يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 753 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 937|ئىنكاس: 6

ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى مۇنەۋەر ئابلەتكە بېغىشلانغان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
558

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:29:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆر ، ھەي كۆزلەر پۈتكۈل تىنىنى راك ھۈجەيلىرى قاپلىغان بىر قەيسەر ئايالنى كۆر ! راكنى ئۇنتۇپ ، بارلىقىنى مىللەت تىلىۋىزىيە ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ئۆمۈتۋار ئايالنى كۆر !!!...
كۆر، ھەي كۆزلەر !...ئۆزنىڭ قەيسەر روھى ئارقلىق كېسەللىك ئازابىدا قىيىنىلىپ ھاياتتىن ئۈمۈد ئۈزۋاتقانلارنى ئۈمۈتىۋارلىققا چىلاپ ، تاڭ قۇياشىدەك پارلاق نۇر ئاتا قىلىۋاتقان بىر قەيسەر ئايالنى كۆر!
شۇ چاغدىلا سەن ھاياتنىڭ نىمىلىكىنى، ئۈمۈد بىلەن ياشاشىنىڭ قانداق بولدىغانلقىنى ، تۇرمۇشنىڭ  قانچىلىك گۈزەللىكىنى تۇلۇق ھېس قىلىسەن ۋە ئورنىڭىدىن دەس تۇرۇپ، شىللەڭنى بېسىپ تۇرغان ئىرادىسىزلىك ۋە چۈشكۈنلىكىنى ئىرغىىتىپ تاشلايسەن - دە يېپيېڭى روھ بىلەن ئالغا قاراپ دادىل قەدەم تاشلايسەن !
ھەي ھەدە ! ئەڭ يېقىن كىشلەرلا  بىر- بىرنى ( سەن ) ديشىدۇ . پۈتكۈل ئىنسانيەتنىڭ قان قېرىنداشلىقىنى ئويلىسام ئۆزۈمنى سىز بىلەن ھەدە - سىڭىلىدەك ھىس قىلىمەن ، شۇڭا مەن سىزنى ( سىز ) لىمەي ،( سەن) لەش ئارقلىق ئۆزۈمىنىڭ سىزگە نەقەدەر يېقىنلىقىمىنى بىلىدۈرمەكچىمەن .
ھەدە سنىڭ يىقىنلىرىڭ يالغۇز ئەمەس ، بەلكى تىلىۋۇزۇردىن يىقىمىلىق ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ تۇردىغان پۈتكۈل خەلقىمىز !......مەن سەن بىلەن بىرەر قىتىم يۈز تۇرانە كۆرۈشىمىگەن بولساقمۇ ، ئەمما ئىجادىيەت دۇنياسىدا مۇددىئانىڭ بىرلىكىدە تالاي قېتىم غايىۋى كۆرۈشكەندىمەن ! تىلىۋۇزۇر ئىكىرانى ئالدىدا تۇرۇپ يارقىن ئاۋازىنڭنى تالاي قىتىم ئاڭلىغاندىمەن ! مۇنەۋەر ئابلەت ئىسمىلىك بىر ئايالنىڭ ئاۋاز سەنئىتىگە قۇشۇۋاتقان بۈيۈك تۆھپىلىرنى تالاي قىتىم ئىچىمىدە زىكىر قىلغاندىمەن !
مانا بۈگۈن ( تەڭرىتاغ گۈلزارى سەھپىسىدە سنى تۇلۇق كۆردۈم ئىكىران كەينىدە تۇرۇپ تالاي پېرسوناژلارغا ئاۋاز بىرىپ ئۈنسىز تۆھپە يارتىۋاتقان بىر پىداكار ئايالنى ئىكىران ئالدىدا كۆردۈم ! ئەپسۇس شۇنداق تۇلۇپ تاشقان قىزغىنىلىق بىلەن بىرلىپ ئىشلەۋاتقان ئايالنىڭ بىر قانچە يىلىدىن بىرى ئەزرائىل بىلەن ئۈنسىز ئېلىشىپ كىلىۋاتقانلىقىنى  پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن. خۇددى كۆز ئادىڭدا ئولتۇرغان قېرىنىدىشىڭ خىزمەتداشلىرىڭ ئۈنسىز كۆز يېشى قىلىغىنىدەك ، مەنمۇ ئىختىيارسىز ھالدا كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش ئالدىم!
مەن چىرايىڭغا قاردىم ، چىرايىڭىدا تەبەسىىۇم ! سىنىڭ كەچۈرمىشىڭنى ئاڭلىغان ھېچبىر ئىنىسان سىنى بىر كۆرۈش بىلەنلا ،ياق ، مىڭ كۆرگەن تەقدىردىمۇ ، سنىڭ ئاشۇنداق رەھىمىسىز كېسەللىككە مۇپىتىلا بولغىنىڭنى ئەسىلا پەرەز قىلالمايدۇ. ھەدە ، سنىڭ تەبەسىسۇمىڭ پۈتكۈل ئەلنىڭ تەبەسىسۇمى ! سىنىڭ كىسەللىك ئازابىدىن سولغان مىسكىن چىرايڭىنى ئەل ئالدىدا ئاشكارە قىلىپ ، ئەل قەلبىنى بىئارام قىلغۇڭ يوق !
چۈنكى ،سەندە كامالەتكە يەتكەن ( ئۆزنى بىلىش ، ئۆزىگىنى ئاياش ) تىن ئىبارەت ئىسل پەزلەت بار .
ھەدە خۇددى ئۆزۈڭ ئېيىتقاندەك ، ئوغلۇڭ ۋە كىيىنكى بارلىق ئەۋلاتلار سەندىن پەخىرلىنىدۇ . سنىڭ سەنئەتكە بولغان مىسلىسىز ئىشتىياقىڭ ئۇلارغا ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ نەمۇنىسنى كۆرسەتسە ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشتىكى قەيسەر روھنىڭ ئىرادە ۋە ئۆمۈتۋارلىق ئاتا قىلىدۇ .بىلىپ تۇرۋاتىمەن شۇ تاپتا كىسەللىك ئازابىدا چەكسىز ئازابقا چۆككەن سانسىز كىشلەرنىڭ روھى سنىڭ ئەمەليىتىڭ ئارقلىق قاتتىق سىلىكىنىشكە باشلىدى . ئۇلار سىنى ئۈلگە قىلىپ ئۈمۈتىسىزلىك كەيىپىياتىدىن يۇلقۇنۇپ چىقتى . دىمەك سەن ھەقىقى مائارپىچى بولدۇڭ . بەلكىم ، ئەمدىلا 35 ياشلاردىن ئاشقانسەن ، يەنە شۇنچە يىل ، ياق ئۇنىڭدىن كۆپرەك ياشا !بىزگە سەندەك ھەققى تەربىيچى كىرەك ! تەربىيە ئارقلىق تالايلارنى توغرا يولغا، ئۆمۈتۋارلىققا باشلا ! سەندىكى قەيسەرلىك ئۈمۈتىسىزلىك پاتىقىغا پاتقان تالاي ئەرلەرنىڭ يۈزنى قىزارتىسۇن تالاي ئاياللارنىڭ ،ھاياتلىق يولى تېخىمۇ نۇرلانسۇن ! ( تەڭرىتاغ گۈلزارى ) پروگراممسىدىكى خادىملار ساڭا بىر جۈپ خىرستال كەشنى ھەدىيە قىلدىغۇ ! ئاشۇ كەش ساڭا بەخىت ئامەت سالامەتلىك ئېلىپ كەلگەي ! مەن ساڭا پەقەت ساپ ۋە تىلىكىمنىلا سوغا قىلىمەن . ئۇ تىلەك ساڭا ئەبەدىل يار بولغاي !...خەير ئامان بولغىن !
مانا بۇ تۇرمۇش ، مانا بۇ ئوخشىمىغان كىشلەرنىڭ ھاياتقا بولغان قارشى ؛ بۇ دۇنيا ئەنە شۇنداق قىسمەتلەر بىلەن تولغان جامائەتچىلىك تەرپىدىن ( قەيسەر ئايال) دەپ تەرپلنىۋاتقان ئاۋاز ئارتىسى مۇنەۋەر ئابلەت پۈتكۈل تىنىنى راك ھۈجەيرىلىرى بىلەن قاپلاپ كەتكەن بولسىمۇ راكنى ئۇنتۇپ بارلىقىنى مىللەتنىڭ تىلىۋىزىيە ئىشلىرىغا بېغىشىلاپ ئەزرائىل بىلەن باتۇرانە ئېلىشىپ ھاياتىنى قەدىرلەپ ، ئۆزنىڭ ئۆمۈتۋار ، قەيسەر روھى ئارقلىق كېسەل ئازابىدا قىيىنىلىپ ، ھاياتتىن ئۆمۈدىنى ئۈزۋاتقانلارنى ئۈمۈتىۋارلىققا چىلاپ ، تاڭ قۇياشىدەك پارلاق نۇر كۆتىرىپ خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ .
ھەر بىر ئىنىسان بۇ رىئانلىقىنى ساق قىلىپ ، قىسقىغىنە ھاياتىنى قەدىرلىشى ، ياشىغان ئىكەن ، ئادەمدەك ياشاشنى بىلىشى لازىم . ھاياتىنى قەدىرلەش ، بىر كۈننىمۇ بوشقا ئۆتكۈزمەسلىك ،خەلىققە ، ۋەتىنىگە  پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ خەلق مىللەتنىڭ قەدىرلىشىگە ئىرىشىش - ھەقىقى ئادەمدەك يەنە بىر مىزامى، يەنە بىر يولىدۇر .
مەنبە :ھايات يوللىرى

                        سالام تۆھپىكار




[ otkankunlar بۇ يازمىنى  2011-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:30  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:43:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنىۋەر ھاكىمنىڭ بىر ناخشىسى بولىدىغان، مۇنەۋەر ئابلەتكە بېغىشلانغان.
مەن ھەر قېتىم دادامغا مۇشۇ ئايالنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، تەسەللى بېرىمەن ، ئاجايىپ قەيسەر ئايال-دە بۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:50:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەن كۈنلەر،رەھمەت....

Rank: 2

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:21:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىك مىنەۋەر ئابلەتنى  مەن بەك ياخشى كۆرىمەن ،بۇ ئايالنى ئاپاملار ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرغاندا  ئويدە بەك ياخشى كۈتىۋالغان ئىدى ،(ئەپسۇس مەن بارالمىغان )،شۇ ۋاقتىدا يۇرتىمىزدىكى بارلىق ئاياللار مىنەۋەر ئابلەت كەپتۇ دەپ بىر كۆرۇش ئىستىكى بىلەن بۇلارنى ئورۇنلاشتۇرغان كەچلىك زىياپەتكە ئۆزلىرى يىغىلىپ بىر چوڭ تىپتىكى زىياپەت بۇلۇپتىكەن ،ھەممە ئۇستەلدىكى ئاياللار بىلەن ئايريم ئايرىم رەسىم چۇشۇپ خاتىرە قالدۇرۇپتىكەن ،ھەم مىنەۋەر ئابلەت ئۆزى سەھنىدە قىسقىغىنە ئاۋاز ماھارىتىنى كۆرسىتىپتكەن ،رەھمەتلىك ئۆزىنى شۇنچىلىك جىق كۆرۇرمەنلەرنىڭ ياخشى كۆردىغنىى كۆرۇپ بەك ھاياجانلىنىپ كىتىپتىكەن ،ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلىغايسەن !

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى 01:00:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىدەك ئىزورادىكى روزا نىڭ ئاۋازىنى، ئىرەم باغقا قايتىشتىكى جۇلى نىڭ ئاۋازىنى ھەقىقەتەن بەك ياخشى بەرگەن. رەھمەتلىكنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن.

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى 11:34:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاۋاز ئارتىسلىرىنىڭ ئىچىدە قول قويىدىغانلاردىن بىرگە مۇشۇ مىنەۋەر ھەدىمىز ئىدى( ياتقان يېرى جەنەتتە بولسۇن!)، يەنە بىرگە قەلبىنۇر ئەلنازى ۋە تۇرغۇن قۇربان...

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
13
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 21:51:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشتىكى ئوڭۇشسىزلىقلارنى تەقدىرنىڭ ئادالەتسىزلىگىدېگۈچىلەر خۇنۈكلشىدۇ،تەغدىرنىڭ چاقچىقى دېگۈچىلەر كۈلۈپ ئۆتكۈزۈۋىتىدۇ ،رېئانلىق دېگۈچىلەر تەن بېرىدۇ ،ئاددىي سىناق دىگۈچىلەر يېڭىشكە ئۇرۇنىدۇ.مەرھۇمە مۇنەۋەر ئابلەت ھەقىقەتەن قەيسەر ئايال . مەرھۇمەنىڭ قەيسەر روھىنى يەنە بىر قىتىم ئەسلەتكۈنىڭىزگە تەشەكۈر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 13:39 , Processed in 0.053696 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش