىمىدى. ئەمما، مېڭ تيەن قانداقلارچە كېلىپ قالدى؟ لى سى مېڭىسىنىڭ قېتىقى چىقىپ كەتكىچە بۇ ئىشنى ئويلىدى. بىرەر ئاش پىشىمى ئۆتە-ئۆتمەيلا ھارۋا ئاستا-ئاستا يېنىككىنە توختىدى، مېڭ تيەن لى سىنى يۈدۈپ ھارۋىدىن چۈشۈرگەندىمۇ لى سى يەنىلا ئۇيقىدىن ئويغانمىغاندەك جىمىپلا كەتكەن ئىدى.
ــــ لى سى ئاغا، ئويغانسىلا!
لى سى بەللىرىنى ئېگىپ ئۇزاقتىن ئۇزاق ئەسنىدى، تازا بىر چۈشكۈرۈۋېتىپ ئاندىن كۆزلىرىنى بىرھازاغىچە ئۇۋىلىغاندىن كېيىنلا ھەيران قالغان قىياپەتتە:
ــــ ۋاھ، ئاي قاراڭغۇسىدىكى قاتتىق بوراندىمۇ مەي ئىچكەن بارمۇ؟ ــــ دېدى بېشىنى چايقاپ يۇقىرى چۇ تەلەپپۇزىدا.
ــــ كۈنپېتىش قوۋۇقتىكى دوك⑤ قا كەلدۇق. نەدىكى مەيكەن ئۇ، قېيىققا چىقىپ بىر نېمە دېيىشەيلى!
ــــ يەنىلا شيەنياڭ ھاكىمى قالتىسكەن جۇمۇ، مەي ئىچىشتىمۇ ئادەم بىلەن مۇشۇنچىۋالا ئويناشقان بارمۇ!
ــــ كىم سىلى بىلەن ئوينىشىپتۇ، كېمىگە چىققاندا بىلىپ قالىدىلا! ــــ
دېدى سەل جىلىخورلۇقى تۇتقان مېڭ تيەن ۋە ئاۋازىنى پەسەيتىپ كۈلدى.
ــــ سەۋەبىنى دېمەي ئادەمنى مەجبۇرەن كېمىگە چىقىرىش بۇلاڭچىلىق ئەمەسمۇ؟
ــــ پەۋقۇلئاددە چاغ بولۇپ قالدى، ئاغام كەچۈرگەي!
ــــ بوپتۇ، بوپتۇ، بوپتۇ، ئۈچ ئايلىق ھەمساۋاق ئىنى ئەمەسمۇ، خاھلىغانلىرىچە بولسۇن!
چىرايىدىن ئىللىق تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان لى سى مېڭ تيەننىڭ كەينىدىن دوكنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىگە ماڭدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان گىلرەڭ توزانلىق تۇمان كۆتۈرۈلۈپ، كېمىلەر كېچىلىك قاتناشتىن توختاپ، قىرغاقتىكى شاخابچىلاردا كېمىلەر سانجاق-سانجاق توختاپ كەتكەن ئىدى. لەپپەڭلەپ چۈشۈۋاتقان پانۇس يوۇرۇقىدا مۈدۈرۈپ-چوقۇرۇپ بىرھازا ئىزدىگەندىن كېيىن دوكنىڭ ئەڭ كۈنپېتىش تەرىپىدىكى باش كېمە توختىتىش ئورنىدا قارا لەمپىلىك بىرلا كېمە توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ لى سىنىڭ كۆڭلى ۋاللىدە ئېچىلىپ كەتتى. كېمىنىڭ پانۇسى كىچىكرەك، يەلكىنىمۇ پەسلا ئىدى، قارىماققا سودا-تىجارەت قىلىشقا بۇنىڭدىن مۇۋاپىق كېمە يوقتەك كۆرۈنەتتى، مۇشۇنداق بىر كېمە شۇنچىلىك قىستا-قىستاڭچىلىقتا قانداقمۇ بىر كىشىلىك ئورۇننى ئىگىلەپ توختىيالىغاندۇ؟ قاتلاممۇ-قاتلام نوپۇز-ئىمتىيازلىقلار، كاتتا زەردار، سودىگەر-تىجارەتچىلەر جەم بولغان، ئەركان-مىزانى ناھايىتى قاتتىق ئاستانە شيەنياڭدا مېڭ تيەندەك بىر ئاستانە ھاكىمى ھەقىقەتەن قالتىس شەخس ئىدى.
ــــ لى سى ئاغا، مەرھەمەت قىلغايلا!
كېمە كۆۋرۈكىگە كېلە-كەلمەيلا مېڭ تيەن يانچە تۇرۇپ بىر قولىنى يېيىپ ئىززەت-ئېكرام بىلدۈرۈپ لى سىنى ئالدىدا مېڭىشقا تەكلىپ قىلدى.
دەل شۇ پەيتتە، كېمە بۆلۈمچىسى ئىشىكىنىڭ تېرە پەردىسى قايرىلىپ تەتۈر ئۇستىخان، گەۋرلىك، ئوزايىدىن جەسۇرلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بىر گەۋدە چوڭ-چوڭ قەدەملىرى بىلەن كېمىنىڭ بېشىغا كېلىپ توختاپ ئۇلارنى كۈتۈۋالدى ۋە ھۆرمەت تازىمى بىلەن:
ــــ پەقىر يىڭ جېڭ ⑥ ئۇستازنى ساقلاۋاتقىلى خېلى بولدى! ــــ دېدى.
لى سى دەماللىققا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي مەڭدەپ قالدى ۋە ئېگىلىپ-پۈكۈلۈپ تازىم بەجا كەلتۈرۈپ:
ــــ قۇللىرى لى سى ئالىيلىرىنىڭ ئىززەت-ئېكرامىغا لايىق ئەمەسمەن!ــــ دېدى.
يىڭ جېڭ كېمە بېشىدا يانچە تۇرۇپ ئېگىلىپ تازىم قىلىپ ئىززەت-ئېكرام كۆرسىتىپ:
ــــ كېمە كۆۋرۈكى تار، يۆلىۋېلىشقا بىئەپ، ئۇستاز مەزمۇت تۇرغايلا!ــــ دېدى. لى سى يۈرەكلىرى دۈپۈلدەپ، قارا تەرگە چۆمۈپ يەرگىچە ئېگىلىپ تازىم بەجا كەلتۈرۈپ چوڭ-چوڭ قەدەملىرى بىلەن كېمە كۆۋرۈكىدىن ئەمدىلا كېمە بېشىغا چىقىشىغا يىڭ جېڭ ئۇنى قوش قوللاپ يۆلەپ:
ــــ بىپەرۋالىقىمدىن ئۇستازغا ئېتىبار قىلالمىدىم، پەقىر يىڭ جېڭ بۇنىڭدىن تولىمۇ خىجىلمەن!ــــ دېدى.
ــــ ...!ــــ لى سىنىڭ گېلىغا بىرنەرسە تۇرۇپ قالغاندەك گەپ قىلالماي قالدى.
ــــ ئۇستاز، بۆلمىگە مەرھەمەت قىلىپ ئاندىن سۆزلىگەيلا!ــــ يىڭ جېڭ تەمتىرەپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغان لى سىنى ئىززەت-ئېكرام بىلەن يۆلەپ كېمە بۆلۈمچىسىگە باشلاپ كىردى.
ــــ كېمە كۆۋرۈكىنى چۈشۈرۈپ كۈنپېتىشقا مېڭىڭلار!ــــ مېڭ تيەن كېمىگە چىقىپ بولۇپ پەس ئاۋازدا بۇيرۇق قىلدى.
كېمە قوزغىلىپ ناھايىتى تېزلا تۈندىكى تۇمان قوينىدا غايىب بولدى. كېمە بۆلمىسىدىكى ئالتە پانۇس بۆلمىنى ۋاللىدە يورۇتۇۋەتكەچكە، ھەممىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. كېمە بۆلمىسى ئازادە بولۇپ، پولغا قېلىن گىلەم سېلىنغان، تۆر-پەگا دەپ ئايرىلماي ئۈچ شىرە تىزىپ قويۇلغان ئىدى. يىڭ جېڭ لى سىنى دېرىزە تەرەپتىكى چوڭ شىرە يېنىغىچە يۆلەپ ئاپىرىپ ئولتۇرغۇزپ، ئۆزى يان تەرەپتىكى شىرەدىن ئورۇن ئالدى. چىرايلىق، ياشلا بىر ئاغۋات كاسا تىزىلغان پەتنۇسنى ئەكىلىپ كاسىلارنى تىزىپ قويۇپ ئاندىن ھورىدىن خۇشھىد دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرغان بىر چەينەك چاي كۆتۈرۈپ كىردى ۋە ئېگىلىپ تازىم قىلىپ چىقىپ كەتتى. يىڭ جېڭ چىقىپ كېتىۋاتقان ئاغۋاتنى ئىما قىلىپ:
ــــ ئۇ كىچىكىدىنلا ماڭا ئەگەشكەن شياۋ گاۋزى بولىدۇ، ئەمدى باشقا ئادەم يوق!ــــ دېدى كۈلۈپ.
لى سى شۇندىلا قورۇنۇشىنى سەل بېسىۋالدى ۋە قول باغلاپ تازىم قىلىپ:
ــــ قۇللىرى ئالىيلىرىنىڭ ئىلتىپات-شاپائىتىدىن بېشىم كۆككە يەتتى، تەلىم بەرگەيلا!ــــ دېدى.
ــــ ئۇستاز ھەم شۈن زىنىڭ كامالەتكە يەتكەن شاگىرتى ھەم ئىرپانبەگ يازغان «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نىڭ باش مۇھەررىرى. پەقىر يىڭ جېڭ بىلىمسىز ئادەممەن، بۈگۈن ئۇستازنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىشىمدە بىرنەنچىدىن ئۇستازنىڭ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى قانداق شەرھلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ بېقىش، ئىككىنەنچىدىن ئۇستازنىڭ ئۆز پىرىنىڭ تەلىماتىغا بولغان ھۆكۈم-باھاسىنى ئاڭلاپ بېقىشتۇر. ئالدىراشچىلىقتا ئۆزلىرى بىلەن قانداق كۆرۈشۈشنى بىلەلمەي، مېڭ تيەنگە مۇشۇ پەم ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ئالدۇرۇپ كەلدىم. قوپاللىق قىلىپ سالغان بولسام ئۇستاز كەچۈرگەي!ــــ يىڭ جېڭ ئىللىق كۈلۈپ قوللىرى بىلەن لى سىنى ئارتۇقچە تەكەللۇب قىلماسلىققا ئىشارە قىلدى ۋە ئالدىدىكى بىر دەستە بامبۇك تاختىسىنى يېنىك چېكىپ قويدى.
ــــ قۇللىرىنىڭ ئالىيلىرىغا بولغان ئەدەب-ھۆرمىتى قەلبنىڭ قات-قېتىدىن ئوخچۇۋاتىدۇ، ئىختىيارىم ئەمەس! ئالىيلىرى كۆڭۈللىرىگە ئالمىغايلا!
ــــ ئۇستاز ئەقىللىق ئادەمكەنلا، پەقىر يىڭ جېڭ دەل مۇشۇنداق ئاقىل-دانىشمەنلەردىن سۆيۈنىمەن!
ئىخچام، مېغىزلىق باشلانغان سۆھبەت-مۇلاقەتتىن لى سى تۈرلۈك مىش-مىشلەرگە تۇترۇق بولۇپ بەرگەن بۇ ياش چىن بېگىگە سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى پەملەپ يەتتى. ئۇنىڭ بايىقى ئىككى ئېغىز سۆزى قارىماققا قۇرۇق گەپتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ناھايىتى چوڭقۇر مەنالىق ئىبارىلەر بولۇپ، تىغ ئۇچى مەسىلىنىڭ پوسكاللىسىغا قارىتىلغان ئىدى. سەن لى سى شۈن زىنىڭ شاگىرتى تۇرۇپ قانداقسىگە باشقا بىر ئېقىم دەستۇرىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇۋالدىڭ؟ سەن سولتەك ئۆز ئۇستازىڭدىن ۋاز كېچىپ لۈ ھەزرەتنى پىر تۇتتۇڭمۇ ياكى يېرىم چىلەك سۇ بولۇپ قالغاچقا ھوقۇق-ئىمتىياز ساھىبلىرىدىن پايدىلىنىپ نام-ئاتاق چىقارماقچىمۇ؟ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» ئىنئام بېرىش يولى بىلەن خاتالىقىنى تۈزەتمەك بولۇپ پۈتكۈل بەگلىكنى لەرزىگە سېلىۋەتتى، سەن سولتەك باش مۇھەررىر تۇرۇپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسەن؟ مانا بۇلار تىغدەك ئۆتكۈر سوئاللار بولسىمۇ ھەر ھالدا ساڭا خېلىلا زور ئىمكانىيەت بار. ئىززەت-ئېكراملىق تەكەللۇبلار، مىننەتسىز تەلىم-تەربىيەتلەر سەندىن يەنىلا زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتىدۇ. ناۋادا سەن لى سى يەنە دىلغۇل بولۇپ يۈرۈۋەرسەڭ، چىن بېگى بۇنى سەزمەي قالارما؟ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى شۇكى، چىن بېگى ئۆز قاراش-ماراشلىرىنى ئېنىق دېمەستىن بەلكى سەن لى سىنىڭ ھۆكۈم-باھاسىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولۇۋاتىدۇ، مانا بۇ سەن ئۈچۈن ھەم تاللاش ھەم تەۋەككۈل قىلىپ بېقىش پۇرسىتىدۇر. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، چىن بېگىنىڭ شۇ تاپتا ساڭا تەلىماتقا ھۆكۈم قىل، دېگىنى ئەمەلىيەتتە سېنى ئۆزىنىڭ مەۋقەسىنى تاللىۋالسۇن، دېگىنى، ناۋادا سېنىڭ بۇ مەۋقەيىڭ چىن بېگىنىڭ مەۋقەسى بىلەن بىردەك چىقسا، ئىستىقبالىڭنىڭ پارلاپ بېشىڭغا ئامەت قۇشى قونغىنى شۇ، مۇبادا مەۋقەيىڭ چىن بېگىنىڭ مەۋقەسىگە مۇخالىپ چىقىپ قالسا بەختىڭنىڭ قارا بولغىنى شۇ. پوس كاللىسىنى ئېيتقاندا، توغرا تاللىيالىساڭ بۈيۈك ئارزۇ-ئىستەك، غايە-ئىرادەڭنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىشىدىن ۋايىم يېمەيسەن، ناۋادا تاللىشىڭ خاتا چىقىپ قالغۇدەك بولسا يەر بىلەن يەكسان بولغىنىڭ شۇ. ۋەھالەنكى، غالىبلاردىن بولۇشقا ھەقىقەتەن كۆزۈڭ يەتسە باھانە كۆرسىتىپ كېيىن بىرنېمە دېسەڭ بۇمۇ ئاسان! چىن بېگىنىڭ ئۆزگىچە قاراش-ماراشلىرى بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم ھەقىقەتەن يوق بولۇپ، ئاۋۋال ئەھلى ئىلىم ساھىبلىرى، ئەللامە-ئۆلىمالارنىڭ نېمىلەرنى دەيدىغانلىقلىرىنى ئاڭلاپ بېقىشىمۇ مۇمكىن. چىن بېگى سەلتەنەت يۈرگۈزگەن دەسلەپكى چاغدا، ئۇنىڭ سەلتەنەت ئۈچۈن چوڭراق بىرەر ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى سەن قانداقسىگە ئويلاپ يېتەلەيتتىڭ؟ لى سى بىرپەس ئويلىنىۋالغان شۇ دەقىقىلەردە ئۇشتۇمتۇت ھەمساۋاق ئىنىسى خەن فېينىڭ «بايان مۈشكۈلاتلىرى»دا سەلتەنەت ساھىبلىرى بىلەن مۇلاقەت قىلماقنىڭ قىيىنلىقىنى يازغانلىقى ئېسىگە كېلىپ قالدى. قىسقىغىنە ئويغا پاتقان ئاشۇ دەقىقىدە لى سى شۇ قەدەر دانا بەگ ئالدىدا گەپ ئەگىتىشنىڭ ئۆزىنىڭ ئەبەدىي تۈگەشكەنلىكىنى جاكارلىماقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتتى. مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قارىشىنى دەۋېلىشتىن باشقا تاللاش يولى قالمىغان، تەقدىرىنىڭ نېمە بولۇشى تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولۇپ قالغان ئىدى.
لى سى دەرھال خىيالدىن توختاپ، ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ، پىيالە-چەينەكلەرنى بىر ياققا سۈرۈپ قويۇپ، ھەربىر سۆزىنى ئېنىق-سۈزۈك قىلىشقا تىرىشىپ مەردانىلارچە سۆزگە كىرىشتى:
ــــ قۇللىرى لى سىنىڭ چىن بەگلىكىگە كىرىشىم قانداقتۇ ئىلىمنىڭ قايسى بىرىنى ياخشى-يامان كۆرگەنلىكىمدىن ئەمەس بەلكى ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرىنىڭ ئىلتىپات-شاپائىتىدىن بولدى،
ئىرپانبەگ ھەزرەتنىڭ شاپائەت-ھىممىتىدە باش مۇھەررىرلىكنى زېممەمگە ئالدىم، بۇ قانداقتۇ قۇللىرى لى سىنىڭ ئىلمىي ئېقىم تاللاشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىمدىن ئەمەس بەلكى شاپائەتكە ساداقەت بىلدۈرۈشۈمدۇر.«لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نىڭ ئۆزىنى ئېلىپ ئېيتايلى، قۇللىرىنىڭ قارىشىچە بۇ كىتاب 600 نەچچە يىلدىن بۇيانقى سەلتەنەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت-مەغلۇبىيەتلىرىنى ساۋاق قىلىپ، سەلتەنەت ساھىبلىرىنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش خۇسۇسىدىكى تەلىماتلىرىنى ھىدايەت يولىغا يىغىنچاقلاش ئارقىلىق ئەلنى ئىدارە قىلىشى خۇسۇسىدىكى تەلىمات بولۇپ، لەشكەرلەرنى ھەققانىيەت ھامىيلىرىدىن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، سەلتەنەتنى ئەدلۇ-ئادالەت بىلەن يۈرگۈزۈش بۇ تەلىماتنىڭ نېگىزىدۇر، ئۇنىڭ مۇددىئاسى شاڭ ياڭ ئۆزگەرتىپ ئىزچىل يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان ئېغىر جازا ئاساس قىلىنغان چىن بەگلىكى ئەركان-مىزانىنى ئاۋام-رەئىيەتكە ياقىدىغان قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاۋام-رەئىيەتنى ئاسايىشلىققا ئېرىشتۈرۈپ بەگلىكنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتۇر. تەلىمات خۇسۇسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» شۈبھىسىزكى نۇر چېچىپ تۇرىدىغان يېگانە كالامدۇر، ئەلنى ئىدارە قىلىش خۇسۇسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ كالام چىن بەگلىكىگە كۆپ پايدىلىقكى زىنھار زەرەرى يەتمەستۇر.
ــــ ئۇستاز دەۋاتقان نۇر چېچىپ تۇرىدىغان يېگانە كالام قايسى ئېقىمكىن؟
ــــ يوسۇننامىمۇ، موزىچىلىقمۇ، كۇڭ زىچىلىقمۇ، تەرىقەتچىلىكمۇ ئەمەس، يوسۇننامىغىمۇ، موزىچىلىققىمۇ، كۇڭ زىچىلىققىمۇ، تەرىقەتچىلىككىمۇ ئوخشىمايدۇ.بەلكى بۇ بىر ئەبجەش تەلىماتتۇر.
ــــ ئەبجەش تەلىمات؟ بۇ ئۇستازنىڭ ھۆكۈمىمۇ ياكى ئىرپانبەگنىڭ ھۆكۈمىمۇ؟
ــــ ئەبجەش، دېگەن نام قارىماققا تولىمۇ قوپال ئاڭلىنىدىكەن، بۇ ھەرگىزمۇ ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرى قويغان نام ئەمەس.
ــــ ئۇستاز ئىرپانبەگنىڭ ئۆز تەلىماتىغا قانداق ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى بىلەمدىكىن؟
ــــ ئەركانبەگ ئېيتتىلەركى، «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» ھىدايەت يولى ئىلمىدۇر!
ــــ ئىرپانبەگنىڭ ئۆزى قانداق بېكىتتىكىن؟
ــــ ئىرپانبەگ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» «لۈ بۇۋېي تەپسىرىدۇر»، ھېچقانداق ئېقىم-مەزھەبكە تەۋە ئەمەستۇر، دەپ ئېيتتى.
ــــ ئەمىسە بۇ ئۆز ئالدىغا يېگانە مەزھەب، دېگەن گەپ ئىكەن-دە؟
ــــ راستىمنى ئېيتسام قۇللىرىمۇ بۇنىڭدىن باشقا مەنانى بىلەلمىدىم.
ــــ بۇ تەلىماتقا ئۇستاز قانداق ھۆكۈم-باھا بېرىدىكىن؟ــــ يىڭ جېڭ دەرھال گەپنىڭ ئورامىنى بۇرىۋەتتى.
ــــ قۇللىرى لى سى ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرىگە خىزمەت قىلغان ئىكەنمەن، ئۇنىڭ تەلىماتىدىن زىنھار ۋاز كەچمەيمەن!ــــ لى سى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئېقىم-مەزھەب ھەققىدىكى مەيدانىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەندىن كېيىن بىمالال ھەم مەردانە سۆزلەشكە كىرىشتى،ــــ پىر ئۇستازىم شۈن زىنىڭ تەلىماتى قارىماققا كۇڭ زى تەلىماتىغا ئوخشىغىنى بىلەن ئۇنىڭغا ئەركان-مىزان روھى سىڭگەن، ھەم رەھىمدىللىك سىياسىتىنى ھىمايە قىلىدۇ ھەم ئەركان-مىزانلارنى تەرغىب قىلىدۇ. ئەلنى ئىدارە قىلىش خۇسۇسىدىن ئېيتقاندا، بۇ كونا ئەركان-مىزان ئېقىمىدىن پەرقلىنىدۇ، شۈبھىسىزكى بۇ دەۋرانىمىزدىكى يېڭى ئەركان-مىزان ئېقىمىغا مەنسۇپتۇر. «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شۈن زى تەلىماتىنىڭ ئاساسى يەنىلا ئەركان-مىزان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ روھى. «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» ھىدايەت يولىنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ جېنى، ئەركان-مىزان بولسا ھىدايەت يولىنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر قورالىدۇر، خالاس. شۇڭا، بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى خۇددى سۇ بىلەن توغانغا ئوخشاشتۇر.
ــــ ‹شۈن زى تەلىماتىغا ئەركان-مىزان روھى سىڭگەن› دېگەننى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟
ــــ ماھىيەت جەھەتىدىن ئېيتقاندا، شۈن زى تەلىماتى ئەركان-مىزان تەلىماتى بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئۈچ ئۈلۈش ھىدايەت يولى تەلىماتى، بىر ئۈلۈش كۇڭ زى تەلىماتى سىڭگەن بولۇپ، ھىدايەت يولى، رەھىمدىللىك سىياسىتىدە ئەركان-مىزان روھى كەمچىل، دەپ قارايدۇ. لى كۈي، شاڭ تۆرە قاتارلىق سېپى ئۆزىدىن كونا ئەركانچىلار ئەركان-مىزاننى چىقىش قىلىپ ئەركان-مىزاننى ئالىي بىلىدۇ. ئىككىسىنى سېلىشتۇرغاندا، قۇللىرى لى سىنىڭ پىرىم شۈن زى ھەزرەتكە بېرىدىغان باھايىم شۇدۇركى، ئۇنىڭ تەلىماتىدا يەنىلا ‹ئەركان-مىزان ماھىيەتدۇر›. قۇللىرىنىڭ بۇ باھا-ھۆكۈمى پەقەت ئۆزۈمنىڭلا قارىشىدۇر!ــــ لى سى كەمتەرلىك بىلەن تەبەسسۈم قىلىپ مۇۋاپىق پەيتنى تاللاپ سۆزىنى توختاتتى.
ــــ ئۆزۈمنىڭلا قارىشى، دېگەنلىرى قانداق گەپ ئۆزى؟ ئەجەبا بەزىلەر شۈن زى تەلىماتىنى كەمسىندۈرۈۋاتامدۇ؟ــــ يىڭ جېڭ تولىمۇ سەزگۈر بولۇپ، قىزىققىنىدىن مەسىلىنى ناھايىتى ئىنچكە تەھلىل قىلىپ چىڭ يېرىدىن تۇتۇۋالدى.
ــــ باشقىلارنىڭ باھا-ھۆكۈمى مۇھىم ئەمەس،ــــ لى سى سۆزىنى داۋام قىلدى،ــــ قۇللىرى لى سىنىڭ ئۆزۈمنىڭلا قارىشى، دېگىنىم شۈن زى ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ئىچكىي قىسىمىدىكى تالاش-تارتىشقا قارىتىلغان. قۇللىرى لى سىنىڭ ھەمساۋاق ئىنىسى خەن فېي شۈن زى تەلىماتى ھەقىقىي ئەركان-مىزان ئەمەس، ھەتتا لى كۈي، شاڭ تۆرىمۇ ھەقىقىي ئەركان-مىزانچى ئەمەستۇر، پەقەت پەقىر خەن فېيلا قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۆتكەنلەر ئىچىدىكى ھەقىقىي ئەركان-مىزانچىلاردىندۇرمەن، پەقىر خەن فېينىڭ تەلىماتىلا ھەقىقىي ئەركان-مىزان تەلىماتىدۇر، دەپ قارايدۇ. شۇڭا دەيمەنكى، قۇللىرى لى سىنىڭ باھا-ھۆكۈمى شۈن زى ئېقىمىدىكىلەر ئىچىدىكى بىر تەرەپنىڭلا قارىشىدۇر.
ــــ ھە؟ بۇ خەن فېي ھەقىقەتەن يۈرەكلىك ئادەمكەن!
ــــ ئالىيلىرى قىزىقسا، خەن فېينىڭ كىتابى پۈتسە قۇللىرى لى سى ھەدىيە قىلاي!
ــــ بەلەن گەپ، تولا بەلەن گەپ! قەدىمدىن بۇيان ئۆتكەن ئەركان-مىزانچىلارنى ئېتراپ قىلمايدىغان بۇ ھەقىقىي ئەركان-مىزانچىنىڭ قانداق ھەقىقىي ئەركان-مىزانلىرى بار، كۆرۈپ قويغۇلۇق!ــــ يىڭ جېڭ شىرەنى مۇشتلاپ بىرھازاغىچە قاھقاھلاپ كۈلدى ۋە ئارقىدىن يەنە پاراڭ تېمىسىغا قايتىپ كەلدى، ــــ ئۇستازنىڭ شەرھى ھەقىقەتەن ئىنچىكە-ئېنىق بولدى. ئەمما پەقىر يىڭ جېڭ يەنىلا چۈشەنمىدىم: پەدەرىم ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى پەقىرگە يەتكۈزۈپ بەردى، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە ئۇنى نېمىشقا پەۋقۇلئاددە ئۆزگىچە بىر ئۇسۇلدا ئەلگە جاكارلايدىغاندۇ؟
لى سى خېلىغىچە جىمىپ كەتتى، كېمە بۆلمىسىنىڭ سىرتىدا شامال-دولقۇنلارنىڭ ئاۋازى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. يىڭ جېڭمۇ لام-جىم دېمەي پانۇسنىڭ خىرە يورۇقىدا لى سىغا تىكىلىپ سەپسېلىپ ئولتۇراتتى. خېلىدىن كېيىن لى سى ئېغىز ئاچتى:
ــــ ئىرپانبەگ ھەزرىتىمنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» ئارقىلىق ئاۋام رايىنى يېتەكلەشتۇر. ئاۋام رايى بىرلىككە كەلسە ئاۋام-رەئىيەت ئالىيلىرىدىن ئاۋامغا رەھىمدىللىك سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دەپ تەپتارتىدۇ، ئاخىرقى ھېسابتا چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانلىرى تاكامۇللىشىپ مۇستەھكەملىنىدۇ. پەقەت مۇشۇلا، باشقىچە غەرەز يوقتۇر!
ــــ چىن ئەركان-مىزانلىرى ئەل رايىغا ياقمامدىكەن؟
كېمە بۆلۈمچىسىدە يەنە بىرپەس تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن لى سى ئېغىز ئاچتى:
ــــ چىن ئەركان-مىزانى ئەل قەلبىگە ياقىدۇ. ھەتتا ئاۋام-رەئىيەت چىن ئەركان-مىزانلىرىنى قورقۇپ ھۆرمەت قىلىدۇ. مېھرىبان سىياسەت، يېنىك جازا تېخىمۇ يېقىنلىق ۋە ئىناقلىق يارىتىدۇ. بۇنداق يېقىنچىلىق ۋە ئىناقلىقنى كىممۇ كۆرۈشنى خالىمىسۇن؟ھۆرمەت بىلەن قورقۇش ۋە يېقىنلىق بىلەن ئىناقلىقنىڭ قايسىسىنى تاللاپ قايسىسىدىن ۋاز كېچىشنى كىممۇ خالىمىسۇن؟ ئالىيلىرى بۇنىڭغا ئۆزلىرى ھۆكۈم قىلىۋالغايلا!
ــــ ئۇستازدىن سورىۋالاي، بۇنىڭغا قانداق ھۆكۈم قىلغۇلۇق؟
ــــ ئالىيلىرى ئۆز ئىرادىلىرى بويىچە، ئەلنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارلىرىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىدىلا!
ــــ ئۇستاز تەلىم بەرگەيلا!ــــ يىڭ جېڭ بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ چىن ئىخلاسى بىلەن بىر تازىم قىلدى.
لى سى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئېغىر، پالاكەت بىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك ئۇلۇغ تىنىپ نەپەس ئېلىپ چاققانلا ئورنىدىن تۇرۇپ تازىم قىلدى ۋە:
ــــ ئالىيلىرىنىڭ ئىرادىسى ناۋادا لەشكەر كۆپەيتىپ بەگلىكنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىپ جاھاننى تىنجىتىپ ئىدارە قىلماق بولسا شاڭ ياڭنىڭ ئەركان-مىزانى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» دىن ئەۋزەلدۇر. ناۋادا ئالىيلىرىنىڭ
ئىرادىسى بەگ-تۆرىلەر بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇپ باشقا ئالتە بەگلىك بىلەن تىنچ بىللە ئۆتمەك بولسا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» شاڭ تۆرىنىڭ ئەركان-مىزانىدىن ئەۋزەلدۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ ياخشى-يامىنىغا قۇللىرى لى سى ھۆكۈم قىلالماستۇر!ـــ دېدى.
ــــ ئۇستازنىڭ تەلىمى پەقىرنىڭ چىگىش تۈگۈنلىرىنى يەشتى!ــــ يىڭ جېڭ ئۇشتۇمتۇت ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى يوشۇرالماي قاھقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە بۇرۇلۇپ ــــ شياۋ گاۋزى، پانۇسنى يىغىشتۇرۇپ مەي كەلتۈر! مېڭ تيەن كىرسۇن، بىز ئۇستاز بىلەن قانغۇچە ئىچىشەيلى!ــــ دەپ ۋارقىرىدى.
غۇر-غۇر شامال جانغا راھەت بەخش ئېتىۋاتقان دەريادا ئۇزۇن پالاقنىڭ ئۇرۇلۇشى بىلەن كېتىۋاتقان كېمە پەلەكنى قاپلىغان غۇۋا تۇماندىكى پانۇس يورۇقىدا بەئەينى يالتىراق قوڭغۇزدەك گاھ فېڭجىڭ جىلغىسىغا كىرىپ-چىقىپ لەيلەپ يۈرسە، گاھ چىنچۈەننىڭ كۈنپېتىش تامانىغا قاراپ لەيلەپ باراتتى. ئىككى قىرغاقتا ئىتلار قاۋاپ، خورازلار چىللاپ گىرىمسەن تاڭ يورۇغاندىلا پارقىراق قوڭغۇز كەبى كېتىۋاتقان كېمە ئېقىن يۆنىلىشىگە ئۆزىنى قويۇپ بېرىپ ئۇدۇل شيەنياڭغا قايتتى.

پانۇس يورۇقى ئىللىتىۋەتكەن سارايدا ئىرپانبەگ لۈ بۇۋېي ئەركانبەگ سەي زېنىڭ بايانىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن چوڭقۇر ئويغا پېتىپ ھېچنېمە دېمىدى.
چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغىنى بىلەن مەڭىزلىرىگە قىزىللىق تېپىپ تۇرغان سەي زېنىڭ مەي ئىچكۈسى كېلىپ قالغان ئىدى، ئۇ:
ــــ ئىرپانبەگ، پەرىشان بولمىغايلا! كىتاب پۈتمەستە غەمگە پاتتىلا، كىتاب پۈتۈۋىدى يەنىلا ۋايىم يەۋاتىدىلا، ئەجەبا بۇ ئۆمۈرلىرىدە غەمگە پېتىپلا يۈرەمدىلا؟ كەمىنىلىرى سىلىگە ئېيتسام، بۈگۈن شيەنياڭنىڭ تۆۋەن قوۋۇقىدىكى ھەيۋەتلىك مەنزىرىدىن ئاۋام رايىنىڭ رام قىلىنغانلىقى ئايان بولدى، بۇنىڭغا غەم-غۇسسىدە بولۇش بىھاجەت! «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نىڭ جاھاننى لەرزىگە كەلتۈرۈشى كاتتا ئىشتۇر!ــــ دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ. لۈ بۇۋېينىڭ غەمكىن ئوزايىدىن قىلچىلىك ھاياجان ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى، قولىدىكى قەدەھنى تۇتقىنىچە سەي زېغا تىكىلىپ سەپسېلىپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈپ قويۇپ:
ــــ ئاغا، سىلىچە «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نىڭ راستىنلا ئۈنۈمى بولارمۇ؟ــــ دېدى.
ــــ ئەلۋەتتە!ــــ دېدى شىرەنى چېكىپ تۇرۇپ قاتتىق ھاياجانغا چۆمگەن ھالدا،ــــ ئەل رايى دېمەك تەڭرى رايى دېمەكتۇر، ئەلنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن تۇرۇغلۇق يەنە نېمىنى كۈتىدىلا!
ــــ ئەركان بېگىم، ھەي ئەركان بېگىم، يەنىلا گۆدەك تالىپلاردەك ئىش قىلىۋاتىدىلا!ــــ دېدى لۈ بۇۋېي ئۇھ تارتقىنىچە بېشىنى يېنىك چايقاپ. سەي زېنىڭ خۇشكەيپلىكتىكى ھاياجاندىن خۇمارلىشىپ قالغان كۆزلىرى بىردىنلا چۆچەكتەك ئېچىلىپ كەتتى ۋە:
ــــ ئىرپانبەگنىڭ بۇ نېمە دېگىنىكىن؟ ئوردۇبالىقتا بىرەر شەپە چىققان بولمىغاي يەنە؟ بەزىلەر «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»گە غەيرىي قاراشتا بولۇۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟ــــ دېدى.
ــــ يوغسۇ،ــــ دېدى لۈ بۇۋېي بېشىنى چايقاپ،ــــ دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ھېچقانداق شەپە يوق، كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىۋاتىدۇ، بۇ ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس!
ــــ شۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ!
ــــ ئاغا، ئالدىراپ چېچىلمىغايلا!ــــ دېدى لۈ بۇۋېي كۈلۈپ ۋە بۇ ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنىڭ ئۇجۇر-بۇجۇرىنى تىلغا ئالدى.
ئەسلىدە، سەي زې ئەمەل-مەنسەپلىرىدىن بىراقلا ئىستېپا سوراپ كەتكەن شۇ پەيتتە، لۈ بۇۋېي قائىدە بويىچە «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نىڭ تولۇق ئويما نۇسخىسىنى يارلىقچىدىن يارلىقچى ھارۋىسىدا ⑦ باش ۋەزىر مەھكىمىسى نامىدا رەسمىي يوسۇندا چىن بېگىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا يوللاپ بەرگەن ئىدى. لۈ بۇۋېينىڭ ئۆز قولى بىلەن چىن بېگى يىڭ جېڭغا بەرمەسلىكتە سەۋەب بار ئىدى، ئەگەر ئۆز قولى بىلەن يىڭ جېڭ بەگنىڭ شىرەسىگە قويسا شۈبھىسىزكى يىڭ جېڭ بەگ نېمىلا دېگەن بىلەن مەلۇم ئۇسۇلدا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەتتى، لۈ بۇۋېينىڭ مۇددىئاسى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى كۆرگەن يىڭ جېڭ بەگدە بۇ بىر خۇسۇسىي ئىشكەن، دېگەن تۇيغۇ پەيدا قىلىش بولماستىن بەلكى بەگلىكنىڭ مۇھىم ئىشىكەن، دېگەن تونۇش پەيدا قىلىش ئىدى. يارلىقچى شۇ كۈنىلا«يىڭ جېڭ بەگ ئوردۇبالىقتىكى كۇتۇپخانىسىدا يوقكەن، 26 جىلد كىتابنىڭ ھەممىسىنى دورغابنىڭ ئوراپ مۆھۈرىنى بېسىپ ئېلىپ قېلىشىغا تاپشۇرۇپ بەردىم» دېگەن جاۋابنى بەردى. ئۈچ كۈن ئۆتكەندە، لۈ بۇۋېي يارلىققا بىنائەن ئوردۇبالىققا كېڭەشكە كىرگەندە چىن بېگى ياش يىڭ جېڭ ياندىكى شىرەگە دەستىلىۋېتىلگەن تامدەك ئېگىز بامبۇك جىلدلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداقچىلا« ئىرپانبەگنىڭ كاتتا ئەسىرى ئالدىمىزغا كەلتۈرۈلدى، ئالدى بىلەن ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن بىرنەرسە دەيمەن» دەپ قويغان بولدى. كېيىن كېڭەش ئاخىرلاشقىچە ئۇ بۇ ئىشنى قايتا تىلغا ئالمىدى. بىرەر ئايدىن ئاشتى، بۇ ھەقتە ياش بەگدىن يەنىلا ھېچقانداق بىرەر سۆز-خەۋەر ئاڭلىمىدى. كېيىن لۈ بۇۋېي ئوردۇبالىقتىكى خاس باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە دورغاب ۋاڭ ۋەن بىلەن تاساددىپەن ئۇچرىشىپ قالدى، بىر چاغلاردىكى باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە مەنسەپ تۇتقان بۇ دورغابنىڭ ئوزايىدىن جىممىدە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغانلىقى بىلىنىپلا تۇراتتى، ھەرنېمە دېگەن بىلەن ئاخىر يەنىلا سەل ئوڭايسىزلىنىپ «ئالىيلىرى يېقىندىن بۇيان كېچە-كېچىلەپ كىتاب ئوقۇۋاتىدۇ، شۇغىنىسى ئوقۇۋاتقىنىنىڭ ‹لۈ بۇۋېي تەپسىرى› شۇمۇ-ئەمەسمۇ بىلمىدىم» دەپلا بىرنەچچە ئورام ھۆججەتلەرنى قولتۇقلىغىنىچە ئالدىراپ-تېنەپ كېتىپ قالدى. تاكى ئۈچ كۈن بۇرۇنغىچە «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» خۇددى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن لاي كالىدەك ھېچقانداق خەۋىرى بولمىدى.
ــــ شۇنىڭ بىلەن بۇ كىتابنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلدىلا؟
ــــ گېزىمۇ كەلگەن، بەگلىكىمىزنىڭ، ئاۋام-رەئىيەتنىڭ رايىمۇ شۇنىڭغا تەقەززا ئىدى،ــــ لۈ بۇۋېي ئۇلۇغ-كىچىك تىنىۋېتىپ داۋام قىلدى،ــــ چىن بېگىنىڭ غەيرەت-شىجائىتى ۋە ئىقتىدار-كامالىتىدىن قارىغاندىمۇ ئۇ بۇ كىتابنى كۆرمەي قالمىدى. شۇنچە مۇھىم ئىشقا بىرنېمە دېمەي جىمىپ كەتكەنگە قارىغاندا، ئېنىقكى بۇنىڭدا بىر گەپ بار. ناۋادا يىڭ جېڭ بەگ قايتا-قايتا ئويلىنىپ ‹لۈ بۇۋېي قېرىغاندا مۇشۇ ئىشىم قالدى، بۇ ئىشىمنى پۈتتۈرۈۋالساملا بولدى، بولمىسا بۇ يەردە قېلىپ نېمە قىلىمەن؟ بۇ يەردە قالغاندىن كۆرە سودامنى قىلغان ياخشى ئەمەسمۇ؟دەپ ئويلايدىكەن» دەپ قالغان بولسىچۇ!
ــــ ئىرپانبەگ، ئارتۇقچە گۇمانخورلۇق قىلىپ كەتتىلىمۇ-قانداق؟
ــــ پەقىر لۈ بۇۋېي بۇ ئۆمرۈمدە ئوچۇق-ئاشكارا ئىش قىلىپ كەلدىم، گۇمانخورلۇق دېگەن نېمە ئۇ؟ ئاغا، بۇ ئاي بۇ كۈنلەردىكى ۋەزىيەتنى راستىنلا بىلمەيۋاتامدىلا؟ــــ لۈ بۇۋېي شىرەنى «پاق»ىدە ئۇرۇپ ئورنىدىن دەس تۇردى-دە، قېلىن گىلەمدە ئۇياقتىن-بۇياققا ماڭغىنىچە ھەسرەت-نادامەتتە ئويغا چۆمگىنىچە قايناپلا كەتتى ــــ يېرىم يىل دېگەن ھەش-پەش دېگىچە ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۇ چاغقا بارغاندا ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ! ئۇ چاغدا ئوردۇبالىق سىلى-بىزدەك بەگ-تۆرىلەرگە ئىشىكىنى ئېتىۋالىدۇ، بىلمىگەن بولساققۇ بىر نېرى ئىدى. قارىماملا، مانا شۇ تاپتا يىڭ جېڭ بەگ ئۆزگىرىپ بىزلەرگە باشقىچە قارايدىغان بولۇپ قالدى. راستىنى ئېيتساق، ئۇنى ھېچكىم گەپكە كىرگۈزەلمەيدۇ، سىلى، مەن، «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»، ھەممىسى بىكار. شۇڭا ئەمدى ئاۋام-رەئىيەتنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ سىناپ بېقىشلا قالدى!
ــــ شۇنداقمۇ، پەقىر راستىنلا ھاماقەتكەنمەن!ــــ سەي زېمۇ ئىنجىقلاپ ئورنىدىن تۇردى، ــــ ئىنىم ھەممىنى شۇنداق ئېنىق كۆرۈپ يېتىپمۇ يەنە نېمىشقا بۇ قىلتاققا دەسسەيدىلا؟ ھەم كىتاب يېزىپ، تەلىمات يارىتىپ، ھەم ئىنئام بېرىپ جاھاننى لەرزىگە سېلىپ نېمىگە ئېرىشمەكچىدىلە؟ ناۋادا بۇ باش قېتىنچىلىقى بولمىغان بولسا ئىرپانبەگدەك ئالەمشۇمۇل تۆھپە ياراتقان بىر تۆرىنىڭ باش ۋەزىرلىك ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىپ ياستۇقنى قىرلاپ غەمسىز ياشىمىقى بەرھەق ئىدى. ئۇ چاغدا ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىمەن دېسىلە رەھىمدىل سىياسەت يۈرگۈزگەن بولسىلا شۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە ئىدى. بىر كىتابنىڭ قولىدىن قانچىلىك ئىش كەلمەكچىدى؟ كىتابنىمۇ يازدىلا، ئاۋامنىڭ كۆڭلىنىمۇ ئۇتتىلا، ئەمما يەنىلا غەم-غۇسسىدىن قۇتۇلالماي پەرىشان يۈرىدىلا،ھەرگىز ئۇنداق قىلمىغايلا! پەقىر قانداقمۇ بىلمەي قالاي؟
ــــ ئاغام بىلمەيۋاتىدىلا ئەمەس، بەلكى چىننىڭ دەسلەپكى غايىسىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسلىرىدىن چىقىرىۋاتىدىلا!ــــ دېدى لۈ بۇۋېي بىردىنلا مەسخىرە ئارىلاش نادامەتلىك كۈلۈپ، ــــ ناۋادا ياستۇقنى ئېگىز قىرلاپ غەم-غۇسسىسىز ياشاي دېگەن بولسام پەقىر لۈ بۇۋېي ھەددى-ھېسابسىز بايلىقىمدىن كېچىپ بۇ يەردە نېمىمۇ قىلاتتىم؟ ھازىرقى ۋەزىيەتتىمۇ پەقىر لۈ بۇۋېينىڭ دەسلەپكى غايىسى ئۆزگەرگىنى يوق، تەييارلىقمۇ بار. «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى خەلقى ئالەمگە ئاشكارىلاپ ئالدى بىلەن ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش، ئاندىن ئاۋام رايىدىن ئىبارەت بۇ كۈچ ئارقىلىق بەگ-تۆرىلەرنىڭ ئىرادىسىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش، ئاندىن رەھىمدىل سىياسەت، ئادالەت لەشكىرى تەلىماتىنى چىن ئەركان-مىزانىغا سىڭدۈرۈپ، چىن ئەركان-مىزانىنى قاتتىق-يۇمشاق ۋاسىتىلەر تەڭ جىپسىلاشقان جاھاندا تەڭداشسىز مۇكەممەل ئەركان-مىزانغا ئايلاندۇرۇش ... ئومۇمەن بۇ بىر خەتەرلىك شاھمات ئىكەن، ئىلاجسىز قالدىم.
ــــ بۇنى بىلىدىكەنلا، ــــ سەي زې بېشىنى چايقاپ گەپكە قوشۇق سالدى.
ــــ بولدىلا، تالاشمايلى!ــــ لۈ بۇۋېي بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈپ ئاۋازىنى پەسەيتتى،ــــ ئاغام بۈگۈن ئىپتىداسىنى باشلىدى، «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نىڭ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىلى بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوقتۇر. پەقىر بۇۋېي ئەمدى ئاغامنى تۇتۇپ قالالمايمەن، پەقەت بىرلا ئىش بار، ئاغا، دەرھال تەرەددۇتلىنىپ شيەنياڭدىن تېزرەك ئايرىلسىلا!
ــــ ھە؟ نېمە-نېمە؟ نېمە دېدىلە؟ بۇ نېمە دېگەنلىرى ئەمدى؟ــــ سەي زېنىڭ چىرايى بىردىنلا بوزىرىپ كەتتى.
ــــ ئەركانبەگ!ــــ دېدى لۈ بۇۋېي تۇنجى رەت سەي زېغا جىددىي تەرۈزدە يۈزلىنىپ،ــــ سىلىمۇ ھۆكۈمدارلار قاتارىدىكى ئۇلۇغلاردىن بولىدىلا، ۋەزىيەتنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى چوقۇم لۈ بۇۋېي ئېزىپ ئىچۈرمىسە بىلمىگۈدەك ئادەم ئەمەس، ئۈچ ئايدىن بۇيان بەگ ئانا بىلەن لاۋ ئەي ئەمەل-مەنسەپلىرىدىن قالدۇرۇغۇزۇۋەتكەن ۋەزىرلەر تۇشمۇ-تۇشتىن ئىشقا قويۇلۇۋاتىدۇ. مۆلدۈر يېغىشتىن بۇرۇنقى بىر مەيدان بوران-چاپقۇنلۇق جۇدۇن كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. چىن بەگلىكى شەندۇڭلۇق موللىلارنىڭ پاتقىقىغا ئايلىنىپ قالدى، قانچە بۇرۇن قانچە يىراققا كەتسىلىرى شۇنچە ياخشى. سىلى كېتىدىلا، دورغاب
ۋاڭ ۋەن كېتىدۇ، ۋاڭ جيەن كېتىدۇ، لى سى كېتىدۇ، جېڭ گومۇ كېتىدۇ، ئىشقىلىپ پەقىر لۈ بۇۋېي بىلەن باردى-كەلدىسى بارلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كېتىشى كېرەك. سىلىدىن يوشۇرمايمەن، چېن شۈەن، مو خۇ، كۈن پېتىش قوۋۇقتىكى غوجىدار بوۋاي ۋە بىر تۈركۈم تېجىمەل-قوناقلار يېرىم ئاي بۇرۇن شيەنياڭدىن ئايرىلدى. ئەركانبەگ، ئەمدىغۇ چۈشەنگەنلا؟
ــــ گەپ بولدى-دە بۇ، سىلىنى يالغۇز تاشلاپ كېتىش مەرد ئوغلانلارنىڭ ئىشى ئەمەس، بۇ ئوچۇقلا مەردۇ-مەردانىلىكتىن چەتنىگەنلىك ئەمەسمۇ؟
ــــ ھاماقەتلىك قىلمىسىلا! ــــ لۈ بۇۋېي خاپا ئارىلاش كۈلدى،ــــ ناۋادا مەن سىلى بولۇپ قالغان بولسام پۇتلىرىمنى سۆرەپ بولسىمۇ كېتەتتىم. ئورۇن ئالماشقىلى بولمايدۇ، نېمىگە تارتىشىدىلا؟ كەمىنىلىرى شيەنياڭدا تىرىشىپ-تىرمىشىپ كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىمەن، سىلەر لوياڭدا جايلىشىسىلەر. يولنى ئىككى پۇتتا مەزمۇت ماڭغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟
ــــ پاھ-پاھ،ــــ سەي زې بېشىنى لىڭشىتىپ كۈلۈۋەتتى،ــــ ئىككى پۇتتا يول مېڭىش، قالتىسكەن! كەمىنىلىرى ئەتە سۈبھىدە يولغا چىقاي!
ــــ ياق، بۈگۈن كېچىدىلا يولغا چىقىدىلا!
سەي زې جىندەك بىر مەھەل چۆچۈپ تۇرۇپ قالدى-يۇ تۇيۇقسىز كۈلۈپ كەتتى:
ــــ بوپتۇ بۈگۈن كېچە بولسا بۈگۈن كېچە بولسۇن. ئەمىسە كەمىنىلىرى خوشلىشاي!
سەي زېنىڭ يوغان-يوغان چامداپ ھويلىدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ لۈ بۇۋېي تېنى بوشاشقاندەك ھېس قىلىپ ئۆزىنى ئورۇندۇققا تاشلىدى.
لۈ بۇۋېي سەھەردە ئويغىنىپ يۇيۇنۇپ، ئۈستىباشلىرىنى ئالماشتۇرۇپ سارايغا كىردى، ئادەتتە ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كېتەتتى، ئەمما بۈگۈن غىزاغا كۆڭلى تارتمىدى، بىر پىيالە سۇيۇق كۆك پۇرچاق ئۇمىچى ئىچىپ ئىختىيارسىز كۇتۇپخانىسىغا كىردى. ئىچكىرى-تاشقىرى ئالتە ئىشىكلىك بۇ كۇتۇپخانا ئەمەلىيەتتە باش ۋەزىرنىڭ سەلتەنەتكە ھەكەملىك قىلىپ بەگلىك ئىشلىرىنى بېجىرىدىغان ئىشخانىسى بولۇپ، ئەمەلدارلار ئۇنى قەسىر كۇتۇپخانىسى، دەپ ئاتىۋېلىشقان ئىدى. ھەقىقىي كۇتۇپخانا ئەمەلىيەتتە ھويلىدىكى بىر چوڭ ھۇجرا ئىدى. نۇرغۇن يىللاردىن بېرى ھەر كۈنى ئەتىگىنى كۈن بىلەن تەڭ باش ۋەزىر مەھكىمىسى ئەڭ ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغان چاغ ئىدى. ھەرقايسى مەھكىمىلەرگە تەۋە ئەمەلدارلار دەل مۇشۇ چاغدا شۇ كۈندىكى ئەڭ مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئېلىپ كەلگەچكە، كەلدى-كەتتىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى؛ دورغاب بارلىق ھۆججەتلەرنى تۈرلىرى بىلەن ئايرىپ رەتلەپ مۇشۇ چوڭ كۇتۇپخانىغا بىر-بىرلەپ ئېلىپ كىرگەندە ئىرپانبەگ ئۆز ئورنىغا چۆكۈپ ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ تەستىق سېلىپ، بەگلىكنىڭ شۇ كۈنلۈك ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇراتتى. بۇ چوڭ كۇتۇپخانىنىڭ ئەتىگەنلىكى چۆلدەرەپ قالغىنىغا خېلى چاغلار بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئىچكىرى-تاشقىرى خانىدىكى ئالتە داڭقان ئوچاقتا ياغاچ كۆمۈر پاراس-پۇرۇس، چاراس-چۇرۇس ئۇچقۇنداپ، يالقۇنجاپ كۆيۈۋاتاتتى، پۈتۈكچى-كاتىپلار ئىلگىرىكىدەك ھۆججەتلەرنى رەتلەۋاتاتتى، پۈتۈكچى-كاتىپلار ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشكەندە كىيىملىرىنىڭ سۈركىلىشىدىن چىققان ئاۋاز، ياغاچ كۆمۈر چوغىنىڭ پات-پات پاراسلاپ ئېتىلىشىدىن چىققان ئاۋازدىن باشقا شۇنچە چوڭ ساراي خۇددى ئادەم يوقتەك تىمتاسلىققا چۆمگەن ئىدى. ئىرپانبەگ مەخسۇس ئۆزىلا كىرىپ- چىقىدىغان مەر-مەر ئىشىكتىن كۇتۇپخانىغا كىرىپ ، ئۇدۇللا تاشقىرىقى خانىدا توختىدى، لۈ بۇۋېي ئۆزىگە كېچە-كۈندۈز ھەمرا بولىدىغان بۇ چوڭ كۇتۇپخانىنىڭ ھازىرقىدەك جىمىپ كەتكىنىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىۋاتاتتى. سەھەر شامىلى ساراينىڭ ئىشىك پەردىسىنى ئۇچۇرۇپ تۇراتتى، ئۇ ئىختىيارىسىز ئەندىكىپ كەتتى. مەقسەتسىزلا بىردەم ئايلانغاندىن كېيىن يەنىلا ئازادە ئورۇندۇققا كېلىپ شىرە ئالدىدا ئولتۇردى. ئىش ئاز بولسىمۇ بىر ھېسابتا ياخشىكەن، ئۇ كاللىسىنىڭ سەگەك چېغىدا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى زېھنىنى يىغىپ قايتىدىن بىر ئوقۇپ چىقماقچى، ئاندىن چىنلىقلارنىڭ دەستۇر بىلىپ چوقۇنىدىغان «شاڭ تۆرە باياننامىسى» نى ئوقۇپ چىقماقچى بولدى. ھامان بىر كۈنى بۇ ئىككى كىتابنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئادەم چىقىدىغانلىقىغا ئۇ ئىشىنەتتى، بۇ كۈننىڭ ئۇزاق قالمىغانلىقىنى ئۇنىڭ كۆڭلى تۇيۇپ تۇرۇۋاتاتتى.
ــــ ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرى، ئوردۇبالىقتىن مەخپىي يارلىق! ــــ مەھرەم ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ كىرىپ كەلدى.
لۈ بۇۋېي يارلىقچى مىستىن ياسالغان نەيچىسىمان يارلىقداندىن چىقىرىپ ئۆزىگە سۇنغان تېرە قەغەزگە يېزىلغان مەكتۇبنى ئاچتى، بۇ دورغاب ۋاڭ ۋەننىڭ جۈەنشۇ خەت شەكلىدە رەتلىك قىلىپ:«شاگىرتلىرى ۋاڭ ۋەن پۈتكۈل ئىقلىمدا تارقالغان ئالەمچە ھۆرمەتلىرىگە، ماڭا كۆرسەتكەن چەكسىز ھىممەت-شاپائەتلىرىگە ئىچ-ئىچىمدىن ھەمدۇ-سەنا ئېيتىپ ئۇشبۇ سالامنامىنى يېزىۋاتىمەن! كەمىنىلىرى ئىرپانبەگنىڭ چىن بەگلىكىدىن ئايرىلىشىم خۇسۇسىدىكى ئول مەخپىي مەكتۇبىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئىنتايىن سۆيۈندۈم! ئەمما كەمىنىلىرى ئىرپانبەگنىڭ ھاۋالە-كورسەتمىسى بويىچە بەگكە خىزمەت قىلىۋاتقىلى مانا 10 يىللار ئۆتۈپتۇ! بەگلىككە كەلگىلىمۇ ئۇزۇن يىللار بولدى،يەنە ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرىنىڭ شەپقەت-ئىلتىپاتىغىمۇ ئېرىشتىم،ھازىر ئوردىدا ئالىي مەرتىبەدە خىزمەت قىلماقتىمەن،قانداقمۇ پەشنى قېقىپ كەتكۈلۈك؟ پېقىر ۋاڭ ۋەن ئىرپانبەگدىن ھېچ نەرسىنى يوشۇرمايمەن! چىن بېگىگە ئەگەشكىنىمدىن بۇيان چىن بېگىنىڭ ئىنتايىن غەيرەت-شىجائەتلىك، دانىشمەن ئادەملىكىدىن، ئىلمۇ-ئىرپان ئەھلىنى قەدىرلەيدىغانلىقىدىن، بەگلىك ئىشلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بولۈدىغانلىقىدىن قايىللىقىمنى باسالماي يۈرۈپتىمەن.
ئۇنىڭدىكى ئەدەب-ئەردەم ۋە قابىلىيەت-ئىستېدات پەقىرنى ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە دالالەت قىلىپ تۇرۇپتۇ،شۇنىڭدەك ئىرپانبەگ جانابلىرىنىڭ چەكسىز شاپائەتلىرىگە كامالىي ئېھتىرامىم ئوخچۇپ تۇرۇپتۇ،چىن بېگىنىمۇ ھەم ھۆرمەتلەيمەن! تاللاش مەسىلىسىگە كەلسەم پەقىر ئىنتايىن قىينالدىلەر،ئەمما مەن كېچىچە ئويلىنىپ شۇ قارارغا كەلدىمكى، ئاۋام مەنپەئەتى ئۈچۈن خۇسۇسىي مەنپەئەتتىن كەچمەكلىكىم جائىزدۇر! پەقىرنىڭ چىن بېگىگە خىزمەت قىلماغى ئاۋام-رەئىيەت ئۈچۈن،تۆرەمگە ھۆرمەت بىلدۈرمەگى شەخسىيەت ئۈچۈندۇر،چۈنكى ئاۋام-رەئىيەت ئىشلىرى خۇسۇسىي ئىشلاردىن ئۈستۈن تۇرماغى لازىمدۇر . بۇ دەل ‹لۈ بۇۋېي تەپسىرى›نىڭ كۈتكىنىدەك بولۇرلەر! شۇڭا پېقىر قانداقمۇ خۇسۇسىي ئىشلىرى ئۈچۈن ئاۋام-رەئىيەت خىزمىتىدىن ۋاز كېچەلىسۇن!؟ پەقىرنىڭ خۇسۇسىي پىكرى شولدۇركى: تۆرەم قوبۇل كۆرگەيلا! بەگلىك ئىشلىرى تەھلىكىگە ئۇچرىسا قەلەم-ئەلەم ساھىبلىرى ئىزتىراپقا چۈشۈپ قالادۇلەر،خۇلاسە كەلام شۇنداغكىم: ھۆرمەتلىك ئىرپانبەگ ھەزرىتىم ‹لۈ بۇۋېي تەپسىرى›نى قايتۇرۇپ ئېلىپ بەگلىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بەرگەيلا،مانا شۇ ساداقەتلىرى يۈزىسىدىن تەڭرى ئىنايەتىگە ئېرىشمەكلىكلىرى بەرھەقتۇر!» دەپ يازغان ئىدى.
ــــ ھۇ يارىماس، شۇمۇ گەپ بولدىمۇ!ــــ لۈ بۇۋېي تېرە قەغەزگە پۈتۈلگەن مەكتۇبنى شىرەگە پاققىدە تاشلاپ ئۇلۇغ-كىچىك تىندى.
ۋاڭ ۋەن خاتالاشتىمۇ؟ ياق! ئۆزى خاتالاشتىمۇ؟ ئۇنداقمۇ ئەمەس! بۇ چىگىش تۈگۈن زادى نەدە؟ لۈ بۇۋېينىڭ رىجە-تەدبىرلىرى بويىچە كىتابنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن ناۋادا ئۈنۈمى بولمىسا، بىرمۇنچە ئەللامە-ئۆلىمالارنىڭ شيەنياڭدىن كېتىشى ئىككىنچى قەدەم ئىدى. ۋاڭ ۋەن، ۋاڭ جيەن، لى سى، مېڭ تيەن، جېڭ گو، يەنە باش ۋەزىر مەھكىمىسىدىكى بىر تۈركۈم قابىل كىشىلەرنىڭ مۇشۇ يىللاردىكى چىن بەگلىكىنىڭ قابىل تايانچلىرىدىن ئىكەنلىكى لۈ بۇۋېيغا بەش قولدەك ئايان ئىدى. ۋاڭ ۋەن دورغابلىقتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىگە ئولتۇردى، ۋاڭ جيەن بىلەن مېڭ تيەنلەر ئەمىرلەشكەرلەر، ئاستانە سانغۇنى بولۇشتى، لى سى، جېڭ گولار بولسا چىن بەگلىكى ئۈچۈن ئالەمشۇمۇل بىر سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە رىجە-لايىھە تۈزۈشۈپ ئىش باشلاپ پۈتتۈرۈش يولىدا جان كۆيدۈرۈۋاتىدۇ. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئەجەللىك يېرى شۇكى، مېڭ تيەندىن باشقا بىرقانچە كىشى لۈ بۇۋېينىڭ يېقىنلىرىدىن ئىدى. ۋاڭ ۋەن لۈ بۇۋېينىڭ قول ئاستىدىكى ياش، قابىل، يېتىشكەن كونا ئەمەلدار ئىدى، ۋاڭ جيەن لۈ بۇۋېي كۈچەپ ئۆستۈرگەن ئالپ سانغۇن ئىزباسارى ھەم لۈ بۇۋېينىڭ سىپاھلار ئىچىگە خۇپىيانە قويغان بەگ قىيىن كۈنلەردە قالغاندا قۇتقۇزغان تۆھپىكارى ئىدى. لى سى لۈ بۇۋېينىڭ تېخىمۇ قابىل تېجىمەللىرىدىن ئىدى، جېڭ گونى لۈ بۇۋېي ئۆزى يارلىق چۈشۈرۈپ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن سۇچىلىق بىلەرمەنى، يەنى بۇ ئىككىسى ئەمەلىيەتتە جىڭشۈي دەرياسى سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلاتچىلىرىدىن بولۇپ قالغان ئىدى. بۇلارنى لۈ بۇۋېي ياخشى بىلەتتى ھەم چىن سەلتەنەتىنىڭمۇ ئوبدان بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ناۋادا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» چىن بەگلىكىنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەركان-مىزانى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنمىسا، ۋاقتى كەلگەندە بۇ تايانچلار بىر-بىرلەپ چىن بەگلىكىدىن ئايرىلىپ كېتىپ قالسا، ئېنىقكى چىن بەگلىكىگە ناھايىتى كۈچلۈك ئەجەللىك تەھلىكە بولۇپ قالاتتى، ناۋادا چىن بېگى بۇ كىشىلەرنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولسا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نىڭ چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانىلىق ئورنىنى ئېتراپ قىلىشى شەرت ئىدى.
بۇنداق جايلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇب بولۇشىدا دەل مۇشۇ قەدەم ئاۋام رايىدىنمۇ مۇھىم ئىدى.
ئاۋام رايىغا باقماي بولمايدۇ، ھەممە ئىشتا ئاۋام رايىغا بېقىپمۇ بولمايدۇ. ئاۋام كۆڭلىنى ئۇتقانلارنىڭ دەبدەبىسى بولسىمۇ ئارمانغا يارىشا دەرمانى بولمايدۇ، ئاۋامنىڭ رايىنى رازى قىلىپمۇ بولمايدۇ. توققۇز ئۈلۈشلۈك يەر تۈزۈمىگە ئوخشاش ئەمەلىي ئەركان-مىزانلار ئەل رايىنى قۇل قىلىۋالىدۇ، ئەلنى ئەبەدىي ئەمىن-ئاسايىش ئىدارە قىلىشنىڭ ئەدلۇ-ئادالەتلىك، ھىدايەت يولى تۇتۇلغان ئۇلۇغۋار تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش بىلەنلا ئاۋام رايىنى ئۇيۇشتۇرغىلى بولمايدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى جاكارلاش ئارقىلىق ئاۋام رايىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى جەلب قىلىش لەشكىرىي كۈچ-قۇدرەتنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ساھىبقىران، قابىل-تادان ئاقىللار ئەمەل-مەنسەبلىرىدىن كېچىپ چىندىن ئايرىلىدىغان بولسا، ھەرقانچە قۇدرەتلىك لەشكەرلەرمۇ ئاجىزلىشىدۇ. شۇغىنىسى ئەڭ ئىشەنچلىك ۋاڭ ۋەننىڭ تۇنجى بولۇپ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» دە ياقلانغان ئاۋام-رەئىيەت قەدىر-قىممىتىنى خۇسۇسىي نەپ-مەنپەئەتتىن ئەلا بىلىشنى باھانە قىلىپ چىندىن ئايرىلىشنى رەت قىلىشى لۈ بۇۋېينى گاڭگىرىتىپ قويدى! ۋاڭ ۋەن مەكتۇبىنىڭ ئاخىرىدا تېخى ئۆزىنىڭ «خۇسۇسىي پىكىرى» ئورنىدا لۈ بۇۋېينى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى قايتۇرۇۋېلىپ زېھنىنى، خانۇ-مانىنى بەگلىك سەلتەنەتىگە ھەكەملىك قىلىشقا قارىتىشقا دالالەت قىلىشى ھەممىدىن چاتاق بولدى. لۈ بۇۋېينىڭ نەزەرى مۇشۇ قۇرلارغا چۈشكەندە يۈرىكى «قارت»تىدە ئاغدى. ۋاڭ ۋەن گەرچە چىن بېگىگە ساداقەتمەن بولسىمۇ ئەمما ئىلمۇ-ئىرپان ئىستىقامەتلىرىدە ئەزەلدىن لۈ بۇۋېينىڭ لەشكەرلەرنى ھەققانىيەت ھامىيسىغا ئايلاندۇرۇپ ھىدايەت يولى ئارقىلىق مېھرى-شەپقەت سىياسىتى يۈرگۈزۈش تەلىماتىغا چوقۇناتتىكى ھەرگىزمۇ ئىرادىگە بۇنداق مۇخالىپ دالالەتچىلەردىن ئەمەس ئىدى. ھالا مانا ئەمدى بولغاندا ئۇنىڭ بۇنداق بوشاڭلىقى شۈبھىسىزكى چىن بېگىنىڭ دۈمبىسىگە ئاپتاپ چۈشۈرەتتى. مۇبادا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بولۇپ قالغۇدەك بولسا ياش چىن بېگى سىياسەت قىلىپ ئۆزىگە «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى قايتۇرۇۋالساڭ ئىرپانبەگ يەنىلا ئىرپانبەگ، باش ۋەزىر يەنىلا باش ۋەزىردۇر، دەپ ناھايىتى ئېنىق بىشارەت بەردى، دېگەن گەپ. گەرچە ناۋادا ئۇنداق بولمايدىكەن ئاقىۋىتىڭ پالانى-پۇستانى بولىدۇ، دېمىگەن بولسىمۇ، بۇنى دەپ ئولتۇرۇش بىھاجەت ئەمەسمۇ؟ بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۇسۇلى لۈ بۇۋېينى تولىمۇ بىئارام قىلدى. ياش چىن بېگى لۈ بۇۋېي بىلەن ئەزەلدىن ئىناق-ئىجىل ئىدى، ئىلگىرىكى قىيامەت قىسمەتلىرىدە، جەبرى-جاپا زۇلمەتلىرىدە بۇ ئۇلۇغ-كىچىك بەگ-تۆرە ئوتتۇرىسىدا تالاي مەۋقە-مەپكۈرە ئىختىلابلىرى بولۇنغان، ھەتتا كەسكىن تالاش-تارتىشلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇنغان. ئەمما ھەرنە قىلغان بىلەن شۇنداق چاغلاردا يىڭ جېڭ قىلچە خۇپىي-خۇسۇمەتتە بولماي ئىچ-قارنىدىكىنى ئۇدۇللا دەۋەرگەن، لۈ بۇۋېي ئۇنى «ئەدەب» لەشكە ئىزدەپ بارمىسىمۇ ئۇ ئۆزلىكىدىن ئۇنىڭ ئالدىغا «تەلىم-تەۋپىققە دالالەت» تىلەپ كەلگەن. ھەتتا ئەڭ ئېغىر، نازۇك پەيتلەردە ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرۈدىغان سالقىن-سوغۇق تەلەت-قاپاقلارغا يۈزلەنگەندىمۇ يىڭ جېڭ لۈ بۇۋېيغا تولىمۇ راستگۇيلۇق قىلغان. ئەمما قاچانلاردا شۇنداق بولدىكىن، مۇشۇنداق مۇھىم پىكىر-قاراش ئىختىلابلىرى بولۇنغاندا يىڭ جېڭنىڭ تۈز-ئوچۇقلۇقى غايىب بولدى، بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمىدىندۇر؟
بىردىنلا لۈ بۇۋېينىڭ يۈرىكىنى تىن ئالغۇسىز پاتمان-پاتمان بۇرۇختۇرمىلىق چۇلغىۋالدى.
بەگ ئانا بىلەن لاۋ ئەي توپىلىڭى تىنجىتىلىشى بىلەنلا، يىڭ جېڭ ئۇشتۇمتۇت ساقسىزلىنىپ، بىرەر ئايچە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. لۈ بۇۋېينىڭ چىن بېگى بىلەن دىدار-مۇلاقەتتە بولۇشى شۇنچىلىك ئازىيىپ كەتتىكى، ئايدا ئاران بىرەر قېتىملا دىدار قوبۇلدا بولۇپ، بەگلىك سىياسەتلىرىنى كېڭىشىپ بولۇپلا ئۆز يوللىرىغا راۋان بولۇشتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ بەگ-تۆرىنىڭ كېچە-كېچىلەپ مەيخورلۇق قىلىشىپ دىدار مۇلاقەتتە بولۇشى ئەبەدىي كەلمەسكە كەتتى. لۈ بۇۋېي مېڭىسىنىڭ قېتىقى چىققىچە ئويلاپ ئاخىر ئۆزىنىڭ بەگ ئانا ۋە لاۋ ئەي بىلەن بولغان خىلمۇ-خىل سىر-خۇپىيلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن پاش قىلىنىش مۇمكىنچىلىكىدىن باشقا ھېچقانداق بىرەر ئىشنىڭ ئۆزى بىلەن بەگ ئوتتۇرىسىدا بۇنچىلىك سالقىنلىق پەيدا قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى، ئۇ بۇنى سۈكۈت ئارقىلىق قوبۇل قىلىشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلالمايتتى. ناۋادا راستىنلا شۇنداق بولۇپ قالسا، كەسكىنلىكتە ھېچنەرسىگە پەرۋا قىلمايدىغان قارام، مەغرۇر بۇ ياش بەگ بۇنىڭغا قانداقمۇ تاقەت قىلىپ يۈرگەندۇ؟ يېرىم يىلچە ھېچ ئىش بولمىغاندىن كېيىن، لۈ بۇۋېي ئاخىر بەگ مەن بىلەن بىر مەھەللىك «ئاتا-بالىلىق» مېھرىنى ئۈزۈش بەدىلىگە بۇ ئىشقا سەۋر-سالاۋات، تاقەت-ئېھتىيات قىلىپتۇ، بەگ پەقىر لۈ بۇۋېينى پەقەت بىر باش ۋەزىر، ئىرپانبەگ، دەپلا بىلىدىكەن، باشقا بىرەر ئىشلاردىن چىن بېگىنىڭ بۇنداق مۇئامىلىلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمىغاندىكىن، مانا مۇشۇ ئىش ئېنىقلا تۇرمامدۇ؟ ياش چىن بېگى مانا مۇشۇ ئىشتىنلا مەندىن يىراقلىشىپ، مەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن، چىن بەگلىكىنى ئۈچ ئەۋلاد ئامان-ئېسەن ساقلاپ نائىبلىق قىلىپ كەلگەن ئۆزىدەك بىر قېرى باش ۋەزىرى بىلەن ھال-مۇڭ بولۇشتىن قاچقان گەپ، دەپ ئويلىدى.
گەرچە مەي ئىچمىگەن بولسىمۇ لۈ بۇۋېينىڭ كۆڭلىنى بىلىپ بولمايدىغان بىرخىل ئىنتايىن ئېغىر، بىنەۋا مەستۇ-مۇستەغرەقلىققا تولغان پەرىشانلىق، دەرد-پىغان چۇلغىۋالدى.
لۈ بۇۋېي ھەسرەتكە چۆمگەندە ئەزەلدىن ئۆزىنى ئالدۇرۇپ قويمايتتى، كۇتۇپخانىسىدا دەرد-پىغانغا ھەمراھ بولۇپ ئولتۇرۇشنى زادىلا ياقتۇرمايتتى، شۇڭا ئۇ شىرەگە تايىنىپ مەڭدەرىگىنىچە ئورنىدىن تۇردى. كۇتۇپخانىدىن چىقىپ پېشايۋانغا كەلگەندە، تېنىگە ئۇرۇلغان ئىزغىرىن كۈز شامىلى ئۇنى سەگىتىپ خېلىلا روھلاندۇرۇپ قويدى. شۇ ماڭغىنىچە قىزغۇچ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ ھەممىلا يەرنى بىر ئالغان توغراقلىققا كەلدى، شۇ تاپتا ئۇ تەلتۆكۈس سەگىپ ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئادەمدەك بولۇپ قالدى. ئادەتتە يىڭ جېڭ لۈ بۇۋېيدىن ناھايىتى رازى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ھۆرمەت-ئىلتىپات كۆرسىتىپ غەمخورلۇق قىلاتتى. پەرپۇغ (ۋەلىئەھد) تۇرغۇزۇش، يېڭى بەگكە كۆز-قۇلاق بولۇش، ئوردا ۋەزىيىتىنى تۇراقلاشتۇرۇش، بەگلىككە نائىبلىق قىلىش ۋە باشقا تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلاردا لۈ بۇۋېي يىڭ جېڭنى ھىمايىسىگە ئېلىپ ھامىيلىق قىلىپ كەلگەن، ھەممىلا ئىشتا يىڭ جېڭغا كۆز-قۇلاق بولۇپ يېتەكلەپ كەلگەن، ئۇنىڭدىن زادىلا ئەنسىرەپ باقمىغان، بۇ جەھەتتە ئۇ تەڭرى ئالدىدا ئۆز ۋىژدانىغا يۈز كېلەلەيدۇ. يىڭ جېڭ ئىنساب-دىيانەتلىك، ئەدەب-ئەخلاقلىق ئۆسمۈر بولۇپ يېتىلدى، ئۇ لۈ بۇۋېيدىن ئىبارەت بۇ پەدەرىگە كامالىي ئېھتىرامى بىلەن ئىززەت-ئېكرام بىلدۈرۈپ كەلدى. ھەر قېتىم بەگ ئانا جاۋ جى بىرەر ئىشقا ئامالسىز قالغىنىدا، لۈ بۇۋېي ئارىغا چۈشسىلا يىڭ جېڭ زادىلا قارىشى تۇرمايتتى. ناۋادا بەگ ئانا بىلەن لاۋ ئەي تېرىغان نىزا سەۋەبلىك ئۆزىگە نومۇس تامغىسى بېسىلمىغان بولسا، ئۆزىنىڭ چىن بېگى بىلەن ئاتا-بالىلاردەك مېھر-شەپقەتلىك بەگ-تۆرىلەردىن بولۇپ قالىدىغانلىقىغا لۈ بۇۋېي شۈبھىسىز ئىشىنەتتى، ئۇلار ئارىسىدا ئەلنى ئىدارە قىلىش تەدبىر-تەشەببۇسلىرىدا ئىختىلاب كۆرۈلۈپ يۈزتۇرانە مۇنازىرە-دەتالاش قىلىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئاقىۋەتتە يەنىلا ئەپۇچانلىق شەمشىرىنى بىلىشىپ سەلتەنەت ئىشلىرىغا بىرلىكتە كۈچىگەن بولاتتى. 20 نەچچە يىلدىن بېرى سەلتەنەت يۈرگۈزۈشتە لۈ بۇۋېي ئىزچىل تۈردە بەگلىككە ھەكەملىك قىلىپ ھىدايەت يولى تۇتۇپ، جازانى يېنىكلىتىپ مېھرىبانلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈشكە ئاساس سېلىپ، ئۆزىنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش تەدبىر-تەشەببۇسلىرىنى چىن سەلتەنەتىدە ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ تامامەن ئاقىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ياش چىن بېگى سەلتەنەتنى ئۆز قولىغا ئالغاندىن كېيىنمۇ جازانى يېنىكلىتىپ مېھرىبانلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى رەت قىلىپ باقمىدى. ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس، بەگ ئانا بىلەن لاۋ ئەي تۇغدۇرغان نىزا بىرياقلىق قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئۇلۇغ-كىچىك بەگ-تۆرە بىلىپ-بىلمەي يىراقلىشىپ، چوڭقۇر ھاڭنىڭ ئىككى تەرىپىدە تىركىشىپ تۇرۇپ قالدى...
ــــ ئىرپانبېگىمگە مەلۇمات: لى سى شۈيجىڭدىن قايتىپ قەسىرگە كەلمەستىن بەگ كېمىسىگە چىقىپتۇ!
ــــ لى سى؟ بەگ كېمىسىگە چىقىپتۇ؟
لۈ بۇۋېي بىر ھازاغىچە داڭ قېتىپ ھاڭۋاقتىلارچە مېڭىپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا قويۇق تۇمان قاپلىغان ئورمانلىققا ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتتى.
گۇگۇم. لى سى ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ باش ۋەزىر قەسرىگە كىرىپ كەلدى.
ئۇلار ئىللىق سارايدا كۆرۈشتى، لۈ بۇۋېي تېخى ئېغىز ئاچماي تۇرۇپلا لى سى ئۆزىنىڭ كۈتۈلمىگەندە بەگنىڭ كېمىسىگە ئېلىپ بېرىلىش جەريانىنى تۈزۈت-پۈزۈتمۇ قىلماستىن ئېقىتماي-تېمىتماي سۆزلەپ بولۇپ، ئاخىرىدا سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا لۈ بۇۋېينىڭ پەيتنى پەملەپ، زامان ئوزايىنى ئوبدان مۆلچەرلەپ، چىن بېگىگە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ بۈيۈك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارمىقى خۇسۇسىدا نەسىھەت قىلدى. لۈ بۇۋېي مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ:
ــــ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش، دېگەن قانداق گەپكىن ئۆزى؟ــــ دەپ سورىدى.
ــــ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش دېمەككىم بارچە ئىشتا ئەركان-مىزان بىلەن ئىش كۆرمەكلىك ئىكەن! ــــ دېدى لى سى گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيتىپ. لۈ بۇۋېي يەنە كۈلۈپ كەتتى ۋە:
ــــ تەقسىرنىڭ بۇ گېپىچە كەمىنىلىرى ئەركان-مىزان سىرتىدا ئىش قىلغان ئوخشىمامدىمەن؟ــــ دېدى كىنايە ئارىلاش. لى سىمۇ تىتمىسلاپ ئولتۇرماستىن:
ــــ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» بەگلىكنىڭ ئۇلۇغۋار رىجەلىرىگە چېتىشلىق بولغاچقا، ئوردا كېڭىشىدە دەلىللەنمەي تۇرۇپ تارتۇق بېرىش يولى بىلەن ئاشكارا تەرغىب قىلىش ھەقىقەتەن چىن ئەركان-مىزانلىرىغا مۇخالىپتۇرلەر؛ مېھرىبانلىق سىياسىتى ھەم چىننىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش ئەھكاملىرىغا قارىمۇ-قارىشىدۇر؛ ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرى چىن بەگلىكىگە ھەكەملىك قىلغاندا چىن ئەركان-مىزانلىرىغا ئەمەل-ئىتائەت قىلىپ بەگلىك سەلتەنەتىنى يېتەكلىمىكى ۋاجىپتۇرلەر!ــــ دېدى.
ــــ تەقسىرنىڭ يۈزدە ھېماتچى بولۇپ دۈمبىدىن خەنجەر ئۇرۇشى پەيتنى پەملەپ زامان ئوزايىنى ئوبدان مۆلچەرلىگىنىكىنە!ــــ دېدى لۈ بۇۋېي ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قاھقاھلاپ كۈلۈپ. ئۆتكۈر خەنجەردەك كىنايىدىن لى سىنىڭ ئۆڭ-سىلى ئۆچۈپ، تاتىرىپ ئۇجۇقۇپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا سۆزىنى داۋام قىلدى:
ــــ ئەينى چاغدا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نىڭ تۈزۈلىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىشىم جانابىي تۆرەمنىڭ ھىممەتلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇشۇم خۇسۇسىدىن ئىدى، ھالا بۈگۈن تۆرەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى قايتۇرۇۋېلىش خۇسۇسىدا ۋەزخانلىق قىلىشىم ئىشنىڭ يولى ھەققىدە ئىزاھات بەرگىنىم؛ شەپقەتچىمگە تۇزكورلۇق قىلىپ بەگلىك ئەھكاملىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىم زامان تەقەززاسىدىن بولدى، پەقىر لى سى بۇنى خاتا دەپ قارىمىدىم!
ــــ بولدى بەس لى سى، گېپىمىز شۇ يەرگىچە بولسۇن!ــــ لۈ بۇۋېي ھارغىن قىياپەتتە قولىنى سىلكىدى.
ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان بۇ سۆھبەتتە لى سى ئىرپان بەگ لۈ بۇۋېينىڭ خۇپىيانە تۇتقان بۇ كىتابى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىدى، ئىرپانبەگمۇ لى سىنىڭ نەگە بېرىپ نەدە تۇرىدىغانلىقى، نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە لام دېمىدى. تۆرە بىلەن تېجىمەللىك باردى-كەلدىسىنىڭ مۇشۇ يەردە تامام- ۋەسسالام بولغانلىقى ھەر ئىككىسىگە بەش قولدەك ئايان بولدى. لۈ بۇۋېينىڭ « گېپىمىز شۇ يەرگىچە بولسۇن» دېگىنىدىن لى سى ھەممىنى بىلدى. بىر چاغلاردا بەگلىك ھوقۇق-ئىمتىيازىنىڭ چوققىسىدا سەلتەنەتنىڭ ھەكەملىك قامچىسىنى قارسىلداتقان بۇ روھسىز بوۋاي نېمىلا دېگەن بىلەن لى سى چوقۇنۇپ بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن جاھاندىكى ئەڭ دانا ۋەزىر ئىدى، ناۋادا تۈنۈگۈن كېچىدىكى ئىش يۈز بەرمىگەن بولسا، ئۆزىمۇ بۇ بوۋايغا سوڭدىشىپ چۆكۈپ كەتكەن بولاتتى.
ــــ بولدى بەس لى سى، ئاخىرقى سۆزۈم شۇدۇركى، بۇنىڭدىن كېيىن دىدارلىشىپ قالمايلى!
ــــ ئىرپانبېگىمنىڭ تەلىمىگە مۇھتاجمەن!
چىدىغۇسىز ئۇزاق بىلىنگەن سۈكۈتتىن كېيىن لۈ بۇۋېي ئۇھ تارتىپ:
ــــ تەقسىر، ئۆزلىرى كاتتا ئىستېدات ئىگىسىدىن، پاراسەت ساھىبىدىن بولىدىلا. شۇڭا ئىشنىڭ يولىنى بىلگەچكە پەيتنى پەملەپ زامان زورىغا بېقىپ يامان ئىش قىلمىدىلا. شۇنداق ئىكەن پەقىرلىرى بىلەن تەقسىرىمنىڭ پېشانىسىگە مەسلەكداشلاردىن بولۇش نېسىپ بولمىغان چېغى، شۇڭا بىزنى قانداقمۇ تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولسۇن دەيلا! ئەزەلدىن ياراتقان تۆھپىنى قەدىرلىمەك باردۇر، ئەمما ئەدلۇ-ئادالەتنى تېخىمۇ قەدىرلىمەك باردۇر، ئەدلۇ-ئادالەتنى بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ مىزانى قىلماق ھەم باردۇر، ئەدلۇ-ئادالەتلىك ئىش قىلىش كەمىنىلىرىنىڭ جاھاندارچىلىق مىزانىدۇر. كەمىنىلىرى كىچىكىمدىنلا سودا-تىجارەت يولىدا كارۋان تارتىپ ساھىب قىران بولدۇم، مۇشۇ 60 نەچچە يىللىق ھاياتىمدا ئەدلۇ-ئادالەت بىلەن ئىش قىلىش مىزانىمدىن ئەسلا تايمىدىم! جازانى يېنىكلىتىپ مېھرىبانانە سىياسەت يۈرگۈزۈش ھۆكۈمدارلىق ھاياتىمدىكى بىردىنبىر يول بولۇپ كەلدى. «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەدلۇ-ئادالەتلىك مىزانىدۇر. كەمىنىلىرى ئەۋلادمۇ ئەۋلادنى قويۇپ تۇرۇپ بىزنىڭ مۇشۇ دەۋرىمىزدە ئىرادەمگە مۇخالىپ ئىش قىلىپ بەگ-تۆرە بولۇۋېلىپ تىرىك يۈرسەممۇ ئۆلگەندىن پەرقىم قالمايدۇ، ئۇنىڭدىن ئۆلگىنىم مىڭ-مىڭ ئەۋزەلدۇر!ــــ دېدى تەۋەززۇ-كىنايە بىلەن.
ــــ ئىرپانبېگىم...ــــ لى سى بىر نېمە دېمەكچى بولدى-يۇ يەنە توختاپ قالدى، ئۇ ئاخىر ھېچنېمە دېمەي بېشى چۈشۈپ سالپايغىنىچە كېتىپ قالدى.
ھۇجرىسىغا جىمجىتلا كىرىپ كەلگەن لۈ بۇۋېينىڭ ئۈگە-ئۈگىلىرى بوشىشىپ كەتتى، كاللىسى قۇپ-قۇرۇق، كۆڭلى بۇرۇختۇرمىلىققا چۆمۈپ، يۈرىكى چوغدەك يېنىپ كاۋابتەك پۇچىلاندى، ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم كىيىمى بىلەنلا ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىدى، شۇ ياتقانچە ئەتىسى كۈن چۈشتىن قايرىلغاندىلا ئاندىن ئويغاندى. ھۇجرىدا ئايال خىزمەتكار مىشىلدىغىنىچە يىغلاپ تۇرۇپ «تۆرەم، كېچىچە قىزىپ چىقتىلا» دەپ قەسىرنىڭ ئەمچىسىنى چاقىرتىپ كىرگىنىنى، دورا ئىچكۈزۈپ يىڭنە سانجىپ داۋالىغان بولسىمۇ ئىرپانبەگنىڭ ئويغانمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قورقۇپ كەتكەنلىكىنى، خانىم ۋە غوجىدار مو خۇ ئۆيدە بولمىغاچقا ئۆزىنىڭ ھېچ ئىش قىلالماي قالغانلىقىنى، ناۋادا باش ۋەزىرگە ئالىمادىس بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ئۆزىدەك بىر ئايال چاكارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. لۈ بۇۋېي كۈلۈپ كەتتى ۋە ئايال خىزمەتكارنى بەزلەپ، «ھۇجرامغا ئەمچىنى باشلاپ كىرىپ تۆھپە كۆرسىتىپسىز، نېمە ئۇ ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن، دېگەن؟ ھايات بىلەن مامات پەقەت تەڭرىنىڭن ئىرادىسى بىلەنلا بولىدۇ، پەقىرگە ھېچ ئىش بولمىدىغۇ مانا» دەپ ئورنىدىن دەس تۇرۇۋىدى، ئايال خىزمەتكار چۆچۈپ كەتكىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەيلا قالدى. لۈ بۇۋېي قىستاپ كەتكەن كۈلكىسىنى باسالماي مۇنچىغا كىردى، ئايال خىزمەتكار ئەمچىنى چاقىرىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي لۈ بۇۋېينىڭ كەينىدىن سوڭدىشىپ مۇنچىغا كىرىپ كەتتى. بىرەر ئاش پىشىمغىچە قىزىق سۇدا يۇيۇنغاندىن كېيىن لۈ بۇۋېي ئۆزىنى خېلىلا يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى. قەسىر ئەمچىسى ئۇنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرۈپ، يەنە ئىككى-ئۈچ بولاق دورا ئىچكەندىن كېيىن قىزىتمىنىڭ يانىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لۈ بۇۋېي قولىنى پۇلاڭلىتىپ دورا ئىچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە غەربىي يۇرت بېدىسى سېلىنغان قىزىق قوي گۆشى شورپىسىدىن ئىچىپ تازا بىر تەرلىگەندىن كېيىن كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ كەتتى.
ــــ باش ۋەزىرىمگە مەلۇمات: شيەنياڭ كاھبېگى⑧ قوبۇلخانىدا باش ۋەزىر بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىلتىجا قىلىۋاتىدۇ!
ــــ شيەنياڭ كاھبېگى ؟ خاتا ئەمەستۇر؟
ــــ پەقىر ئۇ كىشىنى تونۇيمەن، ھەقىقەتەن شيەنياڭنىڭ كاھبېگى بولىدۇ! ــــ مەھرەم خاتالاشمىغان ئىدى.
ــــ ئۇ كىرسۇن! ــــ لۈ بۇۋېينىڭ يۈرىكى ئاغقاندەك بولۇپ، چىرايى جىددىي تۈس ئالدى.
ھەش-پەش دېگۈچە ساراي سىرتىدىن گۈرسۈلدىگەن ئاياغ تىۋىشى كەلدى، دۇبۇلغا-ساۋۇتلۇق، ئۆسكىلەڭ ساقال-بۇرۇتلىرى تۇتىشىپ چاڭگاكلىشىپ كەتكەن، سانغۇنلاردەك سۈر-ھەيۋىسى چىقىپ تۇرغان بىرى كىرىپ كەلدى ۋە:
ــــ نەۋكەرلىرى شيەنياڭ كاھبېگى يىڭ تېڭ بولۇمەن، ئىلگىرى باش ۋەزىرنى كۆرگەن ئىدىم، ــــ دېدى قوللىرىنى جۈپتەكلەپ سالام بېرىپ.
ــــ نېمە ئىش؟
ــــ نەۋكەرلىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئاستانە شيەنياڭنىڭ قوشۇمچە پاششاپبېگىمەن، باش ۋەزىرىمگە شۇنى ئالاھىدە مەلۇم قىلىمەنكى: تۆۋەن قوۋۇق سىرتىدا نەچچە كۈندىن بېرى ئادەم، ئات-ئۇلاغ، ھارۋا-مەپىلەر تىقما-تىقماق بولۇپ كەپلىشىپ قالدى، شەندۇڭلۇق كەلگىندى ئۇششۇقلار بۇنى غەنىيمەت بىلىپ 60 نەچچە قېتىم ئوغرىلىق قىلدى، ئات-ھارۋا قىستاڭچىلىقىدا ھارۋا بىلەن ئادەملەر يول تالىشىپ، دەسسىلىپ يارىلانغانلار 100 دىن ئېشىپ كەتتى. بەگلىكىمىز پۇقرالىرىنىڭ تىنچ-خاتىرجەم تىرىكچىلىكى ئۈچۈن نەۋكەرلىرى باش ۋەزىرىمنىڭ يارلىق چۈشۈرۈپ تۆۋەن قوۋۇقنىڭ سىرتىدىكى كۈن چىقىش سېپىل تېمى ئەتراپىدا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى تۈزەتكەنلەرگە ئىنئام بېرىدىغان ئىشنى يىغىشتۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلىپ كەلدىم!
ــــ قانداق دېگەن گەپ بۇ! ــــ لۈ بۇۋېي شۇ ھامان غەزەبتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتتى. چىن ئەركان-مىزانى بويىچە بولغاندىمۇ بىر كاھبەگنىڭ باش ۋەزىر مەھكىمىسى قارىمىقىدىكى ئىشىكئاغا بىلەن كۆرۈشۈشىمۇ دەرىجىدىن ھالقىپ كەتكەنلىك ئىدى. شيەنياڭنىڭ ئامانلىقىدا چاتاق چىققانىكەن، شيەنياڭ ھاكىمىنىڭ ئۆزى كېلىپ يوليورۇق سورىشى كېرەك ئىدى، كىچىككىنە بىر كاھبەگنىڭ قاپ يۈرەكلىك قىلىپ باش ۋەزىر سارىيىغا ئۈسۈپ كىرىپ «ھوقۇقىنى پەش قىلىشى» غەلىتە-يوچۇن ئىش ئەمەسمۇ؟ بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا بىرەر گەپ بارلىقىنى، ھەتتا كۆپرەك ئېھتىيات قىلماقنىڭ ئاقىلانە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئەمما لۈ بۇۋېي ئۆزىدەك بىر ئۈچ ئەۋلاد بەگكە باش ۋەزىر بولغان مۆتىۋەللىنى كۆزگە ئىلماسلىقتەك بۇنداق قىلمىشتىن يەنىلا قاتتىق غەزەبلەندى ۋە سوغۇققىنە كۈلۈپ شىرەنى مۇشتلىغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ:
ــــ تۆۋەن قوۋۇقتىكى ئىش مەرىپەت سارىيىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئىشتۇر. مەرىپەت سارىيىنىمۇ بەگلىكىمىز تەسىس قىلغان. كاھبەگنىڭ پەقىر ئالدىدا تىلىنى چاينىشى بىھاجەت، مەرىپەت سارىيىنىڭ خەلپەتبېگى بىلەن كۆرۈشسۇنلەر!ــــ دېدى.
ــــ ھە...شۇنداقكەندە، ئەمىسە نەۋكەرلىرى خوشلىشاي!ــــ كاھبەگ ئارتۇق گەپمۇ قىلماي قوللىرىنى سالغىنىچە سۈر-ھەيۋىسىنى پەش قىلىپ ئالچاڭلىغىنىچە چىقىپ كەتتى.
لۈ بۇۋېي غەزەبتىن بىردە بوزىرىپ، بىردە تاتىرىپ كەتتى-دە، چوڭ-چوڭ قەدەملىرى بىلەن تەييار تۇرغان ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ئۇدۇل مەرىپەت سارىيىغا يول ئالدى. مۇنەججىملەر سارىيىدا بىرتوپ تېجىمەل-قوناقلارنى يېنىغا چاقىرىتىپ شيەنياڭ كاھبېگىنىڭ ئىشىدىن ئىخچاملا ئىزاھات بەرگەندىن كېيىن مەيلى قانداق ئىشلار يۈزبېرىشىدىن قەتئىينەزەر تۆۋەن قوۋۇقتىكى ئىنئام بېرىش ئىشىنى چىن بېگى يارلىق چۈشۈرۈپ بىكار قىلمىغىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تاپىلىدى. تېجىمەل-قوناقلار دەرغەزەبكە كېلىشىپ، دەرھال تېجىمەللىرىنى توپلىشىپ تۆۋەن قوۋۇق سىرتىغا كىتاب ساقلاشقا يۈرۈپ كېتىشتى.

ئىزاھاتـلار
① لى سى: چىن سۇلالىسىدە ئۆتكەن مەشھۇر سىياسىيئون، داڭلىق ئەدىب ۋە خەتتات. دەسلەپتە باش ۋەزىر لۈ بۇۋېي قەسرىدە تېجىمەللىك قىلغان. چىن شىخۇاڭنىڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە زور كۈچ چىقارغان، كېيىنچە چىن سۇلالىسىنىڭ ۋەزىرى بولغان، چىن سۇلالىسىنىڭ قانۇن-دەستۇرلىرىنى تۈزۈشكە قاتناشقان، ھارۋا چاقى، يېزىق، ئۆلچەم بىرلىكلىرى تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن.چىن شىخۇاڭ ئۆلگەندىن كېيىن چىن جاۋ گاۋ بىلەن بىرلىكتە شىخۇاڭنىڭ 18-ئوغلى يەنى ئەڭ كىچىك ئوغلى خۇ خېنى يۆلەپ تەختكە ئولتۇرغۇزغان، جاۋ گاۋ كېيىنچە ھەسەت قىلىپ ئۇنىڭ كاللىسىنى ئالغان.
② جېڭ گو: چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى سۇچىلىق مۇتەخەسسىسى. خەن بەگلىكىدىن. ئېيتىلىشىچە، خەن بەگلىكى چىن بەگلىكى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغاندىن كېيىن خەن بەگلىكى خان جەمەتى ئۇنى چىن بەگلىكىنى غايەت زور سۇ قۇرۇلۇشى قىلىشقا كۆندۈرۈشكە ئەۋەتكەن، خەن بەگلىكىنىڭ مەقسىتى شۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق چىن بەگلىكىنىڭ مالىيە كۈچىنى ئاجىزلاتماقچى بولغان. شۇغىنىسى جېڭ گو مەشھۇر سۇچىلىق مۇتەخەسسىسى بولۇپ قالالىغانكى، لاياقەتلىك جاسۇس بولالمىغان.
③ سېپىل خەندىكى قېزىش جازاسى: چىن سۇلالىسى ۋە خەن سۇلالىسىدە ئومۇملاشقان جازانىڭ يېنىك بىر تۈرى. بۇ جازاغا بۇيرۇلغانلار ئورۇن-كۆرپە، يېمەك-ئىچمىكىنى ئۆزلىرى تەييارلاپ سەھەر تۇرۇپ سېپىل خەندىكى قازىدۇ.
④ دوك: كېمە رېمونت قىلىنىدىغان جاي.
⑤ مېڭ تيەن: چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چىن شىخۇاڭنىڭ مەشھۇر سانغۇنى، «جۇڭخۇادىكى تۇنجى ئەزىمەت» دەپ تونۇلغان. خەنزۇ، چى بەگلىكىدىن، يۇرتى شەندۇڭ، چىن شىخۇاڭنىڭ جۇڭەونى بىرلىككە كەلتۈرۈشىدە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، ئۇ قىلغانلىكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلماي قالمىغان، سىرتتا ھەربىي قوماندان بولغىنى بىلەن ئوردىدا چىن شىخۇاڭغا مۇشاۋۇرلۇق قىلىپ ساداقەتمەن ۋەزىر، دېگەن ئوتۇغات بېرىلگەن. 300 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ھۇنلارنى سەددىچىننىڭ سىرتىغا 700 چاقىرىم چېكىندۈرۈپ قايتا ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالماس قىلىۋەتكەن. ئېيتىلىشىچە ئۇ ئەدلىيە ۋەزىرى بولۇپ تۇرغان چاغلىرىدا موي قەلەمنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇپ چىققان. ئۇ ئەڭ بالدۇر جۇڭخۇانىڭ غەربىي شىمالىنى ئاچقۇچى، نىڭشيانىڭ تۇنجى ئاچقۇچىسى، دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئوردىدىكى ئىچكىي نىزاچىلار تەرىپىدىن قەستلىنىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.
⑥ يىڭ جېڭ: چىن شىخۇاڭنى كۆرسىتىدۇ، چىن شىخۇاڭنىڭ فامىلىسى يىڭ، ئىسمى جېڭ.
⑦ يارلىقچى: چىن بەگلىكىنىڭ ئەمەل نامى، يارلىق،ھۆججەت-مەلۇمات يەتكۈزۈشكە مەسئۇل. يارلىق ھارۋىسى: يارلىقچىلار مەھكىمىسىنىڭ تۇغى قادالغان،مەزكۇر مەھكىمىنىڭ بەلگىسى سېلىنغان، بەگلىك ھۆججەت-يارلىقلىرى، مەلۇمات يەتكۈزۈدىغان ھارۋا.
⑧چىن بەگلىكى ئايماق-ناھىيىلەردە لەشكىرىي ياساۋۇل مەھكىمىسى تەسىس قىلغاندا ئەمىنلىك مەھكىمىسىگە پاششاپ تەسىس قىلغان، بۇلار ئايماق كاھبېگى، ناھىيە كاھبېگى، دەپ ئاتىلىپ ئايماق-ناھىيەلىك مەھكىمىگە قاراشلىق بولغان. ئاستانىدە تەسىس قىلىنغان كاھبەگ ئايماقتا تەسىس قىلىنغان كاھبەگ بىلەن باراۋەر بولۇپ، ئۇنى شيەنياڭ كاھبېگى، دەپ ئاتىغان. لەشكىرىي مەنسەپتىمۇ كاھبەگ بىلەن باراۋەر مەنسەپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئارىچى تۇرشاۋۇل،دېيىلگەن.







ئىككىنچى، ھىدايەت يولىنىڭ چەتكە قېقىلغانلىقى، بەگلىك ئەركان-مىزانىنىڭ يېگانىلىقى

غەلىتە-يوچۇن ئىشلار ئايىغى ئۈزۈلمەي ئۇلىشىپ كېلىۋەرگەنلىكتىن، لۈ بۇۋېي گاڭگىراپ قالدى.
ئۇ مۇنەججىملەر سارىيىدا ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىككى كۈندىن كېيىنكى كۈن چۈشتىن قايرىلغان بىر چاغدا، ئىنئام بېرىشكە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان تېجىمەل-قوناقلار تۇشمۇ-تۇشتىن كېلىپ مېڭ تيەننىڭ كىتاب ئېسىلغان سېپىل تۈۋىدىكى دەڭدە شاڭ تۆرىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەپ قويۇپ كېتىپ قالغانلىقىدىن مەلۇمات بېرىشتى. لۈ بۇۋېي بۇنىڭدىن ھەيرانۇ-ھەس قالدى، شاڭ تۆرىنىڭ ھەيكىلىنى دەڭگە ئاپىرىپ تىكلىگىنى نېمىسى؟ تېجىمەل-قوناقلار ئاچچىقتىن يېرىلغىدەك بولۇپ بۇ ئىشنىڭ جەريانىنى بەس-بەستە بايان قىلىشتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، چىڭقى چۈش مەھەلدە، كۈن چىقىش تەرەپتىكى سېپىل تۈۋى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان چاغدا، سېپىل راۋىقىنىڭ قوڭغۇرىقى ئۈچ قېتىم چېلىنىپ، بىر توپ دوبۇلغا-ساۋۇتلۇق چەۋەنداز-شىرمەتلەر تۆت كالا قوشۇلغان بىر ھارۋىنى قورۇقداپ چاڭياڭ كوچىسىدىن ئۇدۇل تۆۋەن قوۋۇقتىكى دەڭگە سۈر-ھەيۋە بىلەن كىرىپ كەلگەن. كالا ھارۋىسىدا قىزىل كىمخاب يوپۇق يېپىلغان يوغان بىر نەرسە تىك قويۇلغان، بۇ ھارۋىنىڭ كەينىدىن ئارغىماقلار قوشۇلغان يەنە بىر مىس ھارۋا كېلىۋاتقان بولۇپ، ھارۋىدا دوبۇلغا-ساۋۇتلۇق تولۇق قوراللانغان شيەنياڭ ھاكىمى مېڭ تيەن تەكەببۇرانە گىدىيىپ تۇرۇپتۇ. دوبۇلغا-ساۋۇتلۇق چەۋەنداز-شىرمەتلەر لام دېمەستىن ئۆكتەملىك بىلەن ئادەملەر توپىنى قالايمىقان يېرىپ يول ئاچقان. بۇ ھارۋىلار دەڭنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا توختاپ، مېڭ تيەن ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئىككى تەرەپتىكى كىتاب قورۇقداۋاتقان تېجىمەللەرگە پىسەنتمۇ قىلماستىن، تالىبلارنىڭ مەخسۇس كىتاب تۈزىتىشىگە ھازىرلاپ قويۇلغان مەرمەر تاشقا سەكرەپ چىقىپ:
ــــ بەگلىك رەئىيەتلىرى، تالىبلار! قۇلاقلىرىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ ئىشتىڭلاركى، پەقىر شيەنياڭ ھاكىمى مېڭ تيەن بولىمەن، بۈگۈن شيەنياڭ مەھكىمىسىنىڭ يارلىقىنى جاكارلاشقا كەلدىم! يارلىق شۇدۇركى: بەگلىك رەئىيەتلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، مەھكىمىمىز شيەنياڭنىڭ تۆۋەن قوۋۇقىدا بۈيۈك دەستۇرچى شاڭ تۆرىنىڭ مەرمەر ھەيكىلىنى تىكلەپ، شاڭ تۆرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىپ چىن ئەركان-مىزانىغا قوشقان مەڭگۈلۈك تۆھپىسىنى ياد ئېتىشنى قارار قىلدىلەر!ــــ دەپ تۇرۇشىغا، سېپىل راۋىقىنىڭ قوڭغۇرىقى ئالتە قېتىم قاتتىق چېلىنغان، دوبۇلغا-ساۋۇتلۇق چەۋەنداز-شىرمەتلەر گۈرەن تومۇرلىرىنى بۆرتۈپ چىڭقىلىپ تۇرۇپ بۇرغىلىرىنى پۈۋلەپ، كالا ھارۋىسىدىكى كىمخاب يوپۇقلۇق ھېلىقى يوغان مەخلۇقسىمان نەرسىنى ئىنجىقلاپ يۈرۈپ چۈشۈرۈپ، دەڭنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان ئادەم بويى ئېگىزلىكتىكى تاش سۇپىغا مەزمۇت جايلاشتۇرۇپ تىكلىگەن. بۇنىڭ ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغانلىقى مەلۇم. بۇ يوغان مەخلۇق تىكلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن قوڭغۇراق يەنە ئالتە قېتىم چېلىنغان. مېڭ تيەن ئۆز قولى بىلەن قىزىل كىمخاب يوپۇقنى چۈشۈرگەندە، سېپىل بىلەن باراۋەر دېگىدەك ئېگىزلىكتىكى بەھەيۋەت تاش ھەيكەل بەئەينى ئەرش مۇئەككىلىدەك مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ ئاۋام-رەئىيەتنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولغان. بۇ تاش ھەيكەلنىڭ سۈر-ھەيۋىلىك قامىتى چىنلىقلارغا تولىمۇ تونۇش بولۇپ، دەل شاڭ تۆرىنىڭ ئۆزى ئىدى. ئاۋام-رەئىيەت توپى ھەيكەلگە بىر ھازا سەپ سالغاندىن كېيىن توپ ئىچىدىن ئاخىر «شاڭ تۆرە ياشىسۇن! چىن ئەركان-مىزانى ياشىسۇن!» دېگەن سادا كۆكنى بىر ئالغان. «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى ھېمايە قىلىۋاتقان تېجىمەل-قوناقلار بىر پەس تېڭىرقىشىپ، نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالغان-دە، دەرھال مەلۇمات يەتكۈزۈشكە كەلگەن.
ــــ ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىكلەرنى دەپسەندە قىلىشى ئىكەنغۇ، ئۇنىڭ بىلەن نېمە كارىمىز؟ــــ دېدى لۈ بۇۋېي سوغۇق كۈلۈپ.
شۇنىڭ بىلەن كەلگەنلەر يەنە دەرھال تۆۋەن قوۋۇققا قايتىپ باردى. بىرپەس جايلاشتۇرۇش ئارقىلىق تېجىمەل-قوناقلار چېدىر تىكىپ نۆۋەتلىشىپ كۆزەتتە تۇرۇپ، بۇرۇنقىدەك ئاۋام-رەئىيەت توپىنىڭ ئالدى-كەينى، باش-ئايىقىغا ئۆتۈپ، ئاۋام-رەئىيەتنىڭ كىتابنى ئوقۇپ تۈزىتىشىگە ھېماتچى بولۇپ، ئۇلارنى بىر خەت تۈزىتىپ مىڭ تىللا ئىنئام ئېلىۋېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پالاكەت تاش ھەيكەل بىلەن دوبۇلغا-ساۋۇتلۇق چەۋەنداز-شىرمەتلەرگە پىسەنت قىلماسلىققا دالالەت قىلدى. شۇنداق قىلىپ بەش-تۆت كۈن ئۆتكەن بولدى، بەش-تۆت كۈندىن كېيىن تېجىمەل-قوناقلار يەنە باش ۋەزىر مەھكىمىسىگە مەلۇمات يوللاپ كەلدى ۋە:
ــــ شيەنياڭ كاھبېگى دەڭنى دەستۇر باغچىسى قىلغانلىقىنى جاكارلاپ،تاشتىن بەلبويى ئېگىزلىكتە قورۇقتام قوپارتقۇزدى، دوبۇلغا-ساۋۇتلۇق 100 چەۋەنداز-شىرمەت قورۇقتام ئەتراپىنى ئايلىنىپ قورۇقداۋاتىدۇ، ئاۋام-رەئىيەت ۋە سەيياھ تالىبلارنى تام ئەتراپىدىنلا زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىپ تاشقورۇق ئىچىگە كىرگۈزمەيۋاتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاۋام ۋە تالىبلار«دەستۇر باغچىسى» سىرتىدا بولغاچقا بىز كىتاب يايغان سېپىل تۈۋىگە يېقىن يولىيالمايۋاتىدۇ!ــــ دەپ دادلاشتى.
ــــ بۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمىسۇن! زورلۇق قىلمىسىلا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى يىغىشتۇرۇشقا بولمايدۇ!ــــ دېدى لۈ بۇۋېي غەزىپىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىپ كۈلگىنىچە.
قىزىق ئىش، كاھبەگ ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەن دوبۇلغا-ساۋۇتلۇق شىرمەتلەر دەستۇر باغچىسىنىڭ قورۇق تېمى ئىچىگە توپلىشىۋالغان مەرىپەت سارىيىنىڭ تېجىمەل-قوناقلىرىغا پىسەنتمۇ قىلمىدى، شايى كىتابنى يىغىشتۇرۇش خۇسۇسىدا بۇيرۇقمۇ قىلمىدى ھەم كىتاب قورۇقداۋاتقان ھېماتچى تېجىمەل-قوناقلارنى ھەيدەپمۇ ئەتمىدى. ھەركىمنىڭ قازىنى ئۆزىگە، دېگەندەك، مەرىپەت سارىيىنىڭ ھېماتچىلىرىغا دەخلىمۇ قىلمىدى، ئىككى تەرەپ بىر-بىرلىرىنى پىسەنتىگىمۇ ئېلىشماي مۇشۇنداق ئۇسۇلدا تىركەشتى. ئاخىرى تاقىتى تاق بولۇپ سەۋر قاچىسى تاشقان تېجىمەل-قوناقلار كاھبەگ بىلەن دەتالاشلىق قىلىشىپ سېپىل دېگەن بەگلىكنىڭ يېرى، شاڭ تۆرىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەپ ئەتراپىنى توسۇپ ئاۋامنى دەخىلسىز يۈرگىلى قويماسلىق ئاۋامنىڭ تىرىكچىلىكىگە دەخلى قىلغانلىق، دېدى. كاھبەگ ئاچچىقلاپ ۋارقىرىغىنىچە:
ــــ بەگلىك يېرىنى ئىشلىتىشنى ئوردا قارار قىلىدۇ، بىلىشەمسەن؟ مۇنكىر-نۇنكىرلارغا ئىستىقامەت قەسىرى سېلىپ بېرىلگەن يەردە مۇقەددەس دەستۇر باغچىسىغا قورۇقتام سېلىپ بېرىلسە نېمىشقا بولمايدىكەن؟ پەقىر كاھبەگ سەنلەرنىڭ ئات-ئۇلاغلىرىڭ قىستاڭچىلىق پەيدا قىلىپ ئاۋامنىڭ يول يۈرۈشىگە دەخلى قىلغانلىقىنى بىر نېمە دېمىسەم سەنلەرگە نېمە دەز كەتتى؟ گەپ بولدى-دە بۇ!ــــ دېدى شالىنى چاچرىتىپ. بەش-تۆت كۈنگىچە شۇ تەرىقىدە تىركىشىش ئارقىلىق ئەركان-مىزانغا رىئايە قىلىپ كۆنگەن بەگلىك رەئىيەتلىرى ۋە تالىبلارنىڭ ئاستا-ئاستا رايى سوۋۇپ قالدى، تۆۋەن قوۋۇق سىرتىدا ئادەملەر توپى كۈندىن كۈنگە شالاڭلاپ كەتتى. تېجىمەل-قوناقلار شۇ يوسۇندا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى يالغۇز-يېگانە ساقلىشىپ، ناھايىتى ئوسال ھالەتتە ئىلاجسىز ئۇھسىنىشتى.
ــــ ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرى، يەنە مۇشۇنداق تىركىشىۋەرسەك خەقلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالىمىز! ــــ تېجىمەل-قوناقلارنىڭ سەۋر-تاقىتى توشۇپ بوشىشىپ قالغان ئىدى.
لۈ بۇۋېي «قېنى كۆرەرمىز، پەقىرمۇ بىر ئامال قىلىپ باقاي !» دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەچ مەسخىرىلىك كۈلدى.
ئاخىرى لۈ بۇۋېي كىتابنى يىغىشتۇرۇشنى تاپىلىدى.
كۈزلۈك كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، لۈ بۇۋېي يارلىققا بىنائەن ئوردۇبالىققا بېرىپ ئوردىنىڭ قەرەللىك ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈزلۈك غەللە كېڭىشىگە قاتناشتى.
كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىن ئوردا ئۆزىگە قاراشلىق بەگلىك ئامبىرىنى بوشىتىپ ھېساب-كىتابنى جەمئىيلەپ، غەللە-پاراق ۋە باج-سېلىق يىغىۋالاتتى. باش ۋەزىر سەلتەنەتكە ھەكەملىك يۈرگۈزۈدىغان بولغاچقا قاتناشمىسا زادىلا بولمايتتى. لۈ بۇۋېي ئەتىگەندىلا ئوردۇبالىققا كىرىپ ھارۋىسىدىن چۈشتى، ۋەزىرلەرنىڭ ھارۋىلىرىنى ئات-ھارۋا توختىتىش مەيدانىدا توختىتىپ قويۇپ چوڭ كۆلچەكنىڭ يېنىدا ئۆزىنى ساقلىشىپ تۇرغانلىقلىرىنى كۆرگىنىدە ئۇلار ئۈنلىرىنى پەسەيتىپ كۇسۇرلىشىپ كەتتى. ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا بېشىنى كۆتۈرگەن لۈ بۇۋېي چوڭ كۆلچەكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مىستىن قۇيۇلغان قىبلىنەما ھارۋىنىڭ ئۈستىگە بىر قولىدا مىستىن ياسالغان كىتاب تۇتقان بەھەيۋەت ئېگىز مىس ھەيكەلنىڭ كۆكنى كۆرسىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى. غەلىتە ئىش، ئەجەبا بۇ بۇزرۇكۋار خۇاڭدىنىڭ ھەيكىلىمىدۇ؟ ئۇ يېقىن بېرىپ مۇزدەك سوغۇق سالاسۇنغا تايىنىپ سەپسېلىپ قارىۋىدى، توم، قېلىن مىس كىتابتىن كۈن نۇرىدا يالت-يۇلت نۇر چاقناۋاتقانلىقىنى، كىتاب تېشىغا «شاڭ تۆرە باياننامىسى» دېگەن يوغان ئۈچ خەتنىڭ ئويۇلغانلىقىنى كۆردى.
لۈ بۇۋېي بىردىنلا ھەيران قالدى. ئوردا سارىيى ئالدىدىكى مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ كۆلچەككە ياسالغان سۈنئىي تاغ ئۈستىگە تىكلەنگەن قىبلىنەما ھارۋا ئەسلىدە ھەممىلا ئادەمگە تونۇش بولمىش بۇزرۇكۋار خۇاڭدىنىڭ قىبلىنەما ھارۋىسى ئىدى، ھارۋىدىكى مىس ھەيكەل ئەلمىساقتىنلا مىسران قىلىچىنى تۆۋەن ئىقلىمدىكى چىيو قەبىلىسىگە جازا يۈرۈشى قوزغاپ جەڭ چاقىرىقى قىلىۋاتقان قىياپەتتىكى بۇزرۇكۋار خۇاڭدىنىڭ ① ھەيكىلى ئىدى. بۇ قىبلىنەما ھارۋىنى چىن بېگى ــــ ئىنايەت ياغدۇرغۇچى خۇيۋېنۋاڭ تۇنجى مەرتە ئالتە بەگلىكنىڭ ئۇيۇلتاشتەك بىرلەشمە لەشكەرلىرىگە قارىشى ھايات-ماماتلىق سوقۇشىدىن سەل بۇرۇن ئالايىتەن قۇيدۇرۇپ تىكلىگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا تېخى داغدۇغا-دەبدەبە بىلەن مۇراسىممۇ ئۆتكۈزگەن ئىدى ② . چىن بەگلىكىنىڭ ئالپ-بۇزرۇكلىرى كۈرمىڭ قىيامەت-قىسمەتتە بىر تەرەپتىن تېرىقچىلىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۇرۇش قىلىپ بەگلىك سەلتەنەتىنى تىكلىگەن بولۇپ، بۇزرۇكۋار خۇاڭدىنىڭ بۇ جەڭ ھارۋىسىنى قىبلىنەما ھارۋا، دەپ ئۇلۇغلاپ، تۇيۇق يولغا يولۇققاندا ھايات-ماماتلىق ئۇرۇشى ئارقىلىق نۇسرەت قازىنىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىشى ئەسلى-ۋەسلىدىنلا ھەققانىيەتلىك بىر ئىش ئىدى. 100 نەچچە يىلدىن بۇيان بۇزرۇكۋار خۇاڭدىنىڭ قىبلىنەما ھارۋىسى چىن بەگلىكىنىڭ ئوردىسى سارىيى ئالدىدىكى مەيداندا ئۆزگىچە ھەيۋەتلىك مەنزىرىگاھ بولۇپ كەلدى. پەلەك چەرخى ئايلىنىپ ھالا بۇ كۈنگە يەتكەندە، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقىچە شاڭ تۆرىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان ئىنايەت ياغدۇرغۇچى خۇيۋېنۋاڭ تىكلىگەن بۇزرۇكۋار خۇاڭدىنىڭ ھەيكىلىنىڭ شاڭ تۆرە ھەيكىلىگە، مىستىن قۇيۇلغان مىسران قىلىچنىڭ بامبۇك تارشىغا پۈتۈلگەن«شاڭ تۆرە باياننامىسى»غا ئۆزگىرىپ قېلىشى ئادەمنى قانداقمۇ چۆچۈتمىسۇن؟
لۈ بۇۋېي بۇ نادانلارچە قىلىققا مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، ئىچىدە «قېنى كۆرمەيمىزمۇ، ئامالى بولۇپ قالار !» دېگىنىچە ھېچكىمگە پەرۋا قىلماي ئۇدۇل ئوردىغا كىرىپ كەتتى.
كۈزلۈك يىغىم، غەللە-پاراق يىغىۋېلىش خۇسۇسىدىكى ئوردا كېڭىشى باشلاندى. يىڭ جېڭ بەگ ئەلۋەتتە ئەۋۋەل ۋەزىرلەرگە كېڭەشكە دائىر ئىشلارنى بىلدۈرۈپ قويۇش خۇسۇسىدا سۆز ئالدى:
ــــ ھەرقايسىلىرىغا مەلۇم بولغايكى، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئون ئۈچ ۋەزىر خۇاڭدىنىڭ قىبلىنەما ھارۋىسىنى شاڭ تۆرە قىبلىنەما ھارۋىسىغا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق شاڭ تۆرە ئەركان-مىزانىنى چىننىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش قىبلىنەماسى قىلىش خۇسۇسىدا مەكتۇب يوللىدىلەر. قايتا-قايتا ئويلىنىپ كۆردۈمكى، شاڭ تۆرە ئەركان-مىزانىنى 100 نەچچە يىللىق سىناقلاردىن كېيىن يەنىلا بەگلىكنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ ئەلنى ئاسايىشلىققا ئېېرىشتۈرۈشنىڭ تەۋەرۈكى قىلىشقا بولىدۇلەركى، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە زىنھار بولماستۇرلەر. شۇنىڭ ئۈچۈندۇرلەركى، ئوردۇبالىقتا خۇاڭدىنىڭ قىبلىنەما ھارۋىسىنى شاڭ تۆرىنىڭ قىبلىنەما ھارۋىسىغا ئۆزگەرتىشكە ئىجازەت بېرىلدىلەر، مۇشۇ خۇسۇستا ھەم ئاستانە شيەنياڭنىڭ تۆۋەن قوۋۇقىدا شاڭ تۆرىنىڭ تاش ئويما ھەيكىلى تىكلىنىپ، دەستۇر باغچىسى بىنا قىلىندىلەر. بۇ ئىككى تەدبىرنىڭ دالالىتى شۇدۇركى، شاڭ تۆرە ئەركان-مىزانىنى بۈيۈك چىننىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۆزگەرمەس دەستۇرى قىلىشنى جاھانغا جاكارلاشتۇرلەر. مانا شۇ تاپتا جانابلارنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرى بولسا بەس-مۇنازىرە قىلىپ كېڭەشسۇنلەر!
ئوردا كېڭەش سارىيىدا بىر پەس سۈكۈت ھۆكۈم سۈردى. ۋەزىرلەرنىڭ كۆزلىرى بەجايىكى كېلىشىۋالغاندەكلا لۈ بۇۋېيغا مىقتەك تىكىلدى.
چىن بېگىنىڭ ئىزاھاتى لۈ بۇۋېينىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىقتى. شۇنداق پەرەز قىلىش مۇمكىنكى، گۆدەك چىن بېگى ۋە ئەتراپىدىكى نادان مۇشاۋىرلار شۇ تاپتا ئۆزى بىلەن خۇپىيانە تېرە تاراقشىتالايدۇكى، بۇ ئىشنى ھەرگىز پۈتكۈل ئەلگە ئاشكارىلىيالمايدۇ. سەۋەب شۇدۇركى: ناۋادا ياش چىن بېگى جان-جەھلى بىلەن شاڭ تۆرىنىڭ ئەركان-مىزانىنى ياقلىماقچى بولۇپ ئوچۇق-ئاشكارا مۇنازىرىلەشسە بۇ ئۇنىڭغا تولىمۇ پايدىسىز. قەدىمدىن ھازىرغىچە، بىرەر چوڭ بەگلىك ئۆزىگە پايدىلىق، دەپ قارىغان ئەلنى ئىدارە قىلىش ئەقىدىسىنى تۇرغۇزماقچى بولسا، ئاۋام ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەرگىز يېنىكلىك بىلەن ئەلنى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى خۇسۇسىدا تالاش-تارتىش قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردىكى ۋەزىيەتتە، «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» گەرچە ئوردا ئىچى-سىرتىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما چىن بەگلىكىنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش دەستۇرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشقا بالدۇرلۇق قىلىدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، لۈ بۇۋېي تەرەپدارلىرىنىڭ ئارزۇ-ئىستىكى ئاشكارىلاش، ئوچۇق-ئاشكارا مۇنازىرە قوزغاش، شۇ ئارقىلىق ئوردا ئىچى-سىرتىنى ئۇنىڭ ئۈنۈمىگە قايىل قىلىشتىن ئىبارەت. ۋەھالەنكى، ياش چىن بېگىنىڭ ئەركان-مىزان تەرەپدارلىرى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى توسۇشنى، ئاشكارا مۇنازىرىدىن ساقلىنىشنى ئىستەيدۇ. ئۇنداق بولمىسا، شيەنياڭ ئامبىلى مېڭ تيەن نېمە غەرەزدە لۈ بۇۋېينى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى يىغىشتۇرۇشقا قىستايدۇ؟ بۈگۈن، ياش چىن بېگىنىڭ ئوردا مەجلىسىدە بۇ ئىشتىن ئىزاھات بېرىشى ھەم «مۇنازىرە قىلىپ كېڭىشىش» خۇسۇسىدا ئىجازەت بېرىشىدە قانداق مۇددىئا-مەقسەتلەر باركىنە؟ ياكى بىرەر قارارغا كېلىشمىدىمىكىن؟ مۇمكىن ئەمەس! بايا چىن بېگىنىڭ ئىزاھاتىدا بار كۈچى بىلەن چىڭقىلىپ تۇرۇپ ئەركان-مىزاننىڭ قوغدىلىدىغانلىقى خۇسۇسىدا ئېنىق بىشارەت بېرىلدى. ئەركان-مىزان تەرەپدارلىرى بۇنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىدىمىكىنە؟ بۇمۇ مۇمكىن ئەمەس! چىن بېگى بۇنى ئويلاپ يەتمىگەن تەقدىردە لى سى، مېڭ تيەن، ۋاڭ ۋەندەك تادانلار ئويلاپ يېتەلمەسمۇ؟ لۈ بۇۋېي دەماللىققا بۇ سىرنىڭ تېگىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما شۇ تاپتىكى سۇنىڭ ئېقىشى ئۇنىڭغا ئايان: شۇ تاپتا ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ شەرھلىمىسە ناھايىتى ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپلا قويماستىن بەلكى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نىڭ چىن بەگلىكى بىلەن زىنھار «سىغىشالمايدىغانلىقى»نى ئېتراپ قىلغان بولۇپ قالىدۇ ھەم جاھاننى لەرزىگە سالغان جار سېلىپ ئىنئام بېرىشتەك ئۇلۇغۋار تەدبىر ئاقىۋەتتە ئەكسىگە يېنىپ يامان غەرەزدە قىلىنغان ئالدامچىلىق ۋە سۈيقەست بولۇپ قالىدۇ.
شۇ تاپتا ھەرنە قىلىپ بولسىمۇ ئەۋۋەل ئۆز تەشەببۇسىنى شەرھلەش تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى.
ــــ ئالىيلىرى ۋەزىرلىرىنىڭ ئىككى كەلىمە بايان قىلىۋېلىشىغا ئىجازەت بېرىشلىرىنى سورايمەن!ــــ لۈ بۇۋېي ئۆزىنىڭ باش ۋەزىرلىك ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى قولىنى جۈپتەكلەپ ئىززەت-ئېكرام بەجا كەلتۈرۈپ ئېغىز ئاچتى،ــــ چىن بېگىنىڭ ئەركان-مىزاننى ھىمايە قىلىشىغا گەپ كەتمەيدۇ. ساداقەتمەن تۆرە شاڭ ياڭنىڭ چىن بەگلىكىنى ئىدارە قىلىش يۈزىسىدىن دەستۇر ئۆزگەرتىشىنىڭ نېگىزى ئىلگىرىكى قانۇننى ھىمايە قىلماستىن بەلكى زامانغا بېقىشتۇر. ۋەزىرلىرى شۇنداق قارايدۇلەركى، شاڭ تۆرىنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش سەپسەتەسىنى «جاھاننى مالىمان قىلىش ئارقىلىق نىجاتلىق يولى ئىزدەش» دېگەن بىر ئېغىز كالامغا يىغىنچاقلاش مۇمكىندۇرلەر. ئوچۇقىنى ئېيتقادا، بۇ ھەم زامانغا بېقىپ ئۆزگىرىش ھەم نىجاتلىق يولى ئىزدەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ناۋادا، شاڭ تۆرە دەستۇرىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، دەپ قارالسا، شاڭ تۆرە دەستۇرى ئارقىلىق شاڭ تۆرىنى ھالاك قىلىش ئۆزئارا زىت ئەمەسمۇ؟ ئۇنى جاھاننى مالىمان قىلىش ئارقىلىق نىجاتلىق يولى ئىزدەش، دەپ رەت قىلىپ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى يېزىپ چىقتىم. ۋەزىرلىرىنىڭ مۇددىئا-مەقسىتى شۇدۇركىم، دەۋرانىمىزدا چىن ئەركان-مىزانىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى تولۇقلىنىپ، خاتالىرى تۈزىتىلىۋاتىدۇ، شۇ ئارقىلىق چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۈلگە بولغىدەك قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشتۇرلەر. بۇنىڭغا دەلىل شۇدۇركىم: 100 نەچچە يىلدىن بېرى شاڭ تۆرە دەستۇرىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى كۈنسېرى ئاشكارىلىنىپ بارماقتا، ئۇنىڭ ئەڭ ئەشەددىي يېتەرسىزلىكى ئۇنىڭ جازانى قاتتىق ئۆلچەم قىلىشى ئىنساننىڭ ئەخلاق ھەم رەھىمدىللىك، مېھىر-شەپقەتلىك ماھىيىتى بىلەن سىغىشالمىغانلىقىدۇرلەر. دەۋرانىمزدا جازانى يېنىكلىتىش، ھىدايەت يولىنى تۇتۇپ مېھر-شەپقەت سىياسىتى يۈرگۈزۈش، لەشكەرلەرنى ئەدلۇ-ئادالەت ئەقىدىسى بىلەن قوراللاندۇرۇش بۈيۈك چىن بەگلىكىمىز ئۈچۈن گۈللىنىش ۋەزىيىتى ئېلىپ كېلىدۇ!
ــــ جانابى ئىرپانبەگ ھەزرەتلىرى يېڭىلىشىۋاتىدىلا! چىن ئەركان-مىزانى ئەجەبا ئەخلاقتىن چەتنەپ كەتكەنمىكىن؟ ــــ قېرى دادخاھ ۋەزىر ئورنىدىن دەس تۇرۇپ تەكەببۇرانە گىدەيگىنىچە بىر ئېغىز قوشۇق سالدى.
ــــ ئەركان-مىزاننىڭ ئىنسان ئەخلاقى بىلەن پېتىشالماسلىقى ئەركان-مىزاننىڭ خاتالىقى، ئەخلاقنىڭ ئەركان-مىزانغا ئورۇن بەرمەسلىكى ئوخشاشلا ئەخلاقنىڭ سەھۋەنلىكىدۇرلەر،ــــ لۈ بۇۋېي قىلچە تەمتىرىمەي-ھولۇقماي تەمكىنلىك بىلەن ناتىقلىقىنى يوشۇرماي سۆزىنى داۋام قىلدى، ــــ ئەخلاق بىلەن ئەركاننى تەڭ باراۋەر يولغا قويۇش، مېھرىبانلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ جازانى يېنىكلىتىش ئەلنى ئىدارە قىلىش يولىدۇرلەر. ئەركان-مىزاندىكى ئەخلاق نەدە؟ مۇقەررەردۇركى، پۇقراپەرۋەر بولماق، پۇقرانى ھىمايە قىلماقتۇرلەر. دەۋرىمىزدىكى چىن ئەركان-مىزانى جىنايەتنى ئېغىر ئارتىشنى ئۆزىنىڭ تۆھپىسى قىلغانلەر، ئاۋام-رەئىيەت تىلغا ئالغۇچىلىكى يوقلا بىر سەھۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسا، ھە دېگەندە يۈزىگە تامغا بېسىش، بۇرنىنى كېسىۋېتىش، بۇرنىنى تېشىش، بۇرنىغا مۇچ سۈيى قۇيۇش، يالىڭاچلاپ ئېغىر ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانىلىكىنى دېمىگەندىمۇ بۇ بەگلىك پۇقرالىرىغا قىلىنغان دەھشەت ھاقارەتتۇر. يەنە ئالايلۇق، ‹كوچا-يوللارغا كۈل تۆككەنلەرنىڭ يۈزىگە تامغا بېسىش› قانۇنغىمۇ، ئەخلاققىمۇ يات قىلمىشتۇرلەر. كەمىنە باش ۋەزىر شۇنداق قارايدۇلەركى، ئاۋام-رەئىيەت كوچا-يوللارغا كۈل تۆكۈۋەتكەن بولسا ئۈچ كۈن سېپىل خەندىكى قېزىش جازاسى بېرىش كۇپايىدۇر، يۈزىگە تامغا بېسىپ چىرايلىق ھۆسن-جامالىنى نابۇت قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى نەدۇركىن؟ شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىكتىكى بەگ-پۇقرالارنىڭ بىز چىنلىقلارنى مەسخىرە قىلىپ ‹چىن رەئىيەتلىرى ساپلا پۇچۇق-پاناق، جامالى داغ-تاتۇق بەتبەشىرىلەردىنكەن› دېيىشلىرىمۇ دەل مۇشۇنىڭدىندۇرلەر. پەقىر بۇلاردىن خەۋەر تېپىپ شۇنچىلىك ھەسرەت-نادامەتتە پۇچۇلاندىم، بۇ سارايدا ئولتۇرغان جانابى ۋەزىر-تۆرىلەر بولسا چىرايىنى مىت قىلىشىپ قويمايدۇلەر! «پالنامە»دە زېمىن مۇنبەت بولسا ھوسۇلى مول بولۇر، دېيىلگەندۇر. دەۋرىمىزدە چىن ئەركان-مىزانى ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزگەن ئېغىر خاتالىقلىرىنى ھاماقەتلەرچە تۆھپە ئورنىدا ساناۋاتقاچقا، ئۇنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد، ئۇزاق دەۋرلەرگىچە داۋام قىلغىلى بولماستۇرلەر. پەقەت ۋە پەقەتلا ئەركان-مىزاننى تۈزىتىپ، مېھرىبانانە دەستۇر يۈرگۈزۈپ، ھىدايەت يولى تۇتۇلغان ئەركان-مىزان تۇرغۇزغاندىلا ئاندىن بۈيۈك چىننىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئەبەدىي داۋام قىلغىلى بولۇرلەر!
ــــ ئىرپانبەگ سەپسەتە سېتىۋاتىدىلا!ــــ قېرى دادخاھ ۋەزىر يەنە تەكەببۇرانە قىياپەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ گىدەيگىنىچە ئىرپانبەگنىڭ مەردانىلەرچە داۋام قىلىۋاتقان شەرھىگە قوشۇق سالدى،ــــ چىن ئەركان-مىزانى گەرچە قاتتىق بولسىمۇ ئەخلاقتىن چەتنىگىنى يوقتۇر. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم دەلىلى شۇدۇركى، بەگ-تۆرىلەر بىلەن ئاۋام-رەئىيەت ئەركان-مىزان ئالدىدا بابباراۋەردۇر،بەگلىك ئەركان-مىزانىدىن ئۆزگە ئەركان-مىزان يوقتۇر. بەگ-تۆرىلەردىن تارتىپ ئاۋام-رەئىيەتكىچە ئەركان-مىزان ئالدىدا باراۋەر بولغانلىقتىن بۈيۈك چىن بەگلىكىمىزدە ئاتالمىش ئېسىلزادە-پەسەندە دەپ ئايرىش ۋە ئاۋام-رەئىيەتكە زالىملىق قىلىشنىڭ تىمسالى بولمىغاندۇر. ناۋادا، چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانى ئاۋام-رەئىيەتكە زۇلۇم سالغان بولسا، شۈبھىسىزكى بۇ ئەخلاىسىزلىقتۇر. ھالبۇكى، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئىش يوقتۇر! تەن جازاسىنى ئالايلۇق، چىنلىقلارنىڭ يۈزىگە تامغا بېسىلغانلار، بۇرنى كېسىلگەنلەر ئىچىدە ئەكسىچە تۆرە-ئاقسۆڭەكلەر مۇتلەق كۆپ، ئاۋام-رەئىيەت بەكلا ئازدۇر. سەۋەبى شۇدۇركى، ئاۋام-رەئىيەت ئىچىدە پۇچۇق-پاناق، داغ-تاتۇقلارنىڭ ئاز بولۇشى ئۇلار چىن ئەركان-مىزانىنىڭ قاتتىقلىقىدىن قورقۇپ ئەركان-مىزانغا رېئايە قىلغانلىقتىندۇر. ئەمدى كوچا-يوللارغا كۈل تۆككۈچىلەرنىڭ يۈزىگە تامغا بېسىشقا كەلسەك، بۇ ئەركان-مىزان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان كوچا-يوللارغا كۈل تۆككەنلىك سەۋەبىدىن ھەقىقەتەن يۈزىگە تامغا بېسىش جازاسى بېرىلگەنلەر تۈمەننىڭ ئىچىدە بىرىمۇ يوقتۇر! ئىرپانبەگ جانابلىرى دادخاھ مەھكىمىسىدە ساقلىنىۋاتقان دېلو ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈپ باقسۇنلەر، چىن ئەركان-مىزانى يولغا قويۇلغىلى 100 يىلدىن ئاشتى، بۇرنى كېسىلگەن، يۈزىگە تامغا بېسىلغانلار جەمئىي 1303 كىشىدۇر، كوچا-يوللارغا كۈل تۆككەنلەر سەۋەبىدىن يۈزىگە تامغا بېسىلغانلار ئاران 36 كىشىدۇر. ئىرپانبەگ جانابلىرى بىلەن مۇنازىرىدە تۇتۇشقان ئىكەنمەن، گېزى كەلگەندە دېمەي بولمىدى: سېپىل خەندىكى قېزىشنى ئۈچ كۈنگە ئۆزگەرتسەك، چىن بەگلىكىنىڭ بەگلىك كوچا-يوللىرى توپا-ئەخلەتلەرگە كۆمۈلۈپ كەتمەسمۇ؟
ــــ ۋەزىرلىرى دادخاھ ۋەزىرنىڭ بايانىنى ياقلايمەن!ــــ بەگلىكنىڭ باش تەپتىش ۋەزىرى شاققىدە ئورنىدىن تۇردى،ــــ ئىرپانبەگ جانابلىرى دەۋاتقان ھىدايەت يولى تۇتۇلغان مېھرىبانلىق سىياسىتىنى شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىك يولغا قويۇۋاتىدۇ، ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ بەگلىك ئىشلىرىدا پاراخورلۇق ئەۋج ئالدى، ئەركان-مىزان ئىجراسىدا يۈزخاتىرە قىلىپ ئەركان-مىزاننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىماقتا، ئېسىلزادە-ئاقسۆڭەكلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ئەركان-مىزاننىڭ سىرتىدا قېلىۋاتماقتا، بەگ-تۆرىلەر ئۆز ئالدىغا خۇپىيانە جازا يۈرگۈزۈۋاتماقتا، ئۇ بەگلىكلەردىكى ئاۋام-رەئىيەت دادگاھقا بېرىپ ئەرز قىلىشقا پېتىنالمايدۇ،ئەمەلدارلارنىڭ تۆرىلەر بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ كىرىپ جازا ئىجرا قىلمىقى بەسىي مۈشكۈلدۇر. مانا مۇشۇنداق ھىدايەت يولى تۇتۇلغان مېھرىبان ئەركان-مىزان پەقەت ۋە پەقەتلا ئاقسۆڭەك-ئېسىلزادىلەرنىڭ قانۇنسىز ھالدا ئىمتىيازلىق بولۇۋېلىشىغا يول ئاچقان، ئاۋام-رەئىيەت بولسا ئەركان-مىزاننىڭ قۇلىغا ئايلانغان. مانا مۇشۇنداق بولغانلىقتىن، بۈگۈنكى شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىكتە ئاۋام-رەئىيەت ئۆكتەملىشىپ، بەگ-تۆرىلەر بىلەن ئاۋام-رەئىيەت ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالماس بولدى. سوراپ باقاي: مانا مۇشۇنداق ھىدايەت يولى تۇتقان مېھرىبان ئەركان-مىزاندا ئەركان-ئەخلاق بارمۇ ئۆزى؟ ئەكسىچە چىن بەگلىكى ئەركان-مىزانىغا قاراپ باقايلى: ئەركان-مىزان قاتتىق بولسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ھەممە باراۋەردۇر، بۇ پۈتكۈل بەگلىك تەسەررۇپىدا ئوخشاشتۇر، چىن دەستۇرىنى ئاۋام-رەئىيەت ھېمايە قىلىپ، ئەلا بىلىپ ئەخلاق ئورنىدا سانىغانلىقتىن بۇ دەستۇر ئەخلاق يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلگەندۇر!
ــــ ئىككى تۆرەمنىڭ بايانلىرى چەك باسمىدى!ــــ دېدى لۈ بۇۋېي مىيىقىدا كۈلۈپ، ــــ كەمىنىلىرى شەندۇڭدىن كەلگەن ئادەم تۇرۇقلۇق شەندۇڭدىكى ئەركان-مىزاننىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەي قالارمەنما؟ پەقىر دەۋاتقان ھىدايەت يولى تۇتۇلغان ئەركان-مىزان ئەسلىرىدە بولسۇنكى، پەقەت ۋە پەقەتلا شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىكنىڭ ئەركان-مىزانلىرىغا قارىتىلغان بولماستىن بەلكى چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانىغا قارىتىلغاندۇرلەر. چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانى ھەقىقەتەن قاتتىق، ئۆلچەيدىغان جازاسى بەكلا ئېغىر، ناۋادا بۇ ھىدايەت يولى بىلەن بىرلەشتۈرۈلسە، ئەبەدىي يۈرگۈزۈشكە بولىدىغان مۇكەممەل دەستۇر بولغان بولاتتى. ناۋادا شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىكنىڭ ئەركان-مىزانىغا سېلىشتۇرىدىغان ئىش بولسا پەقىر بۇ يەردە تىلىمنى چايناپ كاپشىمىغان بولاتتىم!
ــــ ئىرپانبەگ جانابلىرىنىڭ دەۋاتقانلىرى چىن بەگلىكىمىزگە قارىتىلغان تەقدىردىمۇ ئۇ يەنىلا چىن تەسەررۇپىدا ئاقمايدۇ!ــــ قېرى دادخاھ ۋەزىر يەنە تەكەببۇرانە قىياپەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ گىدەيگىنىچە ھۆلتامغا تەخەي تەپكەندەك گەپنىڭ بېلىگە تەپتى،ــــ شاڭ تۆرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى ئەسلىدىمۇ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈلگەن ھىدايەت يولىغا قارىشى تۇرۇش ئۈچۈندۇر، بۇ ھەم ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ نەمۇنىسىدۇر. ناۋادا ھىدايەت يولى چىن ئەركان-مىزانى بىلەن بىرلەشتۈرۈلىدىغان بولسا، چىن ئەركان-مىزانىنىڭ ئاساسى چىرىپ، ئۇزاق قالمىغان كەلگۈسىدە چىن ئەركان-مىزانى ئۈن-تىنسىزلا غايىب بولغىسى!
ــــ چىن ئەركان-مىزانىدىن باشقا ھەرقانداق ئەركان-مىزان چىن تەسەررۇپىدا زىنھار ئاقمايدۇ!ــــ چىن بەگلىكىنىڭ ئەڭ ياش ۋەزىرى بولمىش شيەنياڭ ھاكىمى مېڭ تيەننىڭ بوم، ياڭراق زۇۋانى ئوردا سارىيىدا ئەكس سادا ياڭرىتىپ ئارىغا قىسىلدى،ــــ كەمىنىلىرى قوشۇمچە ئاستانە سانغۇنىدۇرمەن، شۇنداق ئىكەن لەشكىرىي ئىشلاردىن ئېغىز ئېچىشىم تۇرغانلا گەپ. «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» چىن لەشكەرلىرىنى ئادالەت ھامىيلىرىدىن قىلىپ قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، يەنى ئەدلۇ-ئادالەت لەشكىرى بىلەن جاھاننى ئاسايىشلىققا ئېرىشتۈۈشنى، زالىم بەگ-تۆرىلەرنى جازالاپ ئېزىلگەن رەئىيەتنىڭ بېشىنى سىيلاشنى مەقسەت-مۇددىئا قىلىدۇ. بۇنداق ئادالەت لەشكەرلىرىنى باشقۇرۇش تەلىماتىدا زادى نېمىلەر كۆزدە تۇتۇلغان؟ نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى بۇ ھەقتە ھېچكىم ئېنىق بىر نەرسە دېيەلىگەن ئەمەستۇرلەر. بەگلىكىگە رەھىم-شەپقەت قىلىپ زالىم بەگلىرىنى جازالاشمۇ ئەدلۇ-ئادالەتلىك لەشكىرىي ماھارەتتۇر، مەسىلەن چى خۇەنگۇڭ③ بەگ بۇنىڭ تىمسالىدىندۇرلەر.رەئىيەتلىرىدىن ھال سوراپ گۇناھكار ھۆكۈمدارلىرىنى جازالاشمۇ ئادالەت لەشكەرلىرىنىڭ بۇرچىدۇرلەر، مەسىلەن شاڭ، جۇ سەلتەنەتىنى بەرپا قىلغان بۇزرۇكلاردىن شاڭ تاڭ، جۇ ۋۇۋاڭلار بۇلارنىڭ نامايەندىلىرىدىندۇرلەر. ۋەھالەنكى، «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» زادى نېمە دېمەكچى؟ چۈشەنمىدىم! ناۋادا نوقۇل ئادالەت لەشكىرى ھەققىدە توختالماق بولسا، بۈيۈك چىننىڭ لەشكەرلىرى نېمىگە ھېسابكىن؟ ناۋادا چى خۇەنگۇڭ بەگدەك بولسالەر، جاھان بىرنەچچە بەگ-تۆرىنىڭ چاڭگىلىغا كىرىپ قېلىپ، ھىدايەت يولىنى تۇتۇپ شەندۇڭنىڭ قالدۇق رەئىيەتلىرىنى دەھشەتلىك باستۇرۇش كېرەكمۇ؟ ياكى جاھاننى زامان-زامانلارغىچە بۆلۈپ ئىدارە قىلىپ بىرەرمۇ بەگلىكنى تارمار قىلماسلىق كېرەكمۇ؟ ناۋادا بۈيۈك چىن لەشكەرلەرنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ پۈتكۈل خۇاشيانى بىرلىككە كەلتۈرسە، ئەجەبا بۇ ئادالەت لەشكىرى بولمامدىكەن؟!
ــــ بارىكاللا–بەرھەق! بەز-سۆڭەك، پوق-سۈيدۈكلىرىگىچە ھەزم قىلىۋېتىپسەن ئەمەسمۇ سولتەك!
قېرىپ كەتكىنىگە قارىماي مەڭىزلىرى ياغاقلىشىپ، تېنى كونا قاڭتۇرۇقتەك مىقتىلىشىپ كەتكەن سانغۇن خۇەن خې بىرەر ئېغىز سىيلىق-سىپايە لوقما سالماق بولسىمۇ ئەمما ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەك قوپال-ئەپسانە سۆزلەشكە كۆنۈپ قالغان بېزەپ ئاغزى يۇمۇلا-يۇمۇلمايلا ۋەزىرلەرنىڭ كۈلكىسى قىستاپ كەتتى، ئەمما كۈلكىسىنى ئىلاجسىز يوشۇرۇشقا تىرىشىپ پىخىلداشلىرىنى كالتا يۆتەللىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ پوكاندەك قىزارغىنىچە گاللىرىنى قىرىشىپ قويۇشتى.
تەمكىن-دەرقەم ئولتۇرغان لۈ بۇۋېينى قىلچە كۈلكە قىستىمىدى، ئەكسىچە نادانلىقتا ئۇچىغا چىققان خۇشامەتگۇي ۋەزىرلەرنىڭ پاراكەندە قىلىقلىرىنى تېزراق يىغىشتۇرۇپ ساراينىڭ تىنچلىقىنى ساقلىشىنى تولىمۇ تەستە كۈتۈپ بىرھازادىن كېيىن ئېغىز ئاچتى:
ــــ ئادالەت لەشكىرى دېمەكلىك لەشكىرىي ئىستىقبالنىڭ يۈكسەك غايىسى بولۇپ، لەشكەر كۆپەيتىش تەدبىرى بىلەن ئەسلىدىنلا باشقا-باشقا ئىشتۇرلەر.قەدىمقىسىنى ئالساق، شاڭ تاڭنىڭ جاھاننى ئىزىغا سېلىشى دەل ئادالەتلىك لەشكىرىي ماھارەتتۇر. كۆز ئالدىمىزغا نەزەر تاشلىساق، پەقىرنىڭ جۇنى يوقىتىپ ئۆزگەرتىشىممۇ ئادالەتلىك لەشكىرىي ماھارەتتۇر. بۇ ھەقتە كالام شۇدۇركى، مەن دەۋاتقان ئادالەتلىك لەشكەر تەدبىرى لەشكىرىي تەدبىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئەمەس، بەلكى مەقسەت-مۇددىئاسىغا قارىتىلغاندۇرلەر. كۆز ئالدىمىزدىكى چىن بەگلىكىدە ئەۋج ئېلىۋاتقان بەگلىكنى ئاسايىشلىققا ئېرىشتۈرۈش، بەگلىكنى قۇدرەت تاپقۇزۇش خۇسۇسىدىكى ۋەزلەر خۇاشيانى بىرلىككە كەلتۈرۈش بۈيۈك تەدبىرىدە ئاقمايدۇ. سانغۇن ئىنىمىزنىڭ يىراقنى كۆزلەپ بايان قىلغان ۋەزخانلىقى ساپلا تارازىدا توختىمايدىغان پۈچەك گەپلەردۇر، مېڭىنىڭ قېتىقىنى چىقىرىپ ئويلىنىشقا ئەرزىمەيدۇ. ناۋادا بەگلىكنى قۇدرەت تاپقۇزىمىز، دەيدىكەنمىز، ئۇنىڭ يولى پەقەت ھىدايەت يولىنى تۇتقان ئەركان-مىزاننى يولغا قويۇش ئارقىلىقلا بولۇرلەر، پەقەت شۇ ئارقىلىقلا چىن بەگلىكىنى بېيىتىش، قۇدرەت تاپقۇزۇشتىن ئۆزگە يول يوقتۇرلەر، شۇندىلا كېيىنكى ئىشلار ھەققىدە توختىلىش مۇمكىندۇرلەر! ئۇنداق بولمايدىكەن، ئارمانغا تۇشلۇق دەرمانى قالمىغان جۇاڭ جۇنىڭ چۈشىدە كېپىنەككە ئايلىنىپ قالغانلىقىدەك بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ! ④ سارايدا شۇنچىلىك سۈرلۈك سۈكۈت-تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈردىكى، ھېچكىم ئۆز تىنىقىنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن ئۆزىنىڭ جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغۇسى كەلمەي تىن تارتىشماي ئولتۇرۇشۇپ كەتتى. لۈ بۇۋېي شۇنچىلىك ئالدىرىماي ۋەزىنلىك سۆزلىدىكى، ئۇنىڭ مەسخىرە-كىنايىلىك، پەند-تەنبىھلىك ئىبارىلىرىنى ئولتۇرغانلارنىڭ بەرى دەشنام ئاڭلاۋاتقاندەك گۆشىيىپ-ساڭگىلىشىپ ئولتۇرۇپ كېتىشتى. بۇ مەسخىرە-كىنايە، پەند-تەنبىھلەر مېڭ تيەنگە دېيىلگەندەك قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە تىغ ئۇچى يېڭىدىن تەختكە ئولتۇرغىنىغا باقماي ئىككى گېپىنىڭ بىرىدە خۇاشيانى بىرلىككە كەلتۈرۈمەن، دېگەننى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ياش-يۇمران چىن بېگىنىڭ شىرىن چۈش كۆرۈۋاتقانلىقىغا قارىتىلغان ئىدى. چىن بېگى ياش، ئىرادىلىك، جەسۇرلۇقى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئادەم، ناۋادا ئۇ بۇنىڭغا چىدىمىسا غەزەب قامچىسىنى قارسىلدىتىپ، مىرغەزەبلىرىنى چاقىرىتىپ بىر مەيدان قارا بوران چىقىرىۋېتەرمۇ؟ خۇشامەتگۇي ۋەزىرلەر بەجايىكى دۈمبىسىگە شوخا سانچىلغان ئوغرىلاردەك ئارامسىزلىنىپ كېتىشتى، ئوردا سارىيىنى ئۇلارنىڭ قورقۇپ تىترىگەندىكى بىچارە پاراكەندىلىكى بىر ئالدى.
ــــ مېنىڭچە باش ۋەزىر توغرا ئېيتتى!
ئېگىز تەختتە كېرىلىپ ئولتۇرغان چىن بېگىنىڭ بۇ سۆزىدىن ۋەزىرلەرنىڭ شىللىسىدىن ئېغىر يۈك ئېلىۋېتىلگەندەك بولدى، ئۇلار شۇندىلا خاتىرجەم ھالدا تىن ئالدى.
ئۇشتۇمتۇت بەگ ئۇرۇقىدىن بولغان بىر ۋەزىر تەكەببۇرلىقىنى باشقىلار بىلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك سوغۇققىنا كۈلۈپ:
ــــ ئىرپانبەگ، كۆڭۈللىرىدە شاڭ تۆرىنىڭ ئورنىغا دەسسەي، دەپ ئويلىغان ئوخشىمامدىلا؟ــــ دېدى.
ــــ بۇ ئوي ھەققىدە توختىلىپ باققاننىڭ يامىنى يوق! ــــ لۈ بۇۋېي بىردىنلا باش ۋەزىرلىك كۇرسىدىن دەس تۇرۇپ ساراينىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى يولغا كېلىپ ئۆزىنى ئوسال قىلماقچى بولغان قېرى ۋەزىرگە تىكىلدى، قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بىلىپ بولمايدىغان بىر خىل سالماقلىق ۋە ھەسرەت-نادامەت ئارىلاشقان غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازدا سۆزلىدى، ــــ كەمىنىلىرىنىڭ قارىشىچە، ھېچكىمنىڭ شاڭ تۆرىنىڭ ئورنىنى باسقۇسى يوق، ھېچكىم شاڭ تۆرىنىڭ ئەركان-مىزانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كويىدىمۇ ئەمەس. پەقىر لۈ بۇۋېينىڭ تەشەببۇس قىلىۋاتقىنى بۈيۈك چىن ئەركان-مىزانىنى ئاۋام-رەئىيەت رايىغا تېخىمۇ ياقىدىغان يىراق كېلەچەككە پايدىلىق تەدبىرگە ئايلاندۇرۇشتۇر. پەقەت شۇلىكى بۇنىڭدىن ئۆزگە خىيالىم يوقتۇرلەر!ــــ لۈ بۇۋېينىڭ سۆزلىگەچ بەگلىك تەختىنىڭ پەلەمپىيىگە مىقلاپ قويغاندەك يالغۇز ئۆرە تۇرغان قىياپىتى ساراي كەيپىياتىنى بىر پەس سۈرلۈك سۈكۈتكە غەرق قىلىۋەتتى. شۇ تاپتا بەگ ئۇرۇقىدىن بولغان بىرمۇنچە قېرى ۋەزىرلەرنىڭ بوش كەلمەي تالىشىدىغاندەك
ئەپتى-ئوزايىنى تەختتە ئولتۇرۇپ پەملىگەن يىڭ جېڭ قوللىرىنى بوشقىنە سىلكىپ:
ــــ ئىرپانبەگنىڭ دېمەكچى بولغانلىرى ئەمەلىيەتتىمۇ ۋەزىرلەرنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەردۇر. بۇ بايا بىرەر قۇر بايان قىلىندى، قالدى-قاتتىسىنى كېيىنچە يەنە كېڭەش مۇھاكىمە-مۇلاقىتىگە قويىمىز. ئەمدى كېڭەشكە قويۇلىدىغان باشقا ئىشلارغا قارايمىز،ــــ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن تالاش-تارتىشلار بىر ياققا قايرىپ قويۇلۇپ كېڭەش باشلىنىدىغان بولدى.
لۈ بۇۋېي بىرنەچچە ئىقتىساد-تەمىنات ۋەزىرىنىڭ ئوردا ئامبىرى ھەققىدە خۇلاسە كالام قىلمايدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى، يەنى ئۇلارنىڭ كۈزلۈك غەللە-پاراق ھەققىدە ھېچنېمە دېمەي جىمىۋالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئوردا كېڭىشىدە كېڭەشكە قويۇلىدىغان ئىشلاردىن بىرەرسىمۇ باش ۋەزىر ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم چىقارمىسا بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. لۈ بۇۋېي جىندەك ئويلىنىپ يەنە بىر مەرتە شۈركىنىپ كەتتى، چىن بەگلىكى سەلتەنەتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئوردا كېڭىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە ئوردا سارىيىدا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»گە يوشۇرۇنغان ھەقىقىي تەدبىر-سىياسەتنى ئاشكارا جاكارلاتقۇزۇشتىن ئىبارەت بىرلا نىشان-مۇددىئاسى بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇلار بىلەن «ھەمنىيەت» لىك ئىمكانىيىتىنىڭ بار-يوقلىقىنى چېكىپ باقماقتىن ئۆزگە مەقسەت-نىشاننىڭ يوقلىقىنى بەش قولدەك بىلىپ قالدى. شۇ ئەمەسمۇ، بىرىنچى مەرتە ۋاڭ ۋەن بىلەن ، ئىككىنچى مەرتە لى سى بىلەن، ئۈچىنچى مەرتە شيەنياڭ كاھبېگى بىلەن، تۆتىنچى مەرتە مېڭ تيەن بىلەن تۇتۇشتى، بۈگۈنكىسى بەشىنچى مەرتىسى، ئاخىرقى مەرتە تۇتۇشۇشمۇ بولۇپ قالارمۇ؟
لۈ بۇۋېي«پەقىرنىڭ جاھىللىقىنى كۆرۈشۈپ قويۇش، مېنىڭمۇ ئامالىم بار» دېگەنلەرنى خىيالدىن ئۆتكۈزدى.
لۈ بۇۋېي مۇشۇ دەقىقىدىلا يىڭ جېڭنىڭ شاڭ تۆرىنىڭ ئەركان-مىزانىدا چىڭ تۇرۇپ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» دىن ۋاز كېچىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۆزىدىن ئىبارەت بۇ پەدەرى، باش ۋەزىرىنىمۇ دەرقەمدە سەلتەنەت يۈرگۈزۈشكە قولغا كەلتۈرۈش ئىستىكىدە بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ سېزىپ يەتتى. شۇغىنىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى بۇ ئوردا كېڭىشىنىڭ باشلىنىشى ھەممىنى ئۆتمۈشكە ئايلاندۇرۇۋەتتى. دەرقەمدە تۇرۇپ قارىشىلاشقان ئىككى تەرەپ بىر-بىرلىرىنىڭ قاراش-ماراش، مەۋقە-مۇددىئالىرىنى بىلىپ بولغان، بىر نىيەتتە بولۇش مۇمكىن ئەمەس، ھەممىنىڭ ئۆپكىسى كۆرۈنەيلا دەپ قالغان. بۇ «ئۆپكە»نىڭ ھامان كۆرۈنىدىغانلىقىنىڭ يىراق قالمىغانلىقىنى، بەلكى ھازىرلا ئۆزىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى لۈ بۇۋېينىڭ كۆڭلى تۇيۇپلا تۇراتتى.
9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، چىن بېگى باش قىشتا كېلەر قېتىملىق بەگلىك ئوردا مەجلىسى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى خۇسۇسىدا ئالاھىدە يارلىق چۈشۈردى.
بەگلىك ئوردا مەجلىسى يىلدا بىرەر-ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان تۆرە-ۋەزىرلەر مەجلىسى ئىدى. يېغىلىق زامانىدا جاھاننى يېغا قىيامەتلىرى قاپلاپ كەتكەچكە، ھەرقايسى بەگلىكلەردە ئوردا مەجلىسى ناھايىتى ئاز ئۆتكۈزۈلدى، بەگلىك ئىشلىرىنى بەگ، باش ۋەزىر، ئالپ سانغۇن قاتارلىق بەگلىك ھامىيلىرىلا جەم بولۇشۇپ ھۆكۈم-سىياسەت قىلىشىدىغان بولدى، ناگان-ناگاندا ئوردىدىكى بىرنەچچە ۋەزىرمۇ ھازىر بولۇپ قاتنىشىدىغان بولدى. يېغىلىق زامانىدىن كېيىن شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىكنىڭ چىن بەگلىكىگە يەتكۈزىدىغان تەھلىكە-تەھدىتى ئاجىزلاشتى، ناۋادا چىن بەگلىكى لەشكەر تارتمىسىلا شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىكنىڭ چىنغا ھومايغىدەك ھال-ماجالى قالمىدى. بۇ زاماندىكى چىن بەگلىكى مانا شۇ خۇسۇستىنلا ئوردا مەجلىسى ئۆتكۈزەلەيدىغان بىردىنبىر بەگلىك بولۇپ قالدى. بەگلىك ئوردا مەجلىسىگە ئايماق ۋالىيلىرى، ناھىيە ئامباللىرى، چېگرا لەشكەرلىرىنىڭ ئالپ سانغۇن-تۇرشاۋۇللىرى دېگەندەكلەر چوقۇم ئاستانىگە جەم بولۇپ بەگلىك مەجلىسىگە ئىشتراك ئەتمەكلىرى شەرت ئىدى. بۇ قېتىمقى بەگلىكنىڭ ئوردا مەجلىسىگە ياش چىن بېگى سەلتەنەت تەختىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئىلگىرىكىدەك بەگ ئانا، پەدەر، ئۆگەي ئاتىسىنىڭ مۆھۈرلىرىنى باسماستىنلا تۇنجى مەرتە ئۆزىنىڭ يوغان مۆھۈرىنى بېسىپ يارلىق چۈشۈردى، بۇنىڭدىن ئايانكى، ئۇ ئەتراپىدىكى ئەڭ قەدىرلىك، قىيامەتلىك يېقىنلىرىدىن يىراقلىشىۋاتاتتى. يىراق-يېقىندىكى ئايماق ۋالىيلىرى، ناھىيە ئامباللىرى ۋە چېگرا لەشكەرلىرىنىڭ ئالپ سانغۇن-تۇرشاۋۇللىرى ئادەتتىن تاشقىرى ھۆرمەت-ئېھترام، تەكەللۇب-تۈزۈت قىلىشىپ يارلىق ئالغان كۈندىن باشلاپلا مۈلكىي-لەشكىرىي ئىشلارنى جايىدا جۆندىشىپ تۇشمۇ-تۇشتىن ئاستانە شيەنياڭغا يولغا چىقىشتى. مۇددەتتىن تۆت-بەش كۈن بۇرۇن يولغا چىققان يىراق چېگرا ھۇدۇدتىكى مۈلكىي-لەشكىرىي بەگ-سىپاھلار ئارقا-ئارقىدىن ئاستانە شيەنياڭغا يېتىپ كەلدى، ئۈچ ئورۇندىكى بەگلىك مېھمانسارىيى كۈندىن كۈنگە قايناپ قىزىغىلى تۇردى. يېڭى سەلتەنەت چاقىرغان دەسلەپكى بەگلىك مەجلىسىگە ئەمەلدارلارنىڭ مۇددەتتىن نەچچە كۈن بۇرۇن كېلىۋېلىشى بىر تەرەپتىن بەگ يارلىقىغا خۇشامەتگۇيلارچە ھۆرمەت-ئېكرام بىلدۈرۈش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كاتتا بەگ-تۆرىلەرنى زىيارەت قىلىپ يوقلاپ ئوردىدىكى خۇپىيە-خۇسۇمەتلەردىن تىڭ-تىڭلاپ خەۋەردار بولۇۋېلىش ئىدى.
ئىلگىرىكى چاغلاردا چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانلىرى زىيادە چىڭ بولغاچقا، ئوردا ۋەزىرلىرى خۇپىيانە دوست تارتىشىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى، ھەتتا ئېسىلزادە-ئاقسۆڭەك، ۋەزىر-ۋۇزرا، بەگ-تۆرە، قازى-قۇززاتلارمۇ خاھلىغانچە ئەتراپىغا تېجىمەل-قوناق يىغالمايدىغان رەسم-يوسۇن ئەنئەنىگە ئايلانغان ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىگە كەلگەندە بەگلىك سەلتەنەتىگە ھەكەملىك قىلىش لۈ بۇۋېينىڭ ئىلكىگە ئۆتكەندىن كېيىنكى چارەك ئەسىر مابەينىدە ئادەملەرنىڭ يۈرۈش- ھەرىكەتلىرىگە چېتىشلىق «تالاي چەكلىمە» لەر ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە زىغىرلاپ سۈرۈشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنمىغانلىقتىن سۇسلىشىپ كەتتى. چىن بەگلىكى ئوردىسىنىڭ ۋەزىر-ۋۇزرا، قازى-قۇززات، ئەكابىر-ئەشرەپ، نەسەب-مەنسەپدارلىرى ئارىسىدا بارا-بارا ئۆزئارا ئىززەت-ھۆرمەت قىلىشىدىغان، بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىپ يوقلىشىدىغان ئادەت بارلىققا كەلدى، گەرچە بۇ ئادەتلەر يىراق شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىكتىكىدەك ھەممىلا يەردە ئەۋج ئېلىپ رەسم-يوسۇنلاشمىغان بولسىمۇ ئەمما مەھكىمە ئۆزئارا مېھماندوستلۇقنى چەكلىمەيدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە لۈ بۇۋېي بەگلىككە مەرىپەت سارىيى سالدۇرۇپ نۇرغۇن تېجىمەل-قوناقلارنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن چىن بەگلىكىنىڭ ئوردا بىلەن رەئىيەتلەر ئارىسىدىكى سۈرلۈك كەيپىيات ئاستا-ئاستا سۇسلىشىپ ھەممىنىڭ كۆڭلىگە ئازادە-ئاسايىشلىق بەخش ئېتىدىغان ئىناق-ئىجىل ئادەت بارلىققا كەلدى. بۇ قېتىمقى يېڭى بەگ ئوردىسى ئادەتتىكىدىن تاشقىرى قايناق كەيپىياتقا تولۇپ، يىراق چېگرا ھۇدۇدتىكى مۈلكىي-لەشكىرىي بەگ-سىپاھلارنىڭ ھەممىسى «ئازدۇر-كۆپتۇر كۆڭۈل ئىزھارى» قىلىشىپ، تۇشمۇ-تۇشتىن بەگ-تۆرىلىرىنى زىيارەت قىلىشىپ، ئاندىن ئۇلارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئىرپانبەگ لۈ بۇۋېي ھەزرەتنىڭ قەسرىگە تاۋاب-زىيارەتكە كېلىشى تەبىئىيلا ئاستانە شيەنياڭغا پۇر كەتكەن ئوردا رەسم-يوسۇنىغا ئايلاندى.
لۈ بۇۋېي خۇشخۇي، كىچىك پېئىل، ئوچۇق-يورۇق، مېھماندوست. مەرد ئادەم ئىدى، بابايى-ئەجدادى شەندۇڭلۇق كاتتا مۆتىۋەللىلەردىن بولغاچقىمۇ، ئەزەلدىن ئەمەلدارلارنىڭ باردى-كەلدىسىنى بەگلىك ئىشلىرى بىلەن دوقال-مۇخالىپ، دەپ قارىمىدى، تېجىمەل-قوناق قوبۇل قىلىشنىمۇ چەكلىمىدى. دەل مۇشۇ خۇسۇستىن لۈ بۇۋېي ئەدەب-ئەخلاق دائىرىسىدىكى بۇرادەرچىلىك مەدەنىي ئادەت، چىن بەگلىكىنىڭ جىددىي-سۈرلۈك كەيپىياتى مەردۇ-مەردانىلىككە يات قىلىق، شۇڭىمۇ چىن بەگلىكى مەدەنىي ئادەت بابىدا شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىككە يەتمەيدۇ، دەپ قارايتتى. شۇڭا لۈ بۇۋېينىڭ مەرىپەت سارىيىنى بىنا قىلىپ تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن تېجىمەل-قوناقلارنى قوبۇل قىلىپ ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزئارا دوستانە باردى-كەلدىسىگە يول قويۇشى ھەقىقەتەن چىن بەگلىكىدىكى ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىلا ئادەم ئۆز سايىسىدىن ئۈركۈپ ئېھتىيات-قورقۇنچ، دەككە-دۈككىدە تۇرمۇش كەچۈرۈدىغان ئەنئەنىسىنى ئاستا-ئاستا بۇزۇپ تاشلىدى. لۈ ھەزرەت سودا سارىيى ئەسلىدىنلا ناھايىتى كۆركەم-ھەشەمەتلىك كاتتا ساراي بولۇش سۈپىتىدە ئەدەب-ئەخلاق، قائىدە-يوسۇندا مېھمان كۈتۈشكە ماھىرلىقى بىلەن داڭق چىقارغان ئىدىكى، قەسىردىكى ئۇلۇغ-كىچىك، خوجايىن-ئىشلەمچىلەر مېھمانلارنى شۇنچىلىك ئالىي ئىززەت-ئېكرام كۆرسىتىپ كۈتۈپ-ئۇزىتاتتى. لۈ بۇۋېي ئۆزىمۇ ناھايىتى مەرد، قولى ئوچۇق، مېھماندوست، ئولتۇرسا-قوپسا باشقىلارنىلا ئويلايدىغان، كەسكىن-كەسكىن ئىش قىلىدىغان، سىياسەتتە ھەل بولماي قالغان ئىشلارنى مەي-شاراب شىرەسىدە خۇشال-خورام ئولتۇرۇپ قايىل قىلارلىق شىرىن سۆزلىرى بىلەنلا ھەل قىلىۋېتىدىغان ئادەم ئىدى. مانا شۇنىڭ تەسىرىدە ئەمەلدارلار، بەگ-تۆرىلەرنىڭ سۈر-ھەيۋىسى بوشىشىپ، بارغانسېرى بۇرادەرلىشىشكە بېرىلىپ، ئىرپانبەگنى تېخىمۇ ئۆز كۆرىدىغان بولۇشتى، ھەممىلا ئادەم ئىرپانبەگ قەسىرىدە ئېسىل نازۇ-نېمەتلەردىن ھوزۇرلىنىپ مەي-شاراب ئىچىشكەچ ئىش ھەل قىلىشنى شەرەپ بىلىدىغان بولۇشۇپ كېتىشتى.
بۇ قېتىمقى يېڭى سەلتەنەتنىڭ بەگلىك مەجلىسى ئوردا ۋەزىيىتىدىكى يېڭىلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، يىراق چېگرا ھۇدۇدتىن كەلگەن مۈلكىي-لەشكىرىي بەگ-سىپاھلارنىڭ شيەنياڭغا جەم بولۇپ قىلىدىغان ھەممىدىن مۇھىم ئىشى باش ۋەزىر ئىرپانبەگ ھەزرەتنى زىيارەت قىلىپ يوقلاش ئىدى. لاۋ ئەي توپىلىڭىدىن كېيىن يىراق چېگرا ھۇدۇدتىن كەلگەن مۈلكىي-لەشكىرىي بەگ-سىپاھلار ئىرپانبەگنىڭ خەقلەرنىڭ تۆھمەت-بۆھتانىغا ئۇچرىغانلىقىنى، يەنە تېخى چىنچۈەن ئاسمىنىدا ئۇدا گىلرەڭ تۇمان كۆرۈلگەنلىكىدەك غەلىتە ھاۋارايى ھادىسىسى پەيدا بولغانلىقىنى ئاڭلاپ تولىمۇ خاۋاتىرلەنگەن كۆڭلىنى راست-يالغىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىپ ئەمىن تاپقۇزماقچى بولۇشقان ئىدى. تۈرلۈك-تۈمەن مىش-مىشلەردىن ھەممەيلەننىڭ كۆڭلى غەشلىككە تولۇپ گاڭگىراپ قېلىشتى، يەنە ياش چىن بېگىنىڭ مەردۇ-مەردانىلىكتە، ئىنسانىي پەزىلەتتە ۋە ئىلىم پازىللىقىدا نامۇ-شۆھرىتى، شانۇ-شەۋكىتى پۈتكۈل ئىقلىمغا پۇر كەتكەن ئىرپانبەگنى كۆزدىن يوقاتماق بولغانلىقىغا زىنھار ئىشەنگۈسى كەلمىدى، ئىرپانبەگ قىيامەت قىسمەتلىرىدە قالغان پەيتتە ئۇنىڭغا تەسەللىي ئېيتىپ ھېمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە ئالدىراشتى. ئوردىدىكى ۋەزىرلەر گەرچە لۈ بۇۋېينىڭ ئالىي ھوقۇق-ھەكەم ساھىبى بولۇشىدىن قالىدىغانلىقىنى سېزىپ يەتكەن بولسىمۇ ئەمما قول ئاستىدىكى يىراق چېگرا ھۇدۇدتىن كەلگەن مۈلكىي-لەشكىرىي بەگ-سىپاھلىرىنىڭ ھاياجانلىق قايناشلىرىنىڭ ئورۇنسىز ئەمەسلىكىنىمۇ ھېس قىلىشىپ تۇشمۇ-تۇشتىن ئازدۇر-كۆپتۇر سوۋغا-سالاملىق تەييارلاپ سىنچىلىق خۇسۇسىدىن قول ئاستىدىكى يىراق چېگرا ھۇدۇدتىن كەلگەن مۈلكىي-لەشكىرىي بەگ-سىپاھلارغا ھەمراھ بولۇپ ئىرپانبەگ ھوزۇرىغا سالام-زىيارەتكە كەلدى. تۆت-بەش كۈندىن بېرى لۈ بۇۋېي قەسرىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئات-ھارۋىلارنىڭ قۇيرۇقى ئۆكسۈمىدى، قەسىر دەرۋازىسىنىڭ ئەتراپى بەئەينى بازارنىڭ ئۆزىگە ئايلاندى، قەسىر قورۇسىدىكى بۈككىدە دەرەخ ئاستى، كۆلچەك ئەتراپى، ساراينىڭ ھەممىلا يېرىگە بوش ئورۇن قالماي زىياپەت شىرەلىرى ھازىرلاندى، شىرەدىكى نازۇ-نېمەتلەر ھېلىدىن-ھېلىغا يېڭىلىنىپ، كېچە-كۈندۈز توختىماي يەپ-ئىچىشلەردىن بەگ-سىپاھلارنىڭلا ئەمەس بەلكى ئاشپەز-مىزبانلارنىڭمۇ چارچاپ ھال-ماجالى قالمىغانلىقى ئاستانە شيەنياڭنى بىر ئالغان مىسلى كۆرۈلمىگەن مىش-مىشكە ئايلاندى.
ھېلىھەم ئۇرغۇپ تۇرغان قىرانلىقىدىن، قىران چاغلىرىدىكىدەك ئوخچۇپ تۇرغان مەردانىلىقىدىن قالمىغان ، چاچ-ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان بولسىمۇ پۈتكۈل ئىقلىمغا داڭقى پۇر كەتكەن لۈ بۇۋېينىڭ تېنى بۇرۇنقىدەكلا تىمەنلىكىدىن قالمىغان، شەرھى-نۇتۇقلىرى چاقماقتەك ناتىقلىقىدا جاراڭلاپ تۇرۇپتۇ، بەگلىك سەلتەنەتى، ئوردا ئىچى-سىرتى، ئىلىم-سىياسەت خۇسۇسىدىكى تەنقىد-باھا، شەرھى-نۇتۇقلىرى شۇنچىلىك جەلبكار، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان تۈگۈن-چىگىشلەر ئۇنىڭ شەرھى-نۇتۇقلىرى بىلەن شۇنچىلىك چۈشىنىشلىك، راۋان ھەم مېغىزلىق يېشىلىدۇ. زىياپەتتىكى ئۇلۇغ-كىچىكلەرنىڭ ھەممىسى ئېچىلىپ-يېيىلىپ، بەھوزۇر يەپ-ئىچىشكەچ قىلىشقان بۇ شىرىن سۆھبەتلەردىن كۆڭلىدىكى غەم-غۇسسىلىرى، خۇپىيانە ئەندىشىلىرى نە-نەلەرگىدۇر غايىب بولدى.
ــــ ئۈچ ئەۋلاد چىن بەگلىكىگە نائىبلىق قىلغىنىمدىن ھېچبىر ئارمىنىم يوقتۇر!ــــ لۈ بۇۋېينىڭ ھاياجاندىن جاراڭلىغان كۈلكىسىنىڭ ئەكس ساداسى قەسىر ئىچى-سىرتىدا خېلىغىچە ياڭرىدى.
ــــ چىن بەگلىكىنى تىنچ-ئاسايىشلىققا ئېرىشتۈرگەن ئىرپانبەگ ھەزرەتتىن ۋاز كەچكىدەك كىمكەن ئۆزى! ــــ زىيارەت-تاۋابچىلار دوستانە-ھەمدەملىكى بىلەن خۇشامەتگۇيانە ھەمدۇ-سەنا ئېيتىشىپ جار سېلىشتى. شۇغىنىسى، ئۈچ كۈندىن كېيىنكى بەگلىك مەجلىسىدە ئوردا ئىچى-سىرتىنى دۈم كۆمتۈرۈۋەتكىدەك بىر مەيدان بوران-چاپقۇن كۆتۈرۈلىدىغانلىقى ھېچكىمنىڭ خىيالىغىمۇ كىرمىگەن ئىدى.
باش قىش كىرگەن كۈنى ئېچىلغان بەگلىك مەجلىسىدە، دورغاب ۋاڭ ۋەن ئۈچ تۈرلۈك مەجلىس قارالمىسى، يەنى بىرىنچىدىن، دادخاھ ۋەزىرنىڭ ئالتە مەھكىمىنىڭ بەگ ئانا بىلەن لاۋ ئەينىڭ ئاسىيلىق جىنايىتى تەكشۈرۈپ تاماملىنىش ئەھۋالىدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىدىغانلىقى؛ ئىككىنچىدىن، بەگلىك باش تەپتىش ۋەزىرى ئەمەلدارلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى خۇسۇسىدا كەسكىن قارار چىقىرىشقا تەكلىپ قىلىندىغانلىقى؛ ئۈچىنچىدىن، چىن بەگلىكىنىڭ قەلئە- قەسەبە، قورغانلىرىنىڭ سانغۇنلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى قارار قىلىنىدىغانلىقى خۇسۇسىدىكى قارالمىسىنى جاكارلىدى. بۇ ئۈچ تۈرلۈك قارالما بىر-بىرىدىن مۇھىم تۇرسا، ئەجەبا ئىرپانبەگ زىياپەت داۋامىدا بۇنىڭدىن زەررىچە تىۋىش بېرىپ قويماپتا؟ يىراق چېگرا ھۇدۇدتىن كەلگەن مۈلكىي-لەشكىرىي بەگ-سىپاھلار بىر مەھەل تېڭىرقاپ قېلىشتى ۋە تۇشمۇ-تۇشتىن نەزەرلىرىنى باش ۋەزىر كۇرسىدا سۈر-ھەيۋىسى بىلەن تەمكىن ئولتۇرغان ئىرپانبەگكە ئاغدۇرۇشتى. لۈ بۇۋېينىڭ تەمكىن-تەبەسسۇملىرى بىلەن ئۆز سالاپىتىنى نامايان قىلىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن يىراق چېگرا ھۇدۇدتىن كەلگەن مۈلكىي-لەشكىرىي بەگ-سىپاھلار ئىرپانبەگنىڭ بەگلىك مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشتىكى شۇنچىلىك يۈكسەك ئەقىدە-ساداقەتمەنلىكىگە ئىچ-ئىچىدىن، چىن كۆڭلىدىن قايىل بولۇشتى!
مەجلىس قارالمىلارنى غۇلغۇلا قىلىش باسقۇچىغا كەلگەندە، چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان قاپقارا ياغاق يۈزلۈك قېرى دادخاھ ۋەزىر تۇنجى بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، بەگ تەختى پەلەمپىيىگە تۇتىشىدىغان يولنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان مەخسۇس مۇھىم ئىشلارنى بايان قىلىدىغان مەلۇمات شىرەسىگە كېلىپ، شىرەگە يېيىپ قويۇلغان كېلەڭسىز ئورىما بامبۇك تارشىغا پۈتۈلگەن مەلۇماتقا مەنسىتمەسلىك نەزەرى بىلەن ئانچىكىلا قاراپ قويۇپ، بەگ ئانا بىلەن لاۋ ئەينىڭ جىنايىتىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىنى، ئەركان-مىزاندىكى تەھقىقلىگەن باب-بەلگىلىمە، ئاساسلارنى ھەم جازالانغان بىرمۇنچە ئادەم سانىنى ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە سۆزمۇ-سۆز بايان قىلدى. مەجلىس مىزانلىرى تەرتىپىدە رىياسەتچى ئەمەلدار ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسىدىكى ئىشلاردىن مەلۇماتىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ئوردا ۋەزىرلىرىنىڭ ئۆزگىچە قاراش-ماراشلىرى بولمىسا ۋەزىرلىرىنىڭ باشقىچە پىكىر-قارىشىم يوق، دەپ جاكارلىشى شەرت ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن بەگ شىرەگە ئۇرۇپ شۇ ئىشنى مۇئەييەنلەشتۈرەتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ قارالما تاماملانغان بولاتتى. بەگ ئانا بىلەن لاۋ ئەينىڭ چىن بەگلىكىنى مالىمانچىلىققا سالغانلىقىغا پۈتكۈل بەگلىكتىكى بەگ، ۋەزىر-ۋۇزرا، قازى-قۇززاتلاردىن تارتىپ ئاۋام-رەئىيەتكىچە لەنەتلەر ياغدۇرغان تۇرسا يەنە كىممۇ باشقىچە پىكىر-قاراشتا بولالايتتى؟ قېرى دادخاھ ۋەزىرنىڭ «مەلۇمات تامام» دېگەن ئەركەك غازنىڭكىدەك غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازى بېسىلىشى بىلەنلا ئوردا سارىيىدا «ۋەزىرلىرىنىڭ ھېچقانداق ئۆزگىچە پىكىر-قارىشى يوقتۇر!» دېگەن ئەكس سادا ياڭرىدى.
چىن بېگى يىڭ جېڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغىچە كۆز يۈگرىتىپ چىققاندىن كېيىن شىرەگە «پاق» قىدە بىرنى مۇشتلاپ ئېغىز ئاچاي، دەپ تۇرۇشىغا:
ــــ ئالىيلىرى، ۋەزىرلىرىنىڭ باشقىچە بىر قارىشىم بار، بايان قىلىشىمغا ئىجازەت بەرگەيلا! ــــ دېگەن جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن تەڭ بىرى ئورنىدىن دەس تۇردى.
ــــ كىمنىڭ باشقىچە قارىشى بار؟ــــ دورغاب ۋاڭ ۋەن سورىدى.
ــــ شيەنياڭ ھاكىمى، قوشۇمچە شيەنياڭ سانغۇنى مېڭ تيەن!ــــ ياش ۋەزىر ئۆز ئەمەل-مەنسەپ، نام-شەرىپىنى مەلۇم قىلدى.
ــــ مەرھەمەت، قېنى ئەمىسە بايان قىلغايلا!ــــ دېدى رەسمىيەت بويىچە ۋاڭ ۋەن.
مېڭ تيەن ئوردا باش پۈتۈكچىسىنىڭ باش لىڭشىتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ نامۇ-شەرىپى، ئەمەل-مەنسىپىنى خاتىرىلىۋېلىشقا ئىما قىلىپ قويۇپ تەختكە يۈزلىنىپ قوللىرىنى جۈپتەكلەپ تازىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن:
ــــ ۋەزىرلىرى توپىلاڭنى تىنچىتىشقا قاتناشقانمەن ھەم لاۋ ئەينىڭ يۇڭچېڭ قەلئەسىدىكى خۇپىيانە قەسىرى ۋە ئۇنىڭ بىرنەچچە جىنايى پاكىتىنى ئۆز قولۇم بىلەن قولغا چۈشۈرگەنمەن. بۇلارنى قولغا چۈشۈرگەن چاغدا، ۋەزىرلىرى لاۋ ئەينى تۇنجى سوراققا تارتقاندا لاۋ ئەي ئۆزىنىڭ گۇماشتا-چوماقلىرىدىن نەچچە ئون ئادەمنى ئىقرار قىلغان، ئۇنىڭ ئىقرارنامىسىمۇ بىرەر يۈز پارچىدىن ئاشىدۇ. توپىلاڭ بېسىقتۇرۇلغاندا ۋەزىرلىرى بۇ پاكىتلارنى ۋە ئىقرارنامىنى بىرمۇ-بىر دادخاھ ۋەزىرنىڭ ئەركان-مىزان بويىچە تەھقىقلىشىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدىم. بۈگۈنكى مەجلىستە مەزكۇر دېلونىڭ تاماملانغانلىقى جاكارلانغاندا ۋەزىرلىرى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن پاكىتلار ۋە توپىلاڭغا چېتىشلىق جىنايەتكارلار خۇسۇسىدا لام دېيىلمىدى. كەمىنە مېڭ تيەن دادخاھ ۋەزىر مالال كۆرمىسە سوراپ باقسام: چىن بەگلىكىدە بەگلىك ئەركان-مىزانىدىن ئۆزگە ئەركان-مىزان بارمىكىن؟
ــــ بەگلىك ئەركان-مىزانى يېگانىدۇرلەر!ــــ دېدى تەلەتىدىن مۇز يېغىپ تۇرغان قېرى دادخاھ ۋەزىر.
ــــ بىلمىدىم، ئەركان-مىزان يېگانە بولغان ئىكەن، توپىلاڭغا چېتىشلىق جىنايەتكارلار نېمىشقا تىلغا ئېلىنمىدىكىن؟
ــــ بۇ ئىش زىيادە مۇھىم يەرلەرگە بېرىپ تاقالغانلىق خۇسۇسىدىن دادگاھىمىزدىكى ئالتە مەھكىمە باشقىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ چىن بېگىنىڭ شەخسەن ئۆزى بىۋاسىتە قارار چىقىرىشىغا يوللىماق بولدىلەر!
ــــ ئالتە مەھكىمە مەلۇماتىنى بېگىمىزگە يوللاپ بولدىمىكىن؟
ــــ تېخى يوللانمىدى!
ــــ ئەسلىدە مۇنداق ئىكەن-دە! ۋەزىرلىرى ئالىيلىرىدىن ئىجازەت بېرىشنى ئىلتىجا قىلىمەن،ــــ مېڭ تيەن زىيادە ھاياجانلىنىپ كەتكىنىدىن ناھايىتى سۈرلۈك ھەم جىددىي قىياپەتتە بەگ تەختى تامان بۇرۇلۇپ ئېگىلىپ تازام بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، سۇخەندازلىقىنى داۋام قىلدى،ــــ جاۋشياڭۋاڭنىڭ بەگلىك ئەركان-مىزانىنى ھېمايە قىلىش ئابىدىسىدە «ئەركان-مىزان بەگ-تۆرىلەرگە خۇشامەتگۇيلۇق قىلماسلىق، بەگ-تۆرىلەر ئەركان-مىزاننى دەپسەندە قىلماسلىق» دېيىلگەن. ۋەزىرلىرى بەگلىك مەجلىسىدە توپىلاڭغا چېتىشلىق جىنايەتكارلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا سۈرۈشتۈرۈلۈشىنى ئىلتىجا قىلىمەن!
ــــ شيەنياڭ سانغۇنىنىڭ باشقىچە قاراشلىرى خۇسۇسىدا ئالىيلىرى ئۆزى قارار قىلغاي! ــــ دېدى قېرى دادخاھ ۋەزىر بېشى يەرگە تەگكىدەك ئېگىلىپ تازىم بەجا كەلتۈرۈپ.
يىڭ جېڭ سوغۇق كۈلۈپ قويدى ۋە:
ــــ لاۋ ئەي توپىلىڭى بەگ ئانىغا تاقىلىدىغان نازۇك بىر ئىش بولسىمۇ، پەقىرنىڭ يۈز خاتىرە قىلىشقا ھەددىم يوقتۇر. بەگلىكىمىزدە بەگ ئانا قەدىرىدىن ئارتۇق ھېچنەرسە بولمىغان تەقدىردىمۇ، مۇشۇنداق ئىش بولغىنىكەن، شيەنياڭ ھاكىمى مېڭ تيەننىڭ ئىلتىجاسىغا ئىجازەت! دادخاھ ۋەزىر دېلو ئەھۋالى ۋە پاكىت-ئىسپاتلارنى ئاشكارىلىسۇنلار!
ــــ ۋەزىرلىرى پەرمانبەردارمەن!ــــ قېرى دادخاھ ۋەزىرنىڭ قىلىچنى بىلەيگە سۈركىگەندەك «جارت-جۇرت» يېقىمسىز ئاۋازى ئوردا سارىيىنى بىر ئالدى، ــــ توپىلاڭنى تىنچىتىشتا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن خەت-چەك قاتارلىق ماددىي ئىسپاتلار جەمئىي 363 پارچە، دەسلەپكى سوراقتا ئېلىنغان ئىقرارنامە 31 ئورام. بارلىق ئىسپات-ئىقرارنامىلەردىن تولۇقى بىلەن مەلۇمكى، ئىرپانبەگ لۈ بۇۋېي لاۋ ئەي دېلوسىغا ئەڭ چوڭقۇر پاتقاندۇرلەر. ۋەزىرلىرى دادگاھىمىزدىكى ئالتە مەھكىمە تەھقىقلەپ بېكىتكەن پاكىت-ئىقرارنامىلەرنى بىر-بىرلەپ مەلۇم قىلىپ، ئوردا مەجلىسىنىڭ قارار چىقىرىشىغا سۇنىمەن!
ساراي شۇ ھامان قورقۇنچلۇق سۈكۈت-تىمتاسلىققا چۆمدى، قىلىچ بىلىگەندەك يېقىمسىز ئاۋاز ساراينىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن تارقاپ ھېچ بېسىقىدىغاندەك ئەمەس، قېرى دادخاھ ۋەزىر توپىلاڭنىڭ سەۋەب-نەتىجىلىرىنى ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە بىر-بىرلەپ سۆزلىدى. لۈ بۇۋېينىڭ خەندەندە باشۇلۇق تۇل خوتۇن چىڭ ⑤ بىلەن ئۇچراشقاندىن تارتىپ لاۋ ئەينىڭ لۈ بۇۋېي قەسرىگە تېجىمەللىككە كىرىشىگىچە، ئاندىن لۈ بۇۋېينىڭ ئايال غوجىدار مو خۇنى خۇپىيانە ھالدا ساختا ئاغۋات لاۋ ئەينىڭ ئورنىغا كىرگۈزگەنلىكى⑥ ھەم يوشۇرۇنچە ئۇنى لياڭشەنگە ئاپىرىۋەتكەنلىكىنى بىرنى قويماي، ئېقىتماي-تېمىتماي ئەزۋەيلەپ چىقتى. پۈتكۈل باياندا لۈ بۇۋېينىڭ بەگ ئانا بىلەن ئاشنادارچىلىق قىلغانلىقى ھەم ساختا ئاغۋات كىرگۈزگەنلىكىگە ئىسپات-گۇۋاھ كۆرسەتمەي سۆزلىگەندىن باشقا ھەممىگە تولۇق ئىسپات كۆرسىتىپ بىرەر ئاش پىشىمدىن كۆپرەك ئەزۋەيلىدى.
ئوردا سارىيىنىڭ ئىچى بەجايىكى قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغىنىپ ئەسلىگە كېلەلمەيۋاتقان ئادەم قورقۇنچتىن جىمىپ كەتكەندەك تىمتاسلىققا چۆمدى، يىراق چېگرا ھۇدۇدتىن كەلگەن مۈلكىي-لەشكىرىي بەگ-سىپاھلار يۈرەكلىرى سەكرەپ چىقىپ كېتىدىغاندەك قورققىنىدىن نەپەسلىرى سىقىلدى. ئادەمنىڭ لەنەت-نەپرىتىنى قوزغايدىغان شۇنچىلىك پەسكەشلىكلەرنى قىلغان ئادەم دەل مۇشۇ ئىرپانبەگمىدۇ؟ ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدىغان بولسا، ئادەم زاتىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان، شەيتاننى ئۇسسۇلغا سالىدىغان ئىش ئىكەن! چىن بەگلىكىدە، پۈتكۈل ئىقلىمدا لاۋ ئەينىڭ سېسىق نامى پۇر كەتتى. ئەمما چىن بەگلىكىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد بېگىگە نائىبلىق قىلغان، نامۇ-شەرىپى، شانۇ-شەۋكىتى ئالەمگە تارقالغان بىر دانىشمەن ۋەزىرنىڭ مۇشۇنچىۋالا دەرىجىدە سولامچى ئىكەنلىكى كىمنىڭمۇ خىيالىغا كەلگەن؟ قېرى دادخاھ ۋەزىرنىڭ قىلىچ بىلىگەندەك يېقىمسىز ئاۋازىغا ئەگىشىپ پۈتكۈل ئوردا ئەھلىنىڭ نەزىرى بىردەم ھەيۋەت-ھەشەمىتى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدىغان باش ۋەزىرلىك ئورنىدا ئولتۇرغان لۈ بۇۋېيغا تىكىلسە، بىردەم ھەيۋەتلىك، ئېگىز تەختتە ئولتۇرغان چىن بېگى يىڭ جېڭغا تىكىلەتتى.
ــــ ئىرپانبەگدىن شۇنى سوراپ باقاي: دادخاھ ۋەزىرنىڭ بايانى ئەمەلىيەتتۇ؟ــــ مىڭ تيەن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ئەزۋەيلىدى.
چىرايى تامدەك تاتارغان لۈ بۇۋېي تولىمۇ تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ، چىن بېگىگە ئېگىلىپ تەزىم قىلدى، ئاندىن ئوردىدىكى بارلىق ۋەزىرلەرگە يەنە شۇنداق ئېگىلىپ بىر تەزىم قىلىۋېتىپ ھېچنېمە دېمەستىن ئوردا سارىيىدىن چىقىپ كەتتى، تاكى ئۇنىڭ تىكەندەك يالغۇز-يېگانە گەۋدىسى ئوردا سارىيىدىن ئايرىلغانغا قەدەر ۋەزىرلەر قاباھەتلىك چۈش كۆرۈۋاتقاندەك تىمتاس سۈكۈتتە ئولتۇرۇپ قېلىشتى.
باش قىش مەزگىلىدە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندىچىلىككە سالغان دۇمباق ئاخىر يېرىلدى.
چىن بېگى ئاۋام-رەئىيەتكە چۈشۈرگەن نەچچە جۈملىلا يارلىقىدا: «بەگلىكىمىزنىڭ خاس مەھكىمىسى بار⑦ باش ۋەزىرى ئىرپانبەگ لۈ بۇۋېي لاۋ ئەي دېلوسىغا چېتىلىپ قېلىپ ھەم بەگلىك ئەركان-مىزانىغا خىلابلىق قىلدى ھەم ۋەزىرلىك ئەخلاقىدىن يۈز ئۆرۈدى، ئاقىۋەتتە چىن بەگلىكىنى ئارا-نومۇسلۇق ئاھانەتكە قويدى. بەگلىك مەجلىسى ئاشكارا قاراپ چىقىش ئارقىلىق لۈ بۇۋېينىڭ باش ۋەزىرلىك مەنسىپىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئىرپانبەگلىك تۆرىلىكىدە قالدۇرۇپ، لوياڭدىن سۇيۇرغاللىق بېرىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈشكە بۇيرۇدى. يارلىق يەتكۈزۈلگەن ھامان لۈ بۇۋېينىڭ ئاستانە شيەنياڭدا ھەپتە-ئون كۈنلەر تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئىشلىرىنى بىر ياقلىق قىلىپ بولۇپ دەرھال ئاستانىدىن ئايرىلسۇن!» دېيىلدى. بەگ يارلىقىدا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» تىلغا ئېلىنمايلا قالماستىن بەگلىكنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش خۇسۇسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوردا سارىيىدىكى مۇنازىرە-تالاشلار توغرىلىق ھېچنەرسە دېيىلمىدى.
باش ۋەزىر مەھكىمىسىگە يارلىقنى ياش دورغاب ۋاڭ ۋەن ئېلىپ كەلگەن ئىدى. دورغاب يارلىقنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئېغىر ھەسرەت-نادامەتتە قۇرۇق-قاقشال دەرەخكىلا ئوخشاپ قالغان لۈ بۇۋېيغا قاراپ ئۇزاققىچە لام-جىم دېمەي تۇرۇپ كەتتى، ھەرنە دېگەن بىلەن زامانىسىدە ئۆزىنىڭ بېشىنى سىيلاپ تېجىمەللىككە ئېلىپ بەگلىكتىن مەنسەپ بەرگەن بۇ خوجىسىغا قاراپ:
ــــ ئىرپانبېگىم ناۋادا باھارغىچە تۇرۇپ ئاندىن ماڭماقچى بولسىلا، پەقىر چىن بېگىگە ئىلتىجا قىلىپ سىناپ باقاي!ــــ دېدى پەس ئاۋازدا.
لۈ بۇۋېي بېشىنى چايقاپ بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈپ قويدى ۋە:
ــــ بىھاجەت! ئۈچ كۈن ئىچىدە پەقىر شيەنياڭدىن كېتىمەن،ــــ دېدى.
ــــ لى سى شۇيجىڭدىكى قۇرۇلۇش ئورنىغا كەتتى. جېڭ گو شيەنياڭغا كېلىپ ئىرپانبېگىمنى يوقلىماقچى بولغان ئىدى، ئالىيلىرى ئۇنى توسۇپ قويدى!ــــ دېدى ۋاڭ ۋەن يەنە پەس ئاۋازدا.
لۈ بۇۋېينىڭ كۆزلىرىدىن ۋاللىدە ئۇچقۇن چاقناپ كەتتى ۋە ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ:
ــــ دورغاب جېڭ گوغا يەتكۈزۈپ قويغايلا، باشقا ئوي-خىيالدا بولۇپ يۈرمىگەي، زېھنىنى يىغىپ چىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ گۇناھىنى تۆھپىگە ئايلاندۇرغاي!ــــ دېدى بوشقىنە ئاۋازدا.
ــــ بۇ... بۇ... بۇقانداق گەپكىن؟ــــ ۋاڭ ۋەن سەل تەمتىرەپ قالدى.
ــــ نېمە دېگەن بولسام شۇنى يەتكۈزگەيلا! گېپىم تۈگىدى، پەقىرمۇ كەتتىم ئەمىسە!ــــ لۈ بۇۋېي گېپىنى تۈگىتىپ بامبۇك ھاسىسىنى ئالدى، ئاستا قەدەملىرى بىلەن قىزىل يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ ھەممىلا يەرنى بىر ئالغان توغراقلىققا كىرىپ كەتكىنىچە قايتىپ چىقمىدى. ۋاڭ ۋەن لۈ بۇۋېينىڭ غايىب بولۇۋاتقان گەۋدىسىگە ئۇزاقتىن-ئۇزاق تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن چوڭقۇر ئىززەت-ئېكرام بىلەن ئېگىلىپ تازىم قىلىپ، ئالدىراپ ھارۋىسىغا چىقىپ يولىغا راۋان بولدى.
قاراڭغۇ چۈشكەندە، لۈ بۇۋېي قالدى-قاتتى ئىشلارنى ئاددىيلا بىر تەرەپ قىلىشقا كىرىشتى.
لۈ بۇۋېي ئىشلارنى ئالدىن ئىدىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان ئىدى. ئۆز قولى بىلەن قىلىشقا تېگىشلىكلا ئىشلاردىن پەقەت ئەڭ مۇھىم بولغان بىرلا ئىش يەنى يېنىدا قالغان تېجىمەللىرىنى تۈزۈكرەك يولغا سېلىپ قويۇشلا قالغان ئىدى. مېڭ تيەن تۆۋەن قوۋۇقتا شاڭ تۆرىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلىگەندىن كېيىن تېجىمەللەر مەرىپەت سارىيىدىن ئارقا-ئارقىدىن كېتىشكە باشلىدى. بىرەر ئايغىچە ئۈچ مىڭ تېجىمەل كېتىپ قەسىر چۆلدەرەپ قالدى. يېغىلىق دەۋرىدە تالىب ۋە تېجىمەل-قوناق قوبۇل قىلىپ بېقىش ئادەتكە ئايلانغانىدى، كۈن چىقىشتىكى بەگلىكلەردە ھەتتا تېجىمەل-قوناقلارنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشى بەخت-تەلەينىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان ئىدى. بەگلىك سەلتەنەتلىرى بوران-چاپقۇنغا ئۇچراش ھارپىسىدا تېجىمەل-قوناقلار غىپپىدە تىكىۋېتەتتى-دە، تەخت قولدىن كېتىپ بەگ-تۆرىلەر ئەمەل-مەنسەب، خانۇ-مانىدىن مەھرۇم قالغاندا تېجىمەللەر سارىيى قۇرۇقدىلىپ چۆلدەرەپ قالاتتى. كۈن چىقىشتىكى بەگلىكلەر تىنچىپ تاجۇ-تەخت ئەسلىگە كەلگەندە تېجىمەل-قوناقلار خۇددى پەسىل قۇشلىرىدەك تۇشمۇ-تۇشتىن قايتىپ كېلىشەتتى، ھېچ ئىش بولمىغاندەك خىجىلمۇ بولۇشماي كېلىۋېرىشەتتى. تالىب ۋە تېجىمەل-قوناقنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغان ۋە قاتتىق تەربىيىلىگەن زات چى بەگلىكىنىڭ ۋەزىرى مېڭ چاڭ ⑧تۆرە بولۇپ، تېجىمەل-قوناقلىرىنىڭ بىردە كۆپىيىپ، بىردە ئازلاپ كېتىشىدىن تولىمۇ خاپا بولغان، ھەتتا قېچىپ كېتىپ يەنە قايتىپ كەلگەنلەرنى «يۈزىگە تۈكۈرۈپ قاتتىق ئەدىبىنى بېرىش كېرەك!» دەپ ۋارقىراپ كەتكەن، جاۋ بەگلىكىنىڭ مەشھۇر سانغۇنى ليەن پو⑨ تېجىمەللەرنىڭ كېتىپ-كېلىپ تۇرۇشىدىن تېخىمۇ غەزەبلەنگەن، ئۇ ئاخىر چىدىماي «بولدى كېتىڭلار، ۋاي داد!ئەمدى تېجىمەل باقمايمەن!» دەپ ۋارقىرىغان.
بۇ ئىككى تۆرە-سانغۇنغا پۈتكۈل ئىقلىمدا ئاز ئۇچرايدىغان ئىككى تېجىمەل تازا كېلىشتۈرۈپ جايىدا جاۋاب بەرگەن ئىكەن.
بىرى باشتىن-ئاخىر مېڭ چاڭ تۆرىگە ئەقىدە قىلىپ ئەگەشكەن جاھان كېزەر پەھلىۋان تېجىمەل فېڭ، يەنە بىرى سانغۇن ليەن پونىڭ نام-ئاتاقسىز قېرى تېجىمەلى ئىدى. فېڭ تېجىمەل مېڭ چاڭ تۆرىگە پەند-نەسىھەت قىلىپ، يېلىنىپ: «پەقىر قىلغۇلۇقنى قىلدىم، بۇ ئىش شۇنداق بولۇپ قالدى، تۆرەم بۇنى بىلىدىلىغۇ؟» دەپ سورىغان ئىكەن، مېڭ چاڭ تۆرە قۇپ-قۇرۇق چۆلدەرەپ قالغان قەسىر قورۇسىغا قاراپ بېقىپ ئاچچىقتىن كېسىلىپ بوزىرىپ كەتكەن ۋە «مەن ھاماقەت، مەن دۆت تۇرسام؟ نېمە دېگىنىڭنى بىلەلمىدىم!» دېگەن ئىكەن قېيداپ، فېڭ تېجىمەل «ياڭاق چاققاندا دوست ئىدۇق، پادا باققاندا ئايرىلدۇق، دېمەككىم، باي-باياشاد چاغلىرىدا تېجىمەل كۆپىيىدىغان گەپ، قاقسەنەم بولغانلىرىدا تېجىمەللەرمۇ پېشىنى قېقىپ يولىغا راۋان بولىشىدۇ، جاھاننىڭ ئىشى مانا شۇنداقتۇر. ئالايلۇق، شەھەرلىكلەر دېگەن ھۆپىگەر خەق، قاق پودا سېپىل قوۋۇقىدىن قىستىلىشىپ كىرىپ بازار تالىشىدۇ، ئەتىگەنلىك بازارغا ھەممە ئادەم ئالدىرىشىدۇ، كەچلىك بازاردىن ھېچ مەنپەئەت ئالالمايدۇ. تۆرەم بۈگۈن خانۇ-مانىدىن مەھرۇم قالغان ئىكەن، ئۇنىڭغا ھېچكىم قاراپمۇ قويۇشمايدۇ، شۇڭا بۇنىڭدىن ئاغرىنىش ئورۇنسىزدۇر» دېگەندە، مېڭ چاڭ تۆرە ئۆزىنى بېسىۋېلىپ تىنچلىنىپ، ئىلگىرى ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەن تېجىمەل-قوناقلىرىنى قوبۇل قىلغان ئىكەن.
ليەن پونىڭ ھېلىقى نام-ئاتىقى يوق قېرى تېجىمەلىنىڭ مەسخىرە ئارىلاش خۇرسىنىپ قىلغان پاساھەتلىك سۆزلىرىگە زامان-زامانلاردىن بېرى بارىكاللا ئېيتىلىپ كېلىنمەكتە. قېرى ليەن پونىڭ غەزەبتىن بوزىرىپ-تاتىرىپ نەپىسى سىقىلىپ قالغان چاغدا، قېرى تېجىمەل شىرەگە «توك»كىدە بىرنى مۇشتلاپ: «پاھ! تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن، دېگەندەكلا گەپ قىلىدىلىغۇ تۆرەم؟ پەقىر بۇ ئۆمرۈمدە ھۆپىگەرلەردەك ياشاپ كەلگەنمەن، تۆرەمنىڭ قول ئىلكىدە مەنسەب-نەسەبى بارىدا تۆرەمگە ئەگىشىمەن، تۆرەم قاقسەنەم بولغاندا پېشىمنى قېقىپ كېتىمەن. بۇ دېگەن ئەزەلدىنلا بار ئادەت، نېمىگە شۇنچە چېچىلىدىلا؟» دېگەن ئىكەن. بۇ، زامانىمىزنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ جانلىق سۆزدۇر: «پاھ، سەن ئەمدى بىلىپسەن-دە! ھازىر دېگەن تاۋار جەمئىيىتى، بىكارغا مۈشۈكمۇ ئاپتاپقا چىقمايدۇ، ھوقۇقۇڭ بار چاغدا ساڭا ئەگەشكىنىم ئەگەشكەن، ھوقۇقۇڭدىن قالغاندا مەنمۇ ئۆز يولۇمغا ماڭىمەن. بۇ دېگەن ھەممىگە چۈشىنىشلىك قائىدە، نېمىگە شۇنچە ئاچچىقلايسەن؟»مانا شۇنداق ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن ئېيتىلغان گەپتىن ھەيران قالغان ليەن پونىڭ ئاچچىقى يانغان ئىكەن.
لۈ بۇۋېي كاتتا سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، تالاي يىللاردىن بۇيان ئىلكىدە ھوقۇق-ئىمتىياز تۇتقان ئادەم بولغاچقا، يېغىلىق بەگلىكلىرىدىكى موللا-دانىش، تېجىمەل-قوناقلارنىڭ «ھۆپىگەر»لىكىگە تۇتقان مۇئامىلىسى مېڭ چاڭ تۆرە بىلەن ليەن پو سانغۇننىڭكىگە زادىلا ئوخشىمايتتى، تېجىمەل-قوناقلارنىڭ كېلىپ-كېتىپ تۇرۇشىغا «ئاھ-پاھ» دەپ ۋايساپمۇ كەتمەيتتى. لۈ بۇۋېي ئەزەلدىن ھەققانىيەت ھەممە ئىشنىڭ ئاساسى، مانا بۇ ھەقىقەت، خۇددى بۇغداي بىلەن ساماننى شامال ئايرىغانغا ئوخشاش ھەقىقەتلا ئالتۇن بىلەن تاشنى ئايرىيدۇ، دەپ قارايتتى. ئەينى يىللاردىكى يۈز نەچچە چەۋەندازنىڭ ھەممىسى لۈ بۇۋېي بىلەن زىچۇنىڭ
⑩ جاۋ بەگلىكىدىن تىنچ-ئامان ئايرىلىشى ئۈچۈن ئۇرۇش مەيدانىدا جان تەسەددۇق قىلىشى موللا-دانىش، تېجىمەل-قوناق بېقىش بىلەن پەخرىلىنىدىغان جاۋ بەگلىكىنىڭ بەگ جەمەتى ۋەزىرى، سەھرا تۆرىسى جاۋ شېڭنى ھەيرەتتە قالدۇرغان ئىدى. مانا مۇشۇ ئىشتىن يەنە كىممۇ موللا-دانىش، تېجىمەل-قوناقنى چاھار بازارچىلىق قىلىپ جان باقىدىغان «ھۆپىگەر»لەر دېيەلەيدۇ؟ تېجىمەل ئاۋۇغانسېرى قاغا-قۇزغۇنلارمۇ ئارىلىشىپ قالىدۇ، ئەمەل-مەنسەب، مال-دۇنيانىڭ قولدىن كېتىشى ئۇنچىلىك ھەيران قالىدىغان ئىشمۇ ئەمەس، ئەمەل-مەنسەپ، مال-دۇنيا كۆزلەپ تېجىمەل-قوناق بولىۋالىدىغان شۇ ئىككى توك-توك چاكىنىلارنى دەپ پۈتكۈل ئىقلىمدىكى دۇرۇست نىيەتلىك موللا-دانىش، قوناق-تېجىمەللەرگە ئاھانەت قىلساڭ بۇ دۇنيادا قانداقمۇ مەرد ئوغلان تاپقىلى بولسۇن؟ شۇنداق بولغان ئىكەن، لۈ بۇۋېي ئەپۇ قىلىۋەتكەن تەقدىردىمۇ نەچچە مىڭ تېجىمەلى بىراقلا كېتىپ ئاران بىر-ئىككىسى قالغان بولسا، شۈبھىسىزكى بۇمۇ ئۆزىنىڭ كۈن چىقىش ئىقلىم بەگلىكلىرىدىكى تۆرىلەرنىڭ تېجىمەل-قوناق بېقىشى بىلەن پەرقسىز ياكى ئەخلاق-ئەردەمدىكى يېتەرسىزلىكىدىن بولغان. راستىنى ئېيتقاندا، لۈ بۇۋېي يېغىلىق بەگلىكلىرىدىكى تۆت كاتتا تۆرىنىڭ موللا-دانىش، تېجىمەل-قوناق بېقىشىنى چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى يەنى كۈچەيگەندە كېڭىيىدىغانلىقىنى، باشقا كۈن چۈشۈپ قىيامەت قىسمەتلىرىگە
يولۇققاندا بەرداشلىق بېرەلمەي قالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ نېگىزىنىڭ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەردىكى مەشھۇر تۆت تۆرىنىڭ ئەخلاق-ئەردەمنى ئەمەس بەلكى ھوقۇق-ئىمتىيازى، مال-دۇنياسىنى پەش قىلىشقا ئىنتىلىپ تېجىمەلگۇيلۇق قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ چىن بەگلىكى ئەركان-مىزانىغا تولىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئەمما لۈ بۇۋېي ئۇنداق ئەمەس ئىدى، بۇ ئۆمرىدە بىللە جاھاندارچىلىق قىلىشقان موللا-دانىش، قوناق-تېجىمەللىرى ھەددى-ھېسابسىز، ئەمما كېتىپ قايتىپ كەلگەنلىرى يوق دېيەرلىك.
لۈ بۇۋېي ئۆزىنىڭ جىنايىتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ مەنسىبىدىن ئېلىپ تاشلانغان تەدىردىمۇ تېجىمەللىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىدىغانلىقىغا زىنھار ئىشەنمەيتتى.
«لۈ بۇۋېي تەپسىرى» ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا لۈ بۇۋېي ئەڭ ئاخىرقى تەدبىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا كىرىشتى، خۇپىيانە ھالدا شەخسەن ئۆزى ئۇزىتىپ قويۇش زۆرۈر بولغان تېجىمەللىرىگە ئۈچ مەزەلىكتىن كاتتا سوۋغاتلىق تەييارلىدى. ھەر بىر سوۋغاتلىقتا بىر ساندۇق نەفس ئويۇلغان «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»، بىر تال يۈز سەر ئالتۇندىن نەفس ئىشلەنگەن كەمەر، بىر تال چۇغاي تاغلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن غۇز ئارغىمىقىدىن ئىبارەت ئۈچ نەرسە كەم بولمىدى. قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق لۈ بۇۋېي ئۈچ مەزەلىك سوۋغاتتىن يۈز كىشىلىك تەييارلىدى. ئۇ ئاز دېگەندىمۇ يۈز تېجىمەلنىڭ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. سوۋغاتلىق تەييارلايدىغان چاغدا ئايال باش غوجىدار مو خۇ ئوتتۇز كىشىلىك بولسا يېتەرلىك، قالغىدەك نەدىمۇ يۈز ئادەم بولسۇن؟ دېگەن ئىدى. كۈن پېتىش قوۋۇقتىكى قېرى غوجىدار كۆپ بولغاندا ئەللىك-ئاتمىش كىشىلىك بولسا يېتەرلىك، بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە بىھۇدە ئاۋارىچىلىق، دېگەن ئىدى. لۈ بۇۋېي يۈز كىشىلىك تەييارلاشتا جاھىللىق بىلەن قەتئىي چىڭ تۇردى ۋە «ناۋادا بۇ دۇنيا ھۆپىگەرلەر بىلەن تولۇپ كېتىدىغان بولسا ئادەملەردە ئىنساب قالمىغان بولىدۇ!» دېدى. لۈ بۇۋېي ھېلىقى كۈنى ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى سۆككەن بەگلىك مەجلىسىدىن چىقىپ كېتىپ، ھەممىدىن كۆڭلى سوۋۇغان ھالدا قەسىرگە قايتماستىن ئېغىر قەدەملىرى بىلەن ئۇدۇل مەرىپەت سارىيىغا باردى، ئاندىن دانىشمەنلەر سارىيىغا باردى. كەچتە شورپا قاينىغاندا ئۇ شەخسەن ئۆزى تاڭلىيىنى چاكىلدىتىپ تۇرۇپ تېتىپ باقماقچى، «ھۆپىگەرلەر» خۇيىنى ئالغان تېجىمەللەرنىڭ ئۆزىگە زادى قانچىلىك بەرھەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى.
ــــ قانچە شىرەلىك كەچلىك شورپا قايناتتىڭلار؟ــــ دېدى لۈ بۇۋېي ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ كۈلۈمسىرەپ.
ــــ نەچچە شىرە؟ ئۈچ يۈز شىرە قاينىتىپ بولدۇق، يەنە قانچىلىك ئادەم كەلمەكچىدىكى!
باشئاشچىنىڭ قېيداشلىرى بېسىقماي تۇرۇپلا لۈ بۇۋېي شىرە يېنىغا كېلىپ يىقىلىپ چۈشتى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ يەنە باشئاشچىنىڭ ئالدىراپ-سالدىراپ كېلىپ يۆلىشى بىلەن كۆزىنى ئاچتى، ئۇنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋە قىلماقتا ئىدى. قېرى باشئاشچى ئىنجىقلاپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالدى. شۇ ئاخشىمى لۈ بۇۋېي دانىشمەنلەر سارىيىدا قېلىپ تۈن نىسبىگىچە ئارقا-ئارقىدىن كېلىشىۋاتقان تېجىمەللەرنىڭ كېچىلىك غىزالىنىشىغا ھەمراھ بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى بىرەيلەننىڭ كېلىشىگىچە ساقلىدى. ھەممە يەر تىنجىغان تۈن نىسبىدىلا ئاندىن باش ۋەزىر مەھكىمىسىگە قايتتى. تۈن نىسبىدىن خېلىلا ئاشقان بولسىمۇ ئۇ يەنىلا باش لاۋازىمغا يەنە ئىككى يۈز ئاتمىش كىشىلىك ئۈچ مەزەلىك سوۋغاتلىق، يەنى غۇز ئارغىمىقى، يۈز سەر ئالتۇنلۇق كەمەر، بىر تاي سىچۈەن كىمخابى تەييارلاشنى تاپىلىدى. ئۇ بۇلارنى تاپىلاپ بولۇپلا مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈپ قويۇپ بېشىنى چۈمكەپ ئۇيقۇغا كەتتى.
ــــ ياراتقان ئىگەم ئۇلۇغسەن، ھىممىتىڭگە مىڭ-مىڭ شۈكرى!ــــ دېدى ئۈچ كۈندىن كېيىن ئويغانغان لۈ بۇۋېي ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ.
بۈگۈن كېچە قالدى-قاتتى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپ لۈ بۇۋېينىڭ كۆڭلى ئارام تېپىپ خېلىلا يېنىكلەپ قالدى.
ئۇ ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ يۈز ئاتمىش ئۈچ تېجىمەلنى شەخسەن ئۆزى قوبۇل قىلىپ كۈتۈۋېلىپ، ئوخشاشمىغان ئۈچ مەزەلىك سوۋغاتلىقنى ئۆز قولى بىلەن ھەر بىرەيلەننىڭ قولىغا تۇتقۇزغاندىن كېيىن:
ــــ ھەرقايسىلىرى پەقىرنىڭ «لۈ بۇۋېي تەپسىرى»نى تاماملىشىغا ھەمدەمدە بولۇپ ياردەملىرىنى ئاياشمىدىلا، نېمە دەپ ھەشقاللا ئېيتىشىمنى تىل بىلەن ئىپادىلىيەلمەيۋاتىمەن! پەقىر «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى ئۆز قولۇم بىلەن يولغا قويالمىغىنىمدىن تولىمۇ ئۆكۈنىمەن. بۈگۈن ھەر قايسىلىرىنىڭ بۇ كىتابنى پۈتكۈل ئىقلىمغا تارقىتىپ كېيىنكىلەرگە ھىدايەت يولى كۆرسىتىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇندىلا پەقىر لۈ بۇۋېينىڭ ئۆلسەممۇ كۆزۈم يۇمۇلۇپ ئارمانسىز كەتكەن بولاتتىم!ــــ دېدى ئۇھسىنغان ھالدا بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈپ. تېجىمەللەر ھاياجاندىن ئۆزلىرىنى باسالماي قېلىشتى، «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى تۈزۈشكە قاتناشقان ئوتتۇز نەچچە تېجىمەل ھەسرەت چېكىپ ئاھ ئۇرۇشتى. تاڭ سۈزۈلەي دېگەندە، ھەربىر تېجىمەل لۈ بۇۋېيغا بېشى يەرگە تەگكىدەك ئېگىلىپ تازىم قىلىپ خوشلاشتى، قەدەم ئېلىپ بولۇپ يەنە ئارقىلىرىغا بۇرۇلۇپ:
ــــ لۈ تۆرەمگە بىرەر پېشكەلچىلىك يەتكىدەك بولسا خەۋىرىنى ئاڭلىغان ھامان ئالدىلىرىدا ھازىر بولىمىز!ــــ دەپ خوشلاشتى.
ئەتىسى قاش قارايغان مەھەلدە، بىر توپ ئاتلىق ھارۋا باش ۋەزىر مەھكىمىسىدىن چىقىپ ئۇزاپ كېتىشتى.
ئۈچ كۈندىن كېيىن لۈ بۇۋېي لوياڭغا يېتىپ كەلدى. كۈتۈلمىگەندە، ئەركانبەگ سەي زې بىر توپ مېھمانلىرىنى باشلاپ ئوتتۇز چاقىرىم ئالدىغا بېرىپ كۈتۈۋالدى. مېھمانلار ئىچىدە ئالتە بەگلىكنىڭ ئەلچىلىرىمۇ، بۇرۇن تونۇشقان شەندۇڭلۇق سودىگەرلەرمۇ بار ئىدى، ھەتتا لۈ بۇۋېينىڭ پۈتكۈل ئىقلىمغا داڭقى كەتكەن نامۇ-شەرىپى، شانۇ-شەۋكىتىنى ئاڭلاپ توپلانغان موللا-تالىپلارمۇ بار ئىدى، ئۇلار لۈ بۇۋېينى ھېماتىغا ئېلىپ دەبدەبە-داغدۇغا بىلەن لوياڭ ئوردۇبالىقىنىڭ سۇيۇرغاللىق قەسىرىگە ئېلىپ كېلىشتى. چېن شۈەن، مو خۇ، كۈن پېتىش قوۋۇقتىكى قېرى باش غوجىدار قاتارلىقلار خۇشاللىقىدا قىن-قىنىغا پاتماي خېلى بۇرۇنلا ئالتە يۈز نەچچە شىرەلىك كاتتا زىياپەت ھازىرلاپ قويۇشقان ئىدى. لۈ بۇۋېي ئىلاجسىز زىياپەتكە قاتناشتى.
زىياپەت ئارىلىقىدا، شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىكنىڭ ئەلچىلىرى تۇشمۇ-تۇشتىن لۈ بۇۋېينى ئۆز بەگلىكلىرىگە بېرىپ باش ۋەزىرلىك قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىشىپ تۇرۇۋېلىشتى. مەي-شارابنىڭ كۈچى بىلەن مېھمانلار چىن بەگلىكىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي مەسخىرە قىلىشىپ « ئەسلى تەگ ئۇرۇقى يات تائىپىلەر پۇشتىدىن بولمىش چىن ھالا بۈگۈنكى كۈندە لاۋزىلىشىپ ئۆزلىرىنى مۆتىۋەللىلەردىن ساناپ يۈرۈپتۇ-دە! ئانچىكى بىر ئىشنى جىنايەت ھېسابلىشىپ جىنايەتلىرىنى ئىرپانبەگكە دۆڭگەپ قويۇشقانلىرىنى قارىمامدىغان، شۇنچە كاتتا مەرىپەت ساھىبىنى يەرگە ئۇرغىدەك بولۇشۇپتۇ!» دېيىشتى. ئالتە بەگلىك ئەلچىلىرى خېلىغىچە ھاياجانلىنىپ ئۆز بەگلىكلىرىدىكى باش ۋەزىرلەرنىڭ مەلىكىلەر بىلەن بولۇپ ئۆتكەن ئاشنادارچىلىقلىرىنى سۆزلىشىپ كېتىشتى، بىرى دېسە بىرى تولۇقلاپ، بەس-بەستە ئىسپات-گۇۋاھلارنى كەلتۈرۈشۈپ، تالاش-تارتىش قىلىشىپ گۈرەن تومۇرلىرىنى كۆپتۈرۈشۈپ، شالىلىرىنى چېچىشىپ قىزىرىشىپمۇ كېتىشتى. لۈ بۇۋېي تولىمۇ بىئارام بولۇپ ئورنىدىن تۇردى ۋە:
ــــ جانابىي ئەلچىلەر، ئۆز بەگلىكلىرىڭىزلەرنىڭ بەگلىرىگە يەتكۈزۈپ قويۇشقايسىزلەر، كەمىنە لۈ بۇۋېي چىن بەگلىكىدە يىگرىمە نەچچە يىلدىن بېرى باش ۋەزىرلىك قىلىش داۋامىدا چىن بەگلىكىگە ئالا كۆڭۈللۈك قىلىپ باقمىدىم. بۈگۈن ۋەزىپەمدىن ئېلىپ تاشلىنىپ قايتىپ كېلىپمۇ يەنە داۋاملىق چىن بەگلىكى ئۈچۈن رىجە-تەدبىرلەر تۈزۈپ باش قاتۇرماقچىمەن، زادىلا باشقا بەگلىككە بېرىپ ۋەزىرلىك قىلىش نىيىتىم يوقتۇر. كەمىنىلىرىنىڭ بۇ نىيىتىگە تەڭرىم گۇۋاھدۇر!ــــ دەپ جاۋاب بەردى.
لۈ بۇۋېينىڭ ئەدەب بىلەن ئۆزرە ئېيتىپ رەت قىلىشى شەندۇڭلۇق ئەلچىلەرنى تولىمۇ تەڭقىسلىقتا قالدۇرغاچقا دەماللىققا گەپ قىلالماي قالدى. شۇنداقتىمۇ ئەركانبەگ سەي زې بىلەن بىرمۇنچە مەشھۇر ئەربابلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇۋېلىشى نەتىجىسىدە، شاھانە زىياپەت-بەزمىلەر توپ-توغرا ئۈچ كۈن داۋاملاشتى. مېھمانلارمۇ ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىپ- كېتىپ تۇردى، ھەددى-ھېسابسىز سوۋغا-سالاملار بەئەينى كىچىكرەك بىر تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتتى، شۇ تاپتا ئالەمچە شادلىق ئىلكىگە چۆمگەن سەي زېنىڭ ئاغزى يۇمۇلماي نېمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالدى...
ھەش-پەش دېگۈچە قىش كېتىپ باھارمۇ يېتىپ كەلدى، 3-ئايدىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ كۈنلىرىنىڭ بىرىدە چىن بېگىنىڭ يارلىقى لوياڭغا يېتىپ كەلدى.
چىن بېگىنىڭ خاس مەھرەمبېگى مېڭ ۋۇ يارلىقنى دۇدۇقلاپ-كېكەچلەپ دېگىدەك ئوقۇدى: «چىن بېگىنىڭ يارلىقى: ئىرپانبەگ لۈ بۇۋېي مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلانغان بولسىمۇ ئالتە بەگلىكنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن قانۇنسىز ئۇچرىشىپ، بۈيۈك چىن بەگلىكىنىڭ ئىناۋەت-ئابرويىغا داغ كەلتۈردىلەر. مەزكۇر تۆرىنىڭ تۆھپىسىگە خېنەندىكى يۈز مىڭ تۈتۈن سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن تۇرۇغلۇق نېمىشقا ئۆزىنى چەتكە ئالمايدۇ؟ ئۇنىڭ چىنغا بولغان ساداقىتى ئۈچۈن پەدەرلىك ئۇنۋانى بېرىلگەن تۇرۇغلۇق نېمىشقا بەگلىكنىڭ ئىناۋەت-ئابرويىنى ئويلاپ قويمايدۇ؟ ئىرپانبەگ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى، مەسلەكداشلىرى دەرھال باشۇغا(11) بېرىپ ماكانلاشسۇنلەر! چىن بەگلىكى سەلتەنەتىنىڭ 11-يىلى، باھار».
ــــ گېزى كەپتۇ-دە!ــــ لۈ بۇۋېي يېنىك ئۇھسىنىپ قويدى.
ــــ ئىرپانبېگىم، قا... قاچان يولغا چىقىدىلىكىن؟ ــــ دېدى مېڭ ۋۇ قىينىلىپ كېكەچلەپ.
ــــ ھەمدەمبەگ، ئازراق تەخر قىلغايلا!ــــ لۈ بۇۋېي بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈپ قويۇپ كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ كەتتى.
خېلى بىر ھازاغىچە ھېچ سادا بولمىدى، ساراينىڭ ئىچى-تېشى شۇنچىلىك تىمتاس ئىدى. ئۇشتۇمتۇت غەيرىيلا بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، مېڭ ۋۇنىڭ يۈرىكى «قارت» قىلىپ ئاغقاندەك بولدى-دە، ئوقتەك ئېتىلىپ كۇتۇپخانىغا كىردى، كۇتۇپخانىدىكى مەنزىرىدىن مېڭ ۋۇ ياغاچتەك قېتىپ تۇرۇپلا قالدى، كىتاب شىرەسى ئالدىدا تۇم قىزىل كىمخاب لىباس كىيگەن لۈ بۇۋېي تىك ئولتۇراتتى، ئاقارغان چاچلىرىغا ياراشقان قارا تاج ئۇنىڭ سۈر-سۆلىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى، جاۋغىيىدىن بىر تېمىم قىزغۇچ شۆلگەي ئېقىپ چۈشكەن بولۇپ، چىرايىدىن ئەبەدىي يوقالمايدىغان قىرانلىق سۈلكىتى چىقىپ تۇراتتى...
مېڭ ۋۇ ئىرپەنبەگنىڭ ئالدىغا كېلىپ بېشى يەرگە تەگكىدەك ئېگىلىپ ئۈچ تازىم قىلدى-دە، كۇتۇپخانىدىن چىقىپ ئارغىمىقىغا مىنىپ شيەنياڭغا ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى.

ئىزاھاتـلار
①بۇنىڭدىن تەخمىنەن 4600 يىللار بۇرۇن، خۇاشيا مىللىتى (خەنزۇ) نىڭ بۇزرۇكۋارى خۇاڭدى رەقىبى يەندىنى ئۇرۇشتا مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن، جەنۇبىي جۇڭگودىكى چىيو قەبىلىسىگە جازا يۈرۈشى قىلىپ بىرمەيدان قۇچاقلاشما جەڭدىن كېيىن چىيونى ئۆلتۈرۈپ، بىرمۇنچە قەبىلىلەرنى ئۆزلىرىگە قوشۇۋېلىپ بۈگۈنكى خۇاشيا (خەنزۇ) مىللىتىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاساسىنى تىكلىگەن.
② ئىنايەت ياغدۇرغۇچى خۇيۋېنۋاڭ (مىلادىدىن بۇرۇنقى 356-يىلى تۇغۇلۇپ 45 يېشىدا، يەنى 311-يىلى ئۆلگەن) بۆھتان چاپلانغان شاڭ تۆرە، يەنى شاڭ ياڭنى ئاتقا سۆرىتىپ تېنىنى پارە-پارە قىلىپ ئۆلتۈرگەننى ئاز دەپ ئۇنىڭ جەددى-جەمەتىنى قۇرتۇۋەتكەن.
③ جۇڭگو تارىخىدا ئىككى چى خۇەنگۇڭ ئۆتكەن. بىرى ئەمىنىيە دەۋرىدىكى چى خۇەنگۇڭ بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 685-يىلىدىن 643-يىلىغىچە ياشىغان، فامىلىسى جياڭ بولۇپ، چى بەگلىكىنىڭ 3-ئەۋلاد بېگى. يەنە بىرى يېغىلىق دەۋرى يەنى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى
چى خۇەنگۇڭ، چى بەگلىكىنىڭ بېگى.
④ جۇاڭجۇ، يەنى جۇاڭ زى، يېغىلىق دەۋرىدىكى مەشھۇر پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇر، ئەدىب، مىلادىدىن بۇرۇنقى 369-يىلى تۇغۇلۇپ 286-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. لۈ بۇۋېينىڭ بۇ يەردە نەقل قىلغىنى مۇنداق بىر ھېكايەت: بىر كۈنى جۇاڭ زى كېپىنەككە ئايلىنىپ قېلىپ چۈش كۆرۈپتۇ، كېپىنەككە ئايلىنىپ ناھايىتى ئېگىز ئۇچۇپتۇ، شۇنچىلىك خوش بلۇپ كېتىپتۇ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدە جۇاڭ زى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپتۇ. ئۇشتۇمتۇت ئويغىنىپ كېتىپ ئۆزىنىڭ جۇاڭ زى ئىكەنلىكى ئېسىگە كەپتۇ ۋە «مەن ئەسلىدە جۇاڭ زى ئىكەنمەن ئەمەسمۇ» دەپ ھەيران قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن جۇاڭ زى «ئادەم ئۆزىنىڭ چىنلىقىنى قانداق تونۇشى كېرەك؟ ناۋادا ئادەمنىڭ چۈشى ئوڭىغا ئايلىنىدىغان بولسا ئادەمنىڭ چۈش كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلىش ئىقتىدارى بولمىغان بولاتتى» دېگەن بىر پەلىسەپەلىك مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان.بۇ ھېكايەتنىڭ مەناسى ئادەم قۇرۇق خىيالغا بەنت بولۇپ ياشىماسلىقى كېرەك، دېگەندىن ئىبارەت (ت).
⑤ باشۇلۇق تۇل خوتۇن چىڭ: جۇڭگودىكى تۇنجى ئايال كارخانىچى، ھازىرقى ۋاقتتىكى پۇل قىممىتى بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ مىلياردېرلاردىن سانىلىدۇ، چىن شىخۇاڭ نەزەرىدىكى «ئىپپەتلىك ئايال». سىچۈەنىڭ چۇڭچىڭ ئەتراپىدىكى ئاددىي پۇقرا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇ زامانلاردا پەقەت ئاقسۆڭەكلەرنىڭلا فامىلىسى بولغاچقا، بۇ ئايالنىڭ فامىلىسى بولمىغان. سىماپ سولفىد رۇدۇسى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ زىيادە بېيىپ كەتكەن. بايلىقىنى سەددىچىن سېپىلى سوقۇشقا ئىئانە قىلىۋەتكەن. سىما چيەننىڭ «تارىخنامە» سىدە بۇ ئايالنىڭ تەزكىرىسى خاتىرىلەنگەن.(ت)
⑥ لاۋ ئەي ۋەقەسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
⑦ قەدىمقى جۇڭگودا ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلار يەنى ئۈچ تۆرە، ئالپ سانغۇن، سانغۇن دېگەندەك ئەمەلدارلار ئىچىدە ئالاھىدە تۆھپىسى بارلارنىڭ مەھكىمىنى ئۆز قەسىرىدە تەسىس قىلىشىغا يول قويۇلاتتى.
⑧ مېڭ چاڭ تۆرە يېغىلىق دەۋرىدىكى چى بەگلىكىنىڭ ئېسىلزادىسى. زامانىسىدا «يېغىلىق دەۋرىدىكى تۆت تۆرە» نىڭ بىرى. چى بېگى ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەن، تېجىمەلخانىسىدىكى تېجىمەل-قوناقلاردىن نام-ئەمەل بېرىلگەنلىرىلا ئۈچ مىڭ بولغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە نەچچە مىڭ تېجىمەل-قوناقلىرى ئاتارمەن-چاپارمەن بولغان. خەن، ۋېي بەگلىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ چۇ، چىن، يەن بەگلىكلىرىنى مەغلۇب قىلغان. بىر مەھەل چىن بەگلىكىدە ۋەزىر بولغان، ئۇزاق ئۆتمەي چىن بەگلىكىنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 294-يىلى تيەن جيا توپىلىڭىدا ۋېي بەگلىكىگە قېچىپ بېرىپ ۋېي بەگلىكىنىڭ ۋەزىرى بولغان، چىن بەگلىكى بىلەن بىرلىشىپ چى بەگلىكىنى جازالاشنى تەشەببۇس قىلغان، كېيىنچە يەن، جاۋ بەگلىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ چى بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلغان. ئۇنىڭ تېجىمەل-قوناقلىرى بەك كۆپ بولغانلىقتىن قاغا-قۇزغۇن تىپىدىكى ئوغرى-يانچۇقچىلارمۇ سوقۇنۇپ كىرىۋالغان، ئەمما نۇرغۇنلىرى يەنىلا موللا-دانىش، ئەللامە-ئۆلىمالاردىن بولغان.
⑨ ليەن پو: جىنياڭلىق (بۈگۈنكى شەنشى تەييۈەن).مىلادىدىن بۇرۇنقى 327-يىلىدىن 243-يىلىغىچە ياشىغان جاۋ بەگلىكىنىڭ مەشھۇر سانغۇنى، مەشھۇر ھەربىي ئالىم. بەي چى، ۋاڭ جيەن، لى مۇ بىلەن بىر قاتاردا «يېغىلىق دەۋرىدىكى تۆت مەشھۇر سانغۇن» دەپ شۆھرەت قازانغان.
⑩زىچۇ: چىن بېگى جۇاڭشياڭۋاڭ (مىلادىدىن بۇرۇنقى 281-يىلى تۇغۇلۇپ 247-يىلى ئۆلگەن). ئەسلى ئىسمى يىرېن، ئەن گو تۆرە بىلەن شيا جىنىڭ ئوغلى، كېيىن چۇ بەگلىكىدىن بولغان خۇا ياڭ خانىم بېقىۋېلىپ، ئىسمىنى ئۆز بەگلىكىنىڭ نامىغا يەنى چۇ غا ئۆزگەرتكەن (چۇ ئوغلى). 250-يىلىدىن 247-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان. بۇ كىشى دەل بۈيۈك چىن شىخۇاڭنىڭ ئاتىسىدۇر. يىرېن قىران چاغلىرىدا جاۋ بەگلىكىنىڭ ئاستانىسى خەندەندە تۇراتتى، چىن بەگلىكى كۆپ قېتىم جاۋ بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلغانلىقتىن، يىرېن خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان، بۇ چاغدا ۋېي بەگلىكىدىن كەلگەن كاتتا سودىگەر لۈ بۇۋېي بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، بۇ يىگىت ئۈستىدە بىر سىياسىي قىممار ئويناشنى قارار قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ئامال قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تومۇشۇپ قەدىناس دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ. لۈ بۇۋېي نۇرغۇن ئالتۇن سەرپ قىلىپ چىن بېگى شياۋۋېنۋاڭ ئاشىق بولۇپ يۈرگەن خۇا ياڭ خانىمنى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا شياۋۋېنۋاڭغا يىرېننى پەرپۇغ(ۋەلىئەھد) قىلىشقا نەسىھەت قىلىشنى ئېيتىدۇ. چۇ بەگلىكىدە تۇغۇلغان خۇا ياڭ خانىمنىڭ تېخىمۇ ئامراقلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن لۈ بۇۋېي يىرېنغا ئىسمىنى زىچۇغا ئۆزگەرتكۈزىدۇ. 250-يىلى چىن بېگى شياۋۋېنۋاڭ تۇيۇقسىز زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، زىچۇ تەختكە ۋارسلىق قىلىدۇ. زىچۇ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن خۇا ياڭ خانىمنى ئەزىزلەپ بەگ ئانا قىلىدۇ، لۈ بۇۋېينى ھەمدەمبەگ قىلىپ، ئىرپانبەگلىك ئوتۇغاتى بېرىپ، لوياڭدىن 100 مىڭ تۈتۈننى سۇيۇرغال قىلىپ بېرىپ، بەگلىك سەلتەنەتىنىڭ ئالىي ئىمتىيازىنى تاپشۇرىدۇ. شۇ چاغدا، جۇ بەگلىكى تەۋەسىدىكى كىچىككىنە سۇيۇرغال بەگلىك غەربىي جۇ 256-يىلى چىن بەگلىكى لەشكەرلىرى تەرىپىدىن ھالاك قىلىنغان بولۇپ، جۇنەنۋاڭ كېسەل بىلەن ئۆلۈدۇ، غەربىي جۇ بەگلىكى دەنخۇجۈ دېگەن يەرگە (بۈگۈنكى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لىنرۇ ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالى) كۆچۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، كىچىك سۇيۇرغاللىق بەگلىك شەرقىي جۇ تېخى مەۋجۇد ئىدى. 249-يىلى شەرقىي جۇ بەگلىكىنىڭ بېگى بىرقانچە تۆرە بىلەن بىرلىشىپ، چىن بەگلىكىنى يوقاتماق بولىدۇ. يىرېن بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ دەرھال لۈ بۇۋېينى بىر لەك (100 مىڭ) چىن لەشكىرىگە قوماندانلىق قىلىپ جازا يۈرۈشى قىلىشقا ئەۋەتىدۇ، لۈ بۇۋېي شەرقىي جۇ بەگلىكىنى بىراقلا ھالاك قىلىپ، ئاستانىسى ۋە يەتتە قەلئەسىنى ئىشغال قىلىدۇ، شەرقىي جۇ بەگلىكىنىڭ بېگىنى ياڭرېنجۈ (بۈگۈنكى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لىنرۇ ناھىيىسىنىڭ غەربىدە) غا قوغلىۋېتىدۇ، جۇ بەگلىكىنىڭ ئاخىرقى قالدۇقلىرى يوق قىلىنىدۇ.247-يىلى زىچۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەندىن كېيىن جۇاڭشياڭۋاڭ، دېگەن نام بېرىلگەن.
(11) باشۇ : بۈگۈنكى سىچۈەننىڭ شۇ زاماندىكى ئاتىلىشى.


ئۈچىنچى، رەزىللىك ئاشكارىلانغاندا ئەركان شەمشىرى بىلەن تۈزەتمەك زۆرۈر بولغانلىقى

لۈ بۇۋېي ئۆلۈمىنىڭ ئالەمنى مالەم قىلىۋەتكىدەك بوران-چاپقۇنلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى يىڭ جېڭ ئويلاپ يەتمىگەن ئىدى.
سەنچۈەن ئايمىقىنىڭ ۋالىيسىدىن كەلگەن خۇپىيانە مەلۇماتتا :«ئالىيلىرىغا مەلۇم بولغايكى: لۈ بۇۋېي تۇيۇقسىز قۇزغۇن ئۆتى تېمىتىلغان ھاراق ئىچىۋېلىپ ئۆلۈۋالغاندىن كېيىن تارقىلىپ كەتكەن تېجىمەل-قوناقلىرى تۇشمۇ-تۇشتىن لوياڭغا توپلاندىلەر، ئەينى يىللاردىكى لۈ ھەزرەت سودا سارىيى بىلەن قويۇق ئالاقە-مۇئامىلىلەردە بولغان كاتتا زەردار، باي سودىگەرلەرمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ مىيىت ئۇزىتىش باھانىسىدە بۇ يەرگە جەم بولدىلەر،ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشنى بىئەپ كۆرگەن ئالتە بەگلىكنىڭ بەگلىرى ۋە باش ۋەزىرلىرى بولسا خۇپىيلىرى ۋە خۇسۇسىي ئەلچىلىرىنى تەزىيە بىلدۈرۈشكە مەخپىي ئەۋەتىپتۇرلەر! ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى شۇدۇركى، ھالى خارابلىشىپ زاۋالى توشۇپ قالغان ۋېي بەگلىكى ئەرباببەگنى① ئەۋەتىپتۇرلەر. ئۇلار پەۋقۇلئاددە ئەلچى سىياقىدا پۇياڭ قەلئەسىدىكى قارىلىق لىباس كىيگەن يۈزدىن ئارتۇق ئەمەلدارلىرىىنى باشلاپ، «ۋەتەن ئىرپانبەگنى دەپنە قىلىدۇ» دېگەن چوڭ خەتلىك تۇغ-ئەلەملىرىنى كۆتۈرۈشۈپ لوياڭغا كىرىپ، ۋېي بەگلىكىنىڭ لۈ بۇۋېينىڭ جەسىدىنى پۇياڭغا ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلىدىغانلىقى خۇسۇسىدا ئاشكارا داۋراڭ سالدىلەر! ھەپتە-ئون كۈنلەردىن بۇيان، لۈ بۇۋېينىڭ لوياڭدىكى سۇيۇرغاللىقىدا توپلانغان تېجىمەللىرى نەچچە مىڭدىن ئېشىپ كەتتىلەر!» دېيىلدى.
ئەسلىدە، چىن بېگىنىڭ خاس مەھرىمى مېڭ ۋۇنىڭ لوياڭغا بارغانلىقى خۇسۇسىدىكى ئىشتىن سەنچۈەن ئايمىقىنىڭ ۋالىيسى بىخەۋەر ئىدى، يارلىقنى يەتكۈزۈپ بولۇپ ئاندىن ئايماق ۋالىيسىنى يوقلاپ بارارمەن، دەپ ئويلىغان مېڭ ۋۇ لۈ بۇۋېينىڭ ئۆلۈۋالغانلىقىنى بىلىپ ئالدى-كەينىگە، ئىككى يېنىغا تارتىشماي كېچىلەپ ئۇدۇللا ئاستانە شيەنياڭغا قايتتى. سەنچۈەن ئايمىقىنىڭ ۋالىيسى لۈ بۇۋېينىڭ ئۆلۈمىدىن تولىمۇ تەساددىپىيلىق ھېس قىلىپ، ئۆلۈم خەۋىرىنى ئىشتكەن ھامان ئۆزى بىۋاسىتە لۈ بۇۋېي قەسرىگە بېرىپ بۇ خەۋەرنىڭ راست-يالغىنىنى تەكشۈردى.لۈ بۇۋېينىڭ جەسىدىنى كۆرگەن سەنچۈەن ئايمىقىنىڭ ۋالىيسى چۆچۈپ كەتتى ۋە دەرھال ئايماق كاھبېگى بىلەن ئايماق تەپتىش بېگىنى② دوبۇلغا-ساۋۇتلۇق 200 پىيادە چېرىكنى ئىرپانبەگ قەسرى بىلەن ئىرپانبەگنىڭ جەسىدى ساقلانغان قەسىر كۇتۇپخانىسىنى كېچە-كۈندۈز ساقلاشقا تەيىن قىلىپ ئەۋەتىپ، كېچىكتۈرمەي ئاستانە شيەنياڭغا تېز مەلۇمات يوللىدى. سەنچۈەن ئايمىقىنىڭ ۋالىيسى چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانىدا ۋەزىر ئۆلسە دادخاھ ۋەزىر مەھكىمىسى جەسەدنى تەكشۈرۈپ ئۆلۈم سەۋەبىنى بېكىتىدۇ، ئاندىن چىن بېگى يارلىق چۈشۈرۈپ مىيىت ئۇزىتىش مۇراسىمىنىڭ دەرىجىسىنى بېكىتكەندىن كېيىنلا يەرلىكىدە قويۇشقا بولىدۇ؛ ئالىي مەرتىۋىدىكى تۆرە-تارخانلار ئۆز سۇيۇرغاللىقىدا ئۆلگەن بولسا، يەرلىك ئەمەلدارلار ئۆلگۈچىنىڭ قەسىرىنى ۋە جەسىدىنى قورۇقدايدۇ ھەمدە ئاستانە شيەنياڭغا ئوردىنىڭ قارار چىقىرىشىغا جىددىي مەلۇمات يوللايدۇ، دېگەن بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن دەرھال شيەنياڭغا مەلۇمات يەكۈزۈشنى قارار قىلغان ئىدى.
ئايماق ۋالىيسى ئەركان-مىزاندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقان پەيتتە، ئەھۋالدا كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەر بولۇشقا باشلىدى.
قەدىمدىن بۇيان ئۇدۇم بولۇپ كەلگەن دەپنە مۇراسىمى ئۆلگۈچىنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ دەرىجىسى قانداق بېكىتىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بىرىنچى تەرتىپ ئىدى. بۇ تەرتىپ «ئىپتىدا مۇراسىمى»،دېيىلىپ، جەسەت رۇسلاش، ئەرۋاھ چىللاش، جەسەت قويۇش، جەسەت پەردىسى چۈشۈرۈش ئىشلىرى ئورۇندىلاتتى③. بۇ تۆت رەسم-يوسۇن تاماملانغاندىن كېيىنلا
ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر شۇ كىشىنىڭ جان ئۈزگەنلىكى خۇسۇسىدا خەۋەر بېرەتتى، ئاندىن ئۆلگۈچىنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ دەرىجىسى بېكىتىلەتتى. جەسەت رۇسلاشتا ئۆلگۈچىنىڭ جەسىدى قەسىرنىڭ باش تەرىپىدىكى تۆرھۇجرىغا ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويۇلاتتى، بۇ، ئۆلگۈچى ئۆمرى ئاخىرلاشقاندا بولسىمۇ تۆر ھۇجرا راھىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋالسۇن، دېگەنلىك بولاتتى. جەسەت تۆر ھۇجرىغا ياتقۇزۇلغاندىن كېيىن دەرھال پىرىخۇن تەكلىپ قىلىنىپ تەرتىپ بويىچە ئۆلگۈچىنىڭ ئەرۋاھى چاقىرىلاتتى. پىرىخۇن ئۆلگۈچىنىڭ كىيىمىنى چاڭگاللاپ تۇتۇپ سۆرەپ خانىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى لەمپىسىدىن قەسىرنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە چىقىپ، يۇقىرى تەرەپكە قاراپ: «ھويييي پالانى-پۇستانى، قايتىپ كەلسىلە!» دەپ ئۈچ مەرتە توۋلايتتى، ئاندىن ئۆلگۈچىنىڭ كىيىمىنى قەسىر ئۆگزىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن تاشلايتتى، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مەخسۇس تەييارلانغان ياغاچ ساندۇققا چۈشۈرۈۋالاتتى، ئاندىن ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ ئۆلگۈچىنىڭ ئۈستىۋېشىغا يېپىپ قوياتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۆلگۈچىنىڭ روھ-ئەرۋاھى ئۆز تېنىگە قايتىپ كەلگەن بولاتتى. ئەرۋاھ چىللاش تاماملانغاندىن كېيىن ئۆلگۈچىنىڭ جەسىدى جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى، بۇ دەسلەپكى ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ، جەسەت ساندۇقىغا سېلىشنىڭ تەييارلىقى ئىدى. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئۆلگۈچىنىڭ چىشىغا شىنا قېقىلىدۇ، يەنى جەسەد سوۋۇپ قاتقاندا ئاغزى يۇمۇلۇپ قالىدۇ، شۇڭا جان چىققانلىقى بىلىنگەن ھامان مۈڭگۈز قوشۇق ئۆلگۈچىنىڭ چىشلىرى ئارىسىغا تىقىپ ئوچۇقچىلىق قويۇلۇپ، دەپنە مۇراسىمى دەرىجىسى رەسمىي بېكىتىلىپ جەسەد ساندۇقىغا سالغۇچە ئۆلگۈچىنىڭ ئېغىزىغا قاشتېشى چىشلىتىپ قويغىچىلىك چاك قالدۇرۇلىدۇ؛ ئاندىن جەسەد ساندۇقىغا سالىدىغاندا ئۆتۈك كىيگۈزۈشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن پۇتلىرى جۈپلەپ توختىتىلىدۇ، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ ئىككى پۇتى ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن پاكار شىرەگە باسۇرۇلۇپ كەندىر تانىسى بىلەن تۈز قىلىپ مەھكەم باغلاپ قويۇلىدۇ. جەسەد قويۇش تەقلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر گۆش، گۆشلۈك قىيما، ئۈزۈم ھارىقىدىن ئاددىي ئىپتىدا نەزىرلىك تەييارلاپ، جەسەدنى ساندۇققا سېلىشتىن بۇرۇن كۆرگىلى كەلگەنلەردىن چىمىلدىق ياكى پەردە ئارقىلىق ئايرىپ، پەردە-چىمىلدىق سىرتىدا مىيىت يوقلاپ كەلگەنلەرگە مىيىتخانىدا (دەسلەپتە دەپنە مۇراسىمى دەرىجىسىنى بېكىتكىچە بولغان ئارىلىقتىكى مىيىتخانا بىلەن باراۋەر) نەزىر بېرىلىدۇ، مانا بۇ پەردە چۈشۈرۈش شۇنىڭ بىلەن تاماملانغان بولىدۇ. مۇشۇ بىرقاتار تەرتىپلەر تاماملىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن ئائىلە باشلىقى چاسا سەپ تۈزۈپ تەرەپ-تەرەپكە مۇسىبەت خەۋىرى يەتكۈزىدۇ، مۇشۇ يوسۇندا رەسمىي دەپنە تەرتىپى باشلىنىدۇ.
ئۇنداق قىلىنمىغاندا مىيىت كۆرگىلى كەلگەنلەر ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۆلگۈچىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى، ئىززەت-ئابرۇيىنى قىلمايدىكەن، دەپ بىلىپ پىتنە-پاساتلار تارقىتىشىدۇ.
شەندۇڭدىكى ھەر تەبىقە-ساھە زاتلىرىنىڭ تۇشمۇ-تۇشتىن لوياڭغا كېلىشى ئەسلىدە مىيىت ئۇزىتىش ئۈچۈنلا ئىدى، يەنى چىن بەگلىكى رىياسەتچىلىكىدىكى دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، لۈ بۇۋېي بىلەن ئاخىرقى قېتىم ۋىدالىشىۋېلىش ئىدى.
دەپنە مۇراسىمىغا كەلگەنلەر يول بويى ھەسرەت-نادامەتتە مەرسىيە ئوقۇپ لوياڭغا يېتىپ كېلىشتى، ھازىدارلارغا چۈشكۈن، قارىلىق لىباس، نەزىر، مىيىت ساقلاش قاتارلىق يوسۇنلار ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىلمىگەننىڭ ئۈستىگە بىرەر مىيىتخانىمۇ تەييارلانمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاران-ئاران تۇرۇۋاتقان ماتەم قايغۇسى غەزەبكە ئايلاندى. ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىشىۋاتقان ھازىدارلار ئىرپانبەگ قەسرىدە ئۆزئارا تىڭ-تىڭلىشىپ، لۈ بۇۋېينىڭ ئۆز قەسىرىدىكى كۇتۇپخانىسىدا جان ئۈزگەنلىكى، خانىمى چېن شۈەن بىلەن باش غوجىدارنىڭمۇ بۇ ئالەمدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ قۇزغۇن ئۆتى ئىچىپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ لۈ بۇۋېينىڭ يېنىدىلا ئۆلۈۋالغانلىقى، بۇ چاغدا جەسەد مۇزلاپ ئەسلى جايىدىلا تاشلىنىپ قالغانلىقى، ئىپتىدا مۇراسىمىنىڭ بىرەرسىمۇ بەجا كەلتۈرۈلمىگەنلىكىدىن خەۋەردار بولۇشتى. بۇ خۇسۇستا چىن بەگلىكىنىڭ ئايماق ۋالىيسى مىيىتنى قورۇغداپ ئەركان-مىزان بويىچە تەكشۈرپ، دەپنە مۇراسىمى ھەققىدىكى ئىشلارنى بەگنىڭ قارار قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، دەپلا جاكارلىدى.
ــــ چىننىڭ بۇ ئەركان-مىزانى ھايۋانلارچە قىلىق!ــــ ھازىدارلار غەزەبتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كېتىشتى.
قەدىم-قەدىمدىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن يوسۇن بويىچە دەپنە مۇراسىمى بارلىق مۇراسىملاردىن داغدۇغىلىق، ئەستايىدىل ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مۇراسىم تەرتىپىنى خاھلىغانچە ئۆزگەرتىش، تېجەشلىك قىلىمەن دەپ چۈكىنەم-غورىگۈللەشتۈرۈش قاتتىق مەنئىي قىلىنغان. ئەجدادلار سۆزىدىمۇ كەتكەنلەر ئەزىزدۇر، دېيىلگەن. يەنە شۇنداق ئاتىلار سۆزىمۇ باركى، ئۇنىڭدا توينى تېجەشلىك قىل، مىيىتنى ھەشەم-دەرەم بىلەن، دېيىلگەن. بابايى-ئەجدادلاردىن قالغان بۇ تەۋەرۈك كالاملاردىنمۇ زامانى ئەۋۋەلدىن تارتىپ مىيىت ئۇزىتىشنىڭ تولىمۇ مۇقەددەسلىكى چىقىپ تۇرۇپتۇ. يېغىلىق دەۋرىگە كەلگەندە، دەپنە ئىشلىرىدىكى ئادەت تەرتىپلىرى خېلىلا ئاددىيلىشىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئەقەللىي تەرتىپلىرى ھېلىھەم ئۆزگەرگىنى يوق، كىشىلەرنىڭ دەپنە يوسۇنلىرىدىكى مۇراسىمنى ئەزىز بىلىشى ھېلىھەم بۇرۇنقىدەكلا بولۇپ قىلچە ئۆزگەرمىدى. يېغىلىق زامانىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئاخىرقى مەزگىلىگىچە ياشاپ ئىجاد قىلغان بۈيۈك ئۇستاز، ئەدىب، مۇتەپەككۇر شۈن زىنىڭ: «مۇراسىم ـــ تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈمنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېھتىيات بىلەن بىر ياقلىق قىلماق، دېمەكتۇر. تۇغۇلۇش ـــ كىشىلىك ھاياتنىڭ باشلىنىشى بولسا، ئۆلۈم كىشىلىك ھاياتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدۇر. بۇ خىل باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىشنى ياخشى بىر ياقلىق قىلغاندا ئادىمىيلىكمۇ تامامى مۇكەممەللىكىنى تاپىدۇ! شۇڭا، ئالىيجانابلار كىشىلىك ھاياتنىڭ باشلىنىشىغا جىددىي-ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىقى ۋە ئۇنىڭ ئاخىرىغا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلمىقى ۋاجىبتۇر. كىشىلىك ھاياتنىڭ بۇ خىل باشلىنىشى بىلەن ئاخىرلىشىشىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئالىيجانابلار ئەسلىيەت ئەركانى ۋە مۇراسىمنىڭ ئۇجۇر-بۇجۇر مىزانىدۇر. ئادەمنىڭ ھايات چېغىنى قەدىرلەپ ئۆلۈمىنىڭ ئېتىبارىنى قىلماسلىق ھايات ئادەمگە سېزىمى بار، دەپ قىلىنغان خۇشامەتگۇيلۇق بولسا ئۆلگەن ئادەمگە سېزىمى يوق، دەپ قىلىنغان پەسەندىلەرچە ھۆرمەتسىزلىكتۇر، بۇ، پەسەندىلەرچە، بىدئەتلەرچە ئەسلىيەت ئەركانىدۇر، شۇنىڭدەك باشقىلارغا بولغان خىيانەتكارانە قەلبنىڭ ئەقەللىي ناماياندىسىدۇر. ئالىيجانابلار مانا مۇشۇنداق باشقىلارغا بولغان خۇسۇمەت-خىيانەتكارانە دىلى بىلەن قۇللارغا، بالىلارغا مۇئامىلە قىلماقتىن نومۇس قىلىشى لازىم، شۇنىڭدەك ھەتتا مانا شۇنداق ئىپلاس دىلى بىلەن ئۆزى ئەزىزلىگەن بەگلەر ۋە ئاتا-ئانىسىغا ئىقتىدا قىلىش تېخىمۇ نومۇسسىزلىقتۇر! يەنە ئالايلۇق: ئۆلۈمنىڭ بىر قانۇنىيىتى بار، يەنى ھەر بىر ئادەم بىرلا قېتىم ئۆلۈدۇ ھەم بۇ ئۆلۈم زىنھار تەكرارلانمايدۇ، شۇڭا ۋەزىرلەرنىڭ بەگلەرگە بولغان ھۆرمىتى، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىغا بولغان ھۆرمىتى دەل مانا مۇشۇ چاغدا يۈكسەك پەللىگە يەتكەن بولىدۇ. شۇڭا تىرىكلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلارنىڭ ساداقەتسىزلىكى، ھۆرمەتسىزلىكى قوپاللىقتۇر؛ ئۆلگەنلەرنى ئۇزاتقۇچىلارنىڭ ساداقەتسىزلىكى، ھۆرمەتسىزلىكى پىت كۆزلۈكتۇر. ئالىيجانابلار قوپاللىق بىلەن پىت كۆزلۈكنى كۆزگە ئىلمايدۇ ھەم پىت كۆزلۈكنى نومۇس، دەپ بىلىدۇ. شۇڭا پەرپۇغنىڭ (ۋەلىئەھدنىڭ) جەسەد ساندۇقى يەتتە قەۋەت، بەگلەرنىڭ بەش قەۋەت، تۆرىلەرنىڭ ئۈچ قەۋەت، دانىشمەن-ئەزىمەتلەرنىڭ ئىككى قەۋەت بولمىقى قائىدىدۇر؛ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئۇلارنىڭ ئۆز نەسەب سالاھىيىتىگە، مەنسەب دەرىجىسىگە لايىق لىباس-يېپىنچىسى جەھەتتىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر، قېلىن-نېپىز سان-سۈپىتى بولمىقى خۇسۇسىدىمۇ ئەسلىيەت مىزانى ھەم باردۇر، ھەممىسىنىڭ جەسەد ساندۇقى يوپۇقلىرى ۋە بۇ يوپۇقلارنىڭ گۈل-نەقىشلىرىدە نەسەب-مەنسەب دەرىجە پەرقلىرىمۇ باردۇر؛ بۇلار بىلەن ئۆلگەنلەرنى ئىززەت-ئېكرام كۆرسىتىپ بېزەش ئارقىلىق ئۇلارغا ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈمنىڭ، ھاياتنىڭ ئاخىرلاشقان چېغى بىلەن باشلانغان چېغىنىڭ ئوخشاشلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، مانا شۇ باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى قاندۇرۇش ـــ قەدىمقى مۇقەددەس بەگلەرنىڭ ئەسلىيەت مىزانىدۇر، شۇنداقلا ساداقەتمەن ۋەزىر بىلەن ۋاپادار پەرزەنتنىڭ ئەڭ ئالىي دەستۇرىدۇر.پەرپۇغنىڭ ئۆلۈمى پۈتكۈل ئىقلىمنى ماتەمگە گىرىپتار قىلىدۇ، ئۇنى تۆرىلەر جەم بولۇپ ئۇزاتماق بار. تۆرىلەرنىڭ ئۆلۈمى دوست بەگلىكلەرنى قايغۇغا سالىدۇ، شۇڭا ۋەزىرلەر جەم بولۇپ ئۇزاتماقلىق بار. ۋەزىرنىڭ ئۆلۈمى بەگلىك تەسەررۇپىنى ماتەمگە چۆمدۈرۈدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى پازىللارنىڭ جەم بولۇپ ئۇزاتماقلىقى بار. پازىللارنىڭ ئۆلۈمى بىر يۇرتنى ماتەم تۇمانلىرىغا دۇچار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى دوست-بۇرادەرلىرى جەم بولۇپ ئۇزاتماقلىق بار. ئاۋام-رەئىيەتنىڭ ئۆلۈمى بولسا مەھەللە-كويلارنى ھازىدار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇرۇغ-تۇغقان، خولۇم-خوشنىلار جامائەت بولۇپ ئۇزاتماقلىق بار. جازاغا تارتىلغان گۇناھكارلارنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، خولۇم-خوشنىلىرىنىڭ ئۇزىتىشى چەكلەنگەندۇر، پەقەت خوتۇن-بالىلىرىنىڭلا ئۇزىتىشى، جەسەد ساندۇقىنىڭ بىر ئىلىك قېلىنلىقتا بولمىقى، لىباس-يېپىنچىسىنىڭ ئۈچ يۈرۈش بولمىقى خۇسۇسىدا دەستۇر باردۇر، ئۇنداقلارنىڭ جەسەد ساندۇقىغا مەرسىيەلەر پۈتۈش چەكلەنگەندۇر، كۈندۈزى ئۇزىتىشقا بولماستۇرلەر، پەقەت گۇگۇم مەزگىلىدىلا ئۇزاتماقلىق بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنداقلارنى خوتۇن-بالىلىرى قارىلىق لىباسى كىيمەي ئادەتتىكى كىيىم-كېچەكلىرى بىلەنلا كۆمۈپ قويۇشلىرى شەرت، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يىغلاپ ھازا ئېچىشىغا، قارىلىق لىباسى كىيىشىگە بولماستۇرلەر، ئۇلارنىڭ ئۆلگۈچىنى يەرلىكىگە كۆمۈپ قويۇپلا كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قايتماقلىقى بار، ئۆلگۈچىنى يەرلىكىدە قويۇپ بولۇپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈۋەرمىكى شەرتتۇرلەر، مانا بۇ بىر گۇناھكارنىڭ ئۆز جەمەتىگە، خوتۇن-بالىلىرىغا كەلتۈرگەن ئەڭ زور نومۇستۇر!» ④دېگەن ھەم دەستۇرغا ھەم كۇڭ زى تەلىماتىغا ئوخشايدىغان بۇ بايانلىرى زامانىسىنىڭ ئورتاق ئادىتى بولغان، ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمى خۇسۇسىدىكى بايانلىرى شۈبھى-گۇمانسىزدۇركى پۈتكۈل ئىقلىمنىڭ ئەنئەنە مۇراسىملىرى ئىچىدىكى دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئەقەللىي قائىدە-تەرتىپىدۇر، ئۇنى ئالا كۆڭۈلسىز ھالدا چىن ئىخلاس بىلەن ئادا قىلماق لازىمكى ھەرگىز قول ئۇچىدىلا ئەپلەپ-سەپلەپ بەجا كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ.
ۋەھالەنكى، ھازىدارلارنىڭ ماتەم قايغۇسى بارغانسېرى كۈچىيىپ، جامائەت كەيپىياتى بىردىنلا يۇقىرى چەككە يېتىپ كۆزلىرىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەس بولدى، ھەتتا سەنچۈەن ئايمىقى ۋالىيسىنىڭ بۇيرۇقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئىرپانبەگ قەسىرىنىڭ سىرتىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كوچىغا بورىدىن كەپە تىكىپ جەم بولۇشۇپ ھۆڭگىرەپ يىغلاشقىنىچە ھازا ئېچىشتى، غەزەب-نەپرەتلىك ئەيىبلەشلەر، جەددى-جەمەتى، ئۇرۇق-پۇشتىنى تىلغا ئېلىپ قارغاشلار پۈتكۈل لوياڭنى بىر ئالدى. ئالتە بەگلىكنىڭ تۈرلۈك سىياقتىكى ئايغاقچى-خۇپىيلىرى كۆيدۈرگۈلۈك قىلىپ، لاۋا ئۈستىگە ياغ چېچىشتى، ۋېي بەگلىكىدىن كەلگەن سان-ساناقسىز ھازىدارلار ھەر تەرەپكە دەۋرەپ شوئار توۋلىشىپ، پۈتكۈل لوياڭنى بېشىغا كىيىپ ئالەمنى مالەم قىلىۋەتتى. دەل شۇ مالىمانچىلىق بولۇۋاتقان پەيتتە، لۈ بۇۋېينىڭ قىيامەتلىك قەدىناسلىرىدىن چى بەگلىكىدىن كەلگەن تيەن جەمەتى سودا سارىيىنىڭ ئۇلۇغلىرى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھازىدارلارنى مەخپىي يىغىپ تەدبىر-رىجەلەر تۈزۈشتى. بۇ تەدبىر-رىجەلەر بويىچە ھازىدارلار چىن بېگى يىڭ جېڭ ئۆگەي ئاتىسىنى ئۆلتۈردى، ئىككى ئىنىسىنى دۇمبالاپ ئۆلتۈردى، ئۆز ئانىسىنى زىندانغا تاشلىدى، پەدەرىنى ئۆلۈۋېلىشقا قىستىدى، ئۇنىڭ بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە رەزىللىكى، شەپقەتسىز قىلمىشى پۈتكۈل ئىقلىمدا قەدىمدىن بۇيان زادىلا كۆرۈلۈپ باقمىغان، ئەگەر داغدۇغىلىق بىر تەرەپ قىلىش يارلىقىنى كۈتۈپ تۇرساق ئىرپانبەگنىڭ ئۇ دۇنياغا بېرىپ ھاقارەتلىنىشىنى توسۇپ قالالمايمىز، دەپ گېپىنى بىر قىلىش ئىدى. بىر كېچە جەم بولۇپ كېڭەش-رىجە قىلىش ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى قىزىشىپ كېتىشتى، ۋېي بەگلىكىدىن كەلگەن ھازىدارلار چىن بەگلىكىنىڭ دەپنە قىلىشنى كۈتۈپ تۇرۇش تەشەببۇسىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا ھازىدارلارنىڭ بىر نىيەتتە ئۇيۇشۇپ، ئىرپانبەگنىڭ جەسىدىنى ئوغرىلاپ دەپنە قىلىش خۇسۇسىدىكى قارارىنى قوللىدى.
ئوغرىلىقچە دەپنە قىلىش خۇسۇسىدىكى قارار ــــ ئوردىنىڭ دەپنە يارلىقىنى كۈتمەيلا دەپنە قىلىۋېتىش ئىدى. ناۋادا ئوردىنىڭ دەپنە قىلىش خۇسۇسىدىكى يارلىقى كەلمەي تۇرۇپ دەپنە قىلىۋېتىلسە ئۆلگۈچى ۋە ئۇنىڭ جەمەتى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بەگلىك ئاتا قىلغان ۋە ئېتراپ قىلغان شان-شەرەپتىن مەڭگۈ مەھرۇم قالاتتى. ئادەتتىكى چاغلاردا، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ سەۋر قاچىسى تېشىپ تۆكۈلۈپ كەتكەندىمۇ، تاقەت قىلسا قىلاتتىكى ھەرگىز بۇنداق تەدبىر-رىجەلەرنى يۈرگۈزۈشمەيتتى. ھالبۇكى، لۈ بۇۋېي بۇ ئالەمدىن پەرزەنتسىز ئۆتتى، خانىمى چېن شۈەن بىلەن باش غوجىدارمۇ ئارقا-ئارقىدىن لۈ بۇۋېينىڭ يېنىدىلا قۇزغۇن ئۆتى ئىچىپ ئۆلۈۋالدى. ئاۋات-قايناق لۈ بۇۋېي قەسىرى ئەمدى چۆلدەرەپ قالدى، پەقەت ئايال باش غوجىدار مو خۇ بىلەن بىر توپ چاكار-خىزمەتچىلەرلا ھاياتلىقتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ئاران-ئاران بەرداشلىق بېرىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ چىن بەگلىكىگە بولغان نەپرىتى كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى، چىن بېگى يىڭ جېڭنىڭ لۈ بۇۋېينى ھەشەم-دەرەم بىلەن داغدۇغىلىق دەپنە قىلىدىغانلىقىغا كىممۇ ئىشىنەر؟ ھازىدارلار تەبىئىيلا ناھايىتى تېزلىكتە خۇپىيانە كېلىشىۋېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن قەسىردىكى ئۇلۇغ-كىچىكلەر دەرھال تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن ھازىدارلار بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئۇيۇشۇپ، مىيىت ساقلىنىپ ئالتىنچى كۈنىگە كەلگەن تۈن نىسبىدە، ئايماق كاھبېگى بىلەن ئايماق تەپتىشىنى ۋە ئىككى يۈز دوبۇلغا-ساۋۇتلۇق چېرىكنى دورابىھۇش قىلىۋېتىپ، لۈ بۇۋېينىڭ جەسىدىنى كېچىلەپ لوياڭدىن ئېلىپ چىقىشتى. سەنچۈەن ئايمىقىنىڭ ۋالىيسى بۇنى سېزىپ قوغلاپ كەلگەندە، لۈ بۇۋېينىڭ جەسىدى ئاللىقاچان دەپنە قىلىۋېتىلگەن ئىدى. قەبرىنى قېزىپ جەسەد قايتۇرۇپ كېلىنسە شۈبھىسىزكى ھازىدارلارنىڭ غەزىبى قوزغىلىپ چاتاق تېرىلىشى مۇمكىن ئىدى، شۇڭا ئايماق ۋالىيسى شيەنياڭغا تېز مەلۇمات يوللىماقتىن ئۆزگە ئامال قىلالمىدى.
ھازىدارلار لۈ بۇۋېينىڭ قەبرىگاھىغا ناھايىتى خەيرلىك بىر جاينىڭ تاللىنىشىنى بىردەك ماختىشىپ كېتىشتى.
ئالدىراپ-سالدىراپ ئوغرىلقچە دەپنە قىلىشقا توغرا كېلىپ قالغاچقا، ھازىدارلار بەگ-تۆرىلەر دەپنە مۇراسىمىنىڭ تەلىپىدىكى تەرتىپ بويىچە يەرلىك تاللاشقا ئامالسىز قېلىشتى، لۈ بۇۋېيدەك بىر ئەربابنى قۇرئەنداز-بىشارەتچىلەر، يەرلىك تاللىغۇچىلار ساغرىسىغا پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ تاپقان يەرگە دەپنە قىلىۋېتىشكە بولمايتتى. بارچە قارارلار پۈتكەن، پەقەت مەقبەرە ئورنى تاللاشتىن ئىبارەت بۇ قىيىن مەسىلە خۇسۇسىدا دەتالاش بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، لۇ بەگلىكىدىن كەلگەن مەشھۇر ئەرباب چۈن يۈيۆ بىردىنلا «بېيماڭ تېغى!» دەپ ۋارقىرىدى. ئالامان بۇنى ئاڭلاپ بىرپەس مەڭدەرەپ قېلىشتى ۋە ئارقىدىنلا تۇشمۇ-تۇشتىن چۈن دانىشمەننىڭ ئەقلىنى ماختىشىپ، دەرھال لوياڭنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى بېيماڭ تېغىدا دەرھال قەبرە قېزىپ دەپنە قىلىش خۇسۇسىدا قارار چىقىرىشتى.
بېيماڭ تېغىغا دەپنە قىلىشنى ئالامان بىردەك ماقۇل كۆرۈشتى، چۈنكى بۇ يەرنىڭ لۈ بۇۋېيدەك بىر كاتتا ئەربابنىڭ نەسەب-مەنسىپىگە تازا باب كېلىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان ئىدى.
لوياڭ غەربىي جۇ بەگلىكى شاڭ بەگلىكىنى مۇنقەرز قىلغاندىن كېيىن جۇ بېگىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بىنا قىلىنغان كۈن چىقىشتىكى مۇھىم قەسەبە ئىدى،غەربىي جۇ زامانىدا لويى، دەپ ئاتالغان. لويىنىڭ شۇ زاماندىكى رولى كۈن چىقىشتىكى يىن-شاڭ ئۇرۇقىنىڭ قالدۇقلىرىدىن پەيدا بولغان يېڭى تۆرىلەرنى تىنچىتىپ باشقۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم ئىدى. شۇڭا لويى ناھايىتى ھەشەم-ھەيۋەت بىلەن بەرپا قىلىنغان، ئايلانمىسى 720 گەز⑤كېلىدىغان، غەربىي جۇ بەگلىكىنىڭ گۈەنجۇڭدىكى ئاستانىسى خاۋجىڭدىن قېلىشمايدىغان كاتتا قەسەبە ئىدى. جايلىشىشىمۇ ئۆزگىچە بولغان لويىنىڭ⑥ تۆۋەن تەرىپى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئاياق قىرغىقىدىكى ئەڭ چوڭ تارماق ئېقىن بولغان لوشۈي دەرياسىغا، يۇقىرى تەرىپى كۆركەم مەنزىرىسى جەھەتتە پۈتكۈل ئىقلىمغا نامى تارقالغان، پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆكىرىپ-ياشىرىپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك تاغقا تۇتاش بولۇپ، ئوتتۇرا ئىقلىمدىكى ھەممە بىردەك ئېتراپ قىلماي تۇرالمايدىغان يەر يۈزىدىكى جەننەتنىڭ نەق ئۆزى ئىدى. يىل بويى كۆكىرىپ-ياشىرىپ تۇرىدىغان بۇ تاغ شۇ زاماندا جياشەن تېغى، دەپ ئاتىلاتتى، شەرقىي جۇ دەۋرىدە لويىنىڭ لوياڭغا ئۆزگەرتىلىشى بىلەن جياشەن تېغىمۇ ماڭشەن تېغى، دەپ ئۆزگەرتىلدى. ماڭشەن تېغى كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشقا سوزۇلغان بولۇپ، كۈن چىقىشتا لوياڭنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن كۈن پېتىشتا خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سەنمېن بوغىزىغا قەدەر نەچچە يۈز چاقىرىملىق تەبىئىي يېشىل توساق ھاسىل قىلغان. ماڭشەن تېغى گەرچە ئۇزۇنغا سوزۇلغان تاغ بولسىمۇ ئەمما بۇ تەۋەدىكى ئىلىم ئەھلىلىرى، ئىقتىدار ساھىبلىرى، ئومۇمەن قەلەم-ئەلەم ماھىرلىرى لوياڭ مەركەز قىلىنغان كۈن چىقىش بۆلىكىگە توپلاشقان. ماڭشەن تېغىنىڭ لوياڭدىكى بۆلىكى لوياڭنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە بولغاچقا شۇ زامان كىشىلىرى ئۇنى «بېيماڭ» دەپ ئاتىشاتتى. شەرقىي جۇ بەگلىكى ئاستانىسىنى لوياڭغا كۆچۈرگەندىن ئېتىبارەن نەچچە ئەۋلاد جۇ بەگلىرى، تۆرە-ۋەزىرلىرى سۇيۇرغاللىق بېرىلگەن بەگ جەمەتى تۆرىلىرى ئۆلگەندىن كېيىن بېيماڭ تېغىغا دەپنە قىلىنىپ كەلگەن. جۇ بەگلىكى دەپنە مۇراسىم-يوسۇنلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولغاچقا، مۇشۇ ئىقلىمدىكى يەرلىك تاللىغۇچىلار خەيرلىك، دەپ قاراشقان يەرلىك بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇڭا، ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرلىرىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىپ يەرلىك تاللىغۇچىلارنىڭ يەرلىك تاللاپ بېرىشىگە ئۈلگۈرەلمەي قالغان ئوتتۇرا ئىقلىم بەگ-تۆرىلىرى بېيماڭ تېغىغا دەپنە قىلىنغان. زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ بىر ئادەتكە ئايلىنىپ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇلۇپ، «بېيماڭ تېغى» دېگەن سۆز «قەبرىگاھ» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرۈدىغان نامغا ئايلىنىپ قالغان.
شۇنداق قىلىپ بېيماڭ تېغىنىڭ داڭقى لۈ بۇۋېينى شۇ يەرگە دەپنە قىلىشقا سەۋەب بولۇپ قالدى.
خۇپىيانە تۈزۈلگەن رىجەلەر ئارقىلىق نەچچە مىڭ ھازىدار لوياڭنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى بېيماڭ تېغىدا لۈ بۇۋېي ئەر-خوتۇن ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرىنى ھەشەم-دەرەمى بىلەن داغدۇغىلىق دەپنە قىلدى، بۇ يەردە ناھايىتى ھەيۋەتلىك بىر مەقبەرە يېڭىدىن كۆپەيدى. چىن بەگلىكىنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن، لۈ بۇۋېينىڭ دەپنە مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان تيەن جەمەتى سودا سارىيى بىلەن ۋېي بەگلىكى ئەلچىلىرى قەبرىگاھقا لۈ بۇۋېينىڭ خانىمى چېن شۈەن دەپنە قىلىندى، ئىرپانبەگنىڭ جەسىدى ۋېي بەگلىكىگە ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلىنىدۇ، دېگەن خەۋەرنى تارقىتىشتى. خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن لوياڭدىكى ئاۋام-رەئىيەت بۇ مەقبەرىنى «لۈ خانىم مەقبەرىسى» دەپ ئاتاشتى، بۇ كېيىنكى زامانلارغىمۇ شۇ نام بىلەن داۋاملىشىپ كېلىپ، لۈ بۇۋېي مەقبەرىسىنى لۈ خانىم مەقبەرىسى، دەپ ئاتاش ئۆزگەرمىدى.
ــــ شەندۇڭلۇق تالىب-سودىگەرلەرگە لەنەت! ئالتە بەگلىك تۆرىلىرى ھەقىقەتەن رەزىل بىرنېمىلەركەن !
يىڭ جېڭ مەلۇماتتىن خەۋەر تېپىپ دەرغەزەبكە كەلدى. ئەركان-مىزان جەھەتىدىن ئېيتقاندىمۇ لۈ بۇۋېي شەك-شۈبھىسىز چىن بەگلىكىنىڭ سۇيۇرغاللىقى بار كاتتا تۆرىسى، باش ۋەزىرى ئىدى. شەندۇڭلۇق تالىب- سودىگەرلەرنىڭ باشقا بەگلىكلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ چىن بەگلىكىنىڭ ئايماق-ناھىيىلىرىدە ئەركان-مىزانغا مۇخالىپ ھالدا چىن بەگلىكىنىڭ باش ۋەزىرىنى ئوغرىلاپ دەپنە قىلىشى چىن بەگلىكىگە قارا سانىغانلىق، ئۆزىدەك بىر بەگنى ھاقارەت قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ دەرغەزەبكە كەلگەن يىڭ جېڭ دەرھال ئۇچقۇر ئارغىماقلار قوشۇلغان ھارۋىسى بىلەن كۈن چىقىشقا ئاتلىنىپ لەنتيەنگە كەلگەندە قارارگاھ تىكتى، چىش-تىرنىقىغىچە قوراللانغان ئالتە مىڭ قىران چەۋەندازنى تاللاپ كېچىلەپ لوياڭغا يۈرۈش قىلىپ، ئەركان-مىزان بويىچە ئوغرىلىقچە دەپنە قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈپ چىن بەگلىكىنىڭ نومۇسىنى ئاقلاپ، ھەق-ئادالەتنىڭ نېمىلىكىنى جاھانغا بىر كۆرسىتىپ قويماقچى بولدى.
ــــ ئالىيلىرى توختىغايلا !!!
يىڭ جېڭ بەگ دەەرغەزەبتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ يولغا چىقىپ خەنگۇ قورۇلىغا كېلىپ بولغان شۇ پەيتتە مېڭ ۋۇ بىلەن ۋاڭ ۋەن ئۇچقاندەك ئەگىشىپ يېتىپ كەلدى.
بەگنىڭ خاس مەھرىمى سالاھىيىتىدە لۈ بۇۋېينىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن مېڭ ۋۇ تولىمۇ ئازابلانغان ھالدا:
ــــ ئالىيلىرى، يېڭىدىن سەلتەنەت يۈرگۈزگەن چاغدا بۇنداق قىلسىلا قاراملىق قىلغان بولىدىلا. ئىرپانبەگدەك بىر كاتتا ئەربابقا كەلگەن بۇ ئۇشتۇمتۇت ئەجەلدىن پەقىر قۇللىرىمۇ قايغۇغا چۆمگەن يەردە ئۇنىڭ قەدىناس ئەگەشكۈچىلىرى نېمە بولماقچىدى؟ تېجىمەللەر ھاياجاندا ئەقلىدىن ئېزىپ مۇشۇنداق قاملاشمىغان بىر ئىشنى قىلىپ قويدى، ئادەم ئۆلدى، كەتتى! ئالىيلىرىنىڭ سەلتەنەت يۈرگۈزۈشىگە ھېچ توسالغۇ قالمىدى، جەسەد ئوغرىلاپ دەپنە قىلىش جىنايىتىنى ئېنىقلاش ئىشىدا ئالىيلىرى ئەتراپلىق ئويلاپ ئىش كۆرگەيلا!ــــ دېدى.
ياش دورغاب ۋاڭ ۋەن تېخىمۇ سالماق-دادىللىق بىلەن سۈلھى-سالاغا ئۆتتى:
ــــ قۇللىرى ئەسلىدە ئىرپانبەگنىڭ قول ئاستىدىكى بىر ئەمەلدار بولغاچقا بۇ خۇسۇستا بىر نەرسە دېيىشىم تازا مۇۋاپىق ئەمەس، بىراق بەگلىك ئىشىنى چوڭ بىلىپ سۆزلىمىسەم بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم! بۇ كۈنلەردە چىن بەگلىكى ئوردىسى يېرىم پالەچ تۇرۇپتۇ، ئەمەلدارلارنى تەرتىپكە سېلىپ بارچە ئىشلارنى ئىزىغا چۈشۈرمەكلىك لازىم، مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئىرپانبەگنىڭ دەپنە ئىشلىرى بىلەنلا بولۇپ كەتسەك، ئېنىقكى قوزىنى دەپ قوچقاردىن قۇرۇق قالىمىز، ۋەزىرلىرىنىڭ قارىشىچە بۇ تازا مۇۋاپىق بولماستۇر!ــــ ۋاڭ ۋەن سۆزىنى تۈگىتىپ قول باغلاپ ئېگىلىپ تۇرغىنىچە بەگنىڭ بىرەر قارارغا كېلىشىنى كۈتتى.
يىڭ جېڭنىڭ چىرايى تاتىرىپ-بوزىرىپ كەتكەن بولسىمۇ ئاخىر ئەقلىگە كېلىپ ئۆزىنى بېسىۋالدى-دە، قايتىشقا بۇيرۇق قىلدى.
ۋىجدانەن ئېيتقاندىمۇ يىڭ جېڭنىڭ لۈ بۇۋېينى ئۆلۈۋېلىشقا قىستاش خىيالى يوق، ئۆلۈم گىردابىغا ئىتتىرىش ئويىمۇ يوق. پەقەت شەندۇڭلۇق كاتتا ئېسىلزادە-ئاقسۆڭەكلەرنىڭ سەل كەبى لوياڭغا دەۋرەپ كېلىپ لۈ بۇۋېينى ئۆز بەگلىكلىرىگە تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەتمەك بولغانلىقلىرى ھەققىدىكى مەخپىي مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغان چېغىدا ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى پەدەرى بولمىش لۈ بۇۋېينى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇشنى، ھەتتا لۈ بۇۋېينى ئوتتۇرا ئىقلىمدىن كەتكۈزۈۋېتىش كېرەكلىكىنى لازىم تاپقان، ئۇنداق بولمىغاندا چىن بەگلىكىنىڭ بۇ يېڭى سەلتەنەتىگە يېڭىدىن يېڭى باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى قىياس قىلغان. مۇشۇ ئويىنىڭ دالالىتىدە لۈ بۇۋېيغا بۇرۇندىنلا ئىخلاس قىلىپ ئەگەشكەن مېڭ ۋۇنى ئۆزىنىڭ خاس مەھرىمى سالاھىيىتىدە قوپالراق بولۇپ قالغان ھېلىقى يارلىقىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. يىڭ جېڭ كىچىكىدىنلا پەدەرىم، دەپ بىلگەن بۇ كىشىنىڭ تولىمۇ مەرد، ئەپۇچان مىجەزىنى، باشقىلارنىڭ ھەر-ھەر ئېغىر گەپ-سۆزلىرىگە ئېرەن قىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، زىيادە ئېغىر كۆڭۈل ئاغرىتىدىغان گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىدىمۇ ئىللىق كۈلۈپ قويۇپ كۆڭلىگە ئېلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلگەچكە قەستەن شەپقەتسىزلىك قىلىش ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇپ قويغان. مېڭ ۋۇ كېچىلەپ مەلۇمات ئېلىپ كەلگەندە پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالماي قالدى. يىڭ جېڭ شۇندىلا لاۋ ئەي ۋەقەسىدە لۈ بۇۋېينى ئەيىبلەش لۈ بۇۋېيغا بەك قاتتىق زەربە بولغانلىقىنى تونۇپ يەتتى، مۇشۇنداق بىر ئەپۇچان پەدەرىنىڭ ئۆزىنىڭ بىرنەچچە ئېغىز قاتتىق گېپىنى شۇنچىلىك ھار ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى.
راستىنى ئېيتقاندا، لۈ بۇۋېيدەك كاتتا ئابرويلۇق كىشىنى سىچۈەندەك يىراق بىر يەرگە كەتكۈزۈۋەتمىسە بۇرۇنقىدەك تېجىمەللىرى كۆپىيىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. ناۋادا لۈ بۇۋېي «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى تارقىتىشنى توختاتمىسا، يىڭ جېڭ بۇنىڭغا يول قويماسلىقتىن باشقا يەنە نېمىمۇ قىلالايتتى؟ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر ۋەزىيىتىدىن قارىغاندىمۇ، بۇ كېلەچەكتە ھامان كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولغان ئىش. ئۆز ئىرادىسى بويىچە تامامەن يېڭىچە سەلتەنەت سۈرمەكچى بولغان بىر ھۆكۈمراندا ئەنە شۇنداق غەم-غۇسسىلەر بولماي قالارمۇ؟ ناۋادا يىڭ جېڭنىڭ شۇنداق غەم-غۇسسەلىرى بولمىغىنىدا شان-شۆھرىتى، شانۇ-شەۋكىتى پۈتكۈل ئىقلىمغا پۇركەتكەن پەدەرىنى خۇددى لاۋ ئەينى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرەلمەي بەلكى ئۆلۈمگە لايىق جىنايىتىنىلا سۈرۈشتۈرۈپ ئۆلۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمىغان بولاتتى. لۈ بۇۋېي كۆكسى-قارنى كەڭ، مەردانە، ساداقەتمەن، غۇرۇرلۇق ئادەم تۇرۇغلۇق نېمىشقا ئۆلۈمەن دەپلا ئۆلۈۋالىدۇ؟ ناۋادا لۈ بۇۋېي چوڭ بوۋىسى جاۋشياڭۋاڭنىڭ يېشىنى ياشىغان بولسا يىڭ جېڭ بىر نائىبنىڭ ھامىيلىقىدا ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالماي يەنە يىگرىمە نەچچە يىلغىچە غەم-ئەندىشىدە ياشىغان بولاتتى. دەل مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە لۈ بۇۋېينىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى يىڭ جېڭ كەلگۈسىدە دۇچار بولۇشى مۇمكىن بولغان ئەڭ زور ئاۋارىچىلىقنى بىللە ئېلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ، ئۇ خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان ئەڭ ياخشى ئاقىۋەتتەك تۇيۇلدى.
بۇ، تەڭرىنىڭ ئىرادىسىمىدۇ؟
لۈ بۇۋېينىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان ھامان يىڭ جېڭنىڭ كاللىسى گاڭگىراپ، ئوي-خىيالى گادىرماچلىشىپ كەتتى.بىردەم شىللىسىدىن ئېغىر بىر يۈك ئېلىۋېتىلىپ يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلسا، بىردەم ئۆزىنى باشقىلارغا يۈز كېلەلمەيۋاتقاندەك ئەيىبلەپ كەتتى، بىردەم كاللىسى قۇپقۇرۇق بولۇپ قالغاندەك، بىر نەرسىسىنى يوقىتىپ قويغاندەك ھېس قىلسا، بىردەم ھەسرەت-نادامەت چېكىپ، چوڭقۇر خىياللارغا پاتتى، بىردەم ئاھ ئۇرۇپ پۇشايمان قىلدى، بىردەم قەلبىنى سېغىنىش تۇيغۇلىرى چىرمىۋالدى، يۈرىكىنى قىسىۋاتقان ئازابتىن زادىلا قۇتۇلالمىدى. لۈ بۇۋېينىڭ ئۆلۈم ئارقىلىق يول بېرىشى ئۇنىڭغا بۇ بەگلىك سەلتەنەتىنى ئىلكىگە ئېلىپ دادىل ھەكەملىك قىلىش ئىمكانىيىتى بېرەرمۇ؟ ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقىچە ئۆتكەن مۇشۇ دەقىقىدە يىڭ جېڭنىڭ خىيالىدىن ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بىر ئوي چاقماقتەك «يالت» قىلىپ ئۆتتى، مىش-مىشلەر راست بولۇپ، لۈ بۇۋېي ھەقىقەتەن ئۆز ئاتام بولۇپ قالسىچۇ؟ ياق، ياق، مۇمكىن ئەمەس! ناۋادا راستىنلا شۇنداق بولغىنىدا ئانام نېمىشقا لۈ بۇۋېيغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچلىشىپ ئۇچىغا چىققان ئىشقىباز لاۋ ئەي ئارقىلىق لۈ بۇۋېينى ئۆمۈرلۈك ھاقارەتكە قويىدۇ؟ ئەمما، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر لۈ بۇۋېينىڭ ئۆلۈمى ئۇنىڭ ئۈچۈن تېپىلغۇسىز «ھەققانىي ئىش» تۇيۇلدى. ئەمدىكى ئىش لۈ بۇۋېينى داغدۇغا، ھەشەم-دەرەم بىلەن دەپنە قىلسىلا كۆڭلى ئارام تاپىدۇ. ئەگەر شەندۇڭلۇق ھازىدارلارنىڭ جەسەد ئوغرىلاپ ئوغرىلىقچە دەپنە قىلىش ۋەقەسى بولمىغان بولسا، ئەركان-مىزانغا تەدبىقلاپ شەخسەن ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ بۇرۇنقى پەدەرىنىڭ مىيىتىنى كاتتا داغدۇغا بىلەن ئۇزىتىپ قوياتتى.
ئەمما، ئوغرىلىقچە دەپنە قىلىش ۋەقەسى خۇسۇسىدىكى مەلۇماتتىن يىڭ جېڭ خۇددى راۋۇرۇس تورى بار مۇشتتىن كېلىشتۈرۈپ بىرنى يېگەندەك شۇ ھامان سەگەكلەشتى.
بەگلىككە ئالاقىدار ئىشلارنى ئەركان-مىزان ئارقىلىق قارار قىلىش يىڭ جېڭ «قورچاقبەگ» بولغان يېقىنقى ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتتا ئۆگەنگەن ئەقىدە ئىدى، شۇنداقلا «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» بىلەن ھەپىلىشىش جەريانىدا تاللاۋالغان ئەلنى ئىدارە قىلىش يولى ئىدى. لۈ بۇۋېي ئۇزاقتىن بۇيان چىن بەگلىكىنىڭ سەلتەنەتىگە ھەكەملىك قىلىپ كەلگەچكە، ئۇ بىر شەخس سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى قۇدرەتلىك چىن بەگلىكىنىڭ ھوقۇق-ئىمتىيازى، ئىززەت-ئابرويى سۈپىتىدە چىن بەگلىكى تارىخىنىڭ ئۆچۈرۈۋەتكىلى بولمايدىغان مۇھىم بىر بېتىگە ئايلىنىپ قالغان؛ لۈ بۇۋېينى دەپنە قىلىش دەرىجىسىمۇ ئادەتتىكى ۋەزىرلەرنىڭ تۆھپە-گۇناھ ئۈلۈشلىرى ۋە دەپنە مۇراسىمى ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلىدىغان ئىش بولماستىن بەلكى چىن بەگلىكىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بەگلىك ئىشى، سەلتەنەت ئىشى ئىدى. ئەگەر ئۇنداق بولمىغىنىدا شەندۇڭلۇق ھازىدارلار شۇنچىۋالا قىلىپ كېتەرمىدى؟
يۈز يىللاردىن بۇيان چىن بەگلىكىنىڭ ۋەزىر-ۋۇزرالىرىدىن نۇرغۇنلىرى شەندۇڭدا قازا قىلدى. چىن بەگلىكى ھەر قېتىم ئۇلارنى ئەركان-مىزانغا تەدبىقلاپ بىر ياقلىق قىلغان، بىرەرمۇ شەندۇڭلۇق كاتتىلار بۇنىڭغا ئۆزگىچە قاراشتا بولمىغان ئىدىغۇ؟ يىڭ جېڭ ئۆز بەگلىكىنىڭ تارىخىنى پىششىق بىلىدۇ، ئەينى يىللىرى چىن بېگى جاۋۋاڭ تىكلىگەن تۇنجى پەرپۇغ، يەنى يىڭ جېڭنىڭ بوۋىسى شياۋۋېنۋاڭ يىڭ جۇنىڭ ئاكىسى ۋېي بەگلىكىگە ئەلچىلىككە بارغاندا، دالياڭدەك بىر ياقا يۇرتتا قان قۇسۇپ ئۆلگەن چاغدا، بىللە بارغان ئورۇن باسار ئەلچى چېغىدا جەسەدنى بىر ياقلىق قىلىشقا پېتىنالماي دەرھال شيەنياڭغا تېز مەلۇمات يەتكۈزگەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىدە تۇرۇپتۇ. ئۇ چاغدا، شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىكنىڭ ئوردا-ئاۋاملىرى چىن بەگلىكىگە تىل-ئاھانەت ياغدۇرمايلا قالماستىن بەلكى بىردەك «چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانى قالتىسكەن، ئۆلۈم سەۋەبى ئېنىقلا تۇرسىمۇ شۈبھە-گۇماننى نەزىردىن ساقىت قىلىش، بىھۇدە قان تۆكۈلۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەركان-مىزان بولمىقى بەرھەق، چىن بەگلىكى دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش خۇسۇسىدا يول ئېچىپ پۈتكۈل ئىقلىمغا ئۈلگە ياراتتى!» دېيىشىپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ئاپىرىن ئېيتىشقان ئەمەسمىدى؟ ھالا بۈگۈنكى كۈندە لۈ بۇۋېينىڭ جەسىدى نەچچە كۈن تۇرۇپ قالغانغا قانداقلارچە كەچۈرگۈسىز گۇناھكار بولۇپ قالدۇق؟ شەندۇڭلۇق سودىگەرلەر بىلەن ئالتە بەگلىك دەپنە مۇراسىمىغا بىر نېمە دېمەكچىمۇ ياكى چىن بەگلىكىگە شىلتىڭ ئاتماقچىمۇ؟ ناۋادا باشقا بىرەر ۋەزىر لوياڭدا ئۆلگەن بولۇپ ئەركان-مىزان بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغىنىدا شەندۇڭلۇق بۇ بەگ-تۆرىلەرنىڭ خورىكى ئۆسۈپ شۇنچىلىك دەۋرەپ كېتەرمىدى؟ بۇنىڭدىكى سىر-غۇملار ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم تۇرۇپتۇ، بۇنىڭغا سەۋر-تاقەت قىلاي دەپلا سەۋر-تاقەت قىلغىلى بولاتتىمۇ؟ شەندۇڭلۇق ھازىدارلارنىڭ جەسەد ئوغرىلاپ دەپنە قىلىۋېتىشىگە قول باغلاپ تۇرغان بىلەن چىن بەگلىكى بۇ ئىقلىمدا قانداقمۇ مەۋجۇد بولۇپ تۇرالىسۇن؟
گەرچە ھاياجېنىنى باسالماي كېچىلەپ كۈن چىقىش تامان يولغا چىققان بولسىمۇ يىڭ جېڭ ئاخىر يەنىلا بۇ ئاچچىقىنى يۇتۇۋېتىشكە مەجبۇ بولدى.
مېڭ ۋۇ بىلەن ۋاڭ ۋەننىڭ يولىنى توسۇپ كۈچلۈك ئىلتىجا قىلىپ تۇرۇۋېلىشى بىلەن، خېلى يىللاردىن بېرى سوغۇققانلىققا ئادەتلەنگەن خۇي-پەيلى ئاخىر يىڭ جېڭنىڭ كاللىسىدا دەرھال «بۇ ئىككىيلەن ساداقەتمەن ۋەزىرلىرىم بولغاندىكىن يەنىمۇ ئويلىنىپ باقمايمەنمۇ» دەيدىغان بىر ئوي پەيدا قىلدى. خەنگۇ قورۇلىدىكى قارارگاھقا قايتقاندىن كېيىن، مېڭ ۋۇ بىلەن ۋاڭ ۋەن ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە بايان قىلىۋىدى، يىڭ جېڭ ئاخىر ھەممىنى بىراقلا چايناپ پۈركۈۋەتكۈدەك غەزىپىدىن ئاستا-ئاستا ئۆزىگە كەلدى. بەگ-ۋەزىر ئۈچەيلەن توپ-توغرا بىر كېچە رىجە-كېڭەشلەر قىلىشىپ، پۈتكۈل ئىقلىمنى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەن جەسەد ئوغرىلاپ دەپنە قىلىش ۋەقەسىنى كەڭ قورساقراق بولۇپ بىر ياقلىق قىلىشنى قارار تاپتى. بىر ياقلىق قىلىش رىجەسىنىڭ تۇنجى قەدىمىدە چىن بەگلىكى ئاۋام-رەئىيەتكە «ئىرپانبەگنىڭ ئۆلۈمى بېگىمىز كۈتمىگەن تەساددىپىي ۋەقە بولدى، بۇ ۋەقە ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ كۆڭلىدە ناباب تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويدى، مۇشۇ خۇسۇستا ھەر ساھە زاتلىرىدىن ئەپۇ سورايمىز! » دېگەن مەزمۇندا جىددىي يارلىق چۈشۈرۈپ، لۈ بۇۋېينىڭ جەسىدىنىڭ ئوغرىلىنىپ دەپنە قىلىۋېتىلگەنلىكىنى ئېتراپ قىلىپ، بۇ ئىشتا ھەرقايسى تەرەپنىڭ گۇناھلىرىنى سۈرۈشتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش؛ ئىككىنچى قەدەمدە مېڭ ۋۇ يەنە بىر رەت چىن بېگىنىڭ خاس مەھرىمى سالاھىيىتىدە لوياڭدىكى بېيماڭ تېغىغا بېرىپ بەگ-تۆرىلەرنىڭ دەپنە مۇراسىمى يوسۇنى بويىچە لۈ بۇۋېيغا ئاتاپ نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈش ھەم چىن بەگلىكى بەگ جەمەتى نامىدىن ئوغرىلىقچە ئاددىي-چۈكىنەملا دەپنە قىلىۋېتىلگەن لۈ بۇۋېي ئۈچۈن ھەشەمەتلىك ئىرپانبەگ مەقبەرەسى ياساشتىن ئىبارەت ئىدى.
ــــ بۇ ئىش شۇنداق بولسا، پەقىرنىڭ كۆڭلىمۇ ئەمىن تاپاتتى،ــــ دېدى يىڭ جېڭ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ.
ــــ ئالىيلىرىنىڭ كۆكسى-قارنىنىڭ كەڭلىكى ئەلگە جاكارلانسا، بۇ ئىشمۇ ئۆزلىكىدىنلا ھەل-تامام بولۇپ كەتكۈسى!ــــ دېدى مېڭ ۋۇ خۇش تەبەسسۇم بىلەن تەسەللىي ئېيتىپ.
ــــ بۇ شامال ئۆتۈپ كەتسىلا ئالىيلىرى سەلتەنەت ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا تۇتۇنالايدىلا،ــــ دېدى ۋاڭ ۋەن جۇشقۇنلۇقى تۇتۇپ.
ئەتىسى بەگ-ۋەزىر ئۈچەيلەن شيەنياڭغا قايتىپ دەرھال تۇشمۇ-تۇشتىن تۇتۇش قىلىشتى. ئۈچ كۈندىن كېيىن چىن بېگىنىڭ بەگلىك نامىدىن چۈشۈرگەن يارلىقى چىن بەگلىكىنىڭ ئايماق-ئايماق، ناھىيە-ناھىيىلىرىگىچە يەتكۈزۈلدى ھەمدە شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىككە ئۇقتۇرۇلدى؛ خاس مەھرەمبەگ مېڭ ۋۇ چىن بەگلىكىنىڭ مېڭىش-تۇرۇشىدىن سۈر-داغدۇغىسى چىقىپلا تۇرىدىغان ئات-ھارۋىلىق خاس دەپنە مۇراسىمى ئۆمىكىنى باشلاپ ئاستانە شيەنياڭدىن ئايرىلىپ لوياڭغا يۈرۈپ كەتتى. يىڭ جېڭ بۇ ئىشلارنى ئۆز يولىدا مۇۋاپىق بېجىرىش خۇسۇسىدا ۋاڭ جيەن، مېڭ تيەن، ۋاڭ ۋەنلەردەك يېڭى سەلتەنەتنىڭ قابىللىرىنى چاقىرىتىپ بەگلىكنىڭ سەلتەنەت ئىشلىرىنى قانداق تەرتىپكە سېلىش خۇسۇسىدىكى رىجەلەر ئۈستىدە كېڭەش قىلىشتى. ئەپسۇس، مىڭ-مىڭ ئەپسۇسكى، بۇ رىجە كېڭىشى تېخى تارقىماي تۇرۇپلا ئاستانە شيەنياڭنىڭ مالىمانچىلىق قاينىمىغا پېتىپ قالىدىغانلىقى ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن ئىدى.
جەسەد ئوغرىلاپ دەپنە قىلىش ۋەقەسى تېخى بېسىقتۇرۇلماي تۇرۇپلا پۈتكۈل بەگلىك مالىمانچىلىق تەھلىكىسىدە قالدى.
بەگلىكنىڭ جىددىي يارلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، ئاۋام-رەئىيەت چىن بېگىنىڭ رايىغا باقماي ھەم بەگنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۈشەنمەي، بەس-بەستە تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، تىرناق تېگىدىن كىر كولاپ پىتنە-پاسات تارقىتىشتى. تارقالغان بەزى مىش-مىشلەردە چىن بېگى ئىرپانبەگنى «ئۆلۈۋېلىشقا بۇيرۇپتىمىش» دېيىلگەن بولسا، يەنە بەزى ئۆسەكلەردە چىن بېگى ئىرپانبەگنى «ئۆلۈم گىردابىغا ئىتتىرگەنمىش»دېيىلدى. بۇ مىش-مىش، ئۆسەكلەردە چىن بېگى يىڭ جېڭنىڭ «تۈرلۈك ناچار-ناباب قىلىقلىرى، زالىم-زوراۋانلىقلىرى» خۇسۇسىدىكى پىتنىلەر كوچا-كويلاردا، سەھرا-قىرلاردا تارقىلىپ كەتتى. ئادەمنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان پىتنىلەرنىڭ بىرىدە بەگ ئانا ئەسلىدە ئىرپانبەگ ئاشىق بولغان بىر غەزەلخان ئىمىش، جۇاڭشياڭۋاڭ يىڭ يىرېنغا ياتلىق بولغاندا بويىدا قالغان بولۇپ، ھازىرقى چىن بېگى يىڭ جېڭ ئىرپانبەگنىڭ ئۆز پۇشتىدىن بولغان ئوغلى ئىكەن، ئۆز ئاتىسىنى ئۆلۈم يولىغا قىستاشنى تەڭرىمۇ راۋا كۆرمەيدۇ، دېيىلدى. پىتنە تارقىلىپ يۈرگەن ئاشۇ كۈنلەردە ئاستانە شيەنياڭنىڭ مۇھاجىرلار بازىرىغا توپلانغان ئالتە بەگلىكنىڭ كاتتا زەردارلىرى جاھان كەزدى موللىلار،سەيياھ تالىپلار بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ دوست تارتىشىپ، ناھايىتى ئېگىز سۈر-ھەيۋەتلىك جەسەت سەيناسى سېلىپ كۈنۇ-تۈن ئىرپانبەگنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر ئۆتكۈزۈپ تۇردى. يەرلىك چىن رەئىيەتلىرى لۈ بۇۋېينىڭ ھىدايەت يولى تۇتۇلغان مېھرىبانانە سىياسىتىنى ياد ئېتىشىپ سەلدەك دەۋرىشىپ، يىغا-زارە قىلىشىپ ھازا ئېچىشتى، مىيىت تاختىسى ئالدىدا تىزلىنىپ تەقۋا-ساداقەتلىرىنى بىلدۈرۈشتى. بىر مەھەل لۈ بۇۋېيغا قارىلىق تۇتۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش، ئۇنىڭ روھ-ئەرۋاھىغا ئاتاپ نەزىر ئۆتكۈزۈشلەر ئەدەب كەتتى، شيەنياڭنىڭ ھەممىلا يەرلىرىنى قارىلىق لىباسى كىيگەن ھازىدارلار قاپلاپ، يىغا-زارە خېلى كۈنلەرگىچە ئۈزۈلمىدى، بۇ بەجايىكى بەگلىك دەپنە مۇراسىمىدىن قېلىشمىغىدەك دەرىجىدە داغدۇغا قوزغىدى.
ئوردىدا رىجە-تەدبىرلەر خۇسۇسىدا كېڭەشلەر بولۇۋاتقان شۇ ئەسنادا، بەگنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن نەزىر-نۇزرەت ئۆتكۈزۈشكە ۋە لۈ بۇۋېي مەقبەرەسى ياساشنى نازارەت قىلىشقا كەتكەن خاس مەھرەمبەگ مېڭ ۋۇ لوياڭدىن قايتىپ كەلدى ۋە ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ لوياڭنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرگىلى كىرىپ، شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىكنىڭ بىرمۇنچە تۆرىلىرى چىن بەگلىكىنىڭ بىرياقلىق قىلىش خۇسۇسىدىكى تەدبىرىنى نەزەرىگىمۇ ئىلماستىن بەلكى ئىلگىدەك پۇتاق تاپسىلا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈۋاتقانلىقلىرىنى، مېڭ ۋۇ بەگنىڭ خاس مەھرەملىك سالاھىيىتىدە چىن بېگىگە ۋەكالىتەن لۈ بۇۋېينىڭ نەزىرىنى بېرىۋاتقاندا شەندۇڭلۇق زاتلار كۆرەڭلىگىنىچە نەزىرگە كېلىپ، مېڭ ۋۇدىن نەزىرگە رىياسەتچىلىك قىلىشنى تالىشىپ كەتكەنلىكلىرىنى، تېخى بۇلا ئەمەس، يەنە ئۇلار زەھەرخەندىلىك بىلەن پىتنە-پاسات تارقىتىپ لوياڭدىكى ئاۋام- رەئىيەتنى قايمۇقتۇرغانلىقىنى، سەنچۈەن ئايمىقىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر دىلىغۇل بولۇپ سەنجىنگە كېتىشىۋاتقانلىقلىرىنى، ھەتتا بەزىلەرنىڭ لوياڭنىڭ كونا ئوردۇبالىقىدىكى جۇ بەگلىكىنىڭ قالدۇق بەگ جەمەتىدىكىلەر ۋېي، خەن بەگلىكلىرى بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ سەنجىن جۇ بەگلىكى بەگ جەمەتى تۆرىلىرىنىڭ يېرى، سەنچۈەن ئايمىقى سەنجىنگە «قايتۇرۇپ» بېرىلىشى كېرەك، دەپ جار سېلىشقانلىقلىرىدىن، سەنچۈەن ئايمىقىنىڭ ۋالىيسى خۇپىيلىرىنى ئىشقا سېلىپ ھەر تەرەپنىڭ مەقسەت-مۇددىئالىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن لوياڭنىڭ چىن بەگلىكىدىن بۆلۈنۈپ كېتىش خەۋپى بارلىقىدىن دەككە-دۈككىگە چۈشكەنلىكلىرىنى، شۇڭا مېڭ ۋۇنى دەرھال شيەنياڭغا قايتىپ بەگكە مەلۇمات يەتكۈزۈشكە ئەۋەتىپ، چىن بېگىنىڭ دەرھال بىرەر قارارغا كېلىشى لازىملىقىنى ئېيتىشىنى تاپىلىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
ئوي-خىيالىنى ئۈمىدسىزلىك چۇلغىۋالغان مېڭ ۋۇ مەلۇماتىنى تۈگىتىپ ئېغىر بىر تىندى ۋە:
ــــ ۋەزىرلىرى ئەسلىدە ئالىيلىرىنىڭ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى ئىلتىجا قىلغان ئىدىم، ئەپسۇس دەرەخنىڭ جىم تۇرغۇسى بولسىمۇ شامال جىم تۇرغۇزمايدىكەن ئەمەسمۇ؟ ۋەزىرلىرى تولىمۇ خىجىلمەن. بۇ خۇسۇستا ئەمدى باشقا گېپىم يوقتۇر!ــــ دېدى. نەچچە كۈن ئىلگىرى ئوخشاشلا ئەپۇچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش تەرەپدارى بولۇپ بەگنى بەگلىكنى تېزدىن تەرتىپكە سېلىشقا دالالەت قىلغان دورغاب ۋاڭ ۋەنمۇ بىر تەرەپتە گۆشىيىپ قىزىرىپ-تاتارغىنىچە لام-مىم دېمەي تۇردى.
ــــ سانغۇنلىرىم، سىلەر قانداق قارايسىلەركىن؟ــــ يىڭ جېڭ غەزەب قىلماستىن ئەكسىچە مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى.
ــــ ئاۋام-رەئىيەتنىڭ كۆڭلى ئارامىدا ئەمەس، ئالتە بەگلىك توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش كويىدا يۈرمەكتە. بۇ ھال بەئەينى سېرىق قۇچقاچنىڭ تومۇزغىغا ئېتىلغان ياچىۋەكنىڭ پېيىگە چۈشكەندەكلا بىر ئىش، شۇڭا نەپنى كۆزلەپ خەۋپ-خەتەرنى ئۇنتۇپ، قارىسىغىلا ئىش قىلساق بولماسمىكىن. مېنىڭچە بۇ ئىشلارنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلىپ ئاندىن تەدبىر قوللانساق،ــــ دېدى ۋاڭ جيەن قوشۇمىسىنى خۇددى قونغان چىۋىن قىرىق پارە بولۇپ كەتكۈدەك تۈرۈپ.
ــــ كەچۈرگەيلا،ــــ مېڭ تيەن شىرەنى پاققىدە شاپىلاقلاپ ئورنىدىن تۇردى،ــــ بۇنداق ئاچ كۆزلۈككە تاقەت قىلغۇلۇقمۇ؟ گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيتقاندا بۇ لۈ ھەزرەتنىڭ تېجىمەللىرى بىلەن چىن تەسەررۇپىدىكى شەندۇڭلۇق سودىگەرلەرنىڭ ئۆزئارا ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ قىلىۋاتقان ئىشى، بۇنىڭغا يەنە ئالتە بەگلىك ھەمتاۋاق بولغان گەپ! مېنىڭچە يەنە كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان بولساق ئېنىقكى ئاجىزلىق قىلغان بولىمىز، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى بىرنەرسە دەپ بولمايدۇ.
ــــ تەقسىرنىڭ قارىشىچە، بىز قانداق قىلساق بولىدۇ؟ــــ كۆپنى كۆرۈپ كاداڭشىپ كەتكەن ۋاڭ جيەن تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن باستۇرۇپلا لوقما سالدى.
ــــ مەن... مەن تېخى ئەتراپلىق ئويلاپ كۆرمىدىم،ــــ ياش ھەم شاش مېڭ تيەن دۇدۇقلاپ قالدى.
مېڭ ۋۇ ئوغلى مېڭ تيەنگە ئالىيىپ قويۇپ، قولىنى جۈپتەكلىگىنىچە كەچۈرۈم سورىغاندەك:
ــــ ۋەزىرلىرى ۋاڭ جيەننىڭ قارىشىنى قوللايمەن،ــــ دېدى.
ــــ ۋاڭ دورغاب، سىلىچە قانداق قىلساق بولىدۇ؟ــــ يىڭ جېڭ شىرەنى يېنىك توكۇلدىتىپ چەكتى.
ــــ ئىككىيلەننىڭ قارىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاساسى بار، ۋەزىرلىرى دەمالىققا بىر نەرسە دېيەلمەيۋاتىمەن،ــــ دېدى دورغاب ۋاڭ ۋەن ئېغىر تىن ئېلىپ.
ــــ بولدىلا، ئۆزۈم قارار قىلاي،ــــ يىڭ جېڭ شىرەنى بىر مۇشتلاپ ئورنىدىن تۇردى،ــــ ئىشنىڭ بۇ دەرىجىگە يەتكىنى بىر ھېسابتا تەڭرى ئاتا قىلغان ياخشى پۇرسەت بولدى. ئوردىمىز ئەۋۋەلى ياخشى نىيىتىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ دەشنام-پەشۋالارغا ئېرىشتى. پەقىرنىڭ ئاۋام ئالدىدا، تەڭرى ئالدىدا تىل تۇتۇقۇم يوق. ياخشىلىق قىلاي دەپمۇ مۇرادىم ھاسىل بولمىغان ئىكەن، ئەركان-مىزان بويىچە ئىش تۇتمىقىم جائىزدۇر. شۇن زى «رەزىللىكلەرنى ئەركان-مىزان شەمشىرى بىلەن تۈزەتمەك كېرەك» دەپ تولىمۇ جايىدا ئېيتقان ئىكەن!ــــ يىڭ جېڭ ئۇلۇغ كىچىك نەپەس ئېلىپ تەمكىنلىك بىلەن داۋام قىلدى،ــــ ئەمدى ساقلاۋېرىشكە بولماستۇر. بۇ قاتارلىق رەزىللىكلەر ئالدىدا ياقسام پىشۇرمۇ، كۆمسەم پىشۇرمۇ، دەپ قاچانغا سۆرەيمىز؟ ئەمدى غاچ-غۇچ ئىش قىلىدىغان چاغ يەتتى.
ــــ ئالىيلىرىنىڭ بىرەر ياخشى تەدبىرى بارمىكىن؟ ــــ مېڭ ۋۇ سەل دەككە-دۈككىگە چۈشتى.
ــــ دورغاب يارلىق پۈتسۇنلار!ــــ يىڭ جېڭنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ، باشقىچە جۇشقۇن-كۆتۈرەڭگۈلىشىپ ۋاڭ ۋەنگە قول ئىشارىسى بىلەن بۇيرۇق قىلىپ ناھايىتى ئېنىق سۆزلىدى، ــــ بىرنەنچىدىن، ۋاڭ جيەن سانغۇن ئۈچ تۈمەن قىران چەۋەندازدىن تۈزۈلگەن ئىلغار لەشكەرنى باشلاپ تېزدىن كېچىلەپ سەنچۈەن ئايمىقىغا كىرىپ، لوياڭنىڭ سەنجىنگە تۇتىشىدىغان يوللىرىغا بارگاھ قۇرۇپ، شەندۇڭلۇق بەگ-تۆرىلەرنىڭ لوياڭغا كىرىپ-چىقىشىنى قامال قىلىپ، سەنچۈەن ۋالىيسىنىڭ ئەركان-مىزانىمىز بويىچە بەگلىكىمىزگە ئاسىيلىق قىلىپ ئۆكتە قوپقان گۇناھكارلارنى تەكشۈرۈپ تۇتىشىنى ھېماتىغا ئېلىپ، بىر ئاي مۆھلەتتە بۇ ئىشنى تاماملىشىغا ياردەملەشسۇن؛ ئىككىنەنچىدىن، ئاستانە شيەنياڭ مەھكىمىسى بەگلىكىمىز لۈ بۇۋېيغا ئاتاپ بېرىدىغان نەزىرنىڭ پۈتكۈل جەريانى، نەزىرگە قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن پىتنىلەرنى ئون كۈن ئىچىدە ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە تەكشۈرۈپ تەھقىقلەپ دادخاھ مەھكىمىسىگە مەلۇمات بەرسۇن؛ ئۈچنەنچىدىن ئايغاقچىلار مەھكىمىسى ئون كۈن ئىچىدە چىن بەگلىكىدىكى شەندۇڭلۇق دانىشمەن-سودىگەرلەرنىڭ بۇ ئىشلارغا تەدبىر-رىجەلەر قىلىشقان ۋە قاتناشقانلىقلىرى خۇسۇسىدىكى دەلىللەرنى بىرمۇ بىر قولغا چۈشۈرۈپ دادخاھ مەھكىمىسىگە مەلۇمات بەرسۇنلەر؛ تۆتنەنچىدىن دادخاھ مەھكىمىسى ئالتە مەھكىمە بىلەن ھەر قايسى تەرەپلەردىن توپلانغان دەلەل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن ئەركان-مىزان بويىچە تەھقىق-تەدبىق قىلىشسۇنلار،ــــ يىڭ جېڭ جىندەك تۇرۇۋېلىپ،ــــ مۇشۇ تۆت تۈرلۈك مەزمۇنغا ھەرقايسىلىرىنىڭ يەنە قانداق ئۆزگىچە دانا قاراش-ماراشلىرى باركىن؟ــــ دەپ سورىدى ھەممەيلەندىن.
ــــ ئەركان-مىزانغا ئۇيغۇن ئىكەن، باشقىچە قاراشتا ئەمەسمىز!ــــ دېديىشتى ۋاڭ جيەن، مېڭ تيەن، ۋاڭ ۋەنلەر خۇددى كېلىشىۋالغاندەك تەڭلا.
ــــ ھۆرمەتلىك ھەمدەمبەگ، سىلىچە تازا مۇۋاپىق ئەمەسمۇ-قانداق؟
ــــ چىنلىقلار لۈ بۇۋېينىڭ نەزىرىگە بارسىمۇ گۇناھكار، دەپ سۈرۈشتە قىلىمىزمۇ؟ــــ دېدى مېڭ ۋۇ يىڭ جېڭغا قاراپ بىلىنە-بىلىنمەس قوشۇمىسىنى ھىمىرىپ.
ــــ بەگلىك ئەركان-مىزانى يېگانىدۇر، چىنلىقلار ئەركان-مىزانغا خىلابلىق قىلسا ئەجەبا گۇناھ بولمامدىكەن؟
ــــ قېرى ۋەزىرلىرى ئەركان-مىزانچىلارنىڭ ئاۋام ئەركان-مىزانغا خىلابلىق قىلسا سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ، دەيدىغانلىقىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم. چىنلىقلارنىڭ شەندۇڭلۇق سودىگەرلەرنىڭ قايمۇقتۇرىشىغا ئۇچراپ ئىرپانبەگنىڭ نەزىرىگە كەلگەن ۋە ئۆسەك-پىتنە
تارقاتقانلىقى ئەلۋەتتە ئەركان-مىزانغا خىلابتۇر. نەچچە مىڭ، نەچچە تۈمەن ئادەم ئېزىپ-تېزىپ قارىسىغا ئەگەشكەندۇر، ناۋادا بۇلار جىنايەت ھېسابلىنىپ سۈرۈشتۈرۈلسە بەگلىك ئاۋام-رەئىيەتلىرىنىڭ دىلىغا ئازار بولىدۇ. كەمىنىلىرىچە بۇ قاتاردىكى ئالامانغا تەرغىب-تەربىيەت ئارقىلىقلا ئاگاھلاندۇرۇش بەرسەك كۇپايىدۇر، قاتتىق چارە-جازا بېرىشكە بولماستۇرلەر،ــــ دېدى.
ــــ ئاراڭلاردىن كىم «شاڭ ياڭ باياننامىسى»نى يادقا بىلىدۇ؟ــــ دېدى يىڭ جېڭ مىيىقىدا كۈلۈپ.
ــــ دەستۇرچىلارنىڭ كاتتا ئەسىرىگە بىزدەك ۋەزىرلىرى ئالىيلىرىدەك پىششىق ئەمەسمىز!ــــ ھەممىنى بىلىشكە، ئۆگىنىشكە چاپچىپلا تۇرىدىغان قابىل مېڭ تيەن ھەممەيلەندىن بۇرۇن خۇشامەتگۇيلارچە لوقما سالدى.
ــــ ئۇنداقتا ياخشى، ھەمدەمبەگكە بىرنەچچە كەلىمە يادلاپ بېرەي،ــــ يىڭ جېڭ قوللىرىنى سىلكىپ سارايدا چوڭ-چوڭ قەدەم بىلەن ئايلىنىپ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن يادقا ئوقۇدى،ــــ بەگلەر ئىقلىمدىكى ئاۋام-رەئىيەتكە بەگلىك قىلىدۇ، شۇڭا پەقەت ئەللامەلەرلا بىلىدىغان كالام-بايانلارنى ئەركان-مىزان قىلىۋالسا مۇۋاپىق بولماستۇرلەر، چۈنكى ئاۋام-رەئىيەتنىڭ ھەممىسىلا ئەللامەلەردىن ئەمەستۇرلەر. پەقەت دانىشمەنلەرلا ئاندىن بىلەلەيدىغان كالام-بايانلارنى ئەركان-مىزان قىلىۋېلىشقا بولماستۇرلەر، چۈنكى ئاۋام-رەئىيەتنىڭ ھەممىسى دانىشمەن ئەمەستۇرلەر. شۇڭا بەگلەر ئەركان-مىزان تۈزۈشتە ئاددىي-ئۇقۇشلۇق قىلىپ تۈزمىكى، ئۇنى نادان-تادانلارمۇ بىلەلەيدىغان قىلىپ تۈزمىكى لازىمدۇرلەر،ــــ يىڭ جېڭ بىردەم تۇرۇۋېلىپ بۇنىڭغا ئىزاھ-شەرھىي بەردى،ــــ شاڭ تۆرە ئوردا ئەركان-مىزان تۈزۈپ يۈرگۈزگەندە چوقۇم ئاۋام-رەئىيەت كۆرۈپ بىلەلەيدىغان، ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ تۈزۈشى لازىمدۇرلەر، دەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە چىن بەگلىكىدە ئەركان-مىزان بار، ئۇنى ھەممىلا ئادەم بىلىدۇ، ناۋادا بەگلىكىمىزنىڭ ئوردا مەھكىمىلىرى ئەركان-مىزانغا مۇخالىپ قىلمىشلارنىڭ يامراپ كېتىشىگە يول قويسا، ياتلارنى جازالاپ ئۆز ئاۋام-رەئىيەتلىرىنى سۈرۈشتۈرمىسە، ئېغىرلىرىنى جازالاپ يېنىكلىرىنى جازالىمىسا، ئاۋام-رەئىيەت گاڭگىراپ قالمامدۇ؟ جاھان مالىمانچىلىقتا قېلىپ تېڭىرقاپ قالمامدۇ؟ ــــ يىڭ جېڭ بىر پەس توختىۋېلىپ يەنە جاراڭلىق ئاۋازدا داۋام قىلدى،ــــ ئەركان-مىزان ناباب ئىجرا قىلىنسا ھۆكۈمرانلىق قالايمىقانلىشىپ ھاكىمىيەت زاۋال تاپۇر. سۇخەندازلار ئەزىزلەنسە ئەلدە مەمەدانلىق ئەۋج ئالۇر.
مەمەدانلىق ئەۋج ئالسا لەشكەرىي كۈچ ئاجىزلىشۇر. قابىللار ئەزىزلەنسە مەمەدانلىق بېسىقىپ لەشكىرىي كۈچ قۇدرەت تاپۇر. ئاۋام-رەئىيەت لەنەت ياغدۇرىدىغان ناباب سىياسەت-تەدبىر يۈرگۈزۈلسە ئاۋام-رەئىىيەت نابۇت بولۇر، ئاۋام-رەئىيەتكە ياقىدىغان سىياسەت-تەدبىر يۈرگۈزۈلسە ئاۋام-رەئىيەت روناق تاپۇر. تادان پازىللار مېھر-شەپقەتلىك، تەدبىرلىك ئەردەملەردىندۇر، شۇڭا ئۇلار مۇخالىپەتچىلەر ئۆكتە قوپقان تەقدىردىمۇ ئەلنى ياخشى ئىدارە قىلالايدۇلەر. چۈنكى تادان پازىللاردا جاھان ئەھلىنى قايىل قىلغۇدەك ئەدەب-ئەردەم، جاھان ئەھلى قايىل بولماي تۇرالمايدىغان سىياسەت-تەدبىر باردۇر. شۇڭا دېمەكتۇرلەركىم، نوقۇل مېھرىبانلىق، ئەدلۇ-ئادالەت بولغان بىلەن ھۆكۈمرانلىققا كۇپايە قىلمايدۇلەر،ھۆكۈمراننىڭ جاللاتلىقى زالىملىق ئەمەستۇرلەر، جازانى يېنىكلىتىش مېھرىبانلىق بولماستۇرلەر!ــــ يىڭ جېڭنىڭ ئاۋاز-تەلەپپۇزى شۇنچىلىك جاراڭلىق، كۈچلۈك ئىدىكى، چىنلىقلارنىڭ ئوچۇق-تۈز تەلەپپۇزى بىلەن چىقىۋاتقان ھەر بىر سۆزى ئېنىق، ئۇرغۇلۇق بولۇپ، بەئەينى ئوردا سارىيىنىڭ تېمىغا مىق قېقىۋاتقان بولقىنىڭ ئاۋازىغىلا ئوخشايتتى. يىڭ جېڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا،ــــ شاڭ تۆرىنىڭ دەۋاتقىنى پوس كاللىسىنى ئېيتقاندا كۆرگىلى بولمايدىغان مېھرىبانلىقتۇر!ــــ دېدى.
ــــ ئالىيلىرىنىڭ شاڭ تۆرىگە چوقۇنۇپ چىن ئەركان-مىزانىغا رېئايە قىلىدىغانلىقىغا پەقىر ئەسلىدىنلا باشقىچە قاراشتا ئەمەسمەن! ــــ مېڭ ۋۇ بىر ھازا ئىككىلىنىپ ئاخىر مىڭ تەسلىكتە ئېغىز ئاچتى،ــــ شۇغىنىسى پەقىر چىنلىقلارنىڭ ئىرپانبەگ نەزىرىگە داخىل بولۇشىنى ئۇلارنىڭ خۇسۇسىي ئىشى، ئەينى يىللىرى بەگلىك رەئىيەتلىرى تۇشمۇ-تۇشتىن ئەلەمبەگ بەي چىگە ئاتاپ نەزىر-نۇزرەتلەر بەرگەندە جاۋشياڭۋاڭ ئالىيلىرى رەئىيەتنى ئەيىبكە بۇيرۇمايلا قالماستىن بەلكى ئەمەلدار-پۇقرالارنىڭ نەزىردە بىللە بولۇشىغا ئىجازەت قىلغان يەردە، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئالىيلىرىنىمۇ ئەلنىڭ رايىنى ياقلاپ بەگلىكىمىز رەئىيەتلىرىنىڭ نەزىرگە بېرىشىنى شەندۇڭلۇق سودىگەرلەر بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ گۇناھ ئارتماس، دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. پەقىرنىڭ بايىقى قارىشىم ئەمدى ئويلاپ باقسام دۇرۇست بولماي قاپتۇ، بۇ خۇسۇستا ئەمدى باشقىچە قاراشتا ئەمەسمەن. مانا ئەمدى بەگلىكىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن تەھدىتنى بىلىپ بۇ سۆزۈمنى دەۋاتىمەن.
ــــ بەگلىك ئىشىغا ئەقىلدارلىق قىلىش پەيتىدە نېمىنى ئويلىساق شۇنى دېمەك لازىمدۇر، سىز-بىزلەر بۇنى ئەستىن چىقارساق بولماس.
ياش بەگنىڭ خۇش تەبەسسۇم چېھرى يەنە جىددي تۈس ئېلىپ سۆزگە كىرىشتى:
ــــ ھەمدەمبەگنىڭ بايىقى قارىشى خاتا ئەمەستۇر. دورغابنىڭ بايىقى قارىشىدىمۇ ئوخشاشلا ھېچ خاتالىق يوقتۇر. ناۋادا ھەمدەمبەگ بىلەن دورغاب خەنگۇ قورۇلىغىچە قوغلاپ بېرىپ ماڭا پەند-نەسىھەت قىلمىغان بولسا، ئالدۇراڭغۇلۇقتا خاتا تەدبىر-سىياسەتلەر يۈرگۈزۈلۈپ قالايمىقانچىلىقلار چىققان بولاتتى. سىلەرنىڭ مېنى شۇ ئالدىراڭغۇلۇقتىن توسقىنىڭلار يامان ئىش ئەمەس. سىلەرنىڭ پەند-نەسىھەتىڭلار ماڭا شاڭ تۆرىنىڭ ئىنساننىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرى ۋە خۇي-پەيلى خۇسۇسىدىكى بايانلىرىنى ئەسلەتتى، پەقەت ئەركان-مىزاننىڭلا ئەلنى ئىدارە قىلىش يولى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەردى،ــــ يىڭ جېڭ بىرپەس ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋېلىپ جىددىي تەرۈزدە داۋام قىلدى،ــــ ۋەھالەنكى، ھەمدەمبەگنىڭ ئىرپانبەگنى ئەلەمبەگ بىلەن سېلىشتۇرغانلىقى تولىمۇ ھاماقەتلىكتۇر. ئەلەمبەگ بەي چى تۆھپىسىلا بار ھېچبىر گۇناھى يوق تۇرۇغلۇق بۇزرۇكۋارىم جاۋشياڭۋاڭ ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلىپ كاللىسىنى ئالغانلىقى تولا ئېچىنىشلىقتۇر. رەئىيەتنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا نەزىر-نۇزرەت بېرىشى ئەدلۇ-ئادالەتنى ياقلىغانلىقىدۇر. ئەمما ئىرپانبەگ بۇنىڭغا زادىلا ئوخشىماستۇر، ئۇ بەگلىك ھەرەمخانىسىغا ساختا ئاغۋات سۈپىتىدە لاۋ ئەينى كىرگۈزۈپ بەگلىكتە مالىمانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۈيۈك چىن سەلتەنەتى تىكلەنگەن بەش يۈز يىلدىن كۆپ ۋاقتتىن بۇيان مىسلى كۆرۈلمىگەن ئارا-نامۇسقا قويدىلەر، ئۇنىڭ گۇناھى ھەممىگە ئېنىقتۇرلەر! بۇنى ئالتە مەھكىمە سوراق قىلىپ دەلىللىگەن جىيايەت، كېيىن يەنە ئەركان-مىزان بويىچە تەدبىق-تەھقىق قىلىنغان، خاتا جازالانمىدى ھەم ھېچ بىر ئۇۋالچىلىق بىلەن كاللىسى ئېلىنمىدى، شۇڭا بۇنى قانداقمۇ ئەلەمبەگ بەي چى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانىدا تۆھپە ياراتقانلارغا جازا يېنىكلىتىلىدۇ، دېيىلگەن بولسىمۇ ئەمما تۆھپىسىنى، ياخشى نام-ئاتىقىنى پەش قىلىپ ئەركان-مىزاننى دەپسەندە قىلسا بولمايدۇ، دېيىلگەن. ئىرپانبەگ چىن بەگلىكىگە زور تۆھپە قوشقان بولسىمۇ بۇ تۆھپىلىرى شۇنچە ئېغىر گۇناھىنى قانداقمۇ يۇيالىسۇن؟ ئاۋام-رەئىيەتنىڭ رايىغا بېقىشقا كەلسەك، ئەركان-مىزاننى كۆزگە ئىلماي ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش دەل ئىرپانبەگنىڭ جازانى يېنىكلىتىش خاھىشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن بولدى، ناۋادا مۇشۇ بويىچە كېتىۋېرىدىغان بولساق، لۈ بۇۋېي بۇرنىمىزدىن يېتىلەپ مېڭىۋېرىپ بەگلىكتە بىر كۈنمۇ ئاراملىق بولمىغان بولاتتى، ھېچ ئىش ئاقمىغان بولاتتى. ھەمدەمبەگ، ئويلاپ باقتىلىمۇ؟ بەگلىك باشقۇرۇش دېمەك ئەلنى ئىدارە قىلىش، دېمەكلىكتۇر، ئەلنى ئىدارە قىلالمىغان ئەركان-مىزاننى قانداقمۇ ئەركان-مىزان، دېگىلى بولسۇن؟!
ــــ پەقىرلىرى تەلىم ئالدىم!ــــ ھەمدەمبەگ بېشى يەرگە تەگكىچە ئېگىلىپ تازىم بەجا كەلتۈرۈپ ئارانلا زۇۋان سۈرەلىدى.
يېرىم ئايلاردىن كېيىن قېرى دادخاھ ۋەزىر سۇنغان مەلۇمات كۈن چىقىش قەسرىگە كىرگۈزۈلدى.
تاڭ يورۇشى بىلەنلا يىڭ جېڭ كۇتۇپخانىسىغا كىردى. ئادىتى بويىچە ئالدى بىلەن ھۆججەت-پۈتۈكلەر كىچىكرەك تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن ھۆججەت-مەلۇمات شىرەسى ئالدىغا كېلىپ ئۈستى-ئۈستىگە دەستىلىۋېتىلگەن قات-قات ھۆججەت-مەلۇمات ئورامىنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ قويۇلغان ئاق خەت يېزىلغان قارا شايى لېنتىلارغا سىنچىلاپ تىكىلىۋېتىپ، قېرى دادخاھ ۋەزىر يوللىغان ئورامغا كۆزى چۈشۈپ قالدى، مۇنداقچىلا بىر كۆز يۈگرىتىشىگە، كەينىدە سوڭدىشىپ تۇرغان تامغاچ جاۋگاۋ دەرھال دادخاھ ۋەزىر يوللىغان ئورامنى سۇغرىۋېلىپ ياندىكى پۈتۈك شىرەسىگە يايدى. يىڭ جېڭ كەڭرى-ئازادە پۈتۈك شىرەسى ئالدىدا ئورۇن ئېلىپ بولغىچە سىياھدانغا مىلەپ تەييارلانغان يوغان قەلەم قەلەمداندا ھازىر قىلىندى، دىماقنى غىدىقلايدىغان بىر كاسا خۇشھىد چايمۇ يىڭ جېڭنىڭ سول قولىغا قولاي جايغا تەق قىلىندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك جاي-جايىدا تەقلەندى، ئەتراپتا ھېچ بىرىنىڭ سايىسى كۆرۈنمەيتتى.
ــــ دورغاب، بارمۇ ئۆزلىرى؟ــــ يىڭ جېڭ بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن شىرەنى توكۇلدىتىپ چەكتى.
ــــ لەببەي، ۋەزىرلىرى تەقمەن!
تاشقارقى سارايدا ھېزى-ھۇشيار تۇرغان ۋاڭ ۋەن خۇددى شامال كەبى ئاۋازى بىلەن تەڭ قېلىن گىلەمدە تىۋىش چىقارماي شىپىلداپ مېڭىپ كىرىپ، يىڭ جېڭنىڭ قول ئىشارىسى بويىچە بەگ شىرەسىدىكى ھۆججەت-پۈتۈك ئورامىنى رەتلەپ يىغىپ ئالدى. بەگنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل دورغاب بولغىنى بىلەن ۋاڭ ۋەن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ۋەزىرلەرنىڭ بەگكە سۇنغان مەلۇماتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ مەھكىمە پۈتۈكچىلىرىنىڭ ھەربىر يوللانمىنى تۈرگە ئايرىپ تىزىملىككە ئېلىپ، لېنتا خەتكۈچ قىستۇرۇپ رەتلىك تىزىشىنى، ئوتتۇز ئورامنى بىر توپلام قىلىپ بەگ كۇتۇپخانىسىدىكى بەگ شىرەسىگە تىزىشىنى نازارەت قىلىش؛ بەگ كۆرۈپ تەستىق سېلىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئىككى نەپەر پۈتۈكچىنىڭ تەستىق سېلىنغان ھۆججەت-مەلۇماتلارنى باشقىدىن ئىككى نۇسخا كۆچۈرۈپ بىر نۇسخىنى ھەرقايسى ئالاقىدار مەھكىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلىشىغا يوللىشىنى، يەنە بىر نۇسخىسىنى لازىم بولغاندا تەكشۈرۈشكە قالدۇرۇشىنى، تەستىق سېلىنغان رەسمىي نۇسخىسىنى بەگلىك پۈتۈك-ۋەسىقە سارىيىدا ساقلاشقا يوللىشىنى نازارەت قىلىشقىمۇ مەسئۇل ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بەگ تەستىق سېلىشتىن بۇرۇن دورغابنىڭ ئورامنى ئېچىش ھوقۇقى بولمايتتى. قېرى دادخاھ ۋەزىرنىڭ بۇ ئورامى تۈنۈگۈن تۈن نىسبىدە تاپشۇرۇپ ئېلىنغان بولۇپ، ۋاڭ ۋەن ئۇنى بەگ بۈگۈن كۆرۈپ تەستىق سالىدىغانلىقىنى پەملەپ بۈگۈن كۆرۈلىدىغان مەلۇماتلار قاتارىدا جايلاشتۇرۇپ، قاق پودىلا كۈن چىقىش قەسىرنىڭ تاشقارقى سارىيىدا تەق بولۇپ تۇرغان ئىدى. شۇ تاپتا بەگنىڭ تەستىق سالماي تۇرۇپلا ئۆزىنى چاقىرغانلىقىدىن مىرغەزەب كەبى قاتتىق قول، قولىدىن شۇملۇقتىن باشقىسى كەلمەيدىغان قۇۋ قېرى دادخاھنىڭ بەگنى تەڭلىككە سالىدىغان يەن قانداقتۇر بىر قىيىن شۇملۇقنى «ئويلاپ» تاپقانلىقىنى پەملەپ يۈرىكى ئاغقاندەك بولدى-دە، ئورامنى ئېچىپ كۆرۈپ تولىمۇ تەساددىپىيلىق ھېس قىلدى.
قۇۋ قېرى دادخاھ ۋەزىر جەسەد ئوغرىلاپ ئوغرىلىقچە دەپن قىلىشتىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەگە «ياتلار چىن سەلتەنەتىگە دەخل قىلغان، ئۆز ئالدىغا نەزىر بېرىپ ئەركان-مىزانغا خىلابلىق قىلغان، پىتنە-پاسات تارقىتىپ ئاۋام-رەئىيەتنى قايمۇقتۇرغان» دېگەن ئۈچ تۈرلۈك گۇناھنى تەدبىقلاپ، مۇنداق بەش خىل جازا تەھقىقلىگەن:«بىرىنچىسى، چىن بەگلىكىدە مۇھاجىرەتتە تۇرۇۋاتقان شەندۇڭلۇق سودىگەرلەر لۈ جەمەتى قەسىرىدە تۇرۇۋاتقان تېجىمەل، زاكاتچىلار⑦ بىلەن ھەمتاۋاق بولۇشۇپ ئۆز ئالدىغا نەزىر-نۇزرەتلەر ئۆتكۈزۈپ پىتنە-پاسات تارقاتتى، شۇڭا ئۇلارغا ‹ ياتلار چىن سەلتەنەتىگە دەخل قىلغان›لىق گۇناھى ئارتىلىپ چىن بەگلىكى تەسەررۇپىدىن قوغلاپ چىقىرىلمىقى لازىمدۇر؛ ئىككىنچىسى، چىن بەگلىكىنىڭ 600 پاتمانلىق ئەمەلدارلىرى قاتارىدىكى سالنامىچى-رەسەتبەگ، ئايماق ئورۇنباسار ۋالىيلىرى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىدىكى نەسەب-مەنسەپدارلىرى لۈ بۇۋېيگە نەزىر-نۇزرەتلەر بېرىپ يىغا-زارە قىلىشىپ ھازا ئېچىشقانلەر، بۇنداقلارغا ‹ئەركان-مىزاننى كۆزگە ئىلماي ئۆز ئالدىغا نەزىر بېرىپ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغانلىق› گۇناھى ئارتىلىپ، نەسەب-مەنسەپلىرى ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۆي-بىساتى، جەددى-جەمەتى بىلەن فاڭلىڭ ⑧ غا سۈرگۈن قىلىنمىقى لازىمدۇرلەر؛ ئۈچىنچىسى، چىن بەگلىكىدىكى سالنامىچى، رەسەتبەگ، ئايماق ئورۇنباسار ۋالىيلىرىدىن تۆۋەن دەرىجىدىكى نەسەب-مەنسەپدارلار لۈ بۇۋېي ئۈچۈن شەخسلەر بەرگەن نەزىرلەرگە يىغلاپ ھازا ئېچىپ قاتناشقان، بۇلارغىمۇ يۇقىرىقى گۇناھكارلارغا ئوخشاش گۇناھ ئارتىلىپ ئەمەل-نەسەبلىرى ئىككى دەرىجە چۈشۈرۈلۈپ ئۆي-بىساتى،جەمەت-ئۇرۇغلىرى بىلەن قوشۇلۇپ فاڭلىڭغا سۈرگۈن قىلىنماقلىقلىرى زۆرۈردۇرلەر؛ تۆتىنچىسى، ئومۇمەن لۈ جەمەتى قەسىرىدە ئەمەل-مەنسەپ تۇتقان تېجىمەل-زاكاتچىلار ئىچىدىكى چىن بەگلىكىمىزنىڭ ئەمەلدار-دانىشمەنلىرى ئالتە بەگلىكنىڭ مۇھاجىرەتتىكى سودىگەرلىرى تىككەن بورا لاپاس-كەپىلەرگە بېرىپ يىغلاپ ھازا ئاچمىغان بولسىمۇ ئەمما پىتنە-پاسات تارقاتقان بولسىلا ‹پىتنە-پاسات تارقىتىپ بەگلىكىمىزنىڭ ئاۋام-رەئىيەتلىرىنى قايمۇقتۇرغان›لىق گۇناھى ئارتىلىپ، نەسەب دەرىجىسى ساقلاپ قېلىنىپ ئۆي-بىساتى، جەددى-جەمەتى بىلەن قوشۇلۇپ فاڭلىڭغا سۈرگۈن قىلىنمىقى لازىمدۇرلەر؛ بەشىنچىسى، چىن بەگلىكىنىڭ پۇقرالىرىدىن يىغلاپ ھازا ئېچىپ نەزىرلەرگە قاتناشقان ھەم پىتنە-پاسات تارقاتقان بولسىلا ئىككى خىل جازا تەڭلا بېرىلمىكى، يەنى ئون سەر ئالتۇن جەرىمانە قويۇلۇپ سېپىل خەندىكى قازماققا ۋە مۇنكىر-ماشايىخلار خىزمىتىنى قىلماققا ⑨ بۇيرۇلمىقى بەرھەقتۇرلەر. ئاينىڭ 10-كۈنى».
ــــ بۇنىڭ نامۇۋاپىق يېرى يوقتۇرلەر، ۋەزىرلىرىنىڭ قارىشىچە بۇ بولىدىكەن،ــــ دېدى ۋاڭ ۋەن ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ.
ــــ نەرى بولىدىكەن؟
ــــ جازا جايىدا تەدبىقلىنىپتۇ، ئەمەلدارلارغا ئېغىر، پۇقرالارغا يېنىك تەدبىقلىنىپتۇ!
ــــ ئەركان-مىزان بويىچە بولسىلا ئېغىر-يېنىكىنىڭ كارايىتى چاغلىق!
ــــ ئالىيلىرىنىڭ قارىشىچە جايىدا بولمىغان ئوخشىمامدۇ؟
ــــ ياق، ئەكسىچە تولا جايىدا بوپتۇ!ــــ دېدى يىڭ جېڭ قاھقاھلاپ كۈلگىنىچە شىرەگە بىرنى شاپىلاقلاپ،ــــ شۇ بويىچە تەستىقلانمىقى زۆرۈر، بىر خېتىنىمۇ ئۆزگەرتىشكە بولماستۇرلەر،ــــ ئۇ قوللىرىنى سىلكىپ رازىمەنلىك بىلەن ئۇلۇغ-ئۇلۇغ نەپەس ئالدى،ــــ دېمەكچىمەنكى، قېرى دادخاھ ۋەزىرنىڭ ئەركان-مىزان تەدبىقلىشىدىكى پاراسىتى قالتىسكەن، ئېغىر-يېنىكلىكى مۇۋاپىق بوپتۇ، ئومۇمىيەت نەزەرگە ئېلىنىپتۇ، ئەركان-مىزاننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى قوغدىلىپتۇ، جازاغا تارتىلىدىغانلار كۆپ بولسىمۇ ئاۋامغا ئازار بېرىلمەپتۇ، ھەقىقەتەن ئەلنى تىنچىتىدىغان كەسكىن تەدبىر بوپتۇ. شۇغىنىسى بۇ قاتتىق قول قۇۋ دادخاھ ۋەزىر يەتمىشكە ئۇلىشىپ قالدى، چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزان يۈرگۈزۈشتە بىر كاتتا ئەربابىغا ئىزباسار چىقمايدىغان بولدى!
ــــ ئالىيلىرىنىڭ يىراقنى كۆزلىگىنى مېنىڭچە تولىمۇ ئورۇنلۇقتۇر!ــــ دېدى ۋاڭ ۋەن بېشىنى لىڭشىتىپ ئېغىر تىنىپ،ــــ ۋەزىرلىرىنىڭ يەنە شۇنى دېگۈسى كېلىۋاتىدۇ، بۇ قېتىم جازاغا چېتىشلىق ئەمەلدارلار، ئاۋام-رەئىيەت خېلىلا كۆپ، بۇ بەگلىكىمىز بەنا بولغاندىن بېرى مىسلى كۆرۈلمىگەندۇر، شۇڭا ئالاھىدە بىر يارلىق چۈشۈرۈپ بەگلىك ئاۋام-رەئىيەتلىرىگە سەۋەب-نەتىجە، پايدا-زىياننى شەرھلىمەك لازىمدۇر. بولمىسا بەكلا ئۇشتۇمتۇت بولۇپ قېلىپ ئاۋام-رەئىيەتتە غۇم-خۇسۇمەت تۇغۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ــــ تولا بەلەن رىجە،ــــ دېدى يىڭ جېڭ رازىمەنلىك بىلەن شىرەنى مۇشتلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ،ــــ بۇ قېتىم دورغاببەگنى ئاۋارە قىلماي ئۆزۈم بىر يارلىق يېزىپ باقايچۇ!
ــــ ئالىيلىرىنىڭ پاساھەتلىك تىلى، كامالەتكە يەتكەن ئۇسلۇبى ئۆزگىچىدۇر، ۋەزىرلىرىنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويغايلا!
ــــ شۇغىنىسى دورغاببەگنى نائۈمىدتە قويارمەنمىكىن،ــــ يىڭ جېڭ قاقپودىكى خۇشچاغ كەيپىدە بىرھازا قاھقاھلاپ كۈلگىنىچە ۋاڭ ۋەنگە چاقچاق قىلدى، ئارقىدىنلا يەنە سەل رايىش قىياپەتتە،ــــ پەقىر يىڭ جېڭ قەلەمگە خام بولساممۇ دورغاببەگ بولغاچقا ھەممىدىن خاتىرجەممەن، بەگ يارلىقى سىياسەت-تەدبىر خۇسۇسىدا بولغاچقا مەزمۇن جايىدا ئىپادە قىلىنسىلا پاساھەتلىك تىل بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمىساقمۇ بولار. مەزمۇن قوغلاشقانلار مەنتىقىغە، پاساھەت قوغلاشقانلار دۇررى كالامغا ئەھمىيەت بەرمىكى لازىم. بۇ ئىقلىمدىكى كلاسسىك جەۋھەرلەرگە قارايدىغان بولساق پاساھەتلىك دۇررى كالاملار مەشھۇر مۇتەپەككۇر- ناتىقلاردىن تۆكۈلۇر، بۇ جەھەتتە ھەزرىتى مېڭ زىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈدىغىنى يوقتۇر. مەن «مېڭ زى»نى ئوقۇغىنىمدا تالاي مەرتە ئوقۇغان بولساممۇ ئايىقى چىقماس مۇبالىغىدەك تۇيۇلدى، ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنىڭ ھېچبىر جەلبكارلىقى يوقتۇرلەر. پاساھەتسىز يازغانلار قاتارىدا شاڭ تۆرە ئالدىدا تۇرىدۇ. «شاڭ تۆرە باياننامىسى» نىڭ تىلى قوپال، راۋان ئەمەس، ئەمما ئىنتايىن ئۆتكۈر، گەپنىڭ پوسكاللىسى ئېيتىلغان، ئۇنى ئوقۇغان ئادەم خۇددى چاتقاللىقتا پالتا-ئورغاقتا يول ئېچىپ كېتىۋاتقاندەك، ماڭغانسېرى يولى داغداملىشىدۇ، ھېچ تۇيۇق يول ئۇچرىمايدۇ. قېنى ئېيتسىلىچۇ دورغاببەگ، شاڭ تۆرە ئىزىدىن يۈرگۈلۈكمۇ ياكى مېڭ زى ھەزرەت ئىزىدىن ماڭغۇلۇقمۇ؟
خېلى بىر ھازاغىچە تىن تارتماي تۇرۇپ قالغان ۋاڭ ۋەن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي پېشانىسى يەرگە تەگكىچە ئېگىلىپ تازىم قىلىپ:
ــــ پەقىر پەقەت بىر پۈتۈكچىمەن، تەلىملىرىگە ھەشقاللا!ــــ دېدى.
ئەتىسى ئەتىگەندە، ۋاڭ ۋەن ئالدىراپ-سالدىراپ ئوردۇبالىقنىڭ كۈن چىقىش قەسىرىگە يېتىپ كەلدى. كۈتكۈچىلىكتە تۇرۇۋاتقان تامغاچ جاۋ گاۋ ئالىيلىرىنىڭ تېخى بايىلا ئۇخلىغانلىقىنى، تەييارلاپ قويغان بەگ يارلىقىنى دورغاببەگ كۆرۈپ چىقىپ باشقىچە قاراش-ماراشلىرى بولمىسىلا دەرھال جاكارلاشنى تاپىلىغانلىقىنى ئېيتتى. ۋاڭ ۋەن بەگ شىرەسىدىكى توم ئورالغان يارلىقنى ئەستايىدىل بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن كۆڭلىدىن گۆرىستان قورقۇنچى كەچتى:
«ئاۋام-رەئىيەتكە يارلىق :
چىن بېگىنىڭ ئالاھىدە يارلىقى شۇنداغكىم: ئىرپانبەگنىڭ باش ۋەزىرلىك مەنسىپى ئېلىپ تاشلانغاندىن بۇيان جاھان دەككە-دۈككىدە قېلىپ ئوردا ئىچى-سىرتى تىنچمىدىلەر. چىن بەگلىكى سەلتەنەت تىكلىگەن بەش يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقتتىن بۇيان بىر گۇناھكار ۋەزىرنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك ئوردا ئىچى-سىرتىنى ئەشەددىي ئۇنسۇرلار قاپلاپ كېتىدىغان ئىش زىنھار كۆرۈلمىگەنلەر! ئىرپانبەگ لۈ بۇۋېينىڭ ئالدىنقى بەگ بىلەن تونۇشۇپ چىن تەسەررۇپىغا كىرگىنىگە يىگرىمە نەچچە يىللار بولدى، ئۇنىڭ بەگلىكنى تىنچىتىپ ئاسايىشلىققا ئېرىشتۈرۈگەنلىكىدەك تۆھپىسى ھەم شۇنىڭدەك بەگلىكنى مالىمان قىلغانلىقىدەك گۇناھى باردۇرلەر. ئۇنىڭ ياراتقان ئۆچمەس تۆھپىسىگە باش ۋەزىرلىكىگە قوشۇلۇپ بەگلىككە ھەكەملىك قىلىش تاپشۇرۇلغانلەر، نەسەب-مەنسەپ ۋە سۇيۇرغاللىق بېرىلگەنلەر، چىن بەگلىكىنىڭ قۇرۇق نام بېرىش ئەنئەنىسىنى بۇزۇپ لوياڭدىكى ئون تۈمەن تۈتۈنلۈك ئەمەلىي سۇيۇرغاللىق بېرىلگەنلەر، ئۇنىڭ ھوقۇق-ئىمتىيازى، بايلىقى بارلىق ۋەزىر-تۆرىلەرنىڭ يىغىندىسىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەنلەر ھەم بۇنى ئوردا ئىچى-سىرتى ئېتراپ قىلغانلەر، بۇ نەچۈندۇر؟ ئۇنىڭ تۆھپىسى زور بولغىنى ئۈچۈندۇرلەر! چىننىڭ ئۇنى كاتتا سۇيۇرغاللىق بىلەن تارتۇقلىشىمۇ ئۇنىڭ تۆھپىكار ۋەزىر بولغىنى ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ ۋەھالەنكى، ئىرپانبەگ بەگلىككە ھەكەملىك قىلىش ھوقۇق-ئىمتىيازىغا بەگلىككە ساداقەتمەنلىك بىلدۈرۈش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرماستىن بەلكى ھەرەمخانىغا ساختا ئاغۋات كىرگۈزۈپ خاھلىغىنىچە ھەرەمخانىغا كىرىپ، بەگ ئانىنى ئوتقا ئىتتىرىپ، بەگلىك سەلتەنەتىنى بۇزۇقچىلىققا غەرق قىلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئوردا ئىچى-سىرتى داۋالغۇپ، ئىپلاسچىلىقلار ئاشكارىلىنىپ چىن بەگلىكىنى ئارا-نامۇس پاتقاقلىرىغا پاتۇرۇپ، بۈيۈك چىن خەلقىنىڭ بەش يۈز نەچچە يىللىق تارىخىنى ئالامچە ئاھانەت-نامۇسقا قويدى! چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانىدا تۆھپە ياراتقانلارغا جازا يېنىكلىتىلىدۇ، دېيىلگەن بولسىمۇ ئەمما تۆھپىسىنى، ياخشى نام-ئاتىقىنى پەش قىلىپ ئەركان-مىزاننى دەپسەندە قىلسا بولمايدۇ، دېيىلگەن. لۈ بۇۋېينىڭ بۇ ئىشىغا كەلسەك، دادخاھ مەھكىمىسى ۋە مىرغەزەب ئالتە مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ گۇناھ دەلىللەپ، ئەركان-مىزان تەدبىقلىغان، بۇ نەچۈندۇر؟ گۇناھى ئېغىر بولغانلىقتىندۇرلەر! دېمەككىم، چىن بەگلىكى ئىرپانبەگنىڭ تۆرىلىكىنى ساقلاپ قالدى، ئىرپانبەگنىڭ سۇيۇرغاللىقىدىن بىر چىمدىم ئۈزۈۋالمىدى، چىن بېگى تۆھپىكار باش ۋەزىرىگە يۈز كېلەلمىگىدەك نېمە قىلدى؟ شۇنداق تۇرۇغلۇق ئىرپانبەگ ئۆزىنى دەڭسەپ كۆرمەي، ئوي-دۆڭىنى ئويلاپمۇ باقماي ئالتە بەگلىكتىن كەلگەن مېھمانلىرى بىلەن لوياڭدا جەم بولۇپ، ئۆزىنىڭ كىتابىنى تارقىتىپ، ئاۋام-رەئىيەتنى قايمۇقتۇردىلەر، بۇنىڭدىن ئالتە بەگلىكنىڭ نەسەب-مەنسەپدارلىرى خورىكى ئۆسۈپ، تېرىسىگە سىغماي ئالچاڭلىشىپ، تېجىمەل-قوناقلىرى، مۇرىت-مۇخلىسلىرى، گۇپپاڭچى-چوماقچىلىرى بىلەن چىن بەگلىكىنى يۇتۇۋېلىش رىجەلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشتى. ئوردا ئىچى-سىرتىنى ئەمىن قىلىپ يېڭى سەلتەنەتنى ئىزىغا سېلىشنى مۇددىئا-مەقسەت قىلغان چىن بېگى يارلىق چۈشۈرۈپ ئەيىبلەپ، ئىرپانبەگنى باشۇ دىيارىغا كۆچۈپ كېتىشكە بۇيرۇدى، بۇنىڭ نەرى يامان بوپتۇ؟ شۇ كۈنلەردە چىن بەگلىكىنىڭ بىر قىسىم ئاۋام-رەئىيەتلىرى لۈ بۇۋېينىڭ تۆھپىسىنىلا ئەسلەپ ئۇنىڭ گۇناھىغا كۆز يۇمۇپ، چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانىنى كۆزگە ئىلماي، شەندۇڭلۇقلارنىڭ بىر مەھەللىك پىتنە-پاساتلىرىغا ئىشىنىپ، ئالتە بەگلىكنىڭ سۈيقەستىگە گۇپپاڭچىلىق قىلىشىپ، گۇناھكار ۋەزىرگە ئۆز ئالدىغا نەزىر-نۇزرەتلەر بېرىشىپ، مۇقەددەس ئاستانىمىز شيەنياڭنى بېشىغا كىيىپ مالىمان قىلىپ، بەگلىكىمىز ئەركان-مىزانىنى قالايمىقان قىلىشتى، بۇ نېمە دېگەن بىمەنىلىك-ھە؟! ئەگەر بۇنى ئەركان-مىزان بويىچە جازالاپ چەكلىمىسەك، چىن بەگلىكى ئەركان-مىزانىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى نەدە قالىدۇ؟ چىن بەگلىكىنىڭ ئەمىن-ئاسايىشلىقى نەدە قالىدۇ؟ دەل مۇشۇ خۇسۇستا بۈيۈك چىن بەگلىكىنىڭ بېگى ئاۋام-رەئىيەتنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرۇدۇ: بۈگۈندىن ئېتىبارەن بەگلىك ئىشلىرىدا لاۋ ئەي، لۈ بۇۋېيدەكلەر چىقىپ قالغۇدەك بولسا ئۇرۇق-جەمەتى قويماي نەسەبلىرى ئۆچۈرۈلىدۇ⑩. ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد چىن بەگلىكىدە نەسەب-مەنسەپ تۇتالمايدۇ ھەم پۇقرادارچىلىق قىلالمايدۇ. چىن بېگى يەنە شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىك ۋە ئۇلارنىڭ بەگ-تۆرىلىرىنىمۇ شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ: ناۋادا ئۇلار كاشىلا-چاتاق تۇغدۇرۇپ چىن بەگلىكىنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشسا، ئۇلار بىلەن بىر ئىقلىمدا تۇرالمايدۇلەر، ۋاقىب بولغايلەر! چىن بەگلىكى سەلتەنەتىنىڭ 12-يىلى ئەتىياز.»
ۋاڭ ۋەن ئۈندىمەستىن بامبۇك تارشىنى ئورام ساندۇقىغا قاچىلاپ، ئالدىراپلا تارشا ئويمىخانىسىغا كىرىپ كەتتى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن چىن بېگى چۈشۈرگەن «ئاۋام-رەئىيەتكە يارلىق» بىلەن دادخاھ مەھكىمىسىنىڭ جازا جاكارنامىسى بىرلا ۋاقىتتا ئاستانە شيەنياڭنىڭ تۆت قوۋۇقىغا ئېسىلدى. پەرمانچى مەھكىمىسىنىڭ يارلىق بىلەن جازا جاكارنامىسى قاچىلانغان خاس ھارۋىلىرى خىل ئارغىماقلىرىنى قوشۇپ تۇشمۇ-تۇشتىن شيەنياڭدىن چىقىشىپ ئايماق-ئايماق، ناھىيە-ناھىيەلەرگە ۋە شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىككە يۈرۈپ كېتىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاستانە شيەنياڭ خۇددى قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك جىمىپ قالدى، پۈتكۈل گۇەنجۇڭ دىيارى جىمىدى، چىن بەگلىكىنىڭ بارلىق ئايماق-ناھىيىلىرى تىمتاسلىققا چۆمدى، شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىكمۇ خۇددى تىلى كېسىۋېتىلگەن تۇتىدەك جىمىپ كەتتى. چىن بېگىنىڭ ئېزىپ چۈشەندۈرگەن ھەق-قائىدىلىرى، قان ھىدى پۇراپ تۇرغان كەسكىن تەدبىرى ئالدىدا قانات-قۇيرۇق ياساشقان مىش-مىشلەر، پىتنە-پاساتلار بىراقلا بېسىقىشتى.
ئاستانە شيەنياڭدا تۇرۇپ قالغان مۇھاجىرەت-مۇساپىرەتتىكى شەندۇڭلۇق سودىگەرلەر دەسلەپتە قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغانغان ئادەمدەك قورقۇنچقا چۈشتى-يۇ، ئارقىدىنلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىخارامان يۈرۈۋېرىشتى، ھېچبىرىنىڭ قارىشى تەدبىر-رىجە قىلىشقىدەك ماجال-رەۋىتىمۇ قالمىدى، بەزىلىرى جىممىدە قۇيرۇقىنى قىسىشىپ كۈدە-كۆرپە، يۈك-تاقلىرىنى تېڭىشىپ چىن بەگلىكىدىن غىپپىدە تىكىۋېتىش كويىغا چۈشۈشتى. ناۋادا شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىكتە بولىدىغان بولسا، شىددەتلىك كەلكۈندەك ئاۋام رايى ئالدىدا ھېچ بىر بەگلىك مۇشۇنداق بىر ياقلىق قىلالمالا قالماستىن بەلكى ئۆلگۈچىنىڭ نامۇ-شەرىپىنى، ئىززەت-ئابرويىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئاۋام رايىغا بېقىشنى بىردىنبىر تەدبىر، دەپ بىلىشكەن بولاتتى. بىرەر-يېرىم يىل تەرەپ-تەرەپ بىلەن رىجە-كېڭەشلەر قىلىنمىسا رەئىيەت رايىدىكى بۇنداق داۋالغۇشلارنى جىمىقتۇرۇش قىيىن ئىدى. لوياڭدا لۈ بۇۋېى ئوغرىلىقچە دەپن قىلىۋېتىلگەندىن كېيىنكى ئىشلار چىن بەگلىكىنىڭ ئاۋام رايىنى بىرياقلىق قىلىشتىكى تەدبىرىنىڭ باشقا ئالتە بەگلىكنىڭ ئاۋام رايىنى بىرياقلىق قىلىشتىكى تەدبىرى بىلەن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. مۇشۇ سەۋەبلىك شەندۇڭلۇق سودىگەر-تالىبلار قوزغىغان ئومۇميۈزلۈك نەزىر بېرىش مالىمانچىلىقى قوزغالدى. ئالتە بەگلىكنىڭ ئۇلۇغلىرى، تالىب-سودىگەرلىرى ناۋادا لۈ بۇۋېيغا نەزىر بېرىش شامىلى ئەۋج ئالىدىغانلا بولسا چىن بەگلىكى ھەر ھالدا لۈ ھەزرەتنىڭ تېجىمەللىرىگە چىن بەگلىكى تەۋەسىدە «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» نى ئاشكارا تارقىتىشقا ئىجازەت قىلىدۇ؛ نەزىر بېرىش شامىلى توختىماي داۋام قىلىدىغانلا بولسا لۈ بۇۋېيغا قىلىنغان ئۇۋالچىلىقلار ئاقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن؛ مۇشۇ پۇرسەتتە شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىك چىن بەگلىكىگە بېسىم قىلسا چىن بەگلىكى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش بىتىمى تۈزگىلى بولۇشى تۇرغان گەپ، دېگەندەك غۇم-خۇسۇمەتلەرنى كۆڭۈللىرىگە پۈكۈشكەن. بۇنداق رىجە-تەدبىرلەرنى ھەممىلا ئادەم بىلمىگىنى بىلەن ئالتە بەگلىكنىڭ خۇپىيلىرى تەسىرى بار كاتتا سودىگەرلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ بۇلارنى كۆڭۈللىرىگە پۈكۈپ بولۇشقان ئىدى.
ئويلىمىغان يەردىن چىن بەگلىكى شۇنچىلىك تۇيۇقسىز تەدبىر-سىياسەت قىلدىكى، ئاۋام ئارىسىدا نەزىر بېرىش شامىلى قوزغىلىپ بىرەر ئاي بولا-بولمايلا بۇ تەدبىر-سىياسەتلەر تولىمۇ كەسكىن-قاتتىق يۈرگۈزۈلدى. بۇ تەدبىر-سىياسەتلەر يۈگۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ھېچقانداق شەپىمۇ بولمىدى، ئالتە بەگلىك سودىگەرلىرىگە تونۇش بولۇپ كەتكەن سۈلھىي-سالالارمۇ بولمىدى، تىن تارتقۇدەك ئىمكانلارمۇ بولمىدى، بەلكى نەزىرگە چېتىشلىقلارنىڭ بەرى چىن تەسەررۇپىدىن ھەيدەلدى. بۇنداق قاتتىق، چاقماقتەك تەدبىر-سىياسەتلەردىن ئوردا ئىشلىرىنى تىڭ-تىڭلاپ بىلىۋېلىش كويىدىلا يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن ئالتە بەگلىك سودىگەر-دانىشمەنلىرى خۇددى جىن-ئەرۋاھلارغا يولۇققاندەك قورققىنىدىن قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ كېتىشتى. چىن بەگلىكىنىڭ چىن ئەركان-مىزانىغا خىلابلىق قىلغان ئۆز بەگلىكىنىڭ ئەمەلدار-پۇقرالىرىنىمۇ ئەركان-مىزان بويىچە قالدۇرماي بىر تەرەپ قىلىپ، چىن ئەركان-مىزانىغا خىلابلىق قىلغان كەلگىندى سودىگەر-تالىبلارغا «ئۇۋال بولدى» دەپ دادلاپ جار سېلىشىغىمۇ ئىمكان بەرمىگەنلىكى شەندۇڭلۇق سودىگەر-تالىبلارنىڭ زۇۋانىنى تۇۋاقلاپلا قويغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، چىن بەگلىكى شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىككە قاتتىق غەزەب قىلىپ بۇنىڭدىن كېيىن چاتاق تېرىغۇچىلارغا يۈز خاتىدە قىلىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان تۇرسا، يەنە قايسى بەگلىك ھۆرت-پۆرت دېيەلىسۇن؟ بىر توپ سودىگەر، سەيياھ تالىبلارنى ئۆزىگە يۆلەنچۈك قىلىۋالغان بۇ چۈكىنەم بەگلىكلەر ھېچنېمە قىلالمىغان يەردە بىر توپ سودىگەر-تالىبلارنىڭ قولىدىن نېمىمۇ كېلەتتى؟ تېخىمۇ زىغىرلاپ كەلسەك، چىن بەگلىكىنىڭ بازارلىرىدىن جازانىخورلۇق بىلەن مال-دۇنيا يىغىشنى كۆزلەپ كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ چىن بەگلىكىنىڭ ئوردا ۋەزىيىتىنى تەۋرىتىشكە ئۇرۇنۇشى بىرىنچىدىن ئۆز بەگلىكلىرى خۇپىيەلىرىنىڭ دالالىتى ۋە قۇترىتىشىدىن، ئىككىنچىدىن شەندۇڭلۇق سودىگەرلەرنىڭ سودىغا مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئامراق مىجەز-خۇلقلىرىدىن ئىدى. چاتاق چىقىرىش ئۇرۇنۇشلىرى ئاقمىغاننىڭ ئۈستىگە چىن بەگلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىنلا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پۈتكۈل ئىقلىمدىكى ھاياتىي كۈزى زىيادە ئۇرغۇپ تۇرغان ئەڭ زور بازاردىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، بۇ زىياننىڭ ئورنىنى مىڭ قىلغان بىلەنمۇ تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتى.
باش بولۇپ چاتاق چىقارغان كاتتا زەردار سودىگەرلەرغۇ مەيلى، ئۇلارنىڭ نېمىلا دېگەن بىلەن ھەر ھالدا باشقا بەگلىكلەردە سودا سارايلىرى بار. باشقىلارغا ئەگىشىپ چاتاققا چېتىلىپ قالغان تىجارەتچى-ھۆپىگەرلەرگە بۇ زىيان ھەممىدىن ئېغىر كەلدى، يەنى ئۇلارنىڭ دۇكانلىرى چىن بەگلىكىدە بولغاچقا، ئاستانە شيەنياڭدىن ئايرىلسا سودىسى ئۆلدى، دېگەن گەپ، ئۆز بەگلىكلىرىگە قايتىپ تىجارىتىنى قايتىدىن باشلاش دېمەككە ئاسان بولغىنى بىلەن تىجارىتىنى باشلاش ئۈچۈن ئەمەلدارلارغا پارا بېرىدىغان پۇللارنى ئۇلار غەملەپ بولالمايتتى، نەدىمۇ چىن بەگلىكىدىكىگە ئوخشاش ئاسان سودا-تىجارەت بولسۇن؟
مانا مۇشۇنداق تارتقۇلۇق تارتىۋاتقاندا يەنە كىمنىڭمۇ بىر يەرگە يىغىلىپ چىن بەگلىكىنى پاراكەندە قىلىدىغانغا ھەپسىلىسى بولسۇن؟
ھايت-ھۇيت دېگىچە شۇنچە كۆپ سودا سارايلىرى، دۇكانلار چۆلدەرەپ سودا-تىجارىتى بىراقلا ئۆلدى.
يەرلىك چىن پۇقرالىرى باشقىچە بىر تەقدىرگە دۇچ كەلدى. بەگ يارلىقى تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئاۋام-بودۇنلار دەسلىپىدە قۇيرۇقىنى قىسىشىپ يۇۋاشلىشىپ قالدى، ئارقىدىنلا ئۇيان-بۇيان ئويلايدىغان بولدى، خولۇم-خوشنىلار ئارا كۇسۇرلىشىپ، غۇلغۇلا قىلىشىپ، بارا-بارا نەپرەتلىرىنى يوشۇرالماي قېلىشتى. كاللىسىنىڭ قېتىقى چىققىچە تولا ئويلاپ، ئاخىر لۈ بۇۋېينىڭ مېھرىبانلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ جازانى يېنىكلىتىش دېگىنى قارىماققا ئادەمنىڭ كۆڭلىگە ياققاندەك قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇ پۇقرالارغا قانچىلىك نەپ كەلتۈردى؟ ئاۋام-رەئىيەت ئوخشاشلا يەر تېرىش، ئۇرۇش قىلىشقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتمامدۇ؟
لۈ بۇۋېي مېھرىبانانە سىياسەت يۈرگۈزگەن يىللاردا، ئاي-يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يېزىلاردا تۈزۈكرەك يەر تېرىماي كۈنلىرىنى پىتنە-پاساتقا تۇترۇق بولۇپ بېرىدىغان قۇرۇق گەپ سېتىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان «ھورۇنلار» پەيدا بولدى، ئون بەش تۈتۈنلۈك مەھەللە تۈزۈمى تەدرىجىي بوشىشىپ كەتتى، باي-زومىگەرلەرمۇ جازادىن، زىنداندىن قاچقان گۇناھكارلارنى قوبۇل قىلىپ قارانوپۇس قۇللار پەيدا بولدى. ناۋادا بۇ ھال ئۇزاققىچە داۋام قىلىۋەرسە شاڭياڭنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشىدىن بۇرۇنقى كونىلىق ئەسلىگە كەلمەيدۇ، دېگىلى بولمايدۇ، ئۇ چاغدا بۇنىڭ بودۇنلارغا نېمە پايدىسى بولار؟ شاڭ تۆرە ئەركان-مىزانى گەرچە ناھايىتى قاتتىق بولسىمۇ ئەمما تارتۇق بىلەن جازا ئېنىق ئايرىلىپ، ئېسىلزادە-ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بودۇن-پۇقرا ئوخشاشلا جازالىنىپ، ئېسىلزادە-ئاقسۆڭەكلەرگە بېرىلگەن جازا پۇقرالارغا بېرىلگەن جازادىن قاتتىق بولدى، 100 نەچچە يىلدىن بۇيان چىنلىقلار ئۆزىنى قاتتىق سوراشقا ئادەتلەنگەچكە ناھايىتى ئاز كىشىلەرلا ئەركان-مىزانغا خىلابلىق قىلىپ جازالاندى. ھازىرقى كۈندە قايسى بىر بەگلىكتە سەككىز-ئونلاپ ھەپسە-زىندان يوق؟ ئەمما ھەممىدىن چوڭ چىن بەگلىكىدە يۈنياڭ زىندانىدىن ئىبارەت بىرلا زىندان بار، شۇنداق تۇرۇغلۇق يەنە چىن بەگلىكىنىڭ ئەركان-مىزانىنى ياخشى ئەمەس، دېيەلەمسەن؟ شۇنداق تۇرۇغلۇق يەنە نېمىشقا مىيىت كەپىسىدە پوتلىمىزنى ئېقىتىپ لۈ بۇۋېيغا ماتەم تۇتۇپ نەزىر بېرىمىز؟ بۇ قاراپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ، مەيدانسىزلىق قىلىپ مېھرىبانانە سىياسەت يۈرگۈزۈپ جازانى يېنىكلىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟
مېھرىبانانە سىياسەت يۈرگۈزۈپ جازا يېنىكلىتىلسە يەنە شۇ ئاتام كۆرگەن بايىقى بەگ-تۆرەم، ئېسىلزادە-ئاقسۆڭەكلەرگە يېنىكلىتىلىپ قانچىلىك پۇقراغا جازا يېنىكلىتىلەتتى؟ ھېلىقى «لۈ بۇۋېي تەپسىرى» يولغا قويماقچى بولغان ھىدايەت يولى دېگەن زادى قانداق نەرسە؟ جازاسى بودۇن-پۇقرادىن، ھىدايەت-ھىممىتى بەگدىن ئاشمايدىغان نەرسە بولسا بىزدەك بودۇن-پۇقراغا نېمە پايدىسى؟ چىن بېگى شاڭياڭ ئەركان-مىزانىنى يۈرگۈزسە ئېسىلزادە-ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، چۈنكى ئۇلارغا سۇيۇرغاللىق بېرىلمەيلا قالماستىن بەلكى يەنە بودۇن-پۇقرا بىلەن ئوخشاشلا ئەركان-مىزان ئالدىدا باراۋەر بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ بودۇن-پۇقراغا پايدىسى بولسا باركى زىيىنى يوق، بۇنىڭدىن خۇشال بولماي يەنە نېمىگە غەۋغا قىلىشقا نوقان قىلىمىز؟ شۇ چاغدا غەۋغا قىلغاندا راستىنلا كۆزىمىز كور بولۇپ قاپتۇ، دېگەن يەرگە كېلىشتى.
غۇلغۇلىلار ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ، چىنلىقلار كۆڭلى غەش بولدى-دە، كاللىسىنى سىلكىشىپ قايتىىدىن رۇسلاندى.
ھايت-ھۇيت دېگىچە 4-ئاي كىرىپ، ئېكىنزارلىقلار ئالتۇن باشاقلار بىلەن قاپلىنىپ، قاتىلاڭچىلىق مەزگىلى يېتىپ كەلدى. ئاستانە شيەنياڭدىكى چىنلىقلار ئاستانە مەھكىمىسىنىڭ جازا تىزىملىكىنى جاكارلىشىنى كۈتۈپ تۇرمايلا ئۆزلىكىدىن ئوزۇق-تۈلۈك، كۈدە-كۆرپە، گۈرجەك-مىتىنلىرىنى ئۆشنىسىگە سېلىشىپ تۇشمۇ-تۇشتىن مەھكىمە ئالدىغا كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ لۈ بۇۋېيغا پوتلىلىرىنى ئېقىتىشىپ يىغلىشىپ ھازا ئاچقانلىقلىرىنى مەلۇم قىلىشىپ، ئۆزلىرى خاھلاپ جەرىمانە تاپشۇرغاننىڭ ئۈستىگە تېخى مەھكىمىنىڭ ئۆزلىرىنى سېپىل خەندىكىگە ئەۋەتىپ خەندەك قېزىش، مۇنكىر-ماشايىخلارغا خىزمەت قىلىشقا سېلىشىنى ئىلتىجا قىلىشتى. ئاستانە ھاكىمى مېڭ تيەن بۇنىڭدىن تولىمۇ تەساددىپىيلىق ھېس قىلىپ دەرھال ھارۋا ھازىرلىتىپ ئوردۇبالىققا بېرىپ، چىن بېگى يىڭ جېڭغا مەلۇم قىلىپ:
ـــــ پۇقرالار پۇشايمان قىلىپ كېلىشىپتۇ، ھازىرچە جازانى كەينىگە سۈرۈپ ئاراسالدى مەزگىلدە جازالىساق بولۇرمۇ؟ ـــــ دەپ سورىدى.
ـــــ ئەركان-مىزان توغرا يولغا دالالەت قىلسىلا كىشىلەرنىڭ دىلى دۇرۇستلىنىدۇ، ـــــ دېدى ياش يىڭ جېڭ بەگ بىرھازا ئويلىنىپ ۋە ئارقىدىنلا يەنە، ـــــ پۇقرالارنىڭ دۇرۇست بولمىقى بەرھەق، ئوردىنىڭ ھورۇنلارغا ئىچ ئاغرىتىپ جازادىن كەچۈرۈم قىلىشىغا بولمايدۇ. قانداق جازا بېرىلگەن بولسا شۇ پېتى ئۆز قەرەلىدە جازالىماق كېرەك. ياشلارنى ئازايتىڭلار، ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى ئالدىرىتىۋاتىدۇ، پۈتكۈل بەگلىك بويىچە بارلىق مەھكىمە پۈتۈن كۈچى بىلەن يازلىق يىغىمغا كۆز-قۇلاق بولۇشقا چىقىدۇ، مەن گۇەنجۇڭنى كۆزدىن كەچۈرگىلى چىقىمەن، ـــــ دېدى.
مېڭ تيەن ئېگىلىپ تازىم قىلىپ ئوردۇبالىقتىن ياندى.
نۇرغۇن ياشلار ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ ھاشارغا ماڭغان چاغدا چىن بېگى يىڭ جېڭ سەلتەنەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىنكى تۇنجى يازلىق قاتىلاڭچىلىققا ئالدىرىدى.
گۇەنجۇڭ دالاسىدا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن مەنزىرە بارلىققا كەلدى. ئەر-ئايال، ئۇلۇغ-كىچىكلەرنىڭ بەرى ئېتىزلىققا چىقتى، مەھكىمە ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى يېزىمۇ-يېزا، كەنتمۇ-كەنت ماڭغاندا مەھكىمىدىكى ئات-ھارۋىلارنىڭ بىرى قالماي يولغا چىقىپ، يېزا، كەنتلەرگە داغدۇغا بىلەن يۈرۈپ كەتتى. ئېتىزلىق ئارىلىرىدىكى يوللاردا تاغدەك ئۆنجە بېسىلغان كالا ھارۋىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. ئالتۇنرەڭ بۇغدايلىقلاردا يازنىڭ تومۇز ئىسسىقىغا قارىماي ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن قىزىپ كەتكەن ئورمىدا باشاقلار تەدرىجىي ئازىيىپ بارماقتا ئىدى. ھەر كۈنى سەھەردە يىڭ جېڭ بەگ سۈبھى بىلەن تەڭ تۇرۇپلا يېنىك ھارۋا بىلەن بىر توپ چەۋەبدازلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ يۇقىرى قىنىدىكى چوڭ يولدا كۈن چىقىش تامان يۈرۈپ، چىڭقى چۈش مەھەلدە خەنگۇ قورۇلىغا يېتىپ كېلەتتى؛ قورۇل قورغىنىدا بىرەر يېرىم ئاش پىشىمى دەم ئېلىۋېلىپ، ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ تۆۋەن قىنىدىكى ئېتىزلىق ئارىلىرىدىكى يوللار بىلەن كۆزدىن كەچۈرگەچ كۈن بىلەن تەڭ شيەنياڭ ئېدىرلىقىغا كېلىپ بولاتتى. سېپىل خەندىكىگە چۈشمىسىمۇ، ئېتىزلىقلارنىڭ تىرگىنىگە بارمىسىمۇ ئەمما چىنچۈەن دالالىرىدىكى چوڭ-كىچىك يوللاردا موكىدەك قاتناپ تەكشۈرەتتى. قىزىق ئىش، ھەر قېتىم ئۇ 100 كىشىلىك چەۋەندازنىڭ ھىماتىدا مىس ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ئۆتكىنىدە تومۇزنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدىكى ئېكىنزارلىقلاردا ئىشلەۋاتقان پۇقرالار بىلەن ئەمەلدارلار خۇددى كېلىشىۋالغاندەكلا قولىدىكى ئىشىنى توختىتىپ ياش بەگنىڭ تەرلەپ پىشىپ كەتكىنىگە قارىماي ئالتە چى ئېگىزلىكتىكى كۈنلۈكى ئاستىدا مىت قىلماي تىك تۇرغىنىغا قارىشىپ تۇرۇشاتتى. «ئالىيلىرى ياشىغايلا» دەپ چۇقانمۇ سېلىشمايتتى، بەگنىڭ شاپائىتىگە تەشەككۈر-ھەشقاللا بىلدۈرۈپ تىز پۈكۈپمۇ قويۇشمايتتى، خۇددى پىژغىرىم دىمىق ئىسسىقتا قاتۇرۇپ قويغان ھەيكەلدەكلا تۇرۇشاتتى.
5-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، توپ-توپ غەللە-پاراق تاپشۇرۇدىغان ھارۋىلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي چېپىپ تۇرۇشى بىلەن يازلىق يىغىم ئاخىر ئاياقلاشتى.
چىن بەگلىكىنىڭ ئوردا-ئاۋاملىرى تېخى دېمىنى ئېلىۋالماي تۇرۇپلا ھەممىلا يەرنى قۇرغاقچىلىق قاپلاپ كەتتى. ئېتىزلىقلاردا ئۈچ چى چوڭقۇرلۇقتا كولىسىمۇ نەم كۆرۈنمەيتتى، شۇڭا يازلىق تېرىلغۇغا تۇتۇش قىلىش ئەسلا مۇمكىن بولمىدى. گۈەنجۇڭدىكى ئىككى كونا ئۆستەڭ بىلەن كۈن پېتىشتىكى بىرقانچە ناھىيە يەرلىرىنىلا سۇغارغىلى بولاتتى، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ قۇرغاقچىلىقتىن قانداق ئۆتۈش كېرەك؟ دەريا-كۆللەر ئەتراپىدىكى دېھقانلار كېچە-كۈندۈز ھارۋا بىلەن سۇ توشۇپ ئوسا قىلىپ تېرىشقان بولسىمۇ بۇنىڭلىق بىلەن مەسىلە ھەل بولمىدى، دېھقانلار تۇپراق يېرىپ ئۈنۈپ چىققان مايسىلارنىڭ چاڭقاپ قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىنى كۆرۈپ ئىچى سىيرىلىپ يىغلاي دېسىمۇ ياشلىرىمۇ قۇرۇپ كېتىشكەن ئىدى. چىن بېگى يىڭ جېڭ ئايماق-ناھىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرلىكتە سۇغىرىش ۋە تېرىشقا يېتەكچىلىك قىلىشى، ئېرىق-ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلىشى خۇسۇسىدا جىددىي يارلىق چۈشۈرگەن بولسىمۇ ھېچ ئىش ئاقمىدى.
7-ئاي كىرگەندىن كېيىنمۇ چىن بەگلىكىنىڭ مەركىزىي رايونلىرىدا بىرەر تېمىم يامغۇرمۇ ياغمىدى، شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىكتىمۇ ئايلاپ زور قۇرغاقچىلىق كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
تومۇز كۈنلىرىدىكى پىژغىرىم ئىسسىقتا سەنجىن تەۋەسىدىكى ئاچارچىلىقتا قالغان ئاۋام چىن بەگلىكىگە دەۋرەپ كېلىشتى. پالچىلارنىڭ ئاڭلىغان ئادەمنى قورقۇنچقا سالىدىغان، ئاچارچىلىققا ئۇچرىغان پۇقرالار بىلەن تەڭلا يېتىپ كېلىپ تارقىلىشقا باشلىغان بىشارەتتە «بۇ يىل قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز باھاردا كۈن پېتىش تەرەپتە، يازدا يۇقىرى تەرەپتە كۆرۈندى، يەتىكەن يۇلتۇزىنىڭ تۆۋىنىدىن 80 كۈنلۈك يەردىكى چىن بەگلىكىنىڭ ئىشلىرى ئوڭىغا تارتمايدۇ، يەتىكەن يۇلتۇزى چىن بېگى يىڭ جېڭنىڭ ئەتراپىدا تەتۈر چۆرگىلەپ ئايلىنىپ، يىڭ جېڭنى ساماغا ئېلىپ چىقىپ جازالايدۇ، ھازىرقى زور قۇرغاقچىلىق دەل بۇنىڭدىن بېرىلگەن بىشارەتتۇر» دېيىلدى.
پالچىلارمۇ «چىن بەگلىكىدە قاتتىق قۇرغاقچىلىق بولۇپ، ئۆلۈدىغانلارنىڭ ھەددى-ھېسابى بولمايدۇ، بەگلىك ھالاك بولىدۇ!» دەپ بىشارەت بەرگەنمىش!

ئىزاھاتـلار
① ئەرباببەگ ـــ ۋېي بەگلىكىنىڭ ھوقۇق جەھەتتە باشقا بەگلىكلەرنىڭ باش ۋەزىرى بىلەن باراۋەر بولغان ۋەزىرى.
② ئايماق تەپتىش بېگى ـــ چىن بەگلىكىنىڭ ئايماق مەھكىمىسىدە تەسىس قىلغان مەنسەپ، ئايماق تەپتىشى.
③ مىيىت ئۇزىتىشتىكى بۇ «ئىپتىدا مۇراسىمى» ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان جەسەت رۇسلاش، ئەرۋاھ چاقىرىش، جەسەت قويۇش، جەسەت پەردىسى چۈشۈرۈشنىڭ قائىدە-تەرتىپلىرىدە، جەسەت رۇسلاش ـــ جەسەتنى ئۆينىڭ شىمالىي تېمىدىكى دەرىزە تۈۋىگە بېشىنى جەنۇبقا قارىتىپ قويۇشنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەرۋاھ چاقىرىش ـــ خۇراپىي ئادەت بولۇپ، ئۆلگەن ئادەمنى تىرىلىپ قالارمىكىن، دېگەن ئۈمىدتە ئۇنىڭ روھىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تىلەشنى كۆرسىتىدۇ؛ جەسەت قويۇش ـــ ئۆلگۈچىنى قولايلىق جايغا قويۇشنى كۆرسىتىدۇ؛ جەسەت پەردىسى چۈشۈرۈش ـــ جەسەت قويۇلغان ئۆينىڭ پەردىسىنى چۈشۈرۈش ياكى چىمىلدىق ئىچىگە ئەكىرىپ قويۇشنى كۆرسىتىدۇ.(ت)
④«شۈن زى: مۇراسىم بايانلىرى»غا قاراڭ.
⑤ 720 گەز 2500 مېتىرغا، يەنى ئىككى يېرىم كلومېتىرغا باراۋەر.(ت)
⑥تارىختا لوياڭ كۆپ قېتىم نامى ئۆزگەرتىلگەن جاي، بەزى بەگلىكلەر «لويى» غا ئۆزگەرتسە يەنە بىر مەزگىللەردىن كېيىن باشقا بىر بەگلىك تەرىپىدىن «لوياڭ»غا ئۆزگەرتىلگەن.
⑦ زاكاتچى: قەدىمقى ئەمەل نامى، ئەڭ بۇرۇن «جۇ يوسۇنلىرى. يەرلىك ئەمەلدارلار ھەققىدە بايان» دا ئۇچرايدۇ. زاكاتچىلار تۈرلۈك كونكرېت ئىشلارنى بېجىرگۈچىلەردۇر. ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرىدە زاكاتچىلىقنى ۋەزىرلەرنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ئۈستىگە ئېلىپ ۋەزىرلەر مەھكىمىسىدە ئىش بېجىرگەن، ئادەتتە «تېجىمەل-قوناقلار» دەپ ئاتالغان. تاڭ سۇلالىسى، سۇڭ سۇلالىرىدىن كېيىن زاكاتچىلار ئەمەل نامى بولۇشتىن قالغان، بەلكى بەگزادىلەرنىڭ باشقىچە نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان.
⑧ فاڭلىڭ: ھازىرقى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ فاڭشيەن ناھىيىسى تەۋەسى، شۇ زاماندا چىن بەگلىكى تەسەررۇپىدىكى تىك قىيا تاغۇ-تاشلىق، شىددەتلىك دەريا-ئېقىنلىق رايون.
⑨ مۇنكىر-ماشايىخلار خىزمىتىدە بولۇش: چىن بەگلىكىنىڭ بىر تۈرلۈك جازاسى بولۇپ، بۇ جازاغا بۇيرۇلغانلار كىيىم-كېچەك، ئوزۇق-تۈلۈك، يېپىنچىلىرىنى ئېلىپ بېرىپ بەگلىك ئىبادەتخانىسىغا ئوتۇن تېرىپ كېلىدۇ.
⑩ نەسەب ئۆچۈرۈش: چىن بەگلىكىنىڭ بىر خىل جازا تۈرى بولۇپ، گۇناھكارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ-كىچىك جەددى-جەمەتى، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد، ئەبەدىل-ئەبەد ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىپ قۇل قىلىنىدۇ.
چىن بەگلىكىدە ناھىيەگە قاراشلىق يېزا، يېزىغا قاراشلىق كەنت تەسىس قىلىنغان. بۇ يەردىكى كەنتلەرنىڭ بەزىلىرى تەبىئىي كەنتلەردىن چوڭراق بولغان.
تۆتىنچى،ئەلمىساقتىن كۆرۈلمىگەن قۇرغاقچىلىقتا زېمىنغا چاك كەتكەنلىكى ، كونا گەپنىڭ ئۇشتۇمتۇتلا قايتا پەيدا بولغانلىقى سۇ، تۇنجى قېتىم چىن بەگلىكىدە ھەممىدىن بەك غۇلغۇلا قىلىنىدىغان پاراڭ بولۇپ قالدى.
تۇنجى قېتىم يامغۇر-يېشىنى مول گۈەنجۇڭدا قۇرغاقچىلىق چىن بەگلىكىنىڭ ئەشەددىي ئاجىزلىقى بولۇپ قالدى.
زامان-زامانلاردىن بېرى سۇ ئاپىتى خۇاشيا قەبىلىلىرىگە ئەجەللىك تەھدىت سېلىپ كەلدى. «جاھاننى توپان بېسىپ، قات-قات تاغلار بىلەن ئورالغان شياڭلىڭ قەلئەسى سۇغا غەرق بولدى» دەيدىغان قورقۇنچلۇق رىۋايەت ئۇزاقتىن بېرى كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمىدى. يېغىلىق دەۋرىگە كەلگىچە خۇاشيا دىيارى ھېلىھەم نەم-ئىللىق، يامغۇر-يېشىنى مول، دەريا-ئېقىنلىرى مەۋج ئۇرۇپ ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان، بۈككىدە يېشىللىق بىلەن قاپلانغان زېمىن ئىدى. ئۇ زامانلاردا كەلكۈن ئاپىتىنىڭ سالىدىغان زىيىنى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن ئېغىر ئىدى. دەل مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن «سۇدىن پايدىلىنىش» تەلىماتى بارلىققا كەلدى. سۇدىن پايدىلانغۇچىلار سۇنى تىزگىنلەپ پايدىلىنىدىغان بولدى. پۈتكۈل ئىقلىمدا چېكى كۆرۈنمەيدىغان سازلىقلار ھاسىل بولۇپ، سۇ ئاپىتىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى، دېھقانلار، بېلىقچىلار، ئوۋچىلار دائىم ئېغىر ئاپەتكە ئۇچراپ كەلدى. شۇڭا، چوڭ دەريا-كۆللەر ئەتراپىدا ئادەملەر ئازىيىپ، ھەممىلا يەر بۈك-باراقسان چاتقاللىق قاپلىغان توقايلىققا ئايلىنىپ قالدى. ئادەملەر كۆپەيمىگەن، كۆپىنچە ئادەملەر دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاشۇ ئېكىن مەدەنىيىتى زامانىدا سۇنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشىنىڭ ھېچبىر پايدىسى بولمىدى. مەسىلەن، چۇ بەگلىكىدە ئۇپۇققىچە سوزۇلغان كۆز يەتكۈسىز سازلىقلار، يۈگەنسىز دەريا-ئېقىنلار ناھايىتى كۆپ ئىدى، پەقەت يۈنمېڭ سازلىقىنىڭ ئۆزىلا ئوتتۇرا ئىقلىمدىكى نەچچە ئون تۆرىلىك زېمىنىگە باراۋەر ئىدى. چۇ بەگلىكى ۋۇ بەگلىكى بىلەن يۆ بەگلىكىنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن چۇ بەگلىكىنىڭ زېمىنى لىڭنەن① گىچە تۇتىشىپ، زېمىنىنىڭ چوڭلىقى پۈتكۈل شىمالىي جۇڭگو بىلەن ئوخشاش دېگىدەك بولۇپ قالدى. ئەمما، چۇ بەگلىكىنىڭ زېمىنى كەڭ بولغىنى بىلەن قايناق-ئاۋات، باي-باياشاد يەرلىرى چاڭجياڭ دەرياسى بىلەن خۇەيخې دەرياسى ئارىلىقىدىكى جياڭخۇەيدە بولۇپ، بەگلىكنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئوتتۇرا ئىقلىمدىكى بەگلىكلەرگە يەتمەيتتى. چۈنكى، بۇ بەگلىكنىڭ زېمىنىدە قات-قات تاغلار ئايرىپ تۇرغان دەريا-ئېقىنلار، كۆل-سازلىقلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، يىللاپ سۇ ئاپىتى ئۈزۈلمەيتتى، ئاھالىسى شالاڭ، تارقاق ھەم ئاز بولغاچقا ئاپەتنى تىزگىنلەشكە يېتىشمەيتتى، نەتىجىدە
دەريا-ئېقىنلىرى، كۆل-سازلىقلىرى ناھايىتى كۆپ بۇ يەرلەر خىلۋەت توقايلىققا، بېلىقچىلىق-ئوۋچىلىق ماكانىغا ئايلىنىپ قالدى، بەگلىك خەزىنىسىنى ئاشلىق-ئاقچىلارغا تولدۇرىدىغان مۇنبەت يەر ناھايىتى ئاز ئىدى . دەل
بۇنىڭ تەتۈرىسىچە، شۇ زاماندىكى چوڭ دەريا ۋادىلىرىدا سۇ تىزگىنلىنىپ پايدىلىنىلدى. يۈ ئاقساقال سۇنى تىزگىنلەپ دەريا قىنىنى دېڭىزغا تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن، دەريا سۈيى ئىزىغا چۈشۈپ مۇقىملاشتى. تارام-تارام ئېقىنلار دەريالارغا، دەريالار دېڭىزغا قۇيۇلدى، قۇيۇلىدىغان ئېغىز تاپالماي تەرەپ-تەرەپكە تېشىپ ھەممىلا يەرنى توپان باسىدىغان سۇ كەلمەسكە كەتتى. شۇنىڭ بىلەن سۇ ئاپىتى ئازىيىپ، سۇ يوللىرى راۋانلىشىپ، چەكسىز كەتكەن مۇنبەت ئېكىنزارلىقلار كېڭەيدى. شۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ دەريا ۋادىلىرى رەت-رەت سالا ئېتىزلارغا ئايلىنىپ، سېپىل خەندەكلىرى بىنا قىلىنىپ، كەنتلەر بىر-بىرىگە تۇتىشىپ، خۇاشيا مەدەنىيىتىنىڭ ئوخچۇپ تۇرغان بۇلىقى ھاسىل بولدى
ئەمما، چوڭ دەريا ۋادىلىرى سۇ تىزگىنلىنىپ پايدىلىنىلىدىغان مۇنبەت يەرگە ئايلانغان بولسىمۇ، سۇ ئاپىتى يەنىلا كۆپىيىپ كەتتى، ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ ئىش-ئەمەلى يەنىلا «توغان سېلىش» تىن ئېشىنالمىدى. شۇ يىللاردا كۆكبېشى-مىرابلارنىڭ ئولتۇرسا-قوپسا ئويلايدىغىنى سۇ ئاپىتىنى تىزگىنلەش بولۇپ قالدى، ئۇلار سۇ تىزگىنلەشتە ئالدى بىلەن دەريا قىنىنى پۇختىلاپ دەريا تاشقىنىنى ئازايتتى، ئاندىن سۇغىرىش ۋە سۇ تەمىراتى (قاتنىشى) يوللىرىنى ئاچتى. يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، مەيلى چۇ بەگلىكىنىڭ خەنشۈي دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئاستانە يىڭنى ئايلاندۇرۇپ ئۆتكۈزۈشى بولسۇن ياكى ۋېي بەگلىكىنىڭ جاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئۆز ئاستانىسى يېغا، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى خۇەيخې دەرياسىغا باشلايدىغان خۇڭگو قانىلى ۋە ياكى چىن بەگلىكىنىڭ سىچۈەندىكى دۇجياڭ توسمىسى بولسۇن، ئوخشاشلا دەريا تاشقىنىدىن مۇداپىئە كۆرۈشنى مەقسەت-مۇددىئا قىلدى.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، قۇرغاقچىلىقتىن ساقلىنىش كىشىلەرنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىگەن ئىدى.
قۇرغاقچىلىققا قارىشى تۇرۇش ــــ يېغىلىق دەۋرىدە سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنىڭ دائىرىسىدە ئەمەس ئىدى.
شۇ ئاي، شۇ يىللاردا چىنلىقلار «سۇدىن پايدىلىنىش» تەلىماتىغا شەك-شۈبھىسىز ئىشىنەتتى. ھەر قانداق بىر چىنلىق «پالنامە»دە قەيت قىلىنغان «جاھاندا سۇدىن كۆپ نەرسە يوق، سۇ تاشسا جاھاننى توپان باسۇر، توپاندىن كۈللى جانۋارنىڭ ساق قالمىقى مۈشكۈلدۇر»دېگەن كەلىمىلەرنى شىپى كەلتۈرۈشۈپ قويۇشاتتى. يېغىلىق دەۋرىدە ئەۋج ئالغان مەدەن، گىياھ، سۇ، ئوت، تۇپراقتىن ئىبارەت بەش ئاناسىر بەگلىك تەقدىرىنىڭ تەلىماتى سۈپىتىدە ئۇلۇغلاندى. چىنلىقلار ئۆز تەقدىرىنى سۇغا باغلاپ، قارا رەڭنى
چوڭ بىلدى. شۇ زاماندا، گەرچە قۇرئەندازلار سۇخەنچىلىك ماھارەتلىرىنى قامچىلاپ، مەدداھلىق ئارغىماقلىرىنى چاپتۇرۇپ بەش ئاناسىرنىڭ شۈبھىسىزلىكىنى دەلىللەشكەن بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ھەق-ماھىيەتلىرى چىنلىقلارنىڭ سۇدىن پايدىلىنىشقا چوقۇنغانلىقىدىن بولغان. جاھاندىكى سۇنىڭ پەيلىدىن سۆز ئاچقاندىمۇ، چىن بەگلىكىنىڭ سۇدىن پايدىلىنىشى بىر مەھەل تازا روناق تېپىپ گۈللىنىپ، زور نەپ-مەنپەئەتلەرگە ئېرىشكەن. يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، چىن بەگلىكى تەسەررۇپىدىكى زېمىن بەش مىڭ كۋادرات چاقىرىم②غا يەتكەن بولۇپ، شۇ زاماندىكى خۇاشيا زېمىنىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىرىدىن بەشتىن بىرىگىچە توغرا كېلەتتى. جۇغراپىيەلىك شارائىتى جەھەتىدىن ئېيتقاندا، بۇ بەش مىڭ كۋادرات چاقىرىم زېمىن
گۇەنجۇڭ تۈزلەڭلىكى، لوڭشى تاغلىق رايونى،خۇاڭخې دەرياسىنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدىكى ئېگىزلىك (خېشى ئېگىزلىكى)، سىچۈەندىكى با ھەم شۇ ئايماقلىرى، خەنشۈيدىكى نەنجۈن ئايمىقى، خۇاڭخېنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىنىڭ ئىچكى قىسىم رايونلىرىدىن ئىبارەت ئالتە بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. شۇ زاماندا، بۇ ئالتە بۆلەك زېمىن يەرلىرى مۇنبەت، سۈيى ئەلۋەك، بۈك-باراقسان ئورمانلىق، ياپ-يېشىل يايلاقلىرى بار گۈزەل زېمىن بولۇپ تېرىقچىلىق، كانچىلىق، بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىققا باب كېلىدىغان يەر بولغاچقا، ھېچبىر يەردە ئاۋام-رەئىيەت بىرەر قېتىممۇ سۇ ئاپىتى سەۋەبلىك ئېغىر كۈنلەرگە قالمىغان.
چىن بەگلىكىنىڭ كىندىكى بولمىش گۇەنجۇڭ تۈزلەڭلىكى سۇدىن پايدىلىنىشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە رايون. يەرلىك چىن رەئىيەتلىرىنىڭ :«توققۇز دەريا، ئون سەككىز كۆل بۇ گۈزەل ئىقلىم، كۈن چىقىشتىن كۈنپېتىشقا سەككىز يۈز چاقىرىم» دەپ تەرىپلەيدىغىنىمۇ دەل مۇشۇ گۇەنجۇڭنىڭ سۈيىنىڭ ئەلۋەكلىكىگە، تاغ-دەريالىرىنىڭ گۈزەللىكىگە قارىتىلغان. توققۇز دەريا دېگىنى ۋېيشۈي، جىڭشۈي، لوشۈي، باشۈي، چەنشۈي، خاۋشۈي، يۈشۈي، لاۋشۈي دەريالىرى ئىدى.
بۇ توققۇز دەريانىڭ تارماق ئېقىن-ئۆستەڭلىرىنى ھېسابلاپ كەلسە چىنچۈەندىكى دەريالار ناھايىتى كۆپ. چىن بەگلىكى ناھىيە تەسىس قىلغاندا، «ھەممە ناھىيەنىڭ تاغ-دەريالىرى بار» دەيدىغان گەپ تاقالغان بولۇپ، بۇنىڭدىن چىنچۈەندە دەريا-ئېقىن، كۆللەرنىڭ ناھايىتى كۆپ، سۈيى مول جاي ئىكەنلىكى ئايان ئىدى. ئون سەككىز كۆل، دېگىنى سەككىز يۈز چاقىرىملىق چىنچۈەن زېمىنىدىكى چوڭ-كىچىك ئون سەككىز كۆل كۆزدە تۇتۇلغان، كۈن پېتىشتىن كۈن چىقىشقا تارقالغان بۇ كۆللەر نيۇشۇچى كۆلى، شىبېيچى كۆلى، خېچى كۆلى، پەنچى كۆلى، بىڭچى كۆلى، خاۋچى كۆلى، لەنچى كۆلى، چۇچى كۆلى، مىچى كۆلى، كۇەيچى كۆلى، لاڭچى كۆلى، جىساۋچى كۆلى، داڭلۇچى كۆلى، خۇڭپوچى كۆلى، دۇڭپوچى كۆلى، ۋېيپۇچى كۆلى، مېيپوچى كۆلى، چياۋخوچى كۆلىدىن ئىبارەت بولۇپ، چىنچۈەندىكى بۇ دەريا-كۆللەر بىر-بىرىگە زەنجىرسىمان گىرەلىشىپ كەتكەچكە، چىنچۈەن قەدىمدىنلا «قۇرۇقلۇقتىكى دېڭىز» دەپ ئاتالغان. غەربىي خەن دەۋرىگە كەلگەندە، دانىشمەن سىما شياڭرۇ ئۆزىنىڭ «چۇ ئەلچىسى زى شۈ ھەزرەت بايانلىرى» دا: «تاشتىن تاشقا سەكرەپ مەۋج ئۇرىدىغان سەككىز دەريا تەرەپ-تەرەپكە يىلاندەك سوزۇلۇپ ئاقىدىكەن ۋە تەرەپ-تەرەپتىن ئېقىپ كېلىدىكەن، ئىككى تاغ ئارىسىدىكى ھەيۋەتلىك تار جىلغىدىن ئۆتۈشۈپ تاش-شېغىللار بىلەن تولغان كىچىك بىر ئەگىمدىن ئايلىنىپ، بۈك-باراقسان ئورمانلارنى كېسىپ ئۆتۈپ چېكى كۆرۈنمەيدىغان دالالارغا كېتىدىكەن، سۇ شۇنچىلىك تېز، ھەيۋەتلىك ئاقىدىكەنكى، ئېگىز تاغلارنىڭ تار ئېغىزى ئارقىلىق پەسكە شارقىراپ چۈشىدىكەن» دەپ يېزىپ، دەريا-كۆللەرنىڭ چىنچۈەننىڭ يېزا-كەنتلىرى، شەھەر سېپىلى خەندەكلىرىنى كېسىپ ئېقىۋاتقان مەنزىرىسىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن، مانا بۇ چىن دەۋرىگە تەئەللۇق جانلىق سۈرەت ئەمەسمۇ؟
تاغ-دەريالار بىلەن ئورالغان سۈيى ئەلۋەك، بايلىقى مول، تۇپرىقى مۇنبەت بۇ زېمىنغا ھەرقانچە قۇدرەتلىك لەشكەرلەرمۇ ئاسان باستۇرۇپ كېلەلمەيتتى، مانا بۇ پۈتكۈل ئىقلىمغا مەشھۇر چىنچۈەن ئىدى.
ئۈچ پادشاھ، بەش خاقان زامانىدىن بۇيان گۈەنجۇڭ پۈتكۈل ئىقلىم ئېتراپ قىلغان ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە جاي بولغان. بۇ زېمىندا قائىدە-يوسۇن، ئەدەب-ئەخلاق مەدەنىيىتىگە ئىگە جۇلۇقلار ئېكىن مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ ناھايىتى ئۇزاق زامان ياشاپ يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ، ئېكىنچىلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان، نۇرغۇن جەڭگى-جىدەللەر ئارقىلىق ئۆزىگە خاس ئەركان-مىزان مەدەنىيىتى بىلەن بۇ ئىقلىمنى لەرزىگە سالغان چىنلىقلارغا ئورۇن بوشاتتى. ئوتتۇرا ئىقلىم مەدەنىيىتىنىڭ ئۈچ مىڭ يىللىق تارىخىدا بۇ زېمىن جۇڭخۇانىڭ ئىككى چوڭ ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى ئاپرىدە قىلىپ، كائىنات-كائىناھ (ئالەم بىلەن زېمىن) نىڭ ئۆزگىچىلىكىنى تونۇدى. كائىنات بىلەن كائىناھنىڭ ئىنئام-نېئىمەتلىرىگە ھەمدۇ-سەنا ئوقۇشقا توغرا كەلسە، مۇشۇ ئىقلىمدا باي-باياشادلىقتا يېگانە چىنچۈەن شۇنىڭغا لايىقتۇر. پەلەكنىڭ چەرخى ئايلىنىپ يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى چىن بېگى يىڭ جېڭ سەلتەنەتنى ئىلكىگە ئالغان زامانغا كەلگەندە، چىنچۈەن ئوتتۇرا ئىقلىمدىكى ئەڭ باي زېمىن بولۇش شەرىپىدىن قالدى. باي-باياشادلىق، ئاۋات-ئاسايىشلىقتا كۈن چىقىش تەرەپتە چى بەگلىكىنىڭ دېڭىزغا تۇتاش لىنزى ئايمىقىغا، تۆۋەن تەرەپتە چۇ بەگلىكىنىڭ خۇەيشۈي دەرياسىنىڭ ئىككى قىنىدىكى ئايماق-ناھىيەلەرگە، مەركىزىي قىسىمدا ۋېي بەگلىكىنىڭ دالياڭ تۈزلەڭلىكىگە يەتمىسىمۇ، چىن بەگلىكى كۆپلىگەن ئۇرۇشلاردا زەپەر قۇچۇپ شەندۇڭدىكى ئالتە بەگلىكنىڭ دەپى-دۇنيالىرى، ئاھالىلىرىنى ئولجا قىلماي ئۆزى كۈچىگىلا تايانغان بولسا، ھازىرقىدەك پۈتكۈل ئىقلىم ھومىيىپ قاراشقا پېتىنالمايدىغان قۇدرەتلىك، باياشاد بەگلىك سالاھىيىتىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن بولاتتى.
شۇ ئارىدا تەتۈر پەلەك چىن بەگلىكىنى ئاپەت قىسمەتلىرىگە دۇچار قىلدى ــــ مۇنبەت تۇپراق شورلىشىپ، سۇ ياقىسىدىكى ئېتىزلارنى قۇرغاقچىلىق قاپلاپ كەتتى.
دەريالار گىرەلەشكەن، كۆللەر بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن چىنچۈەننىڭ سۇ كۆللەپ تۇرىدىغان ئويمانلىقلىرىدا پارچە-پارچە غەلىتە-غەيرىي شورتاڭلىقلار پەيدا بولۇپ، يىل بويى سۇ كۆللەپ نەملىشىپ، يەر پوستى ئاپئاق شورلىشىپ كەتتى، ياز-كۈز پەسىللىرى بىپايان دېڭىزدەك سۇ شەكىللەنسە، قىش-ئەتىياز پەسىللىرى ئاپئاق توزان كۆتۈرۈلۈپ، ئۇرۇق سېلىنغان تۈرلۈك زىرائەتلەردىن مايسا چاغلىق گىياھ ئۈنمەيدىغان، ھەممىلا يەرنى ياۋا ئوت-چۆپلەر، خوخا تىكەنلەر، ئاسمان پەلەك ئېگىز قومۇچلار قاپلاپ كەتتى. زىرائەت ئۈنمەي ئاپئاق توپا-توزان پۇرقىراپ تۇرىدىغان بۇ يەرلەرنى چىنلىقلار «شورتاڭلىق» دەپ ئاتاشتى. بۇ شورتاڭلىقتىن ئەتراپتىكى مۇنبەت يەرلەرگە سۇ راۋان ئاقماي نەچچە يىلدىلا مۇنبەت يەرلەرنىمۇ يۇتۇپ، شامال چىققان ھامان ئاق تۇمان كۆتۈرۈلىدىغان قاقاس شورتاڭلىققا ئايلاندۇرۇۋەتتى. مۇنبەت ئېتىزلار ئاقىرىشقا باشلىغان ھامان دېھقانلار بار كۈچى بىلەن جاپا چېكىپ زەيلىك قېزىپ شور ئاققۇزۇپ تەر تۆكۈشكەن بولسىمۇ بۇ يەرلەر سەككىز-ئون يىلدا قاراپ تۇرۇپ ئۈنۈمسىز شورتاڭلىققا ئايلىنىپ كېتەتتى. ئەزەلدىن ماقال-تەمسىللەرگە ئۇستا چىنلىقلارنىڭ: «تۇزلۇق سۇ يەر پورەكلىتۇر، يەر پورەكلىسە ئېتىز يوقىلۇر، ئاق تۇپراق دان ئۆلتۈرۇر، ھەممىلا يەرنى بۆرە تىزىكى بىر ئالۇر» دېگىنى ئەمەلىيەتتە دەل ئاشۇ مۇنبەت يەرلەرنى يۇتۇپ كېتىۋاتقان شورتاڭلىق تەسۋىرلىگىنى ئىدى. چىنچۈەننىڭ كۈنپېتىش تەرىپىدىكى يەرلەرنىڭ يەر شەكلى ئېگىزرەك بولۇپ شور ئېقىتىش ئاسان ئىدى، بۇ يەرلەردە شورلىشىش ئۇنچىلىك ئېغىر بولمىسىمۇ، ئەمما تەدرىجىي پەسلەپ بارىدىغان بىپايان ئوتتۇرا چىنچۈەندە، ئاستانە شيەنياڭدىن كۈنچىقىش تامان ئاقىدىغان لوشۈي دەرياسىنىڭ ۋېيشۈيگە قۇيۇلىدىغان ئېغىزىغىچە بۇنداق شورتاڭلىق بارغانسېرى كېڭىيىپ، كىچىكرەك شورتاڭلىق نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ مو، چوڭراقلىرى نەچچە ئون چاقىرىم يەرگىچە سوزۇلۇپ، بۈككىدە بوستانلىق قۇرۇپ، كۆرۈمسىز قاقاس شورتاڭلىقتىن ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىدىغان بولۇپ قالدى.
تۈزلەڭلىك بۇزۇلۇپ، تاغ يامزىللىرى كۆتۈرۈلۈپ، چىنچۈەندە يېڭىدىن ساناقسىز ئېدىرلىق تۆپىلىكلەر پەيدا بولدى. ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىنىدىكى تۈلەڭلىك ۋادا جەنۇبتىكى نەنشەن تېغىغىچە تۇتىشاتتى، بۇ تۈزلەڭ ۋادىدا لەنتيەن ئېدىرلىقىدىكى تۆپىلىكلەرگە ئوخشاش ئېگىزلىكلەر بولسىمۇ، ئەمما نەنشەن تاغلىرىدىن باشلانغان بىرقانچە كىچىك ئېقىنلار شىمال تەرەپتىكى گۇەنجۇڭغىچە ناھايىتى راۋان ئېقىپ بارغاچقا ھەر ھالدا بۇ ئېقىندىن پايدىلانغىلى بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ چاغلاردا ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىنىدىكى يەرلەردە قويۇق ئورمان بىلەن قاپلانغان تاغ بولۇپ، بۇ يەردە تېرىلغۇ يەرلەر تار بولغاچقا، چىن بەگلىكى جەمەتىنىڭ قەسىرى، باغچا، لەشكەرگاھ قىلىنغان، بۇ يەردە دېھقانلارمۇ ئاز ئىدى. شۇڭا گۇەنجۇڭدىكى ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى بۇ يەرلەردە قۇرغاقچىلىق كۆرۈلسىمۇ چىن بەگلىكىگە ھېچقانچە تەھدىت سالالمايتتى.
گۇەنجۇڭدىكى ئاھالە زىچچىدە ئولتۇراقلاشقان ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ شىمالىي قىنىدىكى يەرلەردە قۇرغاقچىلىق كۆرۈلگىنى تولىمۇ يامان بولدى.


قىسمەت: ئەركمان ئاكا، تېمىنى تەھرىرلەپ تۈزەپ قويدۇم.
مۇمكىن بولسا تېمىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ يوللىساق بولار ئىكەن.

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:39:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمانداق چىقىۋالغاندۇ بۇ يازما ؟ بەك جىق بولۇپ كەتكىنى ئۈچۈنمۇ ؟

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى 16:28:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەت ھېچقانداق ئەمەس، قارىغاندا قىسمەت ئەپەندىم تۈزەپ قويغان ئوخشايدۇ،
سىزگە ئۆتۈنۈشۈم، ئاز- ئازدىن يوللىغان بولسىڭىزچۇ؟ بەكلا جىق ئىكەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 15:10:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
王后(正妻)夫人、美人、良人、八子、七子、长使、少使、女御
بەگ- تۆرىلەرنىڭ 9 خوتۇنى بولۇش يوسۇنلاشقان ئەمىنىيە - يېغىلىق دەۋرىدە، بۇنچىۋالا كۆپ خوتۇنغا تەرجىمىدە  قانداق نام بېرىمىز ؟
王后 نى خانىش
夫人 نى خانىم
美人 نى ئايخېنىم
良人 نى بەگئاغىچا
八子 نى ئۈستەك توقال
七子 نى چۆرە
长使 كېنىزەك
少使 نى غۇنچەخان
女御 نى تالاقتوقال   
دەپ ئات قويساق قانداق بولار؟ چۈنكى بۇلارغا شۇ دەرىجە بويىچە نام بېرىش زۆرۈر بولۇپ قالدى، بەگلەر مۇشۇ دەرىجىە تەرتىپى بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ يەر-تۈتۈن سۇيۇرغاللىق بېرىدىكەن!
تۆۋەندە بەزى ئاتالغۇلارنى ئىزاھلاپ قويدۇم!
_______________________________________________

大秦帝国第五部(铁血文明)上卷名词对照

A

Bang

邦司空(掌工程)






باش ئەمىرمىمار

Bian

边军大将





چېگرا لەشكەرلىرىنىڭ ئالپ سانغۇن-تۇرشاۋۇللىرى

Bo

《博物志》


«مەۋجۇدادلار تەزكىرىسى»

Bu

布衣士子






پۇقرا تالىب

Cai

蔡泽






سەي زې


才智之士






تادانلار


长阳街







چاڭياڭ كوچىسى



Cheng








(مەھكىمىلەرنىڭ ئورۇنباسار ئەمەلدارى)





يانداشبەگ

丞相府






باش ۋەزىر مەھكىمىسى

城旦






سېپىل خەندىكى قېزىش جازاسى

城门署






قوۋۇق مەھكىمىسى


Chou

筹划






رىجە-تەدبىر

Chu

初祭






ئىپتىدا نەزىر

初政飓风






سەلتەنەت ئىپتىداسىدا مالىمان كۆتۈرۈلمەك

Chun

淳于越


)



چۈن يۈيۆ (يېغىلىق دەۋرىدىكى موللا كىشى

Ci

刺客
ئالچاق

Da

大道不两立
国法不二出






ئۇلۇغۋار ھىدايەت يولىنىڭ چەتكە قېقىلغانلىقى








بەگلىك ئەركان-مىزانىنىڭ يېگانىلىقى

大内令(掌府库物资)






ئوئۇچىبەگ (ئەشيا ۋەزىرى)

大田令(掌农事)






ئېكىنبەگ

大咸阳






ئاستانە شيەنياڭ

大阴人






قۇۋلار پىرى
گو كەي

Dang

荡兵篇






«
ئادالەتلىك ئۇرۇش تەپسىرى

»

大兴داشىڭ
(شۇ زاماندىكى شىئەن)

Dian

奠帷






جەسەت پەردىسى چۈشۈرۈش

典冠






دەستارپېچ

典衣








(«بابۇرنامە» ئۇيغۇرچە 11-بەت)



دەستارپېچ

典客
شىغاۋۇل («بابۇرنامە» ئۇيغۇرچە 23-بەت)

Dou

都慰
كاھبەگ

E

F

Gang

纲成君








(ئەركان-مىزان ۋەزىرى)



ئەركانبەگ

Ge

歌伎






غەزەلخان

Gong

公堂



(سوت)



دادگاھ



拱手






ئىككى ئالقىنىنىڭ ئۇچىنى

جۈپلەپ ئېھتىرام بىلدۈرۈش


Guan

关中








)


گۇەنجۇڭ (ۋېيشۈي دەرياسى ۋادىسى


关市(掌市易商税تامغا بېجى ۋەزىرى («بابۇرنامە»262 –بەت)

(

关城






قورۇل قورغىنى


棺材
ئۈكەك

Gui

贵公篇






«
ئاۋامنى قەدىرلەش تەپسىرى

»

贵胄大臣






ئېسىلزادە-ئاقسۆڭەك، ۋەزىر-ۋۇزرا، قازى-قۇززات

鬼薪


)



مۇنكىر-ماشايىخلار خىزمىتىنى قىلماق (جازا

鬼魅






جىن-ئەرۋاھ


Guo

国卿








)


ئەرباببەگ (چىننىڭ باش ۋەزىرى بىلەن تەڭ

国正监






باشتەپتىش ۋەزىرى

国宾驿馆






بەگلىك مېھمانسارىيى

国尉






ھەمدەمبەگ

Han

函谷关






خەنگۇ قورۇلى

韩非







خەن فېي


汉水






خەنشۈي (خەنجياڭ دەرياسى


)

后军

،
卫军



چاغداۋۇل (قوشۇننى ئارقىدىن قوغدىغۇچى قىسىم)

He

河东






خۇاڭخې دەرياسى ئەگىمىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپى

河渠令






ئېقىن-ئۆستەڭ بېگى

Hei

黑户隶农






قارا نوپۇس قۇللار ، ئاققۇن قۇللار

黑衣剑士
قارا يەكتەكلىك شەمشەرچىلەر

Hong

红霾






گىلرەڭ تۇمان، قىزغۇچ تۇمان

洪水滔天,浩浩怀山襄陵





جاھاننى توپان بېسىپ، قات-قات تاغلار بىلەن

« ئورالغان شياڭلىڭ سۇغا غەرق بولدى

»

Ji

计然家









تەدبىركار،


  
ئاقىل

Jia

假父






ئۆگەي ئاتا

假上将军
مۇۋەققەت ئالپ سانغۇن

假郡守






شىقدار («بابۇرنامە»،208-بەت)

家令
ئىچكىي
(جاۋ بەگلىكىدە)

家老
باش غوجىدار

假王
مۇۋەققەت بەگ



Jin

金木水火土五行









مەدەن، گىياھ، سۇ، ئوت، تۇپراق بەش ئاناسىر


Jing

经月






ئايلاپ

经济大臣






ئىقتىساد-تەمىنات ۋەزىرى

境吏
ھېراۋۇل

泾水
جىڭخې دەرياسى

Jü

聚贤馆






دانىشمەنلەر سارىيى

Jün

郡守






ئايماق ۋالىيسى، ۋالىي



Kai

开府丞相چارپانساتلىق باش ۋەزىر(ئۆز قەسىرىدە باش ۋەزىر مەھكىمىسى بار باش ۋەزىر)

Lan

懒市






بايلار بازىرى

Lao

嫪毐






لاۋ ئەي


老夫







پېقىر


Li

李悝


:مەشھۇر ئەركان-مىزانچى



لى كۈي








كەنت


李斯لى سى: تېجىمەللىكتىن يېتىلگەن مەشھۇر سىياسىيئون، ئەدىب، خەتتات






Lin

临淄






لىن زى

Ling

领政






سەلتەنەتكە ھەكەملىك قىلماق



灵棚







مېيىت كەپىسى


六百石








600 پاتمانلىق ئەمەلدار (سالنامىچى-رەسەتبەگ، ئورۇنباسار ۋالىي)

Lü

论威篇






«
ئابروي-نوپۇز تەپسىرى

»

吕氏春秋






«
لۈ بۇۋېي تەپسىرى

»

Luan

乱性者韩仓



ئىشقىۋاز خەن ساڭ

Mao

毛骨悚然






قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرماق

Men

门客






تېجىمەل

Meng

蒙恬







مىڭ تيەن: چىن شىخۇاڭنىڭ مەشھۇر سانغۇنى

蒙武
مىڭ ۋۇ : مىڭ تيەننىڭ ئاتىسى، يىڭ جېڭنىڭ خاس مەھرىمى

猛火油
قاراياغ

Mi

迷药迷醉







دورابىھۇش

Ming

名士






مەشھۇر ئەرباب



Mo

莫将
نەۋكەرلىرى

Nei

内侍







ئاغۋات

内侍省






ئاغۋات ۋازارىتى

内史
ھۈدەيچى

O

Pi

疲民






چاتاقچى ھۇرۇنلار، ئالقاپلار

Qi

歧路在前
本志各断






ئاچا يولغا كەلگەندە ئىرادە سۇنغانلىقى

骑士甲士






دوبۇلغا-ساۋۇتلۇق چەۋەنداز-شىرمەتلەر

Qian

前军






ئىلغار («بابۇرنامە» ئۇيغۇرچە 47-بەت)

Qiang

《强国篇》


«
ئەلنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بابى»

Qin

秦川






چىنچۈەن

勤市






گادايلار بازىرى

寝室






ھۇجرا

亲信书






مەھرەم


Ren

人性之恶化
必待师法而后正





رەزىللىك ئاشكارىلانغاندا

ئەركان شەمشىرىدە تۈزەتمەك بولغانلىقى

San

三物大礼






ئۈچ مەزەلىك كاتتا سوۋغاتلىق

三川








)


سەنچۈەن (يەر نامى

三物之礼







ئۈچ مەزەلىك سوۋغاتلىق

三晋








)


سەنجىن (يەر نامى

三皇五帝






ئۈچ تۆرە، بەش ئاقساقال

Shan

山东
خەنگۇ قورۇلىنىڭ، يەنى تەيخاڭشەن تېغىنىڭ كۈن چىقىش تەرەپلىرى

Shang

商鞅变法
شاڭ ياڭنىڭ تۈزۈك ئۆزگەرتىشى

商君






شاڭ تۆرە

商君书








«
شاڭ تۆرە تۈزۈكى

»

商鞅













شاڭياڭ

上卿
ئەركانبەگ

Shao

少内令(掌钱财)






خەزىنە بېگى

少府








ئىچكىي بەگ ((«بابۇرنامە» ئۇيغۇرچە 75-بەت)

She

舍人






زاكاتچى

Shen



《神农经》










«ئېكىنچىلىك دەستۇرى»

申徒






ئەمرى زېمىن

申犰

ئەمرى زېمىن

Shi

什伍连坐制






ئونبەش تۈتۈنلۈك مەھەللە تۈزۈمى


十万
لەك

Shou

首相座案







باش ۋەزىرلىك كۇرسى

Shui

水乡泽国






دەريا-ئېقىن، كۆل-سازلىق


水家水工






كۆكبېشى - مىراب



《水经注.卷十》


«دەريا-ئېقىنلار تەپسىراتىنىڭ ئىزاھاتى. ئونىنچى جىلد»

Shun

顺民篇






«
ئاۋام رايىغا بېقىش تەپسىرى

»

Shuo

说难






«
بايان مۈشكۈلاتلىرى

»

Si

司仪












مۇراسىم بېگى، ئېكرام بېگى

四邑

تۆت قورغان

Sun

孙子.
始计篇》


«
سۇن زىنىڭ ھەربىي تەدبىرى. بىرىنچى تەدبىر»

Tai

太仓令(掌粮仓)






غەللە-پاراق ۋەزىرى


太后






بەگ ئانا، بەگسانىيە

Te

特使






خاس مەھرەم، ئەلچى

Tian

天斟堂






مۇنەججىملەر سارىيى

天象家






مۇنەججىم


田制







توققۇز ئۈلۈشلۈك يەر تۈزۈمى، چاسا يەر تۈزۈمى

天子


)



پەرپۇغ (ۋەلىەھد


天地








)





كائىنات-كائىناھ (ئالەم-زېمىن

Tie

铁骑






قىران چەۋەنداز


Ting

廷尉






دادخاھ ۋەزىر، ئوردا ئەھكام ۋەزىرى








يېزا


Tong

铜铸指南车






مىستىن قۇيۇلغان قىبلىنەما ھارۋا


统军老将

باشبۇغ

Tu

徙木立信






خادا يۆتكەپ ئىشەنچكە ئېرىشىش

Wang

王城








، ئەرك («بابۇرنامە» ئۇيغۇرچە 2-بەت)



ئوردۇبالىق ، بەگ قەسەبەسى

王座







شاھنىشىن، تەخت



Wei

渭水






ۋېيشۈي دەرياسى

《慰缭子》






«ۋېي لياۋزى لەشكىرىي دەستۇرى»

卫军将军






قۇربېشى، قۇربېگى

Wen

文信侯






ئىرپانبەگ ، بىلىگبەگ

Wu








دوك: كېمە رېمونت قىلىنىدىغان يەر

武安君






ئەلەمبەگ


乌龟者







سولامچى


《吴子.图国篇》






بابى»




«ۋۇ زى. ئەلگە ساداقەت بىلدۈرۈش

Xian

先生






ئۇستاز

咸阳令






ئاستانە شيەنياڭ ھاكىمى



县令






ناھىيە ئامبىلى، ئامبال


Xie

楔齿






مېيىت چىشىنى شىنالاش


楔子






مۇقەددىمە

Xing

行人署






ئايغاقچىلار مەھكىمىسى

Xü

虚王






قورچاقبەگ

学宫






مەرىپەت سارىيى



学宫令







مەرىپەت سارىيىنىڭ خەلپەت بېگى



Xün

《荀子.礼论》
‹‹
شۇنزى.مۇراسىم يوسۇنلىرى ھەققىدە بايان

››

迅雷不及掩耳






تۇيۇقسىز، ئۇشتۇمتۇت


长靿战靴
ئۇزۇن قونجلۇق جەڭ ئۆتۈكى

Ya

亚卿






سول قول ۋەزىر

دەلۋە ۋەزىر، يانداش ۋەزىر،

Ye

谒者






پەرمانچى، يارلىقچى، ئوردا خەۋەرچىسى

تۈنقاتار (كېچىلىك كۆزەتچى)

Yi

义兵






ئادالەت لەشكىرى

一旬






ئاينىڭ 10-كۈنى

《易》






«
پالنامە

»

益水之说







سۇدىن پايدىلىنىش تەلىماتى

Yin

因小失大






قوزىنى دەپ قوچقاردىن قۇرۇق قالماق


阴阳家






قۇرئەنداز



Ying








يىڭ: چۇ بەگلىكىنىڭ ئاستانىسى

嬴政






يىڭ جېڭ : چىن شىخۇاڭ


Yong

俑官(掌徭役)






ھاشاربەگ

You

游学士子






سەيياھ تالىپ، مۇساپىر تالىپ، جاھانكەزدى موللا

幽缪








، ساددا بەگ

تەلۋە بەگ، ئەخمەق بەگ

Yü

御史
تەپتىشبېگى، (خەن بەگلىكىدە مىرزابەگ، باش پۈتۈكچى)



预礼






ئىپتىدا مۇراسىمى

大禹







يۈ ئاقساقال

Yün

云梦泽



)


يۈنمېڭ سازلىقى(خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جياڭخەن تۈزلەڭلىكىدىكى سازلىق

云阳国狱






يۈنياڭ بەگلىك زىندانى

Zai

在下
كەمىنە، كەمىنىلىرى

Zhan

占侯家






پالچى

Zhang

长史






دورغاب، دورغاببەگ

Zhao

照身






دەستەك ، كىملىك

招魂






ئەرۋاھ چىللاش


Zhen








قۇزغۇن

Zheng

正尸






جەسەت رۇسلاش

正房寝室







تۆر ھۇجرا


Zhi

治安






پاششاپ، پاششاپبەگ

执法六署






ئالتە جازا مەھكىمىسى


置尸







جەسەت قويۇش

Zhong

《仲秋纪》

«
بىر مۆچەلدە بىر كېلىدىغان كۈزنىڭ دەلۋە ئېيى

»

仲父








، تۇتۇق ئاتا


پەدەر

诸侯国








)





تۆرىلىك (بەگلىكتىن كىچىك

中军司马
بارگاھ ئەمىرلەشكەرى

Zi

《子虚赋》






‹‹


چۇ ئەلچىسى
زىشۈ ھەزرەت بايانلىرى


››

Zong

总炊执事


باشئاشچى

总执事



باش لاۋازىم棕皮夏甲
يازلىق كۆنساۋۇت

总纂



(zuan)
باش مۇھەررىر

Zu

足下
قۇللىرى، پەقىرلىرى



نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 03:32 , Processed in 0.142062 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش