ئابدۇكېرىم راھمان ئالىپ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىزگە يەنە بىر يېڭى مەدەنىيەت قۇشۇلدى ، ئۇ بولسىمۇ چىلىم مەدەنىيتى . بۇ ئىلغار مەدەنىيەت قەيەردىن كەلدى ؟ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگىدىكى دۇبەيدىن . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا دۇبەي دېگەن يەردە باي ، ھاجى خېنىملار چىرايلىق گىرىم قىلىشىپ ، كېچىدە دېڭىز بويلىرىغا بېرىپ چىلىم چىكىپ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ كېلەرمىش . ئەمىلىيەتتە بۇ چىلىم قانداقتۇر ئەپىيۇن ، نېشە ياكى زەھەرلىك چىكىملىك بولماستىن ، ھەرخىل خۇشپۇراق دورا ماتىرىياللىرى ( قىزىل گۈل بەرگى ، ئالما ، ئۈرۈك قاقلىرى دىگەندەك ) ئىكەن ، بۇ خۇشپۇراق ماتىرىياللار ئۆپكىنى ياشارتىپ ، ھەرخىل نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىگە نەپ قىلىدىكەن ، بۇلۇپمۇ ئاياللارغا بەك پايدىسى بار ئىكەن .
بۇ خىل ئىسلاپ داۋالاش شەكلى بىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدىكى نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى رېتىسىپلىرىدىمۇ بار . ئېسىمدە قېلىشچە ، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرىدىغان يەرلىك تېۋىبلار دورىلىرىنى تاماكىغا ئوراپ بىمارلارغا چەكتۈرۈپ ياكى بىۋاستە نەپەس يوللىرىغا پۈۋلەش شەكلى بىلەن ھەرخىل نەپەس يوللىرى كېسەللىرىنى داۋالاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم . مانا بۇ سىرىتتىن كىرگەن ئىلغارلىق بىلەن ئۆزىمىزدە بار بولغان ئەنئەنىۋىيلىك بىرلەشكەن چىلىم مەدەنىيتى .
بۇ مەدەنىيەت دىيارىمىزغا كەلگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن نېشە -بەڭ ، زەھەرلىك چېكىملىك بەكرەك ئەۋج ئالغان رايۇنلاردا باشلاندى ، ئايرىمخانىلاردا ياكى بۇلۇڭ- پۇشقاقلاردىكى شەخىسلەرنىڭ ياسىداق ئارامبەخىش ئۆيلىرىدە، ئالدى بىلەن خانىم _ قىزلىرىمىز ئوغۇرلۇقچە بېرىپ چېكىدىغان، ئاندىن ئەر-خۇتۇن بىللە بېرىپ چېكىدىغان بولدى . كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىدىن قارىغاندا ھەممە ئائىلىدە چىلىم بار بۇلۇپ ،ئاتا- ئانا ، پەرزەنىتلەر بىللە ئولتۇرۇپ چېكىشكە قاراپ يۈزلىنىدىغان ئوخشايدۇ ؟!


بەزى تاماكا ،نېشە -بەڭ چېكىدىغان (ھەتتا بەش ناماز ئۆتەيدىغانلارمۇ بار ) قېرىنداشلىرىمىزغا چېكىملىك بىلەن شۇغۇللانماسلىقنى تەشەببۇس قىلساق ، دائىم ئاڭلايدىغان بىر جۈملە دانا سۆزى بار ، ئۇ بولسىمۇ قورئاندا ئىچىملىك(ئېچىتىلغان ) مەنئىي قىلىنغان ، چېكىملىك تىلغا ئېلىنمىغان ،دەيدۇ . بۇ چىلىم مەدەنىيتىنىڭ دۇبەيدە باشقىدىن رۇناق تېپىشى ، دۇبەيگە بېرىپ -كېلىپ تۇرىدىغان سودىگەر ، ئۇقۇمۇشلۇق ھاجىم ئەپەندى – خانىملىرىمىز تەرىپىدىن دىيارىمىزغا تارىتىلىشى بىزنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ .ئەسلىدىنلا نېشە – بەڭ ، زەھەرلىك چېكىملىكتىن قۇتۇلالمايۋاتقان خەلىقىمىزگە ئەمدى چىلىم مەدەنىيتى قېتىلدى ، بۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار نىڭ كۆپچىلىكى دۇبەيگە بارغان ھاجىملار ، ھاجى خېنىملار دىيارىمىزدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىلار (كۆپچىلىكى خانىم -قىزلار )، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پائالىيەت دەل نىشە -بەڭ ، زەھەرلىك چىكىملىك بەكرەك يامراپ كەتكەن رايۇنلاردا ئەدەب كېتىۋاتىدۇ

‹‹ تەنگە شىپا بۇلىدىغان خۇشپۇراق ماتىرىياللار ئىكەن ، دۇبەيدىكى ھاجىملار ، ھاجى خېنىملار چېكىدىكەنغۇ ، يامان ئىش قىلمىساق -يا ! ›› مانا بۇ يېڭى چىلىمكەش «بەڭگە » لەرنىڭ پەتىۋاسى . نىمە دىگەن ھاماقەتلىك -بۇ! زەھەرلىك چېكىملىك قاتتىق چەكلىنىپمۇ تۇسۇلۇپ بۇلالمايۋاتقان بۇ دىيارىمىزدا ئاشۇ ھارامخور، ئەتكەسچى مەلئۇنلار سىزنىڭ ئاشۇ خۇشپۇراق ماتىرىياللىرىڭىزغا چاڭ سالماي قالارمۇ ؟!
ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان نورۇز بايرىمىنى ، ئۇيغۇرچە ئىسىملىرىمىزنى ، ئۆزىمىزگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ئسلام دىنىمىزغا يات دەپ قارىغان ‹‹ ئۇقۇمۇشلۇق ئۆلىمالىرىمىز ›› توردا بولساڭلار ، قېنى بۇ دۇبەيدىن كەلتۈرۈلگەن چىلىم مەدەنىيتى ئالدىدا مەڭدەرەپ قالغان ئەپەندى ، خانىم -قىزلىرىمىزغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى؟!
قۇرئاندا چىكىملىك تىلغا ئېلىنمىغان بىلەن ئېنىق قىلىپ «ئۆزەڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايتى مېھرىباندۇر[نىسا سۈرىسى 29 - ئايەت]»، «ئۆزەڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار [بەقەرە سۈرىسى 195-ئايەت]» دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن. دىمەك بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۆز ئۆزىنى خاراپلىققا يۈزلەندۇرىدىغان، بەدەنگە زىيان قىلىدىغان نەرسىلەر ھەرقاچان چەكلەنگەن بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا چىكىملىكمۇ ھاراققا ئوخشاش ھارام قىلىنغان بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەينى دەۋىردە ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق پەتىۋالادىن پايدىلىنىپ ھارامنى ھالال قىلىۋېلىشىتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيۇلاھ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيسىلامنىڭ دەۋرىدە ‹ئەقىلىنى پەردىلەيدىغان ھەرقانداق نەرسە ھاراق دىيىلىدۇ› دەپ «ھاراق» ئۇقۇمىغا كەسكىن ئېنىقلىما بەرگەن. بۇ ئېنىقلىما ئارقىلىق تاماكا، ئەپيۇن، نەشە ۋە باشقا ھەرقانداق چىكىملىكلەر مەيلى ئۇ قانداق گۈزەل ناملار بىلەن ئاتالسۇن يەنىلا شۇ «ھاراق» كاتىگورىيىسىگە كىرىدىغان ھارام نەرسىلەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئەگەر بۇنىڭغىمۇ قايىل بولمىسڭىز شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مال دۇنيانى ئىسراپ قىلىشتىن چەكلىگەن . ئەگەر سىزنىڭ تاماكىغا، ماۋۇ چىلىم مەدىنىيتىدە ئىشلەتكەن ئاتالمىش خۇش پۇراق «دورا ماتىريال»لىرىڭىزغا خەجلىگەن پۇلىڭىزغا سىزنىڭ ئائىلىڭىزنىڭ،ۋە باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭىز ئېھتىياجلىق تۇرۇقلۇق سىز يەنە مۇشۇنداق يوللار بىلەن بۇزۇپ چاچسىڭىز ھارامنى قىلىشقا قاراپ يول ئالغان بولىسىز. سىز مانا مۇشۇنداق ھارام ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇپ ئاللاغا ئىبادەت قىلىۋەرسىڭز، بىلىپ تۇرۇپ گۈناھ قىلغانلار قاتارىغا كىرىپ قالسىز . راسىت، ئاللاھ رەھىمدىل، بەندىلىرىنىڭ ھەرخىل گۈناھلىرنى ئەپۇ قىلىدۇ، ئەمما سىز بىلىپ تۇرۇپ تەكرارلار ۋەرسىڭز بۇ گۈناھلىرىڭىز قاندقمۇ كەچۈرۈمگە ئىرەشەلىسۇن؟ قىلغان ھەجىڭىز قانداقمۇ مەقبۇل بولسۇن؟
بىلىپ قېلىڭ، تاماكا، چىكىملىك، چىلىم دىگەن بۇ نەرسىلەر ھاراقنىڭ كاتوگورىيسىدىكى ھارام نەرسىلەردۇر.چوشقا گۆشىمۇ بىزگە ھارم قىلىنغان نەرسىدۇر. ھارامنىڭ چوڭ كىچىكى بولمايدۇ، سىزنىڭ يۇقارقىدەك تاماكا ۋە چىلىم مەدەنىيىتى بىلەن شۇغۇللانغىڭىز خۇددى چوشقا گۆشىنى ئىستىمال قىلغىنىڭىزبىلەن ئوخشاش بىر ئىشتۇر.
مەنبەسى : يۈكسەل بىلوگى
[
ayqiz بۇ يازمىنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى 12:40 دە تەھرىرلىگەن. ]