يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 691|ئىنكاس: 5

نازاكەتلىك ئايال بولۇشنىڭ ئېپى...تەبەسسۇم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:16:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازاكەتلىك بولۇش ھەقىقىقەتەن تەسمۇ؟
نازاكەتلىك ئايال بولۇش ئۇنداق تەسمۇ ئەمەس، ئۇنىڭدا يۇقىرى تەلەپمۇ يوق، ئىشنى يېنىڭىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاڭ.

يېمەك-ئىچمەكتە ئۆزىنى چەكلەش: چەكلەش دېگەنلىك، بەزى كىشىلەر ئېيتقاندەك بۇنى يېسىمۇ بولمايدۇ، ئۇنى يېسىمۇ بولمايدۇ، ھەتتا بىر تال شاكىلات كەمپۈتنىمۇ ئېھتىيات بىلەن يېيىش دېگەنلىك ئەمەس. سىز پەقەت كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماق يېيىش ئادىتىڭىز بويىچىلا چەكلەش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. سىز ئاچلىقتىن قورساق غولدۇرلاپ كەتكۈدەك دەرىجىدە چەكلەش ئېلىپ بارمىسىڭىزمۇ، ھەر ۋاق تاماقنى پەقەت بوش تۇيغۇدەك يەپ، پارچە-پۇرات يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر يېمىسىڭىزلا بولىدۇ.
ئۈچ ۋاخ تاماقتا كۆپرەك كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر يەپ بەرگەندە ھەم تويۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرغىلى ھەم كۆپ مىقداردىكى ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا قورسىقىڭىز بەك ئېچىپ كەتسە، نېمە يېيىش كېرەك؟ ئەڭ ياخشىسى بىر ئىستاكان سۈت ياكى چاي ئىچىۋېلىڭ. پىيادە ماڭغاندا زىلۋا بولغىلى بولىدۇ : ناۋادا سىزدە قىزقىش ياكى ۋاقىت بولمىسا، قارا تەرگە چۆمۈلگۈدەك گىمناستىكا ئويناپ ئۆزىڭىزنى مەجبۇرلىمايمۇ زىلۋا بولالايسىز، پەقەت «يول يۈرۈش» نى ئۆگىنىۋالسىڭىزلا بولىدۇ، پىيادە مېڭىشنىڭ ئەڭ ياخشى گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ. مەسىلەن ، پەلەمپەيدىن چىققان-چۈشكەن ۋاقتىڭىزدا، پۇتنىڭ ئۇچىدا ماڭسىڭىز، پاچاق ۋە بەل قىسىملاردىكى مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكەت مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ خورىشى كۆپىيىپ، ئورۇقلاشقا پايدىسى بولىدۇ. ئەلۋەتتە گۈزەل بولۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئويناشنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر.

ياخشى ئۇخلاش ھۆسن تۈزەش ئۈچۈندۇر: داڭلىق ئادەتتىن تاشقىرى مودېل كرودىيە شېفنىڭ بەدەن گۈزەللەشتۈرۈشتىكى مەخپىيىتى ھەر كۈنى كەچ سائەت سەككىزدە ئۇخلاش، ئەتىگەنلىكى ۋاقتىدا تۇرۇش، كۈندۈزى بىر دەم ئۇخلاش ئىكەن. ئۇ قانۇنىيەت - ئەڭ ياخشى ھۆسن تۈزەش سەنئىتى دەيدۇ. بۇ مەملىكىتىمىزدىكى قەدىمكىلەر ئېيتقان «ھەممە دەردكە داۋا تىلىمەي، ئۇخلاشنى تىلە» دېگەن بىلەن ئوخشاش. ھۆسن تۈزەشتە ئىخلاسمەن بولۇش كېرەك : چاچ ياسىتىش ئۆز ۋاقتىدا بولۇش، چاچنىڭ پارقىراق، پاكىز بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. كىچىك ئىشلاردا ئىنچىكە بولۇش كېرەك.

مەسىلەن ، ھەددىدىن زىيادە قويۇق بولغان چاچ يۇيۇش سويۇقلۇقىنىڭ چېچىڭىزغا زىيان يەتكۈزۈپ قويماسلىقى ئۈچۈن، ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال سۇ بىلەن سويۇقلاشتۇرۇپ ئىشلىتىڭ. ھەر كۈنى كەچتە مەخسۇس گىرىم تازىلاش بۇيۇملىرى بىلەن گىرىملىرىڭىزنى يۇيۇپ، ئاندىن ئوزۇقلۇق مەلھەملىرىدىن ئازراق سۈركۈۋالسىڭىز تېرىڭىزنىڭ كېچىچە ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
شۇنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ:
ئەگەر تېرىڭىز بۇ خىل تېرە ئاسراش بۇيۇمىغا ناھايىتى تېزلا «ماسلىشىپ» كەتسە، تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ، شۇڭا دەرھال ئالماشتۇرۇڭ ياكى باشقا تۈردىكىلەر بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىپ، تېرىڭىزنىڭ دائىم ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.

تېرىنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىمۇ خىلمۇ-خىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، «باشتىن-ئاخىر ئوخشاش بولۇش» تەك بىر خىلىنىلا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مودا قوغلاشماي ئۆزىگە خاس كىيىنش: ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنىڭ كىيىملىرىگە تەنقىدىي، قوسۇر ئىزدەش نەزىرىڭىز بويىچە قارىماي، ئۆزىڭىزنىڭ كونا ۋە يېڭى كىيىملىرىڭىزنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىڭ.

ئاپىڭىز ۋە ئاچا-سىڭىللىرىڭىزنىڭ كىيىملىرىنى ۋاقىتلىق ئارىيەت ئېلىپ كىيىڭ. ئېھتىمال سىزدە ئۆزگىچە يېڭىلىق ياراتقاندەك گۈزەللىك تۇيغۇسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ھەر قانداق مودىنىڭ باشلىنىشىنىڭ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلىڭ، ھەر قانداق بىر كىيىمگە مەسىلەن ، ناھايىتى كونا بولغان كوپتا-يوپكىغا بىر تال يېڭى، ئۆزگىچە بەلۋاغدىن ياكى ھەرىكەتچان ياقىدىن بىرنى بېكىتىۋالسىڭىز، باشكىچە تۇيغۇ پەيدا بولۇپ، ئادەمنى مەپتۇن قىلىدۇ.
كىچىك ئىشلارغا دىققەت قىلىش: ئەمەلىيەتتە، نازاكەتلىك بولۇش پۈتكۈل ئوبرازنىڭ زىننەتلىنىشىدۇر. قارىغاندا كىچىككىنە ئىشلارنى دەل جايىدا زىننەتلىيەلىسە، كىشىگە بىر خىل ئالاھىدە گۈزەللىك تۇيغۇسى بىرىدۇ. ئايىغىڭىزنى كۈندە بىر قېتىم مايلاپ پارقىرىتىپ يۈرۈڭ، ئايال كىشى كونا كىيىم-كېچەكلىرىنى پاكىز كېيىش بىلەن بىللە ، پۇتىغا چوقۇم پاكىز پارقىراق ئاياغ كىيىشى كېرەك. يەنە ئاز دېگەندە ئېسىل ئەتىردىن بىرسى بولۇش كېرەك. ئۇنى چاچقاندا خوش پۇراق تاراپ، سىزنى تېخىمۇ نازاكەتلىك ۋە ئېسىل كۆرسىتىدۇ. پۇرىقى كۈچلۈك ئەتىر چېچىشتىن ساقلىنىڭ، بولمىسا كىشىنى سەسكەندۈرۈپ قويىسىز. مەردانە، يېقىملىق چىراي، ئايال كىشىگە نازاكەت ۋە گۈزەللىك قوشىدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلىدىن ئېلىندى.

tre.jpg

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:42:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇففففف
ئايال بولماق نىمانچە تەستۇر

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى 08:55:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدانلا گەپلەركىنا بۇ .
ياز كەلدى ،ئەمدى ماشىنىدا ئاز ئولتۇرۇپ ، كۆپرەك پىيادە ماڭىمىز .

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
24
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى 18:04:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپامنىڭ كىيمىنى ئارىيەت ئىلىپ كىيسەم قانداق بولۇپ قالامەن ؟!

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
2
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى 11:07:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياز كەلدى ،ئەمدى ماشىنىدا ئاز ئولتۇرۇپ ، كۆپرەك پىيادە ماڭىمىز .

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
13
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 19:23:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرى ،مەينەت ئايال،يەنە بىرى ،ئەخلاقسىز ئايال ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كىتىدۇ.يولانمىڭىزنى ئوقۇپ بىر سائەتلىك ئەھمىيەتلىك دەرىس ئاڭلىغاندەك بولدۇم  رەخمەت .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 05:46 , Processed in 0.048410 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش